يۈرىكىم ئۆلگەندە سۆيگۈ نېمىدى؟
سورىما مەندىن…
ھالىمنىڭ نېچۈن خارابلىقىنى،
يۈزۈمنىڭ بۇنچە تاتارغىنىنى.
باقما كۆزۈمگە…
قارا ئەمەس بەلكىم قارىچۇقى،
ئېقى ھەم يوقاتتى ئۆز رەڭگىنى.
تىنلىما يۈرىكىمنى…
تۇرىدۇ تىۋىشسىز، قانسىز گۆش كەبى،
تومۇرلار ئۈزۈلدى، چۇۋۇلدى، تېنىم تىتىلدى.
تۇتما قولۇمنى…
بارماقلىرىم سەزمەس مېھرىڭنى،
يۈرىكىم ئۆلگەندە سۆيگۈ نېمىدى؟
گۈلمېھرى 2016-09-05