ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى توغرىسىدا دەسلەپكى ساۋاتلار يوللاندى

شاھ مەشرەپ شېئىرلىرى (1)

72DEC9062CC2

ئەگەر سەن خانى خاقانسەن، ئۆلەرسەن ئاقىبەت بىر كۈن،

ۋەگەر سەن شاھى دەۋرانسەن، ئۆلەرسەن ئاقىبەت بىر كۈن.

ئەگەر مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرسەڭ تىرىكلىك كويىدا غاپىل،

ئەجەلنىڭ شەربەتىن ئاخىر ئىچەرسەن ئاقىبەت بىر كۈن.

مىنىپ سەن ئەسپى گەۋھەرنى جاھاننى سەير ئېتىپ يۈرسەڭ،

ياغاچ ئاتقا، ئايا غاپىل، مىنەرسەن ئاقىبەت بىر كۈن.

تەكەببۇر تەختى ئۈستىدە كىيىپسەن ئەگنىگە زىبا،

ياقاسى، يېڭى يوق توننى كىيەرسەن ئاقىبەت بىر كۈن.

چىراغى مەشئەلىنى ياندۇرۇپ ئەيشنى تەلەپ قىلساڭ،

چىراغى يوق قارا گۆرگە كىرەرسەن ئاقىبەت بىر كۈن.

كەل ئى مەشرەپ، تاۋازۇ قىل، خۇدا يادى بىلەن بولغىل،

بۇ يۈرگەننىڭ ھېسابىنى بېرەرسەن ئاقىبەت بىر كۈن.

转载请注明:نىيازىم تورى » شاھ مەشرەپ شېئىرلىرى (1)

喜欢 (4)
发表我的评论
取消评论
表情

Hi,您需要填写昵称和邮箱!

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址