بىر قەدەم يىراق
كۆڭلۈمدە بارسەنۇ فەرھادىم كەبى،
ئەمما مەن شېرىنگە بىر قەدەم يىراق.
سۆيگۈمدە بارسەنۇ مەجنۇنۇم كەبى،
ئەمما مەن لەيلىگە بىر قەدەم يىراق.
كۆيەرمەن ساڭىلا بىر زۆھرە كەبى،
ئەمما سەن تاھىردىن بىر قەدەم يىراق.
سۆيەرمەن بىر سېنى زەينەپ قۇش كەبى،
لېكىن سەن كاككۇكتىن بىر قەدەم يىراق.
ئوتۇڭدا كۆيەرمەن سەنەمجان كەبى،
ئەمما سەن غېرىبتىن بىر قەدەم يىراق.
تىلەيمەن قەدەملەر قالسىمۇ بىر ئىزدا،
ئەمما شۇ جۈپ كۆڭۈل بولمىسۇن يىراق.
گۈل مېھرى
2016-06-02
转载请注明:نىيازىم تورى » بىر قەدەم يىراق