قېرىنداش دىگەن بىر بىرنى قوللاپ مۈرنى مۈرگە تىرەپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلىشى كېرەك !
يىقىننڭياقى دىققەت قىلدىمكى بىزدىكى ئېغىر مەسىلە توپلاردىكى ئۇرۇش جىدەك مۇشۇ قېرىنداشلىقنى چۈشەنمەسلىك سەندىن مەن قىلىپمقالامدىم دىگەندەك خاتا ئويلاش !
ئاچچىق ئەقىلنى كىسىدۇ ،باشقىلاردىن تۇلا رەنجىپ تۇلا دىل ئازار قىلسىڭىز ،سىزنى ياقتۇردىغان كىشلەر بارا بارا سىزدىن زېركىدۇ ،شۇنچىلىك ئەخلاقلىق ۋە گۈزەل خۇلۇقلۇق بۇلۇڭكى ھەتتا دۈشمىنىڭىزمۇ سىزگە ئازار بەرگىنىدىن خىجىل بولسۇن !
دىل ئازاردىن قورۇققان كىشى ئازارلىنىشتىن ساقلىنالايدۇ ،باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتمەي مەقسەت مۇددىئايىڭىزنى چىرايلىق شەكىلدە يەتكۈزسىڭىز بۇ تۇلىمۇ سۈيۈملۈك ئىشقا ئايلىنىدۇ !
ئەگەردە سىزنىڭ تۇغرا بولغان ئەھۋال ئاستىدىدا قۇپاللىق ۋە كىبىرلىك بىلەن سۆز قىلسىڭىز بۇنى باشقىلار قۇبۇل قىلالمايدۇ ،ئىش ئەكسىچە بۇلىدۇ ،سىز ياراتمىغان كۆزگە ئىلمىغان شۇ كىشى بەلكىم سىزدىنمۇ بىلىملىك بۇلشى مۇمكىن ،ياكى سىزدىن ياخشى بۇلشى مۇمكىن ،شۇڭا باشقىلارغا سۆز قىلغاندا ناھايىتىمۇ خۇشپىئىل ۋە سەبىرچان بۇلۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن !
كۈڭلۈم ئاغرىدى بىكادىن دىل ئازار تارتتىم دەيسىز، ئويلاپ كۆرۈڭ باشقىلارنىڭمۇ دىلى ئازار يىمەسمۇ ،سىزگە ئوخشاش يۈركى ئاغرىماسمۇ ،شۇڭا بەك ئېھتىيات قىلغان نەزەردە سىلىق سۆز قىلىڭ ،باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىكىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزڭىزگە ئازار بەرمىگەنلىكىڭىزدۇر !
بۇ ئۆتنە ئالەم كىشنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
قېرىنداشلىق ئەخلاق ھايا ۋە قوللاش تۇغرا چۈشنىش ، ئىشىنىش ،ۋە ئۆزدىن مۇھىم بىلىش ئۈستىگە قۇرۇلسا تۇلىمۇ گۈزەل بولغان ئىشلار ۋۇجۇدقا چىققان بۇلاتتى !
ھەممىڭلارنىڭ ياخشى قېرىنداشلاردىن بۇلشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن !
قەلەمدە : سەبرىم زىلتار
2016-يىلى09-ئاينىڭ01-كۈنى 7:58 چۈشتىن بۇرۇن | تەخت
ياخشى مەزمۇن ئىكەن ساقلىۋالدىم
2016-يىلى09-ئاينىڭ01-كۈنى 4:50 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@begim رەھمەت ؛
2016-يىلى08-ئاينىڭ23-كۈنى 2:22 چۈشتىن كېيىن | دېۋان
ياخشى تېمىكەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر