|
سارىخان مومامنىڭ گېپى بىلەن كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشكەن بولسىمۇ، كېيىنكى كۈنلىرىمنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ ، مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاشۇ ۋاپاسىز ، مەسئۇليەتسىز ئاتا- ئانامغا نەپرىتىم قوزغىلاتتى . لېكىن شۇنداق چاغلاردا ئېليارنىڭ ‹ ئاتا-ئاناڭدىن نەپرەتلەنمىگىن ، بەلكىم ئۇلار شۇ چاغدا شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالغاندۇ ، كىمنىڭمۇ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىسىنى تاشلىۋەتكىسى كېلىدۇ ، ئۇلار بۇ ئىشىدىن ئۆمۈر بويى ۋىجدان ئازابى تارتىپ ياشىشى مۇمكىن .› دېگەن سۆزلىرى يادىمغا يېتىپ ، ئۆزەمنى ئۆزەم بەزلەپ ، كۈنلەرنى خىيال دۇنيارىمغا بېكىنىپ دېگىدەك ئۆتكۈزۈپ كەلدىم، بۇ جەرياندا ئىليار چۈشۈمگە كىرمىگەن ، ئۇنى ئويلىمىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق . ئۇنىڭ بىلەن خىيالىمدا مۇڭدۇشۇپ ، تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم . نەچچە رەت خەتلەرنىمۇ يازدىم . ئەمما يازغان خەتلىرىمنى يەنىلا ياستۇقىمنىڭ تېگىدە خۇددى ئىليارنى يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ساقلىغاندەك ساقلاپ ،ئۇنى پاراكەندە قىلىشنى خالىماي ، ئۇنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۈنلەرنى كۈنگە ئۇلاپ كېلىۋاتقان كۈنلەردە ، سارىخان مومامنىڭ كۆتۈرىپ كىرگەن ئىليارنىڭ بىر پارچە خېتى خىيالى دۇنيارىمنى ئاستىن -ئۈستىن قىلىۋەتتى . خەت قىسقىلا يېزىلغان بۇلۇپ ، بۇرۇنقىدەك سېغىنىشلىق سۆز ئىبارىلەرمۇ يوق ئېدى .
‹‹ سالام گۈزەلئاي ، ياخشى تۇرۇۋاتامسەن ؟ يىقىندىن ئىمتىھان بېرىمەن دەپ ساڭا خەتمۇ يازالمىدىم ، ئۆي ئىچىڭ تېچلىقتۇ-ھە ؟
بىز كىېلەر يىلى مەكتەپ پۈتتىردىغان بولغاچ ، مەكتەپتىن بىزنى تەتىلدە پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ . شۇڭا ئۈرۈمچىدە پىراكتىكا قىلىمىزكەن . يۇرتقا بېرىپ قىلايلى دېسەك ، مەكتەپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپتۇ . شۇڭا بۇ تەتىلدە ئۆيگىمۇ قايتالمىغىدەكمەن . ئۆزەڭنى كۆپرەك ئاسرا گۈلۈم ، پىراكتىكا جەريانىدا پۇرسەت چىقسىلا سېنى كۆرگىلى بارىمەن .
سېنى سېغىنىپ ئىلياردىن ››
خەتنى ئوقۇپ ئولتۇرغان جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم . ئىليارنىڭ بىر ئايدىن بېرى يازغان خېتىنىڭ بۇنداق مەزمۇندا يېزىلىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئېدىم . خەتنى قۇلۇمغا ئالغاندىكى خوشاللىقىمنى سارىخان مومامدىنمۇ يۇشۇرالماي قېلىشلىرىمچۇ تېخى ! مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياش خەتنى قۇلۇمغا ئالغاندىكى خوشاللىقىمنى ئاچچىق تەمى بىلەن يۇماقتا ئېدى ! ئۆزەمچە بۇ خەتكە چوقۇم تاتلىق سېغىنىش ، ئىزتىراپلىق كۈتۈشلەر كەشتىچى قىزنىڭ چىرايلىق قىلىپ كەشتىلىگەن قول ياغلىقىدەك دانە -دانە قىلىپ قەغەز يۈزىگە كەشتىلەنگەن بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ، يۈرىكىم خوشاللىق ھەم ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەن ئېدى . راستىمنى دېسەم ،بۇ بىر ئاي داۋامىدا ئۆزەمنى تۇرمۇشتىن ئايرىپ ، يەككە -يىگانە ، قاراڭغۇلۇققا قاپسىلىپ قالغان بىچارە قۇشتەك ھېس قىلىدىغان ، مېنى بۇ قاراڭغۇلۇقتىن پەقەت ئىليارلا قۇتقۇزالايدۇ دەپ ، ئۇنىڭغا زور ئىشەنچ ، ئۈمۈتلەرنى باغلاپ كىلىۋاتقان بولساممۇ ، ئەمما كۈتۈش بىلەن سېغىنىش نەپسىمنى سىقسا ، يالغۇز يىگانە قېلىشىم گېلىمنى بۇغۇپ ، ياداپ قۇناق شېخىغىلا ئوخشاپ قالدىم . ياشلىرىمنى سارىخان مومامدىن يۇشۇرالمىدىم ، بېشىمدا ماڭا ئەجەپلىنىپ قاراپ تۇرغان بۇ ئاق كۆڭۈل مەسۈمنىڭ قۇچىقىغا ئۆزەمنى ئېتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم . سارىخام مومام نېمىنىدۇ چۈشەنگەندەك ؛
—قىزىم ، بولدى يىغلىماڭ . ئىليار خېتىدە كېلەلمەيمەن دەپتىمۇ ؟، —دېدى مېھرىبانلىق بىلەن چاچلىرىمنى سېلاپ تۇرۇپ .
— ئۇ ئۈرۈمچىدە پىراكتىكا قىلىمەن ، تەتىلدە قايتمايمەن دەپتۇ ،—دېدىم ئوكسۈپ تۇرۇپ .
—ۋاي قىزىم شۇنىڭغىمۇ شۇنچىلىك يىغلاش كېتەمدۇ ، ناھايىتى شۇ پىراكتىكا قىلىدىكەنغۇ ، پىراكتىكىسى تۈگىسە چوقۇم كىلىدۇ .بولدى يىغلىماڭ قارىڭە ئەپتىڭىزگە ، چىرايلىق غۇنچە بويلىرىڭىز بۇ بىر ئايدىن بېرى ئۇرۇقداپ كۈزدىكى ئۈششۈگەن ياپراققا ئوخشاپ قالغىلى تۇردىڭىز . سىزنىڭ بۇ ھالىڭىزغا قاراپ مېنىڭمۇ ئىچىم سېلىرىلىپ كېتىۋاتىدۇ . ئەمما ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتمەڭ قىزىم . ئىليار چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ . ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىغا مەنمۇ ئىشىنىمەن . ئەمما نەچچە كۈندىن بېرى مەھەللىدە ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولغانتى .ئەسلىدە مۇشۇ ئىشكەندە !
—سارىخان موما سىزدىن بىر ئىشنى ئۆتىنەي ، ئىليار خېتىدە قايسى ئىدارىدە پىراكتىكا قىلىدىغىنىنى دىمەپتۇ ، سىز ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن .
— بۇنى سۈرۈشتۈرۈشقۇ ئاسان ، ئىليارنىڭ ئاپىسى مۇشۇ تاپتا ‹بالام ئۈرۈمچىدە پىراكتىكا قىلىپ شۇ يەردە خىزمەتكە چۈشۈدۇ › دەپ ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ يۈرەمىش . ئەمما بۇنى سوراپ نېمە قىلماقچى سىز قىزىم ، يا سىزمۇ ئۈرۈمچىگە بېرىشنى ئويلاپ قالمىغانسىز ؟ ھەرگىز بۇنداق خىياللاردا بولماڭ ، مەن مومىڭىزغا ۋەدە بەرگەن . ناۋادا ئىليار بىلەن توي قىلالمايدىغان ئىش بولسىمۇ ، سىزنى بىرەسىگە ئەل قاتارى ياتلىق قىلىپ مومىڭىزنىڭ ۋەسىيىسىنى ئادا قىلمىساق بولمايدۇ .
— ياق موما ، مەن ئىليارنى مۇشۇ يەردە ساقلايمەن ، ھەم ئۇنىڭدىن باشقا بىرسىگىمۇ ياتلىق بولمايمەن . ئۇنىڭغا يازغان خەتلىرىم بار ئېدى ، شۇنى ئەۋەتەي دېگەنتىم .
—سىلەر ياشلار ھازىر نېمىنى ئويلايدىكەنسىلەركىن تاڭ بالام ، بىزنىڭ زامانلاردا چوڭلار پالانچىنىڭ بالىسى ياخشى چوڭ بوپتۇ ، چوڭلىرىمۇ ئوبدان كىشىلەر دەپلا بېشىمىزنى قوشۇپ قۇيۇدىغان .مەن مەمەت بوۋىڭىز بىلەن توي قىلغاندا ئۇنى ئىلگىرى بىرە قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان ئېدىم . توي خېتىنى ئالدىغان چاغدا تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئېدى ، توي خېتىنى ئېلىپ ئىككىنچى كۈنىلا تويىمىز بولغان . مانا ھازىر توي قىلغىنىمىزغا 46 يىل بوپتۇ . بۇ جەرياندا بىر -بىرىمىزنى چۈشۈنىشىپ ، يول قۇيۇشۇپ باللىرىمىزنى قاتاغا قوشۇپتۇق . ئۆي دىگەندە جىدەل -ماجرا بولمايدۇ دېگىلى بولمايدىكەن . بەزىدە سوقۇشۇپ ، ئاپامنىڭكىگە يامانلاپ كەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان . لېكىن يەنە بالىلارنى دەپ ‹ئۆزى كەتكەن يارەي ، ئۆزى كەلگەن يارەي › دېگەندەك يەنە بوپامنى قولتۇقلاپ قايتىپ كېلەتتىم . تۇرمۇش ئادەمنى ھەممە ئىشقا كۆندۈردىكەن بالام . مانا ئەمدى بىر -بىرىمىزگە كۈنۈپ قالدۇق ، بىردەم -يېرىمدەم يوقاپ كېتىشسەك بىر -بىرىمىزدىن ئەنسىرشىپ ئىزدىشىپلا تۇرىمىز . قاراڭ ئەنە ، بوۋىڭىز كىلىۋاتىدۇ .
مەن سارىخان مومام كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم ، دېگەندەك مەمەت بوۋام ھاسىسىنى توكىلدىتىپ بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى . چېھرىدىن ئاپتاپتەك ئىللىق تەبەسسۇم كەتمەيدىغان مەمەت بوۋامنىڭ پۇتىنى ئات تېپىۋەتكەنلىك بىلەن ھاسىغا تاينىپ ماڭىدىغان بۇلۇپ قالغان ئېدى . ئەمما ئۇ يەنىلا شۇنداق تېتىك ، روھلۇق كۆرۈنەتتى ، چىرايىدىن نۇر يىغىپلا تۇرىدىغان ، كەكە ساقاللىق مەمەت بوۋامنىڭ بۈگۈنكى چىرايىدىكى جىددىچىلىكتىن ئالىقانداق بىرە ئىشقا ئالدىراپ كىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلا ئېدى . ئۇ بىزگە يىقىنلاپ كىلىپلا ؛
— بۇلە سارىخان ، ئۆيگە كىرىپ تەييارلىقڭنى قىل ، ئۈرۈمچىگە بارىمىز ،— دېدى ھاسىرغان ھالدا .
—ۋۇي نېمە دەيلاھۇي ! تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا گەپ قىلىۋاتىدىغۇ بوۋىڭىز قىزىم ، — دېدى سارىخان موماممۇ ئەجەپلەنگەن ھالدا ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپ .
— تۇلۇمدىن توقماق چىقمىدى موماي ، سېنىڭ ئۆمرۈڭدە بىر كۆرۈش ئارزۇيۇڭ بار ئېدىغۇ ئۇ ئۈرۈمچىنى ، مانا بۈگۈن دەل ۋاقتى سائېتى توشقان چېغى ، قايسى كۈنى مەسچىتنىڭ ئالدىدا مەھەللىدىكىلەر بىلەن ھەرەمگە بېرىش توغرۇلۇق گەپ بولغانتى ، مەن ئۇلارغا ‹‹ بىزلەر بۇ ئۆمرىمىزدە ھەرەم تۇرماق ئۈرۈمچىگە بولسۇمۇ بىر بېرىپ كىلىش نېسىپ بۇلارمۇ ؟›› دېگەنتىم ، بۇ گېپىم باللانىڭ چوڭىنىڭ قولىقىغا قانداق يەتتىكىن ، مانا قارا ھازىر ئوغلۇمىز ئۈرۈمچىنىڭ ئاپتۇۋۇز بېلىتىدىن ئىككىنى ئېلىپ ، ئالمايمەن دېسەممۇ ئۇنىماي بۇ پۇللارنى ماڭا زولاپ تۇتقۇزدى ،— دەپ يانچۇقىنى كولاپ ئىككى تال بېلەت بىلەن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ سارىخان مومامغا ئۇزاتتى .
سارىخان مومام قۇلىدىكى بېلەت ھەم پۇللارغا قاراپ ھاياجان ئىلكىدە بوۋامغا قاراپ ؛
— مېنىڭغۇ شۇنداق ئارزۇيۇم بار ئېدى ، ئەمما بالىلارغا ئېغىرلىقىمىزنى سېلىپ نېمە كەپتۇ دادىسى ، قېنى ئوغلۇمىز سىز بىلەن كەلمەپتۇغۇ ؟
— ئۇ كىچىك ئوغلۇڭ ئەنۋەرنىڭكىگە ماڭدى
— باللىرىمىزنىڭ ئىنساۋىغا ھەشقاللا دادىسى ، ئاللا ئېگەم ئۇلارنىڭ ئىنساپ -توپىقىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن . لېكىن بىز بۇ ئىككى قېرى مۇشۇ ياشقا كەلگىچە بۇ توپىلىق مەھەللىدىن چىقىپ باقمىغان دېسەكمۇ بۇلىدۇ . ئۇ چوڭ شەھەردە ئادىشىپ ، نەلەردە تەمتىرەپ يۈرىمىز ؟
— سەن ئويلىغاننى مەنمۇ شۇ چاغدا ئويلاپ يەتكەن ، ئەمما باللىرىمىز ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپتۇ ، بىزنى ئەنۋەر ئېلىپ ماڭىدىكەن ، مەمەت شاڭخەيلەرمۇ ئەتە ئۈرۈمچىگە بارامىش ، ئۇ يۇرت كۆرگەن ئادەم بولغاچقا بىزنى شۇلار ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيدىغان ، ئاندىن ئەنۋەر بىزنى ئايلاندۇرۇپ كىلىدىغان بوپتۇ . ئەسلى بىر ئاپتۇۋۇزدا ماڭغان بولساق ياخشى بۇلاتتىكەن ، ئەمما ئەتىنىڭ بېلىتى سېتىلىپ بوپتۇ ، شۇڭا بۈگۈن كەچنىڭ بېلىتىنى ئېلىپتۇ . ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرماي تېزراق بولغىن موماي ، تېز كىرىپ تەيارلىقىڭنى قىلغىن ، گۈزەلئاي قىزىم ئەمدى سىز بىر نەچچە كۈن ئەنۋەر ئاكىڭىزنىڭ ئۆيىدە يەڭگىڭىز جەمىلە بىلەن تۇرۇپ تۇرۇڭ ، بىزمۇ جىق تۇرمايمىز ، مومىڭىزغا بىر چاغلاردا ‹ ئاللا خالىسا چوقۇم ئاپىرىمەن › دەپ ۋەدە قىلىپ قويغانتىم ، مانا بۈگۈن مومىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى دەپ باللىرىمنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرمىدۇم بالام .
— ماقۇل بوۋا ، خاتىرجەم بېرىپ كېلىڭلار ، مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن ، —دېدىم بوۋامغاھەۋەس بىلەن قاراپ . چۈنكى بوۋامنىڭ ‹‹مومىڭىزغا قىلغان ۋەدەمنى دەپ ›› دېگەن سۆزلىرى بايامتىن ئىليارنىڭ خېتى بىلەن يېرىم بولغان كۆڭلۈمنى يۇرۇتىۋەتكەن ئېدى . ئىليارمۇ ماڭا ‹ ئوقۇش پۈتتۈرسەم چوقۇم بۇ مەھەللىگە قايتىپ كېلىپ ، بۇ توپىلىق مەھەللەمنى ئۆزگەرتىپ ، باغۇ -بوستانلىققا ئايلاندۇرىمەن › دەپ ۋەدە بەرگەن ئېدى . شۇڭا ئۇنىڭمۇ خۇددى بوۋامدەك ۋەدىسىنى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەن ئېدى .
8
بۈگۈن ھاۋا ساھىپخاننىڭ چېھرىدەك كۈلۈپلا تۇراتتى . مەمەت بوۋاملار كەتكىلىمۇ بەش ئالتە كۈن بولدى ، ئۇلارنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ ، ياق ئېنىقراقىنى دېسەم ئىليارنىڭ خەۋىرىگە تەلمۈرۈپ ،نەچچە رەت تاختا كۆۋرۈككە بېرىپ كەلگىنىمنى بىلمەيمەن ، ئۇ يەردىكى غەيۋەتچى خوتۇنلارنىڭ ماڭا ھومۇيۇپ قاراپ بىر -نىمىلەرنى كۇسۇرلاشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي ، كۆۋرۈك يېنىدىكى قارىياغاچ كۆتىگىدە ئولتۇرۇپ ئىليار بىلەن پىنھان پىچىرلىشىۋاتاتتىم . ‹‹ جېنىم ئىيار ، مۇشۇ تاپتا نېمە قىلىۋاتقانسەن ؟ خەتلىرىمنى مومام چوقۇم ساڭا بەردى ، بەلكىم خەتتىن مومامنىڭ تۈگەپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ ، كۆڭلۈڭ يېرىم بولدى ، چۈنكى سەنمۇ مومامغا ئامراق ئېدىڭ . رەھىمسىز تەغدىر يىقىن كىشىلىرىمنى بىر -بىرلەپ يېنىمدىن ئېلىپ كەتتى . ئەمدى سېنىڭدىن باشقا غەمگۈزارىم يوق ، شۇڭا ساڭا تەلپۈنۈپ تۇرغان بۇ قەلبىمنى ھېجران ئۇچاقلىرىدا تاۋلايمەن دېمەي ، يېنىمغا تېزراق قايتىپ كېلىشىڭنى كۈتىمەن ››
— گۈزەلئاي ، ھەي گۈزەلئاي ! — توساتتىن چاقىرغان ئاۋاز بىلەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ، مەھەللە كومىتىتتىكى ئاسىيە ھەدەم ئوپكىدەك قىزىرىپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى .
— گۈزەلئاي قىزىم ، تېزراق ئەسقەر ئاكىڭىزغا خەۋەر قىلىڭ ، ھازىر بىر تېلىفۇننى تاپشۇرۋالدىم ، سارىخان موماملار چۈشكەن ئاپتۇۋۇز يولدا ئۆرىلىپ كېتىپ ھازىر ئۇلار دوختۇرخانىدىكەن .
بۇ گەپ بىلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ دەلدەڭشىپ بېرىپ كۆۋرۈككە يۈلىنىپ قالدىم . كوۋرۈك بېشىدا ئولتۇرغان بىكارچى خوتۇنلار ئاسىيەم ھەدەمنىڭ ئەنسىز گېپىدىن چۆچۈشۈپ ئۆپۈر -دۆپۈر بۇلۇشۇپ كېتىشتى .
— نېمە دەيسىز ھەدە ! ئۇلار نەدىكەن ھازىر ، مومام بوۋاملار ساقتۇ ؟
— كوچا ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ئىكەن ، ئەھۋالىنىڭ قانداقلىغى توغرۇلۇق ئېنىق دېمىدى ،— دېدى ئاسىيە ھەدەممۇ ئەنسىرگەن قىياپەتتە ؛
— ۋاي ئايىسە خانقىز ، تېلىڭىزنى چاينىماي ئېنىقراق دەڭە ، ئۇلارغا بىر ئىش بولماس ؟ — دېدى پاكار بوي ، بۇغداي ئۆڭ كەلگەن مەريەمخان ئىسىملىك ئايال .
— بۇلارغا ئەمدى نېمە كىلىشمەسلىكتۇ ، بىر ئوبدان كىشىلەر ئېدى . خۇدايىم ساقلىغاي ! — دېدى كۈپتەك سېمىز ، خەقنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ، ئۈستىدىن ئۆسەك سۆز تاپمىسا ، يىگەن تامىقى تاماق بولماي زەھەر بۇلىدىغان خۇشخۇيخان ئىسىملىك يەنە بىر ئايال .
مەن قوققىنىمدىن پۈتۈن ھۇجۇدۇم تېترەپ ، ماغدۇرسىز پۇتلىرىمنى بار كۈچۈم بىلەن يۆتكەپ ئەسقەر ئاكاملارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم . ئاسىيە ھەدەمنىڭ ئۇلارغا دېگەن سۆزلىرىمۇ قۇلۇقىمغا كىرمىدى .
ئەسقەر ئاكام خەۋەرنى ئاڭلاپ يۈگۈرگىنىچە ئويدىن چىقىپ كەتتى ، مەن ھەم خەيرىنسا ئاچام بىر -بىرمىزگە قارىشىپ ئۈنتىنسىز ئولتۇراتتۇق ، جەمىلە ھەدەم چىرايلىرى تامدەك تاتارغان ، كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا كېرىپ كەلدى ؛
— ئەسقەر ئاكام قېنى ؟ ئۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بارىمەن ، ئەنۋەر ئۇ ، — دېگىنىچە خەيرىنساخان ھەدەمگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپ كەتتى . مەن كۆز ئالدىمدا يۈز بىرىۋاتقان بۇ ئىشلارغا قاراپ گاڭگىراپلا قالدىم .
ئەسقەر ئاكام بىر ماشىننى باشلاپ كىلىپ جەمىلە ھەدەم بىلەن خەيرىنىسا ھەدەملەرنى ئېلىپ دوختۇرخانىگە قاراپ يولغا چىقتى . شۇنداق ئىناق ، تىنىچ كىتىۋاتقان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بۈگۈنكى شۇم خەۋەر ئارامىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ ، يۈرەكلىرىنى لەختە قىلىۋەتكەن ئېدى .
ئەنسىزلىكتە كۈننى تولىمۇ تەستە كەچ قىلدىم ، ئىچىمنى بىر قۇرت غاجاۋاتقاندەك ، كۆڭلۈم بىر خىل ئېغىپ كۆزلىرىمگە ئۇيقا كېلەي دېمەيتتى . سارىخان مومام بىلەن مەمەت بوۋامنىڭ نۇر يىغىپ تۇرغان چىرايى كۆز ئالدىمدىلا ئەگىپ يۈرەتتى . ‹ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ئىلاھىم › دەيتتىم ئۆز -ئۆزەمگە . ئەسقەركامنىڭ ئىككى بالىسى كىچىك بولغاچقىمۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىزدەك تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . تۇرۇپلا مەنمۇ شۇ غەمسىز بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم . ‹ شۇ چاغلار ياخشىكەندۇق ، باشقىلار مېنى يىتىم ئوغلاق دېسىمۇ ، ئەمما يېنىمدا بوۋام ، مومام ، يەنە ئىليار بار ئېدى ، سارىخان مومام ئۆيىمىزگە كۈندە كىرىپ ، مومام بىلەن نېمىلەرنىدۇ مۇڭدۇشۇپ كۈلۈشۇپ ئولتۇردىغان ، ھازىرچۇ ؟ رەھىمسىز دۇنيا ، باغرى يۇمشاق كىشىلىرىڭگە نىمانچە رەھىمسىزلىك قىلىسەن !›
مەن ئەنە ئاشۇ گادىرماش خىياللار بىلەن كېچىنى تاڭغا ئۇلىدۇم .
يەر ئاستىدىن كىلىۋاتقان يىغا ئاۋازى بىلەن چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھويلىغا يۈگۈرەپ چىقتىم . كۆزلىرىمگە ، قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم . دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ تۇختىغان ماشىنىدىن قان يىغلاپ ئەسقەر ئاكام ، خەيرىنسا ھەدەم ، جەمىلە ھەدەملەر چۈشۈپ كەلدى . ماشىنىدا قاتىرسىگە ئۈچ گەۋدە سوزۇلۇپ ياتاتتى . ئاھ خۇدا ، رەھىمسىز پەلەك ! ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالغۇچە مېنىڭدەك قارا يىتىمنىڭ جېنىنى ئالساڭچۇ ؟!!! ئۇلارنىڭ بالا -چەۋرىلىرى بارغۇ ؟ مېنىڭچۇ ؟! دېگىنىمچە بېرىپ خەيرىنىسا ھەدەمگە ئېسىلدىم . . .
يازنىڭ تىنجىق ئىسسىقىدا جىمجىتلىققا چۆمگەن مەھەللە بىردەمدىلا يىغا -زارە بىلەن مۇسىبەت قاينىمىغا غەرىق بولدى . ئەسقەر ئاكامنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەنلىرىدىن ، ئاپتۇۋۇز يولدىن چىقىپ كېتىپ تېرەن بىر ئېقىنغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ، ئاپتۇۋۇزدىكى ئادەملەردىن 32 نەپەر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۇق . بۇنداق بىر ئائىلىدىن تەڭلا ئۈچ ئادەمنىڭ قازا قىلىشى پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى تىترىتىۋەتكەن ئېدى .
|
|
|
|
|
|
|