گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
سۇنايلىنىپ ياتىدۇ، ئويغاق بىر شەھەر،
كۆزى ئوچۇق، ئۇخلىمايدۇ ئۇ.
ئەللەيلىتىپ قويىدۇ سەلكىن شامىلى،
باغرىدا ھاياتلىق تېپچەكلەيدۇ…
ئەسلا توختىمايدۇ!
تىمتاس كېچىدە ئويغاق بىر شەھەر،
ئوخشايدۇ موسكۋا ھەمدە لوندونغا.
ئوخشىغاندەك ئۇ گويا ئانا-ئانىغا،
ئۇلايدۇ ئۇ تۈنلەرنى سەھەر ۋە تاڭغا.
قىزارغان سۈبھىنى شەپەق ۋە شامغا.
ئۇخلىتار زېمىننى ئويغاق بىر شەھەر،
قىزىنى قوغدىغان مەغرۇر دادىدەك.
سىلاپ ھەم بېشىنى ئۇلۇغ ئانىدەك،
ئاسمانغا ئېسىلغان سانسىز يۇلتۇزدەك.
بۇ شەھەر ئويغاق، ئۇخلىمايدۇ ئۇ،
تۈنەيدۇ قوينىدا مىليون قارا كۆز….
بۇغدا ئاتىنىڭ ئاق باش چوقىسىدا،
تاغلارنىڭ كۆزەتچىسى ئۇ ـ
مەشئەل بوپ چاقنايدۇ ئۆچمەس بىر يۇلتۇز!
2016-يىلى 14-ئاپرېل
转载请注明:نىيازىم تورى » ئويغاق بۇ شەھەر