ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: دۇردانە
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھاراقكەشنىڭ قىزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

15

يازما

64

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 978
يازما سانى:
15
تىللا:
49
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
15 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-24
81#
ۋاقتى: 2015-12-23 15:44:02 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقلار بولسىمۇ مۇرادىغا يىتىپتۇ

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

82#
ۋاقتى: 2015-12-25 11:18:21 | ئايرىم كۆرۈش
sapkalip يوللىغان ۋاقتى  2015-12-23 12:33
ئۇھ   خۇداغا    شۇكرى  ئاخىرىچىقتى داۋامى. خويمۇ ساقلاتت ...

توي  دىگەنلىك ھەممىگە  توي دىگەن  مەنىدە .
لىكىن تۇي قىلماي ئۆتكىلى بولمايدۇ  ،  ئادەم تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن  خاتىرجەم بولۇپ ئاندىن كىشىلىك تۇمرۇش قارىشىدا  ،  تىرىشىش نىشانىدا مۇئەييەن ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ .
خەنزۇلاردا  بىر گەپ بار ئىكەن ، ئاۋال توي قىلىپ ئاندىن ئىگىلىك تىكلە  دىگەن مەنىدە .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

83#
ۋاقتى: 2015-12-25 11:19:29 | ئايرىم كۆرۈش
ھەر كۈنى كومپيۇتېرنى ئىچىپلا   داۋامى يوللاندىمىكىن دەپ مۇشۇ تىمىغا  قارايمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

8

تېما

172

يازما

526

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 797
يازما سانى:
172
تىللا:
354
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
84#
ۋاقتى: 2015-12-25 12:15:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇھ ،ئاخىرى  چىقتى  داۋامى  ،شۇنداقمۇ تەقەززا  بوپ كەتكەنتىم بۇ  ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىغا ،لىكىن  يەنە  داۋامى باكەن ئەمەسمۇ ،ئاخىرىنى تەقەەزالىق بىلەن كۈتىمەن ئەمسە   ،بەك ياخشى  داۋاملىشۋاتىدۇ ،مۇشۇنداق  قىلىپلا  كاتتا  يازغۇچى بۇلۇپ كىتەمسىزمۇ نىمە ئەمدى ،سىزگە ئۇتۇق  تىلەيمەن ،ھارمىغايسىز
بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

85#
ۋاقتى: 2015-12-28 18:50:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئوماق  ، ئوماق  ،  قىنى داۋامىنى يىزىۋىتىڭە  ...
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

6

تېما

194

يازما

1199

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 553
يازما سانى:
194
تىللا:
971
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
96 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-8

كۆيۈمچان ئەزا

86#
ۋاقتى: 2015-12-31 12:36:21 | ئايرىم كۆرۈش
بىز بەك ساقلاپ كېتىۋاتىمىز.. زىلالەنىڭ توي زىياپىتىنى
ئاي يەرنى ئايلىنىپ پەرۋانە،
        يەر قۇياش ئوتىدا سەرسانە...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

87#
ۋاقتى: 2015-12-31 17:51:34 | ئايرىم كۆرۈش
يەنىلا  يوق  ،  ئەسىرىڭىزنى بىر يىل ساقلاپ كىتىدىغان بولدۇقتە  جىنىم .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

88#
ۋاقتى: 2016-1-5 17:02:24 | ئايرىم كۆرۈش
يىڭى يىلدا يىڭىچە ئوقۇۋىتەرمىز دىسەم   ....
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

89#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 23:39:47 | ئايرىم كۆرۈش
كۈندىلىك ئىشىمغا بەگزاتنى يوقلاش ھەم ئۇنىڭغا تاماق ئاپىرىش قوشۇلدى، كۈندە ئۇنىڭ بىلەن ياتاقتا چاقچاقلىشىپ، گەپ تالىشىپ، بەزىدە ئېتىشىپ دېگەندەك كۈنلىرىم مەنىلىك ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتاتتى. ئايزىبا ھەدەم بىلەن دىلزات ياتاققا كەمدىن كەم كىرەتتى، دەم ئالغان كۈنلىرىغۇ ئۇلارنىڭ سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى. مەردان بىلەن ئاسىيە بولسىمۇ ئۇنتۇپ قالماي بەزىدە تاماق، بەزىدە مېۋە-چېۋە دېگەندەكلەر بىلەن بەگزاتنى يوقلاپ تۇراتتى. ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم بىلىقىز ئانامنى يوقلاپ كېلەتتىم، ھەر قېتىم بەگزاتنى سورىسا مۇھىم ئىش بىلەن باشقا يەرگە كەتتى دەپ قوياتتىم، كۆڭلى بىرەر نەرسىنى تۇيغان بولسا كېرەك ئاكامنى سورىمايتتى، ئەمما پات-پات ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن دەپ دۇئا قىلىپ قوياتتى.
.........................................................

- زىلالە..!
- ھە، نېمە ئىش؟- ئالما ئاقلاۋاتاتتىم بەگزات چاقىرىپ قالدى.
- ئايزىبا بىلەن دىلزاتنىڭ تويىنى قىلىپ قويساق بولامدۇ نېمە؟
- ھە بولىدۇ مېنىڭچە، شۇنداق ماس كېلىدۇ ئۇلار بىرى سىڭلىڭىز، بىرى يېقىن ئاغىينىڭىز.
- شۇنداق قىلساق بولغۇدەك بۇ ياغاچ قۇلاقلارنى مېنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويۇشمايدۇ، قاراڭ مانا تاڭ ئېتىپ ئاكا ئەھۋالىڭ قانداقراق دەپ تېلىفۇنمۇ قىلىپ قويمىدى، دىلزاتمۇ يوقىدى. بۇلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويساق ئۇنتۇپلا كەتكۇدەك بىزنى.........
- ۋاي-ۋۇي بولدى كايىمىڭە، بەلكىم ئالدىراش ئىشى چىقىپ قالغاندۇ؟ بولمىسا كۈندە سىزنى يوقلايدىغۇ ئۇلار نەچچە ۋاق، بىر ھەپتە ئىشلەپ ھېرىپ قالغان بولسا دەم ئېلىشتا بولسىمۇ كۆڭۈل ئېچىپ كېلەيلى دەپ ئويلىغاندۇ.
- سىزگە گەپ قىلغان بىكار شۇلارغا يان بېسىپلا تۇرىسىز زادى، مېنى ئويلاپمۇ قويمايسىز.
- ئويلايمەنغۇ مەنمۇ داۋاملىق، مانا سىزدەپ ئاقلاۋاتىمەن مۇنۇ ئالمىنىمۇ.
- راسمۇ يە؟- بەگزاتنىڭ ھەييارلىق بىلەن سورىغان سوئالىدىن نېمە دېگىنىمنى ئېسىمگە ئېلىپ خىجىل بولۇپ نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولدۇم.
- مەن... مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەستىم ئەسلى، ئېلىڭە بۇ ئالمىڭىزنى.- ئاچچىقىمدا تېخى تولۇق ئاقلاپ بولالمىغان ئالمىنى بەگزاتنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ياتاقتىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ يۈگرەپ ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىمغىلا قولىدا تاماق ۋە مېۋە-چېۋە كۆتۈرىۋالغان ئايزىبا ھەدەمگە ئۈسسۈپ توختۇتۇم.
- ۋوي زىلالە نېمە بولدى، جىندىن قاچقاندەكلا قېچىپسىزغۇ؟ ئاكام بوزەك قىلمىغاندۇ سىزنى؟
- شۇ جىندىن يامان ئاكىڭىزدىن قاچمىسا بولمايدىكەن.
- ئاكا مەسىلەڭنى تاپشۇر، سىڭلىمنى نېمە دەپ بوزەك قىلدىڭ؟ ئېيتە تېز بول!- ئايزىبا ھەدەم قوللىرىدىكى نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپ بەگزاتنىڭ قۇلىقىدىن تارتىشقا باشلىدى.
- بولدى قىلە بىشەم، مەن بوزەك قىلمىدىم ئۇنى، چىدىمايمەن دېگىنە. نېمە كىرىپ بولغۇچە مەن بىلەنلا قالىسەن، دىلزات بىلەن نەلەرگە بېرىپ ئويناپ كەلدىڭلا. سايەڭلارنىمۇ تاپقىلى بولماس بوپ كەتتى.
- ۋاييەي ھېچ يەرگە بارمىدۇق، شۇ باغچىغا بېرىپ ئايلىنىپ، بازارغا بېرىپ نەرسە-كېرەك ئېلىپ ساڭا تاماق، مېۋە ئەكەلدۇق شۇ.
- باغچىغا بېرىپ تۇرۇپ يەنە ھېچ يەرگە بارمىدۇق دېگىنىنى، چوڭ ئىش قىلىپ كەپسىلە خان غوجاملا.
- تەنە قىلمىساڭچۇ بەگزات، ئەجەپ سەنمۇ ئادەم چۈشەنمەيدىغاندەك گەپ قىلىدىكەنسەن.
- چۈشەنگەچكە ئىككىڭلارنى مۇرادىڭلارغا يەتكۈزۈپ قوياي دەپ ئويلاۋاتىمەن، خوش بولۇشتا يوق تېخى.
- ۋايجان تولا گەپ قىلماي يېگىنە ماۋۇ باناننى، بەك جىق گەپ قىلىدىكەنسەن ئاكا.- ئايزىبا ھەدەم خىجىل بولدى بولغاي بەگزاتنىڭ گېپىنى توسۇش ئۈچۈن باننى تېز سۈرئەتتە سويۇپلا ئېغىزىغا تىقىپ قويدى.
- ئۆھھۆ ھۆھھۆ.... خەپ سېنى ئايزىبا مېنى تىنالماي ئۆلسۇن دەۋاتامسەن، خوش بولۇشتا يوق قىلغا ئىشىنى..... ئۆھھۆ..... تۈرۈپ قالدى ماۋۇ بانان ماڭە سۇ ئەكەل، ئۆھھۆ....- بەگزات گەپ قىلغانغا تويۇپ قېقىلىپ كەتتى. ئۇنىڭغىچە مەن سۇ ئەكىلىپ ئۇنىڭغا بەردىم.
- رەھمەت رەھمەت يەنىلا زىلالە كۆيۈمچان جۇمۇ.- ئۇنىڭ گېپىگە ئاچچىقىم كېلىپ ئالىيىپ قويدۇم.
- ھە مەن كۆيۈمسىز بولدىما خەپ سېنى.
- شۇ شۇ سەن بەك كۆيۈمسىز. سەن كۆيۈمسىز بولساڭمۇ مەن يەنىلا سېنىڭ غېمىڭنى يەيمەن ئەنە.
- غېمىمنى يېمىسەڭمۇ بولىدۇ، مېنىڭ غېمىمنى يەيدىغان ئىنىم بار.
- راس ھە بۇ گېپىڭ، راسمۇ ئايزىبا.
- ھى ھى ھى ئەلۋەتتە يالغان، سەن بولمىساڭ قانداق بولىدۇ. بوپتۇ سەن نېمە دېسەڭ شۇ بولسۇن، گېپىڭنى ئاڭلايمەن.
- ۋوييەي تېخى ياسالمىلىق قىلمىغىنە بولدى، مەن دىلزات بىلەن توي قىلىمەن دەۋەرسەڭمۇ بولىدۇ مەن ئەيىب ئالمايمەن.
- ھۇ نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان، ئۆلسەڭچۇ بېرىپ- ئايزىبا ھەدەم يۈزىنى توسۇپ يەرگە قاراپ ئولتۇرىۋالدى.
- خەپ سېنى بەگزات ئاشۇنداقمۇ دەمسەن قاراپ تۇرۇپ.- دىلزاتمۇ خىجىل بولۇپ بېشىنى يەردىن كۆتۈرەلمەي قالدى.
- بولدى دېمىگەن بولاي، دېمىسەملا بولىدىغۇ.
- قاراڭ ئىككىلىسىنى خىجىل قىلىپ قويدىڭىز، بولدى تامىقىڭىزنى يەڭە سوغۇپ قالمىسۇن.
- ماقۇل ماقۇل تامىقىمنى يەي گەپ قىلماي.- بىر كېسەل باتتى كۆرۈپ چىقاي ھېلى كۆرۈشەيلى.- دىلزاتمۇ چىقىپ كەتتى، ياتاقتىن بەگزاتنىڭ تاماق يىگەندىكى ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى، ئايزىبا ھەدەم ئىككىمىز خىيالغا چۆككەنىدۇق.
.............................................
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن بەگزات ئاخساپ ماڭغۇدەك بولغاندا دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيدە كۈتىنىدىغان بولدى، كۈندە نەچچە ۋاق ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە تاماق توشۇيتتىم. بەزىدە بەگزات بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ تاماق يەپ ئولتۇرۇپ چىقىپ كېتەتتى. ئۇ خېلى ياخشى بوپ قالغاندىن كېيىن مەنمۇ بۇرۇنقى ئۆگىنىشىمنى باشلىۋەتتىم. ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ كەچتە قايتىپ كېلىدىغان بولغاچقا بەگزات بىلەن تېلىفۇندىلا ئەھۋاللىشالايتتۇق، ئۇچۇر يېزىشاتتۇق. بارا-بارا ئۇمۇ ساقىيىپ كەتتى، ئىش ئورنىغا نورمال بېرىپ كېلىدىغان بولدى، بۇرۇنقىدەك ئىشقا بىللە بېرىپ بىللە كېلىدىغان كۈنلىرىمىز يەنە قايتىپ كەلدى. كۈندە دېگۈدەك گۆش، مېۋە-چېۋىلەر بىلەن بىلىقىز ئانامنى يوقلاپ تۇراتتۇق، ھەر قېتىم بارغىنىمىزدا ئۇ كىچىك بالىدەك خوش بولۇپ كېتەتتى، پېشانىللىرىمىزدىن ئېلىپ يېنىش-يېنىشلاپ سۆيۈپ رەھمەت ئېيتىپ دۇئا قىلىپ كېتەتتى. تامىقىنى ئېتىپ بېرىپ كىيىملىرىنى يۇيۇپ بېرىپ قايتىپ كېلەتتۇق.
بەگزات سەللىمازا ساقىيىپ بولغاندىن كېيىن مەردان، ئاسىيەلەر ھەم بىلىقىز ئانام بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ ئايزىبا ھەدەم بىلەن دىلزاتنىڭ تويىنى قىلىپ قويىدىغان بولدۇق، ھاياتىمىزدىكى ئىككىنجى چوڭ توينى كۈتىۋالىدىغان بولدۇق.  قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە دىلزات دوختۇرخانا باشلىقى يەنە نۇرغۇن يۈزلۈك كىشىلەرنى ئارىغا سېلىپ ئايزىبا ھەدەمگە ئەلچى كىرگۈزدى ۋە بىر يولى بىلەنلا توي كۈنىنىمۇ بېكىتىۋەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەردانلارمۇ دۇكاننى تاقاپ توينىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتى، بۇ توينىمۇ ئاسىيە بىلەن مەرداننىڭ تويى بولغان توي مەرىكە زالىدا قىلىدىغان بولدۇق، ھەممىمىز توي ئۈچۈن ئالدىراش ئىدۇق، دىلزات يېڭى ئۆيىنى بېزەش بىلەن ئىدى.
- قاراپ تۇرۇپ توي قىلىپ كېتىدىغان بولدۇڭ ھە ئەركە قىز، ساڭا قىيالمايۋاتىمەن- ئەتە توي دېگەن كۈنى مۇھىم ئىش-كۈشلەرنى تۈگۈتۈپ بىلىقىز ئانامنى يوقلاپ كەلگەندىن كېيىن چاي ئىچىپ ئولتۇراتتۇق بەگزات جىمجىتلىقنى بۇزۇپ سۆز باشلىدى.
- مەنمۇ ساڭا قىيمايمەن ئاكا، ھەممىڭلارغا قىيمايمەن- ئايزىبا ھەدەم يىغا ئارىلاش ئاران شۇنداق دېدى.
- بولدى قىلىڭلا ئاچام يا ئۆلگىلى ماڭمايدۇ، ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرەپلىك ھەم ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىدۇ. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان پاراڭ قىلىشماڭلارچۇ؟ ئاچا سەن نېمىگە يىغلايسەن ئەمدى، كۈلۈپ ئولتۇرۇشۇڭ كېرەكتى. مەڭگۈلۈككە كەتمەيسەن، يەنە بۇرۇنقىدەك بىر ئائىلە كىشىللىرىدەك ئۆتىمىزغۇ.- مەردان كۆزىنىڭ قۇيرىقىدىكى يېشىنى چاندۇرماي ئېيتىۋېتىپ كۈلۈمسىرەپ دېدى.
- مەردان ئاكام توغرا دەيدۇ، توي بولىدىغان تۇرسا ھازىداردەك ئولتۇرمايلىچۇ.
- شۇ شۇ.... مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈن كېلىش ئالدىدا ئۇنداق يىغلاپ ئولتۇرماڭلا، ئەركە مەلىكىمۇ ئاق ئاتلىق شاھزادىسىگە ياتلىق بولىدىغان بولدى مانا. ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى كۈلۈپ ئولتۇرىشىمىز كېرەكقۇ؟  كۈلىۋېتىڭلا قېنى شەيتانلار.- ئاسىيەنىڭ كەيپىياتىمىزنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئېيتقان گېپىدىن ھەممىمىز كۈلىۋەتتۇق.
- ئايزىبا يۈزسىز توي قىلىپ بوپلا بىزنى ئۇنتۇپ كېتەمۇ ئەمدى؟- بەگزات كۆزىنى قىسىپ قويۇپ ئايزىبا ھەدەم بىلەن چېقىشىشقا باشلىدى.
- ئايزىبا يۈزسىز ئەمەس بەك يۈزلۈك بىلىپ قويۇڭ، ئۇنتۇپ قالمايدۇ ھەرگىز.
- ھېچنېمە دەپ بولغىلى بولمايدىچۇ ئەمدى.
- خىڭ سەن ئەمەس مەن ئاكا ئۇنتۇپ قالمايمەن، سەن بولمىسام يا مەن. ھەراس سەن قاچان تويۇڭنى قىلىسەن؟ سېنى توي قىلماي قېرىپ كېتەمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن جۇمۇ ھى..ھى...ھى..
- قېرىپ كەتمەيدۇ ئاكىللىرى، ئاۋۋال ئۆزلىرىنى بىر قوغلىۋېتەي. ئاندىن ماڭا نۆۋەت كېلە.
- ۋۇييەي كىممۇ يەڭگەم بولار؟ كىممۇ ياتلىق بولا سەن ئەسكىگە.
- زىلالە بار سەن ئەنسىرمىسەڭمۇ بولىدۇ.- بىر كۈن ئىش قىلىپ چارچاپ كەتكەن تاماق ئۈستىلىدىلا مۈگدەشكە باشلىغان مەن ئىسمىمنى ئاڭلاپلا نېمە؟ دەپ تۇرۇپ كېتىپ ئۇلارغا بولدى دېگۈچە كۈلكە تېرىپ بەردىم. ئۇلار مېنى مازاق قىلىپ تازا كۈلۈشكەنمۇ بولدى، مەن بولسام قىزىرىپ نومۇستىن بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەي ئولتۇرىۋالدىم.  كەچلىك تامىقىمىزمۇ كۆڭۈللۈك ئاياغلىشىپ ئەتىكى خۇشاللىق ۋە جىددىچىلىكنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن شېرىن ئۇيقۇ دەرياسىغا چۆكتۇق.
تاڭ ئاتتى، زارىقىپ كۈتكەن توي كۈنى ئاخىرى يېتىپ كەلدى، گەرچە توينى تەييار مەرىكە زالىدا قىلغان بولساقمۇ، بىز قىلىدىغان ئىشلار يەتكۈچە ئىدى. ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش .. بەزىللىرى قازان بېشىدا، بەزىللىرى مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈش بىلەن ئالدىراش، بەزىللىرى ئايزىبا ھەدەمگە ئىش ئۆگىتىش بىلەن ئالدىراش................ پەقەت مەنلا نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەن كىچىك بالىدەك يەنىلا تەمتىرەيتتىم، بەزىدە ھاڭۋاقتىدەك تۇرۇپلا قالاتتىم،  مۇشۇنداق چاغلاردا ئاي-كۈنىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغىنىغا قارىماي پۇت-قولى يەرگە تەگمەي ئىش قىلىۋاتقان ئاسىيە بىلەن بىلىقىز ئانام ئاستا يېنىمغا كېلىپ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئۆگىتەتتى. ئاسىيەگە قاراپ شۇنى ھېس قىلدىم، ئۆزى يالغۇز بىر ئائىلىگە ئىگە بولۇپ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى ئاچچىق-چۈچۈكىنى تېتىغان ئىشنىڭ رېتىنى بىلىدىغان ئادەم دېگەن ھامان باشقىچە بولىدىكەن. توي بىزنىڭ ئايزىبا ھەدەمگە چىدىماي، ئايزىبا ھەدەمنىڭ بىزگە قىيالماي يىغلىغىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆڭۈللۈك ئۇزىدى.
ھەپتە-ھەپتىلەپ ئالدىراش تەييارلىق قىلغان توينى تۈگۈتۈپ ئىلگىرى كۈلكە نېرى كەتمەيدىغان، مەشرەپ قاينايدىغان ھازىر بولسا تىمتاسلىقتا كىشىنى تۇنجۇقتۇرغۇدەك ھالەتكە كېلىپ قالغان ئۆيدە كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم.
- كۆڭلىڭىز يېرىمغۇ قىزىم، ئەسلى خوشال بولسىڭىز بولاتتى.- ئاسىيەلەر كەتكەندىن كېيىن قورقىمەن دەپ بىلىقىز ئانامنى كەتكىلى قويماي ئېلىپ قالغان ئىدىم، ئۇ يېنىمغا كېلىپ قولۇمنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ سورىدى.
- مەن خۇشال ئانا، پەقەت شۇ ئايزىبا ھەدەمگە چىدىيالمايۋاتىمەن، يەنە كۈلكە چاقچاق ئۈزۈلمەيدىغان بۇ ئۆينىڭ جىمجىتلىقىغا مېنىڭ يالغۇز قالغىنىمغا كۆڭلۈم سەل يېرىم بولىۋاتىدۇ.
- ئەخمەق قىز، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ مەن بارغۇ، بەگزاتمۇ بار. ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ. يالغۇز كىشىنىڭ يارى خۇدا دەپتىكەن، ھېچكىم يالغۇز ئەمەس. مەندەك ھېچنېمىسى يوق قېرى مومايمۇ ئۆزۈمنى يالغۇز چاغلىمايمەن.
- مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس ئانا، شۇ كۆنەلمەيۋاتىمەن، ۋاقىت ئۆتكەنچە بەلكىم بۇنداق بولماس.
- توغرا قىزىم ۋاقىت ئۆتكەنچە بۇ كۈنلەرگىمۇ كۆنۈپ كېتىسىز. كەچ بوپ كەتتى، بۈگۈن بىر كۈنكى ئالدىراشچىلىقتا بەك چارچاپ كەتتىڭىز ناماز ئوقۇۋېلىپ ئۇخلاڭ ھە ئەتە سەھەر تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ. قىز بالا دېگەن چۈشكىچە ئۇخلاپ ياتسا نومۇس بولىدۇ.
- ماقۇل ئەمسە نامازنى بىرگە ئوقۇيلى مەن سىلىگە ئورۇن سېلىپ بېرەي سىلىمۇ بۇرۇنراق ئارام ئالسىلا.
ناماز ئوقۇپ بولۇپ بىلىقىز ئانامغا ياندىشىپ يېتىپ بۇرۇنقى كۈنلىرىمىزنى ئەسلەپ خىياللار قاينىمىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
   




مۇنبەرداشلارنى ساقلىتىپ قويغىنىمدىن خىجىلمەن، بەكلا ئالدىراش بوپ قېلىپ ...... سەت بولدى.........
داۋامى بار ئامال بار تېز يېزىپ تۈگىتىۋېتىشكە تىرىشىمەن.
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

90#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 23:42:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 17:02
يىڭى يىلدا يىڭىچە ئوقۇۋىتەرمىز دىسەم   ....

بەكلا ئالدىراش بوپ قالدىم ھەدە كەچۈرۈم سورايمەن داۋامىنى ئاز بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم، ئىشقىلىپ ئامال بار تېز تۈگۈتۈشكە تىرىشىمەن
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 08:35 , Processed in 0.144318 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش