قويۇپ بەرمە قولۇمنى،
قورقىمەن، يالغۇزلۇقتىن ۋە تۈندىن.
ئاي چىقمىغان يۇلتۇزسىز كۆكتىن.
قورقىمەن، تىكەنلەرنى تۇتۇپ سېلىشتىن.
كۆزۈم ئوچۇق كۆرمەي قېلىشتىن.
قورقىمەن، تەسەللىي يوق يىغلاشتىن.
كۈلبەمگە دەسسەر يوق دوستسىز قېلىشتىن.
قورقىمەن، شۇ قەدەر تەنھا قېلىشتىن.
ئېرىپ كېتەرمەن بەلكىم بىر قۇچاقلىشىڭدىن.
مېھىرلىك بېقىشلىرىڭدىن، ئىللىق باغرىڭدىن،
شۇندىلا،
يۈرىكىم سەندە قالار ئىدى قورقماس بولاردىم.
گۈل مېھرى
转载请注明:نىيازىم تورى » قورقىمەن