|
قەبرىستانلىققا بېرىپ ئانامنىڭ، دادامنىڭ ۋە ئايگۈل ھەدەمنىڭ تۇپراق بېشىدا ئۈنسىز يىغا بىلەن ئۇزاقتىن - ئۇزاق دۇئا قىلدۇق. ئايزىبا ھەدەم شۇنداق ئېزىلىپ يىغلاپ كەتتى، ھەممىمىز ئۇنىڭغا تەسەللى بەردۇق. كەچتە ئۆيگە قايتىپ تاماق ئېتىپ يەپ بولغاندىن كېيىن ھەمممىز ياسىن تاغامنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق، ئۇنىڭ ئەھۋالى پەقەت ياخشى ئەمەس ئىدى، شۇنداق قاتتىق ھۆتىلەتتى، قېقىلاتتى، قىززىتمىسى تۈنۈگۈندىن بېرى چۈشمىگەن ئىدى. دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى دېسەكمۇ پەقەت ئۇنىمىغانىدى.
- كېلىڭلا باللىرىم، يېنىمدا ئولتۇرۇڭلا، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەيۋاتىمەن،- دېدى قىزىرىپ-تاتىرىپ ئارانلا.
- باشتىن تارتىپ دېسىلە، كىملەرگە زىيان سالغانلىقلىرىنى ھەممىنى ئېنىق ئوچۇق دېسىلە، كۆڭلىمىزدىكى تۈگۈن يېشىلسۇن.- ئاكام ياسىن تاغامنىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
- ماقۇل بالام، ماقۇل، ھەممىنى دەيمەن. ئەمسە مەن يامان يولغا كىرىپ قالغان ۋاقتىمدىن تارتىپ سۆزلەپ بېرەي، مەن تولۇقسىزنىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن، ھەممە ئوقۇتقۇچىلار كادىر بولىدۇ بۇ دەپ مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن. ئەمما تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا جەمىئەتكە چىقىۋالدىم، بەزىبىر يامان يولدىكى تەڭتۇشلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئاتا-ئانام بەكمۇ دىندار كىشىلەردىن بولغاچقا مېنى ئۇنداقلار بىلەن ئارلىشىشتىن قاتتىق توساتتى، باشتا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى تارتتىم ئەمما بارا-بارا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى مېنى قىززىقتۇردى، ئۇلارنى پەقەت تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىپلا يۈرىيدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمما ئۇلار مەن ئويلغاندىنمۇ بەك مۇرەككەپ ئىكەن. ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ئېتىزغا چىقىپ ئىشلەشتىن شۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشنى راھەت ھېس قىلدىم. مەنمۇ ئىچىپ-چېكىپ يۈرىيدىغان، بەزىدە ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىقمۇ قىلىدىغان بولدۇم. ئاتا-ئانام ماڭا نەسىھەت قىلىپ ئاڭلىتىپ بولالماي ئاخىرى مەندەك ۋاپاسىز پەرزەنتىدىن كەچتى. مەن يالغۇز بالا بولغاچقا ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىدىغان ھەمدەم بولىدىغان باشقا ياردەمچىسى يوق ئىدى، ئۇلارغا چىدىماي كۆز ياشلىرىمنى ئايىماي تۆكۈپ تۆۋە قىلىپ ياخشى ئادەم بولىمەن دەپ قىلغان قەسەملىرىم يەنە ئاشۇ«قەدىناس ئاغىنىلىرىم» نىڭ ۋەسۋەسىللىرى بىلەن يوق بولدى.
بارا-بارا قىمار ئوينايدىغان يامان ئادەتنىمۇ يۇقتۇرىۋالدىم، ئۇتتىرىۋەتكەن كۈنلىرىمدە شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر يېقىنىمدىن پاچاق تارتىپ قەرز ۋاقتىنى سۈردۈم. ئەمما ئۇتتىرىۋەردىم، ھەپتىنىڭ ئىككى كۈنىدە ئۇتىۋالسام باشقا كۈنلىرى ئۇتتۇراتتىم. تاپقان ھارام پۇللىرىمدىن ئۇتتۇرۇپ قەرىزگە بوغۇلغۇنۇم كۆپ بولدى. كېيىن ئايگۈل بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. گەرچە ھەممىنىڭ ئېغىزىدا ئەسكى بولساممۇ ئۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، چىرايلىق تەربىيە قىلاتتى، يامان ئادەتلەر قان-قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن ماڭا ئۇنداق چىرايلىق تەربىيەلەر ئاقاتتىمۇ؟ ئېغىزىمنىڭ ئۇچىدا ھە دەپ قوياتتىم. كېيىن ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىۋىنى قويدۇم، ئۇنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى يوق بىر ھازازۇل ھاممىسى بېقىپ چوڭ قىلغان بولغاچقا، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسىمۇ تارتىشىپ تۇرمايلا ماقۇل بولدى. ئويناپ يۈرۈپ بىر تىيىن يىغمىغان مەن يەنە ئاشۇ ئاغىنىلىرىمگە يالۋۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. مىڭ تەستە تويۇمنىمۇ قىلىۋالدىم.ئايگۈلنىڭ ھاممىسىمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىنىغا خوش بولغان بولسا كېرەك توي بولۇپلا بوسۇغىمىزغا قايتا قەدەم باسمىدى.
بىر مەزگىل شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق، ئەمما قەرىز ئىگىللىرى ھەر كۈنى قەرىزنى قايتۇرۇشقا سۈيلەيتتى. مەندە قەرىز قايتۇرغىدەك نەدىكى پۇل ئامال يوق يالغان-ياۋىداق گەپلەر بىلەن يولغا سالاتتىم. ئايگۈلنىڭ نەزىرىدە مەن ئۆزگەرگەن ياخشى ئادەم ئىدىم، ئەمما مەن بولسامئۇنىڭدىن يوشۇرۇن يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدىم. ئايگۈل بىر كۈنى ماڭا ئۆزىنىڭ بويىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى، بېشىم ئاسمانغا تاقاشقىدەكلا خۇش بولدۇم. كېيىن ماڭا ئېسىلىپ شۇنداق قاتتىق يىغلاپ ماڭا يالۋۇردى، مېنىڭ ئۆزگۈرىشىمنى ئېيتتى. ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمنى بىلىدىكەن ئەمما يۈزۈمگە سالماپتۇ. مەنمۇ ئۇنىڭغا ۋەدە بەردىم، بالام بولاي دېگەندە بۇنداق ئۆتۈپ كەتسەم بولمايتتى.
ئايگۈلنىڭ ئاي كۈنى توشۇپ ئۆزىگە ئوخشاش چىرايلىق بىر قىز يەڭگىدى، قىزىم بەكمۇ چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن ئىسمىنى گۈللالە قويدۇق. ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان ھاممىسى كېلىپ قويايمۇ دېمىدى. بىچارە شۇنچىلىك قىينالدى، ھېلىمۇ ياخشى ئەزىز، زىلالەلەرنىڭ ئانىسى كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بەردى. قەرىز ئىگىللىرى قەرىزنى سۈيلىدى، پۇلنى تۆلىمىسەم كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىشىك تۈۋىدە تۇرىۋالدى. مەن ھايۋان باشقا ئامال قىلالماي ئايگۈلنىڭ ئۇخلاپ قالغان، ئايشەمگۈلنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قىزىمنى قەرىز ئىگىللىرىگە قەرىز ھېساۋىدا ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرىدىغانغا بەردىم. ئۇلار باشتا ئالغىلى ئۇنىماي كېيىن بىر نېمىلەرنى دەپ مەسلىھەتلەشكەندى كېيىن قىزىمنى ئېلىپ كەتتى. ئۆيگە كىرىپ ئايگۈلگە بالىنى ئوغرى ئاپتۇ دەپ يالغاننى راسا ئوخشىتىپ توقۇدۇم، ئايگۈل بىچارە يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن نەچچە كۈنگىچە ئېسىنى يوقىتىپ يۈرەكنى ئەزگۈدەك يىغلىدى. مەن بولسام يېنىدا ئۈن-تىنسىز تەسەللى بېرىشتىن باشقىنى قىلالمايتتىم.
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىپ مەردان تۇغۇلدى، مەردان بىلەن ئەزىز پەقەت بىر ئايلىقلا پەرقلىنەتتى، ئىككى ئايال ئالمىشىپ بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. يۈسۈپچان يەنى ئەزىزلەرنىڭ دادىسى بەكلا ئوڭلۇق، يۇۋاش ئادەم ئىدى، ئايالىغا ۋە ئائىلىسىگە بەك كۆيىنەتتى. بىر قېتىم ئايشەمگۈل ئايگۈلدىن ئەھۋال سوراپ كىرىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا، گەپ سورىسام ئاڭلىمىدى، بېلىكىدىن شۇنداق تارتقان ۋاقىتتا يۈسۈپ كۆرۈپ قاپتىكەن بىچارە ئايالنى كېچىسى قاتتىق ئۇرۇپتۇ، ئەتىسى پەيلى شۇنداق يامان مېنى سوراقلىغىلى كىرىپتۇ.ئاچچىقىنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ مەنمۇ ئامالسىز :«ئايشەمگۈل ئۆزى ماڭا چاپلىشىۋالدى، مەن تېخى سېنىڭ يۈزۈڭنى قىلىپ ئۇنى رەت قىلدىم.» دەپ يالغان سۆزلىدىم، ئايالىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى، گېپىمدىن قاتتىق زەربە يەپ كەتكەن بولسا كېرەك چىرايلىرى تاتىرىپلا كەتتى. ئەگەر ئۇنىڭ شۇ دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ئۇ كۈنى ئۇنى ھاراققا زورلىماس ئىدىم، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ پەقەت ھاراقلا ئىچىدىغان بولدى، ھەممە ئىشنى ئايشەمگۈلگە تاشلاپ قوياتتى، بىچارە ئايال ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە پەرزەنتى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ ھەممىگە چىدىدى. كېيىن زىلالە تۇغۇلدى، ئەمما يۈسۈپ يەنىلا ئوڭشالمىدى، ئەكىسچە ئۆزىنى تېخىمۇ تاشلىۋېتىپ ھەممىگە نەپرەت بىلەن قارايدىغان ھاراقكەشنىڭ ئۆزى بولدى.
بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىردى، كونا كېسىلىم يەنە قوزغۇلۇپ يەنە قىمار سورىنىدىن كېتەلمەيدىغان بولدۇم، ئۇتتۇردۇم، يەنە ئۇتتۇردۇم. يەنە نۇرغۇنلىغان قەرىزلەرگە بوغۇلدۇم، ئەمما مەندە بىر تىيىن پۇل يوق. يۈسۈپ ھاراق ئىچكىلى پۇلى بولمىسىلا مېنى ئىزدەپ كېلىپ مەندىن قەرىز ئالاتتى، مەن شۇنى سۈيلەشكە باشلىدىم، ئۇنىڭمۇ ئەھۋالى مەندىن بەتتەر بولغاچقا ئۇنىڭمۇ يېنىدا پۇل يوق ئىدى. ئاخىرى ئۇنى ئالداپ ئەزىزنى شەھەردە ئىشلەشلەيدىغانغا بىر يەرگە ئاپىرىپ قويىدىغان بولۇپ ئاخىرى ماقۇل كەلتۈردۈم ھەم ئەتىسى ئاپىرىپلا ئۇنىمۇ سېتىۋەتتىم.- گېپىنىڭ ئاخىرى يىغىغا ئايلىنىپ كەتتى، ھەممىمىز ئۈنسىز يىغلاۋاتقان ئىدۇق، مەن ھوشۇمنى يوقىتايلا دېگەن ئىدىم، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قوشنا بولۇپ كەلگەن بۇ ئادەمنىڭ بۇ قەدەر رەزىل ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى.
- شۇنداق سەن ھايۋان مېنى ئۆزۈڭنىڭ قەرزىگە ھېسابلاپ بېرىپ سېتىۋەتتىڭ، تا ھازىرغىچە بىلمەي دادامنى مېنى سېتىۋەتتى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، دادامنىۇ سەن كاززاپنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىپتىكەن ئەمەسمۇ؟ ھۇ ئىپلاس سەن مېنى سېتىۋېتىپ ئىچكىرلەردە كۆرمىگەن كۈننى كۆردۈم، تارتمىغان جاپالىرىم، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىم قالمىدى. ئوغۇرلۇققا سېلىندىم، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا مەجبۇرلاندىم، ھەتتا چەت دۆلەتلەرگىمۇ چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى بۇلغاشقا تۆھپە قوشتۇم، تۇزكور بولدۇم، كۈندە نەچچە ۋاق ساقچىخانىلاردا تاياق يىدىم. پۇت-قولۇم سۇنۇقتىن، يۈز-كۆزلىرىم جاراھەتتىن ئاجرىمىدى، دېسەم دېمىسەم ئاتا-ئانامنىڭ ئۆلىمىگىمۇ سەن سەۋەبچىغۇ دەيمەن. مانا بىر تاللا قېرىندىشىم قالدى، بار يوق يىگانە قالغان سىڭلىمنى ئاران تاپقىنىمدا بولسا ......-ياسىن تاغامغا قاراپ قولىنى شىلتىپ ئاچچىق ھەسرەت ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن ۋارقىراپ سۆزلەۋاتقان ئاكام ھېقىقداپ يىغلاۋاتقان ئايزىبا ھەدەم بىلەن بېشىنى يەردىن ئالماي گۇناھكاردەك ئولتۇرغان مەردان ئاكامغا قاراپ گېپىنىڭ داۋامىنى يۇتىۋەتتى.
- ئەزىز ئۆزۈڭنى بېسىۋالساڭ قانداق، ئاناڭنىڭ ئۆلىمىگە داداڭ سەۋەبچى بولغان، داداڭنىڭ ئۆلىمىگە بولسا ئۆزىنىڭ يامان ئادەتلىرى سەۋەبچى بولغان. دادام ھەرقانچە ئەسكى، ئىپلاس بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ دەرىجىدە ئەمەس، دادامغا تۆھمەت چاپلىما.- مەردان دودۇقلاپ ئاۋازىنى ئاران چىقىرىپ دادىسىنى ئاقلىدى.
- ياق بالام، ياق راسلا مەن سەۋەبچى.- دېدى ئارانلا ياسىن تاغام، ياق! ئۇنى ھازىر تاغام دېگۈممۇ كەلمەيۋاتىدۇ. جان-جىگەر ئاكامنى مەندىن ئايرىغان، بۇ دۇنيادا مېنىڭ تىكەندەك يالغۇز ياشىشىمغا سەۋەبچى بولغان، ئەمدىلىكتە بولسا ئانام بىلەن دادامنىڭ ئۆلىمىگىمۇ مەن سەۋەبچى دەۋاتقان بۇ ئادەم مېنىڭ «تاغا» دېيىشىمگە لايىق كەلمەيدۇ. چىدا يۈرۈكۈم، چىدا ئاخىرىنى قوشۇپ ئاڭلاشقا چىدىۋەت!!!!
- سۆزلە بارچە ئىپلاسلىقلىرىڭنى سۆزلە، جېنىڭ چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن سەن سەۋەبلىك بولغان ھەممە ئىشلارنى ئېيت! بىزدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىۋەت!- ئاكام ئاچچىق بىلەن ياسىن دېگەن ئىپلاسنىڭ سىقىۋاتقان گېلىدىن قولىنى تارتىپ كۆزلىرىگە قان تولغان ھالدا شۇنداق دېدى. ئۇ ئادەم نەچچىنى ھۆتىلەپ، قېقىلىۋەتكەندىن كېيىن شۇنچىلىك پەس ئاۋازدا سۆزنىى داۋام قىلدى:
- بىر مەزگىلدىن كېيىن يۈسۈپ مېنى ئىزدەپ ئەزىزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگىسى بارلىقىنى، ئەزىزنى قايتۇرۇپ ئەكەلسىلا ئات-ئېشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلەپ بولسىمۇ مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەزىزنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مەندە نېمە ئامال؟ ئۇنىڭغا ئەتە ئۆگۈن دەپ يۈرۈپ ۋاقىتنى سوزدۇم، ئەمما ئۇ بولدى قىلمىدى، بىر كۈنى چىلىققىدە مەست كىرىپ گېلىمدىنلا ئېلىپ :«ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بە!» دەپ مەھەللىنى بېشىغا كىيدى.
- ئوغلۇڭنى ئۆزۈڭ سېتىۋەتتىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق، شەھەرگە ئەكىرىۋېتىنى ئېيتقاندا ئۆزۈڭ بۇنىڭغا قوشۇلغان.- دېدىم، بەك مەست بوپ كەتكەچكە گەپ قىلىمىدى، بىردەمدىن كېيىن:
- ياق مەن ئوغلۇمنى ئىشلىگىلى ئەۋەتكەن سېتىۋەتمىگەن، سەن مېنى ئالداۋاتىسەن، ئوغلۇمنى تاپىمەن- دەپ دەلدەڭشىگىنىچە چىقىپ كەتتى، ئايشەمگۈل شۇ گەپلەرنى دېيىشىۋاتقاندا ئاڭلاپ قالغان چېغى يۈسۈپ ئۆيگە كىرىشىگىلا ئۇنىڭ بىلەن بەك قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتتى، راس گەپنى قىلاي دېسەم تۈرمىگە كىرىشنى خالىمايتتىم. يۈسۈپ ئاچچىقىغا چىدىماي ئايشەمگۈلنىڭ بېشىغا چىقتى، ئۇ پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆيىنىڭ ئالىدىدىكى سامانلىقتا خىيالىدا يوق ئۇخلاپ قالدى.
ئۇنىڭ مەستلىكىدىن يېشىلسە ھەممە گەپنى مەھەللىگە يېيىۋېتىشىدىن، ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ بارچە ئىشنى ئاشكارلاپ مېنى بالاغا قويۇشىدىن قورقۇپ كېچىسى ئۇنى قازناق ئۆيگە ئەكىرىپ ئېغىزىنى ئېتىپ، پۇت-قولىنى باغلاپ سولاپ قويدۇم. ئەتىسى چۈشكە يېقىن مەستلىكى يېشىلىپ ھوشىغا كەلدى، كۆزىنى ئېچىپلا ئايشەمگۈلنى سوراشقا باشلىدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ ئالدىنقى كۈنى ئۆزى تېرىغان ئىشتىن ئازراق خەۋرى بار ئىدى، شۇ سەۋەبلىك يالغان ئېيتسام چېنىپ قالىدىغىنى ئۈچۈن راس گەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئايشەمگۈلنىڭ بېشىغا چىققانلىقىنى ئېيتتىم. بىچارە شۇنداق قاتتىق يىغلاپ كەتتى، ھەم ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشلاردا مېنىڭمۇ قولۇم بارلىقىنى ھەممىنى ئاشكارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن راسلا قورقۇشقا باشلىدىم، ئۇنى قويىۋەتسەم ئۇنىڭ ئۇ ھالىتىدىن دېگىنىنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
كالتەكتىن بىرنى تېپىپ ئارقا مېڭىسىگە قاتتىق ئۇرۇپ ئايلاندۇرىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى، كۆڭلۈمدە ئەندىشىدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. ئايشەمگۈلنىڭ نەزىرىسىنى بېرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا كۆپ نەسىھەت قىلدىم، مېنى ھەم ئۆزىنى بالاغا تىقماي تىۋىشسىز يىراقلارغا كېتىشىنى، يول كىراسىنى بولسىمۇ تەييارلاپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئەمما ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئايشەمگۈلنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى بۇنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۇنىمىدى. ئۇنىڭغا نەسىھەتنىڭ كار قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنى يەنە ئايلاندۇرىۋېتىپ چىقىپ كەتتىم.
بىر ئۇزۇن ئويلىنىش ئارقىلىق ئەگەر يۈسۈپ ئاق چېكىپ ئۆلۈپ قالسا، ھەممەيلەن ئۇنىڭ ھاراقكەش ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن مەندىن گۇمانلانمايدۇ دېگەننى يەكۈنلەپ، چۈشتىن كېيىنلىكى بىر ئاق چېكىدىغان قىمارۋاز تونۇشۇمنى تېپىپ ئادەتتىكىدىن كۆپرەك مىقداردا ئاقنى قەرىز ئالدىم. يۈسۈپنى ئالداپ ئۇنىڭ قويىۋېتىدىغانلىقىمنى، ھەم ساقچىخانىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلسىمۇ قارشى چىقمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئەكەلگەن بارلىق زەھەرنى بىر قېتىمدىلا ئۇرىۋەتتىم. كۆپ مىقداردا بولغاچقا ناھايىتى تېزلا جېنىدىن ئايرىلدى، مەنمۇ ئەقلىمنى ئىشلىتىپ كېچىلەپ يول يۈرۈپ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى ئورمانلىققا ئاپىرىپ تاشلىۋەتتىم.
- ھۇ ئادەم ئەمەس، ئىپلاس- ئۇ ھايۋاننىڭ گېپىنى ناھايىتى تەستە چىداپ ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان ئاكام شۇنداق دەپلا ئۇ ئادەمنى بىر مۇش بىلەن ئۆرىۋەتتى، مۇش تېگىپ بولغۇچە ئېغىز-بۇرنىدىن قان دېگەن ئېقىپلا كەتتى. ئۇنىڭغىچە ئايزىبا ھەدەم ھوشىدىن كەتتى، يىغلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن دىلزات بىلەن بەگزات ئايزىبا ھەدەمنى ياندىكى ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ كىردى، مەردان بولسا ئېسىنى بىلمەي ئولتۇراتتى، مەنمۇ ھەر قايسىسىدىن قېلىشمىغۇدەك ئىدىم. ئاكامنىڭ كۆزلىرىدىن قان قۇيۇلۇپ تۇراتتى.
- مېنى تىللاڭلار، ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسەڭلارمۇ ھەقلىقسىلەر، كەچۈرۈم سوراشقا سالاھىتىم توشمايدۇ.
- سەن ھايۋاننى ئۇرۇپ ئۆزىمىزنى خوراتمايمىز، ئەتە ساقچىخانىغا بارغاندا مەسىلەڭنى تاپشۇرۇق جازايىڭنى كۈت.- بەگزات شۇنداق دەپ ئاكامنى تارتىپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
- ئايگۈلنىڭ ئۆلىمىمۇ مېنىڭ سەۋەبلىك بولغان ھا..ھا...ھا... ، ئەگەر ئۇ ئاغرىق ۋاقتىدا داۋالىتىدىغان پۇلنى قەرىز ئويناپ سورۇپ بولمىغان بولسام بەلكىم ئۇ بۇنچە بۇرۇن ئۆلۈپ كەتمەس ئىدى. ھا..ھا...ھا.. بەكلا جىق ئادەمگە خۇن قەرىزىمۇ نېمە مەن؟ قېنى قەرزىڭلارنى ئېلىڭلار. ئايگۈلۈم نەدە سەن نېمىشقا مېنى تاشلاپ كېتىسەن ھۈ..ھۈ...ھۈ... مەن سەۋەبچى ھەممىگە مەن سەۋەبچى....
- سەن راسلا مېنىڭ داداممۇ؟ راسلا مېنىڭ داداممۇ؟ مۇشۇ ئىپلاسلىقلارنى قىلىشقا قانداق قولۇڭ باردى؟ ئىككى ئائىلىنى ۋەيران قىلدىڭ بىلەمسەن؟ ئانامنىڭمۇ بېشىغا چىقىپسەن، ئادەممۇ سەن زادى؟ سېنى دادا دېيىشتىنمۇ نومۇس قىلىۋاتىمەن. بىز ئەمدى سېنىڭ سېسىق نامىڭنى كۆتۈرۈپ ياشامدۇق؟ ۋىجدانىڭغا يۈز كېلەلەمسەن؟ ئانامغا يۈز كېلەلەمسەن؟ ماڭا، ئاچامغا، ئەزىزنىڭ ئۆيدىكىللىرىگە يۈز كېلەلەمسەن ھايۋان. دادام ئەمەسسەن، بۈگۈندىن باشلاپ ئاچام ئىككىمىزنىڭ سەندەك دادىسى يوق. ھەرگىز يوق....- مەردان بىردەم كۈلۈپ بىردەم يىغلاپ ئېسىنى يوقاتقان دادىسىغا گەپلىرىنى دەۋالغاندىن كېيىن مۇشتۇمىنى چىڭ تۈككىنىچە تامغا نەچچىنى ئۇرىۋېتىپ يۈگۈرگەنچە چىقىپ كەتتى، ئۇ ئىپلاس ئادەمنى قانغۇچە دەردىم چىققۇچە ئۇرىۋېلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم، ئەمما مادارىم ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. ئۆز ھالىنى بىلەلمىگۈدەك بولۇپ قالغان ئاسىيەگە يۆلىنىپ ئورنۇمدىن ئاران تۇردۇم، تۇردۇميۇ يەنە يېقىلدىم.
ھوشۇمغا كېلىپ كۆزۈمنىڭ ئاچقىنىمدا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ قارىلىق تۇتىۋالغانلىقىنى بىلدىم، ئاسىيەنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئەھۋالنى بايان قىلىشىچە ناكەس ياسىن تاغام سەھەر سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا ئۆلۈپ كېتىپتۇدەك، خوپ بولدى دېگۈم كەلدىيۇ يەنىلا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. ھەممىسىنىڭ كۆزلىرىدە لىققىدە ياش، قايغۇ-ھەسرەت، ئۇ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنى ئۈچۈن ئەمەسلىكى ماڭا ئايان.....
ئۈچ نەزىرىسىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن مەردان ئاكام بۇ يەر ماڭا ھارام دەپ ئۆي-بىساتلارنى سېتىپ بىز بىلەن شەھەرگە كەتتى، كۆزلىرىدىن ئازاب، دەرت تۆكۈلۈپ تۇرغان بىزلەرنى زۇليار سوغۇقلا كۈتىۋالدى. ئۇمۇ ئىچكىرىدىن قايتىپ كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىكەن. ھەممىزنىڭ ئەھۋالى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان بولسا كېرەك، ئەنسىرگىنىدىن نېمە ئىش بولدى دەپ سوراپلا كەتتى ۋە دىلزاتنىڭ «بولدى سورىما!» دېگەن ئىشارىتى بىلەن توختاپ قالدى.
- زىلالە مەن ئەجەپ بىر گەپلەرنى ئاڭلايمەنغۇ؟ ھېلىقى ناچار يەرگە سىز نىگارەنى ئېلىپ بېرىڭ دېگەنمۇ؟- كىشىنى تۇنجۇقتۇرغىدەك جىمجىتلىقتىن كېيىن سورىدى زۇليار ئۆيگە كىرىپ جايلاشقاچ.
- نېمە دەۋاتىسىز زۇليار؟ سىزنىڭچە شۇنداق قىزمۇ؟ ئاشۇنداق يەرلەرگە بېرىپ يۈرەمەنمۇ؟
- مەنمۇ بىلمىدىم،- دېدى زۇليار گەدىنىنى قاشلاپ،- مەن ئىچكىرگە كەتكەندە يۈز بەرگەن ئىشلارنى چالا- بۇلا ئاڭلىدىم، ئېنىق بىلمىگەچكە نىگارەدىن سورىسام ئۇ ماڭا زىلالە بىلەن ئاسىيە ئاپىرىڭ دەپ يالۋۇرغاچقا ئاپارغان ئىدىم، ھېلىقى ئىككى بالا بىلەنمۇ زىلالەلەر تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى بولمىسا مەندىن خاپا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاچقا ئامالسىز تونۇشتۇرۇپ قويدۇم، بولمىسا ئۇنداق ئۇدۇل كەلگەن كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ يۈرمەيتتىم، ئۇلار ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا مىجەزىم يوق خوش دەپ قويۇپ بۇرۇنلا كېتىپ قالغان، كېيىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن دېدىغۇ. ئەجىبا بۇ يالغانمۇ؟- كاللامنىڭ قالايمىقانلىقىدا، ئىشلارنىڭ مۇرەككەپلىكىدە، ئازابنىڭ ئارتۇقلىقدا بۇ گەپلەردىن ئۆلەيمۇ ئەمدى؟
- سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ ھەي، زىلالەگە ئىشەنمەمسەن، ئاشۇ چىرايلىق گۈزىلىڭ ئالداپ ئاپارمىسا ئۇنداق بۇزۇن جايلارغا بېرىپ يۈرەمدۇ بۇلار.- ھەرۋاقىت ئېغىز بېسىق مىجەزىنى ساقلاپ يۈرىيدىغان دىلزات پارتىلىدى.
- مەن سەندىن سورىمىدىم، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىل. ئاڭلاڭ زىلالە سىزگە خاتا ئىشىنىپ قاپتىمەن، خېلى ئېسىل قىز دەپ ئويلىسام ئېسىت....نومۇس قىلسىڭىزچۇ- نىگارە زۇليارغا نېمە دېگەن بولغىيتتى ماڭا بۇنچە قارا چاپلىغۇدەك، شۇنچە ئازاپ، ھەسرەت بىلەن ئاران تۇرىۋاتقان مەن زۇليارنىڭ بۇ گەپلىرىگە چىداشلىق بېرەلمەيتتىم.
- بولدى قىلىڭ زۇليار، بۇ ئاچچىق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇچىلىكىم يوق، ئەمما مەن ئۇ قىزغا ھېچقاچان ئۇنداق دەپ باقمىدىم. ئۆزى مەندىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن ئولتۇرۇش قىلغان ئىدىم، قاتنىشىپ بەرگەن بولساڭلار مېنى كەچۈرگىنىڭلار بولۇپ قالار دېگەچكە ئىشىنىپ بېرىپ قاپتىمىز. ئۇ قىزنىڭ دېگەنلىرى يالغان.
- زىلالە توغرا دەيدۇ، بىز ھەرگىز ئۇنداق دېمىگەن. بىزگە تۆھمەت قىلماڭ زۇليار.
- يالغانمۇ، ئەجىبا بۇمۇ يالغانمۇ.- شۇنداق دەپ بىر قانچە پارچە سۆرەتنى ئالدىمىزغا تاشلىدى. توۋا! بۇ سۆرەتلەرنى كىم تارتقان بولغۇيتتى، ئىلھام بىلەن قەيسەر ئىككىسى بىزنى قولتۇقلاپ سۆەپ ماڭغاندا يېقىن تۇرغان ھالەتلىرىمىزنى تارتىۋاپتۇ، قارشىلىق كۆرسەتكەن ھالەتلىرىمىزدىن بىرىمۇ يوق. ھەممىسى كەينىدىن تارتقان رەسىملەر، كۆرگەنلا ئادەمگە خاتا چۈشەنچە بېرەتتى.
- سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز زۇليار. بۇ... بۇ...- قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي تىلىم تۇتۇلدى.
- قانداق قىلغان ئەتكەنلىرىڭلارنى ئېتراپ قىلىدىغانسىلەر. قارىسا خېلىلا بىر پەزىلەتلىك قىزلاردەك، ئەمما قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭلار بەزىبىر بۇزۇقلارنىڭ ئۆزى.
- بولدى بەس! ئۆيدىن چىق زۇليار، ئەقلىڭنى ئاشۇ قىز ئازدۇرۇپتۇ. زىلالەنى ئۇرۇپ دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ قويغاندا ئايزىبا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسا شۇنداق قىزغىمۇ ئىشەندىڭلارمۇ دەپ ۋارقىراپ كەتكەن ئىدىڭغۇ؟ ئەمدىچۇ ئۆزۈڭ ھەممە گەپلىرىگە ئىشىنىپ يۈرۈپسەنغۇ؟ زىلالە بىلەن ئاسىيەنىڭ ئەخلاقىغا ئىشەنمەمسەن. بولدى چىق ئۆيدىن ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، بىز پارتلاپ كېتىشتىن ئاۋۋال ئۆزۈڭنى بىلىپ چىقىپ كەت! ئەقلىڭنى تېپىپ ئەينى ئەھۋالنى بىلىپ كەچۈرۈم سورىغىلى كەلگىنىڭدە بۈگۈن بۇلارغا مۇشۇنداق ھاقارەت قىلغانلىقىڭنى ئۇنۇتما.- بەگزاتنىڭ گېپى بىلەن زۇليار ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى.
- بۇ رەسىمنى تارتقان ئادەمنىڭ كاللىسى ئەجەپ ئىشلەيدىكىنا، ھالقىلىق پەيتلەرنى قولدىن بەرمەي تارتىۋاپتۇ. گەپ يوق ئاشۇ قىزنىڭ قولى بار بۇ ئىشتا، قىز بالا تۇرۇپمۇ ئېسىت زۇليارنىڭ ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ كەتكىنىچۇ تېخى.
- بولدى بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى ھەدە، ئاكام يوققۇ راس ھېچ كۆرۈنمەيدۇ، قەيەرگە كەتكەندۇ؟
- ئۇنىڭ ئازراق ئىشى باركەن باياتتىن ئۆيگە كىرىپلا چىقىپ كەتكەن، بىزمۇ سىرتقا چىقىپ كىرەيلى. سىلەر بىردەم مۇڭداشقاچ تۇرۇڭلا، كەچلىك تاماقنى سىرتتىن يەيلى تاماق ئەتكۈدەك ھالىڭلار يوق ھەقىچان ئەمسە شۇنداق بولسۇن.- باشقىلارمۇ چىقىپ كەتتى ئۆيدە پەقەت ئۈچ قىزلا قالدۇق. كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم، يۈرۈكۈم چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتىدۇ، زۇليارنىڭ خاتا چۈشىنىشلىرى، نىگارەگە بولۇشۇپ ماڭا ئاچچىق گەپ قىلىشلىرى بەكلا ئېغىر كەلدى، ئادەم ئازابقا ئۆلۈپ قالمايدىكەن، ئەمما ئازاب ئادەمنى بەك تۈگەشتۈرىۋېتىدىكەن. ئادەم يوق جايلارغا بېرىپ دەردىمنى تۆكۈپ، ئازابلىرىمنى يەڭگىللىتىۋالغۇم، قانغۇدەك ۋارقىرىغۇم بار ئەمما دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ ئۈنسىز يىغلاشتىن باشقىغا ئامالسىزمەن.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن يېرىم كېچىلەرگىچە مۇڭداشتۇق. ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى بەكلا تۆۋەن، كۆزلىرىمىز لىققىدە ياش، يۈرەكلىرىمىزدە تولغۇچە زەرداب، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرت-ھەسرەت.....
داۋامى بار |
|
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.
|
|
|
|
|