ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى توغرىسىدا دەسلەپكى ساۋاتلار يوللاندى

مۇھەببەت بوسۇغىدا، نىكاھ تۆرىدە (1)

پوۋېست gulmira 1233℃ 0评论

QQ截图20160129221359
قەيسەر – ئۇ مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ئۈچ يىللىق ساۋاقدىشىم. سىنىپىمىزدىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خېلى كېلىشكەن، ئەمما بەكمۇ يۇۋاش ھەم دەرستىمۇ ئوتتۇراھال ئىدى. بەزىدە ھەتتا ئۇنىڭ سىنىپتىكى مەۋجۇدلۇقىنى ئۇنتۇپ قالاتتۇق. سىنىپتا كىچىك تىپتىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ قالساق، گىتتار چېلىپ ناخشا ئورۇنلاپ بېرەتتى، شۇ چاغلاردىن باشلاپمىكىن، تازا ئېنىق ئېسىمدە يوق، ئەمما ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالغىنىم راست. بۇ بىر ساپ مۇھەببەت ئىدى.
بىزنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىدىغان يولىمىزمۇ بىر ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆيى ناھىيىگە ئەڭ يېقىن بولغان بىر يېزىدا بولۇپ، شۇنداقتىمۇ ۋېلىسپىت بىلەن بولسا 20 مىنۇتلارغىچە ئاران بېرىپ بولاتتى. مېنىڭ ئۆيۈم بولسا مەكتەپكە تولىمۇ يېقىن، پىيادە ئون مىنۇتقا قالماي ئۆيگە كىرىپ بولىمەن. سەبىيلەرچە كۆيۈكنىڭ سەۋەبىدىن، يوللاردا ئۇچراپ قالارمىزمۇ دېگەن ئويدا قەستەن مەكتەپكە بارىدىغان يولنى ئۇزارتىپ، باشقا بىر كوچىدىن ماڭاتتىم. ئەمما نەچچە ئايدىن بۇيان بىرەر قېتىم ئۇچراپ قالسا نېمە دەي؟!
– تېزراق مىنە! قارا يەنە بىرى يانداپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدى، ھەي، نەگە قاراۋاتىسەن؟!
كەينىمدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپ، بېشىمنى ئەمدىلا كەينىمگە بۇرىشىمغا، يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋېلىسپىتلىك بىر جۈپلەرگە قاراپ قەدەملىرىم ئاستىلاپ، يۈرىكىم تىلىنغاندەك ئاغرىشقا باشلىدى. ۋېلىسپىتنى مىنىۋالغىنى دەل قەيسەر، ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى، قاراشلىرىدا بىر مەنا باردەك… ئەمما كەينىدە ئولتۇرغان پاراللېل سىنىپتىكى رۇقىيە قەيسەرنىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ ۋارقىرايتتى:
– ئالدىڭغا قاراپ مىن! تېز بول!
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مەن يەنىلا ئەسلى يولۇم بويىچە مەكتەپكە بارىدىغان بولدۇم. سىنىپتىمۇ شۇ پېتى ئۇنىڭ بىلەن گەپ-سۆز قىلىشمىدۇق. ئۇغۇ ئەزەلدىن قىزلارغا تۈزۈك گەپ قىلمايدۇ، ئەمما مەندەك بىر كۆپ سۆزلەيدىغان قىزبالىنىڭ جىمغۇر بولۇپ قېلىشى، يوقىلاڭ ئىشلارغا يىغلاپ كۆز يېشى قىلىشى ساۋاقداشلىرىمنىڭلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچۇمنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. ئوقۇتقۇچۇم مەن بىلەن پاراڭلىشىپمۇ باقتى، ئەمما مەن تىلىمنى قاغا چوقۇلىۋالغاندەك تۇرغان پېتى يىغلاپلا يىغلاپلا ۋاقىت ئۆتكۈزىۋەتتىم. سورىغان سوئاللىرى جاۋابسىز قالغان ئوقۇتقۇچۇم ماڭا بىرمۇنچە ياخشى گەپ قىلغاندىن كېيىن ئىشخانىدىن چىقىرىۋەتتى.
كۈنلەر ئاستا ئۆتسىمۇ، تېز ئۆتسىمۇ ئىمتىھان بەرىبىر كېلىدىكەن. تىرىشقىنىمغا چۇشلۇق ئىمتىھاندىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. ئەمما، قەيسەر بولسا ناھىيىمىزدىكى بىردىنبىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نومۇر چېكىگىمۇ يېتەلمەي، كەسپ ئوقۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىگە كېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم. ئۇ چاغدا مېنىڭمۇ سەل ئىشقى ئوتلىرىم پەسەيگەن ۋاقىتلىرىمىكىنتاڭ ۋە ياكى يېڭى مەكتەپ مۇھىتىدا يېڭىچە تۇيغۇلاردا بولۇۋاتقانلىقتىنمۇ ئىشقىلىپ ئۇنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كېتىپتىكەنمەن.
تولۇق ئوتتۇرىنى كاللامنى باشقا ئىشلارغا چاچماستىن ياخشى ئوقۇپ تاماملىۋالدىم. ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققان مەزگىللىرىمدە، مۇشۇ چ چ دېگەن نەرسىنى ئاندا مۇندا ئويناپ قويىدىغان بولدۇمدە، تۇيۇقسىز قەيسەر بىلەن قايتا ئىزدىشىپ قالدىم. ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇپ، خېلىلا باش كۆتۈرۈپ قاپتۇ. بىز كۈندە ئالاقىلىشىدىغان تۈگىمەس پاراڭلارنى سوقۇپ، ئۆزئارا تولىمۇ كۆنۈشۈپ كەتتۇق. ھېس قىلالايمەنكى ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئىزھار قىلالمايۋاتىدۇ. مەنمۇ ئۇنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرىمەنكى، قىز بالا بولغانلىقىم ئۈچۈنلا زىنھار ئېغىزىمدىن چىقىرىپ ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەيدۇ.
مېنىڭ پراكتىكانت مەزگىلىم ئىدى، بۇ چاغلاردا بىز بىلىپ بىلمەي، قەلبىمىزدىلا ئېتىراپ قىلىدىغان مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ بولغانىدۇق. باشقىلار يىگىتىڭ بامۇ، قىز دوستۇڭ بامۇ دېسە، ۋەدىلەشكەن يارىم بار دەيدىغان بولدۇق. بىز ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا «سېنى ياخشى كۆرىمەن، مەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە بولۇشنى خالامسەن؟» دېگەندەك سوئاللاردىن خالىي ئۆزىمىزچىلا يۈرۈپ كەتتۇق. ھېچقايسىمىز ئېغىز ئاچقاندەك ئەمەس، ئەمما كۆڭلىمىزدە ھەممىسى ئايان.
ھەر ئىككىلىمىز ئوخشاش بىر شەھەردە ئۆز خىزمىتىمىز ھەلەكچىلىكىدە بولساقمۇ، ئارام كۈنلىرىدىن سىرت، ئىككى كۈندە بىرلا ئىشتىن چۈشكەندە بىرگە تاماق يەيتتۇق ياكى كىنو كۆرۈپ كېلەتتۇق. ئۇ ئاساسەن مېنىڭ ئارام كۈنلىرىمنى كۈتەتتى. ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئىككىمىز بۇ شەھەرنىڭ كىتابخانىلىرىغا، باغچىلىرىغا، پەن-تېخنىكا سارايلىرىغا شۇنداقلا يېزىلىرىغىچە باراتتۇق. ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىگىلى قويمايتتىم، چۈنكى ماشىنىدا ئولتۇرۇشقا قارىغاندا، پىيادە مېڭىشنى، ياندىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، يۈگرىشىپ مېڭىشنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم.
– نۇرزىيە، – قەيسەر بايىلا يېنىمدا تۇرغاندەك قىلغانىدى، مېنى چاقىرغان ئاۋاز ئەجەب يىراقتىن ئاڭلىنىدىيا؟! كەينىمگە قارىشىم بىلەنلا كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، يىراقتىكى دەرەخ ئۈستىدە قولىغا نۇرغۇنلىغان شارنى تۇتىۋېلىپ، ماڭا قاراپ پۇلاڭلىتىۋاتقان قەيسەرنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم. ئەپسۇس، ئۆيدىكى شۇ ھۇجرامدا، ياق مېھرىبان ئانامنىڭ قوينىدا ياتقاندەك بىر راھەت ئۇيقۇغا كەتتىم.
كۆزۈمنى ئېچىپلا بېشىمدا چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ تۇرغان نۇرغۇنلىغان باشلارنى كۆردۈم. باغرى يۇمشاق ئاتام، مېھرىبانىم ئانام، دۇنيالىقتا بىردىنبىر قېرىندىشىم بولغان ھەدەم ھەممىسى كۆزلىرىدە ياش يۇقى ماڭا قارىشىپ تۇرۇپتۇ. چەمبىرەك سىرتىدىرەك سەپنى بۇزۇپ تۇرغان بىرى دەل قەيسەر ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ قىزىرىپ ئىششىپ كېتىپتۇ. ئەمما مېنىڭ ئويغانغىنىمنى كۆرگەچكىمۇ ئەيتاۋۇر، قارىچۇقلىرى چاقناپ تولىمۇ سەبىي كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۆيدىكىلەر مېنى يوقلاپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلارنى ئۇزىتىپ قويغىلى چىقىپ كەتكەندە، قەيسەر يېنىمغا كېلىپ، كۆيۈنۈپ سورىدى:
– ئۇسسىدىڭمۇ؟ بىرەر يېرىڭ ئاغرىمىغاندۇ؟
مەن ياق دەپ بېشىمنى ئاران تەستە چايقىدىم. نېمە بولغاندىمەن؟ يەنىلا بېشىم قېيىۋاتاتتى. قەيسەرنىڭ ئاۋازى قۇلىقىم تۈۋىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاپ ئۆچتى. ياق، ئەسلىدە مەن شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەنىدىم.

داۋامى كېلەر ھەپتە يوللىنىدۇ.

转载请注明:نىيازىم تورى » مۇھەببەت بوسۇغىدا، نىكاھ تۆرىدە (1)

喜欢 (19)
发表我的评论
取消评论
表情

Hi,您需要填写昵称和邮箱!

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址