ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: دۇردانە
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھاراقكەشنىڭ قىزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

11#
ۋاقتى: 2015-11-16 18:04:28 | ئايرىم كۆرۈش
بەزى بىر قىسمەن جايلىرى جىددىي بوپ قالغاندەك تۇرىدۇ،ئەمما قالغان يېرىزە،بەك تەسىرلىك،بەكلا تەسىرلىك،بەك بەك تەسىرلىك....
ساقلاتماڭ ھە،ياخشى ئەسەرنى باشلىۋالغانكىن.
كەچكىچە قاراپ ئولتۇردىغان بولدۇق ئەمدى.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

6

تېما

194

يازما

1199

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 553
يازما سانى:
194
تىللا:
971
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
96 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-8

كۆيۈمچان ئەزا

12#
ۋاقتى: 2015-11-17 10:53:39 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشىلا باشلىۋاپسىز مانا، ساقلاپ قالدۇق، پاتراق يوللاڭ . ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئاي يەرنى ئايلىنىپ پەرۋانە،
        يەر قۇياش ئوتىدا سەرسانە...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

13#
ۋاقتى: 2015-11-17 17:16:38 | ئايرىم كۆرۈش
جانىم ،  ئەسەر يازماق ھەقىقەتەن تەس  ،  شۇنداق بولسىمۇ  بىزنى بەك تەقەززا قىلىۋەتمەي  ئاخىرىنى   كەلتۈرۈۋىتىڭە  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

14#
ۋاقتى: 2015-11-17 17:38:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرنى كۈتمەن ، ئىزچىلىق يار بولسۇن...

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

15#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-17 18:32:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئەزىزىم يوللىغان ۋاقتى  2015-11-16 18:04
بەزى بىر قىسمەن جايلىرى جىددىي بوپ قالغاندەك تۇرىدۇ،ئ ...

شارائىت ۋە ۋاقىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى سەۋەبلىك ئەمما بۇ ئەسىرىم بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرىم بوپ قېلىشى مۇمكىن، ئەسلى داۋامىنى يازمايلا قوياي دەپ ئويلىغانتىم، ئەسەرگە بولغان مەسئۇلىيەت تۈپەيلى ئاخىرىنى يېزىش قارارىغا كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سەل جىددى يېزىلىپ قالدى. توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

16#
ۋاقتى: 2015-11-17 18:39:15 | ئايرىم كۆرۈش
چوقۇم يېزۋېتىڭچۇ ھە.ئاسانلىق بولغاي.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

17#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-17 18:41:49 | ئايرىم كۆرۈش
- نېمە قىلىشىۋاتىسىلەر ئىشىڭلارغا ماڭماي، بىرەر ئىش بوپتۇما؟- تونۇش ھەم ناتونۇش بولغان ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ يۈرۈكۈم جىغ قىلىپ قالدى، كىشىلەر توپىنى يېرىپ يېنىمغا كەلگەن ھېلىقى ئاۋازنىڭ ئىگىسى بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچراشقىنىدا نەچچە يىل ئاۋۋالقى يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلىنىپ قالغان تونۇش سىمانى كۆرۈپ ھەريانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.


    - زۇليار!!!- ھەيرانلىقتا ئاۋازىمنىڭمۇ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن، راست، ئۇ زۇليار ئىدى. بويى تېخىمۇ ئېگىزلەپ، تېخىمۇ كېلىشكەن بوپ قالغاندىن باشقا ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزگەرمىگەنىدى.
    - ۋوي زىلالەغۇ سىز، ئەجەپ بۇ يەرلەردە يۈرىيسىزغۇ؟ پۇتىڭىزغا نېمە بولدى يارلىنىپسىزغۇ،- ئەگەر ئۇ دېمىگەن بولسا كۈپتەك ئىششىپ كەتكەن پۇتۇمنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن، شۇندىلا پۇتۇم ئېسىمگە كېلىپ ياش قېتىپ قالغان يۈزۈم يەنە ياش بىلەن يۇيۇلدى.
    - بۇ پالاكەت قىز دىققەت قىلماي يېقىلىپ كەتتى، پۇتى ئورنىدىن چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.- دېدى ئەكبەر.
    - خىزمەتدىشىڭلار يارلانسا مۇشۇندا تاماشا كۆرۈپ قاراپ تۇردۇڭلارمۇ دوختۇرخانىغا ئاپارمامسىلە سىلەرنى زە.- دەپ يېنىمدا تۇرغانلارغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ،- كېلىڭە زىلالە.- دەپلا مېنى كۆتۈرۈپ ماشىنغا سېلىپ دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى.
    - ھە يىغلاڭغۇ تېخىچە ئۆزگەرمەپتۇ ھە بۇ يىغلاڭغۇ مىجەزىڭىز، قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭىز ئەمدى؟ قانداقراق تۇرىۋاتىسىز؟ دادىڭىز-ئانىڭىز ياخشى تۇرىۋاتقاندۇ؟- پۇتۇمنى تۇتۇپ يىغلاپ ئولتۇرسام سوئال دېگەننى ياغدۇرىۋەتتى ئۇ.
قىسقىغىلا قىلىپ بولغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇنىڭدىن باشقا گپ قىلىشمىدۇق. دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن بارلىق بارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ دوختۇر پۇلىنىمۇ تۆلىۋەتتى، پۇتۇمنى تاڭدۇرۇپ دوختۇر يېزىپ بەرگەن بىرمۇنچە دورىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىدىن چىقتۇق، زۇليار ۋاقتىنچە ئىشقا بارماي ئۆيدە ئارام ئېلىشىمنى ئېيتىپ ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى. ماشىنىدىن چۈشتۈم يۇ، يەنە ئۇ ئون ئىككىنجى قەۋەتكە لىفىتتا چىقىشمۇ ھازىرقى ئەھۋالىمغا نەسبەتەن خېلىلا بىر ئىش ئىدى. پۇتۇمنى سۆرەپ دېگۈدەك چوڭ ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيگە پۇتۇمنى ئېلىشىمغا  ساق پۇتۇم قايرىلىپ كېتىپ كەينىمگە دەلدەڭشىپ كەتتىم، زۇليار چاققان كېلىپ تۇتىۋالدى بولمىسا يەنە بىر پۇتۇمدىنمۇ ئايرىلىپ قالارمەنكەن.
    - رەھمەت، سىزنى بۈگۈن كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم، ئەمدى قايتىپ كېتىڭ.- دېدىم ئارانلا ئۈنۈمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا.
    - قوغلاۋاتامسىز مېنى؟ مۇشۇ يەرگىچە كەلدىم ئەمدى ئاچىقىپ قوياي، بۇنداق ماڭسىڭىز قىينىلىپ قالىسىز.
    - قوغلىغىنىم ئەمەس، سىزنى ھېلىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم، ئۆي بىرىنجى قەۋەتتىلا قىينىلىپ قالمايمەن. ئىشىڭىزغا مېڭىۋېرىڭ.- دېدىم ئۇنىڭغا جاپايىمنى سالماسلىق ئۈچۈن يالغان ئېيتىپ كەتكۈزىۋەتمەكچى بولۇپ، بەرىبىر ئۆيگە چىقساممۇ ئايزىبا ھەدەم بۇنداق چاغدا ئىشتىن چۈشمەيدۇ ھامان ئىشىك تۈۋىدە ساقلايدىغان گەپ.
    - ھا...ھا...ھا... يالغاننى قىزارماي توقۇيدىغان بولۇپ كېتىپسىزغۇ، ئون ئىككىنجى قەۋەتكە ئۇچۇپ چىقمايدىغانسىز، مەن چىقىپ باقمىغان ئۆي ئەمەس جۇمۇ ئۇ.- يالغانچىلىقىمنىڭ چېنىپ قالغىنىدىن شۇنداق خىجىل بولدۇم، توغرا دوستى شۇ يەردە تۇرسا بىلمەي قالامتى، ۋاي دۆت زىلالە يالغان ئېيتقانغا تويە مانا.
     - ئۆزىڭىزنى تىللاۋاتمايدىغانسىز، مىجەزىڭىز تېخىچە ئۆزگەرمەپتۇ ھە. كېلىڭە ئۇچىدىغان ئىش بولسىمۇ بىللە ئۇچارمىز.- دېدى دە خىيالىمدىكىنى قانداق تېپىۋالغىنىغا ھەيران بولۇپ تۇرغان مېنى تارتىپلا بىنا ئىچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۆينىڭ ئالدىغىمۇ كەلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆيدە ئادەم يوقتى دەپ قانداق دەرمەن، نېمىشقا بۇرۇنراق دېمىگەن دەپ ئاچچىقلىسىچۇ؟ ئاچقۇچنىڭ تىرىقشىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام زۇليار ئاچقۇچنى قۇلۇپقا سېلىپ ئىككى تولغاپلا ئېچىۋەتتى. توۋا بۇنىڭدا ئاچقۇچ نېمىش قىلىدىغاندۇ؟ خاتاغۇ كېلىپ قالمىغادىمىزمۇ دەپ ئىشىك نۇمۇرىغا قارىدىم توغرا ئەمما بۇ قانداقسىگە.....
    - ھاڭۋېقىپ تۇرىسىزغۇ ئۆزىڭىز نەچچە ئاي تۇرغان ئۆينى ئۇنمتۇپ قالمىغانسىز كىرەمسىز يا ئۇچار گىلەم ئەۋەتەمدىم.- ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمەي گاراڭ بىر ھالەتتە ئۆيگە كىردىم.
     - ئاچقۇچ بۇنىڭدا نېمىش قىلىدىغاندۇ دەپ ھەيران قېلىۋاتىسىز ھە، بايا سىز پۇتىڭىزنى تاڭدۇرىۋاتقاندا ئايزىبا بىلەن كۆرۈشۈپ ئاچقۇچنى ئېلىۋالغانتىم. شۇڭا ھەيران قالماڭ.- زۇليارنىڭ بۇ گېپىدىن بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن خېلى تونۇشلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئاشخانىغا كىرىپ بىر ئىستاكاندا قايناقسۇ كۆتۈرۈپ چىقىپ:
    - دورىڭىزنى ئىچىپ تېزراق ساقىيىڭ، ئۆيدە يېتىۋەرگەنگە بولمايدۇ ئىشلىمىسىڭىز بولماس. مەن ھازىرچە قايتقاچ تۇراي، ئاللاھ خالىسا كېلىپ سىزنى يوقلاپ تۇرىمەن. ئاللاھقا ئامانەت!
    - ھە ماقۇل ئاللاھقا ئامانەت!
     ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ ئۇھ دەپ ئولتۇردۇم، ئۇ توغرۇلۇق كاللامدا نۇرغۇن چىگىش خىيال بار، خىيال سۈرۈپ يېتىپ كىرىسلودىلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئايزىبا ھەدەمنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ.
     - ۋاي ھۇرۇن قىز نەۋاق سىزنى چاقىرىۋاتقىلى ئەمدى ئويغاندىڭىزما؟ ئەجەپ قاتتىق ئۇخلاپ كەتتىڭىزا بۈگۈن، چۈشىڭىزدە مېنى كۆرۈپ ئويغانغىڭىز كەلمىدىمۇ يا.- بەگزات كۆزىنى قىسىپ.
     - ۋاي سەت سېنى كۆرسە چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كېتە زىلالە شۇنداقمۇ ھە سىڭلىم.- بەگزات ئۇياندىن گەپ قىلىپ بولغۇچە جاۋاپ قايتۇرۇپ ئۈلگۈردى  ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقان ئايزىبا ھەدەم.
     - ھەدە مەن سىزگە ياردەملىشەي - دەپ بەگزاتنىڭ سوئالىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، «ۋاي پۇتۇم!» پۇتۇمنىڭ ئاغرىقلىقىنى ئۇنتۇپ خىيالى ئورنۇمدىن تۇرغان مەن پۇتۇمدىن كىرىپ مېڭەمدىن چىقىپ كەتكەن بىر ئاغرىق دەستىدىن ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ ئالدىمدىكى ئۈستەلنى نىشانلاپ ئۈسەي دېيىشىمگە بەگزاتنىڭ تارتىشىدىن بەگزاتنىڭ قۇچىقىغىلا يېقىلدىم. نۇمۇستىن ئۆلگۈدەك بولدۇم، چاچراپلا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە پۇتۇم ئاغرىسىمۇ چىداپ ئاقساپ مېڭىپ ياتاق ئۆيگە كىرىۋالدىم.
     « ۋاي يۈزۈم...ۋاي يۈزۈم.. خوپ بولدىمۇ زىلالە، پۇتۇڭنىڭ ئاغرىقلىقىنىمۇ ئۇنۇتتۇڭمۇ ئەمدى، شۇنچىۋالا دۆت بوپ كەتتىڭما. مۇشۇنداقمۇ سەت ئىش قىلامسە، ئېسىت بەگزاتنىڭ ئالدىدا قايسى يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ يۈرەرسەن ئەمدى؟؟؟» ئۆزۈمنى ھەدەپ تىللاۋاتقاندا ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ئايزىبا ھەدەم كىردىدە كۈلۈپلا كەتتى.
    - ھى ھى ھى زىلالە مەن كىنودىلا كۆرىدىغان كۆرۈنۈشنى ئۆيدە كۆردىما بۈگۈن، ئاكام بىلەن خېلى ماسلىشىدىكەنسىز ھە- دەپ پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى. خىجىللىقتا ئۆلەي دېگەندە ئايزىبا ھەدەمنىڭ دېگەن گېپى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، كەيپىياتىم بىردەمدىلا چىرايىمغا تېپىدىغان بولغاچقا ئايزىبا ھەدەم خاپا بوپ قالغىنىمنى بىلدى بولغاي:
    - ۋاي-ۋۇي نازۇك قىز چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ، قاراڭ سىزگە تاماق ئېلىپ كىردىم. ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ، دىلزاتلار بىلەن يەيلى دېسەم ئۇنىمايسىز ھەقىچان، تاماقنى يەپ بولۇپ دورىڭىزنى ئىچىۋېلىڭ.- دەپ تاماق بىلەن بىر ئىستاكان قايناقسۇنى قويۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ئادەتتە بەگزات، دىلزاتلار بىلەن كۈلكە چاقچاق دېگەننى كۆتۈرە ئالغاندەك خۇشال تاماق يەپ كۆنۈپ قالغاچقا يالغۇز تاماق يېيىش سەل تەسكە توختىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى پالاكەتچىلىكلىرىمنى ئويلىسام گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەيتتى. زورلاپ يۈرۈپ دېگۈدەك يېمىنى يەپلا بولدى قىلدىم. كارىدورنىڭ ئۇلارنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئوتتەك چىققۇم بولسىمۇ بايامقى تېرىغان ئىشىم تۈپەيلى ئۇلارغا بولۇپمۇ بەگزاتقا قارىغۇدەك جۈرئەت بولمىغاچقا يەنىلا چىقماي ئولتۇرىۋەرىم.
    ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغانسام ئايزىبا ھەدەم ئىشقا كېتىپ بوپتۇ، شۇنچە ئۇخلىغىنىمدىن ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى. ئاقساپ يۈرۈپ يۈزۈمنى يۇيۇپ بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق ئويلاندىم، قورسىقىم كوركىراپ كەتتى، توغرا ئاۋۋال قورساق تويغۇزۇش كېرەك. قىززىق، بۈگۈن ئايزىبا ھەدەم ماڭا تاماق قويۇپ قويمىغانىدى. ئۆيدە ناننىڭمۇ قالمىغىنىنى كۆرۈپ بۈگۈن ئاچ قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم ئولتۇرسام ئىشىك شاراقشىپ ئېچىلىپ زۇليار كىرىپ كەلدى.
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداقراق تۇرۇپسىز؟ ئەھۋالىڭىز ياخشىلانغاندەكمۇ قانداق؟ ئايزىبا سىزنى ئاچ قالدى دېگەنتى ئەتىگەندىلا ناشتىلىق ئېلىپ كەلدىمغۇ-دېدى ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچە ئېغىزى ئېچىلىپ.
     - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاللاھقا شۈكرى ياخشى كۆپ رەھمەت تازا ئاۋارە بوپسىز سەت بولدى ھە.
    - ۋاي ئۇنداقمۇ دېمەڭ، ئىش ئورنىڭىزدا يارلانغان ئىكەنسىز، بىز باشلىقلار ئىگە بولىشىمىز كېرەك. بولۇڭ تېز ماۋۇ ئۈگرىنى ئىچىۋېلىڭ سوۋۇپ قالمىسۇن. باشقا تاماق ئېلىپ كېلەي دېسەم كۆپ ساقلاپ قالغۇدەكسىز شۇڭا مۇشۇنى ئېلىپ كەلدىم.- دېدى ئاشخانىدىن قاچا ئېلىپ چىقىپ تاماقنى بۆلۈپ ماڭا سۇنغاچ.
    تاماقنى يەپ تۇرسام ئىشىك شاراقشىپ ئېچىلىپ بەگزات بىر يالتىراق خالتىدا تاماق كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.
    - ۋوي زۇليارمۇ باركەنغۇ، تېخى ئالدىراپ كەلسەم مەندىن بۇرۇن چىقىۋاپسەنغۇ ئاداش.
    - ھە شۇ زىلالە خېنىم مېنى كۈتىۋالىمەن دەپ پۇتىنى قايرىپ بەرگەندىكىن كارىم بولمىسا قاملاشماس دەپ ناشتىلىق ئېلىپ كەلگەنتىم.
    - ھە مۇنداق دە، ئەتىگەن ئايزىبا بەك ئۇخلاپ قېلىپ تاماق قىلماپتىكەن، زىلالە ئاچ قالىدۇ تاماق ئاپىرىپ بەرگىن دېگەنتى شۇڭا مەنمۇ تاماق ئېلىپ كەپتىمەن.
    ئىشىكتىن كىرە-كىرمەيلا قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتكەن ئىككەيلەنگە قاراپ ھەيران قاپتىمەن. دىلزات ئاكامنىڭ دوستى دېمەمتى بەگزات بىلەنمۇ تونۇشامدۇ نېمە؟
     - مۇشۇنداق تۇرىۋېرەمسىلە، ھارمىساڭلا تۇرىۋېرىڭلا ئەمسە.- دېدىم ئۇلارنىڭ دوزاخنىڭ شوتىسىدەك ئالدىمنى تۇرىۋېرىشىدىن زېرىكىپ.
    - ھە زىلالىخان بەگزات ئاكىسىنى سېغىنىپتۇمۇ نېمە؟ ماقۇل خېنىم گېپىڭىزنى ئاڭلايمىز.- دەپ يەنە كونا ئادىتى بويىچە مەن بىلەن چېقىشىپ كېلىپ يېنىمدىلا ئولتۇردى، دە ئەندىكىپلا تۇرۇپ كەتتى.
    - ۋوي قولۇمدىكى شورپىنى ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ، زىلالە جىندەك ساقلاپ تۇرۇڭ ھە ئوماق مەن قىززىتىپ چىقاي،- دەپلا ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. توۋا دەيمەن نېمە بولغاندۇ بۇ بەگزاتقا ئەمدى، ئەجەپ ھېچقاچان قىلىپ باقمىغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرىيدۇ دېسە. نېمىشقىكىن زۇليارنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشىنى خالىمايتتىم. زۇليارمۇ:
     - مەن سۇ ئېلىپ چىقاي،- دەپ بەگزاتنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ كىرىپ كەتتى، نېمىلەرنى دېيىشتىكىن بىر ئۇزۇندا چىقتى.
     - ۋاي ئاللاھ ئەجەپ تەس چىقتىڭلارغۇ؟ ھېلىغىچە تىرىك قوينى سويۇپ شورپا سالسىمۇ پىشقۇدەك بولدى،- دېدىم ئىككىسىنىڭ يوقاپ كەتكىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلەرمەن دەپ قەستەن چېقىشىپ.
    - ۋوي زىلالە ئەجەپ گەپدان بولۇپ قاپسىزغۇ؟ ئۆزگۈرۈش خېلىلا چوڭغۇ،- دېدى ئەزەلدىن بۇنچىلىك گەپ قىلغىنىمنى ئاڭلاپ باقمىغان زۇليار.
     - مەن بار يەردە بۇنچىلىك ئىش دېگەن ھەيران قالغۇدەك ئەمەسقۇ ئاداش،- دېدى بەگزاتمۇ قېرىشىپ. زۇليارمۇ باشقا گەپ قىلماي زورىغا كۈلۈپ قويدى، مۇشۇنداق بىردەم تالىشىپ بىردەم كۈلۈشۈپ زۇليار ئەكەلگەن ئۈگرە ھەم بەگزات ئەكەلگەن شورپىنى ئىككىسى زورلاپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ئىچىپ بولدۇم. دورامنى ئىچىپ تۇرۇشۇم بەگزاتنىڭ:
     - ئۈچىمىزنىڭ يىغىلمىقى ئاسان ئەمەس، زىلالەنىڭ پۇتى ساق بولغان بولسا ئويناپ كېلەر ئىدۇق ئەمدى ئامال يوق بىردەم تېلىۋىزور كۆرەمدۇق؟- دېگەن تەلىپى بىزگگە بولۇپمۇ ماڭا بەكرەك خوش ياقتى چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا تېلىۋىزوردا «مۈشۈك بىلەن چاشقان» دېگەن كارتوننى بېرەتتى. بەگزات تېلىۋېزورنى ئېچىپلا نەدىكى بىر ئۇرۇش كىنونى چىقىرىپ قويدى.
    - بەگزات ئاكا مۈشۈك بىلەن چاشقاننى كۆرسەك بولامۇ؟ ھازىرقى ۋاقىتتا شۇنى بېرەتتى.
     - ۋاي كىچىك بالىنىڭ قىلىقىنى قىلمىسىڭىزچۇ، چوپچوڭ بوپ قالغان تۇرسىڭىز كارتون كۆرەمسىز.
    - شۇ بەك قىززىقارلىقكەنتۇق....
    - زىلالەنىڭ كۆڭلى ئەمەسمۇ ماقۇل دېسەڭچۇ مەنمۇ خېلى كۆرۈپ قويىمەن بۇ كارتوننى.
     - ماقۇل يولداشلا ماقۇل، كارتون كۆرەيلى ئەمسە،- زۇليارنىڭ مەن تەرەپتە تۇرىشى بىلەن ئىككىدە بىر بولۇپ بەگزات بىزگە يول قويۇپ قانالنى كارتونغا يۆتكىدى. كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تازا كۆردۇق، بىر چاغدا مۈرەمگە يېنىك بىر نەرسىنىڭ قويۇلىشى بىلەن چۆچۈپ قارىسام بەگزات مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ پۇشۇلداپ ئۇخلاۋېتىپتۇ. ئىتتىرىۋېتەي دەپ تۇرسام زۇليارمۇ يەنە بىر مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ، شۇندىلا بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم. ئىتتىرىۋەتسەم ئويغۇنۇپ كېتىدۇ شۇڭا بوپتۇلا دەپ مەنمۇ ئىككى باشنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈم يالغۇز كارتون كۆردۈم.
    مەنمۇ شۇنداق مۈگدەپ كەتتىم، ئەمما بۇ ئىككى ئاكاملا ئۈچۈن ئۇخلاپ قالسام بولمايتتى. چىداپ ئولتادىم شۇنداق تۇرسام ئايزىبا ھەدەم ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلدى، ھەم ئىككىسىنى كۆرۈپ ئېغىزىنى تۇتۇپ كۈلۈپلا كەتتى، ئارقىدىن دىلزات كىرىپ كەلدىدە، ئۇمۇ كۈلۈپ كەتتى، شۇنداق ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم.
    - ھەي ..ھەي.. تۇرۇشۇڭلا بىچارە زىلالە قىيناپ ئىككىلىسى ئېسىلىۋاپتۇ. ئاكا تۇرە،- دەپ بەگزاتنىڭ قۇلىقىدىن تارتىشقا باشلىدى، دىلزاتمۇ ھەمدەم بولۇپ زۇليارنى ئويغاتتى. مەنمۇ ئاخىرى قۇتۇلدۇم بۇ ئىككىسىدىن، تېلىپ ئاغرىپ كەتكەن مۈرەمنى بىر ئۇزۇن مۇشتلىسام ئاندىن ئاغرىقى ئاران چىقتى.
    - ھە بۈگۈن زۇليار ئۆزى كەپتۇ مېھمان قىلاي دەپ، بوپتۇ ياخشى كۆڭلىمۇ يەردە قالمىسۇن مېھمان بوپ قويايلىمۇ قېرىنداشلار، زۇليار بەگ نېمىدە مېھمان قىلىلا قورساق ئېچىپ كەتتى بولسىلا.- ئايزىبا ھەدەم يەنە شەيتانلىق قىلىپ چۈشلۈك تاماقنى زۇليار مېھمان قىلىدىغانغا توغرۇلاپ قويدى، زۇليارمۇ بۇنى قوبۇل قىلىپ سىرتقا چىقىپ تاماق يەيدىغان بولدۇق.
    - مەن چىقمايمىكىن، بۇنداق سۆرۈلۈپ يۈرۈپ سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويماي،- دېدىم ئارانلا.
    - نېمىشقا چىقمايسىز سىڭلىم، ھېچقىسى يوق ئۇنداق دېمەڭ مەن يۆلىۋالىمەن سىزنى.
    - ئايزىبا توغرا دەيدۇ يالغۇز ئولتۇرامسىز، مېڭىڭە بىللە چىقىمىز.
    - ۋاي خاتىرجەم بولىڭە مەن ئۆزۈم بىر قوللۇق كۆتۈرۈپ ئاچىقىمەن سىزنى.- بەگزاتنىڭ بۇ گېپى بىلەن زۇلياردىن باشقىلار بىر ھازا كۈلۈشتى.
     - بولدى چاقچاقنى قويۇپ ماڭايلى ماۋۇ ئالدىراشلا كېچىكىپ قالماڭلا ئىشىڭلارغا.- زۇليار شۇنداق دەپ گەپنى ئۈزۈپلا ماڭدى، باشقىلارمۇ ئەگەشتى مەنمۇ ئامالسىز ئايزىبا ھەدەمگە يۆلىنىپ دېگۈدەك چىقماسلىققا باھانە تاپالماي ئۇلارغا ئەگەشتىم. ئېسىل تاماقلار بىلەن غىزالانغاندىن كېيىن ئايزىبا ھەدەم بىلەن دىلزات ئاكام ناماز ئوقۇۋېلىپ ئىشىغا ماڭدى، بەگزات بىلەن زۇليار يەنە ماڭا ھەمراھ بولۇپ قالدى. چۈشتىن كېيىن كىرىسلونىڭ نەچچە تەرىپىدە ئايرىم ئولتۇرىۋېلىپ ياستۇق ئۇرۇشى ئوينىدۇق، زۇليارمۇ كەچتە ئايزىبا ھەدەملەر كەلگەندىن كېيىن كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئاندىن ماڭدى.
    شۇنىڭ بىلەن ئىككى ھەپتىدەك ئۆيدە ئولتۇردۇم، بۇ كۈنلەردە زۇليار بىلەن بەگزات ئىشقىمۇ بارماي ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، ئىككىسىنىڭ بەزىدە ماي تارتىشىپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۈلكە چاقچاق بىلەن كۈنلىرىم شۇنداق خۇشال مەنىلىك ئۆتتى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن پۇتۇممۇ ساقىيىپ مەنمۇ نورمال ئىشقا باردىم.
ئىشقا بەگزات ئاپىرىپ قويسا، ئىشتىن چۈشكەندە زۇليار ئۆيگە ئەكىلىپ قوياتتى. باشقىلار ئىككى ھەپتىدە بىر كۈن ئالمىشىپ دەم ئالسا مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن تولۇق دەم ئالاتتىم. باشقىلارغا قارىغاندا بۇرۇن ئىشتىن چۈشەتتىم،  ئىشنىڭ يېنىكلىرى ماڭا ئورۇنلاشتۇرىلاتتى، ئەكىسچە مەندىن جاپالىق ئىشلەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش مائاش ئالاتتىم. ئاساسەن دېگۈدەك ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھىرلىنەتتىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى زۇليارنىڭ تۆھپىسى ئىدى، ئۇنىڭغا شۇنچە دېگەن بولساممۇ يارلانغانلىقىمنى پەش قىلىپ خىزمىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇنىمىدى. ئاخىرى مەنمۇ جاھىللىق قىلىپ ئىشقا بارمايمەن دەپ بىشەملىك قىلىپ يۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم.
داۋاملىق باشقا قىزلارنىڭ كەينىمدىن غوتۇلداشلىرىنى، «باشلىققا سۈركۈلۈپ يۈرۈپ ئالاھىدە ھوقۇقلارغا ئېرىشىۋالدى، ئادەم دېگەن زادى قېلىن بولسا پايدا ئالىدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ، توۋا دەيلى نومۇسنى بىلمەيدىغانلارغا » دەپ بىر بىرىگە دېگەن بولۇپ گەپ ئۆتكۈزىۋېلىشلىرىنى، قىلغان ئىشلىرىمدىن قەستەن پۇتاق چىقىرىپ مېنى مازاق قىلىۋېلىشلىرىنى بىلىپ تۇرساممۇ چىداشقا مەجبۇر بولاتتىم. مېنى ئاز تولا چۈشىنىپ ھەمدەم بولىدىغان ئاسىيەلا بار ئىدى، بۇنداق ۋاقىتلاردا گەپنى باشقا ياققا بۇراپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماسلىققا تىرىشاتتى. ئادەتتە تولا گەپ قىلىپ كەتمەيدىغان، مېھرى ئىسسىق بۇ قىز بىلەن ئالاھىدە يېقىن ئىدۇق. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى يېزىدا بولغاچقا ئۆيدىكىللىرىنى بېقىش ئۈچۈن شەھەرگە ئىشلىگىلى كەلگەن ئىكەن، ھەر ئايدا پۇللىرىنى تېجەپ بىر قىسمىنى ئۆيدىكىللىرىگە ئەۋەتسە بىر قىسىمىنى ئۆزى ئىشلىتىپ ئېشىپ قالغىنىنى يىغاتتى. بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلاردىن ئەڭ كەمسۆز ئەمما تىرىشىپ ئىشلەيدىغىنى شۇ ئىدى.
شۇنداق ئەستايىدىل ئۈستەل سۈرتىۋاتاتتىم، بىرسىنىڭ تۇيۇقسىز كۆزۈمنى تۇتىۋېلىشى بىلەن چۆچۈپ كەتتىم دە، قولۇمدىكى لۆڭگىنىمۇ تاشلاپ تۇرغان جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم.
- ۋاي-ۋۇي سىزنى نېمانچە قورقىدىغانسىز ھە،- قۇلاق تۈۋىمگە بەگزاتنىڭ  قولىنى كۆزۈمدىن بوشاتقان ئېيتقان ھەيرانلىق ئارلاشقان سۆزلىرى ئاڭلاندى، توغرا مۇشۇنداق كىچىك بالىنىڭ ئىشىنى شۇلا قىلاتتى زادى.
- خىيالىي تۇرغانتىم شۇ، جېنىمنى ئالايلا دېدىڭىز قورقۇتۇپ.
- ۋاي قورقۇنچاق بۇنچە قورقۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوققۇ. بەك ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىۋېتىپتىكەنسىز مۇنداق چاقچاق قىلىپ قوياي دېگەنتىم.
- ئىشقىلىپ بەك قورقۇپ كەتتىم، ئەمدى بۇنداق چاقچاق قىلماڭ جۇمۇ. ھە راس ئەجەپ ئىش ۋاقتىدا قەدىمىڭىز يېتىپ قاپتىغۇ بۇ يەرگە؟
- شۇ سىزنى سېغىنىپ بولمامدۇ.- گەرچە چاقچاق تەرىقىسىدە دېيىلگەن بولسىمۇ بۇ گەپتىن شۇنداق خىجىل بوپ كەتتىم.
- قارىڭە بىردەمدە قىزىرىپ كەتتىڭىز، شۇ سىزگە دەيدىغان خۇش خەۋەر بارچۇ، يەنە كېلىپ بىر مۇكاپاتمۇ بار. قانداق ئاڭلاشنى خالامسىز؟
- مەن ئۈچۈن قانداق خۇش خەۋەر بولماقچىتى يەنە، خۇشخەۋەر دەپ كەتكۈدەك نېمە ئىشتى ئۇ.- دېدىم ھەيرانلىقىمنى باسالماي.
- نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟ زىلالە ھورۇنلۇق قىلسىڭىز مۇئاشىڭىزنى تۇتىۋالىمەن جۇمۇ. بەگزاتمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىپ قاپتۇ ئەجەپ، مېنىمۇ قېتىۋالماي قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىپسىلەرغۇ؟-  دەپ بىزنى كۆرۈپ ئېغىزى بېسىقماي سۆزلەپ يېنىمىزغا كەلدى زۇليار.
- قارا ئاداش سەنمۇ بىلىسە نوپۇس دەپتىرى ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بەكلا مۇھىم، زىلالەنىڭ نوپۇس دەپتىرى يوقاپ كېتىپتىكەن، نوپۇسى بولمىسا بىزنىڭ يېنىمىزدىمۇ تۇرالمايدۇ. شۇ ئىش ئۈچۈن نوپۇس دەپتىرىنى قايتىدىن تولۇقلاپ بىجىرىش، ھەم ھازىر تۇرىۋاتقان ئورۇنغىلا نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا بارغانتىم، بۈگۈن بىجىرىپ بېرىدىغان بولغانتى زىلالە ئۆزى بارمىسا بولمايدىكەن، شۇڭا بىر كۈنلۈك رۇخسەت بەرسەڭ شۇ ئىشنى ھەل قىلىۋېتىش ئۈچۈن زىلالەنى ئالغىلى كەلگەنتىم.
- راسلا مۇھىم ئىش زادى بۇ، ئەمسە مەنمۇ بارايچۇ مېنىڭمۇ ياردىمىم تېگىپ قېلىشى مۇمكىن.
- ئەلۋەتتە بولىدۇ دوستۇم ئەمسە ھازىرلا ماڭايلىمۇ؟ ھە راس زىلالە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن سىزگە بىر تېلىفۇن ئالغانتىم، كارتىمۇ بىجىرىپ قويدۇم خاتىرجەم ئىشلىتىۋەرسىڭىز بولىدۇ.- دەپ ماڭا بىر ياپمىلىق كىچىك ئوماق يان تېلىفۇندىن بىرنى سۇندى. بۇ نەرسىنى كۆرگەنگە بىرەر قېتىم ئىشلىتىپمۇ باقمىغاچقا سەل باشقىچە ھېس قىلىپ ئەيمىنىپقىنە ئۇنى قولۇمغا ئالدىم. بەگزات يېنىمدا تۇرۇپ قانداق ئىشلىتىشنى بىر قاتار ئۆگىتىپ قويدى ھەمدە ئۆزىنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ ھەرقانداق ۋاقىتتا تېلىفۇن قىلسا چوقۇم كۆتۈرۈشۈم كېرەكلىكىنى قايتا - قايتا تاپىلىدى. زۇليارمۇ ھەيران قالدى بولغاي ئىككىمىزگە قاراپلا تۇراتتى. بەگزات گېپىنى تۈگەتكەندىن نوپۇس بېجىرىش ئىدارىسىگە قارارپ يۈرۈپ كەتتۇق.
نوپۇس بىجىرىش ئىدارىسىگە بېرىپ بىجىرىپ كەلسەكلا ئىش پۈتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش ھېلى ئۇ يەرگە بېرىپ ئىسپات ئېلىپ كېلىڭلار، ھېلى بۇر يەرگە تامغۇ باستۇرۇپ كېلىڭلار دەپ بىر كۈن ئاۋارە بولۇپ كەچ بولاي دېگەندە مىڭ تەستە بارماق ئىزى ئېلىپ دېگەندەك ئاران بىجىردۇق، ئالدىرساق بىرەر ھەپتىلەردە چىقارمىش، ئۇنىڭغىچە ئىشلىتىپ تۇرغىلى تامغا بېسىلغان كىچىك بىر ۋاراقچىنى تۇتقۇزۇپ يولغا سېلىپ قويدى.  
ئىشىكتىن چىقىۋاتاتتۇق، قارشى تەرەپتىن كەلگەن شۇنداق ئېسىل ھەم زامانغا لايىق چىرايلىق بىر قىزنىڭ زۇليارنى چاقىرىشىدىن قەدىمىمىزنى توختاتتۇق، قىز كېلىپلا قىلچە ھېيىقماستىن زۇليارنى قولتۇقلىۋالدى دە، بىزگە دىققەت قىلمىدى بولغاي ئېغىزىنى ئۇشلاپ ئەركىلەپ تۇرۇپ:
- زۇليار جېنىم ئەجەپ يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟ ماڭا تېلىفۇن قىپ قويايمۇ دېمەيسىز خەپ جۇمۇ. ئائىشە ئاپام، مەسۇم داداملار ياخشى تۇرغاندۇ؟ ئەجەپ سېغىندىم ئۇلارنى...- دەپ بېسقىماي سۆزلەپ كەتتى. زۇليار شۇنداق بىر ئوڭايسىزلىنىپ قىزنى ئاجراتقاچ:
- نېمە دەيدىغانسىز نىگارە شۇ...شۇ.. ئالدىراشچىلىق بوپ قېلىپ، بۇلار مېنىڭ دوستلۇرۇم سالام قىلىپ قويمامسىز؟- ئاران دېدى كېكەچلەپ تۇرۇپ.
- ھوي دىققەت قىلماپتىمەن ئەمەسمۇ سەت بولدى ھە، تىشلىقمۇ بەگزات قىز دوست تۇتىۋالدىڭىزما بوپ قويىدىكەن ھەرھالدا مۇبارەك بولسۇن. ئۆزىڭىزگە ئوخشاشنى تېپىپسىز.- دېدى ماڭا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئالىيىپ قويغاندىن كېيىن بەگزاتقا قاراپ. بەگزات ئارتۇق گەپ قىلماي دېدىمۇ قانداق:
- ھەئە رەھمەت، بىز قايتقاچ تۇرايلى سىلەرگە دەخلى قىلماي ئاللاھقا ئامانەت.- دەپلا كۆز ياشلىرىنى ئاران - ئاران يوشۇرۇپ تۇرىۋاتقان مېنى بېلىكىمدىنلا تارتىپ ئېلىپ ماڭدى.
- ھە بولىدۇ مۇشۇ ئۆزىڭىزنى بەك بىلىسىز جۇمۇ بەگزات خوش ئەمسە.
قايرىلىپ كېتىۋاتقاچ ئاسىي كۆزلىرىم نىگارە دېگەن قىزنىڭ:
- مېنى سېغىنمىدىڭىزمۇ جېنىم- دېگىنىچە زۇليارنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋاتقانلىقىنى، زۇليارنىڭ سىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى غىل-پال كۆرۈپ قالدى، كۆز ياشلىرىممۇ ھەدەپ تۆكۈلىۋاتاتتى. ئۆزۈمگە ھەيرانمەن خۇددى يىغلىغۇدەك ئىش بولغاندەك ئېقىپ كەتكىنىم.
- نېمە بولدى زىلالە يىغلاپسىزغۇ؟
- كۆزۈمگە بىر نەرسى كىرىپ كەتتى.
گەرچە بەگزاتنىڭ سۆزۈمگە ئىشەنمەيدىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنە شۇنداق يالغان ئېيتىشقا مەجبۇر بولدۇم. بەگزاتمۇ ئۈندىمەي ماڭدى، راس نېمىشقا يىغلايدىغاندىمەن؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەجىبا باشقىلار سۆزلەپ يۈرگەن ياخشى كۆرۈش دېگەن شۇمۇدۇ؟؟؟؟؟ ياق ياق زىلالە بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇ پەقەت ئېزىتقۇچى سۆزلەر خالاس. قالايمىقان ئويلاردا بولما. ئەمسە نېمىشقا يىغلايمەن؟؟؟؟؟؟ نۇرغۇن جاۋابسىز سوئاللار، گادىرماچ خىياللار مېنى ھەر تەرەپتىن قىينىماقتا. كەچلىك تاماقنى يېيىشكىمۇ ئىشتىھايىم بارماي ئاچ قورساق يېتىپ قالدىم، ئەمما كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. نىگارە دېگەن قىز زادى زۇليارنىڭ نېمىسىدۇ؟ ئەجەپ زۇليارنى «جېنىم » دەيدىغۇ؟ قىلچە تارتىنماي قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىچۇ تېخى، ئويلاشقىمۇ نومۇس قىلىۋاتىمەن. ئايالى بولىشى مۇمكىن ئەمەس، بولمىسا مۇشۇ كەمگىچە ئېيتقان بولاتتى. ھېچ بولمىسا بەگزاتلار دەيتتى. زادى نېمە ئىشلاردۇ بۇ؟؟؟؟
يىغلاپ-يىغلاپ، ئۆزۈمگە سۆزلەپ يۈرۈپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، ئايزىبا ھەدەمنىڭ يېقىملىق ئويغىتىشى بىلەن مىڭ بالادا كۆزۈمنى ئاچتىم. ئەمما كاللام شۇنچىلىك ئېغىر قېيىپلا تۇرىدۇ، ئورنۇمدىن تۇرۇشمۇ بەسى مۈشكۈل بولدى.
- ۋوي قىززىپ قاپسىزغۇ سىڭلىم، چىرايىڭىزمۇ بەكلا سولغۇن. بولماپتۇ بۇ يۈرۈڭ دوختۇرخانىغا بارىمىز.- دەپ بەگزاتقا تېلىفۇن قىلدى. بەگزاتمۇ مىنۇتقا قالماي كىردى ۋە كىرىپلا يەنە مېنى كۆتۈرىۋالدى، ئۆزۈم ماڭىمەن دېگىنىمگىمۇ ئۇنىماي كۆتۈرۈپ پەسكە چۈشتى. ماشىنىغا ياخشى جايلاشتۇرۇپ قويدى كەينىمىزدىنلا ئايزىبا ھەدەممۇ يېتىپ كەتتى. قولاي بولسۇن ئۈچۈن مېنى ئايزىبا ھەدەملەر ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىغا باردۇق. بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئەھۋالىم ئېغىر ئەمەس ئوخشايدۇ نەچچە بوتۇلكا ئوكۇل ئۇرۇپ بىر مۇنچە  دورىلارنى ئېلىپ يېنىپ چىقتۇق. ئايزىبا ھەدەم دوختۇرخانىدا قالدى. ماشىنىدا ئولتۇرۇپمۇ خىيالىمدا يەنە تۈنۈگۈنكى ئىشلار تۇيۇقسىز يانچۇقۇمدا بىر نەرسە تىترەپ كەتتى. ھالىمنىڭ يوقلىقىدا قىينىلىپ يۈرۈپ تەستە ئېلىپ قارىسام تۈنۈگۈن بەگزات ماڭا سوۋغا قىلغان يانفۇن ئىكەن. تېلىفۇننى ئۇلىدىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زىلالە قانداقراق تۇرۇپسىز؟ بۈگۈن ئىشقا كەلمىدىڭىزغۇ؟- تېلىفۇندا زۇليارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى، گەپ قىلماي تېلىفۇننى ئۈزىۋەتتىم، ھەم قايتا كەلمەسلىكى ئۈچۈن تېلىفۇننى ئېتىپلاۋەتتىم، نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم.
- گەپ قىلمايلا ئۈزىۋەتتىڭىزغۇ؟ - بەگزاتنىڭ سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ سىرتقا قارىۋالدىم. ئۆيگىمۇ كەلدۇق. زۇليار يەنە مېنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئاچىقىپ قويۇپ ئىشقا كەتتى، بەلكىم مېنى يالغۇز قويۇشنى ئويلىغاندۇ. كەيپىياتىم شۇنچىلىك ناچار، تۆكۈلۈپلا تۇراتتىم. تۈنۈگۈنكى ئىشلار يەنە ھېلىقى نىگارە دېگەن قىز خىيالىمدىن چىقمايتتى، تۇرۇپلا زۇليارنى سېغىنىپمۇ قالاتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىبلەيتتىم. ئۆز-ئۆزۈمدىن يىرگىنەتتىم.  چۈشتە بەگزات تاماق ئېلىپ كەلگەندە بىللە تاماقلاندۇق. زورلاپ يۈرۈپ دورامنى ئىچكۈزۈپ قويۇپ يەنە كېتىپ قالدى. ناماز ئوقۇپ بولۇپ تورۇسقا قاراپ ياتقىنىمچە يەنە خىياللار دۇنياسىغا غەرق بولدۇم.
بىر قانچە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن ئىشقا باردىم، زۇليار مېنى كۆرۈپ تۈگىمەس سوئال سوراقلىرىنى باشلىۋەتتى. مەنمۇ جاھىللىق بىلەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم.
- گەپ قىلغىڭىز بولمىسا مەيلى ئىشخانىغا كىرىڭ.- دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قويۇپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. رېستۇراننىڭ ئىككىنجى قەۋىتىنىڭ تۆرىدىكى كىچىك ئايرىمخانا  زۇليارنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ مائاش تارقىتىش، ئىشىنى ياخشى قىلمغانلارنى تەنقىدلەش ياكى ياخشى قىلغانلارغا مۇكاپات بېرىش، يەنى مەن داۋاملىق كىرىپ ئاچچىق-چۈچۈك تەرمىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ چىقىپ كېتىدىغان دائىملىق بارار جايىم ئىدى. نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك ئىدىيە جەھەتتە بىر ئاز تەييارلىق قىلىۋالغاندىن كېيىن ئاستا قەدەملىرىم بىلەن ئالدىرىماي ئىشخانىغا كىردىم، ئەمما كىرىپ ھەيران بولغىنىمدىن تۇرۇپلا قالدىم، چۈنكى ئىشخانىدا زۇليارلا ئەمەس مەردانمۇ تۇراتتى. ئۇنى كۆرمىگىلىمۇ بىر قانچە ئاي بوپ قاپتىكەن ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزگەرمەپتۇ. مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ زۇليار ئېغىزىنى ئۆمەللىتىشىگە، مەردان شۇنداق سەتنى بىرنى ئالايغاندىن كېيىن مېنى تارتىپلا سىرتقا ماڭدى. تېشىغا چىققاندىن كېيىن شۇنداق قاتتىق سىلكىشلەپ ئىتتىرگەنىدى كەينىمىزدىن قالماي پالاقشىپ يۈگرەپ كەلگەن زۇليارغا سوقۇلۇپ كەتتىم.
- ئېسىت نومۇس قىلساڭچۇ زىلالە، بىز سېنى ئاشۇنداق تۇز كورلۇق قىلسۇن دەپ باققانمۇ؟ ھېچ بولمىسا ئانامنىڭ ساڭا قىلغانلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنداق قىلمىساڭ بولمامدۇ؟ ئۆزۈڭنىڭ بۇزۇقلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن داداڭدەك بولۇپ قالغان ئادەمنى ئۇرۇشقا قانداق چىدىدىڭ؟ ئاشۇ نەدىكى بىر نېمە  ئۈچۈن دادامنى شۇنداق قاتتىق ئۇرۇپ قېچىپ كېتىشكە ئەرزىمدۇ؟ «ۋاپاغا جاپا بارمۇ دېسە، ئىزدىسەڭ تېپىلار» دېگەندەك، ئېسىت... بۇندىن كېيىن سەندەك بىرسىنى تونۇمايمەن، كۆزۈمگە ئىككىنجى كۆرۈنمە. زۇليار مەن بۇ يەردە ئىشلىمەيمەن، يېزامغا بېرىپ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈشكە رازىكى ئىتچىلىكمۇ بولالمايدىغان ئادەم بىلەن بىر يەردە ئىشلەشنى خالىمايمەن.- دەپ سۆزنى تۈگىتىپ ماڭا ئوبدان بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن مېڭىشقا تەمشەلدى.
- توختاڭ مەردان ئاكا نېمىلەرنى دەۋاتىسىز، ياسىن تاغامنى ئۇرغىنىم راس، قېچىپ كەتكىنىممۇ راس ئەمما قايسى ئەبلەخ ئۈچۈن؟ نېمە بۇزۇقلۇق؟ نېمە گەپلە ئۇ ھېچ چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ- دېدىم ئارانلا تۇتۇپ كەلگەن يېشىمنى قويىۋېتىپ.
- ئادىشىپ قالدىڭمۇ نېمە ئاداش، زىلالە ئۆزىنى قوغداش  ئۈچۈن ئۇرغان تۇرسا داداڭنى، يەنە كېلىپ ئامالسىزلىقتىن قاچقان تۇرسا. سەن نېمىلەرنى دەۋاتىسەن. ئاپئاق قىزغا قارا چاپلىما.- دەپ مېنى ياقلىدى زۇليار.
- بەك نومۇسسىزكەنسەن زىلالە، سېنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىمەن، ئۆزۈڭنىڭ قىلغان پەسلىكلىرىڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن زۇليارغا نېمىلەرنى دەپ يالغان توقۇدۇڭ، ئۆزۈمنى قوغداش ئۈچۈن دە... ھا..ھا...ھا...ئاپئاقمىش تېخى يامانكەنسەن ھە بوپتۇ، خەير، ئېسىت ئانامنىڭ سەندەك بۇزۇققا قىلغان ئەقىدىسى.
نېمە ئۈچۈن بۇ ھاقارەتلەرگە مۇۋەپپەق بولىدىغىنىمنى بىلمىدىم، ياسىن تاغامنى ئۇرغىنىم راس. ئەمما بۇ نېمە مەن چۈشەنمەيدىغان گەپلەر.....
- مەردان ئەمدى بولدى قىل، نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن!- دەپلا مەرداننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى زۇليار. زۇليارنىڭ بۇنچە قىززىق قانلىق قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا بەكلا ھەيران قالدىم، مۇشۇ كۈنلەردە مەن ھەيران قالىدىغان ئىشلار بەك جىق يۈز بېرىۋاتاتتى. ئىككىسى بىردەمدىلا پومداقلىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتى. يىغلاپ، يالۋۇرۇپ يۈرۈپمۇ ئۇلارنى ئاجىرتالمىغاننىڭ ئۈستىگە مەنمۇ نىسى تاياقلارنى بولدى دېگۈچە يەۋالدىم.
- قولۇڭنى تارت ئەبلەخ!- نەدىن پەيدا بولدىكى بەگزات كېلىپلا ۋارقىراپ زۇليارنى ئۇرىۋاتقان مەرداننى ئىتتىرىۋەتتى. جېدەلمۇ مىڭ تەستە توختىدى. مەردانمۇ زۇليارمۇ خېلىلا يارلانغان ئىدى. ئەتراپىمىزغا بىرمۇنچە ئادەم يىغىلىۋالغان بولۇپ چەمبەر ھاسىل قىلىپ تاماشا كۆرۈپ تۇرىۋېتىپتىكەن. شۇنچە ئەر كىشىلەر تۇرۇپ ئۇرۇشقاننى ئايرىماقتا يوق تاماشا كۆرىۋاتقانلىقىغا بەكلا ئاچچىقىم كەلدى. ئەمما نېمە قىلالايتتىم. باشقىلارنى تارقاقلاشتۇرغاندىن كېيىن زۇليارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئىشنى چىرايلىق ھەل قىلماقچى بولدۇق.
رېستۇراندىكىلەر بىردە ماڭا، بىردە زۇليار بىلەن مەردانغا قاراپ كۇسۇلدىشىۋاتاتتى. ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن مەردان ئۈستەلگە پالاققىدە بىر قويغاندىن كېيىن تامغا قاراپ تۇرىۋالدى. مەن بولسام بىر بۇلۇڭدا مىشىلداپ تۇراتتىم. بەگزات ئېغىز ئېچىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورراپ بىلگەندىن كېيىن بەگزات مەرداندىن نېمىشقا مېنى ھاقارەتلىگىنىنى سورىدى. مەرداننىڭ دېيىشىچە مەن يات بىر ئوغۇل بالىنى ئۆيگە ئەكىرىپ ئېغىز - بۇرۇن يالىشىۋاتقىنىمدا دادىسى كۆرۈپ قېلىپ تەربىيە قىلسا ئاڭلىماي ئۇرىۋېتىپ قېچىپ كېتىپتىمىشمە. سەل قاتتىق ئۇرىۋەتكەن چېغىم بىرەر ئايدەك دوختۇرخانىدا يېتىپتۇمىش. مەردان بۇ يەرگە ئىش تېپىپ ئىشلىگەچ مېنى ئىزدىگىلى كەپتىكەن، ئىزدەپ ئىزدەپ زۇليارنىڭ رېستۇرانىغا كىرىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تونۇش بولغاندىن كېيىن زۇليار ئۆزىگە ياردەمچى قىلماقچى بوپتۇ. مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمدە مەرداننىڭ خەۋرى بولمىغاچ مېنىڭ ئىشىمىنى دېمەي بىللە ھەل قىلايلى دەپ بىزگە بىر بىرىمىز توغرۇلۇق گەپ قىلمىغان ئىكەن. بۇلارنى ئاڭلىغىنىمدا توۋا دەپلا قالدىم، ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مېنى ئەسكىگە چىقىرىپتۇ. زۇليار بەگزاتلار بىر ئۇزۇن چۈشەندۈرۈپ، ئەينى ئەھۋالنى سۆزلەپ يۈرۈپ مەرداننى مىڭ تەستە قايىل قىلدى. مەردانمۇ مەندىن كەچۈرۈم سورىدى، يېزىغا كەتمەي زۇليارغا ياردەملىشىدىغان، ۋاقتىنچە تۇرۇشلۇق ئورنى بولمىغاچ بەگزاتلار بىلەن تۇرىدىغان بولدى شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇقۇشماسلىقلار مۇشۇ يەردە تۈگىدى. تۇرمۇشۇم يەنە ئىزىغا چۈشتى، كۈنلىرىمىز تولىمۇ مەنىلىك ئۆتىۋاتاتتى. ھېلىقى قىزنىڭ ئىشىمۇ ئارىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپلا كەتتى.

داۋامى بار


ئەرزىمەس ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتقان بارچە ئەزىزلەرگە تەشەككۈر
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

18#
ۋاقتى: 2015-11-18 11:39:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسەر بەك ياخشى  داۋالىشىۋاتىدۇ  ،  ئوقۇغانسىرى  ھاياجىنىمنى باسالمايۋاتىمەن   .
داۋامىنى  تىزراق كۆرۈشكە  ئىنتىزارمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

19#
ۋاقتى: 2015-11-20 10:31:18 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە قارىسام يەنە يوق ،يەنە قارىسام يەنە يوق ،يەنە قارىسام يەنە يوق ،يەنە قارىسام يەنە يوق ،يەنە قارىسام يەنە يوق .....
بەكمۇ تەقەززا بولۇپ كەتتىم  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

20#
ۋاقتى: 2015-11-22 11:17:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسەر  بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتقان  ئىدى  ،  ئادەمنى بەك تەقەززا  قىلىۋەتمىسىڭىزچۇ ؟
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:47 , Processed in 0.147292 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش