ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى توغرىسىدا دەسلەپكى ساۋاتلار يوللاندى

مۇھەببەت بوسۇغىدا، نىكاھ تۆرىدە (3)

پوۋېست gulmira 1026℃ 0评论

مۇھەببەت بوسۇغىدا، نىكاھ تۆرىدە (3)
گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى

QQ截图20160129221207

بىزنىڭ بىر ساۋاقدىشىمىز بولىدىغان، ئۇنىڭ ئىسمى ھەسەن. بويى ئېگىز، كېلىشكەن بالا، ئۇ قەيسەرنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئىدى. ئۇمۇ دەرستە خېلى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. ئىككىمىز بىر مەكتەپتە بولمىساقمۇ، ئارىلىقىمىز خېلىلا يېقىن ئىدى. مېنىڭ قەيسەرگە بولغان سېغىنىش ئوتلىرىمنىڭ سەل پەسىيىشىگە، ئۆگىنىشتە ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە شۇنداقلا كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقە قىلىشىمغا پۈتۈنلەي شۇ ھەسەن ياردەم قىلغانىدى.
– نۇرزەك، بۇ ھەپتە دەم ئېلىشتا مەكتىپىڭگە بارىمەن، ساقلاپ تۇر-ھە!- دەيتتى ئۇ پەيشەنبە كۈنىدىن بۇرۇنلا ۋاقىت زاكاز قىلىپ. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بۇ يەردىكى ياتاقداشلىرىم، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بازارغا چىقىپ كىيىم-كېچەك ئالارمەنمىكىن دېيىشىم پۈتۈنلەي سۇغا چىلىشاتتى.
– ھەي، سېنىڭ مانداق بىر كۆرۈشىدىغان ئاغىنىلىرىڭ يوقما؟ قىز دوست تاپامسەن يا؟- ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە شۇنداق سورايتتىم. ئۇ مېنى ھەرخىل ھەقسىز كىرگىلى بولىدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ئاپاراتتى. كىتابخانىغا باراتتۇق، مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىزدەپ ھۇشكاللىمىز چىقاتتى. ئۇ مېنى خۇددى ئاكامدەكلا قوغدايتتى، كۆيۈنەتتى. ئەمما چاتاق يېرى شۇكى، مەكتەپتىكى كېلىشكەن ھەم ھەرجەھەتتە ياخشى بالىلار مېنى قوغلاشسا، شۇ ھامان يوق قىۋېتەتتى-دە! قانداق قىلىپ؟ ھەسەننىڭ تاكتىكىسى ماڭا نامەلۇم، بۇنى سورىماڭلار!
شۇ چاغلاردا كامىلە داۋاملىق ياتىقىمغا كىرەتتى، ئىككىمىز بىر قېتىملىق سەنئەت پائالىيىتىدە ئىتوت ئورۇنلاپ تونۇشۇپ قالغان. شۇ پېتى يېقىن ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. ئۇ ھاشىرخاننىڭ رولىنى ئالدى، مەن ئەركىشى ھاشىراخۇننىڭ رولىنى ئالغان. شۇ چاغدا ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قايىل بولغان ھالدا:
– ئاداش بىزنىڭ زادى يوشۇرۇن تالانتىمىز باركەن جۇمۇ؟! ئەگەردە كېيىنچە ھېچ خىزمەت تاپالمىساق، سەنئەت پروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ ساراڭ-دەلدۈشلەرنىڭ رولىنى ئېلىپ بولسىمۇ تونۇلۇپ كەتكۈدەكمىز!- دېيىشكەنىدۇق.
بىر شەنبە كۈنى، ھەسەن مەكتەپ ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى دەپ ياتاققا تېلېفون قىپتۇ. مەن مىڭنى قاقشاپ ياتاق بىناسىدىن چىقىپ كېلىۋاتسام، كامىلە يۈگۈرۈپ كەلدى:
– ئاداش، بىر سەنئەت كېچىلىكى باركەنتۇق، مەندە بىكارلىق بېلەت بار بارامسەن؟
– ۋۇييۇ، راستما؟ توختا ھە، ئويلىنىۋالاي….- مەن ئۈچ سىكۇنت ئويلاشقاندىن كېيىن، كامىلەنى ئېلىپ مەكتەپ ئالدىغا چىقتىم. ھەسەننى كۆرۈپ يېنىغا باردۇق، ۋاي، بۇ ۋېلىسپىتنى نەدىن تاپقاندۇ دەيمەن-دە!؟
– ھەي، ۋېلىسپىت ئالدىڭما؟ – ھەيرانلىقتا ۋېلىسپىتنى بىر قۇر سىلاپ كۆرۈۋېتىپ سورىدىم:
– ھەئە، بۇ، بۇياق؟ – ئۇ كامىلەنى سوراۋاتاتتى، مەن دەرھال ئېسىمگە كېلىپ، ئۇلارنى تونۇشتۇردۇم:
– ھە راست، بۇياق مېنىڭ يېقىن دوستۇم كامىلە، بۇ بولسا كونا ساۋاقدىشىم ھەم يۇرتدىشىم ھەسەن.
ھەسەن كامىلەگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، ماڭا ئالايدى:
– مېنى شۇنداقلا تونۇشتۇرامسەن؟ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى دېمەمسەن؟
– ۋاي توۋا، ئىككىمىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى باتى ئۇنداق؟ ساراڭ…
ھەسەن ھەييارلىق بىلەن كۈلۈپ كەتتى، مەن كامىلەنىڭ قولىدىكى بېلەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
– ھە راست، سەندىن بۈگۈن ئۆزۈمنى ئارىيەت ئالماقچىتىم، رۇخسەتمىكىن؟
– نەگە بارماقچى؟ ئۇنداق ئىش يوق!
– شۇ كامىلەدە سەنئەت كېچىلىكىنىڭ بېلىتى باركەنتۇق، شۇڭا بېرىپ كۆرەيلى دېيىشكەن…
ھەسەن كەينىگە ئېسىۋالغان سومكىسىنى ئالدىغا قىلىپ، يانجۇقىدىن قولۇمدىكىگە ئوخشاش بېلەتتىن ئىككىنى چىقاردى، بېلەتنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ ماڭا:
– ئەمسە بىللە بارايلى، مەندىمۇ با!
– ۋوي، سەندە ئىككى بېلەت باركەنغۇ؟ بىرەر ئادەم چاقىرىۋالساق بولامدۇ نېمە ئەمسە؟ بىزنىڭ سىنىپتىكى نىجاتنى چاقىرايما؟- ھەسەن قولىدىكى بېلەت بىلەن بېشىمغا يەڭگىل ئۇرغاندىن كېيىن، ماڭا قاراپ ئالايدى:
– ھېلى بىكا ھە! سەن يوغان بوغاندىكىن ئىككى كىشىلىك ئورۇندا ئولتۇرساڭ بولىدۇ.
مەن جىلە بولۇپ يەرنى تېپەتتىم، ئىككىسى كۈلۈشەتتى. شۇنداق قىلىپ ھەسەن ئاتايىن مىنىپ كەلگەن ۋېلىسپىتىنى بىردەم يېتىلەيتتى، بىردەم مەن مىنىپ باقاتتىم، بىردەم كامىلە مىنىپ بىزدىن خېلىلا يىراقلاپ كېتەتتى، بۇ چاغدا ھەسەن ئىككىمىز بۇرۇنقى كونا ساۋاقداشلىرىمىز توغرىسىدا پاراڭغا چۈشەتتۇق. مەن يەنىلا گەپ ئارىسىدا قەيسەر توغرىسىدا كۆپلىگەن سوئاللارنى سورايتتىم:
– ھەي ئاشۇ قەيسەرنىڭ مىجەزى يېشىغا پەقەت ماس كەلمىگەن جۇمۇ!
– قانداق دەيسەن؟
– سېلىشتۇرۇپ باقە ئۆزەڭگە، ئاندىن بىلىسەن، سەن ھېلىغىچە بالىلىقىڭنى تاشلىمايۋاتىسەن، ئۇ ئىككى ئۈچ يىل بۇرۇنلا سەندىن چوڭ سۈپەتتى،- ھەسەننى جىلە قىلماقچى بولغاندىمەنمۇ ياكى قەيسەرنى چىن كۆڭلۈمدىن ماختاۋاتامدىم ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن.
ھەسەن مېنى بىلىكىمدىن تارتىپ ئۆزىگە قارىتىپ سورىدى:
– ھەي، سەن قەيسەرنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرىدىكەنسەن ھە؟! – بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەيەرگە قارىشىمنى بىلەلمەي، بېشىم پىررىدە قېيىپ كەتتى، مەيدەمدىن بىر ئوتنىڭ ھارارىتى پۈتۈن بەدىنىمگە تارىدى، تاپانلىرىمغىچە، قۇلىقىمغىچە قىزىشقا باشلىدىم. جاۋابسىز قالسىمۇ سورىلىۋاتقان سوئاللار بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى:
– تېخىچە ئۇنتۇپ كېتەلمەپسەندە؟
– ئالاقىلىشىۋاتامسىلە؟
– راستلا ياخشى كۆرەمسەن؟
……
كامىلە جېنىم ئادىشىم مېنى قۇتقۇزىۋال! ئۇ ۋېلىسپىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ھەقىقەتەن مېنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالدى.
شۇلارنى ئويلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، كېچىدە يەنە قەيسەرنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانىدا يىقىلىپ چۈشكىنى، يېنىدىكى گۈزەل قىزنىڭ ئاپئاق لۆڭگە بىلەن ئۇنىڭ يۈزىدىكى قاننى سۈرتىۋاتقانلىقىنى چۈشەپ چىقتىم. كۆزۈمنى ئاچسام، قاپقارا ئۇزۇنلا بىر ئادەم يېنىمدا ياتاتتى، بىر چىرقىراپتىمەن، بىردەمدە چىراغ يېقىلدى، قارىسام يېنىمدا بايا ياتقان ئادەم يوق؟! يىغلاپ تۇرۇپ كامىلەنى قۇچاقلاپ كەتتىم. مەن تېخى ئۇنى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ھۇجرىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىمىكىن دېسەم، ئەسلى… يېنىمدا بىرەر ئادەم ياتسا قورقىدىغانلىقىم ئۈچۈن، كامىلەنى ئايرىم ھۇجرىدا يېتىشنى ئاتايىن تاپىلىغانىدىم. ئەمما بۇ قورقۇنچاق يالغۇز يېتىشتىن قورقىدىكەن، كۈندە كېچىسى تۇيدۇرماي يېنىمدا يېتىۋالىدىكەن.
ئۇنىڭمۇ كۆزلىرى ياش يۇقى تۇراتتى، ئۇ مېنىڭ بېشىمنى سىلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم:
– ساڭا نېمە بولدى؟ سەنمۇ يامان چۈش كۆرۈپ قالدىڭما؟- كامىلە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، مەن ياستۇقنى تامغا تىرەپ، بېشىمنى قاشلاپ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇ يىغىسىدىن توختاپ مېنىڭ جاۋاب كۈتىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ :
– چىراغنى ئۆچۈرىۋېتىپ دەپ بېرەي ھە!- دەپ قوپۇپ چىراغنى ئۆچۈردى، ماڭا كەينىنى قىلىپ يېتىپ سۆزىنى باشلىدى:
– مەن،،، مەن يەھيانى باشقا بىرى بىلەن توي قىپتۇ دەپ چۈشەپتىمەن… ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ – مەن بىردەم قېتىپ قالغاندىن كېيىن، ياستۇقنى ئېلىپ كامىلەنىڭ بېشىغا ئاتتىم. ئۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزلىرى ياش يۇقى كۈلۈپ كەتتى:
– ساراڭ، بىر چۈشكىمۇ يىغلامسەن؟ سەن بەك ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكىڭدىن شۇنداق چۈشنى كۆرىسەن.
– ئەمما، راستىنلا شۇنداق كۈن كېلىپ قالسا نېمە بولۇپ كېتەرمەن-ھە؟! -كامىلە يەنە بۇقۇلداشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭ بېشىنى مەيدەمگە يېقىپ بېشىنى سىلىدىم:
– ساڭا دېسەم، سەن نېمىلا دېگەن بىلەن بىر قىز بالا، ئۇنى بەك ئويلاپ كەتمە، سەن قانچە ئويلىغانسېرى كۆڭلۈڭ شۇنچە بەك ئاغرىيدۇ. سىلەر تېخى ئۇ دەرىجىگە بارمىدىڭلار، شۇڭا ئاۋۋال يەھيانىڭ تەشەببۇسكار بولۇشىنى كۈت. بولمىسا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ قەدىر-قىممىتىڭنى يوقىتىپ قويىسەن!
كامىلە ئۇيقۇغا كەتتى، مەن ئەمدىلىكتە ئۇيقۇمنى تاپالماي كۆزۈمنى پالدىرلىتىپ تورۇسقا قاراپ خىيالغا پاتتىم. ھە، بايا ھەسەننى خىيال قىلىۋاتقانىدىم راست!
ھەسەن قەيسەر بىلەن توققۇز يىللىق ساۋاقداش، ئۇلار ھەم قوشنا. بىز ئىككىمىز ئۆگىنىشتە رىقابەتلىشەتتۇق، ئىمتىھان نەتىجىلىرىمىزمۇ ئاساسەن بىر ئىككى نومۇرلا پەرقلىنەتتى. مەن ھەيران قالاتتىم، ئۇنىڭ بىلىدىغان نەرسىلىرى ھەقىقەتەن جىق، ھەم كەڭ دائىرىلىك ئىدى. بەزىدە ئوقۇتقۇچىمىز يېشەلمىگەن ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ئۇ بىردەمدىلا يېشىپ چۈشەندۈرۈپ كېتەتتى. سىنىپىمىزدىلا ئەمەس، مەكتەپ بويىچە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان قىز ئوقۇغۇچىلار خېلىلا كۆپ. ھازىرمۇ بىزنىڭ مەكتەپتىكى بەزى قىزلار ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرغان پەيتتە قەستەن بىر نەرسە سورىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
مەن ھەسەننىڭ ئالدىدا شۇ قەدەر تەبىئىي بىر قىز ئىدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ بارلىق قابىلىيىتىمنى نامايەن قىلالايتتىم. سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلدى، قەيسەرنىڭ ئالدىدا نېمىشقىدۇ، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى يوقىتىپ قوياتتىم. خۇددى كامىلە يەھيانىڭ ئالدىدا بولغىنىدەك. قەيسەرگە يۆلىنىشنى ياقتۇراتتىم، ئۇنىڭ قوغدىشىغا، كۆيۈنىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان بىر ئاجىز قىزدەك. ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق دىپلوم ۋە قازانغان نەتىجىلىرىم ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەستەك بىلىنەتتى. چۈنكى ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە ئەڭ مۇكەممەل بىر يىگىت. بايا مەن كامىلەگە دېگىنىمدەك، بىراۋنى زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتسە، شۇنداق ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھازىرغۇ خېلى ياخشى، قەيسەر ماڭا ئۈزۈك سېلىپ قويغاندىن كېيىن، مەن ئۆزۈمنى سەل قويۇۋېتىدىغان، ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدا قىممىتىمنى ھېس قىلالايدىغان بولدۇم.
مەن قەيسەرگە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن مەزگىللەردە، ئۇنىڭ گىتتار چېلىپ ئېيتقان ناخشىلىرىنى ئۆزۈمگە باغلىۋېلىپ، ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. خۇددى ماڭا ئاتاپ ئېيتقاندەك… شۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى خاتىرەمگە يېزىپ، يادلاپ يۈرەتتىم. مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشتىن ھەتتا تەنتەربىيە دەرسىدە بىر يەردە تىزىلىپ قېلىشتىنمۇ قورقاتتىم. چۈنكى يۈرىكىم سېلىپ، يۈزۈم قىزىرىپ كېتەتتى. ئەمما، ئۇ يوق چاغدا ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرەتتىم. بۇ كۆيۈك ئوتى ھېچنېمىگە ئوخشىمايتتى… ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرى، ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىمۇ يادلىۋالغانىدىم. بىز تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئايرىم شەھەردە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىمۇ، ھەر يىلى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەلگەندە، ئۇنى ئەسلەپ تۇردۇم. بىر يىلى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۇنىڭ بىلەن رەسىمگە چۈشۈش ئۈچۈن ئاتايىن ئاپارات ئېلىپ كەلگەن سىنىپتىكى ھېلىقى قىز ساۋاقدىشىم ئېسىمگە كېلىپ، كۈندەشلىكىم تۇتۇپ ئۆيدە يىغلىغانلىرىمنى ئويلاپ كۈلۈپ كېتەتتىم. ھە راست، شۇ چاغدا شۇ قىز قەيسەرنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ رەسىمگە چۈشىۋالغانتى دېسە! لېكىنغۇ، بىزنىڭ بىر پارچە رەسىمىمىز باتى، ئىككى ساۋاقدىشىمىز بىللە رەسىم چۈشۈۋاتقاندا، قەيسەر رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بۇلۇڭدا، مەن بولسام سول تەرىپىدىكى بۇلۇڭدا قىسىلىپ چىقىپ قاپتىكەنمىز. ئۇمۇ مەن تەرەپكە، مەنمۇ ئۇ تەرەپكە قاراپتىكەنمىزمۇ دەيمەن. رەسىمنى يۇغۇزىدىغان چاغدا مەن ئاستا نىگاتىپنى كېسىۋېلىپ شۇ رەسىمنى ئايرىم يۇغۇزۇپ ساقلىۋالغانىدىم. چۈنكى ئىككىمىزنىڭ بىرگە چۈشكەن شۇ بىرلا پارچە رەسىمىمىز باتى ئەمەسمۇ؟!
مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم؟ تاڭ ئاتارغا يېقىن يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن.
داۋامى بار.
داۋامى ئەڭ ئاۋۋال نىيازىم بلوگىدا يېڭىلىنىدۇ.

转载请注明:نىيازىم تورى » مۇھەببەت بوسۇغىدا، نىكاھ تۆرىدە (3)

喜欢 (20)
发表我的评论
取消评论
表情

Hi,您需要填写昵称和邮箱!

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址