ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1882|ئىنكاس: 102
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھاراقكەشنىڭ قىزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

ھاراقكەشنىڭ قىزى





كىممۇ ياسىغان بولغىيتتى مۇشۇ ھاراق دېگەن نەرسىنى، نېمىگىمۇ پايدىلىقتۇ بۇ نەرسە. مۇشۇ ھاراق دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساممۇ تەنلىرىم شۈركىنىپ، جۇغۇلداپ كېتىمەن. بۇ بەلكىم مۇشۇ "نىجىس ھاراقنىڭ سادىق قۇلى بولغان، پۈتۈن ھاياتىنى ئاشۇ ھاراققا مەردانىلەرچە تەقدىم ئەتكەن " ھاراقكەش دادامنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك.

    مەن بىر ھاراقكەشنىڭ قىزى، ھاراق مەستانىسى بولغان مەسئۇلىيەتسىز ھاراقكەش دادىنىڭ قىزى. كىمنىلا كۆرسە سۈر - توقاي قىلىپ يولدا جىم ماڭغانغىمۇ تويغۇزىدىغان، قولىدا ھاراق بوتۇلكىسى كۆتۈرىۋېلىپ، كىملەرنىدۇ تىللاپ ئالىجوقا سۆزلەپ يۈرىيدىغان، ھەممە يىرگىنىدىغان، ھېچكىم ئارىغا ئالمايدىغان «ھاراقكەشنىڭ شۇمى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە ھاراقكەشنىڭ قىزىمەن.

    ئەقلىمگە كەلگىنىمدىن باشلاپ دادامنىڭ نورمال دادىلاردەك مېنى ئەركىلىتىپ باققىنىنى، ئاتىلارچە باغرىغا بېسىپ باققىنىنى، ھېچ بولمىسا «قىزىم!» دەپ چاقىرىپ باققىنىنىمۇ بىلمەيمەن. غېمىمنى يەيدىغان، مەن ئۈچۈن كۆيىدىغان مېھرىبان ئانام بىلەن مېنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسرايدىغان  كۆيۈمچان ئاكام بولمىغان بولسا قانداقمۇ قىلار بولغۇيتتۇم؟ ئۇ چاغدا بۇ دۇنيادا ياشاشقىمۇ باھانەم قالمىغان بولاتتى. ئانام بىلەن ئاكام شۇنچە قىلسىمۇ يەنە شۇ مۇز تەلەت دادامنىڭ مېنى بىر قېتىم مېھىرلىك كۆزلىرىنى تىكىپ «قىزىم!» دەپ چاقىرىشىنى، باشقا بالىلارنى دادىلىرى ئويناتقاندەك ئوينىتىشىنى، ئەركىلىتىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم، ئۈمىدلىك بىلەن تەلپۈنەتتىم. ئەمما ھەر قېتىم ئېرىشىدىغىنىم :ماڭا پېلىشماي نېرى تۇرغىنە ھارمى! دېگەن نەشتەر كەبى سۆزلىرى بولاتتى. ئەجىبا مېنىڭ مۇشۇنچىلىك ئاددى بەخىتكە نائىل بولۇشقىمۇ سالاھىتىم توشمايدىغانمىدۇ؟ قايسى خاتالىقىم ئۈچۈن كىچىك تۇرۇپ بۇ ئازابلارنىڭ ساھىبى بولىمەن؟

     ئەزەلدىن نورمال ئائىلىلەردىكىدەك كۈلكە - چاقچاق، خۇشاللىقتىن مۇستەسنا تاياق يىيىشلار، ئىزا ئاڭلارشلار، ئۈنسىز يىغلاشلارغا تولغان بۇ ئائىلە ماڭا قىلچە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقلىقىنى، گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ باقمىغان. پەقەت شۇ ئاكام بىلەن ئاناملا ماڭا ئاز تولا تەسەللى بولالايدۇ خالاس. بىلىمەن ماڭا دېمىگىنى بىلەن ئۇلارنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشقۇچە. شۇڭىمۇ ئۇلارنىڭ غەم يەپ تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەركۈنى ئۆزۈمنى مەجبۇرىي خۇشالدەك كۆرۈنۈشكە زورلايمەن.

     ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىزغۇ ئەسلا ياخشى ئەمەس، بىچارە ئانام كۈندۈزى ئېتىزنىڭ ئىشنى قىلىپ، خەقنىڭ كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ، نېنىنى يېقىپ تاپقان ئازغىنا پۇلنىمۇ دادام دېگەن ھاراقكەش ئاخشىمى زورلۇق بىلەن ئېلىۋالاتتى، دە. ئەتىسى يەنە ھاراق ئىچكىلى، قىمار ئوينىغىلى كېتىپ قالاتتى. دادام ھاراق دېگەننى  بولىشىغا ئىچىپ، تاۋكادا ئوشۇق ئېتىۋاتقاندا، بىزنىڭ قوساقلىرىمىز ئېچىپ ناغرا چېلىۋاتقان بولاتتى. ئۇ ۋاقىتلار تېخى مەكتەپلەردە كىتابنى پۇلغا ئېلىپ ئوقۇيدىغان چاغلار ئىدى، بەزىدە كۈنلەپ ئاچ قالىدىغان بىز ئۈچۈن پۇلغا كىتاب سېتىۋېلىش دېگەنننى ئويلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاكام ئىككىمىز دائىم يۇقىرى يىللىقنىڭ بالىلىرى يىرتىپ ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن كىتابلارنى تېرىپ ئەكىلىپ، ئانام كېچىسى ئولتۇرۇپ ئوڭلىيالىغۇچىلىك جايلىرىنى ئوڭلاپ تىكىپ بەرسە شۇنى ئەتىۋارلاپ ئوقۇپ كېتەتتۇق.

     مەكتەپنى نامىمىز بىر ئالاتتى «ھاراقكەشنىڭ شۇملىرى» دەپ، ئاكام كىم شۇنداق دېسە شۇنى ئاڭلىغانلا يەردە ساۋاپ قويۇپ كېتەتتى، ئوقۇقۇچىلاردىنمۇ تەنبىھ ئاڭلىدى. توۋا ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىززىق باشقىلار بىزنى شۇنچە ھاقارەت قىلسا گەپ يوق، ئاكام باشقىلارغا كىچىككىنە چېقىلىپ بولغۇچە ئىشخانىلىرىغا ئەكىرىۋېلىپ سائەت - سائەتلەپ تەنقىد قىلاتتى. بەلكىم بۇمۇ شۇ «ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان قالتىس» ھاراقكەش دادامنىڭ تۆھپىسىدىن بولسا كېرەك.مەھەللىدىمۇ قوشنىمىز ئايگۈل ھەدەمدىن باشقا ھېچكىم بىزنى ئارىغا ئالمايتتى، ھەتتا بالىلارمۇ بىز بىلەن ئوينىمايتتى. پەقەت ئاكام ئىككىمىز بىر- بىرىمىزگە ھەمدەمدە بولاتتۇق. قوشنىمىز ئايگۈل ھەدەم ئۆزى ئوڭلۇق  بولغىنى بىلەن ئوغلى مەردان ئۆتۈپ كەتكەن ئالقانات ھەم ئەسكى بىرنېمە ئىدى، باشقىلار بىزنى بىرنېمە دېمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ نەدىلا كۆرسە شۇ يەردە تىللاپ قويۇپ، پۇتلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتەتتى.   ئاكام قوشنىلىقنىڭ يۈزىنى قىلغاچقىمۇ چىشىنى چىشلەپ ئۆتكۈزىۋېتەتتى.

     بىر قېتىم يېشىمنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، كىچىك چېلەكنى كۆتۈرىۋېلىپ ئۆينىڭ ئالدىدىكى كىچىك ئېرىقتىن سۇ ئالغىلى چىقتىم. سۇنى ئېلىپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا، نەدىن كەلدى بۇ مەرەز كېلىپلا قولۇمدىن چېلەكنى ئېلىپ سۇنى بېشىمغىلا قۇيىۋەتتى، كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى بىلەن سوغۇق سۇنىڭ تەسىرىدىن  توڭلاپ تىترەپ كەتتىم، شۇنداق تۇرسام ئۇ:«ھا ...ھا ...ھا... ھاۋانىڭ ئىسسىقىدا تەرلەپ قالدىڭ ھەقىچان سەگىتىپ قويدۇم، بىر ئېغىز رەھمىتىڭمۇ يوققۇ ساقام....» دەپ ، يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن ھالىتىمگە مەسخىرلىك قاراپ قويۇپ كۈلگىنىچە كېتىپ قالدى. تىترەپ جاقىلدىغىنىمچە ئۆيگە كىرىپ كەتتىم، كىرىپلا ئانامغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ قانغۇچە يىغلىدىم. ئانام نېمىش بولغىنىنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك، مېنى باغرىغا چىڭ بېسىپ  مەن بىلەن تەڭ يىغلاپ كەتتى،  مۇشۇنداق يىغلاپ تۇرساق ئاكام كىرىپ قالدىدە، بىزنى كۆرۈپ ئۇمۇ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى.

كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ تۇراتتىم، تۇيۇقسىز ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئېرى ياسىن ئاكام: ماڭە ئىشەك قۇلاق ھارمى، بالامدا نېمە ئۆچۈڭ بار ئىدى سېنىڭ؟- دېگىنىچە ھويلىدا پەيدا بولدى. يۈگۈرگەنچىلىك قىلىپ ھويلىغا چىقتۇق.  مەرداننىڭ يۈز - كۆزلىرىدىن قان دېگەن ئېقىپ بىر يەرگە بېرىپتۇ، ئوڭ يۈزى ئىششپ باشقا بىر نېمىگىلا ئوخشاپ قاپتۇ. ئاكامنىڭ بۇرنىدىنمۇ قان ئېقىۋېتىپتۇ. يۈگرەپ يېنىغا بېرىپ يۈلىرىنىڭمۇ يارلانغانلىقىنى كۆرۈپ چىدىماي يىغلىۋەتتىم.
    - قانداق بالا تەربىيلەش بۇ ئەمدى ئايشىخان، قانداق خوتۇن سىلە باللىرىنى تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئادەم تۇغمىسىلا بولمامدا؟ مەردانجاننى ئۆزلىرىنىڭ باللىرى ئۇرسۇن دەپ باقمىغان، ئەتىۋارلاپ بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ باققان. قارىسىلا بىچارە بالامغا مۇشۇندامۇ ئۇرامدۇ ئەمدى، ئۆزلىرى بىر نېمە دېسىلە.- شۇنداق دەپ مەرداننى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ تاماكىسىنى شوراشقا باشلىدى. ئانام نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان كىچىك بالىدەك تەمتىرەپ تۇرۇپ:
     - كەچۈرسىلا ياسىن ئاكا، خاتالىق بالامدىن ئۆتۈپتۇ. مەردانمۇ ئەسلى زىلالەگە سۇ چېچىۋېتىپتىكەن، شۇڭا ئاكىسى بۇنىڭغا چىدىماي قول تەككۈزۈپ سالغان چېغى. مەن ياخشىراق تەربىيە قىلىپ قوياي....
     - سۇ چاچسا شۇنچە ئۇرۇش كېتەمدۇ، سەگىتىپ قويۇپتىغۇ ئەنە. تەربىيە قىلامىش تېخى، بالامنى مۇشۇنداق ئۇرۇپ بولغاندا يەنە نېمىگە تەربىيە قىلىلا. ما بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمەن دوختۇر پۇلىنى تۆلىسىلە.
    - بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بىلىلا ئاكا، بۇنداق دەپ تۇرىۋالماي بىر قېتىم ئۆتكۈزىۋەسىلىرى بوپتىكەن. مەرداندىنمۇ خاتالىق ئۆتكەندىكىن.....
     - نېمە خاتالىق دەيلا، سۇ چېچىپ قويسا خاتالىققا كىرەمدىكەن؟- دېدى تاماكىسىنى قاتتىق دەسسەپ، ئالىيىپ دېگۈدەك.
    - ھاۋا سوۋۇپ قالدى ئەمەسمۇ سۇ چاچسا ئاغرىپ قېلىشى ئېنىق، ئىككىلى تەرەپتىن كېتىپتۇ، ئۇنداق ئەمەس ئاكا شۇ بۇدا بىر ئەپۇ قىلىۋەتكەن بولسىلا، بالامغا مەن ياخشى تەربىيە قىلاي ئەمدى بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. مەن ۋەدە بېرەي.
    - كۆتۈرسىلە ئۇ ۋەدىنى، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ بالىنىڭ دوختۇر پۇلىنى تۆلىسىلە.
    - ياسىن ئاكا، مەرداننى مەن ئۇرغان ئانامدا پۇل يوق، مېنى خالىغانچە ئۇرىۋالسىلا، شۇنىڭ بىلەن ئۆتۈپ كەتسۇن.
     - ھە شۇم گېپىڭ بەك چوڭغۇ؟ گېپىڭ گەپمۇ ئەمسە- شۇنداق دەپلا ياندىكى ئانام لازىم بولار دەپ قۇرۇتۇپ ئېلىپ قويغان يوغان ئۆرۈك ياغىچىنى ئېلىپ ئاكامنى ساۋاشقا باشلىدى.
     - ياسىن ئاكا بالا كىچىك بىلمەپتۇ خاپا بولمىسىلا، ماقۇل، ماقۇل مەن پۇلنى بېرەي،- ئاكامنىڭ تاياق يېيىشىگە چىدىمىغان يانچۇقىدىن تۈنۈگۈن باشقىلارنىڭ نېنىنى يېقىپ تاپقان پۇلنى ئۇ ئادەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
    - بۇرۇنراق مۇشۇنداق قىلىدىغان ئىشتى ئايشىخان، بالىمۇ بىكار تاياق يىمەيتتى.- پۇلنى سىلاپ، مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ بالىسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. توۋا بىر ياخشى ئايگۈل ھەدەم بۇ ئۆكتەم قىمارۋازغا قانداقسىگە تېگىپ قالغان بولغۇيتتى.
     - نېمىشقا ئۇراتتىڭ ئۇ كۆكەمىنى سەنمۇ، ھەرقانچە ئىش بوپ كەتكەن تەقدىردىمۇ چىدىشىمىز كېرەكتى، قارا تاياق يەپ بوپ كەتكىنىڭنى؟ باشقىلار بىلەن تەڭ بولغىلى بولامدۇ بالام ئۆزۈڭنىڭ تاياق يىگىنى قالدى مانا. ئەمدى بۇنداق سوغۇق قانلىق قىلما جېنىم بالام.- ئانام ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا ئاكامغا يالۋۇردى.
     - ھەرقانچى ئىشقا چىدىساممۇ زىلالەنىڭ بوزەك بولىشىغا چىدىمايمەن ئانا، پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم خالاس.- شۇنداق دەپ كۆزلىرىگە مۆدۈرۈپ قاراپ تۇرغان مېنى قولۇمدىن تارتىپلا ئىچكىركى ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى. ئاكام ماڭا قەۋەتلا ئامراق ئىدى، كىچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ، كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىسىلا چۈشەنمىسەممۇ مېنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ دەردىنى تۆكۈپ بېرەتتى. بەزىدە شەيتانلىق قىلىپ كۈلدۈرۈپ خاپىلىقلىرىنى نە - نەلەرگە ئۇچىرىۋەتسەم، بەزىدە يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكەتتىم.
    - ئەمدى ئۇ ئەبلەختىن يىراق تۇر زىلالە، ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ، ساڭا بىرەر ئىش بوپ قالسا مەن چىدىمايمەن. ئانامدىن قالسا مېنىڭ بارلىقىمسەن جېنىم سىڭلىم. ماڭ ئەمدى تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلە، ئەتە يەنە مەكتەپكە بارمىساق بولمايدۇ.- بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.
      بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئەزەلدىن ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان ھەركۈنى ئەتىگىنى ئادەم ئېغىزغا ئالمايدىغان سەت گەپلەر بىلەن ناشتا قىلىدىغان قائىدىسى ئەتىسى يەنە تەكرارلاندى. ئەمما ئادەتتىكىدىن ئېغىز، مۇز تەلەت ھاراقكەش دادام ئاكامنىڭ يارىسىنى كۆرۈپ قالغان بولسا كېرەك. خەق بىلەن نېمىشقا ئۇرۇشتۇڭ دەپ بىر ھازالارغىچە تازا ئۇردى، ئاندىن ئانامنىڭمۇ ياقىسىىن تۇتىۋېلىپ ھارغىچە تىللاپ ئۇرىۋالغاندىكىن خىيالىدا يوق چىقىپ كەتتى. ئاكام ئۇ كۈنى مەكتەپكە بارمىدى، يۈزىدىكى كۆكلەر بەدىنىدىكى تاياق زەربىسىدىن ئورنىدىن تۇرغۇچىلىكمۇ مادارى قالمىغانىدى.
     كۈنلەر مۇشۇنداق يىغلاش، تاياق يىيىشلار ئارا ئۆتىۋاتىدۇ. دادام يەنە بۇرۇنقىدەك كەچتە بىرچاغدا غەرق مەس كېلىپ قولىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن بىچارە ئانامنى ئايىماي ئۇراتتى. ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىغا كىرىۋېلىپ ئاۋازىمىزنىمۇ چىقىرىشقا پېتىنالماي ئۈنسىز يىغىمىزنى باشلايتتۇق. دادام ئانامنى ئۇرۇپ ھېرىپ قالغاندا خورەك دېگەننى بولۇشىغا تارتىپ بۇخاراغا سەپەر قىلاتتى. بىز ئۈچەيلەن بىرھازالارغىچە يىغلاپ ئۆزىمىزمۇ بىلمەي ئۇخلاپ قالاتتۇق. ئەتىسى يەنە ئەتىگەندە چىرايلىق گەپ ئاڭلاپ ناشتا قىلىپ ئادەتتىكى بالىلاردەك ئاتا- ئانىمىزنىڭ گۈزەل تىلەكلىرى بىلەن مەكتەپكە مېڭىشنىڭ ئورنىغا يەنە شۇ دادامنىڭ بىر ئاڭلىسا نەچچە كۈن غىزادىن قالىدىغان ئىزالىرىنى ئاڭلاپ، ئەتىگەنلىك ناشتىنى يىدۇقمۇ يا ناشتا بىزنىمۇ يىدىمۇ شۇنىمۇ بىلمەي مىشىلدىغىنىمىزچە مەكتەپكە ماڭاتتۇق. بىچارە ئانام بولسا بۇلارغا يەنە يىغلاپ تاياقتىن ئىششىپ كۆپكۆپ بولۇپ كەتكەن يۈزلىرىنى سىلىغىنىچە كەينىمىزدىن قاراپ قالاتتى.
     ھېلىمۇ ياخشى ئاكام بولۇپ قاپتىكەن بولمىسا قانداقمۇ قىلار بولغۇيتتۇم؟ بۇ ئازابلارغا قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەر بولغۇيتتۇم؟ ئۆزىنىڭ كۆزلىرى لىق ياش تۇرسىمۇ يەنىلا مەندەك ناتىۋان سىڭلىسىنى ئويلاپ، مەكتەپكە بارغۇچ لېۋىنى چىشلەپ، يول بويى مېنى كۈلدۈرۈپ ماڭاتتى. ئاكام  مەندىن پەقەت ئىككى قارارلا يۇقىرى ئوقۇيتتى. ئىككىىمز ھەركۈنى مەكتەپكە بىللە بېرىپ بىللە قايتاتتۇق، قايسىىمىزنى بۇرۇن قويۇپ بەرسە مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى تاش ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ بىرسى - بىرسىمىزنى ساقلايتتۇق. ئاكام مەكتەپتە ھېچكىمنىڭ مېنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمايتتى، ئەپسۇس رەھىمسىز تەقدىر مۇشۇ كۆيۈمچان ئاكامنىمۇ مەندىن  ئايرىدى.
ئاخىرقى كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى، ئەتىگەندە چىقىۋاتقان كۈز شامىلىنىڭ ھۇشقۇيتىۋاتقان بورانغا ئۆزگىرىشى كۆڭلۈمگە ئالىقانداقتۇر ئەنسىزلىكلەرنى سېلىپ بولغان ئىدى. بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىق تۈگەپ دەرستىن چۈشتۇق، يۈگۈرگىنىمچە مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى تاش ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا باردىم. ئادەتتىكى ۋاقىتتا دەرستىن قېچىپ بولسىمۇ مەندىن بۇرۇن چىقىپ مېنى ساقلاپ تۇرىدىغان ئاكام ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى. تېخى قويۇپ بەرمىگەن چېغى دەپ مايماق تاش ئورۇندۇقتا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئاكامنى ساقلاشقا باشلىدىم. قېرىشقاندەك شۇنچە ساقلىساممۇ ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
    - زىلالە، ئەزىزنى ساقلاۋاتامسىز؟
    - ھەئە، ئاكام تېخىچە چىقمايدىغۇ، قويۇپ بەرمىدىمۇ يە تېخى؟
    -ئۆيگە كېتىپ بولدىمىكىن ھازىرغىچە چىقمىغان بولسا، بىزنى خېلى  بۇرۇنلا قويىۋەتكەن، ساقلىماي ئۆيگە بېرىپ بېقىڭ.- ئاكامنىڭ پارتىدىشى گۈلنۇر شۇنداق دېگىنىچە قولىنى خوش دېگەندەك پۇلاڭلىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. بۇ ئادەمنى ئۇچۇرغۇدەك بوراندا قانداقمۇ كېتەرمەن ئەمدى. كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ يىغلاپ تاشلىدىم، ئەزەلدىن مېنى ئالماي كېتىپ قالمايدىغان ئاكام بۈگۈنكىدەك بوراندا مېنى يالغۇز تاشلاپ قويغان ئىدى. شۇملۇقنىڭ بىشارىتىدەك بىلىنىۋاتقان بۇ بوراندا ئۇيان لەپەڭشىپ، بۇيان لەپەڭشىپ ئۇچۇپ كەتكۈدەك بولۇپ ئۆيگە ئاران بېرىۋالدىم.
    ئىشىكتىن كىرىپلا ئاكامنى چاقىردىم، ئەمما ھېچقانداق سادا يوق. كۆڭۈلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە شۇملۇق ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى. يىغلىغۇدەك بولۇپ تۇرسام، ئانام كىرىپ كەلدى.
    - نېمە بولدىڭىز؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ قىزىم؟ئاكىڭىز بىلەن بىللە كەلمەپسىزغۇ؟- ئۈستۈمگە چۈشكەن سوئاللاردىن ئاكامنىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىنى بىلدىم.
    - ئاكام تېخى كەلمىگەنمۇ؟ ئۇنى بۇرۇنلا قويىۋېتىپتىكەن، مەن تېخى ئۆيگە كېلىپ بولغان چېغى دەپ قايتىپ كېلىۋېرىپتىمەن....- سۆزلىرىمنىڭ ئايىغى يىغىغا ئايلىنىپ كەتتى، ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ يىغلىۋەتتىم.
    - يىغلىماڭ قىزىم، مەن ئاكىڭىزنى ئىزدەپ باقاي. سىز ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇڭ. ئاكىڭىز كېلىپ قالسا بىزنى تاپالماي سىرتقا چىقىپ كەتمىسۇن.- ئانام شۇنداق دەپ ياغلىقىنىڭ بۈرجىكىدە يېشىنى سۈرتكىنىچە چىقىپ كەتتى. يىغلاۋاتىمەن، بوران ئۇچۇپ تۇرغان بۇ ئۆيدە يالغۇز ئاكامنى ساقلاۋاتىمەن. ياراتقان ئىگەمدىن ئاكامنىڭ «يىغلىما جىنتەك سېنىڭ كۆزۈڭدىن ياش ئاقسا، مېنىڭ يۈرۈكۈمدىن قان ئاقىدۇ، مانا مەن كەلدىمغۇ» دەپ ئىشىكتىن كىرىپ كېلىشىنى تىلەيتتىم. شۇنداق يىغلاپ تۇرسام دادام كىرىپ قالدى، ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قاپتىمەن، چۈنكى دادام مەس ئەمەس ئىدى. داداممۇ ماڭا شۇنداق نەزەردە قارىدىكى تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى. تۇيۇقسىز دادامنىڭ يىغىغا ئۆچلىكىنى ئېسىمگە ئالدىمدە ھاپلا-شاپلا يېشىمنى سۈرتۈپ تاشقىرقى ئۆيگە چىقىپ كەتتىم. بىردەم تۇرسام تاياق يىيىشىم ئېنىق ئىدى.
    تۈن پەردىسى يېپىلدى، ئاكامدىن تا ھازىرغىچە خەۋەر يوق، ئاناممۇ شۇ چىقىپ كەتكەنچە تېخى قايتىپ كەلمىدى. بۇ چاققىچە ئاللىقاچان چۈشلەر قاينىمىغا شۇڭگۇيدىغان مەن، ئۇيقۇدىن ئەسەر يوق خىياللار دېڭىزىدا ئۈزىۋاتاتتىم. ئىشىكنىڭ   ئاستا ئېچىلىشىنى ئاڭلاپ يۈگۈرگەنچە باردىم. كۆرگىنىم ئاكام بولماستىن، جانسىز قوللىرىدا ئۆچۈپ قالايلا دەپ قالغان قولچىراغنى تۇتىۋالغان، يىغىدىن كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن ئانام ئىدى.
    - ئاكىڭىز تېخى قايتىپ كەلمىدىمۇ؟
    - ياق. ئاكامنى تاپالمىدىڭىزمۇ ئانا؟- ئانام بېشىنى يېنىك چايقىدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاكام تېپىلمىغان ئىدى. ئانام بىلەن ئاۋازىمىزنى قويىۋېتىپ تازا يىغلاشتۇق، داداممۇ بۈگۈن ئانامنى ئۇرمىدى.  داداممۇ بۈگۈن ئانامنى ئۇرمىدى. ئاكام ئەتىسىمۇ ئۆيگە پەيدا بولمىدى، بىر كۈن... ئىككى كۈن...  ئۈچ كۈن.... ئاكام يەنىلا قايتىپ كەلمىدى. دېمەك ئاكامدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدۇق، ماڭا ئەڭ كۆيىنىدىغان ۋە مېنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاكامدىن ئايرىلىپ قېلىش مەن ئۈچۈن بەك ئېغىر كەلدى ،ئېغىزىم توختىماي ئاكامنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى، كۆزۈمدىن ياش قۇرىمايتتى. ئانامنىڭ ئەھۋالىمۇ ئەلۋەتتە مېنىڭدىن بەتتەر. قويغان تۇتقىنىنىمۇ بىلمەي ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويغانىدى. داداممۇ بۇرۇنقىدەك مەس كەلمەيدىغان، ئانامنى ئۇرمايدىغان بولدى، لېكىن ھەركۈنى بۇرۇنقىدەك ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ ئەلياتقۇدا قايتىپ كېلىدىغان ئادىتى ئۆزگەرمىگەنىدى. بىزمۇ ئۇنىڭدىن تاياق يىمىگىنىمىزدىن خوش يۈرىۋەردۇق.
    ئاكامدىن ئايرىلىپ بىر ھەپتىدەك مەكتەپكە بارمىدىم، ھەم بارغۇدەك ھالىممۇ يوق ئىدى. لېكىن بارمايمۇ ئامال يوقتە، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئانام يالۋۇرۇپ دېگۈدەك مەكتەپكە ئاران يولغا سالدى، ئۆيدىن چىقىپلا قېرىشقاندەك مەردان دېگەن بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالدىم. كۆرمىگەنگە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەي دەپ تۇرسام:« ھە لالىخان گېپى يوغان ئاكىللىرىنى ئەجەپ كۆرمەيمىنا، ئۇمۇ بىرەر ھاراق سورۇنىغا ئۆگىنىپ قالمىغاندۇ؟ ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق ئەمەسمۇ....ھى ھى ھى...» دەپ مەسخىرە ئارلاش سەت كۈلۈپ، ياغلىقىمنى ئېلىۋېلىپ ئېگىز بىر دەرەخ شېخىغا ئىلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. مېنىڭ ئۇ يەردىن ياغلىقىمنى ئېلىشىمغا بويۇم ھەرگىز يەتمەيتتى. ئامال يوق مىشىلداپ يىغلىغىنىمچە ئۆيگە يېنىپ كىرىپ باشقا ياغلىقنى ئارتىپ ئانامنىڭ «نېمە بولدى؟» دېگىنىگىمۇ پەرۋا قىلماي مەكتەپكە يۈرۈپ كەتتىم.
مەكتەپكە بارسام ئاللىقاچان دەرس باشلاپ بوپتىكەن، خىجىل بولۇپ ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇرۇپ يېشىمنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن، قورۇنۇپقىنە سىنىپقا كىردىم. مۇئەللىم ئەھۋالىمنى بىلگەچكە ئارتۇق گەپ قىلماي ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى. مېنىڭ ئورنۇمدا ئاقپىشماق، بويلىرى ئېگىز، خېىلا ئېسىل كىيىنىۋالغان، قارىماققىلا ھاكاۋۇر كۆرىنىدىغان ناتونۇش بىر بالا ئولتۇراتتى، ھەيرانلىقتا تۇرسام مۇئەللىم:« بۇ ساۋاقدىشىڭىزنىڭ ئىسمى زۇليار، شەھەردىن يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلدى. ۋاقتىنچە بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلا. كېيىن ئورنۇڭلارنى تەڭشەپ قوياي. » دەپ يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىنى ئىچىگە يۈرۈشۈپ بېرىشنى ئىشارەت قىلدى. دەرستە ئالدىنقى قاتاردا تۇرساممۇ «ھاراقكەشنىڭ قىزى» دەپ ھېچكىم پارتىداش بولۇپ ئولتۇرۇشنى خالىمايدىغان، بەش يىلدىن بېرى تەنھا ئولتۇرۇپ كەلگەن مەن ئەمدىلىكتە باشلانغۇچنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىدا شەھەرلىك بىرسى بىلەن پارتىداش بولۇپ ئولتۇرۇش پۇرسىتىگە نائىل بولغان ئىدىم. باشقىلارغا ئوخشاش مېنى مەسخىرە قىلارمۇ؟ كۆزگە ئىلماي قالارمۇ؟ شەھەرلىك دېگەننى بەك ھاكاۋۇر دەپ ئاڭلغان ئىدىم، باشقىلاردەك مېنى تۆۋەن كۆرەرمۇ؟ دېگەن گۇمانلىرىم ئۇنىڭ ئىللىق بىر تەبەسسۇمى بىلەن نەلەرگىدۇر كەتكەن ئىدى.  قورىنىپقىنە ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم، كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا ئۇنىڭغا ئوغۇرلۇقچە نەزەر سېلىشقا باشلىدىم. بويلىرى ئېگىز كەلگەن بۇغداي ئۆڭ، قاپقارا قوشۇما قاشلىرى ئارىسىدىن سىرغىپ چىققان بۇرنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چىرايلىققىنە جايلىشىۋالغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزلۈك بۇ بالا ئادەمگە  باشقىچە تەسىر بېرەتتى. شۇنداق بېرىلىپ قاراۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئۇنىڭمۇ بۇرۇلۇپ ماڭا قارىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم، ھودۇققىنىمدىن دەرھال ئالدىمغا قارىۋالدىم، يۈزلىرىم خىجىللىقتىن ئاللىقاچان ئوت بولۇپ يانغانىدى. «ۋاي يۈزۈم، ۋاي يۈزۈم ئەجەپ سەتلەشتىم دېسە، ئەمدى نېمە دەپمۇ ئويلاپ قالار؟ خۇددى ئادەم كۆرمىگەندەك نېمانچە قارايتتىم مەنمۇ. خوپ بولدى تازا ......
    - ساۋاقداشكەنمىز ئەمدى پارتىداشمۇ بوپ قالدۇق تونۇشىۋالايلى، مېنىڭ ئىسمىم زۇليار سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟
     ئۆزۈمگە ھەدەپ كايىۋاتقاندا سورالغان بۇ سوئالدىن ئەندىكىپ كەتتىم،  كېكەچلىگىنىمچە:
      - ز..زى..زىلالە،- دېدىم ئارانلا ئۈنۈمنى چىقىرىپ.
     - ئىسمىڭىز بەك چىرايلىقكەن.
     - .........
      مەكتەپتە ئەزەلدىن بۇنداق سىلىق مۇئامىلىگە ئېرىشىپ باقمىغان مەن، ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئۆزۈمنى يوقىتىپ، گاچا بولۇپ قېتىپلا قالغانىدىم. ئۇمۇ مېنى خىجىل قىلماي دېدىمۇ، يىنىككىنە كۈلۈپ قويۇپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى. ئۇنىڭ بىلەن پارتىداش بولغان تۈنجى كۈن مۇشۇنداق خىجىلچىلىقتا ئۆتتى. دەرستىنمۇ چۈشتۇق، ئۆيگە قايتىشنى ئويلاپ مېنى يىغا تۇتىۋالدى، ئۇ سوغۇق مۇزدەك ئۆيگە پەقەتلا قايتقۇم يوق، رەھىمسىز، مۇز تەلەت ھاراقكەش دادامنى كۆرۈشنى تېخىمۇ خالىمايمەن، ئەمما كەتمەيمۇ ئامال يوقتە، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلىغىنىمچە بوينۇمدا تۈگمەن تېشى سۆرىگەنچىلىك قىلىپ ئالدىمنى ئۆي تەرەپكە قىلىپ يۈرۈپ كەتتىم. ئاكام بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىپ ئۇزۇنلىقى بىلىنمەيدىغان بۇ يول ئەمدى ماڭسا تۈگىمەيدىغان ھالاكەت يولىدەك بىلىنىپ كەتتى، ئەتىگەن قانداق كېلىپ بولغان بولغۇيتتۇم دەپ كەتتىم. يىغلاۋاتىمەن...يېشىم ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس، مېڭىۋاتىمەن بۇ يولمۇ ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ئەتراپتا ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ يىغلىدىم، مېنى تاشلاپ كېتىشكە چىدىغان ئاكامنى تازا تىللىدىم، ساراڭدەك بىردەم ۋارقىراپ بىردەم يىغلاپ دېگۈدەك ئۆيگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە قارا دېگەندەك بوپ كەينىمگە قارىدىم، قارىدىميۇ، ھەيرانلىقتا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. مەندىن يىگىرمە مېتىرچە ئارلىقتا زۇليار غەلىتە بىر نەزەردە قاراپ تۇراتتى. قاراشلىرىدىن مېنىڭ بايامقى «ئەسەبىي»ھەركەتلىرىمنى كۆرگەنلىكىنى ئېنىق ئىدى.
      ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىمدا مەن تەرەپكە كېلىپ بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ ئېغىزىنى ئۆمەللىتىشىگە، ئالدى كەينىمگە قارىماي بەدەر تىكىۋەتتىم، :باياتتىن يوق ئىدىغۇ ئەمدى نەدىن پەيدا بولدى بۇ، ئىزىمغا چۈشمىگەندۇ ھە توۋا!!! مانا ئەمدى پۈتمەس - تۈگىمەس غەيۋەت، مازاقلارنىڭ پېلىكىگە ئوت يېقىلدى، ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ شورى، كىم مېنى ساراڭدەك قىلىپ يۈرسۇن دەپتىكەن. بىر كۈن ئىچىدە ئىككى قېتىم يۈزۈم چۈشتى. ئەتە نېمە كۈننى كۆرەرمەن،«ھاراقكەشنىڭ قىزى»دېگەن چىرايلىق نامىم «ساراڭ» دەپ ئۆزگىرىدىغان بولدىدە. مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمچە ئۆيگە كىردىم، تەلەي دېگەن مۇشۇنداق بولامۇ؟ نەق ئۆيدىكى جەڭگى-جېدەلنىڭ ئۈستىگىلا چۈشىپتىمەن. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئانام بىلەن بىر پەدە تاياق يېگەندىكىن كېيىن، ئاچ قورساقلا  يېتىپ بۈگۈنكى پالاكەتچىلىكنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالدىم.
    ئەتسى يۈزۈم گۆشكىردىدەكلا ئىششىپ چىقىپتۇ، مۇشۇنداق دادام بولغاندىكىن يۈزۈمنىڭ ئىششىق،كۆك بولىشى نورمال ئىشتە. ئانام دەملىگەن چايدا ناننى ئىشتىھا بىلەن يەپ، ئىششىپ كەتكەن يۈزۈمنى سىلىغىنىمچە مەكتەپكە راۋان بولدۇم. بۈگۈن ئاڭلايدىغان مازاقلار، ئېرىشىدىغان شەرەپلىك ناملار ئۈچۈن، ئىدىيەمدىمۇ خېلى تەييارلىق كۆرۈپ قويغانىدىم. گەرچە ئۆيدە كۈندە ئۇرۇش  - جېدەل بولسىمۇ بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قاتتىق تاياق يېيىشىم، يەنە كېلىپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىم ئىدى.
     مەكتەپكە كېلىپ سىنىپقىمۇ كىردىم، ئاساسەن كۈندە بولدىغان مازاقلاردىن باشقا ئۆزگىرىش يوق. يېڭى ساۋاقدىشىم يەنى پارتىدىشىم بىلەنمۇ كارىم بولماي ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىغلاڭغۇ قانداقراق تۇرۇپسىز؟ سالام قىلىشنىمۇ بىلمەيدىكەنسىزغۇ؟
    - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام كۆرگىنىڭىزدەك تۇرۇپتىمەن، رەھمەت،- باشقا جىق گەپ قىلىشنى لايىق كۆرمىدىم، ھەم قىلغۇدەك جۈرئىتىممۇ يوق، يىغلاپ سېلىشىمدىن ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىشىم كېرەك ئىدى.
     - ئەھۋالىڭىز سەل ياخشى ئەمەسمۇ قانداق؟ يۈزىڭىزگە نېمە بولدى؟- دېدى كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا.
     - ھېچ نېمە بولمىدى، نېمە بولسا سىزنىڭ نېمە كارىڭىز- يەنە گەپ قىلسا يىغلاپ سېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، قوپاللا جاۋاپ قايتۇردۇم.
     -  بەك ئېغىر ئەمەستۇ، ئاغرىۋاتامدۇ؟ مۇنداق قىلىڭە كۆرۈپ باقاي.
     كۆز يېشىم سىنىپتا باشقىلارنىڭ بارلىقى بىلەنمۇ كارى بولماي، شۇنچە تۇتقىنىمغىمۇ قارىماي تۆكۈلۈپلا كەتتى،  نېمىشقا گەپ قىلىدۇ،زادى نېمىشقا، شۇنچە قوپال تەگسەممۇ يەنە نېمىشقا ماڭا بۇنداق سىلىق گەپ قىلىدۇ دەيمەن. ماڭا گەپ قىلمىسا گاچا دەپ تۇرىۋالمايتتىمغۇ... ئاقچى، كۆكچى دەپ تازا تىللىدىم ئىچىمدە. بالىلار ئالدىراش ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرۇقلىرىنى  ئىشلەۋاتقان بولغاچقا مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرمىگەنىدى بولمىسا بۈگۈن بىر كۈن سىنىپتا ئويۇن بولۇپ بېرەتتىم. ھاپلا شاپلا يېشىمنى سۈرتۈپ دەرسكە تەييارلىق قىلدىم.
     بىر كۆزۈم قىسىلغان، ئېڭىكىم ئىششىپ چىققان ھەجىۋى رەسىمگىلا ئوخشاپ قالغان ھالىتىم مۇئەللىمنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. «نېمە بولدى؟»دەپ سوراشلىرىغا، دادامنى ئەسكى قىلغۇم كەلمەي ئىشىككە ئۈسسىۋالدىم دەپلا قويدۇم. ئەلۋەتتە ئەھۋالىمىزنى بەش قولدەك چۈشىنىدىغان مۇئەللىم كۆڭلۈمنى ئاۋايلىدى بولغاي«بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىڭ» دەپ باشقا گەپ قىلمىدى.
     زۇليارغا بىر كۈن باشقا گەپمۇ قىلمىدىم، خىيالىم تۈنۈگۈنكى ئىشتا، كاللامغا دەرسمۇ چۈشمىدى، خىيال سۈرۈپ، مۈگدەپ ئولتۇرۇپ بىر كۈننىمۇ كەچ قىلدىم. ئۆيگە بارسام، دادام غەرق مەس پېتى ئىشىڭ تۈۋىدىلا يېتىپ قاپتۇ. ئەزەلدىن ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىن ئەيمىنىدىغان بولغاچقا گەپ قىلماي ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
    كۈنلىرىم مەكتەپكە بېرىش كېلىش، ئۆگىنىش قىلىش بەزىدە ئارىلاپ دادامدىن تاياق يەپ قويۇشلار بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ. ھېلىقى «ئەسەبىي» ھەرىكەتلىرىم تەسۋىرلەنگەن بوران-چاپقۇن شۇنداق قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولدى. چۈنكى ئۇ توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ سۆز بولۇنمىغان، زۇليار ئۇنى يېيىۋەتمىگەن ئىدى، ئىچىمدە ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇپمۇ ئۈلگۈردۈم. ئۇ شەھەرلىك بولغىنىغا قارىماي شۇنداق كەمتەر، ئېسىل ئىدى، ھەممەيلەننى سىز دەپ چاقىراتتى. مېنى باشقىلاردەك ھاقارەتلىمەيتتى، بوزەك قىلمايتتى. ئۇنى باشتا تازا ھاكاۋۇر دەپ ئويلىغىنىمدىن بەزىدە خىجىلمۇ بوپ قالاتتىم. دەرستە مەندىن قېلىشمايتتى، بىلەلمىگەن جايلىرىمىزنى ئۆز-ئارا سوراپ ئۆگىنەتتۇق. بەزىدە قىززىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى كۈلدۈرەتتى، بۇرۇنقىدەك گەپ سورىسىمۇ مۆرىمەيدىغان مىجەزىم ھازىر خېلى گەپ قىلغۇدەك بولغان ئىدى. سىنىپتىكىلەرمۇ مېنى بارا-بارا ھاراقكەشنىڭ قىزى دەپ تىللىماس بولدى.  مەردانمۇ كۆزۈمگە كۆرۈنمەسلا بولدى، مەكتەپكە بۇرۇنقىدەك بوينۇمنى سۆرىگەنچىلىك قىلىپ ئەمەس، ئۆزۈم خالاپ بارىدىغان بولغانتىم. كۈنلىرىم خېلى خۇشال ئۆتىۋاتاتتى. مۇشۇنداق چاغلاردا ئاكامنىڭمۇ يېنىمدا بولشىنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالاتتى.  
    كۈز كەينىدىن قىشنى، قىش كەينىدىن باھارنى، باھار كەينىدىن يازنى ئۇزىتىپ، يەنە بىر كۈزنى كۈتىۋالدۇق يەنى تولۇقسىزغا قەدەم قويدۇق، باشلانغۇچ بىلەن تولۇقسىز بىر مەكتەپ ھويلىسىدا بولغاچقا، يەنە كېلىپ پۈتۈن ناھىيىدە مۇشۇ بىر مەكتەپ بولغانقا، يەنە شۇ باشلانغۇچتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر سىنىپتا تەقسىم قىلىندىم. ئورۇن تەڭشەشتە زۇليارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن، يەنە شۇنىڭ بىلەن پارتىداش بولدۇم، ئەلۋەتتە مەنمۇ مۇشۇنى خالايتتىم.

داۋامى بار

مەنبە: دۇردانە قەلىمى


ئەسكەرتىش:
1- ئەسەرنىڭ ئاپتور تۇرمىشى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئاپتورغا باغلاپ چۈشىنىۋالماڭ.
2- ئاپتورنىڭ رۇخسىتىز ھەرقانداق ئۈندىدار سالونى ۋە باشقا تور بەتلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ.
3- بۇ مېنىڭ تۇنجى يازغان ئەسىرىم بولسا تەكلىپ-پىكىر بەرسەڭلار مۇنبەردىكى ئۇستازلار.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تۆھپە +1 يىغىش سەۋەبى
كۆرەش + 1 ھە دەيمە

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-11-14 17:53:46 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسەرنى  يىغا  ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم  ،  داۋامىنى  تىزراق  يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

107

يازما

454

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 951
يازما سانى:
107
تىللا:
347
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
107 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-11-14 19:00:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئايغىنى ساقلايمەن ...؛
باشقىلارغا ئەمەس بىرىنچى بۇپ ئۆزۈمگە ئىنساپ ، ئىمان تىلەي .

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-11-14 21:59:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىغلاڭغۇ قانداقراق تۇرۇپسىز؟ سالام قىلىشنىمۇ بىلمەيدىكەنسىزغۇ؟
    - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام كۆرگىنىڭىزدەك تۇرۇپتىمەن، رەھمەت،- باشقا جىق گەپ قىلىشنى لايىق كۆرمىدىم، ھەم قىلغۇدەك جۈرئىتىممۇ يوق، يىغلاپ سېلىشىمدىن ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىشىم كېرەك ئىدى.
     - ئەھۋالىڭىز سەل ياخشى ئەمەسمۇ قانداق؟ يۈزىڭىزگە نېمە بولدى؟- دېدى كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا.
     - ھېچ نېمە بولمىدى، نېمە بولسا سىزنىڭ نېمە كارىڭىز- يەنە گەپ قىلسا يىغلاپ سېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، قوپاللا جاۋاپ قايتۇردۇم

يۇقىرقى مەزمۇندا رىئاللىقتىن سەل چەتنەش يۈز بىرىپتۇ .بىر باشلانغۇچ بالىسىنىڭ ئەھۋال سورىشى ،جاۋاپ بىرىشى يىشىدىن ھالقىپ كەتكەن .تولۇق ئوقۇغۇچىسىدەك ...
ئەمدى قالدىسنى مۇنبەردىكى ھىكايچىلىرىمىز بىرنىمە دىسۇن ،مەن ھىكايە ئەھلى ئەمەس ،(ئويلىغىنىمنى ئىيتتىم)
ھىسيات چىن تەسۋىرلىنىپتۇ .ئاخىرىنى تىزراق يوللىغايسىز ،ئوقۇغۇم كەپ قالدى
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-14 23:17:48 | ئايرىم كۆرۈش
كۆكتاش يوللىغان ۋاقتى  2015-11-14 21:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىغلاڭغۇ قانداقراق تۇرۇپسىز؟ سالا ...

تەكلىپ-پىكىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم، مەن تىرىشىپ تۈزىتىۋېتەي. مەن ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدىكى، ھەم ھازىرقى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىق ئوقۇغۇچىللىرىغا نىسبەتەن بۇ دىئالوگلار بالدۇرلۇق قىلماس دەپ بىخەستەلىك قىلىپتىمەن. رەھمەت جۇمۇ سىزگە
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-14 23:20:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2015-11-14 17:53
ئەسەرنى  يىغا  ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم  ،  داۋامىنى  تىزراق   ...

ئاللاھ خالىسا تېز يوللاشقا تىرىشىمەن.
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-14 23:30:54 | ئايرىم كۆرۈش
   تولۇقسىزغا قەدەم قويغاندىن كېيىن بىر ھەپتىدەك سىياسىي ئۆگىنىش، قائىدە تۈزۈملەرنى ئۆگەندۇق، دەرس باشلىغان ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى مۇئەللىم مەرداننى باشلاپ كىردى، ئۇ مەكتەپتىن قېچىش، جېدەل چىقىرىش، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سوقۇشۇش دېگەندەك بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن قالدۇق قېلىپ بىزنىڭ سىنىپقا كىرىپ ئوقۇيدىغان بوپتۇ. شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، ئۇ بار يەردە ئەلۋەتتە ماڭا ياخشىلىق يوقتە.
     بىرىنجى سائەتلىك دەرستىن كېيىن زۇليار بىلەن سوقۇشۇپ مەن بىلەن پارتىداش بولۇشقا كۆزى ئىلمىگەن مەردان كەينىمدىكى ئەختەرنى قوپۇرىۋېتىپ ئورنىدا ئورنىدا ئولتۇرىۋالدى، ئەختەرنىڭ ئۈستىلىدىكى رەڭ قۇتىسىنى بېشىمغىلا دۈم كۆمتۈرىۋەتتى.
    - نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟- زۇليار شۇنداق دەپ مەردان تۇتۇپ تۇرغان رەڭ قۇتىسىنى ئىتتىرىۋەتتى.
    - نېمە قىلسام سېنىڭ نېمە كارىڭ، بۇ دېگەن ئۆۈمنىڭ ئىشى.- مەردانمۇ بوش كەلمەي زۇليارنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى،- ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىپ نېمە قىلاتتىڭ چاپاننىڭ ئالدى پېشى.-  شۇنداق دەپلا ئۇرۇش دېسە ئاران تۇرىدىغان مەردان زۇليارنى بىر مۇش بىلەن كەينىگە نەچچە قەدەم ياندۇرىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئىككىسى بىردەمدىلا پومداقلىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتى. مەن شۇنچە قىلىپمۇ ئۇلارنى ئاجرىتالماي يىغلىۋەتتىم، كۆزۈمگە بىر خىل سۇيۇقلۇق ئېقىپ كىرىپ، ئېچىشتۇرغاندا ئاندىن بايىقى رەڭلەنگەن ئىش ئېسىمگە كېلىپ  قاپقارا بولۇپ كەتكەن يۈزۈمنى يۇيۇش ئۈچۈن قوللىرىم بىلەن يۈزۈمنى توسۇپ سۇخانىغا يۈگۈردۈم. رەڭ دېگەن ئاسان چىقاتتىمۇ شۇنچە يۇيساممۇ يەنە شۇ پېتى، يۇيغانسېرىم تېخىمۇ بەك جىقىيىۋاتقاندەك قىلاتتى، «رەڭ دېگەن تارايدىغان تۇرسا، بۇنداق يۇيسام ئۆلگىچە يۇيساممۇ يۇيۇپ بولالمايمەنغۇ» شۇلارنى ئويلاپ يۈزۈمنى ئىشقىلىپ بىر قانداق قىلىپ چالا بولسىمۇ يۇيۇپ سىنىپقا يېنىپ كىردىم. بىر مەيدان ئۇرۇش تۈگەپ زۇليارئىللىق كۈلۈمسىرەپ كۈتىۋالدى، مەردان دېگەن ئەبلەخ بالىلارنى يىغىپ ھەدەپ ھاراقكەشنىڭ قىزى ئۇ بۇ دەپ غەيۋىتىمنى قىلىۋاتقان ئىكەن، مېنىڭ كىرىشىم بىلەن ھەممىسى پاراققىدە كۈلىۋەتتى، ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئوخشاپ قالغىنىم ئۆزۈمگە ئايان، ئەمما بۇنچە قىلىش كەتمەيتتىغۇ......چىشىمنى چىشلەپ بېرىپ ئورنۇمدا ئولتۇردۇم. مەندە زادى نېمە ئۆچى باردۇ بۇنىڭ؟ نېمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ مېنى قوغدايدىغانغا ئاكام يوق ئەمدى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدىغان بولدىدە بۇ......
    ئۇ بىزنىڭ سىنىپقا كىرگەن تۇنجى كۈنى مۇشۇنداق نەس باستى، كېيىن يەنە قانداق كۈنلەرنى كۆرىدىغىنىم مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ. كەچتە ئۆيگە بارغىنىمدا ئانام چالا يۇيۇلغان يۈزۈمگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ئەلۋەتتە ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتالمايمەندە ئامالسىز كۆڭلىنى ئاياپ«دىققەت قىلماي مۇئەللىمنىڭ رېڭى چېچىلىپ كەتتى» دەپ قويدۇم، ئانام ئىشەنمىگەندەك قاراپ قويغاندىكىن باشقا گەپ قىلمىدى. ئاخشىمى يەنە شۇ جەڭگى جېدەل.......
    مەرداننىڭ مەندە نېمە ئۆچى بارلىقىنى بىلمەيمەن ئىشقىلىپ دەرس ۋاقتىمدىمۇ ئارامىمدا قويمايتتى. توختىماي چېچىمنى تارتىپ قەلەم بىلەن دۈمبەمگە نوقۇيتتى، ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلىرىمنى يىرتىۋېتەتتى ياكى ئۆزىنىڭكىگە چاپلىۋالاتتى، مۇشۇ سەۋەبلىك قانچە قېتىم مۇئەللىمدىن تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسىز دەپ ئىزامۇ ئاڭلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق يولسىزلىقلىرى توختاپ قالمىدى، كېيىنكى كۈنلىرى مۇئەللىم مېنى تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسىز دېسە، زۇليار ئورنىدىن تۇرۇپ مەن دىققەت قىلماي يىرتىۋەتكەن ياكى كۆچۈرگىلى ئېلىپ كېتىپ ئۆيدە قاپتۇ دەپ مېنى ئىزادىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن بەكمۇ مىننەتدار ئىدىم،بەزىدە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى قەرىزداردەك ھېس قىلاتتىم، چۈنكى ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇقسام يېنىمدا تۇرۇپ ماڭا ياردەم قىلاتتى. مەرداننىڭ ئەسكىلىكىدىن قۇتۇلدۇرىۋالاتتى، ئەمما ئۇنىڭ مۇكاپاتىكى كەچلىكى ئۆيگە كېتىدىغاندا تازا تاياق يەپ ئالاتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بىر قېتىممۇ ۋايسىمىغىنىغا ھەيرانمەن.
    بىر كۈنى ئەخلەت دۆۋىسىدىن پۈتۈن زېھنىم بىلەن كىتاب ئاختۇرىۋاتاتتىم.  ئاڭلانغان شەپىدىن چۆچۈپ كەينىمگە قارىسام، زۇليار تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپتۇ، كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق ئۇچقىنى چاچراپ تۇراتتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەيران قېلىشى نورمال ئىدى، چۈنكى ئەقلى - ھوشى جايىدا ئادەم ئەخلەتلىكنى ئاختۇرمايدۇ ئەمەسمۇ.
    - نېمىش قىلىۋاتىسىز؟
    - مەن ... مەن ... كىتاب ئىزدەۋاتاتتىم.- كېكەچلەپ تۇرۇپ ئاران مۇشۇنچىلىك دېيەلىدىم. ئۇمۇ چۈشەندى بولغاي ماڭا بىر ئوبدان قارىۋەتكەندىن  كېيىن:
    - بولدى ئەمدى بۇنداق جايدىن كىتاب ئاختۇرماڭ، مېنىڭ كىتابىمنى ئالماشتۇرۇپ بىللە ئىشلىتەيلى.
     - بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ، سىزنى ئاۋارە قىلسام قاملاشماس.
     - نېمە دېگىنىڭىز بۇ، ئاۋارە بولغۇدەك ئىش ئەمەسقۇ، مېنى دوستىڭىز قاتارىدىمۇ كۆرمەمسىز؟ ماقۇل دېمىسىڭىز مەن خاپا بوپ قالىمەن جۇمۇ.- ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدىم. بىردەمدىلا شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتىم، ئۇنىڭ :«مېنى دوست قاتارىدىمۇ كۆرمەمسىز» دېگەن گېپىدىن خۇشاللىقىمدىن ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالمايۋاتتىم، ئەلۋەتتە چاندۇرۇپ قويسام بولمايدۇ دە، باشقا گەپ قىلماي بېشىمنى يىنىكلا لىڭشىتتىم.
  شۇنىڭدىن باشلاپ ئەخلەت دۆۋىللىرىدىن كىتاب ئاختۇرماس بولدۇم. بۇنىڭ بىلەن بىز تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كەتتۇق. دەرستىن چۈشكەندە بىر چاققىچە چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەھلىل قىلاتتۇق، بەزەنلىرى ھورۇنلىقى تۇتۇپ قالسا تەھلىل نەتىجىللىرىنى مېنى كۆچۈرگىلى سالاتتى، باشتا ياق دەپ جاھىللىق قىلغىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە دائىم شۇنداق قىلسىكەن دېگەن ئۈمدتە جان دەپ كۆچۈرۈپ بېرەتتىم. كىتابنى بىر كۈندىن ئالماشتۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ ئىشلىتەتتۇق. مەردانغا ھەيران قالاتتىم، شۇنداق ئۆزگۈرۈشچان مىجەزلىك ئىدى. بىر كۈنى زىلالە بۇ ئىشىمنى قىلىپ بەر، ما تاپشۇرۇقنى قانداق ئىشلەيدۇ دېسە، بىر كۈنى «ھەي شۇم ئەكىلە دەپتىرىڭنى» دەپ شۇنداق قوپال تېگەتتى، مەندە نېمە ئۆچى بارلىقىنى، نېمىشقا ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئامال يوق نېمە دېسە ھە دەپ تۇراتتى. ئەمما مېنى باشتىكىدەك بوزەك قىلىۋالمايتتى.  ھەم بۇرۇنقىدەك تىل سالمايتتى. مەنمۇ شۇنىڭغا خوش ئىدىم، سىنىپتىمۇ «ھاراقكەشنىڭ قىزى» دېگەن گەپلەرمۇ بارا - بارا كۆتۈرلۈپ كەتتى. ئاندا - ساندا مەرداننىڭ ئەسكىلىك قىلغىنىنى، دادامنىڭ ساراڭلىق قىلغىنىنى  ھېسابقا ئالمىغاندا كۈنلىرىم ھەرھالدا ياخشى ئۆتىۋاتاتتى.
تولۇقسىزنىڭ ئىككىنجى يىللىقىغا چىققاندا  مەردان نېمە سەۋەبتىنكىنتاڭ مېنى پەقەت تىللىمايدىغان،  باشقىلار بىلەن سوقۇشۇشنى قويۇپ ئۆگىنىش قىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭ بۇنچە ئۆزگۈرۈپ كەتكىنىدىن ھەيران بولساممۇ، شۇنداق خوش بولدۇم.  كېيىن مۇئەللىم مەرداننى باشقۇرۇشقا ئېپى بار دەپ سىنىپ باشلىقى زۇليارنى مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى، مېنى ئۆگىنىشتە ياخشى دەپ ئۆگىنىش باشلىقى قىلىپ قويدى.
    شۇنىڭ بىلەن بىز تېخىمۇ يېقىنلاپ كەتتۇق، زۇليار بىلەن مەردانغۇ ئاجرىتىۋالمىغۇدەك يېقىن دوست بوپ كەتتى، مەنمۇ بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇپ مەرداننى ئاكا دەيدىغان بولدۇم، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تەلىپى بىلەن. ئۈچىمىز بىر بولۇپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، ئارزۇلىرىمىز توغرىسىدا مۇزاكىرلىشىپ، سىنىپنى باشقۇرۇپ كەتسەك باشقىلار ھەۋەسلىىنپ قاراپ كېتەتتى. مەرداننىڭ باشقۇرۇشتا راستىنلا ئېپى بار ئىدى، دەرس ۋاقتىدا سىنىپتا بەك چىڭ باشقۇراتتى، ھەتتا سىنىپتا بىر تال چىۋىننىڭ ئۇچقىنىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى، دەم ئېلىشلاردا سىنىپتا يۇمۇر سۆزلەپ دېگەندەك ئويۇن قىلىپ بېرەتتى ھەممىمىز دېگۈدەك ئۇنىڭغا قايىل ئىدۇق. ئۇنىڭ باشتىكى ئەسكى، زومىگەر تۇرقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى، شۇنداق خۇش چاقچاق بوپ قالغانىدى. ئۇ سىنىپنى باشقۇرۇپ بەرسە زۇليار مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى بولغىنىغا قارىماي مەن بىلەن ئۆگىنىشكە مەسئۇل بولاتتى. سىنىپىمىزنىڭ ئومۇمى نەتىجىسىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئاشقانىدى.
    ئەمما يېقىندىن بۇيان نېمە بولدىكى يۇقىرى يىللىقتىكى ئاتالمىش «مۇھەببەتلىشىشنىڭ شامىلى » بىزنىڭ سىنىپتىكىلەرنىمۇ خېلى تەۋرىتىپ قويدى. كۆپ قىسىم ساۋاقداشلار كۆيدۈم - پىشتىمنىڭ قاينىمىغا چۈشۈپ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنىڭدا بىز سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭمۇ چىڭ باشقۇرمىغانلىق مەسئۇلىيىتىمىز بار ئىدى، بەزى تېتىقسىزلار مەن بىلەن زۇليارنى چاپلاپ ماز چاقچاقلارنى قىلىدىغان بولىۋالدى، مەردان شۇنچە تەربىيە قىلسىمۇ ھەتتا تىللىسىمۇ، ئېزى باسسا مېزى، مېزىنى باسسا تېزى دېگەندەك بىرسىنىڭ ئېغىزىنى ئەتسە بىرسى دەپ  يۈرۈپ ئاخىرى مۇئەللىمنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ سىنىپ مەسئۇلىىمز ئۈچىمىزنى چاقىرتىپ كىرىپ بىرمۇنچە تەربىيە ئىشلىدى، بولۇپمۇ مەن بىلەن زۇليارغا: سىلەر تېخى كىچىك زېھنىڭلارنى ئۆگىنىشكە قارىتىشىڭلار كېرەك، سىنىپ ھەيئىتى تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلساڭلار قاندق بولىدۇ؟ ئۆزۈڭلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، يەنە كېلىپ زىلالە سىزنى ئەخلاقىدا مەسىلە يوق دەپ شۇنچە ئىشەنچ قىلسام نېمە قىلغىنىڭىز بۇ، ئانىڭىزغا يۈز كېلەلەمسىز؟؟؟؟ ... نومۇس قىلسىڭىزچۇ.......- يەنە نېمىلەرنى دەيدىكىن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ قۇلۇقۇمغا ھېچ نەرسە كىرمىدى، ئۆسەك سۆزنىڭ قارىسىغا كەتكىنىمگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، مۇئەللىمگە شۇنچە دېسەممۇ پەرۋايىغا ئېلىپ قويمىدى، ئەكىسچە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ سۆزلەپ كەتمەسمۇ، ئاخىرى چىدىماي يىغلىغىنىمچە ئىشخانىدىن يۈگرەپ چىقىپ كەتتىم.
    سىرتقا چىقسام شۇنداق ئوچۇق تۇرغان ھاۋا تۇتۇلۇپلا قاپتۇ، بوران ئۇچۇپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز ئاكام يوقاپ كەتكەن ھېلىقى بوران چىققان كۈنى ئېسىمگە كېلىپ يۈرۈكۈم ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. ئۈنسىز يىغلىغىنىمچە ئۆيگە قاراپ چاپتىم. ئاران دېگەندە ئۆيگە كەلدىم، ئىشىك يېرىم ئوچۇق تۇراتتى، ئىشىك تۈۋىگە كېلىپلا ئانامنىڭ : ئېسىت سىزدەك ئادەم بىلەن توي قىلغىنىم... ئېسىت ھايۋاندەك خارلىقتا ئۆتۈپ كەتكەن كۈنۈم..... سىزدىمۇ ۋىجدان بارمۇ قاراپ تۇرۇپ ئۆز پۇشتىڭىزنى سېتىشقا يۈرىكىڭىز قانداق چىدىدى، شۇنداقمۇ تويمىدىڭىز ئۇ ئېشەكنىڭ سۈيدىكىگە......لەنەت بولسۇن سىزدەك نائەھلى ھايۋان تەلەتكە....- دېگەن بوغۇلۇپ چىققان سۆزلىرى بىلەن تەڭ يۈرۈكۈم جىغغىدە قىلىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ تۇرغان يېرىمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئەس ھوشۇمنى يوقاتتىم، پەقەت تېنىمنىڭ توختىماستىن تىترەۋاتقانلىقىنى، كۆز يېشىمنىڭ توختىماي قۇيۇلىۋاتقانلىقىنىلا بىلەتتىم. ئانامنىڭ «ئۆز پۇشتىڭىزنى سېتىشقا يۈرىكىڭىز قانداق چىدىدى» دېگەن گپى قۇلاق تۈۋىمدە تەكرار ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئەسلى ئاكامنى دادام باشقىلارغا سېتىۋېتىپتىكەندە، شۇنى كۈنىدىكى غەيرى قارىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇكەندە....
    - زۇۋانىڭنى يىغ دەيمەن، ھېلى بىكا سېنىمۇ قېرى ئاناڭنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ قويىمەن قانجۇق...
    - قولۇڭدىن نېمە كەلسە شۇنى قىل، سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن، چوقۇم ئەرز قىلىمەن.... بالامنى قايتۇرۇپ بەر .... بالامنى قايتۇرۇپ بەر ...
     ئانامنىڭ دادامنى سەنلىگىنىنى ئاڭلاپ  بىرە ئىش بولمىغىيدى دېگەن ئۈمىد بىلەن ھېلىلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ تۇرغان يۈرۈكۈمنى چىڭ تۇتۇپ، جان دىدارى قالمىغان تېنىمنى مىڭ تەستە يۆلەپ سۆرەپ دېگۈدەك ھويلىغا كىردىم. ئاھ ....خۇدا!!!!!!! شۇ تاپتا كۆزلىرىم كور بوپ قالسىچۇ كاشكى، ھازىرلا ئامانىتىڭنى ئالساڭچۇ كاشكى......ياق تايىنلىق بۇ دۇنياغا كەلمىگەن بولغامچۇ كاشكى......ئەمما نالىللىرىم ياراتقان ئىگەمگە يەتمىدىمۇ قانداق، بۇ ئارزۇيۇم يوققا چىقتى.
     - ئانا!!!!!!!!- دېگىنىمچە ئۆزۈمنى ئاتتىم.
........
  - ۋاي بىچارە ئايشەمگۈل، شور پېشانە ئايشەمگۈل، بىر دانە لالىسىنى يالغۇز تاشلاپ كەتكەن ئايشەمگۈل، تۇرمۇشنىڭ خوۋلىقىنى كۆرمىگەن ئايشەمگۈل، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپلا ئۆتۈپ كەتكەن ئايشەمگۈل ھۈ..ھۈ...ھۈ.. بىچارە ئايشەمگۈل ھۈ...ھۈ...ھۈ......- كىمنىڭدۇر قوشاق قېتىپ ھازا ئاچقان ئاۋازى، كىملەرنىڭدۇر ئەنسىز يىغلاۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، ئەتراپ گۆرىستاندەك قاپقاراڭغۇ ئەجىبا مەن بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىمەنمۇ؟؟؟؟ ياق ئۇنداق بولسا بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىماس بولغۇيتتۇم. كۆزلىرىم خۇددى مېنىڭ ئەمەستەك ئېچىلغىلى ئۇنىمايۋاتاتتى، بېشىم شۇنچىلىك ئېغىر چىدىغۇسىز دەرىجىدە چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتاتتى. مىڭ تەستە كۆزۈمنى ئېچىپ ئاپئاق ياغلىق، قاپقارا كىيىم كىيگەن بەزىلىرى قۇرئان ئوقۇۋاتقان، بەزىللىرى ھەدەپ يىغلاۋاتقان بىر توپ ئاياللارنى كۆردۈم، بۇ نېمە ئىش مەن چوقۇم خاتا بىر يەردە ئويغۇنۇپ قالدىم. ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنداق كىيىنىۋالىدۇ؟ نېمىشقا يىغلايدۇ؟ ئەجىبا..... «ياق!!!!» ئەنسىز توۋلىۋەتتىم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغان ئاياللار مەن تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى. قوشنىمىز ئايگۈل ھەدەم:
    - سەبىر قىل قىزىم، سەبىر قىل، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدۇ. سەبىر قىل ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار بۇ كۈن.. سەبىر قىل......
نېمىلارنى دەيدىكىن، قۇلۇقۇمغا ھېچنېمە كىرمەيتتى، كۆز ئالدىمدا پەقەت دادام دېگەن ئىپلاسنىڭ ئانامنىڭ قورسىقىغا پىچاق سېلىۋەتكىنىدەك رەھىمسىز، قوبۇل قىلغۇسىز رېئاللىق كىنو لىنتىسىدەك ئۆتىۋاتاتتى، ئېغىزىم توختىماي «ئانا» دېگەن بىر ئېغىز گەپنىلا زىكرى قىلاتتى. بىر نەرسىنى ئېسىمگە ئالغاندەك يۈگۈرگەنچە سىرتقا چىقتىم، بار يوق ئىككى ئېغىز ئۆيىمىزگە نەچچە رەت كىرىپ چىقتىم. نېمىنى ئىزدەۋاتقىنىمنى بىلگەندەكلا كەينىمدىنلا تاپ بېسىپ كەلگەن ئايگۈل ھەدەم:
    - ئانىڭىزنى يەرلىكىگە قويۇپ بولدۇق سىڭلىم، سەبىر قىلىڭ!!!- دېدى، دېمەك . ئانامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مېيىتىنى بولسىمۇ كۆرۈۋېلىش ئارزۇيۇم يوققا چىققاندەك تۇراتتى. ئانامنىڭ مېنى تاشلاپ كەتكىنىگە ئىشەنمىگەندەك ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدىن مەن كەلدىم دەپ كۈلۈمسىرەپ چىقىدىغاندەك ھەر ئەتراپقا تويماي قارايتتىم، ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىشتە. ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ يىغلىدىم، لېكىن يىغلىغىنىمنىڭ نېمىگە پايدىسى؟  ئانام تىرىلىپ قايتىپ كېلەتتىمۇ؟ مېنى باغرىغا باساتتىمۇ؟ چاچلىرىمنى سىلاپ ماڭا تەسەللى بېرەتتىمۇ؟ ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس....يېنىمدىكى ماڭا تەسەللى بېرىۋاتقان ئايگۈل ھەدەمنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
    شۇنداق قىلىپ ئايگۈل ھەدەملەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئانامنى يەرلىكىگە قويۇپ ئۇھ دەپ تۇرسام، ساقچىلار نەدىن تاپتىكىن دادامنىڭ جەسىدىنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ، ئۇنى دادام دېيىشكىمۇ نومۇس قىلاتتىم، ئۆز پەرزەنتىنى سېتىۋەتكەن، ئايالنىنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۋەتكەن ئۇ ئادەمنى دادا دېيىشكە تىلىم بارمايتتى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە دادام بولمىىش ئۇ ئادەم  زەھەرنى بەدىنىگە زىيادە كۆپ ئۇرىۋەتكەچكە قېتىپ قاپتۇدەك. گەرچە ئۇنىڭ ھاراق ئىچىدىغىنىنى بىلسەممۇ زەھەر بىلەن ھەپىلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. خوپ بوپتۇ دېدىم ئىچىمدە، كۆزۈمدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقمىدى، بۇنداق يامان ئىش بىلەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ نامىزىنى چىقارسا بولمىغاچقا بىر قانچە تونۇيدىغان تونۇمايدىغان ئادەملەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇنى جىمجىتلا كۆمىۋەتتۇق. بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا بىر ئۆيدىن ئىككى مېيىت ئۇزىدى، ئاكاممۇ يوق، ئانام بىلەن «دادام» ئۇ دۇنياغا مېنى تاشلاپ كەتتى تىكەندەك يالغۇز قالدىم.
    ھەر تەرىپىدىن مۇدھىش ھىدلار كېلىۋاتقان بۇ ئۆي بەئەينى ئەرۋاھلارنىڭ ئۇۋىسىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى، مېنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈللۈك، كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلىرىم قالغان بۇ ئۆينى ۋە ئازراق يېرىمىزنى سېتىپ ئايگۈل ھەدەمنىڭ  قىز بالا يالغۇز تۇرسا بولمايدۇ، ماڭا بالا بولۇڭ دېگەن تەكلىۋى بىلەن ئۇنىڭغا بالا بولدۇم. دېمىسىمۇ ئويلاشنىمۇ خالىمايدىغان پاجىئەلەر يۈز بەرگەن بۇ ئۆيدە تۇرۇشۇم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆي ساتقان پۇلنى ئايگۈل ھەدەمگە بەرسەم ئالغىلى ئۇنىماي سىزگە ھامان لازىم بولىدۇ ئۆزىڭىز بىلىپ بىر يەرگە تىقىپ قويۇڭ دەپ ئىختىيارلىقىمغا قويۇپ بەردى. نەگە تىقىپ قويۇشنى بىلمەي ئاخىرى ئۆينىڭ ئالدىدىكى بىر تۈپ يوغان ياڭاق دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدۇم.
    ئايگۈل ئاپامنىڭ شۇنچە ياخشى مۇئامىلىللىرىگە ئېرىشسەممۇ ئانامنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەي يىغا تۇتىۋالاتتى. مەرداننىمۇ ماڭا ئالاھىدە كۆيىنەتتى، بۇنىڭغا قاراپ ئاكام ئېسىمگە كېلىۋالاتتى، بەزىدە ياراتقان ئىگەم ئاكامىنى تارتىۋېلىپ ئورنىغا مەرداننى بەرگەنمىدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم. ياسىن تاغام بۇ ئائىلىگە قوشۇلغىنىمغا نارازى بولسىمۇ ھەرھالدا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. شۇ قېتىملىق مۇسىبەتتىن كېيىن مەكتەپكە بېرىش پەقەتلا خوش ياقمىدى. ئايگۈل ئاپام ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىمىسىڭىز بولمايدۇ، چوقۇم ياخشى ئوقۇشىڭىز سىزنى كۆزگە ئىلمىغانلارغا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ قويىشىڭىز كېرەك دەپ مېنى قايىل قىلىپ مەردان ئاكام بىلەن يولغا سېلىپ قويدى.
    مەكتەپكە بارغۇچە مەردانمۇ خېلى تەسەللىلەرنى بېرىپ كۆڭلۈمنى ياسىدى. بىر ئايغا يېقىن قەدەم بېسىپ باقمىغان مەكتەپ ھويلىسى كۆزۈمگە باشقىچە كۆرۈنۈپ كەتتى. ھەيرانلىق ۋە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراۋاتقان ساۋاقداشلار توپىنى يېرىپ ئۆتىۋاتقىنىمدا زۇليار بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى، دەرھال باشقا ياققا بۇرىلىۋالدىم، بۇنداق مىسكىن بىچارە ھالىتىمنى ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈشنى خالىمايتتىم.  كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم، ئۆزۈم سىنىپتا ئولتۇرغىنىم بىلەن خىيال قۇشۇم ئاللىقاچان ئانام تامان ئۇچۇپ كېتەتتى.
    - ساۋاقداشلار بۈگۈنكى تاپشۇرۇق ئاناڭلارنى تەسۋىرلەپ بىر پارچە ماقالە يېزىپ كېلىڭلار....- بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ ئۈنسىز يىغلاۋاتقان مەن شۇنداق تېز سۈرئەت بىلەن مۇئەللىمگە قارىدىم. مۇئەللىم ھالىتىمنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتتى ھەم دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىپ:
    - ياق!!! مەكتەپنى تەسۋىرلەپ دېمەكچىتىم، ئەمسە شۇنداق بولسۇن.- شۇنداق دەپلا ماتىرياللىرىنى قولتۇقلىغىنىچە تېز تېز مېڭىپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى، مەن ئاللىقاچان تۆكۈلۈپلا كەتكەنىدىم.
    - بولدى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ زىلالە، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدۇ بۇمۇ بىر تەقدىر، تەقدىرنىڭ سىنىقىدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتىلالىغان ئەمەس. يىغلىغانغا ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ. كۆز ياشلىرىڭىزنى سۈرتىۋېتىپ مەغرۇر قەدەملىرىڭىز بىلەن ئارزۇيىڭىز ئۈچۈن ئالغا بېسىڭ. ئەتە مەن مەكتەپكە كەلگىنىمدە مىشىلداپ ئېقىپ تۇرغان زىلالەنى ئەمەس، كۈلمىسىرەپ تۇرۇپ بارچە ئىشنى قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان زىلالەنى كۆرەي. زۇليار شۇنداق دەپ قويۇپ ئارقىغىمۇ قارىماستىن سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
    بېشىدىن بۇنداق سەرگۈزەشتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئادەمنىڭ ماڭا دەرس سۆزلەپ كەتكىنىنى، ئەگەر مەن كۆرگەن كۈننىڭ يېرىمىنى كۆرگەن بولسا، ماڭا ئوخشاش ئەڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئايرىلىپ باققان بولسا ھەرگىز بۇنداق دېمەيتتى.  گەرچە شۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭدىن رەنجىگەندەك قىلغىنىم بىلەن  گەپلىرىنى خېلى ئورۇنلۇق ھېس قىلىپ قالدىم، نېمە ئىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر يىغلىماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن رېئاللىققا يۈزلىنىش قارارىغا كەلدىم.
ئەمما ھەر قېتىم ئاتا - ئانىللىرىنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ ئەركىلىشىپ كېتىۋاتقان بەختلىك بالىلارنى كۆرگىنىمگە كۆز ياشلىرىم تۆكۈلۈپلا كېتەتتى. ئەمدىلەتتىن گەپ قىلغۇدەك بولغان  مىجەزىم باشقىلارنىڭ «يىتىم ئوغلاق» دەپ چەتكە قېقىشلىرى، مېنى كۆرسىتىپ مەسخىرلىك قاراپ پىچىرلاشلىرى بىلەن  يەنە جىمغۇر ھالىتىگە قايتتى. گەرچە مەردان شۇنداق تەربىيە قىلسىمۇ، ھەتتا قاتتىق قوللۇق قىلسىمۇ قىرىق نەچچە ئېغىزنى باشقۇرۇپ بولالمايتتى، ئۆگىنىش باشلىقلىق سالاھىتىمۇ ئاللىقاچان نامدا بار ئەمەلدە يوق بىر قۇرۇق ئاتاققا ئايلىنىپ بولدى. نەتىجەممۇ تىك سىزىق بويىچى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. گەرچە يىغلىمىساممۇ شۇنچىلىك جىمغۇر، مىسكىن ھالەتتە بوينۇمنى ئىگىپ گۇناھكارلاردەك يۈرەتتىم. زۇليارغىمۇ كۈنلەپ - كۈنلەپ گەپ قىلمايتتىم. يىغلىمايمەن، باتۇر بولىمەن دەپ ئىچكەن قەسەملىرىم نەلەردە قالغانىدى. ئىشقىلىپ مەكتەپكە كەلسەم دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ ، كەچمىشلىرىمنى خىيال قىلىپ دېگەندەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ كەچتە ئۆيگە كەتسەملا بولاتتى. ھېچكىمنىڭ ھەتتا مۇئەللىمنىڭمۇ ئۆگىنىشىم بىلە كارى يوق. زۇليارنىڭ گەپلىرىمۇ قۇلۇقۇمغا كىرمەيدۇ، ئۇمۇ نەسىھەت قىلىپ ھاردى بولغاي بولدى قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئىنتايىن ناچار نەتىجە بىلەن تولۇقسىزنى پۈتتۈردۈم. ساۋاقداشلىرىمدىن بەزىللىرى ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان، بەزىلەر ئاتا-ئانىسىىغا ياردەملىشىدىغان زۇليارمۇ شەھەرگە قايتىپ شۇ يەردە ئوقۇيدىغان بوپتۇ.
     مەنمۇ ئايگۈل ھەدەمگە ياردەملەشكەچ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلدىم، كېيىنچە ئايگۈل ھەدەم تۇرمۇشىمىز ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىنار دەپ ئۆينىڭ ئالدىدىكى يەرگە كۆكتات تېرىپ ساتىغان ئوقەتنى باشلىۋالدى، كۈنى ئەتىگەندە مەرداننى ئېلىپ چىقىپ كەتسە قاراڭغۇ چۈشەي دېگەندە ئاران قايتىپ كېلەتتى. مەن بولسام ئۆيدە قېلىپ ھويلا - ئارامنى يۇغۇشتۇرۇپ، كىر - قاتلارنى يۇيۇپ، كۆكتاتلارنى سۇغۇرۇپ دېگەندەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلاتتىم.
    بىر كۈنى ئايگۈل ھەدەم يەنە مەرداننى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ھويلا-ئارامنى تازلىۋەتكەندىن كېيىن يىغىلىپ قالغان كىر قاتلارنى يۇيۇپ تۇراتتىم، ياسىن تاغام ھەم شۇنىڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قانچە ئادەم ئوڭ - تەتۈر دەسسىگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھالىتىدىن مەسلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. مەن بىر قىز بالا بۇنچە ئەركىشىنىڭ يېنىدا تۇرۇش بىئەپ بولغاچقا ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرۇشۇمغا، غەرق مەس بىرسى كېلىپلا بېلىكىمگە ئېسىلدى. يۈرۈكۈم بىرەر ئىش يۈز بېرىدىغاندەك دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىۋاتاتتى، قولىنى سىلكىۋېتىپ قاچاي دەپ تۇرۇشۇم يەنە بىرسى كېلىپ يەنە بىر بېلىكىمگە ئېسىلدى، دە يۈزۈمنى چىمداپ تۇرۇپ:
    - ۋاي ياسىن ئۆيۈمدە مۇنداق چىرايلىق تۇمۇچۇق بار دېسەڭ بولمامتى، بولدى مەندىن ئالغان بارلىق قەرزلەرگە ھېساب بولۇپ كەتسۇن، بۇنى مەن ئەكىتەي.- دېمەسمۇ ھوشۇمدىن كېتەيلا دەپ قالدىم.
    - ماقۇل ماقۇل ئاغىنە بولسا شۇنداق بىر قىلىڭلا، بۇ نانقېپى بۇ ئۆيدە تۇرسىمۇ بىكار يەپ ئىچىدۇ شۇ، ئەجەپ بەلەن گەپ بولدى بولسا ئەكىتىڭلا.- ياسىن تاغامنىڭ بۇ گېپىدىن ئەينى چاغدىكى دادامنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم دە، شۇنچىلىك يىرگىنىپ كەتتىم، ئۇلار ھەر ياقتىن كۈلۈشۈپ بار كۈچۈم بىلەن بۇ بىر توپ ھايۋانلارنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن يۇلقىنىۋاتقان مېنى  ھەدەپ سىرتقا تارتقۇشلايتتى. مەن بىچارە ئۇلارغا يالۋۇراتتىم، ئاخىرى چىدىماي نېمە بولسا بولسۇن يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ ھەر كۈچى بىلەن مېنى تارتىۋاتقانلارنى پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئىتتىرىۋەتتىم. مەندىن بۇنداق قارشىلىقنى كۈتمىگەن بۇ ئەبلەخلەر كەينىگە دەلدەڭشىپ يېقىلىپ كەتتى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرۋازىدىن قاچاي دەپ تۇرسام ياسىن ئاكام دېگەن ئىپلاس تۇتىۋېلىپ چاڭڭىدە بىرنى سالماسمۇ كەينىمگە ئۇچۇپ كېتەيلا دەپ قالدىم شۇندىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ دەرۋازىنى تاقاپ قويىدىغان كالتەكنى ئالدىمدە بېشىغىلا ئۇرۇۋەتتىم ئاندىن ئارقامغىمۇ قارىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
    يىغلىغان پېتى بېشىم قايغان پۇتۇم قايغان تەرەپلەرگە كېتىۋاتىمەن، قاراڭغۇ چۈشەيلا دەۋاتىدۇ، نەگىمۇ بارارمەن ئەمدى، ئەسلى چىقىپ كەتمەي ئۆينىڭ ئەتراپىغان يوشۇرنىۋېلىپ ئايگۈل ھەدەملەر كەلگەندە ھەممە ئىشنى چۈشەندۈرۈپ شۇ يەردە تۇرىۋەرسەممۇ بوپتىكەن. ياق... تايىنلىق بۇ دۇنياغا كەلمىگەنلا بولسام ياخشى بولاتتىكەن، مەندەك ئارتۇقچە يا تۇرار جايى يوق يا ئاتا ئانىسى يوق ئادەمنىڭ ياشىغۇدەك سالاھىتى بارمىدۇ؟؟؟ بۇنداق ماڭغانغا يا بارىدىغان ئۆيۈم بولمىسا شۇلارنى ئويلاپ ئالدىراقسانلىق قىلغىنىمغا ئازراق پۇشايمان قىلغانمۇ بولدۇم. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەمدى قايتىپ بېرىشنىڭ ئورنى يوق پېشانەمگە پۈتۈلگەننى كۆرمەكتىن باشقا ئامالىم يوق.
     مېڭىپ - مېڭىپ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى سۈيى ھەر ۋاقىت ئېقىپ تۇرىدىغان دەرياغا كېلىپ قاپتىمەن، نېرۋام شۇنچىلىك قالايمىغان، كەلگەندىكىن بىر دەم ئۆزۈمنى سەگىتىپ ئاندىن كېچىسى قونغۇدەك بىرەر يەرنى تاپارمەن يا بولمىسا مۇشۇ دەريا بويدىلا تۈنەمەن دەپ بايىقى جىددىچىلىكتە كىيىپ چىققان ساپما كەشىمنى ياندا قويۇپ قويۇپ پۇتۇمنى سۇغا چىلاپ ئازابقا تولغان ئۆتمۈشۈمنى ئەسلەپ خىياللار دۇنياسىغا غەرق بولدۇم. سۇغا چۈشۈپ ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرسەم مەن بىلەن سۇغا چۈشۈپ ئوينىغۇدەك بىرەر دوستۇمنىڭمۇ يوقلىقىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ بىرخىل قىزغىنىپ قالاتتىم، ھازىر ئەتراپىمدا ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ ئۆزۈم يالغۇز ئوينىماقچى بولۇپ دەرياغا كىردىم، ئاستا - ئاستا مېڭىۋاتىمەن، كۆز ياشلىرىم دەريا سۈيىگە قوشۇلۇپ نەلەرگىدۇر ئېقىۋاتاتتى، ھازىرقى بىردىنبىر خۇشاللىق ئايىغىمدا ئېقىۋاتقان مۇزدەك راھەت سۇ ئىدى. ئۆزۈمگە سۇ چاچتىم، يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن، كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيۇلغان يۈزلىرىمنى ساپ دەريا سۈيىدە پاكىزە يۇيدۇم، شۇنچىلىك راھەت..... بىرىنىڭ قونچاقنى كۆتۈرگەندەك لىككىدە كۆتۈرىشىدىن ئەندىكىپ كەتتىم. سۇ بىلەن بولۇپ كېتىپ بىرىنىڭ كەلگىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن.
    - مېنى قويىۋېتىڭ كىمۇ سىز، نېمىشقا مېنى تۇتىسىز مېنى قويىۋېتىڭ!!!!! قۇتقۇزۇڭلار!! مېنى قويىۋېتىڭ......
    - قىزچاق ساراڭ بولدىڭىزمۇ ياشقىنە ھاياتىڭىزنى مۇشۇنداقلا تۈگەتمەكچىمۇ سىز، ھەرقانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆتۈپ كېتىدىغۇ، مۇشۇنداق يەڭگىللىك قىلسىڭىز بولامدۇ؟- مېنى كۆتۈرىۋالغان ئادەم ھەدەپ شۇنداق دەيتتى، توۋا مەن چۈشەنمەيدىغانلا گەپ قىلىۋاتىدىغۇ بۇ كىشى نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ گاڭگىراپلا قالغانىدىم.
    - توۋا خېنىم ياش تۇرۇپ كاللىدىن ئۆتكۈزەلمىگۈدەك نېمىش بولغانتى؟ مۇشۇنداقلا ئۆلىۋالسىڭىز ئاتا-ئانىڭىزغا، قېرىنداشلىرىڭىزغا يۈز كېلەلەمسىز؟ ھاياتلىق دېگەن بىر قېتىم كەتسە قايتپ كەلمەيدۇ، ھاياتىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىمىدىما؟- دەپ سوئاللارنى ياغدۇرىۋەتتى ئۇ ئادەم مېنى قىرغاققا ئاچىقىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندىن كېيىن.
    - توختاڭ توختاڭ نېمىلەرنى دەۋاتىسىز؟ كىم ئۆلىۋالىمەن دەپتۇ؟ مەن بىر ئوبدان ئويناۋاتسام نېمىشقا ئويۇنۇمنى بۇزىسىز؟
    - سىز ئۆلىۋالماقچى ئەمەسمىتىڭىز؟
     - ياق!
    - ئەمسە نېمە قىلىسىز بۇ يەردە؟ قاراڭغۇ چۈشەي دېگەن تۇرسا بۇنچە كەچتە سۇدا ئويناپ يۈرسىڭىز زۇكام بوپ قالمامسىز؟ ئاتا-ئانىڭىز باشقۇرمامدۇ سىزنى؟
    - مېنىڭ ئاتا-ئانام يوق.- شۇنداق دەپلا يىغلىۋەتتىم، مېنى سوئال سوراققا كۆمىۋەتكەن ئۇ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپ پەسكويغا چۈشتى بولغاي ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ ئاستا سورىدى:
    - ئەمسە، ئەمسە سىز بۇ كەچتە بۇ يەردە نېمىش قىلىسىز؟ سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىز يوقمۇ؟- مەن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى قىسقىغىنە قىلىپ سۆزلەپ بەردىم.
    - كەچۈرۈڭ سىزنى سىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىمەن، سۇغا ئىچكىرلەپ كىرىۋەرگەنتىڭىز تېخى ئۆلىۋالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. بۇنداق سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغانچقىمۇ سىزگە نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمىدىم. ئىسمىم بەگزات شەھەردە ئىشلەيمەن، بارىدىغان جايىڭىز بولمىسا خالىسىڭىز سىزنى بىر تونۇشۇمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياي ۋاقتىنچە تۇرغاچ تۇرۇڭ بولامدۇ يا؟
     تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭامدىم كالۋالىقتا تېخى ئۇ دەرىجىگە بارغىنىم يوق، مېنىڭ بىچارە ھالىتىمگە قاراپ قانداق ئەسكى خىياللارنى قىلىۋاتىدۇ كىم بىلىدۇ. ئاڭلىمىغانغا سېلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كونىراپ رەڭگى ئۆچۈپ قالاي دېگەن ساپما كەشىمنى كىيىپ يول تەرەپكە ماڭدىم.
    - مېنى ئەسكى ئادەممىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىسىز ھە، ۋاي خاتىرجەم بولۇڭ مەن ئەكسى ئادەم ئەمەس كەچ بولاي دەپ قالدى، يالغۇز نەگە بارىسىز يامان ئادەملەرگە ئۇچراپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بارار يېرىڭىزمۇ يوقكەن، ماڭا ئىشنىپ ھەممە گەپلىرىڭىزنى دەپ بەرگەندىكىن يەنە بىر قېتىم ئىشىنىۋېتىڭ، جېنىم بىلەن كاپالەت بېرەي سىزگە زىيانكەشلىق قىلمايمەن. - ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم، بەلكىم دۇنيادا ياخشى ئادەممۇ باردۇ، ئۇنىڭ ماڭا ياردەم قىلغۇسى باردۇ، ئەمما قاراپ تۇرۇپ بىر ئوغۇل بالىنىڭ كەينىدىن ماڭسام قانداق بولا؟؟؟؟
    - ۋاي ۋۇي ئىككىلەنمەي مېڭىڭە.- جاۋابىمنى كۈتمەيلا قولۇمدىن تارتىپ ماڭدى، 20 مىتىرچە ماڭغاندىن كېيىن قاپقارا سىرلانغان ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختۇدۇق.
    - چىقىڭە بارىدىغان يەرگە مۇشۇنداق يېتىلىشىپ ماڭىدىغان ئوخشايمىز دەپ قالغانما، سىزنى سۆرىگەنچىلىك قىلىپ بۇنداق ماڭغىلى تۇرساق تاڭ ئاتقاندىمۇ بېرىپ بولالمايمىز- ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلىۋەتتىم.
    - ۋۇي خېنىم قاپاقلىرىنى تۈرۈپ مىشىلداپ ماڭسا تېخى كۈلەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن، كۈلۈشنىمۇ بىلىدىكەنسىز ھە، قاراڭ شۇنداق چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز كۈلۈپ يۈرۈڭ دەيمەن- بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتتىم.
     - ۋاي قىزىرىپ كەتكىنىنى، ھەراس سىزنى خېنىم خېنىم دەۋەرسەم بولمىغۇدەك مۇبارەك نام شەرەپلىرىنى بىلىشكە كەمىنىنىڭ شەرتى توشامۇ؟- قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ئېگىلىپ تۇرغان تۇرقىدىن ئاۋازلىق كۈلىۋەتتىم.
     - بەك قىززىقارلىق گەپ قىلىدىكەنسىز، ئسمىم زىلالە.- دېدىم كۈلكەمنى ئاران بېسىپ.
     - چىرايلىقكەن، ۋاي تۇرۇپ كەتتۇققۇ يەنە بىردەم تۇرساق مومىياغا ئايلىنىپ قالمايلى چىقىڭە ماشىنىغا.- دەپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى، كۈلۈپ بولالماي ئاغرىپ كەتكەن جاۋغىيىمنى تۇتۇپ ماشىنىغا پۇتۇمنى ئېلىپ، چىقاي دەپ شۇنداق ئىگىلىشىم بىلەن ماشىنىنىڭ ئۈستىگە شۇنداق قاتتىق ئۈسسىۋالدىم، ئاغرىق مېڭەمگە چىقتى، دەرھال كېلىپ مېنى يۆلىۋالمىغان بولسا ئۆزۈمنى چوقۇم يەردە كۆرەتتىم.
    - پالاكەت قىزچاق دىققەت قىلسىڭىز بولمامدۇ، قاتتىق ئاغرىپ كەتتى ھەقىچان، ماشىنىغا چىقىپ بىردەم ئولتۇرىۋالسىڭىز ساقىيىپ قالىسىز، مېنىڭ ماشىنام دېگەن خىسلەتلىك جۇمۇ.- شۇنداق دەپ كۆزىنى قىسىپ قويۇپ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي مېنى كۆتۈرگەنچىلىك قىلىپ ماشىنىغا سېلىپ قويدى، خىجىللىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي سىرتقا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم. ئۇمۇ باشقا گەپ قىلمىدى، ئەستايىدىل ماشىنا ھەيدەۋاتقان تۇرىقىغا سەپ سېلىشقا باشلىدىم، مەندىمۇ يوق ئاپئاق تېرە، قاڭشارلىق بۇرۇنى، قاپقارا قېشى، قۇندۇزدەك چاچلىرى ئۆزىگە خويمۇ ياراشقان كېلىشكەن مېھرى ئىسسىق بىر يىگىت.  
    - نېمانچە كېلشكەن بالىدۇ بۇ دەپ قاراۋاتامسىز؟- دېدى ئۇنىڭغا مەستانە بوپ قالغاندەك قاراپ ئولتۇرسام.
    - ۋاي ياقەي كىم كېلىشكەن دەيدۇ سىزنى، شۇچنە قارىساممۇ كېلىشكەن دېگەن نامغا ماس كەلگۈدەك بىرەر يېرىڭىزنىمۇ تاپالمايمىنا ھېچ.- شۇنداق دەپ بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك چىرايىغا ئۇيان-بۇيان قاراپ قويدۇم.
    - ۋاي شەيتان قىلغان قىلىقىنى تېخى ئالدىرىماي بىلىپ قالارسىز كېلىشكەنلىكىمنى، ھوي يىغلاڭغۇ ئەجەپ گەپدان بوپ قاپسىزا راس بىردەمدە ماشىنامدىن ئۆتە ئۆزۈم بەكرەك خىسلەتلەكمۇ نېمە؟- دەپ ھەييارلارچە كۈلۈپ كۆزىنى قىسىپ قويدى. گەپ قىلمىدىم، ھېچقاچان بۇنچە گەپ قىلمايدىغان ئادەم تونۇشقىلى تېخى ئۈچ سائەت بولمىغان ئادەمگە بۇنچە ئېچىلىپ گەپ قىلىشىم بىر مۆجىزە ئىدى.
     - ھە راس زىلالە خېنىم كەينىدىكى ئورۇندۇقتا ئەديال بار يۆگىنىۋالامسىز قانداق، زۇكام بوپ قالسىڭىز ياخشى بولماس- ئۈندىمەي كەينىگە ئېڭىشىپ، قوللىرىمنى سوزۇپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ئەديالنى ئېلىپ ئورىنىۋالدىم. ماشىنىدىكى خۇش پۇراق، ئۈنئالغۇدىن چىققان لىرىك مۇزىكىغا مەستخۇش بولۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. چۈشۈمدە ئانامنى ئاكامنى كۆردۈم، ئۈچىمىز بىرلىكتە شۇنداق چىرايلىق باغچىدا ئويناۋاتساق دادام دېگىنى نەدىن پەدا بولدىكىن ئانامنى ئۇرۇپ سۆرەپ قاپقارا بىر يەرگە سۆرەۋاتقۇدەك، ئاكام كەينىدىن قوغلاپ كەتكۈدەك مەن بولسام ئانا!!! ئاكا!!! دەپ يىغلاپ قالغۇدەكمەن.
     - ھە يىغلاڭغۇ ئويغاندىڭىزمۇ، كەلدۇق مانا چۈشىڭە.- چۈشنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك گەپلىرىنى چۈشەنمىگەندەك قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن،- چۈشىڭە كەلدۇق، مۇشۇ ماشىنىدا ئۇخلىغىڭىز بارمۇ يە.
     - نەگە چۈشىمەن، نەگە كەلدۇق؟
    - ۋاي زاغۇن ھەرنېمە بولسا سىز كىم دەپ سورىمىدىڭىز، چۈشىڭە ماشىنىدىن كەلدۇق ئۆيگە. ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاڭ بولىڭە.- بايىقى گەپلەر ئېسىمگە كېلىپ خىجىل بولۇپ كەتتىم. ماشىنىدىن چۈشۈپ ھەيران قالدىم. ئېگىز بىر بىنانىڭ ئالدىغا كەپ قاپتۇق يېزىمىزدا مەكتەپ ۋە شىپاخانىلار ئىككى ئۈچ قەۋەتلىك سېلىناتتى، شەخسىي ئۆيلەر ئاساسەن بىر قەۋەتلىك، يېڭى سالغان ئولتۇراق بىنامۇ بۇنچىلىك ئېگىز ئەمەس ئىدى.
     - بولدى مەن ماشىنىدىلا ئۇخلاي بۇ ئېگىز بىناغا چىقىپ بولغۇچە تاڭ ئېتىپ قالغۇدەك.
     - ھا ھا ھا ما ئەخمەق قىزنى بۇنچە ئېگىز بىناغا مېڭىپ چىقامىزمىكىن دېگەنمۇ؟ لىفىتتا چىقىمىز مېڭىڭە بىردەمدە چىقىپ بولىمىز.- ئاستا ئۇنىڭغا ئەگەشتىم، كېچە بوپ قالغان بولسىمۇ بۇ يەر يېزىمىزدەك قاراڭغۇ ئەمەس ماڭدامدا بىر چىراق بار ئىدى. يېزىدىكى قاراڭغۇلۇقتا چوڭ بولغىنىم بىلەن قاراڭغۇدىن بەكلا قورقاتتىم، ئۇنىڭغا يېقىن ماڭدىم. ئىشىكتىن كىرىپ چوڭ بىر كارىدورغا كىردۇق. ئاندىن ئازراق ماڭغاندىن كېيىنلا توختاپ بىر يەرنى باسقاندەك قىلغانتى توخۇ كاتىكىدەك كېلىدىغان بىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىرگەندىن كېيىن ئىشىك ئاپتوماتىك ئېتىلىپ بىر خىل چايقانغاندەك بىردەم ئاستىغا بىردەم ئۈستىگە چىقىپ 12 دېگەن ساننى كۆرسەتكەندىن كېيىن توختىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق. بەگزات ئىشىكنى يېنىك چەكتى، ئىشىك ئېچىلىپ بەگزات بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر بالا چىقىپ بىزنى كۈتىۋالدى.
     - بۇ ياق مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان جانجىگەر ئاغىنەم دىلزات بولىدۇ.
     - بۇ قىز بولسا نېمە دەپ تونۇشتۇرسام بولا ئەمدى؟؟؟ زىلالە بولىدۇ.
     -مېنى مۇشۇ يەردە تۇرسۇن دېمەيدىغانسىز؟- سوئال نەزىرىم بىلەن بەگزاتقا قارىدىم.
     - ۋاي ئۇنداق ئەمەس، ئايزىبا ئۇخلاپ قالمىغاندۇ؟- دەپ سورىدى نەزىرىنى دىلزاتقا ئاغدۇرۇپ.
     - بىلمەيمەن ئىشىكىنى چېكىپ باقايلى.- ئىككىسى ئۇدۇلدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى يېنىك ئۇردى. ئايزىبا ئىشىكنى ئېچىڭە، ئۇخلاپ قالمىغانسىز؟
     - ھە مانا ھازىر- بىر قىزنىڭ شۇنداق زىل ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىشىك ئېچىلىپ مەندىن ئۈچ تۆت ياش چوڭ بىر قىز چىقىپ كەلدى.
     - ھە ئايزىبا بۇ قىزنى سىزنى تاپشۇردۇم ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ جۇمۇ سىزگە سىڭىل بولىدۇ ئەمدى. قالغان ئىشلارنى ئەتە دېيىشىۋالارمىز.
     - ماقۇل ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولىڭە، خۇش كەپسىز سىڭلىم زىلالە ئۆزىڭىزدەكلا چىرايلىقكەن ئىسمىڭىز، ئىشىك تۈۋىدە تۇرىۋالماي كىرىڭە.
     - ھە يىگىتلە ئەمسە خوش، سىلەرمۇ ئۇخلاڭلا ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى.
     - سىڭلىسىنى كۆرۈپلا ئاكىللىرىنى ئۇنتىدى ماۋۇ يۈزسىز.
     - ھى ھى ھى سىڭلىم بەك چىرايلىقكەنچۇ سىلەردەك سەت ئەمەسكەن، شەپەرەڭلە قايتىڭلا ئەمدى، ئەتە كۆرۈشەرمىز خوش ئاللاھقا ئامانەت.
    - ھە بوپتۇ ئەمسە ئايزىباخان، زىلالىخانلار ياخشى چۈش كۆرەرسىلەر، چۈشۈڭلاردا بىزدەك ئاكاڭلارنى كۆرەرسىلەر ئاللاھقا ئامانەت.- بەگزات شۇنداق دەپ قويۇپ قولىنى خوش دەپ دېگەندەك لىڭشىتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
   بۇ چوڭ ئۆيدە يېڭى تونۇشقان چىرايلىق ئايزىبا ئاچاش بىلەن يالغۇز قالدۇق، خۇدۈكسىرەپ ئولتۇرسام ئايزىبا ئاچاش:
    - سىڭلىم ئەمدى سىزمۇ ئۇخلاڭ ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، چارچاپ قالىسىز قالدى ئىشلارنى ئەتە تەپسىلىرەك دېيىشىۋالارمىز ھە- دېدى مېنى بىر كىچىك ياتاق ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ئورۇن سېلىۋاتقاچ.
    - ماقۇل،- دېدىم بېشىمنى ئاستا لىڭشىتىپ. ئالىي جابدۇلغان ئوردىغا ئوخشايدىغان بۇ ناتونۇش ئۆيدە سەل يىتىمسىرىگەندەك قىلغىنىم بىلەن خېلىلا ئازادە ھېس قىلدىم. خىيال سۈرۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئەتىسى تۇرغىنىمدا ئايزىبا ئاچاش تۇرۇپ تاماققا تەييەرلىق قىلىۋېتىپتۇ، ھورۇنلۇق قىلىپ بۇنچە ئۇزۇن ئۇخلىغىنىمغا شۇنداق خىجىل بوپ كەتتىم.
    - ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ سىڭلىم، بەك تاتلىق ئۇخلاۋېتىپسىزكەن ئويغاتقۇم كەلمىدى، تېزرەك تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋېلىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىسۇن.
    - مەن ئوقۇشنى بىلمەيتتىم.- دېدىم قىزىرىپ تىرنىقىمنى تاتىلاپ تۇرۇپ.
    - ھە ئۇنداقتا يۇزىڭىزنى يۇيۇپ ناشتىغا كېلىڭ.- دېدى ئارتۇق گەپ قىلماي.  بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئانامنىڭ ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرەتتىم، ئەمما ماڭا ئۆگەتكىچىلىك بولغاندا مەندىن ئايرىلغان بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئايگۈل ھەدەملەر ناماز ئوقۇمايدىغان بولغاچقا ئوقۇشنى بىلمەيتتىم. يۈزىمنى يۇيۇپ تازىلىق ئۆيىدىن چىقىشىمغا ئىشىكتىن كىرىپ كېلىۋاتقان بەگزات بىلەن دىلزاتقا دوقۇرۇشۇپ قالدىم.
    - تۈنۈگۈنكى سۇ پايدا قىلىپ چۈشكىچە ئۇخلاپتۇقتە ھورۇن قىز.- دېدى ئېغىزى قىچىشىپ ئارانلا تۇرىدىغان بەگزات. خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بوپ كەتتىم ھەم ئۇلارنىڭ ئەتىگەندىلا بۇ ئۆيگە كىرىگىنىدىن ھەيران قالدىم.
    - بولدى قىلساڭچۇ بەگزات زىلالەنى خىجىل قىلماي، چارچاپ قالغان بولسا قېنىپ بىر ئۇخلىۋالغاندۇ.- دىلزاتنىڭ قوشۇق سېلىشى بىلەن بەگزاتمۇ جىمىدى.
    - ۋاي - ۋۇي ئەتىگەن كىرىپلا سالام قىلپ ئەھۋال سوراشمۇ يوق سىڭلىمنى بوزەك قىلىۋېتىپسىلەرغۇ ياغاچ قۇلاقلار، بېرى تۇرىڭە سىڭلىم قورقماڭ جۇمۇ مەن با.- دېدى مېنى سەل كەينىگە سۈرۈپ قويۇپ ئايال پالۋاللاردەك قىلىق چىقىرىۋاتقان ئايزىبا ھەدەم. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
- بولدى، بولدى، بۇنداق كۈلۈپ تۇرىۋەرگەنگە قورساق تويمايدۇ، تاماقمۇ سوۋۇپ كەتتى، تۇرپانغا ئاپىرىپ ئىسسىتىپ كەلمەيلى بىكا. مېڭلا تاماق يەيمىز.- بۇرۇن بىزلەر يىللاپ -  يىللاپ ئېغىز تېگەلمەيدىغان ئوخشىتىپ ئېتىلگەن پولوغا قاراپ ئانام بىلەن ئاكام ئېسىمگە كېلىپ كۆز ياشلىرىمنى تۇتىۋالالمىدىم.  
    - تاماق ئوخشىماپتۇمۇ؟ نېمىشقا يىغلايسىز سىڭلىم. مىجەزىڭىز يوقمۇ يا.- دېدى ئايزىبا ھەدەم ئەنسىرەپ پېشانەمنى تۇتىۋاتقاچ.- قىززىماپسىز بولمىسا  بىرەرسى خاپا قىلدىمۇ سىزنى، نېمىش بولدى ....- بەگزاتنىڭ ئىشارىسى بىلەن گېپىنىڭ ئايىغىنى يۈتىۋەتتى. گەرچە كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنى تېخىمۇ بىئارام قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈمنى زورلاپ يۈرۈپ مىڭ تەستە تامىقىمنى يەپ بولۇپلا ئاخشام ياتقان ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۈنۈمنى چىقارماي تازا يىغلىدىم.
     - زىلالە بىز ئىشقا ماڭدۇق، چۈشتە كېلىمىز ئۇنىڭغىچە ئۆيدە زېرىكىپ قالسىڭىز پەسكە چۈشۈپ ئايلىنىپ كېلەرسىز، مانا ماۋۇ ئاچقۇچ يوقىتىۋەتمەڭ ھە تاتلىقىم.- دېدى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىرگەن ئايزىبا ھەدەم ئاچقۇچنى كىتاب ئىشكابى ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىۋاتقاچ. بۇ ھەشەمەتلىك ئۆيدە تىكەندەك قالدىم، بىردەم يىغلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆيلەرنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى بىلەن تاشقىرىغا چىقتىم. مېھمانخانا كارىدورغىلا جايلاشقان بولۇپ شاھانە خۇرۇم كىرىسلو ۋە كىرىسلوغا ماسلاشتۇرۇپ قويۇلغان تاماق ئۈستىلى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. كىرىسلونىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاجايىپ چىرايلىق نازۇك بۇيۇملار بىلەن تولغان پاكار ئىشكاپ، ئەينەك ئۈستەلدىكى يوغان تېلىۋىزور بۇ ئۆينى باشقىچە كۆرسىتەتتى. بۇ تېلىۋىزور مەن يېزا باشلىقىنىڭ ئۆيىدە كۆرگەن تېلىۋىزوردىن نەچچە ھەسسە چوڭ ھەم نەپىس ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئېسىل بېزىلگەن ئىككى ياتاق ئۆي ۋە بىر چوڭراق كەلگەن ئۆينى كۆزدىن كەچۈرۈپ ھەيرانلىقتا ئاغىزىمنى ھاڭ ئېچىپ قالدىم. بۇ ئۆي بىزنىڭ يېزىدىكى بوران ئۇچۇپ تۇرغان ھېلىلا ئۆرۈلۈپ كېتىدىغاندەك تۇرىدىغان ئۆيىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولاتتى. ئازادە پاكىز ئاشخانىغا كىرىپ ئايزىبا ھەدەم ئالدىراپ داسقىلا سېلپ قويغان قاچا - قۇچىلارنى ئاۋايلاپ يۇيىۋەتتىم.
    كارىدورغا چىقىپ ئۈستەللەرنى بىر قاتار يۇغۇشتۇرۇپ سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن كىرىسلوغا بېشىمنى قويۇپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. چۈشۈمدە ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئۆيىنى كۆرگۈدەكمەن، ھويلىغا كىرىشىم بىلەنلا ياسىن تاغام كېلىپلا گېلىمنى سىققۇدەك. «قۇتقۇزۇڭلا!» دەپلا ئويغۇنۇپ كەتتىم. قارىسام ئاللىقاچان قارا تەرگە چۆمۈلۈپ چىلىق-چىلىق بولۇپ كېتىپتىمەن. تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈزۈمنى يۇيىۋەتكەندىن كېيىن سائەتكە قاراپ چۈشلىك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ بەگزات، ئايزىبا ھەدەملەرنىڭ ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كېلىشىگە تاماق ئېتىپ قويماقچى بولۇپ ئاشخانىغا كىردىم. ئەمما ھەرقانچە ئىزدەپمۇ تاماق ئېتىدىغان ئوچاق ياكى مەشنى تاپالماي سولىشىپ ئولتۇرۇپ قالدىم.
    بۇ ئۆيدە تەييارتارپ بولۇپ ئۇلارغا جاپايىمنى سالسام بولمايتتى، ئۇلارنى ھېلىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم. كېتىشىم كېرەك، ئەمما نەگىمۇ بارارمەن، بەگزات ئاكامغا دەپ قايتىپ كېتەيمۇ يا؟ ئۇنداق قىلسام ياسىن تاغام مېنى بوش قويىۋېتەرمۇ؟ ئايگۈل ھەدەم مېنى ئىزدەپ تاپالماي ئەنسىرەپ قالغانمىدۇ؟ زادى قانداق قىلسام بولا؟؟؟؟ مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ تۇرغاندا ئۇلار كىرىپ كەلدى.
    - ۋۇي خاتا كىرىپ قالمىغاندىمەن ھە، بەك پاكىز تازلىۋېتىپسىزغۇ سىڭلىم. ئاۋارە بوپ كېتىپسىز ئۆزۈم قىلىۋېتەتتىم ئەمەسمۇ، ھاردىڭىزمۇ؟- كىرىپلا ۋىچىرلاپ كەتتى ئايزىبا ھەدەم.  
    - ياق.. ياق.. ئۇنداق دېمەڭ ھەدە ھېلىمۇ سىلەرنى ئاز ئاۋارە قىلمىدىم. ئەمدى قايتىپ كېتەيمىكىن. سىلەرگە جاپايىمنى سالغىنىمدىن بەك خىجىلمەن.- دېدىم بېشىمنى يەردىن ئۈزمەي.
    - نېمە دېگىنىڭىز بۇ زىلالە؟ بىز نېمىگە ئاۋارە بولاتتۇق. بىزنى شۇنداق يات كۆرسىڭىز بولامدۇ؟ نەگە كېتەتىڭىز؟ يەنە ئاشۇ ئۆيگە قايتىپ كەتمەكچىمۇ سىز، يەنە قانچىلىك قارا قىسمەتلەرنىڭ سىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر سىز قايتىپ كەتسىڭىز سىزنىڭ تاغىڭىز بولمىش ھېلىقى ئادەم سىزنى قويىۋېتەرمۇ؟- كايىپ سوئال دېگەننى ياغدۇرىۋەتتى بەگزات.
     - بەگزات توغرا دەيدۇ قايتىپ كەتمەڭ زىلالە ھەممىمىز ئامراق بوپ قالدۇق سىزگە.- دېدى ئادەتتە جىق گەپ قىلىپ كەتمەيدىغان دىلزات بەگزاتنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ.
    -  ئاكام توغرا دەيدۇ زىلالە قايتىپ كەتمەڭ بىزگە سىڭىل بولۇڭ ماقۇلمۇ؟ بەرىبىر ئانىڭىز بولمىغاندىكىن كەتسىىڭىزمۇ خەقنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىكەنسىز ئۇنىڭدىن مەنمۇ بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرىمەن بىللە تۇرساق بولمامدۇ؟ ئاكامنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم، كەتسىڭىز يەنە شۇ ئۆيدە تۇرامسىز؟
     - سىلىقراق گەپ قىلىشنى بىلمەمسەن، كۆڭۈل ئاۋايلاش دېگەندىن قاچانمۇ ساۋادىڭ چىقار سېنىڭ.- دېدى بەگزات ئايزىبا ھەدەمگە ئاچچىقلىغاندەك قىلىپ. ئايزىبا ھەدەممۇ گەپ قىلماي تۇمشۇقىنى ئۇشلاپ قويدى.
توغرا كەتسەممۇ يەنە شۇ ياسىن تاغامنىڭ كۆزىگە قاراپ ياشىشىم كېرەك، ئەگەر ھېلىقى ئىش يەنە تەكرارلانسا قانداق قىلىمەن، مېنىڭمۇ بىر كىشلىك ئىناۋىتىمنى قىلىپ قېرىندىشىدەك كۆررىۋاتقان بۇ قەدىرلىك كىشىلەردىن ئەسلا ئايرىلغۇم يوق ئەمما بۇلارنى جاپاغا سېلىۋەرسەم بولمايدۇدە..... زادى قانداق قىلىشىم كېرەكتۇ.؟؟؟؟
     - بولدى ئويلانماڭ، مۇشۇ يەردە قېلىپ قېلىڭ. ئەمدى كېتىمەن دېگەن گەپنى ئېغىزىڭىزغا ئالغۇچى بولماڭ.- قانداق قىلىشنى بىلەلمەي بېشىم قېتىپ تۇرغاندا بەگزات شۇنداق دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتتى بۇ ئۇنىڭ ئىككىنجى قېتىم مەن ئۈچۈن قارار چىقىرىشى ئىدى، شۇنداق قىلىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالىدىغان بولدۇم. چۈشلۈك تاماقنى سىرتتا يەيدىغان بولدۇق، مۇشۇ بىر قۇر كونا كىيىمىم بىلەنلا كەلگەچكە سىرتقا كىيىپ چىققۇدەك كىيىمىم بولمىغاچ مەن چىقماي دېگەن تەلىپىم قارشىلىققا ئۇچراپ، ئايزىبا ھەدەمنىڭ كىچىك كېلىپ قالغان ھال رەڭلىك چىرايلىق كۆينىكىنى كىيدىم.
    - ۋاھ ئادەم سەتى ئەمەس كىيىم سەتى دېگەن شۇدە، سىزنى سەتمىكىن دېسەم  خېلى چىرايلىقكەنسىز ھە، بۇ كۆينەكنى كىيىپ ئېچىلىپلا كەتتىڭىز.- دېدى كۆينەكنى كىيىپ چىقىشىمغىلا بەگزات چېقىشىپ.
    - زىلالەنىڭ چىرايلىقلىقىنى بىلمەمتىڭ، مېنىڭ سىڭلىم دېگەن ئاسماندىكى ئاي جۇمۇ. قارا ئاكا ماڭا ئوخشىشامدىمىزكەن.
    - زىلالە ئاسماندىكى ئاي سەن ئېرىقتىكى لاي ھە ئايزىبا.-  شۇنداق دەپ ئېغىزىنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى.
      - خەپ سېنى مەن قانداق بولسام سەنمۇ مەندىن قېلىشمايسە بىز دېگەن ئاكا سىڭىل جۇمۇ بەگزات خىڭ، مۇشۇ گېپىڭ ئۈچۈن بۈگۈن سەن مىھمان قىلىسە. ئوغۇل بالا گېپىدە تۇرىدۇ، يېنىۋالما ھە. يۈرىڭە سىڭلىم.-  دەپ بۇ ئىككەيلەننىڭ بىر- بىرىگە گەپ بەرمەي تالىشىۋاتقىنى تاماشا قىلىپ ئاكامنى ئەسلەپ تۇرغان مېنى تارتىپلا ماڭدى ئايزىبا ھەدەم.
    - خەپ جىن ئەجەپ يامان بوپ كېتىپسىنا سەن مەن قاچان مېھمان قىلىمە دېدىم بىردەمدە ئوڭدا قويدۇڭغۇ مېنى.
    - بولدى قىلە بەگزات ئىككىڭلارنى زە گەپدانلىقتا قېلىشمايسىلە جۇمۇ، ماڭايلىمۇ ئەمدى، ھېلى بىكار كېچىكىپ قالساق كېلەركى قېتىم كىم مېھمان قىلىدۇ.  
    - ھە بوپتۇ مېھمان قىلسام قىلدىم خەپ سېنى ئايزىبا خەپ...- كۈلكە چاقچاق بىلەن چۈشلۈك تاماقمۇ كۆڭۈللك يېيىلدى. ئۆيگە كىرىپ ناماز ئوقۇۋالغاندىن كېيىن ئۇلار يەنە ئىشقا كەتتى. مەن كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كىتاب ئىشكابىدىن گۈلباھار سىدىق ئابباسنىڭ «زامانە ئاخىرى ئاياللىرى» دېگەن ھېكايە پوۋىستلار توپلىمىنى ئېلىپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم. بۇنىڭدىكى ھەر بىر ھېكايە، نەسىر يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغىچە تەسىر قىلىپ كەتتى. ئەزەلدىن ئاسان تەسىرلىنىدىغان ئادىتىم بولغاچقىمۇ «يۈرەكتە قالغان ئارمانلار» دېگەن پوۋىستتىكى لالەنىڭ قىسمىتىگە ئىچىم ئاغرىپ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەنىدىم. بۇ كىتابتىكى ھەر بىر ئەسەر ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلدىكى، تۇرسام قوپسام شۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىك كاللامدىن ئەگىپ كېتەلمەيتتى. ئازابلىق سەرگۈزەشتىللىرىمنى، ئانامنى، ئاكامنى ئويلاپ يەنە كۆڭلۈم بۇزۇلدى. زېرىكىپ تېلىۋىزور كۆرمەكچى بولدۇم، ئەمما ئۇنى قانداق قوزغىتىشنى بىلمەيدىغان بولغاچقا بۇ نىيىتىمدىن يېنىپ كارىدورنىڭ بىر تەرىپىدىكى قولايلىق تەييار قىلىنغان كىچىك بالكوندىن يىراقلارغا نەزەر سېلىشقا باشلىدىم.
    پەستىكى كىشىلەر چۈمىلىدەكلا كۆرىنەتتى، كوچىلاردا مىغ-مىغ قاتناۋاتقان ماشىنىلارمۇ شۇنداق كىچىك كۆرىنەتتى، مۇشۇ بىنادەك ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئېگىز بىنالارنى كۆردۈم. شەھەر دېگەن ھەقىقەتەن باشقىچە بولىدىكەن. دەرىزىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ شەھەر مەنزىرىسىىن قانغۇچە تاماشا قىلدىم. ئايزىبا ھەدەملەرمۇ قايتىپ كەلدى، كەچتە ھەدەم ئەتكەن ئاچچىق-چۈچۈك سۇيۇقئاش بىلەن تاماقلاندۇق. بەگزات، دىلزاتلارمۇ چىقىپ كەتتى.
    - سىڭلىم ھېچ گەپ قىلىپ بېرەيمۇ دېمەيسىزغۇ؟ مېنى يات كۆرىۋامسىز يا، ئەمدى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ قالدۇق، سىزمۇ مېنىڭ ئۆز سىڭلىمدەك بوپ قالدىڭىز قانداقلا گېپىڭىز بولسا ماڭا دەڭ ھە.- دېدى ئايزىبا ھەدەم قاچا-قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرۋەتكەندىن كېيىن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ.
- ماقۇل ھەدە. مېنىڭ ئىشلىرىمنى بەگزات ئاكامدىن ئاڭلىدىڭىز ھەقىچان، خالىسىڭىز سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى سۆزلەپ بېرەمسىز، مەن سىلەرنىڭ مۇناسىۋېتىڭلارنىمۇ ئېنىق بىلمەي كاللام قايمۇقۇپلا قالدى.
    - ھى ھى ھى كالۋا قىز بۈگۈن ياخشىراق بىر پاراڭلىشىۋالايلى ھە، مەن بەگزاتنىڭ قوشكېزەك سىڭلىسى، ئەمما پەقەت ئوخشىمايمىز. باشقىلارغا بىر تۇققان دېسەكمۇ ئىشەنمەيدۇ. دادام بولسا ئوقۇتقۇچى، ئانام بىر كىچىك كىيىم كېچەك دۇكىنى ئاچاتتى، ئۇلار بىر يىلنىڭ ئالدىدا قاتناش ۋەقەسى بىلەن تۈگەپ كەتكەن. دىلزاتقا كەلسەك ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىنلا تۈگەپ كەتكەچكە بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئۇنى بېقىۋالغان، يەنى بىز بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، ئۇمۇ مېنىڭ ئاكامنىڭ ئورنىدا، بىز مەكتەپكىمۇ تەڭ كىرىپ تەڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن. كېيىن ئانام بىلەن دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلاردىن قالغان ئۆينى دادامنىڭ ئىنىسىغا قالدۇرۇپ، دۇكاننى سېتىپ پۇلىنى ئېلىپ بۇ شەھەرگە كۆچۈپ كەلگەن. مەن ھازىر بىر دوختۇرخانىدا سېستىرا بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، دىلزات  ئاكاممۇ مەن ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تاشقى كېسەل دوختۇرى، ئاكام بولسا يۇمشاق دېتال ياساش شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. بىر يىلدىن بېرى مۇشۇ يەردە تۇرىۋاتىمىز، ئۇلار ئۇدۇلدىكى ئۆيدە تۇرىۋاتىدۇ ئەنە بۇنى بىلىسىز.- دەپ گېپىنى تۈگەتتى.
    - ھە راس سىز ئاكام بىلەن قانداق تونۇشقان؟ ئۇ ماڭا سىزنىڭ ئىشىڭىزنى چالا -پۇچۇقلا سۆزلەپ بەردى دەپ بېرىڭە.- مەنمۇ ماقۇل بولۇپ بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بەردىم. ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىمنى ئاڭلاپ مەن بىلەن تەڭ يىغلاپ كەتتى، كېيىن ئۇنىڭغا بەگزات بىلەن قانداق قونۇشۇپ قالغىنىمىزنى دەپ بەرسەم كۈلۈپ بولالماي كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كېتىپتۇ.
    - ھەدە باياتتىن تاماق ئېتەي دەپ قارىسام ئوچاقنى ھېچ كۆرمىدىم، سىز تاماقنى نېمىدە ئېتىسىز؟- دەپ سورىسام تېخىمۇ كۈلۈپ كەتتى.
    - ۋاي ئەخمەق قىز تاماقنى گاز ئوچاقتا ئېتىمەن، كېلىڭ كۆرسىتىپ قوياي.- دەپ مېنى ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ گاز ئوچاقنى قانداق ئىشلىتىش، ئاشخانىدىكى جابدۇقلاردىن قانداق پايدىلىنىشتىن باشلاپ ھەممىنى كۆرسىتىپ قويدى. يەنە تېخى ئىسلام دىنى توغرۇلۇق ۋە مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق نۇرغۇن نۇرغۇن بىلىملەرنى سۆزلەپ بەردى، ئەتىدىن باشلاپ نامازنى باشلىۋېلىشىم ئۈچۈن ناماز ئوقۇش قائىدىللىرىنى ۋە بىر قانچە سۈرە ئۆگىتىپ قويدى. شۇنداق ئەھمىيەتلىك پاراڭلىشىپ يۈرۈپ ئۇخلاپ قالدۇق.
    شۇنىڭدىن باشلاپ كۈنلىرىم تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتۈشكە باشلىدى. ھەركۈنى سەھەر تۇرۇپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلسام، ئانام  ۋە ئاكام، يەنە بۇ ئائىلىدىكى ئاقكۆڭۈل، ئېسىل ئىنسانلار ئۈچۈن دۇئا قىلسام، ھەدەم بىلەن ناشتىلىق تەييارلىسام، ئۇلار ئىشقا كەتكەندە كىتاپ ئوقۇپ، ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەزىدە تېلىۋىزور كۆرۈپ، ئىشتىن كېلىشىگە تاماق ئېتىپ دېگەندەك بىر ئىزدا كېتىۋاتاتتىم. بىر كۈنى بەگزات ئاكام كىرىپ:
    - سىز بۇنداق ئۆيدە ئولتۇرۇپلا ئۆتۈپ كەتسىڭىزمۇ بولماس، دىلزاتنىڭ بىر تونۇشىنىڭ دادىسى رېستۇران ئاچىدىكەن، ئۆزى پاكىزە جاي مەنمۇ بىر قانچە قېتىم بېرىپ باققان خالىسىڭىز شۇ يەردە ئىشلىگەچ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تەربىيلەش كۇرۇسىغا بېرىپ ئۆگەنسىڭىز ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلىغان قانداق خالامسىز؟- دېدى، ئىشلەش دېگەن گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولدۇم، بۇلارغا يۆلىنىۋالسام بولمايتتى، ھېلىمۇ بۇلارنى كۆپ قىينىۋەتتىم. ئارتۇق سۆرۈشۈپ يۈرمەيلا ماقۇل بولدۇم.
    شۇ گەپ بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن ھېلىقى دېيىشىپ قويغان رستۇرانغا دىلزات ۋە بەگزات ئاكاملار بىلەن باردۇق. بۇ رېستۇراننىڭ خوجايىنى مەسۇم ھاجىم دەيدىغان بىر كىشى ئىكەن، ئۇ ئادەم سىرتتىمۇ تىجارەت قىلىدىغان بولغاچقا بۇ رېستۇراننى ئاساسەن دېگۈدەك باشقۇرغۇچى بىلەن ئۇ ھاجىمنىڭ ئوغلى باشقۇرىدىكەن، دىلزات ئاكام شۇ ھاجىمنىڭ ئوغلى بىلەن تونىشىدىكەن. بىز بارغاندا ئوغلى بولمىغاچقا شۇ يەرنىڭ مەسئۇلى باشقۇرغۇچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ مېنىڭ ئىشىم توغرۇلۇق سۆزلەشكەنىدى. كۈتكۈچى بولىدىكەنمەن، ئۈستەللەرنى يىغىشتۇرۇش، قاچا قۇچىلارنى رەتلەش، تازىلىق دېگەندەك ئىشلارنى قىلىدىكەنمە. ئىشلەش ئەھۋالىمغا قاراپ مائاش ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئۆزگەرتىدىكەن. شۇنىڭغىمۇ شۈكرى قىلدىم، ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ ئۇلارغا بېقىنغاندىن ئۆز جېنىمنى جان ئەتكىنىم ياخشى.
      ئەھۋالنى دېيىشىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم، كۈندە بەگزات ئاكاملار ماشىنا بىلەن ئەكىلىپ ئەكىتەتتى. بۇ رېستۇران ئىككى قەۋەتلىك سېلىنغان بولۇپ بەكلا ھەشەمەتلىك ئىدى، شۇنداق ئېسىل بېزەلگەنىدى، كىرگەنلا كىشىگە ئوردىغا كىرگەندەك تەسىر بېرەتتى. مەسئۇل باشقۇرغۇچى ئەكبەر ئىسىملىك ئوچۇق-يورۇق بىر بالا بولۇپ ئۇنچە قاتتىق قول ئەمەس ئىدى، ئەمما تازىلىقتىن شۇنداق بىر چاتاق چىقىپ قالدىمۇ بولدى، كەچتە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ ئۇ رازى بولغۇدەك تازىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىشتىن چۈشەتتۇق. دېمىسىمۇ بۇنداق تاماق يەيدىغان جاي پاكىز بولمىسا بولمايتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەن كېلىپ تازىلىق قىلىپ، ئاندىن تاماق ئېتىدىغانلارغا ياردەملىشىپ، تاماق توشۇپ دېگەندەك ئىشلارنى قىلاتتىم. بىز كۈتكۈچىلەردىن خۇشخۇي، سىلىق-سىپايە بولۇش تەلەپ قىلىناتتى. بۇ رېستۇراننىڭ سودىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ كۈندىزى ئاساسەن ئۇھ دېگۈدەكمۇ ۋاقىت بولمايتتى. مەندىن باشقا كۈتكىچى قىزلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ ئۈلگۈردۈم، باشتا ئىشىمنى تېپىپ قىلالماي كالانپايلىق قىلغىنىم بىلەن بارا-بارا كۆنۈپ قېلىۋاتاتتىم. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بەگزات ئۇقۇشۇپ بەرگەن تەربىيلەش كۇرسىدا كومپىيوتېر ۋە خەنزۇتىلىدا تەربىيلەندىم.
    بىر ئاي ئىشلەپ قولۇمغا تۇنجى مائاش تەككىنىدە ھاياجاندىن يىغلاپ كەتتىم، بۇ مەن تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ ھالال ئەمگىكىم ئارقىلىق ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم ئىدى. خۇشاللىقىمدا ئايزىبا ھەدەم ۋە بەگزات ئاكاملارغا بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مېھمان قىلىش ۋە ئاشقان پۇلنى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سالغان جاپايىم ئۈچۈن ئۇلارغا بېرىش ئويۇم ئۈچتە بىر قارشىلىققا ئۇچراپ سۇغا چىلاشتى.  بەگزات ئاكامنىڭ دېيىشىچە بۇنداق قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوقكەن، بۇ پۇلنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشىم كېرەككەن. ئەتىسى كىتابخانىغا بېرىپ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر قانچە پارچە كىتابلىرىنى سېتىۋالدىم، ئايزىبا ھەدەم بىلەن بازارغا بېرىپ بىر قانچە قۇر كىيىم سېتىۋالدىم. قالغىنىنى بەگزات ئاكام بىجىرىپ بەرگەن ئامانەت كارتىسىغا سېلىپ قويدۇم. ئاللاھنىڭ بەرگەن كۈنلىرىگە شۈكرى قىلىپ، مۇشۇنداق ئېسىل كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىغا ھەمدۇ سانالار ئوقۇپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئۇزاق دۇئا قىلاتتىم.
    ھاۋا ئوچۇق بىر پەيشەنبە كۈنى ئىشقا كەلسەم مەندىن باشقا ھەممىسى كېلىپ  تازلىقنى قىلىپ بوپ ئىشىك تۈۋىدە تىزىلىپ تۇرۇپتۇ. كېچىكتىممىكىن دەپ سائەتكە قارىسام تېخى 10 مىنۇت بۇرۇن كېلىۋاپتىمەن. ھەيرانلىقتا تۇرسام:
    - زىلالە تېز بولۇڭ كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ، تەييار بولۇپ تۇرۇڭ، ھاجىمنىڭ ئوغلى كېلىدىكەن.- دېدى مەن بىلەن خېلى يېقىن ئۆتىدىغان ئاسىيە، ھەيرانلىقىم تېخىمۇ ئاشتى. گەرچە بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەۋاتقىلى بىرەر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇ ھاجىمنىڭ ئوغلى بولمىش بالىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئالدىراپ خىزمەت كىيىمىمنى كىيىپ پالاقشىپ يۈگۈرۈپ چىقىشىمغىلا ئىشىكنىڭ تۈۋىگە سېلىنغان يەر گىلىمىگە پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشتۈم. ئاسىيە يۈگرەپ كېلىپ يۆلىۋالدى، خېلى قاتتىق چۈشكەن بولسام كېرەك قوللىرىمنىڭ سۈرۈلۈپ كەتكەن يېرىدىن قان ئېقىۋاتاتتى، پۇتۇمنىڭ ئوشۇقى بىردەمدىلا تۇخۇمدەك ئىششىپ مىدىرلىتالمايۋاتاتتىم، كۆز ياشلىرىمغۇ ئاللىقاچان ئاغرىققا چىدىماي دەريادەك قۇيۇلۇپ كەتكەنىدى.  
     - ۋاي-ۋۇي كالانپاي قىز دىققەت قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ قاتتىق چۈشتىڭىزمۇ؟
    - پۇتىڭىز ئورنىدىن چىقىپ كەتتىمۇ نېمە زىلالە ئاغرىۋاتامدۇ؟
    - دوختۇرخانىغا ئاپارساق بولغۇدەك جۇمۇ.
    - باشلىق كېلىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟- زىڭىلداپ ئاغرىۋاتقان پۇتۇم بىلەن قالغان مېنىڭ تۇتمۇتۇشتىن كېلىۋاتقان بۇ سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلگۈدەك ھەپسىلەم يوق ئىدى.
    - نېمە قىلىشىۋاتىسىلەر ئىشىڭلارغا ماڭماي، بىرەر ئىش بوپتۇما؟- تونۇش ھەم ناتونۇش بولغان ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ يۈرۈكۈم جىغ قىلىپ قالدى، كىشىلەر توپىنى يېرىپ يېنىمغا كەلگەن ھېلىقى ئاۋازنىڭ ئىگىسى بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچراشقىنىدا نەچچە يىل ئاۋۋالقى يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلىنىپ قالغان تونۇش سىمانى كۆرۈپ ھەريانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.


داۋامى بار
بۇ بۆلەكتە تېزلا تونۇشۇپ ئۇرۇق-تۇققاندەك بولۇپ كەتكەنلەر ئۈچۈن كېيىن چۈشەندۈرۈش بېرىلىدۇ.

زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

5

تېما

176

يازما

541

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 928
يازما سانى:
176
تىللا:
365
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-2

كۆيۈمچان ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-11-15 18:52:29 | ئايرىم كۆرۈش
نىمانچە  تەسىرلىك  يېزىۋەتتىڭىز.ھاياجان  بىلەن  ئوقۇدۇم  .ئاخىرىنى  تىزرەك يوللاڭە. بەك  تەقەززا بوپ كىتىپ بارىمە.
سەن ئوزۈڭنى  جاھاندا بىر سانىساڭ  ، بىلىپ قال بىزمۇ ئككى ئەمەس.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-11-16 13:05:04 | ئايرىم كۆرۈش
ھاجىمنىڭ    ئوغلى  دىگىنى  زىلالەنىڭ  ئاكىسىمىدۇ  ؟؟؟؟؟؟؟
جانىم ،  ئەسەر  بەك ياخشى  داۋاملىشىۋاتىدۇ  ،  قەلىمىڭىزگە  بەرىكەت  تىلەيمەن !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

5

تېما

176

يازما

541

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 928
يازما سانى:
176
تىللا:
365
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-2

كۆيۈمچان ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-11-16 16:53:34 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2015-11-16 13:05
ھاجىمنىڭ    ئوغلى  دىگىنى  زىلالەنىڭ  ئاكىسىمىدۇ  ؟؟؟؟؟؟ ...

تاڭەي      مەنمۇشۇنداق  ئويلاۋاتىمە...  ئاخىرىنى تىزرەك    يوللىسا بولاتتى... كۆزۇم تۆت   بولاي دىدى.
سەن ئوزۈڭنى  جاھاندا بىر سانىساڭ  ، بىلىپ قال بىزمۇ ئككى ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:33 , Processed in 0.186478 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش