مەن ئىلى شەھرىدە كۆردۈم، ۋاھ، ئاجايىپ بىر پەرى،
نە پەرىدۇر ھۆسنى تولغان ئاي سۈپەتلىك دىلبەرى.
كەينىدىن سۈرئەت بىلەن باردىم كۆرەي دەپ ھۆسنىنى،
ناگاھان ئاچتى يۈزىنى ئول سائادەت ئەختەرى.
ئول زامان كۆردۈم يۈزىنى بۇ بېشىمدىن كەتتى ھۇش،
قالدى ھەسرەتتە قەمەر، ھەيرانە خۇرشىد خاۋەرى.
نە بالاغا ئۇچرۇدۇم، كەتتىم ئۆزۈمدىن ئول كۈنى،
يىغلىدى ھالىمغا كوھىستان ئارا ياشۇ قېرى.
ئاتەشى ئىشقى تۇتاشتى، ئۆرتىدى باغرىمنى كۆپ،
بۇ جەھەتتىن تۇتىئى دىل شاد ئەمەس ئاندىن بىرى.
بارچە ھۆرلەر بولسا يۇلتۇز، ئول گۈزەلدۇر بىر قۇياش،
بارچە بەلكى لەئلى بولسا، ئول سەدەپنىڭ گۆھىرى.
ھەر كىشى بولدى ئەسىر ئاڭلاپ گۈزەل تەرىپىنى،
ھەم بىلالى تەلۋىدۇر ئۇشبۇ ئەسىرلەرنىڭ بىرى.