شائىر مەدھىيلەپ شىئىرلار يىزىلدى ،
ھاياتتا سەن بولغاچ شاملار يىقىلدى .
بەرگەچكە ئاق سۈتنى تىللار تۇتىيا ،
مىھىرلىك ئەجرىڭگە تاغلار ھۇۋلىدى .
بالامنىڭ بەختى ئۇيقۇسىز كىچىلەر ،
ئەركىلىپ مەنىلىك تاتلىق كۈلۈشلەر .
يىراقتا مەن پەرىشتەم پاسىبان ئانا ،
چىھرىڭدە بارمۇ خۇشال يۇرۈشلەر .
سىغىندىم سىنى يۇرەكلەر گۈلغان ،
تەقدىر ئاچچىقى قەلىپكە تولغان .
بۇ چىن يۇرەك مىھرىڭگە تەشنا ،
ئاشىق دىۋانىسى ساڭىلا بولغان .
مەن بىر ئەركەك ئاتامنىڭ نەسلى ،
كۈتمەكتە مىنى باھارنىڭ پەسلى .
دۇئالىرىڭ بارغۇ ھەر بىر ئىشىمدا ،
كار قىلماس دۇشمەننىڭ قەستى .
ئاپتورى ئىخلاس 21-ئاۋغۇست
2016-يىلى08-ئاينىڭ31-كۈنى 2:21 چۈشتىن كېيىن | تەخت
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ئاپىرىن