|
بۇرۇندىن تولا بارىدىغان ئاشخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مەردان ئاكام ئاسىيەنى بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئېلىپ قالدى.
- ئەجەپ بەلەن بولدى، مەردان ئاخىرى جۈرئەتكە كەلدى، بىزنىڭ ئاشىقمۇ مۇرادىغا يېتىدىغان بولدى.- دېدى ئىشىكتىن كىرىۋاتقاچ ئايزىبا ھەدەم قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ.
- ئۇلار ئۈچۈن خوش بولىۋاتىمەن.
- خوش بولۇشقا تېگىشلىك جۇمۇ، بىزنىڭمۇ توي ئوينايدىغان ۋاقتىمىز كېلىپ قالدى.- شوخلۇق بىلەن ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويدى ئايزىبا ھەدەم، گەپنىڭ جىقىيىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ زورىغا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ياتاق ئۆيىگە كىرىۋالدىم. كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم، كاللامدا لىققىدە ئايىغى چىقماس، تاققۇ-تۇققۇ خىياللار ......ئاكامنى بەكلا سېغىندىم، كۆڭلۈم يېرىملا. ئاكام بولغان بولسىچۇ يېنىمدا كاشكى، قايتىپ كەلسىچۇ كاشكى ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەستە.
- خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپسىزغۇ، كىمنى خىيال قىلىۋاتىسىز؟
- ئاكامنى....- ئايزىبا ھەدەمنىڭ قىززىقىپ سورىغان سوئالىغا سوغۇقلا جاۋاب بەردىم، ئايزىبا ھەدەممۇ كۆڭلۈمنى چۈشەندى بولغاي باشقا گەپ قىلماي ناماز ئوقۇشقا تۇتۇندى. مەنمۇ بەك كېيىن قېلىپ ئۇيقۇ بىلەن قوشۇپ ئوقۇماي دەپ ھەدەمگە ئەگەشتىم.
ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئۆينى بىر قاتار يىغىشتۇرۇپ تۇرساق ئاسىيە ھۈپپىدە قىزارغىنىچە بىر دەستە قىزىلگۈلنى كۆتۈرۈپ كىردى.
- ئاسىيە مەسىلىڭىزنى تاپشۇرۇڭ، ئىنىم بىلەن نېمە دېيىشتىڭلار. بىرنى قالدۇرماي دەيسىز جۇمۇ.- ئايزىبا ھەدەم شۇنداق دەپلا ئاسىيەنى قولىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ سوراقلاشقا باشلىدى، بىچارە ئاسىيە قولىدىكى گۈلدىنمۇ بەك قىزىرىپ كەتتى.
- شۇ....شۇ....- خىجىل بولغىنىدىن ئېغىزى گەپكىمۇ كەلمەي دۇدۇقلاپلا قالدى.
- نېمە شۇ دەڭە ئومۇقۇم.
- شۇ ....توي قىلايلى دەيدۇ.- ئاسىيە شۇنداق دەپلا قولى بىلەن يۈزىنى توسىۋالدى.
- ئەجەپ بەلەن دەپتۇ، ئەمدى مېنىڭ ئىنىمغا ئوخشاپتۇ. سىزچۇ نېمە دېدىڭىز؟ ماقۇل بولدىڭىزما؟
- ئايزىبا ھەدە خىجىل قىلماڭچۇ، ھازىرچە شۇ ئويلىنىش باسقۇچىدا.
- ئويلىنىش باسقۇچىدا دەپ كەتكىنىنى، ئاللابۇرۇن ماقۇل بوپ بولغان سىز كۆڭلىڭىزدە ئۇنىڭغا. قاچان ئەلچى ئەۋەتسەك بولا ئۆيىڭىزگە؟
-ھەراس كىمنى ئەۋەتسەك بولا، يا چوڭلار بولمىسا بۇمۇ بىر مەسىلە جۇمۇ. يىگىتلەر بۇنى ئويلىشىۋاتىدۇ ھەقىچان، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغىنى باردۇ. ئىشقىلىپ ئاخىرى مۇرادىڭلارغا يېتىدىغان بوپسىلەر.
- بولدى قىلىڭە ئايزىبا ھەدە ئاسىيەنى خىجىل قىلماڭ، بۇلارنىڭ تويىنىغۇ قىلارمىز، سىزنىڭكىنى قاچان قىلارمىز؟ ھېلىمۇ قائىدىنى بۇزۇپ كىچىكنىڭ تويىنى بالدۇر قىلىدىغان بولدۇق. – دېدىم شوخلۇق بىلەن.
- سىز بىلەن ئاكامنىڭكىنى قاچان قىلساق شۇ چاغدا مېنىڭكىنىمۇ قوشلاپ قىلىمىز، قانداق؟- ئايزىبا ھەدەم شوخلۇق بىلەن كۆىنى قىسىپ قويدى.
- بولدى قىلىڭچۇ نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز.- خىجىل بولغىنىمدىن شۇنى ئاران دېيەلىدىم.
- ۋىييەي قىزىرىپ كەتكىنىنى تېخى. ھامان بولدىغان ئىشقۇ، ھا ھا ئاسىيە مەنسىزنىڭ يەڭگىڭىز بولىمەن تېخى، قېنى ئەمدى گەپ ئاڭلىمىغىنىڭىزنى بىر كۆرەي.- ئايزىبا ھەدەم شۇنداق دەپلا چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كىچىككىنە ياتاق ئۆي ئىچىدە قېچىشقا باشلىدى.
- خەپ سىزنى ئايزىبا- ئاسىيە بىلەن ئىككىمىزمۇ بوش كەلمەي ئايزىبا ھەدەمنى قوغلىدۇق، كىچىككىنە ئۆيدە چاڭ توزۇتۇپ بىردەم قوغلۇشۇپ، بىردەم قىچىقلىشىپ، بىردەم پاراڭ سوقۇپ، بىردەم كۈلۈشۈپ دېگەندەك يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا كۆزىمىز ئۇيقۇغا ئاران ئىلىندى.
ئەتىسى يىگىتلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بەگزاتنىڭ ئويلاپ چىققان ئامالى بويىچە بىرىنجى قەدەمدە: ئىككى كۈندىن كېيىن ئاسىيە ئۆيىگە قايتىپ كېتىدىغان بولدى، ئەلۋەتتە ئۆيدىكىللىرىگە بۇ توي ئىشىدىن ئاز تولا خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىدى. ئىككىنجى قەدەمدە: چوڭلار بولمىسا بولمىغىنى ئۈچۈن بەگزاتنىڭ شىركىتىدىكى باشلىقىنى قايىل قىلىپ بەگزات ۋە دىلزاتلار ھەمرا بولۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە قىز سوراپ بارىدىغان بولدى. پىلان مۇشۇنداق بولدى.
ئەتىسى بەگزات باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەممە ئەھۋال دېگەن ئىكەن، باشلىقى شۇ ھامانلا ماقۇل بوپتۇ. ئەمما ئۇ ئادەم مۇھىم بىر ئىشلار بىلەن ئىچكىرىگە چىقىپ كەتكەن بولغاچقا بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتىپ كېلىدىكەن، ئۇ كىشى قوشۇلغان بولغاچقا ساقلاشمۇ بىزگە ئانچە ئېغىر كەلمىدى. قوشنا ئۆيدىكى چوڭلاردىن قائىدە-يوسۇنلاردىن تەلىم ئالدۇق، ئىشلەيدىغانلار خىزمەت ئورنىدىن رۇخسەت سوراپ دېگەندەك ھەممەيلەن ئالدىراش مۇشۇ ئىشنىڭ پېيىدە ئىشلەپ كەتتۇق.
ئاسىيەنى يولغا سېلىپ قويۇپ ئەتىسى ئايزىبا ھەدەم مەردان ھەم دىلزات بىلەن كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا كەتتى. مەن يىغىلىپ قالغان كىرلەرنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن خىيال سۈرگەچ ئاشخانا ھەم مېھمانخانىلارنى چوڭ كۆلەملىك تازىلاۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى، چاڭ-توزانغا كۆمۈلۈپ كەتكەن يۈز-كۆزلىرىمنىمۇ سۈرتمەستىن ئىشىكنى ئاچتىم، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ئىشىك ئالدىدا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ماڭا ئاز بولمىغان ئەلەملەرنى سالغان بۇرۇنقى قىياپىتى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا يېرىنى تولۇق ئورىغان،سۈنئىيلىكتىن ئەسەرمۇ يوق نىگارە بىلەن ئۇ قولتۇقلىۋالغان ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى قارىماققىلا تەقۋادار كۆرىنىدىغان چىرايلىق بىر ھاجىم سۈپەت ئايال تۇراتتى. بۇلارنى كۆرۈپ دەماللىققا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيل ئىشىك تۈۋىدىلا تۇرۇپ قاپتىمەن.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زىلالە قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇرىۋاتامسىز سالامەتلىكىڭىزچۇ؟- نىگارە ئۆزىگە ماس بولمىغان ھالدا يالغان سىلىق-سىپايىلىك بىلەن ئەھۋال سورىغاندىلا ئېسىمگە كەلدىم.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاللاھقا شۈكرى قېنى كىرىڭلار.
- بولدى خېنىم كىرىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيلى، گەپنى قىسقىلا قىلاي.- ئوتتۇرا ياشتىكى ئانام دېمەتلىك ئايالنىڭ ھېچبىر تۈزۈتسىز قوپاللا ئېيتىلغان سۆزلەردىن نېمە دەيدىكى دەپ ئېغىزىغا قاراپلا قالدىم.
- مەن زۇليارنىڭ ئاپىسى، زۇليارنى تونۇيسىزغۇ دەيمەن. ئالدىمىزدىكى پەيشەنبە يېنىمدىكى بۇ قىزىم بىلەن تويى بولىدۇ، بۇ مېنىڭلا ئەمەس ئوغلۇمنىڭمۇ تاللىشى. ئەمدى ئوغلۇمنىڭ كەينىگە كىرىۋالمىسىڭىز. سىز توغرۇلۇقمۇ خېلى گەپلەرنى ئاڭلىدىم، نىگارەمۇ بۇرۇن چىرايلىق نەسىھەت قىپتىكەن ئاڭلىماي جېدەل چىقىرىپسىز، نېمە ھالىڭىزغا بۇنچە كۆرەڭلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم، تۇرىقىڭىزغا بىر قاراپ بېقىڭ قېنى ئائىلە خىزمەتكارىنىڭ ئۆزى. كېلىپ چىقىشىڭىزنىڭ تېخى تايىنى يوقكەن، ئاتا-ئانىڭىزمۇ يوق، مۇشۇ يەرلەردە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرىۋېتىپسىز، نومۇس قىلماي خەقنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋېتىپسىز، ئىزا تارتىشنىمۇ بىلمەيدىكەنسىز. ھېچنېمىسى يوق سەرگەردان قىزنىڭ تەربىيەسى، ئەخلاقى قانچىلىك بولماقچى؟ بۇنى بىلگۈچىلىكىم بار.- چىشىمنى چىشلەپ ئاران تۇرغان مەن بۇ ئايالنىڭ ئاتا-ئانامنى تىلغا ئېلىشى بىلەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمايلا قالدىم، كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتاتتى. نىگارەنىڭ مېنى ئادەم توپلاپ ئۇرۇشى، ھاقارەت قىلىشى، ھەتتا ئادەم قىلمايدىغان قىلىقلارنى قىلىپ مېنى قىلتاققا ئىلىندۈرۈشكە ئۇرۇنىشى بۇلار چىرايلىق نەسىھەتلەركەندە....- مەن ئوغلۇمنى سىزدەك قىزغا ئۆيلەندۈرۈپ ئۆزۈمگە داغ كەلتۈرمەيمەن، كۆرۈڭ بۇ نىگارەنى شۇنچىلىك ئېسىل قىز، مەن تاللاپ-چېكىپ تۇرۇپ تاللىغان قىز بۇ. قېنى ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭە سېلىشتۇرۇشقىمۇ مۇناسىپ ئەمەسسىز. ئەمدى ھەرقانداق ئۇسۇللار بىلەن زۇليار بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزغا يول قويمايمەن، ئۇنى ئازدۇرىشىڭىزغا تېخىمۇ ھەم. ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭ ھەم ئەمدى ئۇنى ئىزدىمەڭ بىلدىڭىزمۇ؟ يەنە بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدىن ئۇنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن نېمە دەۋاتقىنىمنى چۈشەنگەنسىز، ئىززىتىڭىزنى ساقلاپ يۈرەسىز، بەك ئەرگە تەككۈڭىز بولسا ئۆزىڭىزگە ئوخشاش قەلەندەردىن بىرنى تېپىپ تېگىۋالارسىز.
- چىرايلىق نەسىھەت قىلسام ئاڭلىمىدىڭىز، مانا ئەمدى ئازار يەۋالدىڭىز.كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. كۆڭلىڭىزگە كەلگۈدەك ئىش قىلىپ قويغان بولسام مېنى كەچۈرىۋېتىڭ، ئالدىنقى قېتىمقىدەك مېنى ئۇرماڭ جۇمۇ. سىز ئۇرغان يەر ھازىرمۇ ئاغرىۋاتىدۇ، سىزدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراۋاتىمەن.- نىگارەنىڭ ياسالما گەپلىرىدىن ھەيران قېلىپ ئاران تۇرىۋاتاتتىم، ھېلىقى ئايالنىڭ بىر تەستىكىدىن كەينىمگە يېقىلىپ كەتتىم.
- نېمە بۇ بۇزۇق تېخى نومۇس قىلماي سىزنى ئۇردىمۇ نىگارە، نېمىشقا ماڭا دېمەيسىز. ئەسلى بۇ بىرنېمىگە چىرايلىق گەپ ئارتۇق كېتىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاڭلاپ تۇر يەنە ئۆزۈڭنى بىلمەيدىكەنسەن مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسەن رەسۋا، سەندەك نېمىگە تېتىغۇچىلىكىم بار مېنىڭ. ھۇ ئەرگە تېگەلمەي قالغان ئېشىندى.......- ھاجىم دېگەن مۇشۇنداق بولارمۇ؟ بىلىملىك، يۈز ئابرويلۇق كىشىلەر مۇشۇنداق بولارمۇ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئېسىل تەبىئەتلىك، شېرىن سۆزلۈك، قائىدىلىك، تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن بولاتتىغۇ، باشقىلارغا ئۈلگە بولاتتىغۇ، ئىسلام قائىدىللىرىنى، ئېسىل خۇلۇقلارنى ئۆگىتەتتىغۇ. ئەمما بۇ ئايالنىڭ ئادەم ئېغىزىغا ئېلىش تۈگۈل ئويلاشتىنمۇ نومۇس قىلىدىغان ھاقارەتلىك گەپلىرىدىن ھوشۇمدىن كەتمىدىم ئىشقىلىپ.- ئەگەر زۇليارنىڭ پۇلى، ئائىلىمىزنىڭ بايلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئۆزۈڭنى پەسلەشتۈرۈپ يۈرگەن بولساڭ مانا پۇل! چېكەڭگە تاڭ! بۇنى ئېلىپ دەرھال يوقال! ئىككىنجى كۆزۈمگە كۆرۈنمە! زۇليارنى ئازدۇرۇپ يۈرمە بىلدىڭمۇ؟- بىر تۇتام پۇلنى چىرايىمغىلا ئاتتى.
- بولدى قىلىڭە ئائىشە ئاپا كېتەيلى، بۇ يەردە ئۆزىڭىزنى ئۇپرىتىپ يۈرمەڭ.
- گەپلىرىمنى ئاڭلىغانسەن، ھېلىمۇ كۆپ يول قويدۇم، ئۇنداق يۇۋاش ئاياللاردىن ئەمەسمەن، ئۆزۈڭنى بىلىپ يۈرەرسەن.- ئىشىك جاراڭڭىدە يېپىلدى، مېنىڭ يۈرۈكۈممۇ چېقىلدى، روھىم ئۆلدى. ناھەق ئىزالار، ھاقارەتلەر، ئېغىزغا ئالغۇسىز «چىرايلىق» گەپلەر قايسىبىرىنى سىڭىرۈپ بولاي، شۇ تاپتا ئۆلىۋالغۇملا كېلىۋاتاتتى. بېشىمدىن ئۆتكەن ھەرقانداق ئېغىر كۈنلەرنىمۇ چىداپ ئۆتكۈزىۋەتكەن مەن بۇ ھاقارەتلەرگە چىدىمىدىم، ئايىغىمدا دەسسىلىپ تۇرغان قىپقىزىل پۇللار ئارىسىدىن نىگارەنىڭ مىكىرلىك جادۇ كۆزلىرى ماڭا قاراپ مەسخىرلىك كۈلىۋاتاتتى. كىيىنىشىدىن تېخى تۈزەلگەن چېغى دەپ قاپتىمەن توۋا، كىيىنىشىگە قاراپلا بىر ئادەمگە باھا بەرگىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. بەزى كىيىملەرنىڭ ئىچىدە ئادەم ئەمەس توڭگۇز قاترايدىكەن ئەمەسمۇ.
- قاراڭ زىلالە مەن زۇليارنىڭ ئانىسى بىلەن نىگارەنى كۆردۈم ئۇلار بۇ يەردە نېمىش قىلىدىكىنە؟ زىلالە ئىشىك تۈۋىگە كېلىۋېلىپ مېنى ساقلاۋاتقانمىتىڭىز؟ نېمە بولدى؟ ۋوي بۇ نېمە ئىش.....- ئىشىكتىن كىرىپلا مەن بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغان بەگزات يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن ماڭا ھەم يەردە چېچىلىپ ياتقان پۇللارغا قاراپ سوئال دېگەننى ياغدۇرۇپلاۋەتتى.
- ئەسلى ئىش مۇنداقكەندە، ئۇلار سىزگە نېمە دېدى؟ نىگارە يەنە ئۇرمىغاندۇ سىزنى؟ گەپ قىلسىڭىزچۇ ئادەمنى قورقۇتماي؟
- ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بىلسىڭىز خاپا بولماي ئەتە بۇ پۇللارنى ئۇلارغا ئاپىرىپ بېرەمسىز؟- بەگزاتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەستىن ھەم سوئالىمغا جاۋاب كۈتمەستىن يۈگۈرگەنچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
بۇ ناھەقچىلىقلار مېنىڭ بېشىغىلا كېلەمدىغاندۇ؟ نېمىشقا ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەستىن ماڭا ھاقارەت قىلىدۇ؟ ئەجىبا مېنىڭ يېتىملىكىم گۇناھمۇ؟ بۇنىڭغىمۇ مەن سەۋەبچىمۇ؟ ئاللاھ بەندىللىرىنى ئېلىپ كەتسە بۇنىڭغا مېنىڭ كۈچۈم يېتەمدۇ؟ بۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم بارمۇ؟ ئەخلاقسىز دەيدۇ، ئەخلاقسىزلىق قىلىپ نېمە قىلدىم، نېمىشقا ئاتا-ئانامنى تىلغا ئېلىپ مېنى تىللايدۇ؟ مەن مۇشۇ ئازابلار ئۈچۈن كەلگەنمۇ بۇ دۇنياغا؟ ئۇلۇغ ئاللاھ مېنىڭ پېشانەمگە يەنە قانداق كۈنلەرنى پۈتكەنسەن؟ يەنە قانداق سىناقلىرىڭ باردۇر؟ زۇليارنىڭ تويى بولىدۇ دەيدۇ، يەنە كېلىپ ئادەم چىقمىغاندەك ئاشۇ نىگارە بىلەن، نىگارە دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساممۇ تېنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. نېمىشقا ماڭا بۇنداق ئۇ قىز؟ خەيىر سەبىرلىك بولاي، مېنىڭمۇ ئاقلىنىدىغان ۋاقتىم كېلەر. بەلكىم بۇلارغا راسلا ئۆزۈم سەۋەبچىدۇرمەن، زۇليارنىڭ بەختىنى تىلەي.
............
- ئۇف ھېرىپ كەتتىم مەن، نېمانچە ئېغىر بۇ نەرسىلەر، بىر قىز سوراپ بېرىشقا مۇشۇنچىۋالا قائىدە-يوسۇن كەتسە مۇرەككەپلىكىچۇ تېخى. توي بولۇپ بولغۇچە جېنىم چىقىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ مېنىڭ. ھەي مەردان مەندەك ھەدەڭنىڭ قەدرىگە يەت جۇمۇ سەن. قولۇم ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ قالايلا دېدى، ئۇف ئۇف...- يىغلاۋاتاتتىم كارىدوردىن ئاسىيە ھەدەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، يېشىمنى سۈرتۈپ يۈزۈمگە ساختا تەبەسسۇمنى يۈگۈرتۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتىم.
- ئايزىبا مەردان سىزنىڭ ئىنىڭىز بولغاندىكىن بۇنچە مىننەت قىلىپ كەتمىڭە، سىزنىڭمۇ تويىڭىز بولسا ئۇمۇ ئېغىر يېنىكىڭىزنى كۆتۈرىدۇ.
- ئۇ كۈنلەرمۇ كېلەرمۇ؟
- ئالدىراپ كېتىپسەندە ئايزىبا.
- نەدىكى گەپنى قىلمىساڭچۇ ئاكا خەپ سېنى مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس.
- ھارماي كەپسىزمۇ ئايزىبا ھەدە.
- ھارمايدىغانمۇ ئىش بولارمۇ جېنىم، قوللۇرۇم ئۇيۇشۇپ، پۇتلۇرۇم كاردىن چىقايلا دېدى.
- ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ھەدە كېلىڭ تۇتۇپ قوياي.
- بەك ياخشى جۇمۇ سىز زىلالە، سىزدەك سىڭلىم بولغىنى مېنىڭ پەخرىم.- دېدى ئايزىبا ھەدەم كىرىسلوغا جايلاشقاچ كۈلۈپ.
- تۈزۈت قىلىشنىمۇ بىلمەيسەن زادى.
- ئىشىڭنى قىلە ئاكا، زىلالە يەنە يىغلىدىڭىزمۇ؟ نېمە ئىش بولدى؟- شۇنچە دىققەت قىلساممۇ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزۈم ھەممىنى ئاشكارلىدى.
- ياقەي يىغلىمىدىم ھەدە، شۇ كۆزۈم ئاغرىۋاتىدىغۇ تاڭ. سىز كۆرۈپ قويىڭە.
- يالغان ئېيتىۋاتىسىز ھە، ئاۋازىڭىزمۇ بوغۇلۇپ قاپتىغۇ ئەمسە.
- ياق راس گەپ قىلىۋاتىمەن، شۇ كۆزۈم سەل تېلىپ ئاغرىۋاتىدۇ، باياتتىن چاڭ-توزان سۈمۈرىۋالغان ئوخشايمەن، شۇڭا بوغۇلۇپ قالغان چېغى.- نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇسىبەت ئۇزۇتۇپ، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچراپ ئەمدىلەتتىن خۇشال تۇرمۇشىغا قايتىۋاتقان بۇ قەدىردانلىرىمنىڭ كۆڭلىنى يەنە يېرىم قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن يالغان ئېيتىشقا مەجبۇر بولدۇم.
- راس مەن بايام كىرگەندىمۇ شۇنداق دەۋاتاتتى زىلالە.- بەگزاتمۇ يەر تېگىدىن قاراپ قويۇپ ماڭا ئەگەشتى.
- بوپتۇ سىزنىڭ راستچىللىقىڭىز ئۈچۈن ئىشىنەي، ئەمسە ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىڭ، بۇ يەردىكى ئىشلارمۇ كۆپ ئەمەس، مەن ئۆزۈم ئارام ئالغان قىلىۋېتەي.- گەپ قىلماي ياتاق ئۆيگە كىرىپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ خىياللار دۇنياسىغا غەرق بولغان كۆز ياشلىرىمنى چىللاپ كەلدىم.
داۋامى بار |
|
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.
|
|
|
|
|