|
بىرەر ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەيلا ئايزىبا ھەدەم بىلەن دىلزات ئاكاملارنىڭ رۇخسىتى توشۇپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتى، مەردان ئاكامنىڭ زۇليارنىڭ سېسىق گەپلىرىدىن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا كۆڭلى تارتمىغاچقا، بەگزات ئاكاملار ئۇقۇشۇپ ئەپلىك بىر جايدىن تاللا بازىرى تېپپ بەردى، مەردان شۇ دۇكاننى ئاچىدىغان بولدى. مەن بىلەن ئاسىيەمۇ بۇرۇنقى ئىش ئورنىمىزغا بارمىدۇق ھەم بېرىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، مەردان كۆپىنچە كۈنلەردە ئاسىيەنى دۇكانغا يېتىشىپ بولالمىدىم دەپ بىرگە ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى، مېنىمۇ تەكلىپ قىلاتتى ئەلۋەتتە، ئەمما ئۇلارغا پۇتلۇشۇپ يۈرۈشنى خالىمىغاچ يۇۋاشلىقچە ئۆيدە قالاتتىم. بەگزاتمۇ ئىشىغا كەتتى، ئاكامنىڭ نەدە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئەمما ئاساسەن دېگۈدەك ئۆيدە ئولتۇرمايتتى. مۇشۇ نەچچەيلەننىڭ ئىچىدە پەقەت مەنلا بىكارچى ئىدىم، ئۆيدە شۇنداق زېرىكەتتىم، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن كىتاب ئوقۇپ تېلىۋىزور كۆرۈپ دېگەندەك كۈنلىرىم بىر ئىزدا ئۆتىۋاتاتتى. زۇليارمۇ شۇ چىقىپ كەتكەنچە بىرەر قېتىم ئەھۋال سوراش تۈگۈل تېلىفۇنمۇ قىلىپ قويمىدى، ئۇنىڭدىن كۆڭلۈم قاتتىق ئاغرىدى، نىگارەنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ ماڭا ھاقارەت قىلغىنى بەكلا ھار كەلدى. نىگارە نېمە دېگەن بولغۇيتتى؟ ئۇ قىزنىڭ مەندە نېمە ئۆچى بار بولغۇيتتى؟ زۇليار بىلەن يېقىن ئۆتكىنىمگە شۇنداق قىلىدىغانمىدۇ يا؟ ئىككى كۈن بولدى ئاكاممۇ ھېچ كۆرۈنمەيدۇ، تېلىفۇن قىلسا تېخى كۆتۈرمەيدۇ، ئۇچۇر يازساممۇ قايتۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا قالغان ئىدىم، يېقىندىن بېرى ماڭا بىلدۈرمىگىنىگە سالامەتلىكىنىڭ دېگەندەك تازا ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغان ئىدىم.....يانفۇنۇمنىڭ يېنىك تىترىشى مېنى خىيالدىن تارتىپ چىقاردى، نومۇرغا قاراشقىمۇ ئېرىنىپ ئاستا ئۇلىدىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
- - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قانداقراق تۇرىۋاتىسىز؟ سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟- تونۇش ئەمما يۈرۈكۈمگە ناتونۇشلا تۇيغۇ بەرگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم، نومۇرغا قارىدىم راسلا شۇ.....
- ھە... مەن ياخشى.
- ئەھۋال سوراش ئېغىر كېلىۋاتامدۇ نېمە؟
- ياق.... ئۇنداق ئەمەس.
- مەندىن خاپا بوپ قاپسىزدە؟
- ئۇنداق ئەمەس.
- ئەمسە نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟
- ئۇنداق ئەمەس... ۋوي، ياق! ئۇنداق ئەمەس.... گەپ قىلىۋاتىمەنغۇ مانا.- ساراڭدەك بىر ئېغىز گەپنى قىلىۋېرىپتىمەن دېسە ئېلىشىپ قالدىڭمۇ زىلالە؟
- ھە مۇنداق دەڭ بوپتۇ ئەمسە كەچتە بارغاندا ئەھۋاللىشارمىز؟
- ھە... – كەچتە كېلەمدىكىنە، يەنە نېمىشقا كېلىدىغاندۇ؟ يەنە ماڭا نەشتەر سانجىغىلى كېلەمۇ؟ گەپلىرىدىنغۇ ئۇنداقتەك ئەمەس.
- ھە، ماقۇل- تىت-تىت قىلغان ئاۋاز بىلەن تېلىفۇن ئۈزۈلدى، ئەتىگەندىن بېرىقى كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقى بىلەن قوشۇلۇپ كۆز ياشلىرىم يەنە قۇيۇلدى. نېمىشقا بۇنچە يىغلاڭغۇ تۇغۇلۇپ قالغان بولغىيتتىم؟ يىغلاشتىن باشقىنى بىلمەمدىغاندىمەن؟ چۈشلۈك تاماق ئەتتىم، ئەمما نېمە ئەتكىنىمنى، قانداق ئەتكىنىمنى بىلمەيمەن، كۆزلىرىم ياشتىن، ئەس-يادىم خىيالدىن نېرى ئەمەس.
- زىلالە!
- ھە،
- سىز ئەتتىڭىزمۇ بۇ تاماقنى؟
- ھە، ھەئە
- ئۆزىڭىز تېتىپ باقتىڭىزمۇ؟
- ھە ياق تېخى.
- تېتىپ بېقىڭە قېنى.
قۇشۇقنى ئېغىزىمغا سېلىش بىلەن تەڭ تىلىم، تېنىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇم شۇرقۇراپ كەتتى، تاماق ئەمەس شاكىراب سالغاندەك ئېغىزىمغا، شۇنچىلىك بەتتام. دەرھال ئاشخانىغا يۈگۈردۈم، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلۈپلا كەتتى. ئېغىزىمنى چايقاپ، يۈزۈمنى قايتا-قايتا يۇيۇپ تېشىغا چىقسام ھەممىسى غەلىتە بىر نەزەر بىلەن قاراپ تۇرۇپتۇ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم.
- سىزگە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ ھېچقاچان بۇنداق ئەمەستىڭىزغۇ؟
- ھېچ ...ھېچ ....ئىش بولمىدى،-دېدىميۇ يەنە كۆز ياشلىرىمنى تۇتىۋالالمىدىم، نېمىشقا يىغلايدىغانلىقىم، نېمىشقا بۇ قەدەر گاراڭ بوپ قالغىنىم مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ. ئېلىشىپ قالغاندىمەنمۇ نېمە؟ بىكارغىلا يىغلاپ يۈرىيمەنغۇ...
- زادى نېمە ئىش بولدى دەڭە؟ يىغلايسىزغۇ؟
- راسلا ھېچ ئىش بولمىدى، راسلا.- يۈزۈمنى قوللىرىم بىلەن ئېتىپ يىغلىغىنىمچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. توۋا زادى نېمىشقا يىغلايمەن؟ بەگزاتنىڭ گەپلىرى يىغلىغۇدەك ئەمەسقۇ؟ ئاكامنى زىيادە سېغىنىپ شۇنداق بوپ قالغاندىمەنمۇ يە؟ ھەي كالۋالىقىم...تاماقنى تۇزغا چىلىغاندەكلا ئەتكىنىم تېخى.... ئەجەپ يىغلاڭغۇ بوپ قاپتىمەنغۇ بۈگۈن؟
- زىلالە نېمە ئىش بولدى؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ؟ بىرەر دەردىڭىز بولسا يۈتىۋالماي ماڭا دەڭ دەردىڭىزگە دەرمان بولاي، نېمىشقا يىغلايسىز سىڭلىم؟ ئىشىكنى ئېچىڭچۇ؟- نېمە دەيمەن؟ يىغلىشىمنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، نېمە دەردىم بارلىقىنىمۇ بىلمەيمەن دەمدىم؟ بۇنداق دېسەم ئۇلار قانداق ئويلاپ قالار؟
- ھېچ ئىش بولمىدى ھەدە، ئىشىڭىزغا مېڭىۋېرىڭ. ئازراق بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ، بىردەم ئۇخلىۋالساملا ياخشى بوپ قالىمەن.- ئىشىكنى ئېچىشىمنى كۈتۈپ تۇرغان ئايزىبا ھەدەمگە ئۆتۈنۈش ئارىلاش شۇنداق دېدىم.
- مەيلى ئەمسە سىزنى ئاۋارە قىلماي، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ. ئەگەر ئېغىر بولسا ماڭا دەڭ ھە.
- ماقۇل. رەھمەت ھەدە.
- ئەمسە بىز چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى نېمە يىگۈڭىز بار ئالغاچ كىرەي؟
- بولدى ھەدە ھېچ نەرسە يېگۈم يوق. سىلەر چىقىۋېرىڭلار.
- بۇنداق قىلساق بولمايدۇ، تاماق يىمىسىڭىز ئاغرىپ قالىسىز، بوپتۇ ئۆزۈم بىلىپ ئالغاچ كىرەي.
ئۈندىمىدىم، ئۇلارنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا پىچىرلىشىپ ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى تۇيدۇم. قاچانلا قارىسا تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان يۈزى قېلىن ياشلىرىمغا بىر نەرسىلەرنى دەپ كايىۋەتكەندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ قاچا-قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ، ئەتكەن تامىقىمنى يالتىراق خالتىغا تۆكۈپ، تېشىغا ئاچىقىپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتتىم.
ئۆيگە كىرىپ يەنە ھېچ ئىش خوشياقماي كرسلودىلا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ئۇدۇلۇمدا بەگزات كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. بەگزات ئىشقا خالىسا بېرىپ، خالىمىسا بارمىسا باشلىقى بىرنەرسە دېمەمدىغاندۇ؟ رۇخسەت سورىسا بېرىۋېرەمدىغاندۇ؟ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم، تاھارەت ئېلىپ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ ناماز ئوقۇپ چىقسام يەنە ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇ، مېنى كۆرۈپ قولىدىكى كىتابنى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپ:
- قېنى كېلىڭە پاراڭلىشايلى.
- كىچىك بالىدەك تەمتىرەپ كېلىپ ئاستا ئولتۇردۇم.
- بۈگۈن مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە باشقىچە تۇرىسىزغۇ؟
- ئۇنداق ئەمەسقۇ.
- مەن قارىغۇ ئەمەس، كىچىك بالىدەك گەپ قىلىدىكەنسىز، بىرەر ئىش بولغان بولسا دېسىڭىز بولىدىغۇ.
- راسلا ھېچ ئىش بولمىدى، ئىككى كۈن بولدى ئاكامدىن خەۋەر يوق. ئۇنى بەكلا سېغىندىم، يا تېلىفۇندا ئالاقىلاشقىلى بولمىدى.
- ھە مۇنداق دەڭ، ئۇ سەل ئالدىراشمىكىن.
- ئەمسە نېمىشقا تېلىفۇن قىلسام كۆتۈرمەيدۇ، سىز ئالاقىلاشتىڭىزمۇ ؟
- ھە...ياق ... بىكار بولغاندا ئۆزى تېلىفۇن قىلار ئەنسىرمىڭە، چوپچوڭ ئادەم بوپ قالغان تۇرسا بىرەر ئىش بولمايدۇ. بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى.
- شۇنداقتىمۇ يا خەۋىرى يوق، يا ئۆزى يوق بەك ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن.
...........
پارىڭىمىز مۇشۇنداقلا ئاياغلاشتى، جىمجىتلا خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق. ئىشىكنىڭ چېكىلىشى بىلەن خىيالدىن ئويغۇنۇپ ئىشىكنى ئاچتىم، چوڭ بىردەستە گۈل كۆتۈرىۋالغان زۇليار كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
- مېنى ئۆيگە باشلىمامسىز؟-تېخىچە ئىشىك تۈۋىدە ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىمنى بىلدىم.
- كەچۈرۈڭ قېنى كىرىڭ.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زۇليار كېلىپ قاپتىغۇ؟
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قانداق قارشى ئالمامسەن؟ مەن بۈگۈن ئاتايەن ھەممىڭلاردىن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلدىم، بولۇپمۇ زىلالە بىلەن ئاسىيەدىن. كۈنى بەكلا ئاشۇرىۋېتىپتىمەن، ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھېلىقى يەرگە بېرىپ خوجايىنىغا ئازراق پۇل بېرىپ كامىراسىنى ئاچقۇزدۇم يەنى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلدىم. كەچۈرۈڭ زىلالە مەن خاتالىشىپ سىزنى قارلاپ قويۇپتىمەن.
- ھە...ھە...-گاچىلىشىپ ئېغىزىم گەپكە كەلمەي دۇدۇقلاپ قالدىم.
- بوپتۇ، ئىش ئايدىڭلىشىپتۇ سەنمۇ ئۇ قىز نېمە دېسە ئىشىنىۋەرمەي ياخشى ئويلىشىپ باق، قاراپ تۇرۇپ شۇ قىزنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنگىنىڭ. زىلالە ئاشۇنداق يەرلەرگە بېرىپ يۈرەرمۇ سېنىڭچە؟
- بولدىلا بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى، ئايزىبا ھەدەملەرنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بوپ قاپتۇ، سىلەر ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ تۇرۇڭلا مەن تاماق ئېتەي.- گەپ ئۇزىراپ كۆڭۈل يارامنى قايتا تاتىلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى بۇ كۆڭۈلسىز پاراڭدىن توختاتتىم.
- بولدى ئاۋارە بولماڭ زىلالە بۈگۈن مەن مېھمان قىلاي، يەنە بۇ گۈل سىزگە.- زۇليار قىپقىزىل بىر دەستە ئەتىرگۈلنى سۇندى، قىزىرىپقىنە ئاستا قولۇمغا ئالدىم. باياتتىن بېرى يەرگە قاراپ تۇرۇپ دىققەت قىلماپتىكەنمەن، بۇ گۈل راسلا بەك چىرايلىق ھەم چوڭ ئىدى، قۇچىقىمغا لىققىدە كەلدى.
- رەھمەت بەك چىرايلىقكەن.
- سىزگە يەتمەيدۇدە يەنىلا.
- رەھمەت!
- مېڭىڭە كىرىپ كىيىمىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ چىقىڭ، رەھمەت رەھمەت دەپ تۇرىۋەرمەي.- بەگزاتنىڭ تەنە قىلغاندەك تەلەپپۇزدا دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ئۈندىمەي ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم................
- زۇليار بەك ئەسكىكەنسىز سىزگە قارىمايمەن ئەمدى، سىڭلىمنى ھاقارەتلەپ يەنە قايسى يۈزىڭىز بىلەن كەلگەنسىز ئالدىمىزغا؟ قېلىن....- تاماقخانىغا كېلىپ ئۈستەلگە جايلىشىۋالغاندىن كېيىن ئايزىبا ھەدەم زۇليارغا كەينىنى قىلىپ دومسىيىپ ئولتۇرىۋالدى.
- خاپا بولمىسىڭىزچۇ ئايزىبا، مەنمۇ شۇ بەكلا ئالدىراقسانلىق قىپ قويۇپتىمەن، نىگارە زىلالەنى شۇنداق دېگەن ۋاقتىدا كۆزۈمگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەپتۇ، ئاچچىقتا شۇنداق بوپ قالدى.
- كۆزىڭىزگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمىسە ئۆينى قانداق تېپىپ كەلگەن؟ زىلالەنى قانداق تونۇپ ئاچچىق گەپ قىلغان.
- ...... نېمە دەي ئەمدى؟
- مەن زىلالەدەك يۇۋاش ئەمەس، مەسىلىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئوبدان بىر ناماقۇل بولمىسىڭىز گۇناھىڭىزدىن ئۆتمەيمەن.
- ماقۇل ماقۇل، كەچۈرگەيلا خانىم ئالىيلىرى كەچۈرگەيلا، گۇناھىمدىن ئۆتىۋەتسىلە بىر قېتىم. چاي تۇتاي سىلىگە خاپا بولمىسىلا.- زۇليار شۇنداق دەپ شوخلۇق بىر بىلەن پىيالە چاينى ئېلىپ ئايزىبا ھەدەمگە تەڭلىدى.
- ئالسىڭىزچۇ قولۇم بەك كۆيۈپ كەتتى. ۋايجان...ۋايجان...
- ما ئۇششۇقنى بىر پىيالە چاينى كۆتۈرەلمەي، زادى ئاياللارنىڭ قەدرىگە يېتىڭلار سىلەر ئەرلەر ، بىز دېگەن كۈندە نەچچە پىيالە كۆتۈرىمىز چاي ھەرقانچە قىززىق بولسىمۇ چىدايمىز. قاراڭلار سىلەرنى بىر قېتىمغىمۇ ۋايجانلايسىلەر.
- خانىمنىڭ چاينى قوبۇل قىلىۋېتىپ ئاندىن دەرس سۆزلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن، قولۇم راسلا بەك كۆيۈپ كەتتى، پىشىپ قالىدۇ ھېلى.
- ھا..ھا..ھا.. يۇمۇرستىك بوپ قاپسىزغۇ زۇليارجان؟ ماقۇل بۇدا قېتىم گۇناھىڭىزدىن كەچتىم ئىككىنجى قېتىم بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ قالمىسۇن جۇمۇ.
- ئەلۋەتتە ماقۇل.
ئايزىبا ھەدەم زۇليارنىڭ قولىدىن چاينى قەستەن شۇنداق ئاستا سۈرئەت بىلەن ئالدى، كۈلكە چاقچاق بىلەن بۇرۇن خۇددى ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ باقمىغاندەك بۇ قېتىمقى كەچلىك تاماقنى يېقىندىن بېرىقى ئەڭ كۆڭۈللۈك كەيپىيات بىلەن يىدۇق، ئەمما ئاكام يەنە يوق، كۆڭلۈم بىر يەرلىرى بەكلا يېرىم.
- ئاكامدىن خەۋەر بارمۇ؟ ئۇنىڭدىن بەكلا ئەنسىرەۋاتىمەن.- ھەممىسى ئۆيگە چىقىپ كەتكەندە بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكنى ئاستا ئايلىنىۋاتقان بەگزاتقا يېقىنلىشىپ سورىدىم.
- باياتتىن تېلىفۇن قىپتىكەن، بىر دوستىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بوپ قاپتۇ. ئەتە كەلگۈدەك.
- شۈكرى ھەرنېمە بولسا، تېزرەك كەلسە بولاتتى.
- زىلالە!
- ھە!
- ئەگەر ئاكىڭىز سىزدىن، بىزدىن ئايرىلسا...
- يوق گەپنى قىلمىڭە ئاكام نېمىشقا بىزدىن ئايرىلغۇدەك، ئايرىلىپ نەگە بارىدۇ؟
- ئەگەر دەۋاتىمەنغۇ شۇڭا.
- ياق! ئاكام بىزدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، ئەگەر شۇنداق بوپ قالسا مەنمۇ ئاكام بىلەن بىللە كېتىمەن.
- ئەگەر يالغۇز بېرىشى كېرەك بولسىچۇ؟
- ئۇنى بارغىلى قويمايمەن، يېنىمدىن كەتكىلى قويمايمەن.- يىغلىغىنىمچە ئېتىلىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم، مۇشۇ كۈنلەردە يىغا تۇتۇپلا تۇراتتى، يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرى بىر قىسمىلا بوپ قالغان ئىدى، خۇددى بىر ئىش بولىدىغاندەك. كاللامدا پەقەت بەگزات نېمىشقا بۇنداق دەيدۇ؟ ئاكام نەگە كېتىدۇ؟ دېگەن سوئاللا بار.
ئەتىسى ئاكام راس دېگەندەكلا كەلدى، بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا چىرايى تاتىرىپ سولغۇن بوپ قالغان، كۆزلىرى ئولتۇرىشىپ كەتكەن، ئورۇقلاپ تاياقتەك قالغان ئاكامنى تاس قاپتىمەن تونۇيالمىغىلى. ئۆزۈمنى باغرىغا ئېتىپ قانغۇچە يىغلىدىم، ئاكاممۇ يىغلىدى، بەگزات دىلزاتلارنىڭ كۆزلىرىمۇ ياش يۇقى. ئاكامنى ئەمدى يۈتتۈرۈپ قويسام مەڭگۈ تاپالمايدىغاندەك ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلدىم.
- كىچىك بالا نېمانچە يىغلايسەن، مەن كەلدىمغۇ مانا.- ئاكام ياشلىرىمنى سۈرتكەچ دېدى.
- ئەمدى كەتمەيسىز، مېنى تاشلاپ قويمايسىز، نەگە بارسىڭىز مېنى بىللە ئېلىپ بارىسىز.
- ماقۇل ماقۇل ئەمما نەگە بارسام سېنى بىللە ئېلىپ بارالمايمەن.
- نېمىشقا؟- كىچىك بالىدەك پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم.
- يىغلىمىساڭچۇ، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ. سېنى قانداق ھەممە يەرگە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ئۆزۈڭ ئويلاپ باقە، مېنىڭمۇ ئىشلىرىم بار تۇرسا.
- يەنە قېچىپ كەتسىڭىز قانداق قىلىمەن.
- قېچىپ كەتمەيمەن.
- گېپىڭىزدە تۇرىسىز جۇمۇ ئەمسە يىگىت سۆزىدىن يانمايدۇ.
- ھە.....- بىردەمدىلا ئاكامنىڭ چىرايى ئۆزگۈرۈپ قارىداپ كەتتى، ئاۋازىمۇ بوغۇلۇپلا قالدى، كۆزلىرىنىڭ قارىسى ئۇيان-بۇيان چۆرگىلەپ، ئېقى باشقىچە بىر رەڭگە ئۆزگۈرۈپ قالدى. قورقىنىمدىن تۇرۇپلا قالدىم.
- مەن..مەن... مەن سىرتقا...چىقىپ كىرەي.- شۇنى ئاران دېدى دە بەگزاتنىڭ يۆلىشى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، كەتمەيمەن، سېنى تاشلاپ قويمايمەن دېگەن ئاكام بىردەمدىلا يوقىدى.
- ئەنسىرمەڭ زىلالە ئاكىڭىز زۇكام بوپ قاپتۇ، دوختۇرغا بېرىپ كەلسىلا ياخشى بوپ قالىدۇ.- دېدى يېنىمدا قالغان دىلزات كۆز ياشلىرى يوشۇرۇپ ماڭا تەسەللى بېرىپ.
- زۇكام دېگەن شۇنداق بولامدۇ؟ مېنى ئالداۋاتىسىز، مەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس نېمە دېسە گول بولىدىغان. چوقۇم بىر ئىشنى يوشۇرىۋاتىسىلەر، سۆز ھەرىكىتىڭلا بەكلا غەلىتە. ئاكامغا نېمە ئىش بولدى دەڭە.- ئۆزۈممۇ بىلمەي دىلزاتنى سىلكىشلەپ كېتىپتىمەن.
- بولدى زىلالە ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئاكىڭىزغا ھېچ ئىش بولمىدى، پەقەت ئازراق مىجەزى يوق ئىكەن. ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.- دىلزات مېنى تۇتىۋېلىپ كرسلوغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.
- مېنى ئالداۋاتىسىلەر ئالدامچىلار، ئاكاممۇ ئالدىدى، دىلزاتمۇ ئالدىدى، بەگزاتمۇ ئالدىدى، ھەممىڭلار بىر توپ ئالدامچىلار.- ئاچچىقىمدا ۋارقىراپ ئۆينى بېشىمغا كىيدىم. ئايزىبا ھەدەم قايتىپ كېلىپ ساراڭدەك تۇرغان ئەھۋالىمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.
- زىلالە نېمە ئىش بولدى، مېنى قورقۇتماڭ جۇمۇ.
- ھەممىسى ئالدامچى، ھەممىسى نېمىشقا ماڭا راست گەپ قىلمايدۇ. نېمىشقا؟ زادى نېمىشقا؟ ئەگەر ئاكامغا بىرەر ئىش بوپ قالسا مەن قانداق قىلىمەن دەڭە ھەدە مەن قانداق ياشايمەن؟
- قانداق ياشايتتىڭىز ئاكىڭىز يوق چاغدا ياشىغاندىنمۇ ياخشى ياشايسىز. ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ زىلالە، بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ ھە ياخشى بوپ قالىسىز.- ئايزىبا ھەدەمنىڭ گەپلىرىدىن ئازراق پەسكويغا چۈشۈپ يەنە ئۆز ئۆزۈمگە سۆزلىگەچ ياتاق ئۆيگە كىرىپ ياتتىم، ئەمما كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. بەگزاتنىڭ گەپلىرى، مەنىلىك قاراشلىرى، ئاكامنىڭ بايىقى ھالىتى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن تەكرار تەكرار ئۆتۈشكە باشلىدى.
بەگزاتلار شۇ چىقىپ كەتكەنچە ئەتىسى ئەتىگەن كىردى، ئەمما ئاكام يوق.
- زىلالە تېز تەييار بولۇڭ ئاكىڭىزنىڭ يېنىغا بارىسىز. ئايزىبا بىلەن دىلزات سىلەرمۇ بۈگۈن ئىشقا بارماڭلا، مەردان سىلەرمۇ بۈگۈنچە دۇكاننى ئاچماي تۇرۇڭلا.- كۆزلىرى يىغلىغاندەك قىزىرىپ كەتكەن بەگزاتنىڭ «ئاكىڭىزنىڭ يېنىغا بارىسىز» دېگەن گېپىدىن شۇنچە خۇشال بولغان بولسام، كېيىنكى گەپلىرىدىن قانداقتۇر بىر شۇملۇقلارنى سېزىپ شۇنچە كۆڭلۈم يېرىم بولدى. نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ئاكامنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ؟
ھەممىمىز دىلزات بىلەن بەگزاتنىڭ ماشىنىسىدا بىرگە دوختۇرخانىغا باردۇق، بەگزات قولۇمدىن تارتىپ باشقىلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ شۇنداق تېز سۈرئەت بىلەن بىر ئەگىلمىلەردىن ئۆتۈپ باشقا بىنادىن پەرقلىق تۇرىدىغان يېڭى ھەم پاكارراق بىر بىنانىڭ ئىچىگە ئەكىردى، ھەم ماڭا تەپسىلى بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن بىر ياتاققا باشلىدى.
بىمارلار كىيىمى كىيىۋالغان، كۆزلىرى تۈنۈگۈنكىدىنمۇ بەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ھوشىسىز ياتقان ئاكامنى كۆردۈم. مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم. كۆزلىرىمگە تېپىپ چىققان ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى، بۇ ھالەتتە ئۆزۈمنى تۇتالىشىم مۇمكىنمۇ.
- ئاكامغا نېمە بولدى؟ كېسىلى شۇنچە ئېغىرمۇ؟ نېمىشقا تېخىچە ھوشىغا كەلمەيدۇ؟
- بۇنى ھازىر دېيىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئاكىڭىز بىلەن ياخشىراق دىدارلىشىۋېلىڭ.- بەگزاتنىڭ گەپلىرى يىغا ئارىلاش تىترەپ چىقىۋاتاتتى، «ياخشىراق دىدارلىشىۋېلىڭ» دېگەن گەپتىن ھوشۇمنى يوقۇتۇپ قويۇشقا تاسلا قالدىم.
- ئاكا كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ؟ مەن كەلدىمغۇ ماڭا قارىغۇدەك كۆزۈڭ يوقمۇ؟ ئەمدى سېنى خاپا قىلمايمەن ئاكا، نەگە بارىمەن دېسەڭ ئەگەشمەيمەن، بارغىلى قويىمەن، نېمە دېسەڭ گېپىڭنى ئاڭلايمەن. ۋەدە بېرەي..... راسلا گېپىمدە تۇرىمەن، ئۆتۈنەي كۆزۈڭنى ئېچىپ ماڭا بىر قارىغىنە ئاكا..... - ھېقىقداپ ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ يىغلىدىم. مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟ بىردىنبىر قېرىندىشىمسەكراتتا جان تالىشىۋاتسا يىغلىماي تۇرالايمەنمۇ؟
ئاكام قولۇمنى ئاجىز قوللىرى بىلەن سىقىپ ئاستا كۆزىنى ئاچتى، شۇ چاغدىكى ھېسياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزمەن، خۇددى ئاكام مۇشۇ كۆزىنى ئېچىش بىلەنلا ساقىيىپ كېتىدىغاندەك، يىغلىما سىڭلىم مەن ساق دەپ مېنى كۆتۈرۈپ كىچىك قىزلارنى پىقىراتقاندەك پىقىرتىدىغاندەك ھېسياتتا ئىدىم.
- يىغلىما زىلالە، ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ماڭا كۈلۈپ بېرە كۈلگىنىڭنى كۆرەي.- ئاكامنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك جانسىز ئىدى، قۇلاقلىرىمنى ئېغىزىغا ياققۇدەك بولۇپ ئاران ئاڭلىدىم.
- ئاخىرقى قېتىم دەيسەنغۇ، دوختۇرخانىدىن چىقساڭلا كۈلگىنىمنى كۈندە كۆرەلەيسەن ئاكا، ساڭا كۈندە كۈلۈپ بېرىمەن، ھەرگىز يىغلىمايمەن.
- ئەخمەق ئەمما مېنىڭ ھازىر كۆرگۈم بار، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا سەندىكى تەبەسسۇمنى كۆرگۈم بار.- ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقان ئادەم كۈلەلەيتتىمۇ، شۇنداقتىمۇ ئاكامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن مەجبۇرى كۈلۈشكە تىرىشتىم، ئەمما كۈلەلمىدىم. ھازىر چىرايىمنىڭ قانچىلىك قاملاشمىغان ھالەتتە تۇرغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان.
- ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار، ئەمما ھازىر ... ھازىر دەپ بولالمايمەن، بۇنى ئال بۇنىڭدا ساڭا يازغان يۈرەك سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى بار. سېنىڭ تويۇڭنى كۆرگۈم بار ئىدى، ئۆزۈم بىر قوللۇق تويۇڭنى قىلىپ قويغۇم بار ئىدى، ئەمما بۇ مۇمكىن بولمىغۇدەك.- ئاكام كىچىك كونۋىرتنى ماڭا سۇندى، ئاستا ئېلىپ يانچۇقۇمغا سېلىپ قويدۇم.
- ئاكا قالايمىقان گەپ قىلما، مېنىڭلا ئەمەس سېنىڭمۇ تويۇڭ بولىدۇ، تويۇڭدا ئايالىڭغا قولداش بولىمەن، بالاڭ بولسا مەن بېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنى ئۆگىتىمەن، يەنە جىق ئىشلارنى ئۆگىتىمەن. سەن چوقۇم ساقىيىپ كېتىسەن ئاكا.
- رەھمەت جېنىم لالەم رەھمەت ساڭا، مەن ئۇ كۈنلەرگە ئۇلىشالمايمەن، كېسىلىمنىڭ ساقايمايدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان، يەنە كېلىپ بۈگۈن كۈننى كەچ قىلالامدىم يوق بىلمەيمەن. ئۆزۈڭنى ئاسرا، ئۆزۈڭنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىڭنى ئۇنۇتما. مەيلى قەيەردىلا بول مىللىتىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويما. ئەخلاقلىق، ئىمانلىق، پەزىلەتلىك، ھايالىق قىز بول. ئۈمۈدۈمنى يەردە قويمايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن، مەن بىردەم ئۇخلىۋالاي.- ئاكام گېپىنى تۈگىتىپلا كۆزىنى يۇمۇپ باشقا ياققا قارىۋالدى. قاچانلاردا كىردى بىلمىدىم، ئايزىبا ھەدەملەر مەردان ئاكاملارمۇ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئايزىبا ھەدەم يېنىمدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ مۈرەمگە قولىنى قويۇپ تەسەللى بەردى، كىچىككىنە ياتاقتا ھەممەيلەن ئۈنسىز يىغلاپ ئولتۇردۇق. ئاكامنىڭ كارۋىتىغان بېشىمنى قويۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، بىر چاغلاردا ئاكامنىڭ قولىنىڭ مۇزلاپ كەتكەنلىكىنى سەزدىم، ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم، يۈزلىرى تاتىرىپ، ئاقىرىپ كەتكەن، لەۋلىرى كۆكۈرۈپ تەبەسسۇم قېتىپ قالغان، كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ئاكامنىڭ تومۇرى سوقۇشتىن توختىغان قوللىرى تۇيۇقسىز بارماقلىرىم ئارىسىدىن ئاجراپ كەتتى.
- ئاكا!!!- دېگىنىمچە ھوشۇمنى يوقاتتىم.
ھوشۇمغا كەلسەم ياتاق ئۆيدە يېتىپتىمەن، ھەممەيلەن ئاق ياغلىق ئارتىشىپ، قاپقارا كىيىملەرنى كىيىپ، قارىلىق تۇتىۋاپتۇ، ئايزىبا ھەدەم بىلەن ئاسىيە بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ.
- ھوشىڭىغا كەلدىڭىزمۇ؟ ئاكىڭىزنى يەرلىككە قويۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز- ئايزىبا ھەدەم يىغا ئارىلاش پەس ئاۋازدا دېدى، گەپمۇ قىلماستىن دەلدەڭشىپ مېڭىپ كارىدورغا چىقتىم، ئاكامنىڭ مېيىتى سېلىنغان جىنازىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ھەممەيلەن تۇتمۇتۇشتىن مېنى تارتماقتا، قەيەردىن كەلدىكى مەندىكى بۇ كۈچ تارتقانلارنى ئىتتىرىۋېتىپ پەرۋاسىزلىق بىلەن جىنازىغا چىڭڭىدە چاپلاشتىم.
- زىلالە بۇنداق قىلماڭ، ئۆلۈم ھەممە كىشىنىڭ بېشىدا بار، پەقەت ئىلگىرى-كېيىنلىك مەسىلىسىلا بار. بۇ جان بىزگە ئامانەت، جاننىڭ ئىگىسى ئامانەتنى قايتۇرۋالسا بىز بەندىلەرنىڭ قارشى چىقىشقا، نارازى بولۇشقا نېمە ھەققىمىز؟ ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ زىلالە، ئەزىز سىزنىڭ ئاكىڭىز بولۇپلا قالماي بىزنىڭمۇ ئەڭ يېقىن دوستىمىز، ھەممىمىز يىغلاپ ئېسىلىۋالساق ئاكىڭىزنىڭ روھى قورۇنماسمۇ؟ سەۋىر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ كىچىك بالا بولمىغاندىكىن- بەگزات مېنى يۇلۇپلا ئېلىپ يەرگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۇرغۇلۇق قىلىپ شۇنداق دېدى.
- سەبىر قىلىشىمىز كېرەك زىلالە، سەبىر ھەر بىر گۈزەل ئىشنىڭ ئاچقۇچى. كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدۇ. جان تەنگە ئامانەت، ئامانەتنىڭ ئىگىسى قاچان قايتۇرۋېلىشنى خالىسا شۇ چاغدا قايتۇرىۋالىدۇ. بۇنداق ئېزىلىپ يىغلىماڭ، يىغلىغۇدەك ھېچ ئىش بولمىدى، پەقەت مۇسۇلمان بىر بەندە ئارىمىزدىن كېتىپ قالدى خالاس.- زۇليار قوشۇلۇپ تەسەللى بەرگەچ سۆزلىدى.
- توغرا، بۇلار توغرا دەيدۇ، بۇ ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار، مۇھىمى بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش. توغرا! بۇ كۈن ھەممە كىشىنىڭ بېشىدا بار. سەبىر قىلىشىم كېرەك ئاللاھ شۇ سەبىرنىڭ ئەجرىنى بېرىدىغۇ؟ ئاكامنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ئىنشائاللاھ.....ئۈنسىز يىغلىدىم، ئاكامنى يەرلىككە قويۇپ بولدۇق، نەزىرلىرىنىمۇ بېرىپ بولدۇق، ئاكام كەتتى، مەندەك ناتىۋان لالىسىنى يالغۇز تاشلاپ كەتتى، بۇ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر قېرىندىشىم مەڭگۈلۈككە كەتتى، قەلبىمدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھەسرەت ۋە مىسكىنلىك ھۆكۈم سۈرەتتى.
- ساپساق ئاكام قانداقسىگە بۇنچە زەئىپلىشىپ كېتىدۇ؟ نېمە كېسىلى بار ئىدى بۇنچە ئېغىر؟- ئىشلارنى بىر قاتار تۈگىتىۋالغاندىن كېيىن، كۆز ياشلىرىمنى ئېرىتكەچ سورىدىم.
- يازغان خېتىدا بارمىكىن شۇنداق دەۋاتقاندەك قىلغان، شۇ خەتنى ئوقىسىڭىز بىلگىڭىز بار ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلەلىشىڭىز مۇمكىن.- بەگزات جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېدى.
ئاستا ياتاق ئۆيگە كىرىپ شۇ كۈنى كىيگەن كىيىمىمنىڭ يانچۇقىدىن ھېلىقى كونۋىرتنى ئالدىم، كونۋىرت ئىچىدىن بىر بانكا كارتىسى ۋە بىر پارچە خەت چىقتى. خەتنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لالەم، ئەڭ گۈزەل سالاملار، ئەڭ تاتلىق تىلەكلەر سەن ئوماق سىڭلىمغا بولسۇن! مەنسىز كۈنلىرىڭ قانداقراق ئۆتىۋاتىدۇ؟ سالامەتلىكىڭ ياخشىمۇ؟ مەندىن قېيداپ ئۆزۈڭنى تاشلىۋېتىپ يۈرەمسەن يا؟ جانسىز قوللىرىم ھېچ بۇيرۇقۇمغا بوي سۇناي دېمەيدۇ، ئىرماش-چىرماش يېزىلغان خەتلىرىمنى خاپا بولماي ئوقۇۋەت ھە كىچىك شەيتان.
گەپنى نەدىن باشلاي، سېنى بەكلا سېغىندىم شۇ تاپتا، بۇرۇن كۆتۈرۈپ پىقىرتىپ بېشىڭ قايسىمۇ قويۇۋەتمەي يىغلىغۇدەك بولغاندا قويۇپ بەرسەم، ماڭا قېيداپ تەتۈر قارىۋالغىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ شۇ ۋاقىتلار مەن ئۈچۈن قىسقىغىنا ھايات مۇساپەمدىكى ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەر، ھاياتىمدىكى بارچە گۈزەللىكنى پەقەت سەندىنلا ھېس قىلدىم بىغۇبار سىڭلىم. سەن ھاياتىمنىڭ ماناسى، ياشاشتىكى بىردىنبىر باھانەم ئىدىڭ.
يېڭى تونۇشلۇق بېرىپ ئاكا-سىڭىللىقىمىز ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، سوغۇقتا پاراڭلاشقىنىمىز، پاراڭ ئارىلىقىدا «ساڭا تونۇشلۇق بەرمەي ئۆتۈپ كېتەي دەپ ئويلىغانىدىم» دېگىنىم ئېسىڭدىمۇ؟ شۇ ۋاقىتتا«مەندەك سىڭلىڭىز لازىم بولمىغاندىكىن ھە» دەپ شۇنچىلىك نەشتەرلىك گەپ قىلغان ئىدىڭ، شۇ ۋاقىتتا يۈرۈكۈم ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتاتتى، ئازابتىن پارتلاپ كېتەيلا دېگەن ئىدى. ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتاي دەپ ئويلىساممۇ سېنىڭ ئازابلىنىشىڭغا، مەن بىلەن تەڭ تۈگىشىپ كېتىڭگە چىدىمايتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىڭدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئىدىم. كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا دېگەندەك ئەھۋالىم بارغانچە ئېغىرلاپ كەتتى، ئەمما ساڭا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. شۇ كۈنلەردىكى بەگزاتنىڭ مەنىلىك گەپلىرى، ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرۇشلۇرۇم ۋە مېنىڭ ئەھۋالىمدىن بىرەر ئىشنى سېزىۋېلىشىڭ تەس ئەمەس ئىدى. سەن بىلمەكچى بولغان شۇ ئىشلارنى ئەمدى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ يىغلاڭغۇ ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پەردە يىغلاشقا تەييارلىق قىل. مېنى مەرداننىڭ دادىسىنىڭ ئالداپ سېتىۋەتكەنلىكىنى بىلىسەن، سېتىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمنى ھەم سەن بىلمەكچى بولغان ئىشلارنى قىسقىغىنا قىلىپ سۆزلەپ بېرەي ساڭا.
مەن خۇددى قۇلدەك قولدىن-قولغا سېتىلىپ، سەييارە ئويۇنچىلاردەك ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە يۆتكۈلۈپ ئاخىرى چېڭدۇ دەيدىغان بىر يەرگە ئورۇنلاشتىم. قارىماققىلا ياۋۇز، رەزىل كۆرىنىدىغان ئادىم قېلىپىدىن چىققان بىر قىسىم «مىللەتداشلىرىم»نىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى بىلەن مەنمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن «ئەسقاتقۇدەك» بولدۇم. ئوغۇرلۇققا سېلىندىم، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا، زىيانكەشلىك قىلىشقا مەجبۇرلاندىم. ھەتتاكى دۆلەت ھالقىغان قاتىللىققىمۇ ياللاندىم. قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ، «خوجايىنلىرىمنىڭ» دەششەتلىك قەبىھ قېيىن-قىستاقلىرى، جان ئالغۇدەك جازا ئۇسۇللىرىنىڭ كارامىتى بىلەن شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر ئىدىم. كۆرمىگەن كۈنلەرنى كۆردۈم، مەن قىلىمغان يامان ئىشلار ئاساسەن قالمىدى. باشلىقلىرىمغىمۇ پايدام خېلى ئوبدان چۈشكەچكە، مەندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتى بولغاي، مېنى ئاققا كۆندۈرۈپ قويۇپ كونترول قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرى ئاق چەككۈزدى. ئاققا كۆندۈم، چېكىشتىن بارا-بارا شىپرىس بىلەن بىۋاستە بەدەنگە ئۇرۇشنىمۇ ئۆگەندىم. ئۇلار زور كۆلەمدە ئاق سودىسى قىلىدىغان، يەنە كېلىپ ماڭا ھەقسىز تەمىنلەيدىغان بولغاچقا بۇ ماڭا نىسبەتەن بەك ئەنسىرگۈدەك ئىش ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق نامدا ئادەم ئەمەلىيەتتە ھايۋاندەك ياشاۋاتقان مەن بەگزات بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ بۇ يەرگە سودا ئىشلىرى ئۈچۈن كەپتىكەن. ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ قەتئىي خاتا ئىكەنلىكىنى، ئامال بار بۇ جايدىن كېتىپ يامان ئىشتىن قول ئۈزۈپ ئادەمدەك ياشىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مېنى قايىل قىلدى.
بېشىم قاتتى، بۇ يەردىن كېتىش تۈگۈل مېنى كۆزىتىپ سايەمدەك يۈرىيدىغان كۆزلەردىن يىراقلىشىشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە ئىدى. بەگزات بىلەن قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلەشتۇق، پىلان تۈزدۇق ئەمما مۇكەممەل ئەمەس. يەنە كېلىپ مېنىڭ بىر پېشىم ئۇلارنىڭ قولىدا. ئارىدا بەگزات نەچچە قېتىم شىنجاڭغا قايتتى، ئۇ ئارقىلىق سېنىڭ ۋە ئۆينىڭ ئەھۋالىڭنى بىلدىم. ياسىن دېگەن ئىپلاسنىڭ ساڭىمۇ قارا قولىنى سوزغانلىقىنى ئاڭلاپ چىدىمايلا قالدىم، كېيىن بەگزاتنىڭ سېنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ يېنىدا تۇرغۇزىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بەكلا خوش بولدۇم، سەن ئۈچۈن بولسىمۇ شىنجاڭغا قايتىش ئارزۇيۇم بارغانچە كۈچەيدى.
ئەمما شۇ كۈنلەردە ئۆزۈمدە كۆرىلىۋاتقان بىنورماللىق دىققىتىمنى تارتتى، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ئارقىلىق مەن ئەڭ ئەنسىرىگەن نىجىس ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلدىم. نەتىجە قەغىزىنى قولۇمغا ئالغان ۋاقتىمدا پۈتۈن يەر-جاھان پىرقىرىغاندەك بولدى، كۆز ئالدىمدا بىچارىلەرچە بوينىڭنى قىسىپ قاراپ تۇرغان سىمايىڭ ئەگىدى، مەندەك ئادەم ئۈچۈن بۇمۇ ھەق ئىدى. خوجايىنلىرىم ئەيدىز بوپ قالغىنىمنى بىلگەندىن كېيىن ئىنساۋى كېلىپ قولۇمغا ئازراق پۇل ۋە مەلۇم مىقداردا ئاقنى تۇتقۇزغاندىن كېيىن «ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىنى بولسىمۇ دىيارىڭدا ئۆتكۈزگىن.» دەپ شىنجاڭغا يولغا سېلىپ قويدى شۇلارنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن شۇنچە كۆپ زەھەر بىلەنمۇ ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالماي شىنجاڭغا كەلدىم.
كەلگەندىن كېيىن بەگزاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن سىلەر تۇرىۋاتقان يەرگە يېقىنلا سېلىنغان بىر بىنادىن ئۆي ئالدىم. ئاشقان پۇلنى مۇشۇ يەردىكى كىرىم مەنبەسى بولمىغان، ھەتتا بالىسىمۇ يوق ئاجىز بىر تۇل مومايغا بەردىم، ھەم شۇ مومايغا بالا بولۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. بەگزاتنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئىشلەيدىغان ئورۇننىمۇ تاپتىم، مۇئاشىم ئۆزۈم بىلەن چوڭ ئاپاشتىن يېتىپ ئاشاتتى. ھېلىقى كارتىدا سەن ئۈچۈن پۇل يىغدىم، مەخپى نۇمۇرى سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ، ئەنسىرىمەي ئىشلەت ئۇ مېنىڭ ھالال ئەمگىكىمدىن كەلگەن پۇل. ئۆينى ئاجىز ئاپاشقا قالدۇردۇم، ئۇ ئاپاشنى ھەم ئۆينى بەگزات بىلىدۇ، ۋاقتىڭ چىققان ھامان يوقلاپ تۇر، ھەرگىز ئۇنۇتما.
سېنى ھەر كۈنى دېگىدەك كۆرۈپ تۇراتتىم، ساڭا شۇنچىلىك تونۇشلۇق بەرگۈم كېلەتتىيۇ يەنىلا بۇ ھالىتىمدە جۈرئەت قىلالمايتتىم. سەن، زۇليار ۋە نىگارە ئىسىملىك قىز بىلەن ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن مۇرەككەپ ئىشلاردىنمۇ خەۋەردار بولدۇم. سېنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋېرىشىڭنى خالىماي سېنى قوغداشنى ئويلاپ ساڭا يېقىنلاشتىم. بارچە ئىشلارنى يېشىش، ئۈچۈن ساڭا تونۇشلۇق بېرىشىم زۆرۈر بولۇپ قالدى، يۈرۈكۈمگە تاشنى تېڭىپ تۇرۇپ تونۇشلۇق بەردىم. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يورۇق دۇنيادىن خوشلىشىدىغانلىقىمنى، سەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدىغانلىقىمنى، سېنى ھەسرەتتە قويىدىغانلىقىمنى بىلسەممۇ ئامالسىز تونۇشلۇق بەردىم. ھەممە ئىشلار ئاشكارا بولدى. ئەمدى بەگزاتلارنى ماڭا نېمىشقا ئاكامنىڭ كېسىلى توغرۇلۇق خەۋەر بەرمىگەن دەپ قىينىما، ئۇلارغا ساڭا ئېيتماسلىقنى مەن دېگەن، ئۇلاردىن ئاغرىنما.
سېنى ئاۋۋال ئاللاھقا ئاندىن قالسا ئەتراپىڭدىكى ئەشۇ كىشىلەرگە تاپشۇردۇم، ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆت. بەگزات سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، سەن بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى خالايدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئېسىل يىگىت ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشقا چىقىشىڭنى بەكمۇ خالايمەن، ئۇنىڭ سېنى بەخىتلىك قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. زۇليارغا كۆڭلۈڭ بارلىقىنىمۇ بىلىمەن، بەلكىم ئۇنىڭمۇ ساڭا كۆڭلى باردۇر، ئەمما.............. ھەر بىر ئاكا بولغۇچى سىڭلىسىنىڭ بەختىنى كۆلەيدۇ، قالدىسى ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارى.
ساڭا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىدىم، بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكۈنۈشۈم. تويۇڭنى كۆرگۈم، ئۆز قولۇم بىلەن سېنى ياتلىق قىلغۇم بار ئىدى، ئەمما مۇمكىن بولمىدى. ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمەي ياخشى ياشا. ئىمانلىق، ئەخلاقلىق، پاك-دىيانەتلىك، شەرمى ھايالىق قىز بولۇپ پەزىلەت بابىدا گۈلدەك ئېچىل. مەيلى يۈز تېپىپ ئالىم بولۇپ كەتسەڭمۇ، چەت-ئەللەرگە چىقىپ كەتسەڭمۇ، ئۆزۈڭنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىڭنى، مىللىتىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئانا تىلىڭنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىكەلىكىنى ئۇنۇتما. دىنىڭنى، تىلىڭنى، مىللىتىڭنى قەدىرلە ھەم ئاسرا. ھەر بىر كۈنۈڭنى مەن بۈگۈن نېمە ئىش قىلدىم؟ دېگەن سوئالغا رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرەلىگىدەك ئۆتكۈزگىن. سەن بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدى، ئانىسى سەن، بىلىم ئال، تەربىيلەن، ئۆزۈڭنى تاكاممۇللاشتۇرۇشقا تىرىش. سەندىن بالا ئەمەس مىللەتنىڭ كەلگۈسى تۇغۇلىدۇ، شۇنى جەمىئەتكە، مىللىتىڭگە يۈك قىلماي تەربىيلىيەلىگىدەك بىلىمگە ئىگە بول. ئۇنۇتمىغىنكى، ساۋاتسىز، بىلىمسىز ئانىنىڭ قولىدىن نادان، ئەقىلسىز، ئەخلەت چىقسا چىقىدۇكى ھەرگىز ئادەم دېگەن نامغا لايىق كەلگۈدەك ئىنسان چىقمايدۇ.
خەيىر چىرايلىق لالەم، خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتۇراي. قەلىمىم جانسىز قوللىرىمنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمايۋاتىدۇ، ئۆزۈڭنى ئاسرا! بەخىت ۋە خفتىرجەملىك مەڭۈ ساڭا يار بولسۇن! سۆزلىرىم قۇلۇڭدىلا ئەمەس يۈرۈكۈڭگە ئورناپ ھەركىتىڭدە ئىپادىلەنسۇن. ۋىجدان-غوروروڭ بىلەن پاك ياشا سىڭلىم، شۇندىلا سائادەتنىڭ ئىشىكى ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ.
ــــ ساڭا ئىشىنى- ھەم سېنى مەڭگۈ سۆيۈپ ئاكاڭ ئەزىزدىن» خەت مۇشۇنداق ئاياغلاشتى، ئەمما مېنىڭ ياشلىرىم ھېچ ئاياغلىشىدىغاندەك ئەمەس. ئۆزۈمنى ئەيىبلەشكە باشلىدىم، ئاكام شۇنچىلىك ئېغىر چىدىغۇسىز كېسەل ئازابى تارتسىمۇ ماڭا دېمەپتۇ، مېنى ئازابلانمىسۇن دەپ مېنى ئويلاپ كەپتۇ. ئەمما مەن ئاكامدىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن. ئاكامنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمىسام، ئۇنىڭغا يار يۆلەك بولالمىسام، ھەتتا ئاغرىق ئازابىدىن تولغۇنىۋاتقىنىدا «ھالىڭ نىچۈك؟» دەپ ئەھۋالمۇ سورىيالمىسام مەنمۇ ئادەم بولدۇممۇ؟ ئېسىت.... مۇشۇ ئەيىبلەش ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراقلىرىغا لايىقمەن. مەندەك كۆيۈمسىز سىڭىل ھەرقانداق ئەيىپلەشلەرگە ھەقلىقتۇر.
- جېنىم ئاكا خاتىرجەم بول، چوقۇم سەن دېگەندەك ياخشى ياشايمەن، ئۈمۈدۈڭنى ئاقلايمەن ئاكا چوقۇم.- ئاكامنىڭ خەتلىرىنى باغرىمغا بېسىپ ئۆز-ئۆزۈمگە تۆۋەن ئاۋازدا پىچىرلىدىم. ئەسلى بەگزاتلار بىلەن ئاكام بۇرۇنلا تونۇشىدىكەن، ئاكامنى تونۇغاچقا مېنى ئەكىلىپ ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپتىكەن بۇ ئۆيگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بولغان ھەممە ئىشنى ئەسلەپ چىقتىم، بۇ ئائىلىدىكى ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان كىشىلەرگە قانچىلىك رەھمەت ئېيتسام ئەرزىيتتى. ئەگەر بۇلار بولمىغان بولسا بەلكىم ئاكام بىلەن مەڭگۈ كۆرۈشەلمەسلىكىم مۇمكىن ئىدى. ئۇلارغا قېيدىسام بولمايدۇ، ئەكىسچە ئۇلاردىن مىننەتدار بولىشىم كېرەك. كارتىنى ئوبدان بىر يەرگە جايلاشتۇرۇپ قويۇپ كۆز ياشلىرىمنى ئېيتىپ تېشىغا چىقتىم.
- يىغلاپ بولدىڭىزمۇ يىغلاڭغۇ؟- مېھمانخانىغا قەدەم ئېلىشىمغا بەگزات چېقىشىپ ئۈلگۈردى.
-ھەئە
- ئاكىڭىزنىڭ خېتى نېمانچە شىپالىق، باياتتىن مىشىلداپ كىرىپ كەتكەنتىڭىز ئەمدى تۈزۈلۈپ قاپسىز. ئەكىلڭە مەن بىر كۆرۈپ باقاي.
- مەخپى نېمىشقا كۆرەتتىڭىز؟ كۆرسەتمەيمەن.
- بوپتۇ چىدىماس
- مەن ئاشۇنداق چىدىماس.
- بولدى قىلساڭلارچۇ! قورسۇقۇم ئاچتى تاماق يەپ كىرەيلى.
- قورساق بىلەنلا قالامسەن ئايزىبا. ھۇ ئاچ پاقا.....
- ئۇنداقتا سەنچۇ؟ سەنچۇ قېلىشمايسەنغۇ ئاكا
- مەن ئۇنداق ئەمەسقۇ؟
- تالاشمىساڭلارچۇ؟ بىرسىڭلار توختىساڭلار يەنە بىرسىڭلار چوقۇشىدىكەنسىلەر مېنىڭمۇ قورسۇقۇم ئاچتى تاماق يەپ كىرەيلى ئاۋۋال.- مەردان بەگزاتنى تارتىپ دېدى.
- ماقۇل، ماڭايلى ئەمسە.
بۇرۇندىن تولا بارىدىغان ئاشخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مەردان ئاكام ئاسىيەنى بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئېلىپ قالدى.
داۋامى بار |
|
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.
|
|
|
|
|