ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى توغرىسىدا دەسلەپكى ساۋاتلار يوللاندى

ئاتايى شېئىرى

139-1503051FS2

بۇ ئەلدە باردۇر ئىكى ماھىپەيكەر،

بىرى قەندۇ بىرىسى شەھدۇ شەكەر.

بىرىنىڭ ئارەزى خۇرشىدى تابان،

بىرىنىڭ كۆزلەرى كۇففارى خەيبەر.

بىرىنىڭ زۇلفۇ خالى دانەيۇ دام،

بىرىنىڭ قامەتى سەرۋۇ سەنەۋبەر.

بىرىنىڭ لەبلەرى ياقۇتى سىيراب،

بىرىنىڭ تىشلارى پاكىزە گەۋھەر.

بىرىنىڭ غەبغەبىدۇر سىينى سىيمىن،

بىرىنىڭ ئىكى بادامى مۇقەششەر.

بىرى سۇلتانى ئىقلىمى مەلاھەت،

بىرى ھۇسن ئەلىدە خاقانى قەيسەر.

بىرىنىڭ غەمزەسى جەرراھى ئۇستاد،

بىرىنىڭ كىرفىكى ئالماسۇ خەنجەر.

بىرىنىڭ ئىكى قاشىدۇر ياڭى ئاي،

بىرىنىڭ تەلئەتىدۇر ئەيدى ئەكبەر.

بىرىگە چاكارۇ بەندە ئاتايى،

بىرىگە خادىمۇ دائىمىي كەمتەر.

转载请注明:نىيازىم تورى » ئاتايى شېئىرى

喜欢 (1)
发表我的评论
取消评论
表情

Hi,您需要填写昵称和邮箱!

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址