ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى توغرىسىدا دەسلەپكى ساۋاتلار يوللاندى

[نىيازى] – سەبدە گۈل

پوۋېست gulmira 566℃ 0评论

 

qq%e6%88%aa%e5%9b%be20161011211448

گۈلمىرە شەمشىدىن ھاجى نىيازى

ئەمدىلا تاڭ سۈزۈلۈپ، سۈبھى كۆتۈرۈلگەن چاغ بولغانىدى. ئۇچىسىغا نەۋرە ئاچىسى ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىگە بارغاندا «ئۆزبېكلەرنىڭ قولىدىن ئالدىم جۇمۇ، چەتنىڭ مېلى» دەپ ئاتايىن ئالغاچ كەلگەن يوغان گۈللۈك ئەتلەس كۆينىكىنى كىيىپ، نېپىز ياغلىقنى ماسلاشتۇرۇپ چىگكەن، ھەممىدىن بەكرەك كۆزگە چېلىقىدىغان شۇ بىر جۈپ شەھلا كۆزى، قاشقا تاقاشقان قويۇق كىرپىكىنىڭ سايىسىدە چاقناپ تۇرغان ساجىدەم قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ، ھويلا سۈپۈرۈش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتى. دادىسى رەھمەتلىك ھايات چېغىدا، ئانىسى كەرىمىخاننىڭ ھويلىغا سۇ سەپكەن، سۈپۈرگەن ھالىتىدىن سۆيۈنۈپ قاراپ، ھويلىدىكى بىر جۈپ قاراياغاچ دەرىخىنىڭ سايىسىغا قويۇلغان كارىۋاتتا ئەركىلەپ قوپقىلى ئۇنىمىغان ئىككى قىزىغا «ئاپاڭلار بەك ئىشچان ئايال جۇمۇ، ھازىرقى زاماندا نۇرغۇن ئاياللار ھويلا سۈپۈرمەيدۇ. سىلەر كېيىن مەيلى قەيەردە بولۇڭلار، سەھەر تۇرۇپ ھويلا سۈپۈرۈشنى ئۇنۇتماڭلار!» دەيتتى.

كەرىمىخان بامدادتىن كېيىن ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ، ئالقىنىدا يۈزىنى قايتا قايتىلاپ سىلاپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇ پەردىنىڭ قايرىلىپ، دېرىزىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىدىنلا ساجىدەمنىڭ ھويلىغا سۇ سېپىۋاتقانلىقىنى بىلگەنىدى. قىزىنىڭ گۈزەل لاتاپىتىگە قاراپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق چاغلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.

ئۇ چاغلاردا، كەرىمىخان بۇ يېزىنىڭ گۈلى ئىدى. شۇنداق، ئايدەك چېھرى بىلەنلا ئەمەس، چېۋەرلىكى، ھۈنەرۋەنلىكى شۇنداقلا، گۈزەل ئەخلاقى بىلەن مەھەللىدە بىر دانە گۈل ئىدى. رەھمەتلىك يولدىشى بولسا، ناھىيەدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان قامىتى كېلىشكەن، سۇباتلىق، قارىماققا ئاچچىقى يامانراق كۆرسىتىدىغان سۈرلۈك بىر جۈپ كۆزى ۋە قوشۇمىسى كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان يىگىت ئىدى. ئۇلار بىر تويدا قولداش بولۇپ، بىر بىرىگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغانلار. شۇ چاغلارنى ئويلىسىلا كەرىمىخاننىڭ يۈزىگە كۈلكە يۈگرەيدۇ. ئاجايىپ گۈزەل بىر چاغلار ئىدى-دە! كەرىمىخاننىڭ تۈگۈۋالغان ئۆرۈمە چېچى يىگىت قولداش دولقۇننىڭ مۈرىسىگە تېگىپ كېتىپ، سىلىققىنا سىيرىلىپ چۈشكەن. بۇ چاچ شۇ چۈشكەنچە ئۇچى ئوشۇققا تاقاشقاندا توختىغان. بۇ قۇندۇزدەك قارا ئۇزۇن چاچ دولقۇننىڭ يۈرىكىنى تال-تېلى بىلەن چىڭ باغلاپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن زادىلا ئارامچىلىق بەرمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بەلكىم شۇ سۇمبۇل چاچتىن باشلانغان بولسا كېرەك. كەرىمىخان ھازىر چېكىسىگە ئاق كىرسىمۇ، يەنىلا دائىم يېلىم چېپىپ، چېچىنى كەسمەي ئاسراپ رەھمەتلىك مۇرەببى دولقۇننىڭ ئامانىتى ھېسابلاپ كەلمەكتە.

ساجىدەم قورونى سۈپۈرۈپ بولۇپ، ھويلىسىدىكى كىچىككىنە باغنى تەك بىلەن ئايرىپ تۇرىدىغان تەكچىگە قاتار تىزىلغان گۈللەرنى بىر قۇر سۇغۇرۇپ چىقتى. رەڭگارەڭ تەشتەكلەردىكى ھەرخىل رەڭدە ئېچىلغان سەبدەگۈللەر بايىلا يۈزلىرىگە سېپىلگەن مۇزدەك سۇدىن ھوزۇرلىنىپ كېرىلىشكە باشلىدى.

-ئاپا، ناشتىلىق تەييار قىلايمۇ؟ ئوتنى يېقىپ قويغانىدىم،-ساجىدەم تېخىچە دېرىزە تۈۋىدە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئاپىسىدىن سورىدى.

-چارچاپ كەتكەنسەن؟ مەن تەييار قىلاي، سەن يۈز-كۆزلىرىڭنى چايقاپ، بىردەم دېمىڭنى ئاۋال!

كەرىمىخان ئۇزۇن يىل ئىشلىتىپ، تولا يەرگە چۈشۈپ كىسمىيىپ كەتكەن، ئوتتا قارىيىپ، يەنە سىم جامبۇدا قىرىپ يۇيۇلۇپ، ئەسلى ھالىتىنى يوقاتقان، ئويمان دۆڭ بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق پارقىراپ تۇرىدىغان چۆگۈننى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى.

بۇ چۆگۈندە چاي دەملىسە بەك تەملىك چىقىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ چۆگۈندە چاي ئىچىپ كۆنۈپ قالغان. شۇڭا يېڭى چەينەكلەر تىزىقلىق تۇرسا تۇرىدۇكى، بۇ چۆگۈننى ھەرگىز تاشلىماي كەلگەن. زۇمرەت ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا قوروغا چىققانىدى، كەرىمىخان سەل كايىپ قالدى:

-قىز بالا دېگەن، سەھەر تۇرۇپ ئۆز بەختىنى تىلەيدىغان، ** غا ئاپتاپ چۈشكىچە ئۇخلاپ، يەنە ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ھويلىغا چىققان بامۇ؟ توۋا، بۇ قىز كىمنىمۇ تارتىپ قالغاندۇ دەيمەن؟! ماڭە، كىرىپ كۆينىكىڭنى ئالماشتۇرۇپ چىق!

-ئۇف، ئاپا، ئەمسە چاينى قۇيۇپ قويساڭ، سەل تۇرۇپ چىقىپ ئىچەيچۇ، ئۇيقۇمغا قانمىدىم تېخى… – زۇمرەت ئەركىلەشكە باشلىدى، ئۇ داۋاملىق شۇنداق ئاپىسىنىڭ بىقىنىغا كىرىۋېلىپ، ئەركىلەپ دېگىنىنى قىلاتتى. ساجىدەم بولسا، ئاپىسىغا ئارتۇق گەپ قىلغۇزماي، ئۆزىنى بىلىپلا بارلىق ئىشلارنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ ماڭاتتى. بەلكىم ھەر بىر ئائىلىدە شۇنداق ئۆزئارا تولۇقلىشىدىغان قېرىنداشلار بولسا كېرەك. كەرىمىخانمۇ كىچىك قىزىغا ئارتۇق تاپا-تەنە قىلىۋېرىشنى لايىق كۆرمىدى بولغاي، ئۆزلىرى دۇئا قىلىپ بولۇپ، نان چاينىڭ ئۈستىگە داستىخاننى يېپىپ قويۇپلا، ئىشىغا مەشغۇل بولدى.

– ساجىدەم… ۋۇي، ساجىدەم… -دەرۋازا قېقىلىپ، ئىنچىكە ئاۋازلىق بىر قىز ساجىدەمنى بولۇشىغا توۋلاۋاتاتتى، كەرىمىخان ئۆي ئىچىگە قاراپ ساجىدەمنى چاقىرغاچ، دەرۋازىنى ئاچقىلى ماڭدى.

ناھىيە بازىرىنىڭ قاق ئوتتۇرىغا جايلاشقان خەلق مەيدانى بۈگۈن ئادەتتىن تاشقىرى قايناپ كەتكەنىدى. ئادەتتىكى كۈنلەردە ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى بىر-بىرىگە تىرەپ تىزىۋالىدىغان راڭپىزا-كاۋاپچىلار بۈگۈن يوق. قارىغاندا بىرەر چوڭ كېچىلىك بولسا كېرەك، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇنچە رەتكە سېلىۋەتكىنى ئەلۋەتتە كىچىك ئىش ئۈچۈن ئەمەستە. دەرۋەقە، بۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىدىن بىر تۈركۈم ئارتىسلار ئويۇن قويغىلى يەنى مەشرەپ ئۆتكۈزگىلى ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلغانىدى. ساجىدەم بايا ئۆيىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلگەن دوستى كامىلە بىلەن بىللە خەلق باغچىسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان سەھنىگە قاراپ ماڭدى. ئىككىلىسى بىر-بىرىدىن ھاياجان ئىلكىدە، كىمنىدۇر ئىزدىگەندەك ئەتراپقا قاراپ كېتىۋاتاتتى. كىمنى ئىزدەيتتى، ئەلۋەتتە، تېلېۋىزوردا سىماسىنى تولا كۆرۈپ، ناخشىلاردا ئاۋازلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ، قوشنىسىدەك تونۇش بولۇپ كەتكەن شۇ چولپانلارنى ئىزدەيدۇ-دە!؟

تاماشىبىنلار رەت رېتى بىلەن ئولتۇرغانلار ئولتۇرۇپ، ئۆرە تۇرغانلار ئۆرە تۇرۇپ جايلىشىپ بولغاندا، رېژىسسور ۋە بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ تەييارلىقلىرىمۇ ئاساسەن پۈتۈپ قالغانىدى، بىر جۈپ ناھايىتى قاملاشقان سۇمباتلىق يىگىت بىلەن ساھىبجامال رىياسەتچى يېنىك قەدەملەر بىلەن سەھنىنىڭ ئوتتۇرىغا كېلىپ، سۆزىنى باشلىدى. مۇزىكىلار چېلىنىپ، كەينى-كەينىدىن ئورۇندالغان سەرخىل ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى يۈرەكنىڭ چاڭقىغان يېرىگە بېرىپ، ھەممەيلەننىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. ئارىلىقتا كامىلە تۇمشۇقىنى ساجىدەنىڭ قۇلىقىغا يېقىپ تۇرۇپ، ئارقا سەھنە يېنىدا بىرسىنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ماڭدى. ساجىدە ھەيرانلىقتا ئالدى كەينىگە قاراپ، كامىلەنىڭ كەينىدىن سۆرىلىپ كېتىۋاتتى.

ھە، ئەسلى ماندا ئىش باركەندە، بايا گىتتار چېلىپ «سەبدە گۈل» ناخشىسىنى ئېيتقان ناخشىچى يىگىت كامىلەگە قاراپ يېقىشلىق تەبەسسۇم بىلەن سالام قىلدى. كامىلە ئۇلارنى تونۇشتۇرۇپ:

– بۇياق ئۈرۈمچىدىكى نەۋرە ئاكام دىليار، بايا كۆردۈڭ گىتتارنى ئالامەت چالىدۇ، ھە راست، تېخى قىز دوستىدىن يېڭى ئايرىلغان بويتاق جۇمۇ.

دىليار چوڭ شەھەردە تولا سورۇن كۆرۈپ، نەچچە قېتىم مۇھەببەتلىشىپ «قېلىنراپ» قالغاچقىمىكىن، سىڭلىسىنىڭ بۇ گەپلىرىدىن خۇش بولغاندەك ئېڭىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قويۇپ، ساجىدەگە زەن سېلىپ قاراۋاتاتتى. ساجىدە بولسا، كامىلەنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قولىدا كۆينىكىنىڭ ئېتىكىنى مىجىپ تۇراتتى، ئۆپكە سۈيى قىزارغان مەڭزىدىن، ئېگىلىپ تۇرغان كىرپىكلىرى ئاستىدا قاپقارا كۆزلىرىنىڭ بىردە كامىلەگە بىردە ئايىغىنىڭ ئۇچىغا تاشلىنىشىدىن ئۇنىڭ نەقەدەر ئەيمەنگەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. دىليار سىڭلىسىغا قاراپ، ساجىدەنى تونۇشتۇرۇشىنى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى:

– ساجىدە، مەھەللىمىز، مەكتىپىمىز شۇنداقلا ناھىيەمىزنىڭ بىر گۈلى بۇ. تا ھازىرغىچە ھېچكىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان. ئەمما قوغلىشىۋاتقان ئوغۇللار بەك جىق. ھە راست، ئۇ سەبدەگۈلگە بەك ئامراق،-كامىلە ساجىدەنىڭ قولىنى تارتقۇشلاپ ئارتۇق گەپ قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈشلىرىدىن بىخەۋەر سۆزىنى داۋام قىلدى،-سېنىڭ ناخشاڭ «سەبدەگۈل»گە ئەمەس جۇمۇ، ئۇنىڭ ھويلىسىدا نەچچە ئون تەشتەك سەبدەگۈل بار.

دىليارنىڭ يۈرىكى بەلكىم ئەزەلدىن بۇنداق سوقۇپ باقمىغاندۇ، شەھەردىكى ئويۇنچى، شوخ قىزلار، سەنئەت مەكتەپتىكى، ئۆمەكتىكى گۈزەل قىزلارنىڭ بەدەنلىرى تېگىشكەندە، قولىنى ئۆزىچە مۇھەببەتلىك تۇتۇشقاندا، چاچلىرىنى پۇرىغاندا سوققان يۈرەك رىتىمى بۇ قېتىمقىغا قەتئىي ئوخشىمايتتى. بۇ ئويچان ھەم خىجىلچان كۆزلەر ئۇنىڭ كۆزىنى باشقا ياققا ئېلىپ مېڭىشىغا زادىلا يول قويمايۋاتاتتى. ئەگەردە باشقا قىزلار بولغان بولسىدى، دىليار ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنچىكە بەللىرى، تولغان پىگورىسىدىن، ئوچۇقلا تۇرغان ئۇزۇن، ئاپئاق پاچاقلىرىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيتتى. ساجىدە خىجىللىقتىن يىغلىۋېتەي دەپ قالغانمۇ، كىرپىكلىرى بىلىنەر بىلىنمەس نەملىشىپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال كامىلەنىمۇ ئىلاجىسىز ئاكىسى بىلەن خوشلىشىشقا مەجبۇر قىلدى. دىليار:

-ھە، ماقۇل، مەن تېخى بىرەر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، مۇڭدىشىپ كېلەرمىزمىكىن دەپتىكەنمەن، بوپتۇ ئەمسە، مەن نەچچە كۈنگىچە بار، سىلەرنى ھازىر ماشىنىدا ئاپىرىپ قوياي! -دەپلا گىتتارنى كامىلەگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ، رېژىسسورنىڭ يېنىغا كەتتى. بۇ چاغدا، ساجىدەنىڭ يۈزى قىزىرىپ، يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، ئالىقىنى قىزىپ، بارماقلىرى تىترەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق بولۇشىنى بەلكىم زىيادە تەمتىرەپ كەتكەنلىكىدىن دەپ بىلگەن بولسا كېرەك. يۈرىكىگە ئىشق ئوتى چۈشكەنلىكىنى ئەسلا ھېس قىلالمىغانىدى. شۇنداق، بىر جۈپ يۈرەك ئۆزئارا تېپىشقاندا، كۆزلەر بېقىشقاندا، مەيلى ئۇ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش بولسۇن، بىر يۈرەكتىن يەنە بىر يۈرەككە بىر كۆۋرۈك سېلىنىدۇ، دەل مۇشۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق ئىككى يۈرەكتىكى ئىشقىي پىراق ئۆزئارا تۇتۇشىدۇ.

ماشىنىدا ئارتىسلارنىڭ كىيىم-كېچەك، ئاياغلىرى دۆۋىلەكلىك تۇراتتى، دىليار خىجىللىقتىن كامىلەگە بۇيرىدى:

-كامەك، قاراپ تۇرماي، ماۋۇ كىيىملەرنى ئېلىپ ماشىنىنىڭ كەينىگە سېلىۋېتە،- ماشىنىنىڭ ئىچى قويۇق ئەتىر ئارىلاش تاماكا پۇرىقىغا تولغان بولۇپ، دىليار ساجىدەنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ ئۆزىنى ئاقلاپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،-بۇ مېنىڭ ماشىنام ئەمەس، ئاۋۇ رېژىسسورنىڭ ماشىنىسى ئىدى، مەن تاماكا چەكمەيمەن جۇمۇ!

ساجىدە مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ماشىنىغا چىقتى. يولغا چىقىپلا دىليار بايا سەھنىدە ئېيتىپ، ناھىيەدىكى بارلىق ياش ۋە ئوقۇغۇچى قىزلارنىڭ كۆڭلىنى لال قىلغان شۇ «سەبدە گۈل» ناملىق ناخشىسىنى قويۇپ قويدى.

كېچە كۆردۈم بىر پەرى،

قۇلاققا قىسقان بىر گۈلى.

پۇراي دېسەم ھىدىنى،

شۇئان قاچتى ئۇز پەرى.

  ئەي سەبدەگۈل،

  گۈللەرنىڭ ئۇزى.

  ئەي سەبدەگۈل،

  كۆڭلۈمنىڭ نۇرى.

داۋامى بار.

 

转载请注明:نىيازىم تورى » [نىيازى] – سەبدە گۈل

喜欢 (4)
发表我的评论
取消评论
表情

Hi,您需要填写昵称和邮箱!

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址