بىز ئۇنۇتتۇق،
بىر-بىرىمىزگە نۇرغۇن قەرزىمىز بارلىقىنى،
ئەمەلگە ئاشۇرمىغان ۋەدىمىز بارلىقىنى.
قېچىپ يۈرۈپ قۇتۇلغان لەۋزىمىز بارلىقىنى،
ئۇنۇتساق بولماس ئىدى،
ئەمما ئۇنۇتماقتىمىز ھەممىنى.
چېچىمىز ئاقارغىنىنى،
كۆزىمىز خىرەلەشكىنىنى.
ئايرىلمايمىز دېگەنلەرنىڭ ئايرىلغىنىنى،
خوشلاشقاننىڭ ئەتىسىلا دىدارلاشقىنىنى،
ئۇنۇتماق تەس ئىدى،
بىزگە ئاسان بولدى.
ئۇنۇتمىدى بۇ دۇنيا،
ئاجىز ئۈستىدىن كۈلگەننى،
مەڭزىدە قاتۇرۇپ كۈلكىنى.
چاناققا تولدۇرۇپ كۆز ياشنى،
تەڭشەپ قويدى ھەممىنى.
گۈل مېھرى
转载请注明:نىيازىم تورى » ئۇنۇتتۇق