|
مەن يەنە نەچچە كۈن ئۆيدە دەم ئالدىم، مۇشۇ بىر قانچە ئىش تەكرار يۈز بەرگەن بولغاچقا مەنمۇ ئارقىمۇ ئارقادىن دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولغانىدىم. بۇ جەرياندا بەگزات بىلەن دىلزات ھالىمدىن كۆپرەك خەۋەر ئالدى، مەردانمۇ پات-پات كىرىپ يوقلاپ تۇراتتى. زۇليار مەرداننى رېستۇرانغا مەسئۇل قىلىپ قويۇپ بىر ئىشلار بىلەن ئىچكىرىگە كىرىپ كېتىپتۇمۇش، ئۇنى بەزىدە شۇنداق سېغىنىپ قالاتتىم، ئاۋازىنى ئاڭلىغىم كېلىپلا تۇراتتى. ئەمما ئۇ يېنىمدا يوق......
بەگزات يېنىمدا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇراتتى، مەن بولسان ئۇلارنىڭ خاتىرە سۆرەتلىرىنى كۆرۈپ بىردەم كۈلۈپ، بىر دەم ئويغا چۆكۈپ ئولتۇراتتىم، مەردان سىلىق سالام بىلەن كىرىپ كەلدى. تۇرۇپلا قاپتىمەن، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دىققەت قىلماپتىكەنمەن مەردان بىلەن ئايزىبا ھەدەم شۇنچىلىك ئوخشايدىكەن ئەمەسمۇ؟ توۋامۇ دەپ كەتتىم، سالامىغا سالام قايتۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن. يېنىمغا كېلىپ پېشانەمگە چاقچاق قىلىپ بىرنى چەككەندىلا چۆچۆپ ئېسىمگە كەلدىم.
- ۋوي ماۋۇ كالۋالىقىمنى قېنى كېلىڭ ئاكا ئولتۇرۇڭ.- دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ چاي دەملەش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتىم، چەينەك پىيالىلەرنى ئېلىپ چىقسام زۇليار بىلەن ئىككىسى يېقىن ئولتۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دەپ كۇسۇرلىشىۋېتىپتۇ. شۇنچە دىققەت قىلىپمۇ ئاڭلىيالمىدىم.
- نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر شۇنچە مەخپىي؟
- كىچىك بالا بىلمىسىمۇ بولىدۇ.- شۇنچە قىززىقىپ سورىغان سوئالىمغا مەردان جاۋاب بېرىپ بولغۇچە بەگزات شۇنداق قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرىپ ئۈلگۈردى، ئۈندىمىدىم. بەگزاتمۇ باشقا گەپ قىلماي تېمىنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى، گەپ تالىشىپ، كۈلۈشۈپ يۈرۈپ ئېغىزىمدىن:
- مەردان ئاكا ئايزىبا ھەدەمگە بەكلا ئوخشايدىكەنسىزا ئەجەپ، بەگزات ئاكامنىڭ چىرايى يېقىنمۇ كەلمەيتتى.- دېگەن گەپ بىسوراق چىقىپ كېتىشى بىلەن ئىككىسىنىڭ شۇنداق تېزلىك بىلەن بۇرۇلۇپ غەلىتە قارىشىدىن مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم.
ھە سىزگە شۇنداق تۇيۇلۇپ قالغان چېغى زىلالە، ھەممىمىز قېرىنداش شۇنىڭ ئۈچۈندۇ بەلكىم.- بەگزات شۇنداق دەپلا كۆزىنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچتى. مەردان بولسا بىر ماڭا بىر بەگزاتقا قاراپ تۇراتتى، ئىشقىلىپ بۈگۈنمۇ كۆڭلۈمدە يەنە بىر ئىشتا تۈگۈن قالدى.
ئىشقا بارغاندا بەگزات ئاپىرىپ قويمىسىمۇ مەردان بىلەن بارىدىغان بولدۇم، تاماقنى يەنە ھەممىمىز بىر بولۇپ يەيتتۇق. مەرداننىڭ دائىم ئايزىبا ھەدەمگە كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا ئۈزمەي قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتىم، كۆڭلۈمدىن قانداقتۇر بىر خىل خىياللار كېچەتتى. زۇليارمۇ ئىچكىرىدىن قايتىپ كەلدى، بىز يەنە تەبىيلا يېقىن بولۇپ كەتتۇق. نىگارە دېگەن قىزنى شۇ بىر قېتىم كۆرگەنچە قايتا كۆرۈپ باقمىدىم. بەزىدە ھەممىمز بىر بولۇپ كىنو كۆرۈپ،باغچىلارغا بېرىپ ئويناپ كېلەتتۇق، ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بۇ يەردىكى بىر غەربىي كۆل دەپ ئىسمى بار مەنزىرىسى كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان مەنزىرىسى بار ئىدى. نەگە بارساق ئاسىيەنى قوشۇۋالاتتۇق، يەنە بەزىدە زۇليار ئىككىمىز، بەزىدە بولسا بەگزات ئىككىمىز كىنو كۆرۈپ بازار ئايلىنىپ كېلەتتۇق.
ئاسىيەمۇ بىزنىڭ توپىمىزغا قوشۇلۇپلا كەتتى. تۇرىدىغان ئورنى بەك يىراق ھەم قولايسىز بولغاچ بىز بىلەن تۇرىدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ ئۈچ قىز قېرىنداشلاردەك ئىچقويۇن تاش قويۇن بولۇشۇپ كەتتۇق. كىچىككىنە ئۆيدە قوغلاشماق ئويناپ، تېپىشماق دېيىشىپ، يۇمۇر سۆزلىشپ، كۈلكە - چاقچاق بىلەن ئۆينى بېشىمىزغا كىيەتتۇق. ئارىمىزدا ئايزىبا ھەدەم ئەڭ شوخ ئىدى، قىززىق گەپلەرنى قىلىپ بىزنى تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرەتتى، بىز بولساق ئاساسەن ئۇنىڭ تاماشىبىنى بولاتتۇق، بەزىدە يىگىتلەر كىرىپ قالسا مەشرەپ بولاتتى. بىر چاغلارغىچە ئۇخلىماي ئۆزىمىمز توغرۇلۇق، جەمىئەت توغرۇلۇق، كەلگۈسى توغرۇلۇق قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتۇق. بەزىدە بەگزاتنىڭ ئايزىباغا كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغىنىچە باشقىچە بىر مەن چۈشۈنۈپ بولالمايدىغان نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم، ئەمما سەۋەبىنى سوراشقا پېتىنالمايتتىم. كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئايىغى چىقماس نېمە ئۈچۈنلەرنىڭ تۈگىنىنى ئويلاش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى.
تېلىفۇنۇمنىڭ يېنىك تىترىشى بىلەن خىيالدىن ئويغىنىپ تېلىفۇننى قولۇمغا ئالدىم.«ھېلىقى غەربىي كۆلگە كېلىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار.» زۇليارنىڭ بۇيرۇق ئارلاش ئۇچۇرىنى ئوقۇپ بىر خىللا بوپ قالدىم، كۆڭلۈمنىڭ پەرىشانلىقىنى ياكى خۇشال ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم ئىشقىلىپ چۈشۈنۈكسىز بىر ھېسيات قەلبىمنى چىرمىۋالدى.
يەنە شۇ خىياللار دېڭىزىغا چۆكۈپ ئاستا قەدەملىرىم بىلەن كېتىۋاتىمەن، بەگزات بىلەن مەرداننىڭ ئايزىبا ھەدەمگە غەلىتە قاراشلىرى مېنى ھەر خىياللارغا سېلىۋاتاتتى. كىملەرگىدۇر سوقۇلۇپ، كىملەرنىدۇر سوقۇپ، كىملەرنىڭدۇر ماشىنىلىرىغا سوقۇلۇپ سۈركۈلۈپ تىل ئاڭلاپ يۈرۈپ دېگەن جايغىمۇ كەلدىم، ئەمما زۇليار ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى. ئىچىمدە سەل نارازى بولۇپمۇ ئۈلگۈرگەنىدىم.
بىز بىرگە ئولتۇرۇپ رەسىمگە چۈشكەن تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ساقلىدىم، مېنى كېلىڭ دېگەن ئادەم شۇنچە ساقلىساممۇ كەلمەيۋاتاتتى. بىر نەرسىنىڭ پۇتۇمغا يېنىڭ تېگىشى بىلەن چۆچۈپلا قارىدىم، تىزگىنەك بىلەن باشقۇرىلىدىغان كىچىك بىر ئويۇنچۇق دالا ماشىنىسى، ئالدىدىكى ئىككى ئورۇندۇقتا بىر كىچىك ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنىڭ قونچىقى ئولتۇرغان، قارىماققا ئوغۇل بالا مۇشۇ ماشىنىنى ھەيدەۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. كەينىدە بولسا بىر تال قىپقىزىل ئەتىرگۈل. ھەيرانلا قالدىم، شۇ ئارلىقتا زۇليار نەدىن پەيدا بولدىكىن يېنىمغا كېلىپ، ئويۇنچۇق ماشىنىدىكى گۈلنى ئادلى، يانچۇقىدىن كىچىك بىر قۇتىنى چىقىرىپ ئىچىدىن پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن ئۈزۈكنى ئېلىپ ماڭا تەڭلىگەچ دېدى:
- قانداق قىلسام سىزنى خوش قىلالايدىغىنىمنى بىلمىدىم. ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز زىلالە؟ ئاللاھ خالىسا سىزنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن، باشقىلاردەك دەبدەبىلىك مۇھەببەت سۆزلىرىنى قىلالمايمەن، ئەمما ئىشىنىڭكى سىزنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىمەن.- زۇليارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم، مەن قانچە قېتىملاپ چۈشلىرىمدە كۆرگەن، قانچە قېتىملاپ ئارزۇ قىلغان ھە مۇشۇنداق بولىشىنى... ئەمما نېمىشقىدۇر خۇشال بولالمايۋاتاتتىم. زۇليارغا نېمە دېيىشنى بىلمىدىم، باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ بېقىشىم كېرەكتە.
- زۇليار جېنىم بۇ يەردە نېمىشقىلىۋاتىسىز؟- قۇلۇقۇمغا يەنە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى زورى بىلەن ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ھېلىقى قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.قىز كېلىپلا يەنە زۇليارغا گىرە سالدى، توۋا بۇ قىزدا ھايا يوقمىدۇ دەپلا قالدىم. بۇ يەردىن كېتىشىم كېرەك ئىدى، ئەمما نېمىشقىدۇر پۇتلۇرۇمغا ماڭا بويسۇنمايۋاتاتتى. كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا زۇليارغا قارىدىم، ئۇ بولسا نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەن كىچىك بالىدەك تەمتىرەپ تۇراتتى.
- ھە بەگزات دېگەن ئاغىنىڭىزنىڭ مابىتىغۇ بۇ نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ ۋوي ئۈزۈك! ماڭا ئالغانمىتىڭىز زۇليار؟- دەپلا زۇليارنىڭ قولىدىكى ئۈزۈكنى تارتىپ قولىغا سېلىۋالدى، ئۇنىڭ ماڭا قارىغۇدەك چولىسى يوق ئىدى.
- ياق ....ياق.. سىزگە ئالمىدىم، ئۈزۈكنى قايتۇرۇپ بېرىڭ نىگارە. بۇنى مەن زىلالەگە ئالغان. ياقتۇرسىڭىز مەن قايتىدىن ئېلىپ بېرەي.
- نېمىشقا بۇ قەلەندەرنىڭ قىزىغا ئۈزۈك ئېلىپ بەرگۈدەكسىز؟ توي تەلىپى قويمايۋاتقانسىز ھە؟
- ھەئە، توي تەلىپى قويىۋاتىمەن، ئۈزۈكنى قايتۇرۇپ بېرىڭ نىگارە.
- نېمە قىلغىنىڭىز بۇ زۇليار؟ ئائىشە ئاپام مېنى قىزىم دەپ يۈرىۋاتسا، سىزمۇ مېنى ئالىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىزغۇ؟ نېمە مەندىن تانماقچىما؟ بۇ ئۈزۈكنى قايتۇرىۋالىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ، سىز مېنىڭ زۇليار ئاڭلاپ تۇرۇڭ سىز مېنىڭ بۇ بۇزۇققا سىزنى ھەرگىز تارتقۇزۇپ قويمايمەن.
- نىگارە نېمە دەۋاتىسىز مەن قاچان سىزنى ئالىمەن دېدىم؟
- ئالىمەن دېگەنتىڭىزغۇ، تانماقچى بولىۋاتامسىز؟ مۇشۇ چىرايىنىڭ تايىنى يوق ھاراقكەشنىڭ بۇزۇق قىزى ئۈچۈنمۇ؟
چاڭڭىدە!!! قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىز كەينىگە يېقىلىپ چۈشتى. بېرىپ قىزنى يۆلىدىم، ئەمما قىز مېنى شۇنداق قاتتىق ئىتتىرىۋەتتى، كۆلنىڭ بويىدىكى رېشاتكىنى تۇتۇپ ئۈلگۈردۈم بولمىسا ئەھۋالىم چاتاق ئىدى. باياتتىن بېرى تۇتۇپ كەلگەن يېشىمنى ئېقىشى بويىچە قويىۋەتتىم. دادامنىڭ ھاراقكەش ئىكەنلىكىنى بۇ قىز قانداق بىلىدىغاندۇ؟ نېمىشقا ماڭا ھاقارەت قىلىدۇ؟ جانسىز پۇتلۇرۇمنى سۆرەپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭغىنىمدا زۇليارنى قولۇمدىنلا تۇتۇۋالدى.
- كەچۈرۈڭ قاتتىق ئۇرىۋەتتىم ئەمما ئاڭلاپ تۇرۇڭكى نىگارە مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم، بىردىنبىر سۆيىدىغىنىم زىلالە، ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللىغان قىز زىلالە. پەقەت ۋە پەقەت زىلالە. سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، ھەم ياخشى كۆرىشىم مۇمكىن ئەمەس. سىز ئەقىللىق ھەم چىرايلىق قىز، سىزنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسرايدىغان، ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىرى بىلەن توي قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. سىزنىڭ ياخشى كۆرىشىڭىزگە لايىق كەلمەيمەن ئەمدى مەندىن ئۈمىد ئۈزۈڭ، ۋاز كېچىڭ ماقۇلمۇ؟ ئانامغا مەن ئۆزۈم چۈشەندۈرۈپ قويىمەن.
- نېمە سىز مەندىن شۇنداقلا تانماقچىمۇ؟ مەندىنغۇ تانارسىز قورسىقىمدىكى ئۆىڭىزىڭىزنىڭ پۇشتىدىنمۇ تانامسىز؟- دېگەن گېپى بىلەن تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى زۇليار.
- قالايمىقان جۆيلىمەڭ نىگارە! نېمە ...نېمە بالا؟؟؟؟؟- زۇليارنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك ئۈنلۈك چىقىپ كەتتى، كۆزلىرىمۇ چەكچىيىپلا كەتتى. ئۇنىڭ بۇ قەدەر غەزەپلەنغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. بۇ يەردە تۇرىۋېرىشكە تاقىتىم قالمىدى دە، زۇليارنىڭ قولىنى كۈچەپ سىلكىۋېتىپ يۈگۈرگىنىمچە بۇ نەس باسقان جايدىن ئايرىلدىم. كۆز ياشلىرىم ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. يۈگرەۋاتىمەن، توختىماستىن يۈگرەۋاتىمەن، كۆزلىرىمگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى، بىركىملەرگە سوقۇلۇپ، ئاللاكىملەردىن ئىزا ئاڭلاپ دېگۈدەك يۈگرەۋاتىمەن.
«جاڭ!!!!» بېشىمدىن يۇلتۇز ئۇچۇپ كەتتى، ئىشقىلىپ مۇشۇنداق نېسى تاياقلاردىن خېلىلا تەلىيىم بار مېنىڭ زادى. ئاستاغىنە يىغلاشنى توختۇتۇپ ئاۋايلاپقىنا بېشىمنى سىلىسام بىردەمدىلا تۇخۇمەك بوپ ئىششىپ قاپتۇ. ئەتراپىمدا شۇنچە جىق ئادەم، ئەمما ھەممىسى ئۆ ئىشى بىلەن ماڭا قارايدىغان كۆزىمۇ يوق. تونۇمىساممۇ بىرەرى كېلىپ قاتتىق ئۈسسىۋالدىڭىزمۇ؟ ئاغرىۋاتامدۇ؟ دېسە قانچىلىك خوش بولارمەن ھە... ئەپسۇس ئەمما ئۇنداق بولمايدۇ، خىيالىدا يوق جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ تېلىفۇنىغا دۈم چۈشۈپ ئويۇنىنى ئوينايدۇ، ياكى بولمىسا ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويۇپ ئۆ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولسا، بەزىللىرى بولسا مەسخىرلىك قاراپ قويۇپ يېنىدىكىلەر بىلەن كۇسۇرلىشىدۇ خالاس. بۇلارنى ئويلايمۇ ياكى بېشىمنىڭ ئاغرىغىنىنىمۇ ۋە ياكى بولمىسا بايىقى چۈشىنىكسىز كۆڭۈل زېدە قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ؟ بولدىلا ھېچ نېمە ئويلىماي. ئۆزۈمنى، كۆزۈمنىڭ يېشىنى زورىغا بېسىپ ئاران تەستە ئۆيگە كېلىۋالدىم.
- ۋوي بېشىڭىزغا نېمە بولدى؟ ئۈسسىۋالدىڭىزمۇ؟ ئاغرىۋاتامدۇ؟- ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا بۈگۈن بالدۇر ئىشتىن چۈشكەن ئايزىبا ھەدەم سوئال دېگەننى ياغدۇرۇپلا ۋەتتى، ئۈنسىز بېشىمنى لىڭشىتتىم.
- كېلىڭ مەن دورا سۈرتۈپ قوياي.
.......
تېلىفۇنۇم تىترەپ كەتتى، زۇلياردىن كەلگىنى ئېنىق بولغىنى ئۈچۈن كۆتۈرمىدىم. كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى شۇنچىلىك يېرىم، يىغا تۇتۇپلا تۇرىدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈنلىكى مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ. بىر كېچە مەن ئۈچۈن ئۇيقۇ ھارام بولدى. كۆز ئالدىمدا نىگارە دېگەن قىزنىڭ ھەركەتلىرى، قۇلاق تۈۋىمدە دېگەن گەپلىرى بىردەممۇ نېرى كەتمەي مېنى قىيناۋاتاتتى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى راسمىدۇ؟ ئەجىبا ئۇ قىزنىڭ قورسىقىدىكى بالا راسلا زۇليارنىڭمىدۇ؟ تۈنۈگۈن مەن كەتكەندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بەرگەندۇ؟ كاللامدا ھەرخىل خىياللار ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى. گەرچە پەرىشان كۆڭلۈم، ئويچان كۆزۈم، ئايزىبا ھەدەم بىلەن ئاسىيەنىڭ دىققىتىنى تارتىپ مەندىن نېمە ئىش بولغانلىقى سوراتقۇزغان بولسىمۇ ئۇلارغا ھېچ نېمە دېمىدىم.
ئەتىسى دەم ئېلىۋېرىشنى لايىق كۆرمەي خالىمىساممۇ ئامال يوق ئىشقا بېرىۋەردىم، پۇت-قوللۇرۇم مېنىڭ ئەمەستەك ئىشنى قولاشتۇرماي پالاكەتلىك قىلىپلا تۇراتتى. كۆز ياشلىرىممۇ بۇيرۇقۇمغا بوي سۇنماي ھەدەپ تۆكۈلىۋاتاتتى. نېمىشقىكىن زۇليار كۆرۈنمەيتتى، بەلكىم تۈنۈگۈنكى ئىش سەۋەبلىك بولسا كېرەك.
- قېنى ماۋۇ زىلالە دېگەن قانجۇق چىقە بۇ ياققا!!!!
- ھە مانا مەن نېمە ئىش ئىدى؟
نىگارەنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىققان مەن «چاڭڭىدە» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كەينىمگە ئۇچۇپلا كەتتىم، ئەگەر بۇ تاياقنى يېمىگەن بولسام قىزلارنىڭ قولىنىڭ بۇنچە قاتتىقلىقىنى بىلمەس ئىدىم. ئاسىيەنىڭ يۆلىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇراي دېيىشىمگىلا نىگارە كېلىپلا يەنە بىر تەستەك سېلىۋەتتى.
- قولىڭىزنى تارتىڭ نېمىشقا ئۇرىسىز زىلالەنى؟
- نېمىشقا ئۇرمىغۇدەكمەن بۇ قەلەندەرنىڭ قىزىنى، بەگزاتنى ئازدۇرغاننى ئاز دەپ زۇليارنى تارتىۋالماقچىمۇ تېخى ھالىڭغا باقماي. ئاڭلاپ تۇر زۇليارنى سەن سەھرالىققا تاشلاپ بېرىدىغانغا ئۇنداق يۇۋاش نىگارە ئەمەس مەن. قېنى قىزلار ئۇرۇڭلا بۇ ئۆزىنى بىلەلمىگەن بۇزۇقنى.- نىگارە شۇنداق دېيىشى بىلەن نەدىن كەلدىكىن بىرمۇنچە ھەر بەستلىك قىزلار كېلىپ ئاسىيەنى ئىتتىرىۋېتىپ ئۈستەلگە يۆلىنىپ ئاران تۇرىۋاتقان مېنى چاچلىرىمدىن تارتىپ ئۇرۇپلا كەتتى. توۋا قىزلار ئۇرۇشسا ئوغۇللاردىنمۇ بەك قاتتىق قول بولۇپ كېتىدىكەن، چىمداش، چاچلىرىمنى يۇلۇش، يەنە تېخى تېپىش دېگەنلەر ئايىماي تېگىۋاتاتتى. يۈزلىرىمنى بىلەكلىرىم بىلەن ئاران توسۇدۇم. ئاسىيەمۇ قىلزلارنى توسۇپ بولالماي مەن بىلەن بىللە تاياق يىدى، رېستۇراننىڭ ئىچى مەن بىلەن ئاسىيەنىڭ يىغىسى، بىزنى ئۇرىۋاتقان قىزلارنىڭ «ئۇرە، ئۇرە» لىرى تولغان ئىدى. ئەتىگەن بولغىنى ئۈچۈن ئانچە خېرىدارلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. بارلارمۇ نىگارەنى توسىۋېلىشتا يوق خىيالى ئويۇن كۆرۈپ تۇرىۋاتاتتى، تېخى ئالىي دەرىجىلىك يانفۇنىلىرىنى چىقىرىشىپ رەسىمگە تارتىپ سىنغا ئېلىپ ئۈلگۈرگەنلەرمۇ بولدى. كىشىلەردىكى ئادىمىيلىكنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا قاراپ ئېچىندىم، مەسئۇلىمىز ئەكبەرمۇ بۈگۈن رۇخسەت سوراپ كەلمەپتىكەن، باشقا قىزلارمۇ بۇلارنى توساپ توساپ بولالمايۋاتاتتى. ئاخىرى ئاشخانىدا تاماق ئېتىدىغان مەردان باشلىق بىر قانچە ئوغۇللار كېلىپ قىزلارنى توسۇپ جېدەلنى بېسىقتۇردى، ئىشىكتىن بەگزاتنىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى خىرە كۆردۈم قالغىنى ئېسىمدە يوق.
- قانداق يۈرىكى قاتتىق قىزلاركىن ئۇ توۋا مۇشۇنداقمۇ ئۇرغان بارمۇ؟ قارا ئاكا بىچارە زىلالەگە ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، پۇتى يەنە سۇنۇپتۇ. ئاسىيەنىمۇ شۇنداق قاتتىق ئۇرىۋېتىپتۇ. زۇليارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى باركەن ئۇ بىر نېمە بىلەن تۈرمىگە سولىتىۋېتىدىغان نېمىكەن ئەسلى. بىچارە سىڭلىم يەنە قاچانغىچە ئاغرىق ئازابى بىلەن قىينىلار- قۇلاق تۈۋىمدە ئايزىبا ھەدەمنىڭ يىغا ئارلاش ئاۋازى غۇۋا ئاڭلىنىۋاتاتتى. كۆزۈمنى ئېچىشىم بىلەن ئايزىبا ھەدەم ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئەھۋال سورىدى:
- ھوشىڭىزغا كەلدىڭىزمۇ سىڭلىم مېنى بەك ئەنسىرەتتىڭىز جۇمۇ؟ قانداقراق تۇرىسىز؟- گەپ قىلغۇدەك ھالىم يوق كۆزۈمنى ئاران - ئاران ئېچىپ تۇرىۋاتاتتىم.
- رەھمەت ھەدە ياخشى بوپ قالدىم- دېدىم ئۆزۈممۇ تەس ئاڭلىغۇدەك قىلىپ ئارانلا. قانچىلىك تاياق يېگىنىمنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردۈم، قوللىرىمغا بىر نەرسىلەر قىسىلغان، پۇتۇم گىپىسلانغان ھالەتتە تۇراتتى. تۇيۇقسىز ئاسىيەنى ئېسىمگە ئالدىم، ئۇمۇ مەن بىلەن تەڭ تاياق يېگەن ئىدى.
- مەن ھېچنېمە بولمۇدۇم، ئاسىيە قانداقراق؟- دېدىم ئۈنۈمنى ئاران چىقىرىپ.
- ئۇمۇ خېلى ياخشى بوپ قالدى، باياتتىن كىرىپ يوقلاپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ قوشنا ياتاقتا، مەردان ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، ئەنسىرىمەڭ.- ئايزىبا ھەدەمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشكەن بولسىمۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتىم. ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ قولىدا بىر دەستە گۈل ۋە بىر مۇنچە نەرسە كۆتۈرىۋالغان زۇليار كىرىپ كەلدى.
خۇددى ئۇنىڭدا ئۆچۈم باردەك، بۇ ئىشلارغا شۇ سەۋەبچىدەك ئۆزۈمچە قېيداپ كەينىمنى قىلىپ تۇرىۋالدىم، بەگزات بىلەن ئايزىبا ھەدەممۇ خۇددى ھېچنېمىنى كۆرمىگەندەك پەرۋاسىز ئولتۇرىۋالدى. سىلىق سالام بىلەن كىرىپ كەلگەن زۇليار بۇنىڭدىن بەك ھەيرانلىق ھېس قىلغان بولسا كېرەك تۇرۇپلا قالغانىدى.
- زۇليار بەگ كېلىپ قاپتۇ ھە، زىلالەنى قانداقراق تاياق يىگەندۇ دەپ كەلدىڭىزمۇ؟ ياكى ئېچىشقان يېرىگە تۇز سەپكىلى كەلدىڭىزمۇ؟ نىگارەنىڭ قورسىقىغا بىرنى ئۈندۈرۈپ قويغاندىكىن ئەمدى زىلالەنى ئىزدىمەڭ، ئەجەپمۇ قېلىن ئادەمكەنسىز، خېلى كاللىسى جايىدا ئادەم ئوخشايدۇ دېسەم ئېسىت....- ئايزىبا ھەدەم ئېغىز ئېچىپ يەنە بىرمۇنچە قاتتىق گەپ قىلدى. ئايزىبا ھەدەمنىڭ نىگارەنىڭ ئىشنى بىلىدىغانلىقىغا ھەيران قالدىم، چۈنكى بۇ ئائىلىدىكىلەرگە مەن بۇنى دېمىگەنىدىم.
- نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايزىبا، نىگارەنىڭ ئاشۇ گېپىگە سىزمۇ ئىشەندىڭىزمۇ؟ بىرەرسىڭلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىپ باقساڭلار بولمامدۇ. ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىلىسىلەرغۇ؟
- ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىز ئەلۋەتتە، ئەمما بىر قىز بالا قاراپ تۇرۇپ ئۇنداق ئۇياتلىق گەپ بىلەن باشقىلارنى ئالدىماس دەپ ئويلايمەنغۇ. يەنە كېلىپ سىزنى چۈشەنمەي قانداق قىپتىمىز؟ ئەمەلىيەتتىن سۆزلەۋاتىمەن. ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسما. قاراڭ بىچارە زىلالەنىڭ ھالىغا، مۇشۇنداق ئۇرىۋەتسە ئۆزىمۇ بىر قىز بالا تۇرۇپ.... سىزمۇ بىر ئوغۇل بالا بولغاندىكىن. ئۇنداق ئىش قىلمىغان بولسىڭىز ئىككى - ئۈچنى سېلىپ قويۇپ يوقال دېمەمسىز؟ يا بىر جاراڭ - جۇرۇڭ گەپ قىلالمىسىڭىز، ئۇنداق قىزلار ئەلۋەتتە چاپلىشىدۇ سىزدەك يۇمشاق باشقا...
- بولدى ئايزىبا، بولدى قىل. ئەگەر ئۇ شۇنى خالىسا ئىدى، نىگارەدىن ئاللىقاچان قۇتۇلالايتتى. زۇليار بۈگۈنچە قايتىپ تۇر. ئاداش باشقا كۈنى ئاچچىقىمىز يانغاندىراق كېلەرسەن- دەپ قايناۋاتقان ئايزىبا ھەدەمنى توخۇتتۇپ زۇليارنى ئەكەلگەن نەرسىللىرى بىلەن قوشۇپلا ئىتتىرىپ دېگۈدەك يولغا سېلىپ قويدى بەگزات. مەن ئاللىقاچان يىغلاپ ئېقىپ كېتىپ بولغانىدىم، بۇنداق پاراكەندىچىلىكلەر ماڭىلا ئۇچرامدىغاندۇ؟ قارغىشقا ئۇچراپ كەتكەن شور پېشانە بولغۇيمىتىم يا؟ ئىشقىلىپ قالايمىقان خىيال سۈرۈپ ئۆزۈمنى بولىشىغا تىللاپ تۇرىشىم ئايزىبا ھەدەم مېنى خىيال قوينىدىن تارتىپ چىقاردى.
- گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپتۇققۇ سىڭلىم، قانداق قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟
- ياق ھەدە ئاچمىدى.- يېنىككىنە بېشىمنى چايقىدىم، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا گلىمدىن تاماق ئۆتەتتىمۇ.
- بولدى ئايزىبا ئۇنىڭغا قارىساڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالسىمۇ بىر نەرسە يەيمەن دېمەيدۇ ئۇ چىرايلىق. ئۆزۈڭ تاماق يىگەچ زىلالە بىلەن ئاسىيەگە زىيان قىلمايدىغان سىڭىشلىق بىر نەرسە بۇيرۇتۇپ، مەن بىلەن مەردانغا ئۆزۈڭ خالاپ بىر نەرسە ئەكىرە.
- بىللە چىقساق بولمامدا؟
- زىلالەگە چىم قارايدۇ خان؟
- ۋايجان مەن قالاي سەن چىقىپ ئەكىرەمسە يا ئاكا؟
- جىق گەپنى ئاز قىلىپ تۇرە ھورۇن قىز، ھەرىكەت قىلساڭ ئورۇقلايسە بولە.
- خەپ ئاكا خەپ سېنى ماڭسام ماڭدىم، شۇنداق دېگەن يېرىڭگە تامىقىڭغا ئاقمۇچ، قارامۇچ، قىزىلمۇچ، يېشىلمۇچلارنى توننىلاپ سالدۇرۇپ ئەكىرمىسەم،- دەپ شەيتانلىق قىلىپ تىلىنى چىقىرىپ قويدى ئايزىبا ھەدەم.
- ھە تېخى شۇنداق قىلغىنىڭنى بىر كۆرەي.- ئىككىسى تالىشىپ چاقچاقلىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئايزىبا ھەدەم تاماق ئەكىرگىلى ماڭدى. بەگزات بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي كارۋاتنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭغا شۇنچە گەپ قىلغۇم، نىگارە دېگەن قىز توغرۇلۇق سورىغىم بولسىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم.
- زىلالە نىگارە توغرۇلۇق ھېچ گەپ سورىمايسىزغۇ؟- خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا.
- ھە شۇ بىلگۈم يوق.- ئوتتەك بىلگۈم بار بولسىمۇ يالغان ئېيتىپ قويدۇم.
-بىلىمەن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قىززىقىدىغانلىقىڭىزنى بولدىلا سىزنى خىجىل قىلماي ئۆزۈملا دەپ بېرىۋېرەي. نىگارە تولۇق ئوتتۇرىدا بىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان. نىگارەنىڭ ئانىسى بىلەن زۇليارنىڭ ئانىسى يېقىن دوست بولغاچقا ئىككىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇشقا دېيىشكەن، ئەمما زۇليار بۇنىڭغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى. ئانىسىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئارتۇق گەپ قىلماي، كەينىگە سۈرۈپ ھازىرغا كەلگەندە، ئانىسى بەك چىڭ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق ئىچكىرىگە كىرىپ يۈردى، ئەمما ئانىسى شۇنداقتىمۇ ئۇنى ئىچكىرىدىنمۇ تېپىپ ئەكىلىپ تويغا مەجبۇرلىدى. دادىسى ئاساسەن دېگۈدەك ئىچكىرىدىن چىقمايدىغان بولغاچقا ھەممە ئىشنى زۇليارنىڭ ئانىسىغا تاپشۇرۇق بەرگەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئائىلىدە شۇ ئايالنىڭ دېگىنى ھېساب. نېمىشقىكىن بىلمەيمەن، بەلكىم نىگارە زۇليارنى ياخشى كۆرەمدىكىن ئىشقىلىپ زۇليارغا چاپلىشىۋېلىپلا يۈردى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق ئىش بولغىنى بىزلەرگە نامەلۇم، نىگارە سىزگە ھېلىقى گەپنى دەپ رېستۇراندا جېدەل تېرىدى. بۇ گەپ بەلكىم زۇليارنىڭ ئانىسىنىڭ قۇلۇقىغا يېتىپ سىز بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىشى مۇمكىن، شۇڭا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.- بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە بىرخىل بوپ قالدىم، ئۇ ئايال مېنى نېمىشقا ئىزدەيدۇ؟ مەن يا زۇليارغا چاپلىشىۋالمىسام، يەنە كېلىپ... كېيىنكى خىياللىرىمنى ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم، ئىشقىلىپ بىلىپ بولمايدىغان ئازاب مېنى چىرماپ ئالدى، كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زىلالە خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟- مەرداننىڭ يۆلىشى بىلەن ئاسىيەنىڭ كىرىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ ئېسىمدە يوق تاس قاپتىمەن تۇرۇپ كەتكىلى، بەگزات ئەسكەرتمىگەن بولسا چوقۇم ئورنۇمدىن تۇرۇپ سالام قايتۇرۇپ ئۇنى قۇچاغلىغان بولاتتىم. سالام قايتۇرۇپ ئەھۋاللىشىپ بولغۇچە يەنە بىرمۇنچە كۈلكە تېرىپ بەردىم. قارىماققا ئاسىيەمۇ خېلى تاياق يىگەندەك تۇراتتى، شۇنداقتىمۇ مېنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ ئالدىمدا ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ تەمكىن كۆرىنىشكە تىرىشىۋاتاتتى.
- ئاسىيە ئەجەپ قاملاشمىغان ئىش بولدى سىزنىمۇ سۆرەپ كىرىپ بىر مۇنچە دىشۋارچىلىق تارتقۇزدۇم كەچۈرۈڭ.
- نېمە دەۋاتىسىز زىلالە، دوستلار ئارىسىدا قانچىلىك ئىشتى بۇ. مەن تۇرۇپ سىزنى تاياق يېگۈزگىنىمدىن بەكمۇ خىجىلمەن.
- ئۇنداق دېمىسىڭىزچۇ....
- ھە مەن دوستلۇققا يارىمايمەن ھە، ئېسىت شۇ چاغدا مەنمۇ بوپ قالغان بولسام، ئېغىز-بۇرنىنى چۇۋۋىتەتتىم ئۇلارنىڭ...
- ھە قانداق قىلاتتىڭ يەنە، تولا يوغان سۆزلىمە ھە سەن ئايزىبا، قانچىلىكلىكىڭنى مەن ئوبدان بىلىمەن.
- ۋاي ئاللا ئادەمنىڭ گپىنىمۇ قىلغىلى قويماي، ئىشقىلىپ سېنى ئاكا خەپ زادى.
- بۈگۈن ئەجەپ جىق خەپ دېدىڭ ھە ئايزىبا ساناپ باقە قانچە قېتىم دەپسەن.
- ئاكا بولدى قىلساڭچۇ، سەن بار يەردە گەپ قىلىشتىنمۇ قورقىدىغۇ زادى كىشى. بولدى گەپ قىلمىساملا بولدىغۇ.
- تالاشمىساڭلارچۇ؟ بەگزات سەن ئاكىسى بولغاندىكىن سىڭلىڭغا يول قويغىنا ئاداش.
- ئاڭلىدىڭمۇ ئاكا ھى ھى ھى ماڭا يول قوي ھە سەن چوڭ بولغاندىكىن.
- ۋاي ماقۇل ئاچا ئىنى ئىككىڭلا بىر بولىۋالدىڭلا ھە.
- ھە!!!!!
- نېمە؟؟؟؟
- ئاكا نېمە دەپ جۆيلىۋاتىسەن؟
- كەچۈرۈڭلا ھە ئىككىڭلا بىر بولۇپ دېمەكچىتىم خاتا سۆزلەپ ساپتىمەن.
- مۇنداق دېمەمسە نېمە دەيدىغاندۇ بۇ ئاكام دەپ قاپتىمەن، قېنى كېلىڭلا تالاشماي تاماق يەيلى، سوۋۇپ كەتتى ھېلىمۇ.- شۇنداق دەپ بۇ دەتالاشمۇ توختىدى. ئەمما مەردان ئاللىقاچان بەگزاتقا گۇمانلىق نەزىرى بىلەن تىكىلىپ بولغانىدى، بەگزات بولسا مەرداندىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ باشقا ياققا قارىۋالدى. مەنمۇ تېگى يوق خىياللارغا چۆكۈپلا كەتكەنىدىم.
........
دوختۇرخانىدا بىرەر ئايدەك ياتتىم، ئاڭلىشىمچە ھېلىقى قىزلار بارلىق دوختۇر پۇلۇمىزنى تۆلەيدىغان ھەم تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىككى ئاي تەربىيلىنىدىغان بوپتۇ. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئاسىيەنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولمىغاچقا ئىكككى ھەپتە ئۆيدە ئارام ئالغاندىن كېيىن ئىشقا چۈشۈپ كەتتى. زۇليار كۈندە دېگۈدەك بىر مۇنچە نەرسىلەر بىلەن يوقلاپ كېلەتتى، دائىم تەتۈر قاراپ تۇرىۋالاتتىم، ئۇمۇ تېرىكمەي-زېرىكمەي ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قوياتتى، بەزىدە مەن گەپ قىلماي تەتۈر قاراپ ئولتۇرساممۇ ئۆزىچە گەپ قىلىپ بېرەتتى. بەگزاتمۇ ئاساسەن يېنىمدىن ئايرىلماي ھالىمدىن خەۋەر ئالدى. نىگارە دېگەن قىزمۇ بىر قېتىم ئۆيدىكىللىرى بىلەن كېلىپ كەچۈرۈم سوراپ قايتىپ كەتتى. ئاتا-ئانىسى مەجبۇرلىغاندىن كېيىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزىدىن ئۆلسىمۇ مەندىن كەچۈرۈم سورايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئىشقىلىپ ھەر ھالدا خوش بولدۇم.
بۇ قېتىم شۇنداق ئۇزۇن ئارام ئالدىم، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆي ئىچىدە ھاسىدا ئاقساپ بولسىمۇ ماڭغۇدەك بولدۇم، ئەمما ھەر بىر قەدەم ئالغىنىمدا شۇنداق قاتتىق بىر ئاغرىق مېڭەمدىن كىرىپ تاپىنىمدىن چىقاتتى. شۇنداقتىمۇ يېتىۋېرىشتىن زېرىكىپ چىداپ مېڭىشنى مەشىق قىلاتتىم. كېيىنچە بەگزات كۈندە دېگۈدەك بىنانىڭ ئىچىدىكى گۈللۈككە ئېلىپ چۈشۈپ ھاۋا يېگۈزىدىغان بولدى، ئۆيگە چىقىپ چۈشكىچە ئۇنىمىسام ئۇنىماي كۆتۈرىۋالاتتى. بەزىدە بىرگە كىتابخانا ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ كېلەتتۇق، بەزىدە ئىككىىمزلا بارساق بەزىدە زۇليارمۇ ئەگىشىۋالاتتى.
ھاۋا ئوچۇق بولغان بۈگۈنمۇ كىتابخانىغا باردۇق، مەن ھاسىغا تايانمىساممۇ ئاقساپ بولسىمۇ ماڭغۇدەك بولغان ئىدىم. بەگزاتقا مۇھىم بىر تېلىفۇن كېلىپ قېلىپ ئۇ قايتقاچ تۇرىدىغان، مەن ئۇنى كىتابخانىدا ساقلايدىغان بولدۇم. خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولساممۇ كەلمىدى، بەگزات ھەركۈنى يېنىمدىن سايەمدەك بىر قەدەم نېرى كەتمەي ھەممە ئىشىمنى چەكلەپ، بىر يەرگە بارماقچى بولسام ئۆزى ئاپىرىدىغان بولغاچقا تارتىنىپ ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلالمايتتىم. ھازىر مەن ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىدى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئاستا سىرتقا چىقتىم.
كۆڭلۈمنى نېمىشقىدۇر بىر خىل بىلىپ بولمايدىغان ھېسياتلار قاپلىۋالدى، ئۆتمۈشۈمنى ھەم ھازىرقى ھالتىمنى ئويلاپ ئاقساپ كېتىپ باراتتىم. تۇيۇقسىز بىرى قولۇمنى كەينىمگە قايرىپ بىر قولى بىلەن ئاغزىمنى تۇتۇپ ياندىكى كىچىك كوچىغا سۆرەپ كىردى، قورقىنىمدىن چىرايىمدا قان دىدارى قالمىدى.
- جان لازىم بولسا يېنىڭدىكى پۇللارنى چىقار!- دەپ كىچىك بىر پىچاقنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى. شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىم، ۋارقىراي دېسەم ئاۋازىممۇ ھېچ چىقاي دېمەيدۇ، ئۈنسىز يىغلاپ تاشلىدىم.
- پۇلۇڭنى چىقار دەۋاتىمەن،- شۇنداق قاتتىق ۋارقىراپ گېلىمدىنلا سىقتى، پۇت قولۇم بوشىشىپ تۇرغان يېرىمگىلا يېقىلدىم.
- قولۇڭنى تارت ئەبلەخ!- بىرىنىڭ شۇنداق دېگىنى ھەم ھېلىقى بۇلاڭچىنى كەتكۈزىۋەتكىنى، ئاندىن يېنىمغا كېلىپ مەندىن ئەھۋال سورىغىنى، يانچۇقۇمدىن يانفۇنۇمنى ئېلىپ كىملەر بىلەندۇر پاراڭلاشقىنى غۇۋا ئېسىمدە. ھوشۇمغا كەلسەم بېشىمدا بەگزات، ئايزىبا، مەردان ھەم ناتونۇش بىر ئادەم ھەممىسى ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. ھېلىقى ناتونۇش ئادەم كۆزۈمگە شۇنداق مېھرى ئىسسىق خۇددى بۇرۇن تونۇيدىغاندەكلا بىلىنىۋاتاتتى.
- ۋاي ۋۇي سىڭلىم ئەجەپمۇ ئەنسىرەتتىڭىز ئادەمنى، ئەمدى ھەرگىزمۇ سىزنى يالغۇز سىرتقا چىقارمايمەن.
- كەچۈرۈڭ ھەدە، ھەممىڭلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردىم.
- ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگىنىڭىزنى بىلىدىكەنسىز ھە زىلالە، مېنى ساقلاڭ دېگەندىكىن جىم تۇرۇپ ساقلىسىڭىز كېلەتتىم ئەمەسمۇ؟ بەك قايتىپ كەتكۈڭىز بولسا تېلىفۇن قىلسىڭىز بولاتتىغۇ؟
- بولدى بۇ قىزنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇر؟ ئۇنى ئەيىبلەۋەرمەڭلا. قانداق ياخشى بولۇپ قالغاندەك تۇرامسىز سىڭلىم؟ بۇنىدىن كېيىن ئۆزىڭىز يالغۇز سىرتقا چىققاندا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ. قاراڭ ئۆيدىكىللىرىڭىزنى بەكلا ئەنسىرىتىۋېتىپسىز.-ماڭا ياردەم قىلغان ناتونۇش ئادەمنىڭ سىلىققىنە قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن باشقىچىلا بولۇپ قالدىم.
- ھە... ھەئە خېلى ياخشى بوپ قالدىم، كۆپ رەھمەت سىزگە سىز بولمىغان بولسىڭىز بەلكىم مەن.....- ئاخىرىنى دېيىش تۈگۈل ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي يىغلاپ تاشلىدىم.
- تۈزۈت قىلماڭ، قېرىندىشى قىيىنچىلىققا يولۇقسا قاراپ تۇرۇش ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس. يىغلىمىڭە بولدى كىچىك بالا، سىزنى ئاران تەستە كۆتۈرۈپ ئەكەلسەم مۇشۇنداق يىغلاپ بېرەمسىز؟- ئەزەلدىن يىغلاپ تۇرۇپ كۈلۈپ سالىدىغان، كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلاپ كېتىدىغان قاملاشمىغان مىجەزىم بولغاچقا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا كۈلۈپ كەتتىم.
- قاراڭ كۈلسىڭىز چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنسىز، كۈلۈپ يۈرۈڭ ھە.
- شۇ ئۆزى شۇنداق چىرايلىق بۇ جىن ئەممازە كۈلگىلى ئۇنىمايدۇ.- دەپ قېتىپ قويدى بەگزات قوشۇق سېلىپ.
- شۇنداقمۇ ئەمدى كۈلمىسە مەن ئۇنىمايمەن، كۈلۈپ تۇرۇپ جۇمۇ.- ئاستا بېشىمنى لىڭشىتتىم.
- سىزمۇ ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز، مەنمۇ قايتاي ئازراق ئىشىم بار ئىدى. ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ. خالىسىڭىز ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. بۇ مېنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرۇم.ھە راست ئىسمىم جەۋلان- ماڭا بىر كىچىك كارتوچكىنى سۇنۇپ تاتلىق بىرنى كۈلۈمسىرەپ قويغاندىن كېيىن ھەممەيلەن بىلەن بىر قاتار خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن خۇددى بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بوپ قالدىم، كەينىدىن سايىسى يىتكىچە قاراپ تۇرۇپتىمەن.
- ھەي، نېمانچە قارايسىز ئادەم كۆرمىگەندەك.- بەگزاتنىڭ كاللامغا يېنىك نوقۇشى بىلەن ئەسلىمگە كەلدىم دە، شۇنداق خىجىل بولۇپ كەتتىم.
- گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق، دوختۇرخانىغا ئامراق بوپ قالدىڭىزما نازۇك خان، بۇ يەردىن چىققىلىمۇ تېخى ئۇزاق بولمىغانتى. كۆپرەك دىققەت قىلىڭ ھە ئەمدى. ما دوختۇرلارمۇ زېرىكىپ قاپتۇ سىزدىن.
- دوختۇرلار زېرىكسە دىلزات ئاكامب ىلەن ئايزىبا ھەدەم بارغۇ ئۇلار زېرىكمەيدۇ.
- ۋاي تېخى مۇنداق گەپمۇ بار دەڭ، ئايزىبا ئاڭلىدىڭمۇ؟ قارا بۇنىڭ ئەسكىلىكىنى تېخى.
- زىلالە دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىڭە ئوماق سىڭلىم ئەھۋالىڭىز ئېغىر ئەمەسكەن.- گېپىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغاندەكلا دىلزات قولىدا بىر مۇنچە بىمارلارنىڭ ئارخىپىنى قولتۇقلىغاچ كىرىپ كەلدى.
- لەببەي دىلزات بەگ ئاكاش.
- ۋىييەي جىننى ئەجەپ گەپدان بوپ قاپسىزغۇ؟
- يامان تۇرسام مەن ھى ھى ھى
- كىم شۇنداق دەيدۇ؟
- مەن!!!
..........
توۋا ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ھېسيات، خۇددى بۇرۇن تونۇيدىغاندەكلا، قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۇنى كىملەرگىدۇر ئوخشىتاتتىم، ئەمما ئىنتايى غۇۋا. يانفۇنۇمنىڭ يېنىك تىترىشى بىلەن خىيالدىن ئويغاندىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىغلاڭغۇ سىڭلىم، قانداق ياخى بوپ قالدىڭىزمۇ؟- يانفۇننى ئۇلىشىم بىلەنلا قارشى تەرەپ ماڭا سالام قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەيلا ئەھۋال سوراپ كەتتى، ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن تونۇش ئاۋازنى ناھايىتى تېزلا تونۇۋالدىم، ياق! مەن ئەمەس يۈرۈكۈم تونۇۋالدى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكرى ئۆزىڭىزچۇ؟ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ مەن ناھايىتى بەلەن تۇرىۋاتىمەن، ۋاپاسىز تېلىفۇن قىلىپمۇ قويمايسىزغۇ مەندەك يولدىن تېپىۋالغان ئاكىڭىزغا.
- كەچۈرۈڭ شۇ..شۇ...
- ئۇنتۇپ قالدىم دېمەڭ ھە يىغلاپ كېتىمەن سىڭلىم مېنى ئۇنتۇپ قاپتۇ دەپ.
- ھە..شۇ.. كەچۈرۈڭ نومۇرىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتىمەن.
- مەنمۇ مۇشۇنداق باھانە تاپارمىكىن دەپ ئويلىغان بوپتۇ، ئەمدى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە.
- ماقۇل......
خۇددى كونا تونۇشلاردەك ئۇنى بۇنى دېيىشىپ يۈرۈپ بىرەر سائەتتەك پاراڭلىشىپتىمىز، بۇ يانفۇننى ئىشلەتكەندىن بۇيان ھېچكىم بىلەن بۇنچە ئۇزۇن پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدىم. كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە خۇددى ئۇنى تونۇيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، بەگزاتمۇ ئۇ نومۇرنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ، كۈندە نەچچە ۋاق تېلىفۇندا پاراڭلىشىپ شۇنچىلىك يېقىن بولۇپ كەتكەنىدۇق. ئەمما تېلىفۇندا ئۇزۇن پاراڭلاشساق ئاۋازى بىر خىل تىترەپ چىقاتتى دە تېزلا قويىۋېتەتتى، بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن كەچۈرۈم سوراپ قايتا تېلىفۇن قىلاتتى. كۆرۈشسەكمۇ بەزىدە بىر خىل تىترەپ جۇغۇلداپ، چېكىسىدىن تەر قۇيۇلۇپ كۆزىنىڭ ئېقى باشقىچە بولۇپ كېتەتتى، بۇنداق ۋاقىتلاردا تېزلا خوشلىشاتتۇق. ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سوراشقا پېتىنالمايتتىم، بەگزاتمۇ زۇليار بىلەن كۆرۈشسەم ئاچچىقلىسا جەۋلان ئاكام بىلەن كۆۈشسەم ھېچ نمە دېمەيتتى. گىچماچ خىياللار بىلەن كۈنۈم «نۇرغۇنلىغان نېمە ئۈچۈن؟» لەر بىلەن ئۆتمەكتە.
داۋامى بار
مۇنبەرداشلارنى ساقلاتقىنىم ئۈچۈن ئۆزرىلىكمەن |
|
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.
|
|
|
|
|