|
ئەتىسى بەگزاتنىڭ دېيىشىچە زۇليارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىپ كەپتۇ، چۈشتىن كېيىنلىكى زۇليار كېلىپ بىر مۇنچە كەچۈرۈم سورىدى، مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۇ كۆزۈمگە شۇنداق ئورۇق كۆرۈندى، كۆزلىرىمۇ ئولتۇرۇشۇپ ياش لىغىرلاپلا قاپتۇ. گۇناھكاردەك بېشىنى ئىزچىل يەردىن ئۈزمىدى. كېتەر ۋاقتىدا ماڭا باغىقىنى بېرىپ كەتتى، باغاقتىكى نىگارەنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ باشقىچە بوپ قالغان بولساممۇ ئۇنچە كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ كەتمىدى، خۇددى ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق بولىدىغاندەك. ئۇنىڭ تويىغا ئاغىنىدارچىلىق يۈزىسىدىن بەگزات، مەردان دىلزاتلار بېرىپ كەلدى، بىز قىزلار خۇددى ئۇ توي ئىشىنى بىلمەيدىغاندەك خىيالى ئۆز ئىشىمىز بىلەن مەشغۇل بولدۇق.
زۇليارنىڭ تويى بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن بەگزاتنىڭ باشلىقى ئىچكىرىدىن قايتىپ كېلىپ بەگزات ھەم يەنە بىر قانچەيلەننى ئېلىپ ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە كەتتى. بىز خەۋەر كۈتۈپ ئۆيدە قالدۇق. ئەتىگەن تاڭ يورۇماستىنلا كەتكەن ئەلچىلەر خۇپتەن بىلەن تەڭ خوشخەۋەرنى كۆتۈرۈپ كىردى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە چوڭلارنىڭ بۇ ئىشتىن ئاز تولا خەۋىرى بولغاچقا ئەلچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ خېلى تېز ماقۇل بوپتۇدەك، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەردىن تەركىب تاپقان بۇ چوڭ ئائىلە قاينام تاشقىنلىققا تولدى، ھەممىمىزنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى، ئەڭ بەك خۇشال بولغىنى ئاسىيە ھەدەم بىلەن مەردان بولدى ئەلۋەتتە. ئەتىسىلا مەردان بەگزات ھەم دىلزاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇقۇشۇپ تاپقان، تۇرىۋاتقان ئۆيىمىزگە يېقىنلا يەردىكى يېڭى پۈتكەن ئولتۇراق رايوندىن ئۆي سېتىۋالدى، ھەممىمىز قولمۇ قول تۇتۇشۇپ ئاددى بولسىمۇ ئۆىنى سەرەمجانلاشتۇرۇشۇپ بەردۇق، ئۇ يېڭى ئۆيمۇ ئادەم ئولتۇرغۇدەك ھالغا يەتتى.
ئاسىيەنىڭ ئۆيدىكىللىرى قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇزۇنغا سوزىۋەتمەيلا يەنە ئەلچىلىككە بارغان كىشىلەرنى ئارىغا سېلىپ توي كۈنىنى بېكىتتۇق ھەم توينىڭ جىددى تەيارلىقىغا چۈشۈپ كەتتۇق. توي خېتىنىمۇ بەگزاتنىڭ باشلىقىنىڭ ياردىمىدە تېزلا ئېلىۋالدى. بىنا ئۆيدە توي قىلىش قولاي بولمىغاچ توينى مەرىكە زالىدا قىلىدىغان بولدۇق، كام نەرسىلەرنى تولۇقلاپ، ھېلى ئۇ يەرگە، ھېلى بۇ يەرگە چېپىپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇ توينى كۈتىۋالدۇق. توي گەرچە بەك ھەشەمەتلىك بولمىغان بولسىمۇ، تىنىچ ھەم خۇشال-خۇرام ئۆتتى. تويدىن كېيىن ئاسىيە بىلەن مەردان يەنە بۇرۇنقى تاللا بازىرىنى ئاچتى، كۈندە دېگۈدەك بىزنى يوقلاپ كېلەتتى. مەنمۇ بەگزاتنىڭ بىر ئاغىنىسىنىڭ ئايالىغا شاگىرت بولۇپ تېۋىپلىقنى ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتىم، ئاساسەن دېگۈدەك بىكار قالمايتتىم، سەللا قولۇم بوشىسا كىتاب ئوقۇيتتۇم ئىشقىلىپ ۋاقتىمنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا تىرىشاتتىم.
ئىشقا مېنى بەگزات ئاپىرىپ ئەكىلەتتى، بەزى دەم ئالغان كۈنلىرى باغچىلارغا بېرىپ مېڭىمىزنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلەتتۇق، كىتابخانىغا باراتتۇق، بەزىدە قورسىقىمىزنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ بىر مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ كېتەتتۇق ..... ئىشقىلىپ كۈندە دېگۈدەك بىللە ئىدۇق، ئەمما ئارىمىزدا قانداقتۇر ئاتالمىش مۇھەببەت ياكى توي توغرۇلۇق گەپ سۆز بولۇنمايتتى، مەنمۇ شۇنىڭغا خوش ئىدىم.
بىر كۈنى بىكاربولغاندىن كېيىن بەگزاتقا تېلىفۇن قىلدىم، ئەمما كۆتۈرمىدى. قايتا قايتا ئالدىم ئەمما يەنىلا ئالغىلى ئادەم يوق، بەگزات ئەزەلدىن بۇنداق قىلمايتتى. بەلكىم ئىشى چىقىپ قالغاندۇ ئالدىراش ئوخشايدۇ دەپ كۆڭلۈمنى ياساپ ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئۆيگە ماڭدىم. ئۆيگە كېلەي دېيىشىمگىلا تېلىفۇنۇم سايراپ كەتتى، دىلزات تېلىفۇن قىپتۇ، ئادەتتە ماڭا تېلىفۇن قىلمايتتى ئىككىلىنىپ تېلىفۇننى كۆتۈردۈم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زىلالە دەرھال بىزنىڭ دوخۇرخانىغا كېلىڭ بەگزات يارلىنىپتۇ.- داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئېسىمگە كەلگىنىمدە بولسا تېلىفۇن ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ بوپتۇ. شوپۇرغا دەپ ئاپتوبۇسنى توختۇتۇپ ھاپلا-شاپلا تاكسى توسۇپلا دوختۇرخانىغا قاراپ ئۇچتۇم.
دىلزات دەرۋازا تۈۋىدە مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن، ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن بەگزات ياتقان ياتاققا كىردىم. بېشى داكىدا ئورالغان، بىر پۇتى گىپىسلانغان بەگزاتنى كۆرۈپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى، ئاكامنىڭ ئۆلۈمى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ بەگزاتنىمۇ ئۆلۈپ كېتەرمۇ دېگەن خىيال كاللامدا پىرقىرايتتى، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم.
- بەگزاتقا نېمە ئىش بوپتۇ، ئۇ...ئۇ ئۆلۈپ كەتمەس ھە. ئەھۋالى خەتەرلىكمۇ؟- يىغلاپ تۇرۇپ مىڭ تەستە شۇنداق دېيەلىدىم.
- قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئوخشايدۇ مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم، بەلكىم....بەلكىم... كېتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەھۋالى بەك ئېغىر، ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز ئەنە.- دىلزاتنىڭ كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ دېگەن گېپىدىن غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدۇم.
- نېمە دەۋاتىسىز دىلزات، سىزنىڭ گېپىڭىزمۇ بۇ؟ سىز دوختۇرغۇ، نېمىشقا قاراپ تۇرىسىز؟ ئاغىنىڭىزنى قۇتقۇزمامسىز؟ ئۇ مۇشۇ ئەھۋالدا ياتسا قاراپ تۇرۇشقا قانداق چىدىدىڭىز؟- دىلزاتقا ۋارقىراپ كەتتىم.
- ئەگەر بەگزاتقا بىرەر ئىش بوپ قالسا قانداق قىلىسز زىلالە؟
- سىزدىن نەپرەتلىنىمەن، قارغىۋېتىمەن، مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن.- دىلزاتنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بەرمەستىن سورىغان سوئالىغا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن جاۋاب بەردىم.
- بەگزاتنى ياخشى كۆرەمسىز؟
- بۇنى سوراپ قانداق قىلىسىز. مۇھىممۇ؟
- بولدى سورىمىغان بولاي. ئەمسە سىزنىڭ مەندىن نەپرەنمەسلىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنى ھوشۇغا كەلتۈرۈپ بېرەي.- دىلزات شۇنداق دەپلا بەگزاتنىڭ يەنە بىر پۇتىنى قىچىقلاشقا باشلىدى.
- بەگزات ئويۇن تۈگىدىمۇ ئاداش ئاچە كۆزۈڭنى، بىكار زىلالەنىڭ قارغىشىغا كەتمەي.- ھاڭۋاققىنىمدىن كۆزلىرىمنى يوغان تۇرۇپلا قالدىم، بەگزات كۆزىنى ئېچىپ دىلزاتقا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى ئاندىن ماڭا قاراپ:
- ئەخمەق قىز مېنىڭ جېنىم چىڭ ئۇنچە ئاسان ئۆلۈپ كەتمەيمەن. سىزنى ئاخىرىغىچە بەخىتلىك قىلىپ ئاندىن ئۆلسەممۇ كېچىكمەيمەنغۇ؟ ئەھۋالىم ئۇنچە ئېغىر ئەمەس، چىدىمايۋاتامسىز قانداق؟ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغانسىز ھە.- بەگزاتنىڭ كۈلۈپ دېگەن گېپىدىن باياتتىنقى بىر ئاچچىقىم ئىككى بولدى.
- مېنى ئەخمەق قىلىپتىكەنسىلەردە ئەسلى، خوش بولدۇڭلارمۇ ئەمدى، ھۇ ئەسكىلەر.- قولۇمدىكى سومكامنى بەگزاتنىڭ بېشىغا ئاتتىم.
- ۋايجان... ۋايجان... كالۋا قىز، ئەھۋالىم ئېغىر ئەمەس دېسەم ئەمدى ئېغىرلىتىپ قويدىڭىزغۇ؟
- كىم سىزنى مېنى ئەخمەق قىلسۇن دەپتىكەن.
- مەن نەدە سىزنى ئەخمەق قىلدىم، يارلانغىنىم راسقۇ؟ ئۆلۈپ بەرسەم بولامتى يە؟ ئۆزىڭىز بەك ئارتۇق ئويلاپ كەتتىڭىزغۇ، يىغلاپمۇ كەتتىڭىز تېخى. بۇنىمۇ مەندىن كۆرەمسىز؟ مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشىمامسىز ئەھۋالدىن قارىغاندا؟
- نەدىكى گەپنى قىلمىڭە، مەن يېڭىلدىم گەپ قىلماي بولدىمۇ؟
- قېيداۋاتامسىز ئۇششۇق؟ ئايزىباغىلا شاگىرت كىرىپسىز جۇمۇ.
- قېيدىمىدىم، سىزمۇ ساقكەنسىز، ئەمدى مەن كېتەي.- قېيدىغىنىم ئېنىقلا بولسىمۇ تەن ئالغۇم كەلمىدى، ئۇلارنىڭ مېنى ئەخمەق قىلغىنىنى قوبۇل قىلالمايۋاتاتتىم.
- خەپ سىزنى بىردەمدىلا كېتىمەن دەيسىزغۇ؟ قورسۇقۇم ئاچتى، ئەتىگەندىن بۇيان ئېغىزىمغا گىياھ سالمىدىم، تاماق ئېتىپ ئەكىلىڭە.
- ماقۇل، لېكىن سىزگە نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىسىز.
- ھە توغرا ئېيتىپ بەرمىسەم بولمايدۇ، ئولتۇرىڭە ئەمسە بۇ يەردە.- كارۋىتىنىڭ ئايىغىدىكى بوش ئورۇننى كۆرسۈتۈپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، جايلىشىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى بەگزات- ھەممىسى سىزنىڭ كاساپىتىڭىزدىن بولمامدۇ؟ سىزنى ئىشىڭىزغا ئاپىرىپ قويۇپ قايتاشىمدا خىيالىمغا كىرىۋالدىڭىز، كۆز ئالدىمدىن كەتمەي مېنى ئېزىقتۇردىڭىز، سىزنى خىيال قىلىپ كېتىۋېتىپ بىر ماشىنىغا سوقۇلدۇم ئەنە. باش جىنايەتچى سىز، مېنى تۆلەمسىز ئەمدى؟
- نەدە بۇنداق گەپ بار، كىم سىزنى مېنى خىيال قىلسۇن دەپتىكەن. ماشىنا دېگەننى خىيال سۈرمەي ھەيدىگۈلۈك.
- ۋۇييەي ما بىشەمنى، كىم سىزنى ئادەمنى بۇنچە ئۆزىگە شەيدا قىلىۋالسۇن دەپتىكەن، خىيال قىلماي دېسەممۇ خىيالمىدىن چىقمىسىڭىز قانداق قىلىمەن؟
- سىز... نېمە دېگىنىڭىز بۇ... ھۇ ساراڭ، مەن كەتتىم.- سومكامنى ئېلىپ كەينىمگىمۇ قارىماستىن، بەگزاتنىڭ« ماڭا تاماق ئەكىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ» دەپ ۋارقىراشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماستىن ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم.
بەگزاتنىڭ دېگەن گەپلىرىنى خىيال قىلىپ ئۆيگە كەلسەم ئايزىبا ھەدەم مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن، بەگزاتنىڭ ئىشىدىن خەۋرى بولسا كېرەك كىرىشىمگىلا تاماق قاچىسىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ:
- زىلالە بۈگۈن مۇھىم بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشمەكچىتىم، خاپا بولماي ئاكامغا تاماق ئاپىرىپ بېرەمسىز؟ ئەسلى ئۆزۈم باراي دېگەنتىم، لېكىن ئۇ دوستۇم ئەتىلا چەتئەلگە چىقىپ كەتسە ئۇزۇن مەزگىل كۆرۈشەلمەيمىز. شۇڭا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.- ئايزىبا ھەدەمنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ دېگەن گېپىگە خالىمىساممۇ ئامالسىز ماقۇل بولۇپ تاماقنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتىم.
- ھە بىلەتتىم سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى، ئۇنتۇپ قالماي تاماق ئەكەپسىز، ماڭا بەك كۆيىنىسىز جۇمۇ. كۆپ رەھمەت.- ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچە بەگزاتنىڭ گېپىگە پۇتلاشتىم.
- ھېچقىسى يوق، مەن سەۋەبلىك يارلىنىپسىز ئەمەسمۇ، رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. تامىقىڭىز تۈرۈپ قالار ئىلاھىم....- مەنمۇ تەنە قىلغىنىمچە تاماقنى بەگزاتقا ئۇزاتتىم.
- ھەي....ھەي... نېمە گەپ بۇ شۇم ئېغىز، ماڭا تاماق تۈرۈپ قالسا سىزگە نېمە پايدا ئەمدى؟
- ئەلۋەتتە پايدا بار سىزنىڭ قاملاشمىغان گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىمايمەن ئەمەسمۇ؟ ئۆچ بوپ كەتتىم سىزگە ھەم گەپلىرىڭىزگە.
- ۋاييەي تېخى. ئامراق بولماڭ جۇدا بولارسىز، ئۆچ بولماڭ گىرىپتار بولارسىز دېگەننى ئاڭلىغانمۇ زىلالە؟ ماڭا شەيدا بولۇپ قالماڭ يەنە.
- ئۇنداق بولمايدۇ ھەرگىز خاتىرجەم بولۇڭ، سىز تامىقىڭىزنى يەۋېرىڭ مەن كەتتىم. ئاللاھقا ئامانەت.- ياتاقتا تۇرىۋېرىشنى خالىماي بەگزاتنىڭ گەپلىرىنىمۇ ئاڭلىماستىن سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
نېمانداق غەلىتە گەپ قىلىدىغاندۇ بۇ بەگزات؟ بېشى ئېغىر يارلىنىپ ئېلىشىپ قالمىغاندۇ ھە؟ ئادەم بار يوق دېمەي ئېغىزىغا نېمە كەلسە دەۋېرىدىكەن كىچىك بالىدەك ئادەمنى خىجىل قىلىپ. ياخشى كۆرۈپ قاپسىز دەيدۇيا تېخى؟ ياخشى كۆرۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمتىم مەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ياخشى كۆرگىنىمنىڭ نېمىگە پايدىسى. ھەممىسى قۇرۇق گەپ، بولدىلا قاملاشمىغان خىياللارنى سۈرمەيچۇ.... ۋاييەي.... ياتاقتىن خىيال بىلەن چىقىۋېتىپ دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۈسسۈپ توختۇدۇم، ئەتراپىمغا نەزىرىمنى ئاغدۇرىۋېتىپ پېشانەمنى سىلىغىنىمچە ئۆيگە راۋان بولدۇم.
ئۆيگە كېلىپ بىر قاتار ئىش-كۈشلەرنى قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاكام پات-پات بېرىپ يوقلاپ تۇرۇشنى تاپىلىغان ھېلىقى چوڭ ئاپاشنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. ئاسىيە بىلەن مەرداننىڭ تويىنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بىر مەزگىل بۇ ئاناشنى يوقلاشنى ئۇنۇتقان ئىدۇق، بۇرۇن بەگزات بىلەن كېلىپ باققاچقا ئۆينى خېلى تېزلا تاپتىم. چوڭ ئاپاشنىڭ ئىسمى بىلىقىز بولۇپ چىرايىدىن مۇلايىملىق يېغىپ تۇرىدىغان ئىللىق چىراي ئايال ئىدى، بالىسى بولمىغاچقا ئاكامنى ئۆز ئوغلىدەك ياخشى كۆرەتتىكەن، ئاكام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى كۆرگىلى بارغاندا كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاكامنىڭ ئۆلىمىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي يىراق جايغا كەتتى دەپ قويغانتىم. شۇ چاغدىمۇ ئاپاش ئاكامغا نۇسرەت تىلەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دۇئا قىلغانتى. ئۇنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ ھەممە ئىشىغا ياردەملىشەتتىم، تامىقىنى ئېتىپ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىپ كېلەتتىم. ئۇنى ئۆز ئانامدەك كۆرەتتىم، ئۇمۇ مېنى قىزىدەك كۆرەتتى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم چوڭ ئانا مەن كەلدىم.- ئىچكىركى ئۆيدە جەينامازدا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقان بىلىقىز ئانامنى كۆۈپ سالام قىلدىم، ئۇمۇ دۇئادىن قولىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى ماڭا ئۇزاتتى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تاتلىق قىزىم، قېنى كېلىڭ ئولتۇرۇڭ. بەگزات بالام كەلمەپتىغۇ؟ كەينىڭىزدىن كېلىۋاتامدۇ يا؟- بىلىقىز ئانام بېشىنى سوزۇپ ئىشىكتىن تېشىغا قاراپ قويدى.
- بەگزاتنىڭ ئىشى باركەن ئانا كېلەلمەيدىكەن، شۇڭا مەن يالغۇز كەلدىم. - قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويۇپ ئورۇندۇققا كېلىپ جايلاشقاچ جاۋاب بەردىم.
- ھە مۇنداق دەڭ، سىز بولسىڭىزمۇ كەپسىز، سېغىنىپ تۇرغانتىم. تاماق قىلىپ بېرەيمۇ قىزىم؟
- بولدى ئانا قورسىقىم توق، سىلىگە تاماق قىلىپ بېرەي، بىردەم ساقلاپ تۇرسىلا ھە. ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاماق قىلماقچى بولۇپ ئاشخانىغا مېڭىشىم بىلىقىز ئانام:
- ياق قىزىم قورسىقىم توق باياتتىن خوشنىمىز تاماق ئەكىرىپتىكەن شۇنى يىگەنتتىم سىزنىڭ قورسىقىڭىز ئاچ بولسا شۇڭا تاماق قىلىپ بېرەي دېگەنتىم. توق بولسىڭىز بىردەم يېنىمدا ئولتۇرىڭە پاراڭلىشايلى.- دەپ توختۇتۇپ قويدى، بىلىقىز ئانامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
- يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى قىزىم، بۇنداق يالغۇز ئۆتىۋەرسىڭىزمۇ بولمايدۇ، ھامان بىرىنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپ شۇنىڭ خىزمىتىدە بولمىسىڭىز بولمايدۇ. قىز بالا دېگەن ئەردە ياخشى بولمىسا يەردە ياخشى دېگەن گەپ بار قىزىم. بەك ئوچۇق دەپ سىزنى خىجىل قىلىپ قويماي، نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنىپ بولدىڭىز ھەقىچان. شۇنداق ئوڭلۇق، ئېسىل قىز بولدىڭىز ھەممە ئادەمنىڭ ئىچى كۆيگۈدەك. ئەمدى ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ كەلگۈدەك ئېسىل يىگىتتىن بىرى بىلەن تۇرمۇشلۇق بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، ئەتراپىڭىزدىكىلەرمۇ سىزدىن ئازراق ئەنسىرەيتتى. بەگزات ئېسىل بالىكەن، سىزگىمۇ شۇنداق كۆيىنىدىكەن قىزىم، خالىسىڭىز شۇ بالىنى ئويلىشىپ باقامسىز؟ كۆپ گەپ قىلىۋەتتى دېمەڭ، ئادەم قېرىغاندا شۇنداق تولا سۆزلەيدىغان بوپ قالدىكەن.
- - ياقەي چوڭ ئانا ھەرگىز ئۇنداق ئويلىمايمەن، سىلىمۇ مېنىڭ غېمىمنى يەيلا ئەمەسمۇ.- خىجىل بولۇپ ئاران شۇنداق دېيەلىدىم. يەنە بىر ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق، ھەممىسى شۇ بەگزات بىلەن مەن توغرۇلۇق. ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا ئاندىن پارىڭىمىزنى توختۇتۇپ چوڭ ئاناشقا تاماق قىلىپ بېرىپ دۇئاسىنى ئېلىپ ئۆيگە كەتتىم. يول بويى بەگزاتنىڭ ھەم چوڭ ئانامنىڭ گەپلىرى ئويلاپ كاللام ئېلىشىپ قالاي دېدى، زادى قانداق قىلىشىم كېرەكتۇ؟ ئۆمۈرلۈك ئىشتا يەڭگىللىك بىلەن قارار چىقارسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، زادى قانداق قىلاي.....
كۈندىلىك ئىشىمغا بەگزاتنى يوقلاش ھەم ئۇنىڭغا تاماق ئاپىرىش قوشۇلدى، كۈندە ئۇنىڭ بىلەن ياتاقتا چاقچاقلىشىپ، گەپ تالىشىپ، بەزىدە ئېتىشىپ دېگەندەك كۈنلىرىم مەنىلىك ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتاتتى. ئايزىبا ھەدەم بىلەن دىلزات ياتاققا كەمدىن كەم كىرەتتى، دەم ئالغان كۈنلىرىغۇ ئۇلارنىڭ سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى. مەردان بىلەن ئاسىيە بولسىمۇ ئۇنتۇپ قالماي بەزىدە تاماق، بەزىدە مېۋە-چېۋە دېگەندەكلەر بىلەن بەگزاتنى يوقلاپ تۇراتتى. ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم بىلىقىز ئانامنى يوقلاپ كېلەتتىم، ھەر قېتىم بەگزاتنى سورىسا مۇھىم ئىش بىلەن باشقا يەرگە كەتتى دەپ قوياتتىم، كۆڭلى بىرەر نەرسىنى تۇيغان بولسا كېرەك ئاكامنى سورىمايتتى، ئەمما پات-پات ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن دەپ دۇئا قىلىپ قوياتتى.
داۋامى بار |
|
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.
|
|
|
|
|