ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى توغرىسىدا دەسلەپكى ساۋاتلار يوللاندى

زىيائى شېئىرلىرىدىن پارچە

139-1503051FS0

خىلئەتى جانغا مۇنەققەش ئولدى جانان سۇرەتى،

بولدى جانان سۇرەتى بۇ جىسىم ئارا جان سۇرەتى.

جاننى جانانغا نىسار ئەتتىم، پەرىمۇ، ھۇرمۇ،

قالمادى، ئەي دوستلاركىم، مەندە ئىنسان سۇرەتى.

ئىزدەبان كەزدىم جەھاننى، تاپمادىم سالىپ سۇراغ،

زارنى سەرگەشتە ئەيلەپ قىلدى ھەيران سۇرەتى.

ئوتغا تۈشكەن قىل كەبى جانىمنى ئەتتى پىچ،

ھەلقە~ھەلقە ئەيلەدى زۇلفى پەرىشان سۇرەتى.

خەنجەرى ھىجران ھۇجۇمى ئەيلەدى باغرىمنى چاك،

بىر قىيا باقماق بىلە ئول غۇنچە خەندان سۇرەتى.

تىيرە كۆڭلۈمنى مۇنەۋۋەر ئەيلەسە،يوقدۇر ئەجەب،

نەي يېرى ئەئزەم بولۇپ خۇرشىدى رەخشان سۇرەتى.

تەلبە راي ئەتتى كۆڭۈل يادى بىلە مەجنۇن كەبى،

ئەيلەدى ئالەم ئەلىدىن بىزنى پىنھان سۇرەتى.

رەھم ئەتىپ مەن تەلبەگە قىلسا ئۆزىنى ئاشكار،

زاھىر ئولغاي ئول پەرىدىن لۇتفۇ ئېھسان سۇرەتى.

ئۆلگۈنچە قىلسام تەلەب ۋەسلى مۇيەسسەرمۇ ئىكىن،

ئەسلىنى تاپماق بەسى مۇشكۇلكى ئاسان سۇرەتى.

دانە-دانە ئەيلەسەم ئەشكىمنى چۇن ئەبرى بەھار،

كۆزدىن ئاقغان سۇ بولادۇر لەئلى رۇممان سۇرەتى.

ئايتىپ-ئايتىپ يىغلاساڭ، مەسئۇد، يوقدۇر ھەمدەمىڭ،

بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىھھەت ئىمكان سۈرەتى.

转载请注明:نىيازىم تورى » زىيائى شېئىرلىرىدىن پارچە

喜欢 (3)
发表我的评论
取消评论
表情

Hi,您需要填写昵称和邮箱!

  • 昵称 (必填)
  • 邮箱 (必填)
  • 网址