12-باپ. مىنىڭ ئىسمىم غوجا ئابدۇل ئەخەت
-ياق،تېخى.....
-ھۇ كالۋا!ئالدىنقى قېتىم ساڭا ئىيتىپ بەرگەندە قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتمايسەن،يەنە ئويلىنىپ باق،خوش!
-توختاپ تۇرسىلا،مەن......
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ دىمەكچى بولغان گەپلىرى ئېغىزدىلا قالدى.موماي يىراقلاپ كەتتى،ئۇ شۇنچە يۈگۈرۈپ ئەگىشىپمۇ،موماينى كۆزدىن يوقىتىپ قويدى،موماي يەنە بىر قىتىم قانداق تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان بولسا يەن شۇنداق تۇيۇقسىز غايىپ بولدى،غوجا ئابدۇل ئەخەت ھەرقانچە ئويلاپمۇ بىر يېشى چوڭىيىپ قالغان موماينىڭ بۇنداق تىز ماڭالايدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يىتەلمىدى....
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئۆيى.
-ھە،قايتىپ كەپسەندە بالام،ۋۇي،نىمانچە كۆپ كىتاپ بۇ!
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ دادىسى ئۇنىڭ قولىدىكى كىتاپلارنى شىرەگە قويۇپ كۆرۈشكە باشلىدى.
-ئۆزلۈك ۋە كىملىك،ئىنسان تەبىئىيتىدىكى ئاجىزلىقلار،سىز ھەممىگە قادىر......خېلى ئوبدان كىتاپلارنى ئاپسەن بالام.ياخشى بوپتۇ!
-بۇ ئاشقان پۇل....
غوجا ئابدۇل ئەخەت دادىسىغا يۈز نەچچە يۈەننى تەڭلىدى.دادىسى پۇلنى ئالمىدى.
-يېنىڭغا سىلىپ قوي،لازىم بولىدۇ.
-دادا،مەن ھېلىقى تۇمارىس خىنىمنى كۆردۈم!
-ھە؟!
دادىسى قولىدىكى كىتاپلارنى شىرەگە قويۇپ،غوجا ئابدۇل ئەخەتكە قارىدى.
-نەدە كۆردۈڭ؟!ئۇ ئاچىمىز قانداقراق تۇرۇپتۇ؟!
-ناھىيە بازىرىدا.
-ساڭا قانداق بولۇپ ئۇچراپ قالدى؟!بىرنەرسە دىدىمۇ؟!
غوجا ئابدۇل ئەخەت نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدى.ئۇ دادىسىغا ئۆزىنىڭ پىۋا ئىچىپ مەسىت بولۇپ ئېرىقتا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى،قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەندە،موماينىڭ پەيدا بولۇپ ئۇنىڭغا پۇل ئۇتۇپ بەرگەنلىكىنى دادىسىغا دەيدىغان بولسا،دادىسى ئۇنىڭ پۇت-قولىنى چېقىۋىتىشتىن يانمايىتتى.
-گەپ قىلە؟!ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپتىمۇ؟!
غوجا ئابدۇل ئەخەت دادىسىنى ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئالداشقا مەجبۇر بولدى.ئۇ دادىسىغا مۇنداق چۈشەندۈردى.
-كىتاپخانىغا كىتىۋاتسام،بىر قارت تىزىپ ئادەم ئالدايدىغان بىر يىگىت كىشىلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ،كىشىلەرنى ئالداپ ئۇتىۋالغىلى تۇرۇپتۇ.مەندەك بىربالا ئۇلارغا ئالدىنىپ پۇلىنى ئۇتتۇرۋەتتى،دەل مۇشۇ چاغدا موماي پەيدا بولدى.....
دادىسى ئاڭلىغانسىرى ھاياجانلاندى،ھەتتا موماينىڭ ھېلىقى يىگىتنىڭ پۇلىنى ئۇتىۋىرىپ،ئۇنى بەدەر قېچىشقا مەجبۇر قىلغان يېرىگە كەلگەندە،قاقاھلاپ كۈلۈپ چاۋاك چېلىپ كەتتى!
-ۋاھ!مۇنداق دە،ھە كىيىنچۇ؟
-كىيىن ئۇ پۇلنى كېرەكسىز قەغەزنى چاچقاندەك چېچىۋىتىپ،ماڭا ‹ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىڭنى بىلدىڭمۇ؟›دەپ قويۇپ كىتىپ قالدى...
-كىتىپ قالدى؟!سەن ئۇنى توختىتىپ،‹ئاتا-ئانام ۋە مەن سىلىدىن بەك ئەنسىرىدۇق،ئۆيلەرگە بىر بارسىلا›دىمىدىڭمۇ؟
-ئۇ موماي جىندەك تىز ماڭىدىكەن،شۇنچە قوپلاپمۇ كۆزۈمدىن يۈتتۈرۈپ قويدۇم.
-توۋا،توۋا!...مۇشۇ ئاچىمىزدا بىر ھىكمەت بار جۇمۇ!كونىلار كىشىنىڭ كىيىمىگە باقما،قىلغان ئىشىغا باق دەپ بىكارغا دىمەيدۇ.مۇشۇ ئاچىمىزنى مەن پۇچۇق چاپانغا ئورۇنىۋالغان خىزىرمىكىن دەيمەن بەزىدە،توۋا.....
غوجا ئابدۇل ئەخەت كىتاپلىرىنى ئېلىپ ئۆزى ياتىدىغان ئۆيگە كىرىپ كەتتى.دادىسى ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقان ئانىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ،موماينىڭ ئىشلىرىنى زوق-شوخ بىلەن ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى.
-توۋا،توۋا....ئاماننىساخان ئاچىمىز ئاجايىپ بىر ئايال جۇمۇ،ھەي دادىسى،سىلە ناھىيگە كىرىپ بىر ئىزدەپ باقاملا يا؟
-ھەي....مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان باشتا.كىيىن ئويلاپ باقسام ئۇ ئاچىمىز ئۆزىنى بىزگە كۆرسەتكۈسى كەلمىگەندە.ھەرقانچە قىلساقمۇ ئۇنى تاپالمايدىغاندەك ھس قىلدىم.
-ئۇغۇ شۇ.ئۆيىگە بىر بېرىپ باقاملىيا؟
-مەيلى،مەن بىر بېرىپ كىلەي!
-شۇنداق قىلسىلا،ئەگەر بار بولۇپ قالسا،چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆيگە بىر تەكلىپ قىلسىلا،پولو ئىتىۋاتىمەن.....
دادىسى موماينى ئىزدەپ ماڭدى.....
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۆيىگە كىرىپ،دادىسىنى ئالدىغانلىقدىن كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولۇپ،ئۈنسىز يىغلاپ سالدى.چۈنكى ئۇ دادىسىنى زادىلا ئالداپ باقمىغان ئىدى.دادىسىنى ئالداش-- ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا ئاسىي بولۇپ كەتكەندەك بىلىنىدى.يەنە بىر تۇرۇپ،ئەگەر موماي دادىسى بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قالسا،ھەقىقى ئەھۋالنى دەپ سېلىشىدىن قورقاتتى.شۇنداق خىياللار بىلەن ئۇنىڭغا كىتاپ ئوقۇشمۇ خوش ياقمىدى....
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ تەلىيى كىلىپ،موماي ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقتى.ئۇنىڭ كۆڭلى بارا-بارا جايىغا چۈشۈپ،كىتاپ ئوقۇشقا باشلىدى.كىتاپقا خۇمار بولۇشقا باشلىغان غوجا ئابدۇل ئەخەتكە،تۇرمۇش مەنىلىك ئۆتۈشكە باشلىغاندەك بىلىندى،كۈنلەرنىڭ شۇنچە تىز ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلىقىنىمۇ ھىس قىلمايلا قالدى.موماي قايتا پەيدا بولمىدى....
ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ.1-يىللىق2-سىنىپ.
غوجا ئابدۇل ئەخەت پۈتۈن زېھنى بىلەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى،ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ كىتاپتىن ئوقۇغان بىلىملىرىنى ھەزىم قىلىۋاتاتتى.ئۇ تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشى باقىنىڭ نىمە ئۈچۈن كىتاپتىن باش كۆتۈرمەيدىغانلىقىنىڭ،نىمە ئۈچۈن كەمسۆز ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدى.‹بەلكىم موماي مىنىڭ غوجا جەمەتىمنىڭ تارىخىنى بىلىدىغان بىلىشى مۇمكىن ياكى ئۇ بىزنىڭ بىرەر ئۇنتۇلۇپ كەتكەن تۇققىنىمىز بولىشىمۇ مۇمكىن ۋە ياكى ئۇ ماڭا مەلۇم بىر نەرسىدىن بىشارەت بېرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن....كىتاپتا سىرتقى قىياپەت پەقەت بىر نىقاپ خالاس،ئىچكى قىياپەت ھەقىقى ئۆزۈڭسەن دەپتۇ،مەن زادى كىم؟!›ئۇ شۇنداق خىياللار قاينىمىدا زېرىكمەي ئۈزەتتى،چۆكۈپ كەتسە،لەيلەپ چىقىپ يەنە ئۈزەتتى.
-ساۋاقداش،سىز بۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېرەمسىز؟
ئوقۇتقۇچى غوجا ئابدۇل ئەخەتنى دەۋاتاتتى.لىكىن ئۇ ئاڭلىمىدى.يىنىدىكى پارتىداش قىز ئۇنى ئاستا نوقۇپ قويدى.
-ھەي ئابلەت،مۇئەللىم سىزنى دەۋاتىدۇ....
-مېنىڭ ئىسمىم غوجا ئابدۇل ئەخەت!ئابلەت ئەمەس!
-ھە،ھە...غوجا ئابدۇل ئەخەت!
قىزچاق كۈلۈپ قويدى.ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى ۋە مۇلايىملىق بىلەن غوجا ئابدۇل ئەخەتتىن سورىدى:
-قېنى بىر سۆزلەپ بېرىڭ!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئورنىدىن تۇرۇپ گاڭگىراپ قالدى.
-نېمىنى؟
-ھا-ھا-ھا!
-خاھ-خاھ-خاھ....
بالىلار پاراققىدە كۈلۈپ كەتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت تېخىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى.
-شۇنچە ئىجتىھات بىلەن دەرس ئاڭلاپ ئولتۇراتتىڭىز،بولدى،سەل ئويلىنىۋىلىپ ئاندىن دەڭ،ئولتۇرۇڭ...
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇنى خىجىل قىلغۇسى كەلمەي،ئۇنى ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى.‹بۇندىن كىين دەرسخانىدا كىتاپ ئوقۇمىسام بولغۇدەك›دەپ ئويلىدى غوجا ئابدۇل ئەخەت كۆڭلىدە.
ئۇ ناھايىتى تىزلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىغا كۆنۈپ كەتتى.ھەر جۈمە كۈنى يىزىغا قايتاتتى،باشقا چاغدا مەكتەپتە بولاتتى،دەرستىن چۈشۈپلا كىتاپنى قولىغا ئالاتتى،كەچتىمۇ تاماقنى يەپ بولۇپلا بىرقانچە سائەت كىتاپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ كەتتى.بىرلا يېرى ئۇ خەنزۇتىلى دەرستە بەكلا قىينالدى،ئاتا-ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،شەمبە-يەكشەمبە كۈنلۈك كۈچەيتىش كۇرسىغا قاتناشماقچى بولدى.
غوجا سىيىت ۋە غوجا موللاق بولسا،يەنىلا بۇرۇنقىدەك دەرس ئۆتۈلدىمۇ؟ئۆتۈلدى.دەم ئىلىش بولدىمۇ؟بولدى دىگەن پېتى يۈرەتتى.
كەچلىك مۇزاكىرە.
-رەيھانگۇل،ماڭا خەنزۇ تىلى لىكسىيىڭىزنى بېرىپ تۇرىڭە؟
-ماقۇل،بەك تېرىشچان ھە سىز ئابلەت.
-مەن سىزگە نەچچە قېتىم دىدىم،ئىسمىم غوجا ئابدۇل ئەخەت!
-ۋايجان...ئابلەت دىسەكمۇ بولدىغۇ،ئىسمىڭىز بەك ئۇزۇن ھەم بىر ئۇزۇنكەن،ھىي..ھىي...
قىزچاق شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى.لىكىن بۇ چىرايلىق،پاكىزە قىزنىڭ ھازىرقى كۈلكىسى غوجا ئابدۇل ئەخەتكە ناھايىتى يىرگىنىچلىك كۆرۈنۈپ كىتىپ باراتتى.
-مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دەپ قوياي،مىنىڭ ئىسمىم غوجا ئابدۇل ئەخەت!
-نىمىشقا ئابلەت دەپ ئاتىسام بولمايدۇ؟
-دادام مىنىڭ غوجا ئابدۇل ئەخەت دىگەن ئىسمىمنى دۇئا-تەگبىر بىلەن،ئەرزان چارقىرىپ تۇرۇپ،قوشقارنى قانلىق قىلىپ قويغان!
-ئەگەر يەنە شۇنداق چاقىرسامچۇ؟
-قېنى ساناپ بېقىڭ!
قىزچاق غەزەپتىن كۆزلىرى قىزىرىشقا باشلىغان غوجا ئابدۇل ئەخەتكە قاراپ قورقۇپ قالدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا مېڭىشقا تەمشەلدى.
-ھەي...غوجا ئابدۇل ئەخەت،مىنى كەچۈرۈڭ،چاقچاق قىلىپ قويدۇم،مانا لىكسىيە....
قىزچاق لىكسىيەنى قولىدا تۇتقان پېتى قالدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت شۇ چىقىنىچە،سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.
-مۇئەللىم،مىنىڭ ئورنۇمنى يۆتكەپ قويسىلا.
-نېمىشقا؟
-پارتىداش قىزچاق مىنىڭ بەك ئىچىمنى سىقىۋەتتى.
-ھا-ھا...قانداق سىقىۋەتتى؟
-مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرماي باشقىچە ئاتايدۇ.
-نىمە دەپ ئاتايدۇ؟
-ئابلەت دەپ.
-ھىم...سېنىڭ ئىسمىڭ غوجا ئابدۇل ئەخەتتى راسىت.سەن قايتىپ كىرىپ،ئۇ قىزنى چاقىرىپ قوي.
غوجا ئابدۇل ئەخەت چىقىپ كەتتى،چاچلىرىنى ئاق باغلىغان مۇئەللىم رازىمەنلىك بىلەن ئۇنىڭ سىماسىغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
-سىزنىڭ قەيەردە ئولتۇرغىڭىز بار رەيھانگۇل؟
-مەن...مەن،ئورنۇمدا ئولتۇرىۋىرەي.
-غوجا ئابدۇل ئەخەت بايام ئورۇن ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
-مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ قويغان ئىدىم.
-بىرسىنىڭ ئىسمىغىمۇ چاقچاق قىلغىلى بولامدۇ؟
-.....
رەيھانگۇل نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى.مۇئەللىم ئۇنىڭغا مۇلايىم تەلەپپۇزدا چۈشۈندۈرۈپ قويدى.
-قىزىم،بىر ئادەمنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ سالاھىيتىنى بەلگىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ،ئىسىمىنى خاتا دىيىش،مىللىتىنى خاتا دىيىش---ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن بىلەن،مىللەتنى ھاقارەتلىگەن بىلەن ئوخشاش!شۇڭا بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ....
قىزچاق چىقىپ كەتتى.قۇلاق تۈۋىدە غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ سۆزى قايتا ياڭرىغاندەك بولدى:
-مىنىڭ ئىسمىم غوجا ئابدۇل ئەخەت!
13-باپ. ھارام تاياق
رەيھانگۇل قايتىپ كىرگەندىن كىيىن،غوجا ئابدۇل ئەخەتتىن ئەپۇ سورىدى،لىكىن غوجا ئابدۇل ئەخەت كاجلىق قىلىپ تۇرىۋالدى.
-مېنى كۈچۈرۈڭ،ئەمدى قەتتى ئۇنداق قاملاشمىغان چاقچاقنى قىلمايمەن....
يوغان قوي كۆزلىرىدىن ياش چىقايلا دەپ قالغان قىزچاققا قاراپ،غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ كۆڭلى يۇمشىدى.
-ئۇنداقتا دەپ بېقىڭە،مىنىڭ ئىسمىم نىمە؟
-غوجا ئابدۇل ئەخەت!
-ئاڭلىمىدىم.
-غوجا ئابدۇل ئەخەت!!
-ئاخىرقى قېتىم!
-غوجا.....ئابدۇل ....ئەخەت!!!
قىزچاق بۇ قېتىم پۈتۈن كۈچى بىلەن سوزۇپ ۋارقىرىدى،سىنىپتا سەھەرلىك مۇزاكىرىگە كىرگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى ھەيران بولۇشۇپ ئۇلارغا قاراشتى.قىزچاق شوخلۇق بىلەن تىلىنى چىقىرىپ قويدى.غوجا ئابدۇل ئەخەتمۇ كۈلۈپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەيھانگۇلنى كەچۈرگەن بولدى....
دۆلەت بايرىمى يىتىپ كەلدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت بايرامدىمۇ ئۆيىگە قايىتماي،مەكتەپ سىرتىدىكى خەنزۇتىلى كۈچەيتىش كۇرسىغا قاتناشتى.ئۇنىڭ زاكا ئاغىنىلىرى بولغان غوجا موللاق بىلەن غوجا سىيىتمۇ ئۇنى‹قوللاش›ئۈچۈن بىللە تىزىملاتقان بولدى،لىكىن ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەقىقى مەقسىدى ئۆيگە قايىتماي ئويناش ئىدى.
بىركۈنى كەچتە ئۇلار تاماق يەپ،كوچا ئايلانغاچ كىچىك ،تار يوللاردىن ئايلىنىپ قايتىۋىتىپ،بىر بۇلۇڭدىن چىققان قىيا-چىيانى ئاڭلاپ قالدى.
-بىز بۇيەرلىك ئەمەس،ئۇ يەرگە بارماي ئىشىمىزنى قىلايلى!
غوجا موللاق سېمىز،گەۋدىلىك بولغىنى بىلەن يۈرىكى كىچىك ئىدى.
-ئاۋال بېرىپ باقايلى.قانداق دىدىم غوجا ئابدۇل ئەخەت؟
غوجا سىيىت غوجا ئابدۇل ئەخەتكە قارىدى.
-شۇنداق قىلايلى.
ئۇلار ئاستا قىيا-چىيا چىققان تەرەپكە قاراپ يېقىنلاشتى.ئۇ يەردە بىر توپ كىشىلەر بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇلنى ئارىغا ئىلىۋالغان ئىدى.
-ھېكىم!ئەركىشى بولساڭ چىرايلىق گەپ قىلمەمسەن؟نېمىشقا ئادەم توپلاپ ئابلاجاننى ئۇرماقچى بولىسەن؟
-گۈلنۇر،سىز ئارىلاشماڭ.بۇ لاتىنى دوستۇم دەپ يۈرسەم،سىزنى مەندىن تارتىۋالدى!
-نىمە؟!مەن تارتىۋالىدىغان قورچاق ياكى ئويۇنچۇقمۇ؟مەن سىزگە باشتىلا گەپنى ئوچۇق قىلغان.مەن ئۇنىڭ بىلەن پات يېقىندا توي قىلىمەن!
-توي قىلامسىز تېخى؟!توي قىلغىنىڭلارنى بىر كۆرەي!
ھېكىم ئىسىملىك چاچلىرىنى يانغا چاپلاپ تارىۋالغان،خىپ-خوپچىلاردەك كىيىنىۋالغان بۇ يىگىت سوغۇق كۈلۈپ كەتتى.
-ئۇرۇڭلار ئاغىنىلەر!
-ياق!!!
ھېكىمنىڭ دوسىتلىرى گۈلنۇرنىڭ نالىسى بىلەن كارى بولماي،ئابلاجان ئىسىملىك يىگىتنى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى.ئابلاجان باشتا ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،خىلى كۈچىگەن بولسىمۇ،كىيىن كۈچ ئېلىشالماي،قاتتىق تاياق يەپ كەتتى.گۈلنۇر ئۈ سىلىپ يىغلاپ،ھېكىمگە يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
-سىزمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كادىر ھېكىم.بۇنداق قىلسىڭىز قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ،ئابلاجاندا گۇناھ يوق،ئۇلارنى توسۇڭ،ھېلى چاتاق چىقىدۇ...
-شۇنداق،قانۇنغا خىلاپ!مۇھەببەتنى ئەزەلدىن قانۇن باشقۇرالمايدۇ!ئەگەر باشقۇرالىغان بولسا بۇ نائەھلى سىزنى مەندىن تارتىۋاللامايتتى.مەن سىز بىلەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن تونۇشقان،ئۇنىڭدىن بۇرۇن سىزنى ئۆزۈمگە قاراتقان!ئۇنىڭ دادىسى باشلىق،شۇڭا ئۇ خالىغىنىنى قىلسا بولىدۇ،شۇنداقمۇ؟!
-ياق.مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس!
-خاتىرجەم بولۇڭ،مەن ئۇنى ئۆلتۈرۋەتمەيمەن.لىكىن ساقمۇ قويمايمەن.يەنە بىرگەپنى دەپ قوياي،مەن سىزنى خىلى ۋىجدانى بار دەپ ئويلاپ كەلگەن،سىزمۇ پۇلنى،ھوقوقنى كۆرسىڭىز ھەممىنى تاشلايدىكەنسىز!بۈگۈندىن باشلاپ سىزنىمۇ ھەرگىز ئاۋارە قىلمايمەن!مەن پەقەت ھەممە ئادەمنىڭ مۇھەببەتنى دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇ مازغا كۆرسىتىپ قويىمەن!سولىنىپ كەتسەممۇ مەيلى!
غوجا ئابدۇل ئەخەت بىلەن دوستلىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتنى چۈشەنگەندەك بولدى.لىكىن ئابلاجاننىڭ ئېغىز-بۇرنى قاناپ،ھالسزلىنىپ يىقىلىپ قالغان ئىدى.يەنە تاياق يەۋەرسە چاتاق چىقاتتى.غوجا سىيىت ھېكىمنىڭ يىنىغا كەلدى.
-ئاكا،بولدى قىلسىلا،ئۇ بولالماي قالغاندەك تۇرىدۇ.
ھېكىم تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان غوجا سىيىتقا ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى بالىلارغا قارىدى،ئاندىن بېشىنى بۇراپ،ئابلاجانغا قاراپ قويدى.
-كىچك دوستلار،قايتىپ كىتىپ ئوبدان ئوقۇڭلار،ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماڭلار ھە!
ھېكىم ئۇلارغا قاتتىق تەگمىدى.لىكىن توساتتىن بىرسى يۈگۈرەپ كەلگىنىچە غوجا سىيىتنى بىرنى تېىپىپ ئوڭدىسىغا ئۇچىرىۋەتتى!
-ھەي،بۇ بالىنى نىمىشقا ئۇرىسەن؟
-مەن تېخى ئابلانىڭ پاجەلىرى ئوخشايدۇ دەپتىمەن ئاداش.ۋايجان!
گەپ قىلىۋاتقان يىگىت قۇلاق تۈۋىگە تۇيۇقسىز تەگكەن مۇشىتنىڭ تەسىرىدىن دەلدۈگۈنۈپ كەتتى.مۇشىتنى غوجا ئابدۇل ئەخەت ئاتقان ئىدى.
-ھۇ ھاراملىق شۇم!مىنى ئۇرىۋاتىسىنا!
باشقا يەردىن چىققان غەۋغانى ئاڭلاپ،ئابلاجاننى ئۇرىۋاتقانلارمۇ ئۇرۇشنى توختىتىپ،ئۇلارنىڭ قىشىغا كەلدى.غوجا موللاق تىتىرەپ تۇرۇپ،غوجا سىيىتنى يۆلەۋاتاتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئوخشاشلا قورقۇپ تۇرسىمۇ يەنە ئۇلارغا تىكىلىپ تۇراتتى.
-ئۆزلىرى باشتا ئاغىنەمنى ئۇرلا....
-نىمە؟!ما شۇمنى كۆرۈڭ،مانا ئۇرغان دىگەن!
ئۇ غوجا ئابدۇل ئەخەتنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرۋىدى،ھېكىم ئۇنى تۇتىۋالدى.
-ئاداش،بولدى قىل،ئۇلار تېخى كىچىك بالىكەن!
-كىچىك بالا؟!قارىغىنا يۈزۈمگە!
يىگىت ياڭاقتەك ئىششىپ چىققان زاڭىقىنى ھېكىمگە كۆرسەتتى.ھېكىممۇ گەپ قىلالماي قالدى.ئۇرۇش باشلاندى.بۇ قېتىمقى نىشان غوجا ئابدۇل ئەخەتلەر ئىدى.چۈشەندۈرۈشلەر،يالۋۇرۇشلار كار قىلمىدى.ھېكىم تىت-تىت بولۇپ،ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالدى.
-قاچ!تىز قاچ غوجا مەخمۇت!
غوجا موللاق سېمىز بەدىنى بىلەن ھۆرپىيىپ كەلگەنلەرنى توسۇپ تۇرۇپ شۇنداق ۋارقىرىدى.غوجا مەخمۇت غوجا سىيىتىنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى.ئاندىن دىۋەيلەپ كەلگەنلەرنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-ئاكا،خاپا بولمىسىلا،ئۇلار سىلىنى ئۇرمىغان،شۇڭا....
-چاڭ!
ئوڭ مەڭزىگە تەگكەن كاچاتتىن غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىپ كەتتى.ئارقا-ئارقىدىن ‹چاڭ،چاڭ!›قىلىپ كاچاتلار ئۇنىڭ يۈزىگە تېگىۋەردى!
-ئاناڭنى ھەزىلەكلەر!نىمانداق ئۇرىۋىسەن ئۇنى!جىنىمنى تىكتىم ھەرقايسىڭغا!
غوجا سىيىت غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ تاياق يەۋەرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزىنى باسالماي قالدى.ئۇرۇش ھەقىقى باشلاندى.بىچارە بالىلار ئۆمرىدە يەپ باقمىغان تاياقنى بۈگۈن،ھازىر يەۋاتاتتى.يەردە دەسسىلىپ ياتقان غوجا ئابدۇل ئەخەت،بايا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن ئابلاجان بىلەن گۇلنۇرنىڭ تىزراق ساقچى چاقىرىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.دىگەندەك يىراقتىن بىرتوپ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.ئەپسۇس،ئۇلار ساقچى ئەمەستەك قىلاتتى.
-قېنى ئۇ سولامچىلار!
ئەڭ ئالدىدا چاچلىرىنى پاكىز چۈشۈرۈپ،ياۋرۇپاچە ساقال قويىۋالغان گەۋدىلىك،ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم يىتىپ كەلدى.ئارقىسىدىنلا يۈز-كۆزلىرىدىن قان تېمىپ تۇرغان ئابلاجان ۋە ئۇنىڭ باشقا دوستلىرى پەيدا بولدى.
-ھېكىم دىگەن ماز قېنى!
ئابلاجان غوجا ئابدۇل ئەخەتنى دەسسەۋاتقان يىگىتكە ۋارقىرىدى.ئۇ يىگىت ۋە ئۇنىڭ شىرىكلىرى بالىلارنى ئۇرۇشنى توختىتىپ،ئۇنىڭغا قارىدى.
-كەتتى.قانداق،يەنە تاياق يىگۈڭ كەلگەنما؟
-ھا-ھا-ھا!
يىگىتنىڭ باشقا دوستلىرى ئابلاجاننى مازاق قىلىپ كۈلۈپ كېتىشتى.گەۋدىلىك ئادەم يۈگۈرەپ كەلگىنىچە،يىگىتنى قوزىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ،بىرلا ئېتىۋىدى،ئۇ يىگىت بىرقانچە مېتىر يەرگە گۈپپىدە چۈشتى.
-ھۇ سېرىق تۈك لالمىلار!ئىنىم ئابلاجاننى ئۇرغىدەك بولدۇڭما تېخى!
يەرگە قاتتىق چۈشۈپ قوپالماي قالغان يىگىت،ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرغان دوستلىرىغا ۋارقىرىدى:
-يەنە قاراپ تۇرىشە ھە!
كوللىكتىپ مۇشتلاش باشلىنىپ كەتتى،بىچارە بالىلارنى ئۇلار ئايرىماي ئۇرىۋەردى،كۆزىگە قان تولغان ئابلاجانمۇ ‹بۇلار مىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاياق يىگەن›دىيىشنى ئۇنتۇپ،ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى.بىرچاغدا يىراقتىن ماشىنا يورىقى كۆرۈندى.لىكىن ماشىنا ئۇلارغا يىراق بىريەردە توختىدى.ماشىندىن گۈلنۇر چۈشۈپ،قېچىپ تۇرۇپ تاياق يەۋاتقان غوجا سىيىت بىلەن غوجا موللاقنى پەس ئاۋازدا چاقىردى:
-ھەي بالىلار،ماشىنىغا چىقىڭلار!
تاياقتىن تەپەككۇرىنى يوقاتقان ئىككەيلەن يۈگۈرەپ،مۈدۈرۈپ يۈرۈپ ماشىنىغا چىقىۋالدى،غوجا ئابدۇل ئەخەت تاياقنىڭ ئارىسىدىن چىقالماي قالدى.ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ،سىزمىنى يوقىتىشقا ئاز قالغاندا ئاسماندەك چۈشكەندەك بىر چىرقىراق ئاۋاز ئاڭلاندى:
-ۋۇي نامەتلەر!نىمىشقا بالامنى ئۇرىسەن!
موماي يەنە پەيدا بولدى.پاخپاق چاچلىرى شامالدا لەپىلدەپ تۇرغان،كۆزلىرى ئېتىلىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە پولتىيىپ،قىزىرىپ كەتكەن موماي قولىغا يوغان بىر كالتەكنى ئېلىۋالغان بولۇپ،پاخقۇيۇندەك يۈگۈرەپ كىلىپ غوجا مەخمۇتنى توختىماي ئۇرىۋاتقان كىشلەرنى قالايمىقان ئۇرۇشقا باشلىدى.
‹بالام›دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن توختاپ قالدى.ھەممىنى ئۇرۇپ-دەسسەپ غالىپ كىلىۋاتقان ئايپاڭباش موماينىڭ ئالدىغا كەلدى.
-ئاچا،بالىلىرى قايسىتى؟خاپا بولمىسىلا،مەن.....
‹تاڭ›ڭىدە تەگكەن كالتەك ئۇنىڭ پارقىراق بېشغا تىگىپ،شۇررىدە قان چىقىپ كەتتى.ھەممەيلەن ئېغىزنى ئېچىپ ھەيران قالدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ھۇشىنى يوقىتىپ بولغان ئىدى.موماي ئايپاڭباشنى يەنە ئۇرماقچى بولىۋىدى،ئۇ بىر قولىدا بېشىنى تۇتۇپ تۇتۇپ،يەنە بىر قولىدا كالتەكنى تۇتىۋالدى.
-خاپا..خاپا بولمىسىلا!ھەممىڭ قولۇڭنى تارتىش!بۇيەردە ما ئاچىمىزنىڭ بالىسى باركەن،ئۇنى ئۇرۇشما!قايسىڭ توختىمىساڭ قارنىڭنى بۆسۈۋىتىمەن!
ئايپاڭباش شىردەك ھۆركىرەپ،بىلىگە يوشۇرۋالغان يوغان قىڭراقنى چىقاردى.ھەممەيلەن توختاپ قالدى.مومايغا ئايپاڭباشنىڭ مەرتلىكى تەسىر قىلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ئەيتاۋۇر قولىدىكى كالتەكنى يەرگە تاشلىۋىتىپ، يەردە ۋايجانلاپ ياتقانلارنىڭ ئارىسىدىن غوجا مەخمۇتىنى ئىزدىدى.كىيىن ھۇشسىز ياتقان غوجا مەخمۇتنى كۆرگەندىن كيىىن چوڭقۇر نەپەس ئالدى.
-ئاچا،توختاپ تۇرسىلا،سىلە ئۇنى كۆتۈرۈپ بولالمايلا،مەن كۆتۈرەي!
ئايپاڭباش يېرىلغان بېشىدىن چىقىۋاتقان قان بىلەن كارى بولماي،غوجا ئابدۇل ئەخەتنى كۆتۈردى.ئاندىن بىرسىگە ۋارقىرىدى.
-ماشىنىغا تىلىفۇن قىل!
-ھۈسەنكا،باشلىرىدىن...قان چىقىۋاتىدۇ..
-ئاناڭنىڭ بىشدىن قان چىقسىمۇ ئاۋال ماشىنىغا تىلفۇن قىل دەۋاتىمەن!
-ما...ماقۇل.
موماي ئايپاڭباشقا قاراپ ئەپسۇسلانغاندەك بېشىنى چايقىدى.
-مەنمۇ يىتىملىكىتە چوڭ بولغان ئاچا،جاھاندارچىلىق دىگەن جاھاندارچىلىق،لىكىن سىلىنىڭ بالىلىرىنىڭ بۇ جىدەلگە ئارىلىشىپ قالغانلىقىدىن زىنھار خەۋرىم يوقكەن،بىزنى كەچۈرسىلە!
-ئۇ يولدىن ئۆتۈۋىتىىپ مىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ كەلگەن بالا شۇ!
ئابلاجان ھاسىراپ تۇرۇپ مومايغا ئەھۋالنى چۈشەندۈردى.موماي بىر ئېغىز گەپ قىلماي،ھۈسەن ئىسىملىك ئايپاڭباشنىڭ قان چىقىۋاتقان بېشىنى سىيلاپ قويدى.ماشىنا كەلدى.ھۈسەن غوجا مەخمۇتنى ماشىنىنىڭ ئارقىغا ئاۋايلاپ باستى،ئاندىن شوپۇرغا ۋارقىرىدى.
-رۇستەم!بۇ بالا بىلەن ئاچىمىزنى ئاۋال دوختۇرخانىغا ئاپار،ئاندىن نەگە دىسە شۇيەرگە!پۇلۇڭنى مەندىن ئال!
-خاتىرجەم بولسىلا ھۈسەنكا!
ماشىنا قوزغالغاندىن كىيىن،موماي شوپۇرغا پەس ئاۋازدا سۆزلىدى:
-1-يىزىغا ھەيدە....
-ئاۋال دوختۇرخانىغا.....
-ماشىناڭنى توختات ئەمىسە،بىز چۈشۈپ قالمىز!
-ھە؟!بولىدۇ،سىلىنى دىگەن يەرگە ئاپىرىپ قوياي.....
موماي كەتكەندىن كىيىن جىدەل قايتا باشلىنىپ،تاكى ساقچى ماشىنىسى يىتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاندىن توختىدى....
13- غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ چەك باسمايدىغان كىملىكى
كەپتەرلىك ناھىيسى.ئاقباش يىزىسى(ناھىيگە ئەڭ يېقىن بولغاچ،1-يىزا دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
غوجا ئابدۇل ئەخەت كۆزىنى ئاچقاندا،ئۆزىنىڭ تولىمۇ ناتونۇش بىر ئۆيدە ياتقانلىقىنى ھىس قىلدى.ئورنىدىن تۇرۇشقا شۇنچە تېرىشىپمۇ،بەدىنىنى زادىلا كۆتۈرەلمىگەچ،يېتىپ تۇرۇپ ئەتراپىغا قارىدى:تاملىرىنىڭ رەڭگە ئۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ،بىرەر تال ئۆمۈچۈك تورىمۇ كۆرۈنمىگۈدەك پاكىزە تام،تامغا تاقاپ قويۇلغان كونا ئۇسلۇپتا ياسالغان ئۇزۇن مىھمان شىرەسى،تامنىڭ ئوتتۇرىغا ئېسىلغان رەڭسىز رەسىم،گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان ئاداراسمان پۇرىقى.....
-قانداقراق تۇرىسەن؟
موماي غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ يېنىدا جىندەكلا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ،ئۇنى چۆچىتىۋەتتى.
-ھە...تازا ياخشى ئەمەس.ھەممە يېرىم ئاغرىپ تۇرىدۇ.
-ئۆلىدىغان ئوخشىمامسەن؟
-بۇ....ئۇنداقمۇ بولماس....
-ھا-ھا-ھا!خاتىرجەم بول،سىنىڭ بىرقانچە قوۋۇرغاڭ سۇنۇپتۇ،ئوڭ قولۇڭ جەينەك بېغىشىدىن دەز كىتىپتۇ،باشقا يەردە چوڭ چاتاق يوق!
-سىلە قانداق بىللە؟
موماي گەپ قىلماي يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت بېقىنلىرىنى تۇتۇپ باقتى،دىگەندەك دۈمبە تەرەپتىكى قوۋۇرغىلى قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى،ئوڭ قولىنى كۈچەپرەك لىڭشىتسىمۇ،مىڭىسىگە چىقىپ كەتكۈدەك ئاغرىق ئۇنىڭغا موماينىڭ دىگەنلىرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتاتتى.دىمەك موماي ئۇ ھۇشسىز ياتقاندا ئۇنى جاراھەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بولغان،ھەتتا تۇخۇم بىلەن شاقىداپ،ماتا بىلەن تېڭىپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
-ئىچە مانى!
موماي قولىدىكى ھورى چىقىپ تۇرغان دورىنى غوجا ئابدۇل ئەخەتكە تەڭلىدى.ئۇ ئىككىلەنمەيلا قولىغا ئېلىپ غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋەتتى.دورا قاڭسىق بولغان بىلەن بىرخىل خۇشپۇراق ئىدى.
-رەھمەت سىلىگە ئاچا،ھەر قېتىم....
-كىم سىنىڭ ئاچاڭكەن؟
-چوڭ ئانا!
-ئىشىڭنى قىلەۋا!
-بۈزۈرۈك موما!
-ھا-ھا-ھا!
موماي ئىچ-ئىچىدىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۇنىڭ بۇنداق كۈلىشىنى تۇنجى قېتىم كۆرىشى بولغاچ،ئۆزىنى توغرا ئاتاپتىمەن دەپ ئويلاپ قالدى.لىكىن موماينىڭ كىيىنكى گەپلىرى ئۇنىڭ بۇ مەمنۇنلىقىنى بىراقلا يوق قىلىۋەتتى.
-مېنى بارغانسىرى قېرىتىۋەتتىڭغۇ قاپاقباش!ھە دەپ بەرسە ئاغزىڭغا كەلگەننى جۆيلۈيدىكەنسەن!
-ئەمىسە سىلىنى نىمە دەپ چاقىراي؟
-نوزۇگۇم!
-نىمە؟!
-نو...زۇ....گۇم!
-نوزۇگۇم دەملا؟
-شۇنداق!
-ئۆتكەندە ئىسمىم تۇمارىس خىنىم دەۋاتىتىلە،كىيىن دادامغا ئىسمىم خانىش ئاماننىساخان دەپلا،ئەمدى نوزۇگۇم دەيلىغۇ؟
-مەن قاچان ساڭا ئىسمىمنى تۇمارىس،ئاماننىسا دەپتىمەن؟!سەن ساقمۇ ساراڭمۇ؟
-ھەي....مەن ساراڭ،مەن ساراڭ!
غوجا ئابدۇل ئەخەت مومايغا گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ھىس قىلدى.
-ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىڭنى بىلدىڭمۇ؟
-ۋاي خۇدايىم يەنە مۇشۇ گەپقۇ،مەن بىردەم ئارام ئالاي ئاچا،بەك چارچاپ كەتتىم!
-كىم سىنىڭ ئاچاڭكەن؟يەنە مۇشۇ گەپقۇ دەيسەنغۇ؟ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىڭنى بىلمەي ياشاۋىرەي دىگەنمىتىڭ؟!
-ياق،بىلەي دىسەممۇ بىلەلمىدىم.سىلە يەنە بىر دەپ بەرسىلە.
-ھىم...بوپتۇ،يەنە بىر قېتىم دەپ بىرەي،بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسۇن.
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئاتالمىش ‹ئۆزىنىڭ كىملىكى›نى بىلىشكە ئاخىرى مۇيەسسەر بولغانلىقىدىن قاتتىق ھاتاجانلىنىپ،غايەت زور ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ،بەدىنىنى يېرىم تىكلەپ موماينىڭ ئېغىزىغا پۈتۈن دېققىتى بىلەن قاراپ تۇردى.
-قۇلىقىڭنى دىڭ تۇت!سەن چىمچىلاق باتۇر!
غوجا ئابدۇل ئەخەت لەسسىدە بولۇپ قالدى.ئۆزى تۆت يىلدىن بېرى كىچە-كۈندۈز بىلىشكە ئىنتىزار بولغان،ئۆزى نەچچە قېتىم پەرەز قىلىپ باققان كىملىكىنىڭ بۇنداق بىمەنە ئىكەنلىكىنى ئۇنى ئۈمۈد سىزلەندۈرۈپ قويدى.ئۇ نۇرغۇن ئويلىنىپ،موماي ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى مۇنداق پەرەز قىلغان:
موماي----غوجا ئابدۇل ئەخەت جەمەتىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان،لىكىن ئورنى يۇقىرى بىر مويسىپىتى.ئۇ غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ،بوۋىسىنىڭ ھەتتاكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ئەجداتلىرىنىڭ سىرلىرىنى بىلىگۈچى.
موماي-----ئېلىشىپ قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىر داڭلىق تىۋىپ ھەم ئۇستا جانباز.
غوجا ئابدۇل ئەخەت----غوجىلار ئەۋلادىنىڭ موھىم بىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەۋلادى ياكى ئۇ ھەقىقى غوجا بولۇشقا مۇناسىپ ۋارىس.
لىكىن ئۇ ھازىر چىمچىلاق باتۇر بولۇپ قالدى.چىن تۆمۈر باتۇر ئەمەس،چىمچىلاق باتۇر تېخى!
-قانداق،قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەنسەن؟
-شۇنداق،ھاياجاندىن پۈتۈن بەدىنىم بايامقىدىن بەكرەك ئاغرىپ كىتىپ بارىدۇ!
-تارىخىڭنى ئاڭلاپ باققۇڭ بارمۇ؟
-تارىخىم؟!چىمچىلاق باتۇرنىڭ قانچىلىك تارىخى بارتى؟
-خىم!سەن ئۆز تارىخىڭنىمۇ بىلمەيدىكەنسەن!
-بىلىمەن نوزۇگۇم ئاچا،بىلىمەن!
-دەپ باقە قېنى؟
-بۇرۇنقى زاماندا بىر ئوتۇنچى بوۋاي بىلەن موماي بار ئىكەن،ئۇلار شۇنچە قېرىپ كەتكۈچە پەرزەنىت يۈزى كۆرمەپتۇ.كۈندە نامىزىدا تەڭرىدىن پەرزەنىت ئاتار قىلىشىنى تىلەيدىكەن.بىر كۈنى موماي بىلەن بوۋاي ئوخشاش چۈش كۆرۈپتۇ.چۈشىدە ئاپئاق ساقال بىر بوۋاي:‹سىلەرنىڭ تىلىگىڭلار قوبۇل ئەيلەندى.ئەتە سەھەردە پەرزەنتىڭلار بولىدۇ›دەپلا يوقاپ كېتىپتۇ.
ئەتىسى ئۇلار ئويغۇنۇپ ئەتراپىغا قارىسا،ھىچكىم يوق.ئۇلار ئۈمۈدسىزلىنىپ تۇرسا،بىر يەردىن‹ئاتا!ئانا!›دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.ئۇلار ھەممە يەرگە قاراپتۇ،ئاخىرى كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن چىمچىلاقتەك كىلىدىغان بىر بالىنى تېپىپتۇ،ئۇ بالا بەك كىچىك بولغاچقا،بوۋاي بىلەن موماي ئۇنىڭغا چىمچىلاق باتۇر دەپ ئات قويۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن.....
-تۈفى!شۇنداق يالغان تارىخىڭغا!
موماي بىردىنلا غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ گىپىنى بۆلىۋەتتى.
-سەنى نەلەردە يۈرۈپ بۇنداق يالغان-توخۇناق گەپلەرنى ئاڭلىۋالغانسەن ھە!چىمچىلاق باتۇرنىڭ تارىخى ئۇنداق ئەمەس!
-بۇنى ماڭا رەھمەتلىك چوڭ دادام ئېىيتىپ بەرگەن!
-رەھمەتلىك چوڭ داداڭ قارا قورساق ئادەمكەن!
-سىلە...چوڭ دادامنى ھاقارەتلىمىسە!
-ھاقارەتلەش دىدىڭمۇ؟!ئەگەر ئۇ ھايات بولغان بولسا تېخى ئۇنى ئۇراتتىم!
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ بۇ ساراڭ موماي بىلەن يەنە پاراڭلاشقۇسى كەلمەي،كۆزىنى مەھكەم يۇمىۋالدى.موماي توختىماي سۆزلەشكە باشلىدى:
-سىنىڭ تارىخىڭ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس!ئاڭلاپ تۇر!سەن،يەنى چىمچىلاق باتۇر،جاھان ئەركىسى چىنگىزخان بىلەن قول بېرىشىپ ئاكا-ئىنى بولۇشقان،چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ بىر قولىنى سۇندۇرۋەتكەن،سىيىت نوچىنىڭ بەش قوۋۇرغىسىنى چىقىرىۋەتكەن،قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر قوشۇن تارتىپ كەلگەندە،يالغۇز ئۆزۈڭ ئۇلارنى چىكىندۈرگەن!
-ھا-ھا-ھا!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۆزىنى تۇتالماي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.كۈلۈش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ بەدەنلىرىمۇ ئاغرىپ،قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتى.موماي ئۇنىڭ تېخىمۇ غىدىقىنى كەلتۈرۈپ،ئۇنىڭدىن سورىدى:
-قانداق؟خۇش بولۇپ كىتىۋاتقانسەن ھەقىچان تارىخىڭدىن؟
-شۇنداق،شۇنداق..ھا.ھا..ۋايجان قورسىقۇم!
غوجا ئابدۇل ئەخەت موماينىڭ ھەقىقەتەن ئەقىلدىن ئاداشقانلىقىنى بۈگۈن تولۇق جەزىملەشتۈردى.لىكىن موماي توختىماي ئۇنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ كەتتى،ھەتتا يىلنامىسىنىمۇ قوشۇپ سۆزلەۋاتاتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت زادى بەرداشلىق بىرەلمىدى.
-بولدى قىلسىلا،بۇ مۇمكىن ئەمەس!
-نېمىشقا مۇمكىن ئەمەس؟
-مىنىڭ ئىسمىم غوجا ئابدۇل ئەخەت،بۇ يىل 16ياش!
-ياق ئۇنداق ئەمەس!
-دەل شۇنداق!
-ئۇنداق ئەمەس،ساڭا تارىخىڭنى قايتا دەپ بېرەي ھە....
موماي بايا بىرقىتىم دەپ بولغان چىمچىلاق باتۇر تارىخىنى يەنە قايتا،ئېزىپ كەتمەي،ئارىلاشتۇرۇپ قويماي سۆزلەپ بەردى.غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدى،لىكىن ئورنىدىن قوپالمىغاچقا،مەجبۇرى ئاڭلىماي ئامالى يوق ئىدى.موماي سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن،ئۇ قايناپ كەتتى:
-ماڭا قارىسىلا نوزۇگۇم ئاچا!بۇ مۇمكىن ئەمەس؟
-نېمىشقا؟
-مەن ئاۋال گىپىمنى تولۇق قىلىۋالاي،سىلە گىپىمنى بۆلمەي تۇرسىلا،ماقۇلمۇ؟
-خوش،سۆزلە!
-بىرىنجىدىن چىمچىلاق باتۇر دىگەن بىر رىۋايەت.ئۇنى راسىت ئۆتكەن دىيىشكە توغرا كەلسىمۇ،ئىسمىدىن چىقىپ تۇرىدىكى،ئۇ پەقەت چىمچىلاق چوڭلىقىدا،شۇڭا ئۇنىڭ سىلە دىگەن باتۇرلارنى،داڭلىق تارىخى شەخىسلەرنى ئۇنداق قىلىۋىتىشى مۇمكىن ئەمەس!
-ھۇ قاپاق!چىمچىلاق باتۇرنى چىمچىلاقتەك كىلىدۇ دىگەننى كىم دەيدۇ؟!چىمچىلاق باتۇر دىگەن بوي-بەستىگە قاراپ ئەمەس،پەزىلىتىگە قويۇلغان نام ئۇ!چىمچىلاق باتۇر ناھايىتى كەمتەر ھەم كىچك پىئىل بولغاچقا،كىىشىلەرنىڭ ئۇنى چىمچىلاق باتۇر دەپ ئاتىشىنى تەلەپ قىلغان.كىيىن قوڭىغا ئۇرۇپ گەپ تاپىدىغان چالا رىۋايەتچىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا،ئاشۇنداق ئۆزگەرتىپ رىۋايەت توقىۋالغان!
-ھە ماقۇل،شۇنداقمۇ دەپ تۇرىلى!چىمچىلاق باتۇر ياخشى ئادەم شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق!
-ئۇنداق بولسا ئۇ نىمىشقا چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قولىنى سۇندۇرۋىتىدۇ؟
-ئۇلار دوستانە كۈچ سىنىشىش جەريانىدا تاساددىپى شۇنداق بولغان،كىيىن چىمچىلاق باتۇر چىن تۆمۈر باتۇردىن قاتتىق ئۆزرە سورىغان،چىن تۆمۈر باتۇر مەرتلىك بىلەن‹ئاداش،بەيگىدە بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ،سەن ھەرگىز خىجىل بولما،ئارتۇق ئويلانما!›دىگەن!
-خا!ھەجەپ دەپتىكەن ھە،ئۇنداقتا ئۇ نىمىشقا سىيىت نوچنىڭ بەش قوۋۇرغىسنى چىقىرۋىتىدۇ؟
-ھەي دەلتە!باتۇرلار دىگەن باتۇرلارنى ئىزدەپ،دوسىت تارتىشىدۇ.سىلەر بىر مەشرەپتە ئولتۇرغاندا،باتۇر،نوچىلارنىڭ ھەممىسى ‹سىيىت نوچى بىلەن چىمچىلاق باتۇر بىر چېلىشىپ كۆزىمىزنى ئېچىپ قويسا،ئۆلسەك ئارمىنىمىز يوقتى›دەپ تۇرىۋالغاچقا،ئىككىڭلار چىلىشقان،سىيىت نوچى مەرتلىك بىلەن ئۆزىنى بوش تۇتۇپ بەرگەن،سەن ئۇنى يەرگە ئۇرغاندا،ئويلىمىغان يەردىن بىر كىچىك بالىنىڭ تاشلاپ قويغان سۆڭىكى ئۇنىڭ بىلىگە پېتىپ كىتىپ،قوۋۇرغىسى سۇنۇپ كەتكەن!
-خا-خا-خا!مۇنداق دىسىلە!ئۇنداقتا مەن چىنگىزخان بىلەن قانداق ئاكا-ئىنى بولۇشقان؟
-سەن بىر جەرەننى ئوۋلايمەن دەپ،ئۇنى قوغلاپ مۇڭغۇللار تەسەررۇپىغا ئۆتۈپ قالغان.جامۇقامۇ ئاشۇ جەرەننى قوغلاپ سەن بىلەن دوقۇرشۇپ قالغان.ئۇنىڭ سەكسەن بەش چىرىكى ساڭا تۇشمۇتۇشتىن ھوجۇم قىلغان،سەن ھەممىنى بىر-بىرلەپ يەر چىشلەتكەن،جامۇقا سىنىڭ باتۇرلىقىڭغا قايىل بولغان.....
-توختاپ تۇرسىلا،بىز ھازىر چىنگىزخاننىڭ گىپىنى قىلىۋاتىمىز،جامۇقا چىقىپ قالدىغۇ ئەمدى؟
-گىپىمنى بۆلمەي ئاڭلاپ تۇر.جامۇقا ساڭا قايىل بولۇپ،سىنى چىنگىزخاننىڭ بارگاھىغا باشلاپ بارغان.چىنگىزخان ساڭا قاتتىق ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالغان ھەم سىنى ئۆزىنىڭ سەركەردىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان،سەن چىرايلىق رەت قىلغان.چىنگىزخان ‹بۈگۈن گەرچە چىمچىلاق باتۇر بىلەن بىرلىككە كىلەلمىگەن بولساممۇ،ئۇنىڭ بىلەن ئاكا-ئىنى بولۇشۇپ ئۆتۈشنى ئىستەيمەن!›دىگەن.سەن قوشۇلۇپ،ئۇنىڭ بىلەن ئاكا-ئىنى بولۇشقان!
-مەن موڭغۇلچىنى بىلمىسەم،ئۇلار بىلەن قانداق پاراڭلاشقان؟
-دەلتە!ئاراڭلارغا تىلماچ سالغان!
-تىلماچ دىگەن نىمە؟
-تىلماچ دىگەن تەرجىمان!
-مەن ئوۋغا تەرجىماندىن بىرنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپتىكەنمەندە!
-ياق،ئۇ دىگەن موڭغۇللارنىڭ تىلماچى!
-توۋا قىلدىم توۋا!ھە بوپتۇ،مەن قانداق بولۇپ ئىسكەندەر بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىم؟
-ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن قوشۇن تارتىپ ئېلىمىزگە يىقىنلاشقاندا سەن تەڭرى تېغىدا ئوتۇن كىسىۋاتقان ئىدىڭ.ئۇلارنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ،ئۇلارنى چىكىنىشكە دەۋەت قىلساڭ ئۇلار ئۇنىمىغان،شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇلار بىلەن ئېلىشقان!
-مەن يىڭىۋالغانمۇ؟
-شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ،ئاساسلىقى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن سىنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتىڭگە قول قويۇپ،سىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ،قوشۇن چىكىندۈرۈپ كىتىپ قالغان!
-ھەجەپ بىر ئىش بوپتۇ ھە!ھەممىسى يالغان!
-نېمىشقا يالغان بولىدۇ؟!راسىت!
-نوزۇگۇم ئاچا،ئۇلارنىڭ ھىچقايسى بىر دەۋىردە ياشىغان ئادەملەر ئەمەس!ھەر بىرىنىڭ ئارىسىدا نەچچە يۈز يىل پەرق قىلىدۇ!
-مەن پەرق قىلمايدۇ دىدىممۇ؟
-مىنىڭ ئۇلار بىلەن بىلەن كۆرۈشۈشۈم ئۈچۈن نەچچە يۈز يىل ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى ئويلىماپلا ھە!مەن بۇ يىل 16ياشقا كىردىم!
-ياق!سەن بۇ يىل 846ياشتا!
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا تاقىتى قالمىدى.‹بۇ موماي ساراڭ!ساراڭ بولغاندىمۇ قىپقىزىللا!›دىگەن يەكۈن،ئۇنىڭ مېڭىسىگە مۆھۈر بولۇپ ئۇرۇلۇپ كەتتى...
14-ئاجايىپ چۈش
غوجا ئابدۇل ئەخەت مومايدىن ئۆزىنىڭ تارىخىنى مەجبۇرى ھالدا قايتا-قايتا ئاڭلىغاندىن كىيىن،موماي تاماققا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئاندىن جىمجىتلىققا،ئارام ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى.سېقىراپ ئاغرىۋاتقان بەدىنىنى سىلاپ ياتقاچ،كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى.چۈشىدە ئۇ ياپيېشىل،كۆز يەتكۈسىز بىر يايلاقتا ئات مېنىپ يۈرەتتى.ئۆزى چىلان رەڭگىدە،بېشىدا قارا قاشقىسى بار بۇ ئات،بەئەينى ساداقتىن كۈچەپ كېرىلىپ ئېتىلغان يا ئوقىدەك تىز كىتىۋاتاتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت بويۇنلىرىنى،مەڭزىنى سۆيۈپ ئۆتكەن سالقىن شامالدا،راھەت ئىلكىگە چۆمگەن ئىدى.تۇيۇقسىز ئات قاتتىق بىرنى كىشنەپ،ئالدى پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ توختاپ قالدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت يۈگەننى چىڭ تۇتىۋالمىغان بولسا،يىقىلىپ چۈشكەن بولاتتى.
ئۇ ئالدىدىكى مەنزىردىن ھەيران قالدى.ئۇنىڭ ئالدىدا بىرتوپ ئۇزۇن تامبال،پەرەنجىلەرنى كىيىۋالغان،چىرايىدىن ساددىلىق يىغىپ تۇرىدىغان كىشىلەر،كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا توپىلىق ئازگال،ئازگالدا مەيدىسىنى قويۇق تۈك باسقان،تولىمۇ تەمبەل،چىرايى قارامتۇل،يۈزىنى ساقال باسقان ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى خەلىققە ھەيۋە كۆرسىتىپ،توپا چېچىپ تۇراتتى.
-مەرت بولساڭ مەيدانغا چۈش!ئەر بولساڭ سەيناغا!
بېشىغا ئۇزۇن كەمچەت تۇماق كىيىۋالغان بىر كىشى تەمبەل كىشىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق جار سىلىۋاتاتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئەتراپنى يەنە كۆزەتتى.يوغان تېرەكلەر ئاستىغا سىلىنغان قاتمۇقات كۆرپىلەر ئۈستىدە قاشلىرى ئۈستىگە قايرىلغان،ساقاللىرى چىرايلىق ياسىتىلغان،مەڭزى قىزىللىقتىن ۋال-ۋال قىلىپ چاقنىغاندەك كۆرۈنىدىغان ،رەڭلىك تاۋاردىن كىيىم كىيگەن بىر ھەيۋەتلىك كىشى،مىيىغىدا كۈلۈپ ئولتۇراتتى.ئۇنىڭ يىنىدا قوغدىغۇچى سۈپەت ياش يىگىتلەردىن بىرقانچىسى ۋە شۇ كىشىگە ئوخشاشراق كىيىنگەن ئەمما چىرايىنىڭ بەك سۈرى يوق كىشىلەردىن بىرقانچىسى ئولتۇراتتى.
-ئېسىت،موللا زەيدىن بولغان بولسىچۇ كاشكى...
-موللا زەيدىن ئالەمدىن ئۆتكىلى خىلى يىللار بولۇپ قالدى خالايىق....
-بۇ ھاشىر دىۋە يەنە كۆرەڭلەپ يۈرىيدىغان بولدى دە.....
خالايىق ئارىسىدىن شۇنداق پاراڭلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۆزىنىڭ قايسى دەۋىر،قايسى زامانغا كىلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى.موللا زەيدىننىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ،ئۆزىنىڭ ھىچ بولمىغاندىمۇ بىرەر ئەسىر بۇرۇنقى زاماندا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقاردى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم!مەن بىر سىناپ باقاي!
توپنى يېرىپ،بويى بىرمىتىر ئاتمىشمۇ كەلمەيدىغان،ئورۇق بىر يىگىت چىقىپ كەلدى.توپا ئازگىلىدا ھەيۋە كۆرسىتىپ تۇرغان ھاشىر دىۋە يىگىتكە قاراپ كۈلۈپ قويدى.جارچى ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى.
-پالۋان،جاسارىتىڭگە بارىكاللا!ئەمما قايتىپ قال!
-نىمىشقا؟
-چېلىشىتا يانپاشنىڭ كۆزى يوق،تېخى ياشكەنسەن،كىيىنچە ئۆزۈڭنى كۆرسەتسەڭمۇ بولىدۇ.
-ھا!رەھمەت سىلىنىڭ ياخشى كۆڭۈللىرىگە يۇنۇس بەگ،مەن ئۆزۈمنى دەڭسەپ بېقىپ چىقتىم،نىمە كۆرسەم ئۆزۈمگە!
جارچى يۇنۇس بەگ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى.خەلق قاتتىق ئالقىش ياڭراتتى.
-خو ئوغۇل!
-ئەركەك!
-ساڭا دۇئا قىلىمىز،چۈشە مەيدانغا!
يىگىت توپا ئازگىلىغا چۈشۈپ،ھاشىر دىۋە بىلەن ئىككى قوللاپ كۆرۈشتى.ھاشىر دىۋىمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق سالام قايتۇرۇپ كۆرۈشكەن بولدى.
-قاسىم دىگەن شۇ!ھاشىم چامباشنىڭ كىچىك ئوغلى!
-قايسى ھاشىم چامباشنىڭ؟!
-ۋاي ھېلىقى بىر پۇتى ئاقسايدىغان ھاشىم چامباشچۇ!
-ھەي...بۇ بالىنىڭ جۇغى كىچىكلا تۇرىدۇ،ھەرقانچە ھاشىم چامباشنىڭ بالىسى بولسىمۇ،ھاشىر دىۋىمۇ بوش ئادەم ئەمەستە!
كىشىلەر ھەرخىل پاراڭلار بىلەن چېلشىنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.جاكارچى گەپ باشلىدى.
-خوش ئەھلى جامائەت!رەھمەتلىك ھاشىم ياغاچچى ئوغلى قاسىمجان ئۆزىنى سىناش مەقسىتىدە ھاشىر پالۋان بىلەن سىناشماقچى،يانپاشنىڭ كۆزى يوق،دەۋا-دەستۇر يوق!ھەممەيلەن ئىككەيلەنگە دۇئا قىلايلى،ئامىن!
-ئامىن!!!
خالايىق بىرلىكتە دۇئا قىلدى.چېلىش باشلىنىپ كەتتى.ھاشىر دىۋە قاسىمغا يول قويغاندەك تۈزۈك ياڭزا چىقارماي،ئۆزىنى بوش تۇتۇپ بەرگەندەك تۇراتتى.قاسىم ھەرخىل پەنت بىلەن ھېلى چىرماق سالسا،ھېلى يانپاشلاش ئۈچۈن تېرىشىۋاتاتتى.ئەمما ھاشىر خۇددى يەرگە چوڭقۇر قېقىلغان قوزۇقتەك،قىمىرلاپمۇ قويمايىتتى.قاسىم شۇنچە كۈچەپمۇ ئۇنى يا يىقىتالمىدى يا يانپاشلاپ كۆتۈرەلمىدى.ھاشىر بىدەمدىن كىيىن يىگىتنى شۇنداق بىر كۈچەپلا يەردىن يۇلۇپلا كۆتۈرۋالدى.
-ئاپلا خەشمەت!
-قاسىمجان بولمىدى....
خالايىق ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى.ھاشىر ئۇنى ھاۋادا بىرقانچە قېتىم ئايلاندۇرۇپ،ئويلىمىغان يەردىن يەنە يەرگە چىرايلىق قويۇپ قويدى.قاسىم خېجىللىقتىن پاتىڭىغىچە قىزىرىپ كەتتى.جاكارچى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى.
-ھىممىتىڭگە ھەشقاللا ھاشىر پالۋان،قاسىمجاننى ئاياپ قالدىڭ!
-قاسىمجان تېخى كىچىككەن،ھۈنىرى پىشماپتۇ.
ھاشىر بوغۇق ئاۋازى بىلەن جاۋاپ قايتۇرغاچ،قاسىمجاننىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويدى.قاسىم بىردەم جىم تۇرىۋالغاندىن كىيىن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى:
-چېلىشتا مەن ھەقىقەتەن ھاشىركامنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيمەن،لىكىن چامباشلىشىشتا بىرنىمە دىيەلمەيمەن!
-نىمە چامباش؟!يۈزۈڭنىڭ خېلى قېنى بار يىگىتمىكىن دىسەم،سەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن دەيۈز نىمىكەنسەن ھە!بايا ھاشىر پالۋان سىنى يەرگە ئۇرغان بولسا ئۆزۈڭنى نەدە كۆرەتتىڭ؟!
جاكارچىنىڭ سەل جۇدۇنى تۇتتى.ئەمما ھاشىر قىلچە رەنجىگەندەك ئەمەس ئىدى.
-ياق يۇنۇس بەگ،ئۇ توغرا ئىيتىدۇ،ئەگەر قاسىمجاننىڭ شۇنداق نىيىتى بولسا،ھېساپ!ھاشىمكام رەھمىتىنىڭ ھۆرمىتى،پۇشتىغا زادى قانچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەتتى بىر بىلىپ باققۇم بار مىنىڭمۇ!
خالايىق يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدى.چۈنكى چېلىشى بىلەن چامباشلىشىشنىڭ پەرقىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلەتتى.جاكارچى ھېلىقى سۆلەتلىك كىشىگە قارىدى.ئۇ كىشى پېتىنى بۇزماي تۇرۇپ،بىشىنى يىنىك لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۇردى.
-خوش،ئەلسۆي غوجام قوشۇلغان يەردە بىزمۇ بىر تاماششا كۆرىلى ئەمىسە!مۇشىت-پەشۋانىڭ كۆزى يوق،دەۋا-دەستۇر يوق،قېنى پالۋانلار ئەمىسە!
بىر مەيدان چامباش مۇسابىقىسى باشلاندى.دەرۋەقە قاسىمنىڭ چامباشچىلىق ماھارىتى چېلىشى ماھارىتىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى ئىدى.ئۇ يەردىن بىرلا قاڭقىپ چىقىپ،ھاشىرنىڭ سول مەڭزىگە قاتتىق بىر پەشۋا ئاتتى،ھاشىر ئارقىغا سەنتۈرلۈپ ھوشىنى يىققۇچە،قاسىم يەنە ئارقا-ئارقىدىن بىرقانچىنى تىپىۋەتتى.ھاشىر توپا ئاگالنىڭ بۇلىڭىغا گۈپىىدە يىقىلىپ چۈشتى.
-ئو!ما كارامەتنى كۆرۈڭ!
-قاسىمجان پەشۋاغا يامانكەن دىسە!
كىشىلەرنىڭ ئاپىرىنى بىردەملىك بولدى.ھاشىر تىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ،يەرگە قان ئارىلاش تۈكۈرۋەتكەندىن كىيىن،يوغان قوللىرى بىلەن ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان قانلارنى سۈرتىۋەتتى.
-ئاپىرىن،داداڭنىڭ ئۇدۇمىنى ئاپسەن،كىلە ،يەنە ئاتا پەشۋارىڭنى!
قاسىم ئەمدى قوپالمايدۇ دەپ ئويلىغان ھاشىرنىڭ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەل تەمتىرەپ قالدى.ھاشىر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماي،ئۇنى ھۇجۇم قىلىشقا قىستاۋاتاتتى،قاسىم يۈگۈرەپ كىلىپ يەنە پەشۋا ئاتماقچى بولدى،ئويلىمىغان يەردىن دىۋىدەك كالامپاي كۆرۈنىدىغان ھاشىر،چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۋالغاچقا،قاسىمنىڭ پەشۋاسى بىكارغا كەتتى،قاسىم ئارقىغا ئۆرۈلۈپ،بوينىنى كەينىگە تارتىپ قاڭقىپ تۇرۇپ،ھاشىرنى كاللا بىلەن ئۈسسىمەكچى بولدى،ھاشىر ئۇنىڭغا قاراپ قىمىرلىماي تۇراتتى،قاسىمنىڭ كاللىسى ئۇنىڭغا تىگىشكە ئازلا قالغاندا،ھاشىر سول قولى بىلەن ئۇنىڭ گىلىدىن شۇنداق كۈچەپ بىرنىلا ئىتتىرىپ قويىۋىدى،ھاۋادا كۈچەپ كاللا قويۇش ئۈچۈن پۈتۈن قۇۋۋىتىنى بويىنىغا يىققان قاسىم غىققىدە قىلىپ يەرگە يىقىلدى ۋە خورتۇلداپ تىنالماي يىتىپ قالدى.
-توۋا،ھاشىر دىۋە چامباشقىمۇ يامانكىنا؟
-قاسىمجان بولالمىدى!
توپ ئارىسىدىن بىرقانچە يىگىت چىقىپ،يەردە تىنالماي كۆكۈرۈپ ياتقان قاسىمنى يۆلەپ،مەيدىسىنى سىيلاپ،سۇ پۈركۈپ دىگەندەك سەل ھوشىغا كەلتۈرۈپ،قولتۇقىدىن كۆتۈرگەن پېتى مەيداندىن ئىلىپ چىقىپ كەتتى.مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ۋە تاپا-تەنە بىرلىشىپ كەتتى.
-ۋۇي،قاراڭلار،چىمچىلاق باتۇر!
-ۋاي شۇكەن،دەل ئۆزى!
تۇيۇقسىز توپتىن بىرقانچە كىشى ئات ئۈستىدە گاڭگىراپ تۇرغان غوجا ئابدۇل ئەخەتنى كۆرسىتىشىپ ۋارقىرشىپ كەتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى.ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلىغان ھاشىر دىۋە،ئات ئۈستىدىكى غوجا ئابدۇل ئەخەتكە قاراپ ئىگىلىپ بىر سالام قىلىۋەتكەندىن كىيىن،ئىززەت بىلەن ئۇنى مەيدانغا چۈشۈشكە شەرەتلىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەتنى سوغۇق تەر بىسىپ كەتتى.كىشىلەر ئۇنى ئارىغا ئىلىۋالدى،ھەتتا بىرقانچە كىشى ئۇنى ئاتتىن يۆلەپ چۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرۈپ بولدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت چۈشەندۈرۈپ بولغۇچە،كىشىلەر ئۇنى كۆتۈرۈپ،مەيداننىڭ ئالدىغا ئىلىپ كىلىپ بولغان ئىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،باتۇر!
جاكارچى،ھاشىر،ھەتتاكى ئەلسۆي غوجىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىھتىرام بىلەن سالام قىلدى.
-ۋە...ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
-چىمچىلاق باتۇرنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان،بۈگۈن ئۆزلىرى بىلەن دىدارلىشىشقا نىسىپ بوپتۇ،شۈكرى!
-رەھ..رەھمەت،مەن چىمچىلاق باتۇر بولىمەن!
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئۆز ئېغىزىغا ئۇرغۇسى كىلىپ كەتتى،ئۇ <ئېنىقلا مەن غوجا ئابدۇل ئەخەت!>دىمەكچى بولغان بولسىمۇ،ئېغىزى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بوي سۇنماي،دەل ئۇ دىمەكچى بولغان گەپنىڭ ئەكسىنى دەۋاتاتتى!
-ياخشى!
-چىمچىلاق باتۇرنىڭ كارامىتىنى كۆرەيلى!
خەلق قاتتىق ئالقىش ياڭرىتىپ كەتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۇشبۇ دەمدە ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەۋاتاتتى.<ئاناڭنى،بىكاردىن بىكار يۈزۈم چۈشىدىغان،تاياق يەيدىغان بولدۇم!>دەيتى ئىچىدە.
-خوش باتۇرۇم،چىلىشامدۇق.ئېلىشامدۇق؟
-ئۇرۇشمايلى!
غوجا ئابدۇل ئەخەت شۇنداق دىگەن بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئېغىزىدن چىققان سۆز بولسا،<ئېلىشايلى!>ئىدى.ئۇ قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى.جاكارچى ھاياجانلىنىپ،جاكار قىلىشقا باشلىدى.
-ئەھلى جامائەت!بىزنىڭ پەخرىمىز،مەشھۇر باتۇرىمىز چىمچىلاق باتۇر يۇرتىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ،غېرىپ كۆڭلىمىزنى نۇرغا چۆمدۈردى.ھازىر،باتۇرىمىز ھاشىر پالۋانغا ھۈنەر ئۆگەتكەچ،كامالەتكە يەتكەن جانبازلىق ماھارىتى بىلەن كۆزىمىزنى ئېچىپ قويماقچى،قېنى بارىكاللا!
-بارىكاللا!
-بارىكاللا!!!
خالايىق ئارىسىدىكى ياشانغان بىرقانچە بوۋاي-مومايلار ھەتتا تەسىرلىنىپ يىغلاپ تاشلىدى.ئەمدى غوجا ئابدۇل ئەخەتكە چىكىنىشكە يول قالمىغان ئىدى.ئۇ قورقۇنۇچ ۋە ھەيرانلىقتا مادار قالمىغان پۇت-قولىنى سۆرەپ،توپا ئازگىلىغا چۈشتى.چۈشىشىگىلا ھاشىر يوغان ئالقانلىرىنى ئىلمەك شەكلىدە قىلىپ،بوراندەك يۈگۈرۈپ كەلدى،<تۈگەشتىم!>غوجا ئابدۇل ئەخەت شۇنداق يەكۈن چىقىرىپ تۇرغاندا،ئۇنىڭ تېنى ئۆزنىڭ ئىختىيارىدا ئەمەستەك شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن ئۆزىنى دالدىغا ئالغاندىن سىرىت،ھاشىرنىڭ گەجگىسىگە بىر جەينەك قويۇپ،ئۇنى ئوڭدىسىغا دۈم چۈشۈرۈشكە ئۈلگۈردى.
-مانا باتۇر دىگەن،توۋا،چەبدەسلىكىگە قاراڭ!
-ئاپىرىن!
-بارىكاللا!!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.بىرقانچە قەپەس ئېلىشىپ،ھاشىر ئۇنىڭ مويىغىمۇ تىگەلمەي يەرگە يىقىلىۋەرگەندىن كىيىن،ئۇنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشتى.
-خا-خا!مۇنداق دەيلى،مىنىڭ تىنىمنى ھەقىقى چىمچىلاق باتۇر باشقۇرىۋىتىپتۇ دە!ئويۇن قىزىييدىغان بولدى!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئىچىدە شۇنداق دەپ كۈلۈپ كەتتى،بايىقى تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنىڭ ئورنىغا،تەبەسسۇم يۈگۈردى.شۇنداق قىلىپ،ئۇ قىلچە قىينالمايلا ھاشىرنى يەردىن قوپالماس قىلىۋەتتى.
-ئاپىرىن چىمچىلاق باتۇر!
-باتۇرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن!
خالايىق شادلىق ئىلكىگە چۆمدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،غالىپلىقىنى كۆرسۈتىۋەتكەندىن كىيىن،كۆزى چىرايى تېخىمۇ قارىيىپ ،ئىنجىقلاپ ياتقان ھاشىرغا چۈشۈپ،يۈرىكى بىر قىسىملا بولۇپ كەتتى.دەرھال قولىنى چۈشۈرۈپ،ئۇنىڭ يىنىغا يۈگۈرەپ بېرىپ،ھاشىرنى يۆلەپ توپىلىرىنى قېقىشتۇردى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى ئىككى قوللاپ مەھكەم سىقتى.
-ھاشىر پالۋان.ماڭا يول قويلا،ئەسلى مەن سىلىگە رەقىپ بولالمايمەن.
-يوسىغۇن باتۇرۇم يوغىسۇن،ئۆزلىرى مىنى ئاياپ قاللا تېخى....
-ئۇنداق ئەمەس پالۋان.مەن....مەن سىلىدىن ئۈگۈنىمەن،سىلە مىنىڭ ئۈلگەم ھاشىر پالۋان!
-رەھمەت باتۇر.....
ئۇلار قوچاقلشىپ يىغلىشىپ كېتىشتى،خالايىقمۇ سۈكۈتكە چۆمدى.كىيىن بىر بوۋاي ئاۋازىنى قويىۋىتىپ قوشاق ئېيتىپ يىغلاپ،جىمجىتلىقنى بۇزدى:
-چىمچىلاق باتۇر دەيدۇ،كۆرگەنلەر بارمۇ؟
ئۇندىن ئۆزگە باتۇرغا،كەمتەرلىك يارمۇ؟!
چىمچىلاقتەك كەمتەردۇر،تاغدەك قامىتى،
ئۆمۈر بەرسۇن خۇدايىم،كەلسۇن ئامىتى.......
ئەلسۆي غوجا ئۇنى ۋە ھاشىر پالۋاننى كۆرپىگە باشلاپ چاي قۇيدى ۋە ھەر ئىككىسىگە زەر بەلباغ باغلاپ قويدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئاجايىپ ھاياجان ۋە بەخت ئىلكىدە چاي ئوتلاپ پاراڭ بىلەن ئولتۇراتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم چىمچىلاق ئاداش!
ئوچۇق ئاسماندا چاقماق گۈلدۈرلىگەندەك جاراڭلىق چىققان بىر ئاۋاز ھەممەيلەننىڭ دېققىتىنى تارتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئورنىدىن تۇرۇپ،ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى.بېشىغا بادام دوپپا،ئۇچىسىغا نېشىرەڭ كۆينەك كىيگەن،بىلىگە سېرىق پوتا باغلىغان،بويى بىرمىتىر سەكسەن ئەتراپىدا،ئانچە مۇسكۇللىق بولمىسىمۇ،سۆڭىكى يوغان بولغاچ گەۋدىلىك كۆرۈنىدىغان،سارغۇچ بۇرۇتلىرى چىرايلىق يۆگەلگەن،كۆكۈچ كۆزلىرىدىن كۈلكە چىقىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت ئۇلارغا قاراپ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ كىلىۋاتاتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەتكە بۇ يىگىت بەكلا تونۇش كۆرۈنسىمۇ،ئۇنىڭ زادى كىملىكىنى ئېسىگە ئالالمىدى،شۇنداقتىمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
-دىدار غەنىمەت چىمچىلاق ئاداش،كىلە يەنە بىر تۇتىشايلى!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۇ يىگىتنىڭ كۆرۈشۈپلا بۇنداق دىيىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.لىكىن ئۇ بايام ھاشىر پەلۋان بىلەن تۇتۇشۇپ،ئۆزىدە غايىپ كۈچنىڭ بارلىقىنى بىلگەچ،بەك قورقۇپ كەتمىدى.
-سېيىت گاڭگۇڭ دىگەن شۇ!
-سېيىت نوچى دەل ئۆزى!
-ئىككىسنى يېقىن دوستكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم بوۋامدىن!
-بىر مەشرەپتە ئۇ سېيىت نوچىنىڭ يەتتە قوۋۇرسىنى چىقىرۋىتىپتىكەنمىش!
-ماڭغىنا نېرى،يەتتە ئەمەس بەش قوۋۇرسىىنى!
كىشىلەر شۇنداق دىيىشىپ يەنە قىززىپ كەتتى.سېيىت نوچى دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ،غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئېسىگە موماينىڭ رىۋايىتى كەلدى ۋە سېيىت نوچىغا قايتا نەزەر سالدى.كۆرۈنىشىدىن زادىلا بىركىشى بىلەن مۇشتىلىشالايدىغاندەك كۆرۈنمەيدىغان،بۇ يېقىملىق يىگىتنىڭ سېيىت نوچى ئىكەنلىكىكگە زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەي قىلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ نەزىرىدە سېيىت نوچى ھاشىر پالۋاندىمۇ گەۋدىلىك،چىرايىدىن سۈر يىغىپ تۇرىدىغان،كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرىدىغان بىر سىما ئىدى.
-ھە،ئاداش،كىلەمدۇق؟
-كېلىلى!
غوجا ئابدۇل ئەخەت خىياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ.توپا ئازگالغا چۈشتى.ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچى بولغاچقا،ھىچقانداق ھەركەت قىلماي،مەغرۇر ھالدا سېيىت نوچىنىڭ قول سىلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.سېيىت نوچى تەمكىن قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭغا يىقىنلاشتى ۋە <يا پىركامىل مەدەت!>دەپ ئىككى قولى بىلەن غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئىككى بېقىدىن قاماللاپ تۇتتى،نىمىشقىدۇر غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ بېقىنى قاتتىق ئاغرىپ،قىمىرلىيالماي قالدى،سېيىت نوچى يەنىمۇ كۈچەپ ئۇنى بىرلا كۆتۈرىۋىدى،ئۇنىڭ قوۋۇرغىلى غاراسلاپ،قاتتىق ئاغرىقتىن ۋارقىراپ كەتتى!
-ۋايجان!.......
غوجا ئابدۇل ئەخەت كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنىڭ يەنىلا كارىۋاتتا ئىكەنلىكىنى،موماينىڭ ئۇنىڭ سۇنغان بېقىنىنى كۈچەپ بېسىۋاتاتتى.
-ۋايجان،نىمانداق قىلىلا ئاچا؟!
-كىم سىنىڭ ئاچاڭكەن ساراڭ!قوۋۇرغاڭنى جايىغا سىلىۋاتىمەن.چىدا!
-ۋايجان!
-ۋايجان!!!
موماي غوجا ئابدۇل ئەخەتنى ئاشۇنداق بىرقانچە قېتىم ۋايجانلاتقاندىن كىيىن توختاپ قالدى.
-ھە،ئەمدى بولدى.ئىشەنمنىسەڭ ئەمدى مىدىرلاپ باقە!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئاغرىقتىن تەرلەپ كەتكەن بەدىنىنى سەل مىدىرلاتتى،دىگەندەك ئۇنىڭ قوۋۇرغىسىنىڭ ئاغرىقى توختاپ قالغان ئىدى.ئۇ مومايغا مىننەتتارلىق بىلەن قارىدى.
-قوپە چىمچىلاق باتۇر،ئەمدى تاماق يە!
-ھە.ھە؟!
ئۇ چىمچىلاق باتۇر دىگەن گەپنى ئاڭلاپ بايامقى چۈشى ئېسىگە كەلدى ۋە كۈلۈپ كەتتى.<توۋا،موماينىڭ پەلىپەتىش گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتىمەن دىسە....>ئۇ شۇنداق خىيال قىلغىنىچە،موماي ئەتكەن چۆچۆرىنى قولىغا ئالدى......
15-باپ. قەھرىمانلارنىڭ غەيرى تارىخى
-ئاچا،سىلىدىن سورايدىغان جىق گەپلىرىم بار ئىدى.
غوجا ئابدۇل ئەخەت چۆچۆرىنى ئىچكەچ مومايدىن سورىدى.
-كىم سىنىڭ ئاچاڭكەن قاپاق!تاماق يىگەندە گەپ قىلمايدۇ بىزنىڭ قائىدىدە!
غوجا ئابدۇل ئەخەت گەپ قىلالماي،تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى.چۆچۆرىدىن بەش قاچا ئىچىپ،قورسىقى تويۇپ،تەرلەپ،كېكىرۋەتكەندىن كىيىن مومايدىن قايتا سۇئال سوراشقا تەمشەلگەندە،موماي ئۇنىڭغا رەنجىپ كەتتى:
-ھەي بىئەدەپ!داستىخاندا كىكىرگىنىڭ نىمىسى؟!ئەھۋالدىن قارىغاندا سەن بەزىدە ئوسۇرۇپمۇ قويىدىغان ئوخشايسەن تاماق يەۋىتىپ!
-ياق....مەن....ھەرگىز ئوسۇرمايمەن.
-ھازىر نىمىشقا كېكىرىسەن؟
-بۇ...كېكىرگىم كەلسە قانداق قىلىمەن؟
-كىكىرگىڭ كەلسە كىكىردىڭ،ئوسۇرغۇڭ كەلسە ئوسۇرامسەن؟
-بۇ...ئاھاي....بولدىلا...
-نىمە بولدىلا،ھە نىمە بولدىلا؟!قۇلىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا،بىز تامق يىگەندە ئوسۇرمايمىز،كېكىرمەيمىز،چۈشكۈرمەيمىز،گەپ قىلمايمىز،ئەسنىمەيمىز!ئەگەر زادى چىدىيالمىساق قولىمىز بىلەن ئېغىزىمىزنى تۇتۇپ،ئىمكان بار باشقىلار ئاڭلاتمايمىز،كۆرسەتمەيمىز،بىلدۈرمەيمىز!
-ماقۇل.مەن خاتا قىپتىمەن.كەچۈرسىلە!
-ھىم،كەچۈردۈم.دۇئا قىلىۋىتىپ،ئاندىن گىپىڭ بولسا قىل!
-ماقۇل.
دۇئادىن كىيىن غوجا ئابدۇل ئەخەت سۇئالىنى باشلىدى:
-ئا...ۋوي،نوزۇگۇم خىنىم،سىلە ئەسلى تىۋىپمۇ؟
-ياق،قاندىق دەيسەن؟
-مىنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى قىتىم داۋالاپ قويلا،شۇڭا سوراپ باقتىم.
-خا-خا-خا!ھەرقايسىڭ شۇنچە ئاددى،ئۇششاق كىسەلنىمۇ ھازىر ئۆلىدىغاندەك قىلىپ كىتىشىسەن.ھەي....ئەينى چاغلاردا نەدە دوختۇر،نەدە دورا؟!ھەممىسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان كونا،ئاددى ئۇسۇللار!
-ھە....سىلە نېمىشقا دائىم مىنى تاپالايلا؟
-مەن كىمنى تاپىمەن دىسەم شۇنى دائىم تاپالايمەن!
-ماڭا نىمىشقا شۇنچە ياردەم قىلىلا؟
-ياردەم؟!بۇنى ياردەم دەپ ئويلىما،سەن ناھايىتى موھىم ئادەم!
-مەن؟!چىچمچىلاق باتۇر؟!
-شۇنداق،دەل سەن چىمچىلاق باتۇر!
-مەن قانداق موھىم؟
-سەن يەرشارىنىڭ تىنىچىلىقىنى قوغدىمىساڭ بولمايدۇ!
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئېغىزىدىكى چاي كۈلكە بىلەن تەڭ پۈركىلىپ چىقىپ كەتتى.
-يەرشارىنىڭ تىنىچلىقىنى؟!يەرشارىنىڭ؟!
-شۇنداق يەرشارىنىڭ!
-مۇنداق دىسىلە،مىنىڭچە يەرشارىنىڭ تىنىچىلىقىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرى ۋە ئالەم قاتناش ئورۇنلىرى قوغدايدۇ،مەن ئەمەس!
-ھۇ ساراڭ!سىنىڭچە سەن ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرۈپ،تاشقى پىلانىت ئادەملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قوغدايمەن دەپ ئويلىغانمىتىڭ؟!ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس،سەن يەرشارىنىڭ تىنىچلىقىنى قوغدايسەن،لىكىن سىنىڭ ۋەزىپەڭ ھەم ئاددى ھەم خەتەرلىك!
-مەسىلەن؟
-ھازىر تېخى ۋاقتى ئەمەس!
-ھە....مۇنداق دىسىلە.ھەراسىت،سىلە سىيىت نوچىنى تونۇملا؟
-خا-خا-خا!تونۇيمەن،مەن دائىم ئۇ ياققان نانىنى ئېلىپ يەيتىم!
-ئۇ ياققان ناننى؟!سېيىت نوچى نان ياقامتى؟
-شۇنداق ئۇ بىر ناۋاي!ئۇنىڭ دادىسىمۇ،دادىسىنىڭ دادىسىمۇ ناۋاي!
-چاقچاق قىلمىسلا!ئۇ دىگەن نوچى،پالۋان!
-ناۋايدىن نوچى،پالۋان چىقسا بولمامدىكەن؟!
-بولىدۇ،لىكىن....
-توختاپ تۇر ھە!
موماي ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپ يۈگۈرەپ كىرىپ بىر راۋاپنى ئىلىپ چىقتى.ئاندىن تارىنى بىرقۇر تۈزەشتۈرۈپ زەخمەك ئۇرۇشقا باشلىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئېغىزنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى:
سېيىت ئىسىملىك بىر ئەزىمەت بارلىققا كەلدى .
شىرنىڭكىدەك كەڭ كۆكرىكى،
يولۋاس تاپىنىدەك ئالقىنى بىلەن ئەلنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى .
تۆت دەرۋازىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى غېرىپ - غۇرۋا ،
يىتىم يېسىرلار ئۇنى ئۆزىگە ئاشىنا بىلدى......
موماي ئۆز ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان بىرخىل جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن راۋاپ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىيىت ئوقۇشقا باشلىدى...............
ئونبەش ياشقا بارغاندا ،
تۆشۈك دەرۋازىدا ،
بىر ناۋايغا نىمكار بولۇپ كىردى ........
غوجا ئابدۇل ئەخەت موماينىڭ راۋاب ساداسى ۋە ئاۋازىغا ئەسرا بولۇپ،ئۆزىنى يوقاتقان پېتى ئولتۇرۇپ كەتتى.
پور بايۋەتچە دىدىكى :
ئەي يۇرت - ماكانى يوق ھارامزادە ، مەن بولسام ئارزۇلۇق بەگزادە ،
كىيىم سەرپايىلىرىم ئازادە ، بەخت - دۆلەتتە ماڭا ھەرقانداق شاھزادە ،
مەن بولسام قاراشەھەردە ئاتالغان گاڭگۇڭمەن،
نامۇ شۆھرەتتە رۇستىمى داستانىدىن چوڭمەن .
قېنى كۈچ سىنىشايلى ، بىر قەپەس ئېلىشايلى .
گاڭگۇڭ بولساڭ مەيدانغا چۈش ، چېلىشايلى .
سېيىت نوچى دىدىكى :
سەندىن قورقۇنچ ، دىشۋارىم يوق .
ساڭا ئاتار پەشۋارىم يوق .
بىر پەس ئارام ئالغىلى قوي ،
ئىككى پەدە چالغىلى قوي .
پور بايۋەتچە دىدىكى :
پۇراپ باقساڭ مۇشتۇمنى ، يوقىتىسەن ھۇشۇڭنى ،
بىر مۇشت بىلەن سېسىتاي جىگىرىڭنى - گۆشۈڭنى ،
باش ئۈستۈڭگە قوندۇراي ، ئەجەل ماتەم قۇشۇڭنى !
موماي ئىككى پىرسۇناژنىڭ سۆزىنى ئىككى خىل ئاھاڭدا،تولىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ئىيتىتتىكى،غوجا ئابدۇل ئەخەت بۇ ئاۋازلارنى موماينىڭ ئېغىزىدن چىقتىمۇ ياكى باشقا يەردىنمۇ بىلەلمەي قالدى.بولۇپمۇ سېيىت نوچى قاراشەھەرلىك پور بايۋەتچىنى كۆتۈرۈپ ئاتقان يېرىگە كەلگەندە،< ئەييۇھەنناس ! چاقپىلەكمۇ ئۇنداق ئايلانماس ، پىر - پىر -پىر ......!!!>دىگەچ،پاخپاق چاچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ،بېشىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرۇپ ئوقىۋىدى،غوجا ئابدۇللا ھاياجانلىنىپ چاۋاك چىلىپ كەتتى......
-ھەي توۋا....نەلەردە يۈرۈپ توقۇۋالغانلا بۇ قوشاقلارنى!
موماي سېيىت نوچى داستانىنى تولۇق تۈگەتكەندىن كىيىن،غوجا ئابدۇل ئەخەت ھەيران بولۇپ سورىدى.
-نىمە دېدىڭ قاپاقباش؟!توقۇۋالغانلا دىدىڭما؟!تۈفى زۇۋانىڭغا!بۇ دىگەن مەن توقۇغان قوشاق ئەمەس،ئۇيغۇر خەلق داستانى،سېيىت نوچى داستانى،ھۇ ئېشەك!
-ۋاي نىمانداق تىللايلا ئادەمنى؟
-سىنى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ ھازىر!ئۆز قەۋمىڭنىڭ بىلمىسە بولمايدىغان داستانلىرىنى بىلمىسەڭ،سىنى ئېشەك دىمەي نىمە دەيمەن؟!
-مەن قانداق ئۈگۈنىمەن؟نەدىن تاپىمەن؟يا ئوقۇتقۇچى ئۈگەتمىسە؟
-ھۇ سەندەك تەييارتاپ ،ئېشەككە!سېنىڭچە ھەممىنى ساڭا مۇئەللىم ئۈگۈتىشى كىرەك،ھەممە نەرسىنى تەل قىلىپ ساڭا بېرىشى كىرەك شۇنداقمۇ؟
-ئۇنداققۇ ئەمەس،لىكىن مەن....
-بولدى قىلە،بۇ ھالىڭدا ساڭا ئۈگتسىمۇ ئۈگىنەلمىگۈدەكسەن!
-مەن.....
غوجا ئابدۇل ئەخەت چوڭقۇر خىيالغا پاتتى.ئۇ ئۆمرىدە سېيىت نوچى داستانىنى ئاڭلاپ باقمىغان،بىلىدىغىنى پەقەت سېيىت نوچى نامىدىكى بىر ناخشا بىلەن ئېتوت ئىدى.تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇتقۇچىسى قىسقىلا قىلىپ،<ساۋاتسىز نوچى>دەپ ئۇنىڭ ئازراق رىۋايەتلىرىنى دەپ بەرگەن ئىدى.
-مەن يەنە گەپ سورىسام بولامدۇ؟
-سورا،دەلتە!سورىمىساڭ بىلمەيسەن!
-سېيىت نوچى ساۋاتسىز،شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق!
-ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئېلىپ بارغان،شۇنداقمۇ؟
موماي غوجا ئابدۇل ئەخەتكە شۇنداق ئالايدىكى،غوجا ئابدۇل ئەخەت قورقۇپ كەتتى.
-ھەي ئېشەك!سىنىڭچە ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ماتىتەيگە خەتنى ئۇيغۇرچە يېزىپ ئىۋەتكەنمىدۇ؟
-بۇ....ئۇقمايمەن،قانداقلا بولمىسۇن،باشقىلارغا ئوقۇتۇپ بېقىپ،ئامال قىلىپ قېچىپ كەتسە بولىدىغۇ؟
-تۈفى!ھەي نامەرت!سېيىت نوچى قېچىپ كەتسۇن،ئۇنىڭ ياشانغان ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى قەشقەر ئامبىلى بوش قويىۋىتەرمۇ؟
-ھە راسىت،بۇنى ئويلىماپتىمەن.
-ئويلىمايسەن،ئويلىمايسەن!ئۆزۈڭدىن باشقا ھىچكىمنى ئويلىمايسەن!
-ھەي......
-سېيىت نوچى خەتنىڭ شۇملۇقتىن بىشارەت بىلىدىغانلىقىنى بىلگەچ،كېچىلەپ مىھرىبان ئانىسى بىلەن مۇڭدىشىپ،رازىلىقىنى ئالغان،ئۇرۇق-تۇققانلىرى ،يارۇ-دوستلىرى بىلەن ھال-مۇڭ ئىتىۋالغان،ئۇنى قۇتقۇزۇشقا يول ماڭغان دوستلىرىغا<خاپىلىق مەن بىلەن كەتسۇن،مەن قاچسام ئانام،ئاكام قانداق قىلىدۇ؟!ئەجەل كەپتۇ دەپ ئويلاڭلار،ئارتۇق غەۋغا قىلماڭلار>دىگەن!
-مۇنداق دەيلى ئەسلى،ھەي......ئۇنىڭ چىرايى بۇغداي ئۆڭ،بۇرۇتلىرى سارغۇچ،كۆزلىرى كۆكۈچمىتى؟
-دەل شۇنداق،خا-خا!مانا دىمىدىممۇ چىمچىلاق باتۇر،سەن ئەسلىڭگە قايىتقىلى تۇرۇپسەن!
موماينىڭ تۇتامى يوق گەپلىرى يەنە باشلاندى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۇن چىقارماي چۈشىنى،سېيىت نوچىنى ئويلاۋاتاتتى....
كەچتە موماي ئۇنىڭ بېقىنىنى ۋە قولىنى تۇخۇم بىلەن شاخىداپ قويدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت مومايدىن سورىدى.
-نوزۇگۇم،مەن قاچان ساقىيىپ كىتەرمەن؟دەم ئېلىش ۋاقتى توتۇشقا تۆت-بەش كۈنلا قالدى،مەكتەپكە بارمىسام بولمايدۇ.
-خاتىرجەم بول.
-مىنىڭ ئىككى ئاغىنەم قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟مىنى تاپالماي يۈرگەنمىدۇ؟
-ئۇلار ناھايىتى ياخشى،سەندەك ئېغىر يارىلانماپتۇ.ئۇلارغا سەندىن خاتىرجەم بولۇشنى دەپ قويدۇم.
-ھە؟!سىلە ئۇلار بىلەنمۇ كۆرۈشلىمۇ؟
-شۇنداق،داداڭغىمۇ سىنى مىنىڭ قېشىمدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىدۇ دەپ قويدۇم!
-دادامغا؟!...توۋا،سىلە قاچانلاردا شۇيەرگە بېرىپ بولغانلا؟
-مەن خالىسام ھەرۋاقىت بارالايمەن!
-دادامغا مىنى مۇشتلىشىپ،تاياق يەپ يارىلاندى دىلىمۇ؟
-ھەي پاڭقۇش!بايا دىدىمغۇ،سىنى مىنىڭ يىنىمدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىدۇ دەپ!
-دادام نىمە دىدى؟
-ئوبدان بوپتۇ،سىلىگە مىڭ رەھمەت دەيدۇ،لىكىنزە،داداڭمۇ سەندەك مېڭىسى يوق نىمىكەن؟
-قانداق دەيلا؟
-مىنىڭ ئىسمىمنى بىردەم تۇمارىس خىنىم دىسە،بىردەم ئاماننىساخان دەپ يۈرۈيدۇ،مىنىڭ ئىسمىم نوزۇگۇم تۇرسا!
-..........
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئارتۇق گەپ قىلماي كۈلۈپ قويدى.موماي كەچلىك تاماقتىن كىيىن يەنە غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ،يەنى چىمچىلاق باتۇرنىڭ تارىخىنى سۆزلەشكە باشلىدى.
-نوزۇگۇم،مەن بىلىدىم،دەۋەرمىسىلە!
-نېمىنى بىلدىڭ؟
-تارىخىمنى،كىملىكىمنى،ۋەزىپەمنى!
-ياخشى.ئەمىسە دەپ باقە؟
-بۇ....
-دىيەلمىسەڭ مەن يەنە قايتا دەپ بېرىمەن!
-ماقۇل،ماقۇل!مەن دەي!مەن دەي....
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۆزىنىڭ چىمچىلاق باتۇر بولغان چاغلىرىدىكى تارىخىنى سۆزلەشكە باشلىدى،ئاساسەن توغرا دىگەن بولسىمۇ،بىرقانچە يەردە يىلنامىدا،شەخىسلەر سانىدا ئېزىپ كەتكەچكە،موماينىڭ قايتا سۆزلىشىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدى.موماي سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن،يەنە غوجا ئابدۇل ئەخەتنى سۆزلەتكۈزدى.مىڭ جاپادا ئۇ ئاخىرى ئۆز تارىخىنى <توغرا>،<تولۇق>،<سان-سىفىرى>بىلەن دىيەلىگۈدەك بولدى.
-ئەمدى ئارام ئالسام بولا؟
-سېيىت نوچى تارىخىنى ئوقۇپ بەر!
-نىمە؟!ئوقۇپ بېرەمدىمەن دەپ بېرەمدىمەن؟
-ئوقۇپ بېرىسەن!
-ۋاي جىنىم نوزۇگۇم موما!ماڭا رەھىم قىلسىلا،بېقىنىم ئاغرىۋاتىدۇ.بېشىممۇ....
-ئىشىڭنى قىل!سەن بىلمەيسەن شۇنداقمۇ؟مەن ساڭا ئوقۇپ بېرەي،ئوبدان ئاڭلا!
موماي راۋاپنى قولىغا ئېلىپ سېيىت نوچى داستانىنى يەنە شۇنداق نەپىسلىك بىلەن بىر قېتىم ئورۇنداپ چىقتى.
-مەن ئوقۇيالمايمەن.بەك ئۇزۇنكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە راۋاپمۇ چالالمايمەن!
-ئۇنداق بولسا يەنە ئاڭلا...
-توختىسىلا،مەن يىزىۋالاي!
غوجا ئابدۇل ئەخەت مومايدىن ئاسان قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ،موماي ئوقۇغان سېيىت نوچى داستانىنى يېزىشقا باشلىدى.لىكىن موماي ئۇنىڭ قەغەزگە قاراپ ئوقۇپ بېرىشىگە يول قويمىدى.
-ئاھ خۇدا!نوزۇگۇم موما،جىنىم موما!يېرىم كىچە بولۇپ كەتتى،ئەتە يەنە خۇدانىڭ كۈنى بار،ئەتە دەپ بەرسەم بولمامدۇ؟
-ياق،ۋاقىت قىس!بۈگۈن دەپ بېرىسەن!
-توۋا....ئۇنىڭ داستانى بىلەن مىنىڭ نىمە ئالاقەم!نىمىشقا زورلاپ مىنى ئوقۇشقا قىستايلا!
غوجا ئابدۇل ئەخەت بىزارلىق بىلەن ۋارقىرىدى.موماي تۇرۇپلا قالدى،ئاندىن شۇنداق قاتتىق يىغلاپ كەتتىكى،غوجا ئابدۇل ئەخەت نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى.
-نوزۇگۇم...موما....نىمىگە يىغلايلا؟
-سېنىڭ دوستۇڭ سېيىت نوچىنىڭ سېنى ئەزىزلەپ دوسىت بىلىگىنىگە،سىنىڭ لاتىلىقىڭغا ئەپسۇسلىنىپ....
-مەن....ماقۇل،ماقۇل،مەن ئۈگۈنەي.....
غوجا ئابدۇل ئەخەت چىشىنى چىشلەپ،قەغەزدىكى سېيىت نوچى داستانىنى يادقا ئىلىشقا باشلىدى...............
16-غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى
ئەتىسى سەھەردە غوجا ئابدۇل ئەخەتنى موماي تۈرتۈپ ئويغاتتى.
-قوپە چىمچىلاق!تېقىمىڭغا كۈن چۈشكىچە ئۇخلىماي!
-ۋاي نوزۇگۇم موما،بىردەم ياتقىلى قويسىلا،ھېلىمۇ ئاخشام...
-كىم نوزۇگۇم موماڭكەن ساراڭ!
غوجا ئابدۇل ئەخەت چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،موماينى كۆرگەندىن كىيىن يۈرىكى جايىغا چۈشتى.
-ھەجەپ قورقۇتلا مىنى نوزۇگۇم!
-كىم نوزۇگۇمكەن ساراڭ!ساقمۇسەن؟
-ۋۇي،نىمە بوللا ئەتىگەندە؟سىلە نوزۇگۇمغۇ؟
-نوزۇگۇم دىگەننى بىلمەيدىكەنمەن،سەن قاتتىق يارىلىنىپ،مېڭەڭ سىلكىنىپ كېتىپتۇ،ئىسىت!
-توۋا....سىلە ئاخشام تېخى نوزۇگۇم ئىدىلغۇ؟
-مەن قاچان ئۆزۈمنى نوزۇگۇم دىدىم؟ئادەمنى قورقۇتما!
موماي راستىنلا ھەيران قالغان ئادەمدەك ياقىسىنى چىشلەپ،غوجا ئابدۇل ئەخەتكە ھەيرانىلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ كەيپى ئۇچتى.
-ھە ماقۇل،مەن ساراڭ بولاي،سىلە كىم ئۇنداقتا؟
-مايسىخان!
-خا-خا!مايسىخان دىسىلە،توۋا....
-شۇنداق يەتتە قىزلار ئەركىسى.يالقۇنتاغنىڭ ئەركىسى-------مايسىخانمەن!
-كۈندە بىردىن ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىكەنلا ھە،مايسىخان!
-تېرىكىمدە ئېتىم مايسىخان،ئۆلسەممۇ شۇنداق،ئۆزگەرگىنىم يوق!
-مايسىخان....ئاغىلىرىغا كەلگەن ئىسىمدىن بىرنى تېپىپلا قويىۋاللا دىسە،مايسىخان دەپ!ئالتۇنخان،گۆھەرخان دەپ مۇنداق چىرايلىق ئىسىملارنى تاپماي.....
-چاڭ!....
قاتتىق ئۇرۇلغان كاچاتتىن غوجا ئابدۇل ئەخەت ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى.يەرگە يېقىلىپ،قولى ۋە بېقىنى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى.
-مىنى...نىمىشقا ئۇرىلا؟!
-ھۇ لامىزەللە!تېپىۋالغان ئىسىم دەيسەنغۇ؟!مەن مايسىخاننى ئۇيغۇر ئېلىدە تونۇمايدىغىنى يوق!مەن سېنى ھىلىمۇ ئاياپ قويدۇم،ئەسلى ئېغىزىڭنى يىرتىۋىتەتتىم!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئېچىشىپ ئاغرىۋاتقان مەڭزىنى سىيلاپ،بۇ ساراڭ موماي بىلەن تەڭ بولماسلىقىنى توغرا تاپتى.
-تۇپراق ئۈچۈن سەن ئەمەس ،جاھان ئەھلى پىدائى،
يەتتە قىزغا ئۆكسىمەس خەلقىمىزنىڭ دۇئايى.
ئارىمىزدا يەتتە قىز، يەتتە مىڭ بوپ تارالغان،
يەتتە قىزنىڭ قېنىدىن، ئويغاق خەلقىم يارالغان.
يەتتە دىگەن ساناقنى، مىليون بارماق سانايدۇ،
ھەر ساناقتا يەتتە قىز ،بارماقلاردىن مارايدۇ.
شېھىت بولغان يەتتە قىز ،يەتتە مۇشتنى ئاتقاندا،
جازا بەرسۇن خۇدايىم يەتتە قىزنى ساتقانغا.....
موماي ئۆزى بىلەن ئۆزى شۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇۋاتاتتى.<يەتتە قىز>دىگەن گەپنى ئاڭلىغان غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ كاللىسىغا دەرھال ئۈچتۇرپاندا قەۋرىسى بار،قەھرىمان يەتتە قىزلىرىم كەلدى.گەرچە ئۇ يەتتە قىزلىرىم دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باققان ،دەرسلەردە قىستۇرمار قىلىپ ئانچە-مۇنچە سۆزلەنگىنىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى،قانداق ياشاپ،قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى زىنھار بىلمەيىتتى.
-مايسىخان ئاچا،سىلىدىن سوراپ باقاي،يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئىسمى نىمە؟
-ياخشى سورىدىڭ،قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا!
سۆزى شېرىن،ئىستىداتلىق مايسىخان!يەنى مەن!
چېچەن،سۆزمەن،نازى پەرى غۇنچە قىز!
مۇڭلۇق،ئويچان،شائىرەمىز دىلبەرقىز!
ھۆسنى ئايدەك،مەڭزى گۈلدەك زۆھرەگۈل!
زىلۋا بويى،شەمشاد كەبى قەمبەرنىسا!
بۇلاق كۆزلۈك،مىھرى ئاتەش گۇلئايىم!
ئەركە تايدەك،غەزەلخانىم ئەختەرنىسا!
موماي ھەربىر قىزنىڭ ئىسمىنى ئېيىتقاندا،بەدەن ھەركىتى ۋە چىراي تۈسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ ئېيتاتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت موماينىڭ بۇگەپلەرنى راسىت دەۋاتامدۇ ياكى توقۇۋاتامدۇ ھىچ جەزىم قىلالمىسىمۇ،موماينىڭ بۇ روھىي ھالىتىدىن ئۇنىڭ چاقچاق قىلمايۋاتقانلىقنى ھىس قىلغان ئىدى.
-ھە....مۇنداقكەندە،شۇنداق بولسىمۇ مىنى ئۇرمىسىلا بولاتتى،بىلمەسلىك گۇناھ ئەمەس.
-باشقا ئىشنى بىلمەسلىك گۇناھ بولمىسىمۇ،سەندەك توي قىلىش يېشىغا يەتكەن بىر يىگىتنىڭ،ساۋاتلىق يىگىتنىڭ ئۆز مىللىتىدىكى داڭلىق شەخسلەرنى بىلمەسلىكى بەك ئېغىر گۇناھ!
غوجا ئابدۇل ئەخەت يەنە نىمە دېيىشىنى بىلمىگەن بولسىمۇ،بايا يىگەن كاچاتنىڭ توغرا تاپتى....
-مايسىخان ئاچا،ماڭا ئۆزۈمنىڭ ۋەزىپەم توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىلە؟
چۈشلۈك تاماقتىن كىيىنكى چەكسىز سۈكۈتكە كۆنەلمىگەن غوجا ئابدۇل ئەخەت،موماينى ئېغىزنى كورچىلىدى.
-ساڭا دىدىمغۇ،سەن يەرشارىنىڭ تىنىچلىقىنى قوغدايسەن!
-تېخىمۇ كونكىرىتراق بىلسەم بولامدۇ؟
-ھە،بۇنىڭدا سىنىڭ ئىپادەڭگە قارايمىز.
-قانداق ئىپادەمگە؟
-تۈنۈگۈن ئۈگەنگەن نەرسىلەرنى دەپ بەر!
-چاتاق يوق!
غوجا ئابدۇل ئەخەت سېيىت نوچى داستانىنى ئاھاڭغا سىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى.موماي مەمنۇنلۇق بىلەن ئاڭلىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن،موماي ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىنى ئېيتىپ بەردى:
-سېنىڭ ۋەزىپەڭ:ئۆتەڭلەردىكى،باغچىلاردىكى،چەت جايلاردىكى ھاجەتخانىلارنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش!
-نىمە دىلە؟!ھاجەتخانىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش؟!
-شۇنداق!
-خا!سېيىت نوچىنىڭ بەش قوۋۇرغىسىنى چىقىرىۋەتكەن،چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قولىنى سۇندۇرۋەتكەن،چىنگىزخان بىلەن ئاكا-ئۇكا بولۇشقان،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ قوشۇنىنى چىكىندۈرگەن چىمچىلاق باتۇرنىڭ ۋەزىپىسى ھاجەتخانا قوغداشمۇ؟
-شۇنداق!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئويلىغانسىرى ئۆزىنى ئەخمەق بولغاندەك،بىر ساراڭ موماينىڭ گىپى بىلەن بىمەنە خىياللارنى،بىمەنە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەندەك ھىس قىلدى.
-مەن ئۇنداق <ئۇلۇغۋار>ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەكمەن!
-سەن چوقۇم چىقالايسەن!
-مايسىخان ئاچا،ھازىر جەمىيەت مۇقىملىقنى ساقچىلار ئوبدان ساقلاۋاتىدۇ،مىنىڭ ساقلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق!
-ساقچىلار ئۇيەرلەرگە بەك بېرىپ كەتمەيدۇ،شۇنداق يەرلەردە ھەرخىل جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بار،سەن دەل شۇنداق كىشلەرگە تاقابىل تۇرىسەن!
-ئۇنداقتا مىنىڭ تارىخىم نىمىگە ھىساپ؟!مەن ئاخىرى بېرىپ ھاجەتخانىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغان باتۇر بولۇپ قالدىممۇ؟
-سەن ھاجەتخانىنى قوغدىمايسەن،ھاجەتخانىدا جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رەزىل كىشىلەرگە تاقابىل تۇرىسەن!
-ئۇ يەردە خەتەرگە يولۇققانلار ساقچىغا تىلفۇن قىلسا بولىدىغۇ؟
-ھۇ قاپاقباش،ئاڭلاپ تۇر!
سەن ھاجەتخانىغا كىرىدىڭ،ئارقاڭدىن بېشىغا پايپاق كىيىۋالغان مەلئۇنىدىن بىرسى گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇرۇپ،ھەممە پۇلۇڭنى ئېلىۋالسا سەن ساقچىغا قانداق مەلۇم قىلىسەن؟
-بۇ....
-يەنە بار.سەن ھاجەتخانىدا يانفۇن ئويناپ ئولتۇرساڭ،بىرسى قولۇڭدىن تىلىفۇننى ئېلىپلا قېچىپ كەتسە،سەن قانداق مەلۇم قىلسەن؟!ئۇ قاچمىغان تەقدىردىمۇ سەن ھاجەت قىلىۋاتقاندا ھىچنىمە قىلالماي قالىسەن،بەلكىم ئۇ سىنىڭ ھاجەت قىلىۋاتقان ھالىتىڭنى ئۆزۈڭنىڭ تىلفۇنۇڭ بىلەن رەسىمگە تارتىۋىلىپ،ساڭا تەھدىت ئىشلىتىپ پۇل ئۈندۈرىشىمۇ مۇمكىن،يەنە تېخى........
موماي ھاجەتخانىدا يۈز بېرىدىغان تۈرلۈك جىنايى ھەركەتلەرنى خۇددى كونا جىنايى ئىشلار ساقچىسىدەك ئەستايىدىللىق بىلەن،ھەرخىل ئىھتىماللىقىنى قويماي سۆزلەپ كەتتى.....
-ۋاي بولدى قىلسىلا مايسىخان ئاچا!ھاجەتخانىنىڭ گېپىنى قىلىۋەرمەي!
-قانداق؟ۋەزىپەڭنىڭ ئىنتايىن موھىم ھەم خەتەرلىك ئىكەنلىكنى بىلگەنسەن؟
-بىلدىم،بىلدىم.بەك موھىم ئىكەن،بولدىمۇ؟
-بۇ گىپىڭدىن سىنىڭ يەنە چۈشەنمىگەنلىكىڭ ھەم ھەقىقى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىڭ چىقىپ تۇرىدۇ،مەن قايتا دەپ بېرەي ھە....
موماي بايا تېخى دەپ بەرگەن دىلو مىساللىرىنى يەنە قايتىلاپ سۆزلەشكە باشلىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت يا كۈلەلمەي يا رەنجىيەلمەي ئولتۇرۇپ قالدى.
-بوپتۇ،ھازىرغۇ شۇنداق ۋەزىپەم باركەن،بۇرۇنچۇ؟
-سېنىڭ ئەزەلدىن مۇشۇ بىرلا ۋەزىپەڭ بار!
-ئاشۇ پالۋانلارنى يەڭگەن دەۋرىمدىمۇ شۇنداقمىدى؟
-شۇنداق،سەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە،سەن ھاجەتخانىنى 846يىل ساقلىدىڭ،يەنە داۋاملىق ساقلايسەن!
-ئۇنداقتا مىنىڭ ئالاھىدە تارىخىم ۋە شانلىق نامۇ-شۆھرىتىمنىڭ نىمە ئەھمىيتى بولسۇن؟!
-قانداق ئەھمىيتى بولمايدۇ؟!بۇ ۋەزىپە ئىنتايىن موھىم ھەم شەرەپلىك،دۇنيادا پەقەت ئىككى ئادەملا مۇشۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ!
-ئىككى ئادەم؟!
-شۇنداق!
-بىرسى مەن يەنە بىرى سىلىمۇ؟
-ياق،يەنە بىرى مەن ئەمەس!
-سېيىت نوچىمۇ؟
-ياق!
-چىن تۆمۈر باتۇر؟
-ياق!
-چىنگىزخان!
-ياق!
-ئىسكەندەر!
-ياق!
-ئەمىسە كىم؟
-ئۇ ھازىر يەرشارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە يەرشارىنىڭ تىنىچلىقىنى قوغداۋاتىدۇ،ئۇ سېنىڭ ھەم ساۋاق ئاكاڭ چۆچۆرە باتۇر!
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ بېشى پۇررىدە قايغاندەك بولۇپ كەتتى.ئۇ بۇدۇنيادا ئۆزىدەك ئەخمەق.ئۆزىدەك نادان ئادەمنىڭ يەنە بىرسى بارلىقىغا زادىلا ئىشەنمەيىتتى.
-چۆچۆرە باتۇر دىسىلە،ھەجەپ ئىشكەن ھە!
-شۇنداق!
-قۇرۇق گەپ!
-ئىشەنمىسەڭ مەيلى!ئۇ ھازىر يەرشارىنىڭ غەربىدە ئىزچىل ئاشۇ مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ!
-ھاجەتخانا قوغداش ۋەزپىسىمۇ؟
-دەل توغرا!
-رەھمەت،بىلدىم،ئەمدى مەن ئارام ئالاي!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۆزىنى تەستە بېسىۋىلىپ،كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.<قۇرۇپ كەتسۇن مىنىڭ ئۇ چەك باسمايدىغان كىملىكىم!بىمەنە تارىخىم!قۇرۇق ھەمساۋاق ئاكام ۋە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان ۋەزىپەم!>غوجا ئابدۇل ئەخەت ساقىيىپ كەتكەندىن كىيىن،موماينى ھەرگىز ئىزدىمەسلىك ھەم ئۇنىڭ گىپىنى قەتتى ئاڭلىماسلىق قارارىغا كەلدى......
17-باپ. تەستە ئۆتكەن سەككىز كۈن
غوجا ئابدۇل ئەخەت موماينىڭ ئۆيىدە سەككىز كۈن تۇرۇپ قالدى (يەنى دەم ئېلىشتىن يىغىلىپ،ئىككىنجى كۈنىگىچە).بۇ سەككىز كۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ مۇشەققەتلىك ھەم بىمەنە سەككىز كۈن بولدى.چۈنكى بۇ سەككىز كۈن ئىچىدە موماينىڭ ئىسمى سەككىزخىل ئۆزگەردى.
دۈشەمبە كۈنى.
موماي تۇمارىس بولۇپ قالاتتى.
-توۋا،سىلە قانداق بولۇپ تۇمارىس بولۇپ قاللا ئەمدى؟
-مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ تۇمارىس!
-تۇمارىس دىسىلە،ئۆزلىرىنىڭ تارىخلىرىنى سۆزلەپ باقسىلا ئەمىسە!
-خوش،قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا چىمچىلاق باتۇرۇم!
-ئوبدان!
-مەنكى تۇمارىس خېنىم،جەڭگە چىقۇرمەن!
ئاتام ھەققى،يۇرتۇم سۆيگى بولغاچ دىلىمدا.
ئەركەكلەردىن قېلىشمايدۇ غورورۇم مىنىڭ،
ئوغۇز روھى سىڭىپ كەتكەچ روھىم قېنىمغا....
لاتاپىتىمدىن ئاي-كۈنمۇ خېجىل بولۇپ مۆكەتتى،قەھرى-غەزىۋىمدىن ياۋلار قىقاس سېلىپ قاچاتتى،قولۇمدا قىلىچ،ئاستىمدا تۇلپار،كەيخىسراۋنىڭ لەشكەرلىرى دىرىلداپ،شامالدىكى ساماندەك لىغىلداپ كىتىشەتتى.....
-ۋاھ!سىلە ئاشۇ ئايال خاقان تۇمارىسكەنلىدە؟!
-دەل تاپتىڭ!ئەمدى سەن دەپ باق!
-نېمىنى؟
-مىنىڭ تارىخىمنى!
-توۋا دىسىلە،مەن قانداق دىيەلەيمەن شۇنچە ئۇزۇن تارىخىنى؟!
-دىيەلمىسەڭ مەن يەنە قايتا دەپ بېرىمەن!مەنكى تۇمارىس....
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئامالسىز مومايدىن تۇمارىس ھەققىدىكى داستانلارنى ئۈگۈنۈپ ئۇنىڭغا يادىلاپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.....
سەيشەمبە كۈنى.
موماي ئاماننىساخان بولۇپ قالاتتى.
-ناخشا ئوقۇيالامسەن چىمچىلاق باتۇر؟
-ئاھاي...ئەتىگەندە توۋا دىسىلە!تېخى ناشتا قىلمىغاندا!
-ناشتا قىلىش بىلەن ناخشا ئوقۇشنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
-مۇناسىۋىتىغۇ يوق...
-ئۇنداقتا ناخشا ئوقۇپ باقە!
-مەن....قايسى ناخشىنى ئوقۇپ باقاي؟
-خا-خا-خا!يارايسەن!ئېراق مۇقامىنىڭ چوڭ سەلىقە قىسمىدىن بىر كەلىمە،قېنى ھە!
-نىمە؟!نىمە پەلىقە؟!
-تۈفى زۇۋانىڭغا قاپاقباش!12مۇقام ئىچىدىكى ئېراق مۇقامىنىڭ چوڭ سەلىقە قىسمىدىن دەۋاتىمەن!
-توۋا دىسىلە،تۇمارىس خېنىم!بۇ ئىسىملارنى ھاياتىمدا ھازىر ئاڭلىدىم تېخى،ئوقۇش دىگەن مۇمكىن ئەمەس.
-كىم تۇمارىسكەن ھەي ئېشەك!
-ئاپلا دەيمەن....سىلە تۇمارسى بولماي كىم ئەمىسە؟
-مەن تۇمارىس دىگىنىڭنى بىلمەيمەن،ئىسمىم ئاماننىساخان،تەخەللۇسۇم نەفىسە!
-توۋا....ھە بوپتۇ ئاماننىساخان دەپ تۇرىلى.
-ئەمدى ئوقۇ!
-نېمىنى؟
-راك مۇقامىدىن....
-ئاھ خۇدا!ماڭ رەھىم قىلسىلا دەيمەن،مەن نىمە بىلىمەن ئۇ مۇقامنى ئوقۇشنى؟
-سەن نىمىشقا بىلمەيسەن؟سەن بىلمىسەڭ،سەندىن كىيىنكىلەرمۇ بىلمىسە،ئۇنى كىيىن كىم بىلىدۇ؟
-ۋاي تۇمارىس ...ياق ئاماننىساخان ئاچا،ئون ئىككى مۇقام دىگەننى ھەممە ئادەم ئوقۇيالايدىغان نەرسە ئەمەستۇ؟ئۇنىڭ ۋەزنى خېلى بار،داڭقى چىققان ناخشا چولپانلىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ ئون ئىككى مۇقامنى ئوقۇيالايدىغانلار ساناقلىق تۇرسا!
-ئۇنداق بولسا ئۇلار ناخشىچى ئەمەس رەققاسكەن!
-نىمە ئۇ رەققاس دىگەن؟
-بەزمىلەردە قۇرۇق كاركىراپ،بەللىرىنى تولغاپ كۈن ئالىدىغانلار!
-ئاھاي....ئون ئىككى مۇقامنى تولۇق،ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇش مىنىڭچە بەك تەس!
-ۋايىغا يەتكۈزمىسەڭمۇ مەيلى،ئاھاڭغا سېلىپ بىر ئوقۇپ باقە!
-مەن ئوقۇيالمايمەن!
-پوق يە ئۇنداق بولسا!
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى.
-مەن پوق يىسەم سىلىچۇ؟سىلە ئوقۇيالايدىغان ئوخشىماملا؟
-خا-خا!دەل تاپتىڭ.مەن دەل ئون ئىككى مۇقامنى بىر ئۆمۈر رەتلىگەنمەن!توختاپ تۇر ھە!
موماي دىكىلداپ يۈگۈرۈپ كىرىپ،قولىغا بىر ساتارنى ئېلىپ چىقتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى.
-قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا!ھە راسىت قايسىنى چالاي!
-ھە...ئاشۇ سىلە بايام دىگەن پەلىقە،سەلىقەنى!
-تۈفى ئېشەك!چوڭ سەلىقە دە!
-ھە،شۇنى!
ساتار يېقىملىق مۇڭ تۆكۈشكە باشلىدى...
بۇ ئەلدە باردۇر ئىككى مەھىيپەيكەر،
بىرى قەندۇ بىر شەھدۇ شەكەر.
بىرىنىڭ ئارەزى خۇرشىدى تابان،
بىرىنىڭ كۆزلەرى كۇففارى خەيبەر....
غوجا ئابدۇل ئەخەت سېھرى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىچىگە چۆكۈپلا كەتتى.موماينىڭ ئاۋازى شۇنچە يېقىملىق ھەم سۈزۈك ئىدى....
-توۋا....سىلە زادى كىم ؟
-ئاماننىساخان!
-سىلە بۇ مۇقامنى نەدىن ئۈگەنگەن؟
-ئۆزۈم ئۆگەنگەن!
-يالغان!
-نېمىشقا يالغان؟!ھازىر ئاڭلىغانسەن ئوقۇغىنىمنى؟
-بۇ....
غوجا ئابدۇل ئەخەت يەنە نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.موماي ئۇنى مەڭسىتمىگەن ھالدا خىرقىراپ كۈلۈپ كەتتى.
-كۈلمىسىلە!سىلە ئوقۇغان بىلەن مەن چۈشەنمىدىم،بەلكىم سىلىمۇ نىمە دەۋاتقانلىقلىرىنى بىلمەيلا ھەقىچان!
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگۈدىن چۈشكۈسى كەلمەي قالدى.لىكىن موماينىڭ جاۋابى ئۇنى يەنە تەسلىم قىلدى.
-ئاڭلا قاپاقباش!بۇ ئەلدە ئىككى ئاي يۈزلۈك باردۇر،بىر قەندەك يەنە بىرى ھەسەل بىلەن شىكەردەك.بىرىنىڭ چىرايى نۇرلۇق قۇياشتەك،يەنە بىرىنىڭ كۆزلىرىنى قاپقارا.....
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستىنى مومايدىن ئۈگۈنۈپ يادىلاپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.ئۇ شۇنچە كۈچەپمۇ ئاران ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يەشمىسىنى ئۆتكۈزۈپ بىرەلىدى.....
چاشەمبە.
موماي نوزۇگۇم بولۇپ قالاتتى.
-ئاماننىساخان خانىش،ئوڭ قۇلۇمنىڭ بېغىشى يەنە ئاغرىۋاتىدىغۇ؟
-كىم ئاماننىساخانكەن قاپاق!
-ھەي....سىلە كىمۇ؟
-مەن نوزۇگۇممەن!
-نوزۇگۇم؟!
-نەق ئۆزى!
-ھا-ھا-ھا!
-نېمىگە كۈلىسەن؟
-كۈندە بىرخىل ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىكەنلا ھە؟
-ھۇ ئېشەك!مەن ئەزەلدىن نوزۇگۇممەن!
-نىمانداق تىللايلا مىنى؟
-تېخى ئۇراتتىم سېنى!
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئېسىگە ئۆتكەندە موماينىڭ مايسىخاننى بىلمىدىڭ دەپ ئۇرغىنى كەلدى دە،ھوشىنى يىغىۋالدى.
-مەن ئېزىپتىمەن!نوزۇگۇم ئاچا!
-ماۋۇ گېپىڭ بولىدۇ.لىكىن مەن سىنىڭ ئاچاڭ ئەمەس!
-ئوبدان.ئۆزلىرىنىڭ تارىخىلىرىنى دەپ بېرىلا ھەقىچان،مەن يەنە سىلىگە دەپ بېرىمەن،شۇنداقمۇ؟
-بېشىڭدىن تاياق ئوشتۇپ قوياي چىمچىلاق باتۇرۇم!بارغانسىرى ئەقلىڭگە كېلىپ قاپسەن جۇمۇ!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئېغىزىدىن بالاغا قېلىپ،نوزۇگۇمنىڭ تارىخىنى قايتا-قايتا ئاڭلاشقا ۋە مومايغا تولۇق يادىلاپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى......
گەپنى يىغساق،غوجا ئابدۇل ئەخەت موماينىڭ ھەركۈنى بىردىن كىملىكى ئۆزگۈرۈپ قالدىغانلىقىنى ھەم قايسى كۈنى قايسى كىملىك بىلەن يۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ،سادىر پالۋاننىڭ،ئافراسىياپنىڭ.....دىگەندەك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تارىخىنى بىلىشكە،يادىلاشقا مەجبۇر بولدى....
-چىن تۆمۈر باتۇر دىگەن بىر ئوۋچى ئىدى،كۈچلۈك ھەم تەدبىرلىك.ئۇ موڭغۇللار بىلەن پەرەڭلەر بىلەن جەڭ قىلغان.جەڭدە ئۇنىڭغا ئۇچارۇ-قۇشلار،جانۇ-جانىۋارلار ھەمدەمدە بولغاچ،بېشىدا شۇڭقۇپ يۈرگەن بۈركۈتلەرنى،نەررە تارتىپ كەلگەن شىر-يولۋاسلارنى كۆرۈپ،موڭغۇللار ئۇنى<جادۇ-سېھىركەشكەن!>دېيىشكەن،پەرەڭلەر<ئۇ بارچە ھايۋاننىڭ تىلىنى بىلىدىكەن>دىيشىكەن.
-ۋاھ!مۇنداق ئىشمۇ باركەن دەيلى،ئۇنداقتا چىن تۆمۈر باتۇردا شۇنداق بىر خىسلەت باركەندە؟
-ھۇ قاپاقباش ئېشەك! ئەمەلىيەتتە ئۇلار چىن تۆمۈرنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان بىر ئاددى ئوۋچى ئىكەنلىكىنى نەدىنمۇ بىلسۇن!خا-خا!
................................................................................................
-سادىر پالۋان يولۋاس بىلەن ئېلىشقان!ئۈچ مېتىر كىلىدىغان تەڭرىتاغ يولۋىسى بىلەن!
-ۋۇسۇڭ پالۋاننى دەۋاتاملا سادىر پالۋاننىمۇ؟
-ھەي ساراڭ!ۋۇسۇڭ دىگەن شەندۇڭلۇق نوچى!ئۇ جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس ئۆلتۈرگەن!مەن سادىر پالۋاننى دەۋاتىمەن!تەلكە تېغىدا!جىڭياڭدا ئەمەس!
-تەڭرىتاغ يولۋىسى تەلكىنىڭ داۋىنىغا قانداق كىلەلەيدۇ؟
-پۇتى بىلەن مېڭىپ!
-ھە....مەن تېخى ئۇچۇپ بارىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.كىيىن قانداق بوپتىكەن؟
-يېشى بىريەرگە بېرىپ قالغان سادىرنى يولۋاش بوش كۆرۈپ،ھۆركىرەپ قالغانلىقىغا تويۇپ،ئېغىز-بۇرنى قان بولغان....
مۇشۇنداق غەيرى داستان،چۆچەك،ناخشا-غەزەل ئىچىدە غوجا ئابدۇل ئەخەت سەككىز كۈننى تولىمۇ تەستە ئۆتكۈزۈپ،قولى ۋە بېلىدىكى تېڭىق ئېلىنغاندىن كىيىن،موماينىڭ ئۆيىدىن خۇددى چايانلىقتىن قاچقاندەك قېچىپ چىقىپ،مەكتەپكە قايتىپ كەلدى......
18 -مەكتەپتىكى كۈنلەر
غوجا ئابدۇل ئەخەت مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن بېرى،ئۆزىنى تولىمۇ ئەركىن ھەم ئازادە ھېس قىلدى.نورمال تۇرمۇش،نورمال ئادەملەر،نورمال گەپ-سۆزلەر ئۇنىڭغا تولىمۇ خۇش ياقتى.لىكىن،ئۇ ياتاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا كۆپ قېتىم كۈلكىگە قالدى.
-دادىن(داردىن) قاچقىنىم يالغان،جادىن(يالغاندىن) قاچقىنىم راستتۇر،
ماڭا كۆيەكنى چىڭ سالغان،خۇشمى كەرەم قەلەم قاشتۇر.....
ئۇ قايتىپ كەلگەن كۈنى كېچىسى جۆيلۈشكە باشلىدى.
-ۋوي،نىمە دەۋاتىدىسەن غوجا ئابدۇل ئەخەت؟!
-توۋا...ئاغرىپ قېلىپ قوشاقچى بولۇپ كەتتىمۇ نىمە بۇ ئاداش؟!
-ئويغۇتىۋىتەمدۇقيا،قارا بېسىپ قالمىغاندۇ؟!
ياتاقداشلىرى شۇنداق دېيىشكىنى بىلەن ھېچقايسى ئۇنى ئويغۇتىۋەتمىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت يەنە بىرنىمىلەرنى غىڭشىۋاتاتتى:
يارنىڭ غەمىدىن ،ھەجىر ئەلەمىدىن،
سەبىر كەمىدىن،نالەيۇ فەريات.
بابۇرى بىدىل،ئەي بۇتى قاتىل،
جەۋرۇڭغا مايىل،زۇلمۇڭغا مۇئىتاد.....
-توۋا،نىمىلەرنى دەيدۇ ھەي باللا ماۋۇ!
-خا-خا!مەن مۇنداق غەيرى جۆيلۈيدىغان بىرسىنى كۆرۈپ باقماپتىكەن!
-سەھرالىق دىگەن يەنىلا سەھرالىق ھە،جۆيلىشىمۇ سەھراچە....
شۇنداق،غوجا ئابدۇل ئەخەت چۈشىدە مومايغا داستان،چۆچەك،مۇقام ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتاتتى.ئەتىسى ياتاقداشلىرىنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىلىرى ۋە كۆپتۈرۈپ دوراشلىرى ئۇنى بەكمۇ خىجىل قىلدى،ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى،ئەتىسى يەنە شۇنداق بولدى،ئۆگۈنىمۇ ھەم.....غوجا ئابدۇل ئەخەت ئامالسىز ھەممەيلەن ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇخلاشقا مەجبۇر بولدى....
ئەمدى گەپنى غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىغا توغۇرلايلى:
-توۋا،نەگە كەتتىڭ سەن غوجا ئابدۇل ئەخەت؟!
-بىز بەك ئەنسىرىدۇق سەندىن...
-ئەنسىرەشكەن بولساڭ مىنى ئىزدەشمىدىڭغۇ؟!
غوجا سىيىت ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-نىمە دىدىڭ؟!ئىزدەشمىدىڭ؟!سېنى ئىزدىمەي قالاتتۇقمۇ؟!گەپ قىلە غوجا موللاق!
-بىز ھېلىقى جىدەلدىن ئاران قۇتۇلۇپ،بىزنى ماشىنىغا ئىلىپ كەتكەن ھەدىمىزنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىغا باردۇق،يارىلىرىمىزنى تاڭدۇرۇپ،تۈزۈك داۋالانمايلا يەنە ھېلقى بىز تاياق يىگەن نەق مەيدانغا باردۇق،قارىساق ئۇ يەرگە ساقچى يېغىپ كىتىپتۇ،قورقۇپ يېقىن بارالمىدۇق،تۇتۇلغانلارنىڭ،يارىدارلارنىڭ ئارىسىدىن سىنى تاپالمىدۇق،شۇ كىچە ئۇخلىيالمىدۇق!
-ھە،يەنىچۇ؟
-ئەتىسى ھېلىقى ھەدىمىزنى ئىزدەپ سىنىڭ دېرىكىڭنى ئالماقچى بولىۋىدۇق،بىز يا ئۇنىڭ نۇمۇرىنى يېزىۋالماپتۇق،ئىسمىمۇ يادىمىزدا يوق،شۇنىڭ بىلەن قارىغۇلارچە ساقچىخانىلارغا،دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئايلىنىپ يۈردۇق،چۈشتە بىر ئاشخانىدا تاماق يەۋاتساق،ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ھېلىقى ئۈچ چىشى بار موماي يىنىمىزدا پەيدا بولۇپ قالدى.ئاندىن بىزگە تەپسىلى قارىۋەتكەندىن كىيىن،<ئىككىڭ تېخى ئۆلمىدىڭما؟!>دەيدۇ دىگىنە!بىز نىمە دىيىشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق.ئۇ بىزنى خۇددى مالنى تەكشۈرگەندەك يۈز-كۆزلىرىمىزنى،پۇت-قوللىرىمىزنى تارتقۇشلاپ كۆرىۋەتكەندىن كىيىن،<قوڭاڭنى قسىپ يۈرۈش،ئوقۇشۇڭنى ئوبدان ئوقۇش!>دەپ كەتمەكچى بولدى.
بىز ئۇنىڭدىن سېنى سورىدۇق.ئۇ سەندىن خاتىرجەم بولۇشنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى.بىز شۇنچە ئەگىشىپمۇ،قوغلاپ يۈرۈپمۇ ئۇ ساراڭ مومايغا يېتىشەلمەي يوقىتىپ قويدۇق...
غوجا موللاق موماينى <ساراڭ>دىگەندەك غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ نمىشىقىدۇر ئاچچىقى كەلگەندەك بولۇپ قالدى.غوجا موللاق ئۇنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلماي سۆزىنى داۋام ئەتتى.
-شۇنىڭ بىلەن ئۆيۈڭگە تىلىفۇن قىلىپ سىنى سۈرۈشتە قىلدۇق،داداڭ<غوجا ئابدۇل ئەخەت مومىسىنىڭ ئۆيىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىدۇ>دىگەندىن كىيىن يۈرىكىمىز جايىغا چۈشتى،ئىش مانا مۇشۇنداق!
غوجا ئابدۇل ئەخەت دوستلىرىغا مىننەتتارلىق بىلەن قاراپ كۈلۈپ قويدى.غوجا سىيىت توساتتىن سوراپ قالدى.
-ئاداش،سىنىڭ ناھىيدە موماڭ بارمۇ؟
-ھە....مومام ئەمەس،بىزنىڭ بىر تۇققىنىمىز ئۇ.
-ھېلىقى ئۈچ چىشلىق ساراڭ موماي ئەمەستۇ؟
-نىمانداق باشقىلارنى بىكاردىن بىكار ساراڭ دەۋىرىسەن؟!
-دىمىسەممۇ ئۇ بىر ساراڭ مومايغۇ؟!جىندەكلا سەت ھەم پەلىپەتىش!
-سەن!...
غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ مۇشتۇمى غوجا سىيىتنىڭ بۇرنىنىڭ تۈۋىدە توختاپ قالدى.توختاپ قالدى ئەمەس،غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۆزىنى مەجبۇرى بىسىۋالدى دىسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.دوسىتلىرى ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ھەيران قالدى.
-خاپا بولما غوجا سىيىت!بىراۋنى بىكاردىن بىكار ھاقارەتلىسەك،تىللىساق ياخشى بولمايدۇ،بولۇپمۇ ئۇ يوق يەردە!
-گىپىڭغۇ توغرا،لىكىن...لىكىن سەن ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟!ئۇ موماي بۇرۇن سىنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتكەنغۇ؟
-شۇنداق،لىكىن ئۇ ماڭا كۆپ ياردەممۇ قىلغان.
-ھە؟!
-ئاشۇ موماي ساڭا جىق ياردەممۇ قىلغانمۇ تېخى؟!
غوجا سىيىت،غوجا موللاق ئاجايىپ بىر خەۋەرنى ئاڭلىغاندەك ھەيران قېلىشتى.
-شۇنداق،بەك جىق ياردەم قىلغان،بەك جىق....بەك ئىچىمنىمۇ سىقىۋەتكەن!
-دىمەك سەن ئۇ موماينى تونۇيدىكەنسەن دە؟!
-بۇرۇن تونىمايتىم،كىيىن تونۇشقا تېرىشتىم،توختىماي تونۇۋاتىمەن....
-نىمە دەيدۇ ھەي ماۋۇ،نىمانداق غەيرى گەپلەرنى قىلىسەن؟!ئىسمى نىمە ئۇ موماينىڭ؟!
-ئۇنىڭ ئىسمى....ئۇنىڭ ئىسمى....بۈگۈن كۈنگە نىمە؟
-پەيشەمبە!
-ئۇنداق بولسا ئۇنىڭ ئىسمى مايسىخان!
-ھە..مايسىخان دە،ئۇ سېنىڭ تۇققىنىڭمۇ؟
-........
-گەپ قىلمامسەن؟
غوجا ئابدۇل ئەخەت نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى زادىلا بىلەلمەي،جىمغىنا تۇرىۋالدى.دوستلىرى ئۇنىڭدىن بىرقانچە قېتىم سوراپ جاۋاپ ئالالمىغاندىن كىيىن،كەيپى ئۇچۇپ باشقا گەپلەرگە چۈشۈپ كەتتى....
-سەن خېلى قاتتىق تاياق يەپ كەتكەن،ھېچ بىر يىرىڭ يارىدار بولغاندەك ئەمەسقۇ؟
-داۋالاندىم.
-نەدە؟
-ئۆيدە.
-ھە.....موماڭنىڭ ئۆيىدىمۇ؟
-ياق.
-ئۇنداق بولسا قايسى ئۆيدە داۋالاندىڭ؟
-مەن....بولدىلا،باشقا گەپلەرنى قىلىشايلى،شۇ ئىشلارنى پەقەت ئويلىغىم يوق!
ئۇلارنىڭ پارىڭى زادىلا قولاشماي،ئاخىرى كۆڭۈلسىز تاراپ كېتىشتى...
غوجا ئابدۇل ئەخەت ياتاققا قايىتقاندىن كىيىن،چوڭقۇر ئويغا پاتتى.<مەن نىمىشقا ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ تۇرۇپ يەنە ئۇنى بىرسى ھاقارەتلىسە ئاچچىقىم كىلىدۇ؟!ئۇنى نىمىشقا مومام دىگۈم كەلمەيدۇ؟!دوستلىرىمغا ئەھۋالنى دەيمۇ دىمەيمۇ؟!....>ئۇ ئۆزىگە مۇشۇنداق سۇئاللارنى قويۇپ،تولىمۇ تەستە ئۇخلاپ قالدى.ئۇخلاپلا چۈشىدە يەنە بىلىم ئىلىش،بىلىم <ئۆتكۈزۈپ>بېرىشنى باشلاپ كەتتى....
بارا-بارا ئۇ جۆيلىمەس بولدى.كۈنلەرمۇ ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىدى.موماي ئۇنى قايتا ئىزدەپ كەلمىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەتمۇ بۇرۇنقىدەك تۇرمۇشىنى باشلىۋالدى.بىرلا يېرى،يامغۇر ياققان كۈنلىرى ئۇنىڭ بېقىنلىرى سەل ئاغرىيتى.ئۇ قانداقلا بولمىسۇن دوختۇرخانىغا بېرىپ،سۇنغان قوۋۇرغىلىرى ۋە باشقا دەز كەتكەن سۆڭەكلىرىنى رىنتىگىنگە سېلىپ باقماقچى بولدى.
دوختۇرخانا.رىنتىگىن بۆلۈمى.
-93-نۇمۇر!
-مانا مەن.
ئايال دوختۇرنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان غوجا ئابدۇل ئەخەت قولىدىكى تالۇن ۋە نۇمۇرنى ئېلىپ،رىنتىگىن ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
-ۋۇي،بۇ سىزمۇ ئۇكام؟
25ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بۇغداي ئۆڭ دوختۇر قىز،غوجا ئابدۇل ئەخەتنى كۆرۈپلا ۋارقىراپ كەتتى.
-سىز...سىز مىنى تونۇمسىز دوختۇر؟
-مەن...ئاۋال تەكشۈرۈش تۈگىسۇن،ئاندىن پاراڭلىشايلى.
غوجا ئابدۇل ئەخەت بۇ دوختۇر قىزنى بىريەردە كۆرگەندەك قىلدى،لىكىن ئېسىگە ئالالمىدى.تەكشۈرتۈش تۈگىگەندىن كىين،ئۇ دوختۇر قىز نەتىجىگە قاراپ تېخىمۇ ھەيران قالدى.
-توۋا....سىزنىڭ قوۋۇرغىڭىز بىرقانچە يەردىن سۇنغان ئىكەن،ھازىر ئاساسەن ئەسلىگە كىلەي دەپ قاپتۇ،ئوڭ قولىڭىزنىڭ بېغىشى ئورنىدىن يۆتكەلگەن ھەم دەز كەتكەن ئىكەن،ھازىر ئەسلىگە كەپتۇ،بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟!سىز يارىلانغانغا ئۇزاق بولسا 20كۈن بولدى،بۇنداق تىز ساقىيىپ كېتىىشىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ....
-نىمە؟!سىز مىنىڭ 20كۈننىڭ ئالدىدا يارىلانغانلىقىمنى قانداق بىلىدىڭىز ئاچا؟
-ھەي....بىر ئاخشىمى سىز ئىككى دوستىڭىز بىلەن مىنى ۋە لايىقىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جىدەلگە ئارىلىشىپ قالدىڭىز،كىيىن مەن يىگىتىم بىلەن قۇتۇلدۇق،مەن ئۇنىڭغا<ساقچىغا مەلۇم قىلايلى>دىسەم،ئۇ<ئەركىشىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماڭ!>دەپ ئادەم باشلاپ يەنە ئۇرۇشقىلى كەتتى.مەن سىلەردىن ئەنسىرەپ،بىر ماشىنا دېيىشىپ قۇتۇلدۇرغىلى كەلدىم،سىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئامال بولمىدى،ئىككى دوستىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇپ،تەكشۈرتۈپ.....
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئەمدى بۇ دوختۇر قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى ۋە ئۇنىڭغا دوستلىرى قۇتۇلدۇرغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيىتتى.
-ۋاي ئۇنداق دىمەڭ ئۇكام،رەھمەتنى مەن سىزگە ئېيىتسام بولىدۇ.ھەراسىت،سىز قەيەردە داۋالاندىڭىز؟
-مەن....مەن ئۆيدە داۋالاندىم؟
-ئۆيدە؟!سىلەرنىڭ ئۆيدە تىبابەتتىن خەۋرى بار بىرى بارمۇ؟
-شۇنداقراق.....
-ھە...مۇنداق قىلايلى،مەن ئىشتىن چۈشۈپ سىزنى ۋە دوستلىرىڭىزنى بىر مىھمان قىلىپ رەھمىتىمنى بىلدۈرۋالاي ھەم سىزنىڭ داۋالىنىش ئۇسۇلىڭىزنى ۋە جەريانىڭىزنى بەك بىلگۈم كىلىپ قالدى،مەن بىر كەسپىي تەتقىقات تىمىسى تەييارلاۋاتقان،سۆڭەك كىسەللىكلىرى توغرىسىدا،شۇڭا ماڭا يەنە بىر ياردەم قىلىپ،تەجىربىڭىزنى دەپ بېرىڭ،بولامدۇ؟
-بۇ....بولىدۇ.
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۇنىڭ يىزىپ بەرگەن تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئېلىپ،دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى.مەكتەپكە قايىتقاچ،ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن راستىنلا مۇشۇ تىما ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قالسا،نىمە دېيىشىنى ئويلىدى.<مومام تۇخۇم بىلەن شاقىداپ،ماتا بىلەن تېڭىپ ساقايىتتى دىسەم قانداق بولار؟ئۇ چاغدا ئۇ ئىشەنمەسلىكى ياكى مومىڭىز بىلەن بىر كۆرۈشەي دېيىشى مۇمكىن.تەن ساپارىم بەك ياخشى بولغاچ،شۇنداق تىز ساقىيىپ كەتتىم دىسەمچۇ؟!ياق،ئۇ دوختۇر،بۇنداق تۆتۆ گەپكە ئۇ ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ،ھەي.....>،ئۇ قانچە ئويلاپمۇ مۇۋاپىق بىر چارە تاپالماي.ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىكىنى توغرا تاپتى...........
19-ئابروي
غوجا ئابدۇل ئەخەت مەكتەپكە قايتىپ كەلدى.دوستلىرىغا دوختۇر گۇلنۇرنىڭ دىگەن گەپلىرىنىمۇ ئېيتىپ ئولتۇرمىدى،چۈنكى ئۇ گۇلنۇر بىلەن كۆرۈشمەسلىك قارارىغا كەلدى.مەكتەپتىكى قارىماققا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن،ئەمەلىيەتتە بولسا بىرخىل رامكا ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بۇرۇختۇم كۈنلەر،غوجا ئابدۇل ئەخەتنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى....
بۈگۈنكى ئەدەبىيات دەرسىنىڭ يېزىقچىلىق مەشىق قىسمىدا ئوقۇتقۇچى قەدىمكى رىم ئېمپىيىرىسىدە قۇللارنىڭ باشلامچىسى،خەلق قەھرىمانى بولغان سىپارتاك توغرىسىدا سۆزلىگەچ،ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان شەخىسلەر قاتارىدا سېيىت نوچى توغرىسىدا ئېغىز ئېچىپ قالدى.
-ساۋاقداشلار،سېيىت نوچى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىلەر؟
ئوقوغۇچىلار ئۆزئارا پىچىرلاشقا چۈشتى،نىمىشقىدۇر غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ۋۇجۇدى بىرخىل لەرزىگە كەلگەندەك،ئاجايىپ ھاياجانلىنىپ كەتتى،ئۆزىنىڭ نىمىشقا بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيىتتى.
-ئەزىزدانە قەشقەرنىڭ سېپىل تېشىدىن،شىرىن-شەربەت سۈيى بار تۈگمەن قېشىدىن،كوزىچى يار بېشىدىن.....
بىر ساۋاقداش تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ شۇنداق ناخشا توۋلاپ كەتتى،ھەممەيلەن قاقاھلاپ كۈلۈشكە باشلىدى.
-ياخشى ئوقۇدىڭىز ساۋاقداش ھەسەن!بارىكاللا!بۇ ناخشا كىمنىڭ بىلەمسىز؟
-ئۇقمايمەن،خەلىقنىڭمىكى....
-تىكىستى سېيىت نوچى داستانىدىن ئېلىنغان،مۇزىكىسى مەخمۇت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ.ئولتۇرۇڭ.يەنە كىم سېيىت نوچى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىدۇ؟
-سىيىت نوچى بەك يامان چامباشچى،لىكىن قارا قورساق،ساۋاتسىز بولغاچقا،ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئاپىرىپ بەرگەن!
-ياخشى دىدىڭىز ئالىمجان،يەنىچۇ؟
-يەنە....ئۇ قەشقەردىن ئامبالنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ،قېچىپ كىتىدۇ،كىيىن قايتىپ كىلىدىغان چاغدا بىر بوۋاي ئۇچراپ.....
ئالىمجان دىگەن بالا ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ شۇناملىق سەھنە تىياتىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.ئۇ سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرقانچە ساۋاقداش بىلىدىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ قاپاقلىرى بارغانسىرى تۈرۈلۈشكە باشلىدى،چۈنكى سىيىت نوچى ھەققىدە سۆزلىگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى ئاساسلىق گەۋدە قىلىپ سۆزلىگەن ئىدى.
-ساۋاقداشلار،ياخشى پىكىر بايان قىلدىڭلار.سېيىت نوچى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارىسىدىن چىققان بىر قەھرىمان،ئۆز نۆۋىتىدە ھەم داڭلىق راۋاپچى،قوشاقچى.كونا زاماندىكى چىرىكلەشكەن ئامبال-دوتەيلەرنىڭ دەككىسىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە بەرگەن،ئەپسۇس،ساۋاتسىز بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئاپىرىپ بەرگەن....
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئوقۇتقۇچىدىن ئۆزى كۈتىۋاتقان تارىخىنى ئۈمۈد قىلغان ئىدى،ئەپسۇس ئوقۇتقۇچى غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئۈمۈدىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ،تومتاقلا يۇقارقىدەك مەزمۇن بىلەن گەپنى يىغىنچاقلىماقچى بولدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۆزىنى زادىلا تۇتالماي قالدى.
-قۇرۇق گەپ!!!
تولۇمدىن توقماق چىققاندەك ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قالدى.
-ھازىر نىمە دىدىڭىز غوجا ئابدۇل ئەخەت؟!
-.......
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۈن چىقارماي يەرگە قاراپ ئولتۇرىۋالدى.ئۇنىڭ ئارقىدا ئولتۇرىدىغان شوخ قىز ساۋاقداشتىن بىرسى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن جاۋاپ بەردى.
-ئۇ بايا <قۇرۇق گەپ!>دەپ ۋارقىرىدى مۇئەللىم!
ساۋاقداشلار يەنە پاراققىدە كۈلۈپ كەتتى.ئوقۇتقۇچى سەل ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ يەنە تىزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ،غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-سىز مىنىڭ بايا دىگەنلىرىمنى قۇرۇق گەپ دىمەكچىمۇ؟
-مەن...مەن...
غوجا ئابدۇل ئەخەت نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قىزىرىپ كەتتى.ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭدىن يەنە سورىدى.
-شۇنداق دىيىشكە جۈرئەت قىلالىغانكەنسىز،چوقۇم سىز سىيىت نوچى ھەققىدە مەلۇم مەلۇماتقا ئىگە،قېنى بىزگە دەپ بېرىڭ،ئورتاقلىشىپ باقايلى!
-مەن....مەن....
ساۋاقداشلار مازاق كۈلكىسىنى يەنە باشلىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ناھايىتى تەستە ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن،چوڭقۇر بىرنى تىنىۋىتىپ ئېغىز ئاچتى.
-سىيىت نوچى ئەسلى ناۋاي ئىدى.ئۇنىڭ دادىسىمۇ،دادىسىنىڭ دادىسىمۇ ناۋاي ئىدى.دادىسنىڭ ئىسمى توختى،لەقىمى قاغا.سىيىت نوچى 1900-يىلىنىڭ بېشىدا قەشقەر كوزىچى يار بېشىدا تۇغۇلغان....
-خا-خا-خا!
-ھا-ھا-ھا!
سىنىپتىكى باشقا ئوقوغۇچىلار شۇنداق قاتتىق كۈلۈپ كەتتىكى،بەزىلىرى ھەتتا قورساق-بېقىنلىرىنى تۇتۇشۇپ ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ كەتتى.
-خەپشۈك ساۋاقداشلار!
ئويلىمىغان يەردىن ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىل ھالدا ساۋاقداشلارنىڭ كۈلكىسىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.
-سۆزلەپ بېقىڭلار دىسە ساپلا ئاڭلىۋالغان،تۇتامى يوق گەپلەرنى قىلىسىلەر،ساۋاقداش غوجا ئابدۇل ئەخەت توغرا ھەم موھىم سۆزلەرنى قىلىۋاتىدۇ،شۇڭا ئۆزۈڭلارنى تۇتىۋىلىپ،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنۇتماي،ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايلى!
سىنىپ تىمتاسلىققا چۆمدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت توختاپ قالغان ئىدى.
-داۋاملىق سۆزلەڭ،سىز توغرا دەۋەتىسىز.بۇ تارىخىنى مەنمۇ ئاڭلىغان،گەرچە ئوقۇتقۇچى بولساممۇ،بۇ جەھەتتە سىزدەك بىرنەرسە ئۇقمايدىكەنمەن،رەھمەت سىزگە،داۋاملاشتۇرۇڭ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ كەمتەرلىك بىلەن قىلغان سۆزى غوجا ئابدۇل ئەخەتكە كۈچلۈك رىغبەت بولدى.ئۇ سىيىت نوچىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن،ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا <سىيىت نوچى داستانى>نى باشلاپ كەتتى.شۇنداق،ئۇ مومايغا مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈپ بېرىپ كۆنۈپ قالغاچقا،ئىختىيارسىز ھالدا مۇشۇنداق تولۇق ئېيتىشقا باشلىدى.
قەشقەر خەلقىنىڭ پېغانلىق كۆز يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ئاققان تۈمەن دەرياسى بويىدا ،
كوزىچى يار بېشى قوينىدا،
سېيىت ئىسىملىك بىر ئەزىمەت بارلىققا كەلدى .
ئۇ شىرنىڭكىدەك كەڭ كۆكرىكى،
يولۋاس تاپىنىدەك ئالىقىنى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى .
تۆت دەرۋازىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى غېرىب - غۇرۋا ،
يېتىم يېسىرلار ئۇنى ئۆزىگە ئاشنا بىلدى.
ئۇ ئون بەش ياشقا بارغاندا تۆشۈك دەرۋازادا بىر ناۋايغا نىمكار بولۇپ كىردى ...
ساۋاقداشلار غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ بۇنداق يېقىملىق ھەم ئۆزگىچە ئاۋازدا داستان ئوقۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغاچقا ھەممىسى ئېغىزنى ئېچىشىپ قېتىپ قالدى.ئوقۇتقۇچىمۇ قۇلىقىغا ئىشەنمەي،زادى ھازىر داستان ئوقۇۋاتقىنى غوجا ئابدۇلمۇ ئەمەسمۇ شۇنى تېخىمۇ ئىنىق بىلمەكچى بولغاندەك،غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ يىنىغا بەكرەك يېقىنلىشىپ ئاڭلاۋاتاتتى.
ئەلقىسسە، ئايلار ئۆتتى ، يىللار ئۆتتى.
سېيىت ئاخۇن گېلاۋخۇيچىلارغا قېتىلىپ سېيىت گاڭگۇڭ دەپ ئاتالدى .
قان شورىغۇچ تىرىكتاپ بايلار ،
پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالدى .
سېيىت نوچىنىڭ دەستىدىن دادلاپ ماتىتەينىڭ ئالدىغا،
بەگزادىلەرنىڭ ئەرز -شىكايىتى ياغدى ...
ئەمدى گەپنى سېيىت نوچىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاڭ:
قارا ساچىم يەلپۈنۈپ
قاشىمغا چۈشتى.
تۈمەن سەۋدا بالالار
باشىمغا چۈشتى.
بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم
گېلاۋخۇي ھاشىم.
چامباشلىقنى ئۆگەتتى ئۇ،
جان - دوست ئاداشىم....
سىنىپتا پەقەت غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئاۋازىلا ياڭراۋاتاتتى،پۈتۈن ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچى ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئۇنىڭ داستانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى....
ئەلقىسسە، سېيىت نوچى شۇ كۈنى تاڭ ئېتىش بىلەن ما دارېننىڭ ئالدىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئەرزىنى بايان قىلدى:
قوي ئىزدەر قوزاسىنى ،
قوزىمۇ ئاناسىنى .
ھاۋادىكى قۇشلارمۇ ،
سېغىنار ئۇۋاسىنى .
سېغىندىم يۈرەك - دىلدىن ،
ئانام مېھرىبانىمنى .
سېغىندىم __ ئېتى مەمەت ،
ئۇكامنى __ غەمگۇزارىمنى .
تۈمەن دەريا سۈيىدىن ،
تويغىچە يۇتاي دەيمەن .
غەمگۇزارىم ئانامنىڭ ،
ئالدىدا ئۆتەي دەيمەن .
يار بېشىدا ئولتۇرۇپ ،
راۋابىم چالاي دەيمەن .......
داستان داۋاملاشماقتا ئىدى.سىنىپتىكى بارلىق كىشى دەرسىتىن چۈشۈپ،يەنە بىر سائەت دەرس باشلانغانلىقىنىمۇ سەزمىگەن،ھەتتا يەنە بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئىگىسى بولغان جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسىمۇ داستان ئاڭلىغۇچىلار سىپىگە قېتىلىپ كەتكەن ئىدى....
سېيىت ئاخۇن ئۆلۈپ كەتتى ،
تۇپراققا كىرىپ كەتتى .
بۇ ئالەم - مۇسىبەتتىن
يۈرەككە خۇن تولۇپ كەتتى .
چالدى چاكىچاك قەشقەر ،
مۇڭ تولغان راۋابىنى .
ئايەم كۈنلىرى كەلسە
تەرك ئەتمەي تاۋابىنى .
مۇڭلۇق قەبرىگە سۈركەپ ،
باغرىنىڭ كاۋابىنى .
ئوغلىغا دۇئا ئەيلەپ ،
يوللىغاي ساۋابىنى .
ئۆلمىسەك ئىچەرمىز دەپ ،
تاڭ ۋەسلى شارابىنى .......
داستان ئاياغلاشتى،ساۋاقداشلار بىلەن ئىككى ئوقۇتقۇچى يەنىلا تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى.تۇيۇقسىز بىر ئورۇندىن بىر قىز ساۋاقداشنىڭ مىشىلداپ يىغلىغان ئاۋازى،ھەممەيلەننى ئۆزىگە قايتۇرۇپ كەلدى.شۇنداق بىرقانچە ھېسىياتچان ساۋاقداش داستاننىڭ ئىچىگە بەك كىرىپ كىتىپ،سىيىت نوچىنىڭ ئۆلىمىدىن يىغلاپ تاشلىغان ئىدى.
-سىيىت نوچى خەتنى ئوقۇتۇپ باقمىغان ئەمەس،خەت بەلكىم ئۇيغۇر يىزىقىدىمۇ ئەمەس.ئەگەر سىيىت نوچى قېچىپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئۇكىسىنى ماتىتەي بوش قويمايىتتى،سىيىت نوچى شۇنى ئويلاپ قېچىپ كەتمىگەن!
غوجا ئابدۇل ئەخەت شۇنداق دەپ بولۇپ ئورنىدا ئولتۇرىۋالدى.
ساۋاقداشلار قايناپ كەتتى.
-ئېسىل،ئېسىل!
-سىيىت نوچى ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق نوچىكەن!
-بىز نىمىشقا مۇشۇلارنى ئويلىماندۇق ھە.....
-ئەگەر بۇندىن كىيىن كىم يەنە سىيىت نوچى توغرىسىدا قالايىمىقان بىلجىرلىسا ياكى ئۇنىڭغا <ساۋاتسىز نوچى>دىگەن سەلبىي قالپاقنىڭ يوغىنىنى كىيگۈزمەكچى بولسا مانا مەن بىرىنجى بولۇپ شۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرىمەن!
-مەن مىشقىرىمەن!
-مەن....مەن سىيىمەن!
ساۋاقداشلار تۇشمۇتۇشتىن ئۆز پىكىرىنى بايان قىلدى،ئەڭ ئاخىرىدىكى تىتىقسىز گەپلەرنى غوجا موللاق بىلەن غوجا سىيىت دىگەن ئىدى.
-ئۇف!مۇشۇ يىشىمغا كەلگۈچە سىيىت نوچى داستانىنى تولۇقى بىلەن مانا بۈگۈن ئاڭلاپتىمەن،ساۋاقداش غوجا سىيىت،مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن!
چاچلىرى ئاقارغان جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى سەمىمىيلىك بىلەن غوجا ئابدۇل ئەخەتكە ئىھتىرام بىلدۈردى.
-سىيىت نوچى توغرىسىدا سىزدەك بۇنداق تولۇق خەۋەردار ئادەم ئەتراپىمىزدا ساناقلىق.قايىلمەن ھەم ھەيرانمەن.سىز بۇ بىلىملەرنى،تارىخىنى كىمدىن ئۆگەندىڭىز؟
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇنداق سوراپ قىلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولغاچقا،مەڭدەپ قالدى.
-بۇ....بۇ...
-ھە،خىجىل بولماڭ،ماڭا دەپ بېرىڭ،سىزگە مۇشۇلارنى بىلدۈرگەن چوڭلارنىڭ قولىنى بىر تۇتىۋالاي!
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سەل ھاياجانلىنىپ قالغان ئىدى.
-بۇنى...بۇنى ماڭا مومام ئۈگەتكەن.
-ھە،تەۋەرۈك ئەزىزلەركەن مومىڭىز بىزگە،ئىسمى شەرىپى نىمىكىن؟
-ئۇنىڭ ئسمى....ئىسمى....
غوجا ئابدۇل ئەخەت كۈننى ھىساپلاپ موماينىڭ بۈگۈن تۇمارىس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن جاۋاپ بەردى:
-مومامنىڭ ئىسمى تۇمارىس!
-ۋاھ!ئەجەپمۇ ئېسىل ئىسمى باركەن مومىمىزنىڭ!
ئوقۇتقۇچى ئۇ موماينى ئۆزىنىڭمۇ مومىسىدەك<مومىمىز>دەپ ئاتاپ،ئۆزىنىڭ مومايغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى ۋە چاۋاك چىلىشقا باشلىدى.ساۋاقداشلارمۇ ئەگىشىپ قاتتىق چاۋاك چېلىشقا باشلىدى.چاۋاك چېلىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا غوجا سىيىت بىلەن غوجا موللاقنىڭ كۆڭلىدە<غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ مومىسىنىڭ ئىسمى بۈۋە ھەجەر،يەنە بىر مومىسىنىڭ ئىسمى ھاۋاخان ئىدىغۇ؟!تۇمارىسخان دىگەن قايسى مومىسى بولغىيتى؟!>دەپ ئويلاۋاتقانلىقىنى غوجا ئابدۇل ئەخەت بىلمەيىتتى....
شۇ كۈندىن باشلاپ غوجا ئابدۇل ئەخەت مەكتەپ تەۋەسىدە تونۇلۇپ كەتتى.بولۇپمۇ سىنىپ ئىچىدە ئۇنىڭ ئابرويى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ كەتكەن ئىدى.......................
20-تاساددىبىيلىق
غوجا ئابدۇل ئەخەت باشقىلارنىڭ ھەۋەس ۋە ھۆرمەت نەزىرى ئىچىدە، ئۆمرىدە ھىس قىلمىغان مەمنۇنىيەت تۇيغۇسىدا ياشاۋاتاتتى.ساۋاقداشلىرى،باشقا سىنىپتىكى غوجا ئابدۇل ئەخەت تونىمايدىغان ئوقوغۇچىلار،ھەتتاكى ئىلمىي ماقالە يېزىشقا تەرەتتۇد قىلغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ ھەرخىل تارىخى بىلىملەرنى سوراپ،خاتىرلىۋىلىپ كىتەتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت موماينىڭ زورلاپ ئۈگۈتكەن بىلىملىرىنىڭ بۇ قەدەر قارشى ئېلىشقا ساۋازەر بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.ئۇ مومايدىن تۇنجى قىتىم چىن كۆڭلىدىن مىننەتتار بولدى..........
ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسى ئىشخانىسى.
مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسنىڭ ياشانغان مەسئۇلى غوجا ئابدۇل ئەخەت بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى.
-بالام،بۇنداق ئاتىسام كۆڭلۈڭگە كەلمەس؟
-ياق مۇئەللىم.
-ھە،ياخشى،مۇنداق ئىشتى ئوغلۇم.مەن يېقىندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان يازماقچى ئىدىم قارا.<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى>نى باش تىما قىلغان.
-ھە.
-شۇڭا،ماڭا ياردەم قىلىشىڭنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن،بولامدۇ؟
ئادەتتە كاستىيۇم بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كېيىپ،ھەيۋەت بىلەن ماڭىدىغان بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆزىدىن ياردەم سوراۋاتقانلىقى،غوجا ئابدۇل ئەخەتكە بەكمۇ تەسىر قىلدى.
-ئۇنداق دىمىسىلە،سىلە مەكتىۋىمىزنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەدبىيات پىشىۋاسى.
-ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا بالام.سەن بىلگەننىڭ ئوندىن بىرىنى مەن بىلگەن بولسام،ھازىرغىچە ياشىغان ئۆمرۈمگە رازى بولاتتىم....
-مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سىلىگە بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دەپ بېرىمەن!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئەسلى<پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىمەن>دىمەكچى ئىدى،بىراق ئۇنداق دىيىشكە تىلى بارمىدى.
-رەھمەت بالام،رەھمەت!ئۇنداق بولسا باشلايلى.سەن ئاۋال ئۆزۈڭ بىلىدىغان تارىخى سەخىسلەرنىڭ ھەممىنى قىسقىچە دەپ بەرگىن.
غوجا ئابدۇل ئەخەت گەپنى سىيىت نوچىدىن باشلاپ،ئاخىرىنى چىمچىلاق باتۇردا توختاتتى.
-نىمە؟!چىمچىلاق باتۇر؟!ئەجىبا تارىخىتا راستىنلا چىمچىلاق باتۇر دەپمۇ بىرسى ئۆتكەن بولغىيمىتى؟
-ئۇنى بىلمەيمەن،مىنىڭچە...مىنىڭچە ئۆتكەن بولىشى مۇمكىن.
-ھە....بۇمۇ قىممىتى يۇقىرى بىر تارىخى بىلىم ئىكەن،بۇنى كىيىن تەھلىل قىلايلى.ئەمدى شەخىسلەر بويىچە تەپسىلىي دەر بەرگىنە بالام.
-ئوبدان.ئاۋال سىيىت نوچىدىن باشلايلى ھە....
غوجا ئابدۇل ئەخەت سىيىت نوچىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى،داستانىنى،سادىر پالۋان.چىن تۆمۈر باتۇر تارىخى،داستانىنى،ئاماننىساخان،يەتتە قىزلىرىم،تۇمارىس خاقان،نوزۇگۇم.....قاتارلىق ئۆزى بىلىدىغان شەخىسلەر رىۋايىتىنى باشلىۋەتتى،ئوقۇتقۇچى بىر تەرەپتىن خاتىرلەپ بىرتەرەپتىن غوجا ئابدۇل ئەخەتكە ئاپىرىن ئوقۇپ كەتتى.
-ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە قانچىلىك بىلىسەن؟
-خا-خا!بىلىش ئەمەس تېخى ئىككى مۇقامنى تولۇقى بىلەن ئوقۇپ بىرەلەيمەن ھازىرچە!
-نىمە؟!ئىككى مۇقامنى تولۇقى بىلەن ئوقۇيالايمەن؟!
مۇئەللىم كۆزئەينىكىنى سۈرتىۋىتىپ،غوجا ئابدۇل ئەخەتكە يىنىش-يىنىشلاپ قاراپ كەتتى.
-ساڭا دىسەم بالام،ئون ئىككى مۇقامنىڭ ھەربىر مۇقامى نۇرغۇن ئاھاڭ ۋە ئوخشاشمىغان تىكىستلەردىن تەركىپ تاپقان،ئۇنى ئوقۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس!
تاب كەلتۈرمەس نەزەرى ھۆسنى جاھان ئاراسىغا،
ياشۇرۇن كۆپ پەردە كەينىدىن قارالى ئۆزگىچە.
سارغارىپ گاھى قىزارىپ مىھرۇ مەھ بىر ھال ئەمەس،
ئەيلەمىش ئانى ئىزاراى ئىنفىئالى ئۆزىگىچە..........
غوجا ئابدۇل ئەخەت جاۋاپ ئورنىدا مۇقامنى توۋلاشقا باشلاپ كەتتى.مۇئەللىم ئۆزىنى تولۇق يوقاتقان ھالدا ئولتۇرۇپ قالدى،ھەتتا غوجا ئابدۇل ئەخەت چىقىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ مۇئەللىم ئۇزۇنغىچە ئۆزىگە كىلەلمىدى.ئۇنىڭ كاللىسىدا بىرلا سادا ياڭراۋاتاتتى.
-بۇ بالا بىر مۆجىزە ھەم بىرلە مەن ئۆزۈم بىر نان قېپىدۇرمەن!مۇشۇ ياشقىچە بىكارغا ياشاپتىمەن...........
غوجا ئابدۇل ئەخەت بۇ ھەپتە كۇرۇسقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆيىگە يەنە قايىتمىدى.كۇرۇستىن چۈشۈپ يالغۇز كوچا ئايلانغاچ ناھىيە چىتىدىكى بىر ئۇزۇن يوللۇق قاتناش تۈگۈنى بولغان يول ئەتراپىغا كىلىپ قالدى،ئۇ ئارقىغا يانماقچى بولۇپ تۇرغاندا،كۆزى يولنىڭ چېتىگە سىلىنغان،تولىمۇ خالىي،يولوچىلار ئۆتەر يولىدا كىرىپ قويدىغان كونا ھاجەتخانىغا چۈشۈپ قالدى.
-سىنىڭ ۋەزىپەڭ دەل ئۆتەڭ،دەڭلەرگە سىلىنغان ھاجەتخانىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش!
موماينىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى توغرىسىدا سۆزلىگەن دەبدەبىلىك گەپلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىغاندەك بولدى.
-بىر بېرىپ كۆرۈپ باقايچۇ بولمىسا،ئادەم بولمىسا كىتەرمەن!
دەپ ئۆزىگە پىچىرلىغىنىچە ھاجەتخانا تەرەپكە مېڭىپ كەتتى غوجا ئابدۇل ئەخەت.
-يېنىڭدىكى پۇلنى چىقار!
-ۋايجان!...
-يۇم ئېغىزىڭنى پاسكىنا!
ئابدۇل ئەخەت كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى:ھاجەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزنىڭ چىتىدىرەك بىر يەردە يۈزىگە ماسكا تارتىۋالغان،كۆزىگە قارا ئەينەك تاقىۋالغان مايمۇندەك ئورۇق بىرسى بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايالغا پىچاق تەڭلەپ تۇراتتى.
-ماڭا رەھىم قىلسىلا،ئۈرۈمچىگە كىسەل كۆرسەتكىلى يولدىشىمنى ئىلىپ ماڭغان،پۇل ماڭىمۇ بەك لازىم....
-يۇم ئېغىزڭنى!
ئورۇق ئەر پىچاقنى ئايالنىڭ بوغۇزىغا تەڭلىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئۇياق-بۇياققا قارىدى.يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە كىچىك پىكاپتىن بىرسى توختىتىلغان،ماشىنىنىڭ ئارقا ئەينىكى چۈشۈرۈلگەن،شوپۇر ماشىنىدىن قولىنى چىقىرىپ تاماك چىكىپ ئولتۇراتتى.
-قانداق قىلىشىم كىرەك؟!ئەگەر شوپۇرنى چاقىرسام،بۇلاڭچى ئايالغا پىچاقنى تىقىۋىتىپ قېچىپ كېتىشى مۇمكىن،چاقىرمىسام پۇلىنى بۇلاپ قاچىدۇ،ئاپلا!بارسام ماڭا پىچاق تىقىۋەتسە قانداق قىلىمەن؟!ئاپلا....
غوجا ئابدۇل ئەخەت زىددىيەتلىك پىكىر ئىچىدە ئىككىلىنىپ قالدى.بۇلاڭچى ئەر ئايالنى گەپكە كىرگۈزەلمەي ئۇنىڭ قولىدىكى سومكىنى ئۆزى ئاختۇرۇشقا تەمشلگەن ئىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت يەنە قاراپ تۇرۇشقا چىدىيالمىدى.
-قولۇڭنى تارت!
ئورۇق ئەر چۆچۈپ غوجا ئابدۇل ئەخەتكە قارىدى.ئايالمۇ نىجاتكارغا ئېرىشكەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ،كۆزلىرىدن ئۈمۈد نۇرى چاقنىدى.
-سەن ...سەن كىم؟!
-مەن....چىمچىلاق باتۇر!
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق گەپ چىقىپ كىتىشىنى ئويلىمىغان ئىدى.بۇلاڭچى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-خا-خا-خا!مۇنداق دە بالا.مەن تېخى ئۆمۈچۈك پالۋان ئوخشايدۇ دەپتىمەن،بېرىپ تەپچۈك ئوينا ھە!ئاكاڭنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما.
ئايالنىڭ كۆزىدىكى ئۈمۈد بىرى خىرەلەشتى.ئۇ غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ ئۆزىنى چىمچىلاق باتۇر دىگىنىنى ئاڭلاپ،ئۇنى نېرۋىسى ئاجىز بىرسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ جۇدۇنى تۇتتى.
-دەرھال پىچاقنى تاشلاپ يولۇڭغا ماڭ.مەن سىنى كۆرمىگەن بولاي،بولمىسا....
-بولمىسا قانداق قىلىسەن؟!
-مەن.....
غوجا ئابدۇل ئەخەت نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا،بۇلاڭچى يۈگۈرەپ كىلىپ ئۇنىڭ قاڭشىرىغا شۇنداق قاتتىق بىر مۇشىت سالدىكى،غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ بۇرنىدىن قان ئوخچۇپ چىقىپ،ئوڭدىسىغا چۈشۈپ،ھۇشىدىن كەتتى.ئايال قاتتىق بىرنى چىرقىرىدى.جىدەل ئاۋازىنى ئاڭلىدىمۇ ياكى ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىمۇ ئەيتاۋۇر ماشىنىدىن شوپۇر بىلەن يەنە بىر ئەر چۈشۈپ ئۇلار تەرەپكە يۈگۈردى.ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بايقىغان بۇلاڭچى بەدەر قېچىپ،بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى(قېچىۋىتىپ،يەردە ياتقان غوجا ئابدۇل ئەخەتكە بىرنى تۈكۈرۈپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈردى) .
-چىمچىلاق باتۇرمىش تېخى،تۈفىي!دەلتە ماڭقا!ئىشىمنى بۇزدى دە!
غوجا ئابدۇل ئەخەت كۆزىنى ئاچقاندا ئۇ دوختۇرخانىدا ئىدى.يىنىدا ھىچكىم يوق.
-سىزنى بىر ئايال بىلەن ئىككى ئەر ئېلىپ كەلدى.بۇرۇن كۆمۈرچىكىڭىز سۇنۇپتۇ،سول كۆزىڭىزمۇ زەخمىنىلىپتۇ!
-ھە....
-ئۇلار داۋالىنىشقا ماڭغانلار ئىكەن،سىزنىڭ دوختۇرخانا چىقىمىڭىزنى تۆلەپ بولدى.سىزگە ئۆزرە ۋە رەھمەت ئىيتىپ قويۇشنى تاپىلىدى.قايتىپ كەلگەندە سىزگە چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرىمىش.....
دوختۇرنىڭ گەپلىرى ئۇنىڭغا خۇش ياقمىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ نەدىكى بىمەنە،<ئۇلۇغۋار>ۋەزىپىسنى ئورۇنداش ئۈچۈن،موماينىڭ قۇرۇق گەپلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلماقتا ئىدى.
-دوختۇر،مەن چىقىپ كەتسەم بولامدۇ؟
-ۋاي ياق،سىز يەنە بىرەر ھەپتە داۋالانمىسىڭىز بولمايدۇ،چىرايىڭىزغا قاراپ بېقىڭ.
غوجا ئابدۇل ئەخەت دوختۇر ئۇزاتقان ئەينەككە قاراپ چۆچۈپ كەتتى.چۈنكى ئۇنىڭ بۇرنى ئىششىپ قالغان،كۆزلىرنى ئەتراپىغا قان تولۇپ كەتكەن،سول كۆزى قاپاق ھەرىسى چېقىۋالغاندەك ھۈررەك بولۇپ قالغان ئىدى....
غوجا ئابدۇل ئەخەت ئەتىسى رۇخسەت سوراش ئۈچۈن خۇددى تۈنۈگۈن ئۆزىنى ئۇرغان بۇلاڭچىدەك يۈزىگە ماسكا ۋە قارا ئەينەك تاقاپ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.
-ۋاي خۇدايىم!نىمە بولدى سىزگە؟
-يىقىلىپ چۈشتۈم.
-باشچىلاپ يىقىلىپ چۈشتىڭىزمۇ؟
-مەن....
مۇئەللىم ئۆزىنىڭ سۇئالنى خاتا سوراپ سالغانلىقىنى ھىس قىلىپ گەپنى ئۈزدى.
-ھە،بولىدۇ،خاتىرجەم داۋالىنىڭ ئەمىسە.
-رەھمەت.
غوجا ئابدۇل ئەخەت يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ،مەكتەپتىن تىز يىنىپ چىقىۋالدى.دوختۇرخانىدا بەش كۈن يېتىپمۇ ئۇنىڭ يۈز قىسمىدىكى ئۇششۇق يانمىدى.ئۇ موماينى ئەسلەپ قالدى،ئۇنىڭچە بولغاندا،پەقەت مومايلا ئۇنىڭ يارىسىنى دوختۇرخانىدىن تىز ئەسلىگە كەلتۈرەلەيىتتى.......
-مەختۇمسۇلا ئاچا!ۋوي راسىت بۈگۈن دىگەن ئۇ ئەختەرنىسا ئىدى.ئەختەرنىسا ئاچا!
غوجا ئابدۇل ئەخەت موماينىڭ 1-يىزىدىكى ئۆينىڭ ئالدىدا ئىشىك قېقىۋاتاتتى.سادا چىقمىغاندىن كىيىن ئۇ ئۈمۈدسىزلىنىپ،ئىشىكنىڭ تۈۋىدە،يەردىلا ئولتۇرۇپ قالدى.
-ئۇ موماي نەگە كەتكەندۇ ئەمدى.ھەي.....
ئۇ موماينىڭ ئىشىك ئالدىدا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرىۋىرىپ،مۈگىدەپ قالدى.
-ئوھۇي!چىمچىلاق باتۇرۇم!
موماينىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە چۈشىدە ئاڭلانغاندەك بولدى.
-قوپە ھەي قاپاقباش!يېلى چىقىپ كەتكەن چاقتەك پۇرلىشىپ ياتماي!
غوجا ئابدۇل ئەخەت دەرھال كۆزىنى ئاچتى.ئۇنىڭ ئالدىدا،چۈشىدە ئەمەس ئوڭىدا موماي ئۈچ تال چىشنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇراتتى.ئۇلار ئۆيگە كىردى.
-پاھ!تۇمشۇغۇڭقا بىرسى تەپمىگەندۇ ھە؟!
-ئۇردى.
-سىيىت نوچىمۇ ياكى چىن تۆمۈرمۇ؟
-ئاھاي....قويسىلا قۇرۇق گەپنى!بىر بۇلاڭچى ئۇردى!
-بۇلاڭچى؟!بۇلاڭچى بار يەردە ساڭا پوقنىڭ ئىسىقىنى ئىلىپ قويۇپتىكەنمۇ بىرسى؟!
-سىلە.....پوقنىڭ ئىسىقى يوقكەن.مەن سىلە دىگەن ئاتالمىش مۇقەددەس ھاجەتخانا قوغداش ۋەزىپسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن،ئۆتەڭدىكى ھاجەتخانىغا بارغان.
-ياشاپ كەت باتۇرۇم ياشاپ كەت!
موماي يۈگۈرەپ كىلىپ،غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى.
-مانا ئەمدى ئەقلىڭنى تېپىپسەن،ھە،كىيىن قانداق بولدى؟
-كىيىن پىچاق كۆتۈرۋالغان بۇلاڭچى تۇمشۇغۇمغا بىرنى قويىۋىدى،ھوشۇمدىن كەتتىم.ئىش مۇشۇنداق!
-نىمە؟!بىر مۇشىت بىلەن ھوشۇڭدىن كەتتىڭمۇ؟!ئېسىت،ئېسىت!ھەي،سەن چىمچىلاق باتۇر،شۇنى بىلەمسەن؟!
-شۇنداق دىسەممۇ ئۇ يەنە مىنى ئۇردى.
-سەن قاراپ تۇردۇڭمۇ؟
-قانداق قىلاتتىم؟!
غوجا ئابدۇل ئاچچىقىنىڭ ھەممىسىنى مومايدىن چىقارماقچى بولدى.
-قانداق قىلاتتىم ئەختەرنىسا ئاچا؟!بۇلاڭچىغا داستان ئوقۇپ بېرەمتىم؟!مۇقام توۋلاپ بىرەمتىميا؟!چۆچەك ئېيتىپ بەرسممۇ بىكار!ئۇنىڭ قولىدا پىچاق بار پىچاق!سىلە ماڭا قۇرۇق داستاندىن باشقا نىمە ئۈگۈتلە؟!
-ھا-ھا-ھا!.....
موماي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت تېخىمۇ جۇدۇن بولۇپ كەتتى.
-كۈلسىلە،تازا يايراپ كەلسىلە،ئۈچ تال چىشلىرى تۆت تال بولۇپ قالار!بۈگۈنكى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى،مەن چىمچىلاق باتۇر ئەمەسكەنمەن!سىلە دىگەن ئۇنداق مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسدىن چىققۇدەك ئىقتىدار مەندە يوقكەن!شۇڭا بۇندىن كىيىن ماڭا ئۇنداق ۋەزىپە-پەزىپە،چىمچىلاق-پىمىچىلاق دىگەن گەپلەرنى قىلغۇچى بولىمسىلا!
-سېنىڭچە سەندە قانداق ئىقتىدار بولسا بولاتتى؟
موماي كۈلكىسىنى يۇغۇشتۇرۇپ،ئۇنىڭدىن سورىدى.
-ھىچ بولمىغاندا سىلە مىڭەمگە قۇيۇۋەتكەن باتۇلاردەك مۇشتىتلىسام بولاتتى.مىنى مىنىڭ يېرىمىمچىلىك كەلمەيدىغان،خروئىن چىكىدىغاندەك ئورۇق بۇلاڭچى بىر مۇشىت بىلەن ئۆرۈۋەتتى!بىر مۇشىت بىلەن!!!
-خو!مەن سىنىڭ مۇشۇ گىپىڭنى كۈتۈپ تۇرغان،سىنى قاچان يىنىمغا كىلىپ ھەقىقى ئىقتىدار ئىگەللەر دەپ كۈتۈپ تۇرغان.ساڭا زورلاپ ئۈگۈتكىنىمدىن،ئۆز رازىلىقڭ بىلەن ئۈگەنسەڭ ياخشى دەپ ئويلىغان!مانا شۇ كۈنلەرنىڭ بۇنچە تىز كېلىشىنى ئويلىماپتىمەن!ھا-ھا-ھا!..............
موماي بۇ قېتىم شۇنچە قاتتىق ھەم ئۇزاق كۈلۈپ كەتتىكى،كۆزىدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى.غوجا ئابدۇل ئەخەت سەل ھەيران قالغان بولسىمۇ،يەنىلا موماينىڭ گىپىگە ئىشەنمىدى.
-خىم!مۇنداق دىسىلە.گەپ دىگەن تەييار ھە سىلىدە!
-ئۇنداقتا سەن دەپ باق.ھاجەتخانىغا نىمىگە باردىڭ؟
-ۋەزىپەمنى ئورۇندىغىلى!
-قايسى ۋەزىپەڭنى؟
-يەرشارىنىڭ تىنىچىلىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى!
-سەن كىم؟
-چىمچىلاق باتۇر!
-تارىخىڭ؟
-مەن مىلادى1****-يىلى تۇغۇلغان.ئەلشىر نەۋايى بىلەن بىيىت توقۇشقان،فارابى بىلەن تىبابەت ئىلمى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقان،چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ..............
غوجا ئابدۇل ئەخەت شەرتلىك رىفلىكىس بولۇپ كەتكەن ئادىتى بويىچە موماينىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىۋىتىپ،تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ يەنە ئەخمەق بولىنىۋاتقانلىقىنى،موماينىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئۇنىڭ كەيپىياتىنى بۇرىماقچى بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ،گىپىنى توختىۋالدى.
-ئاھاي...يەنە مۇشۇ قۇرۇق گەپ بىلەن مىنى ئالدىماقچى سىلە!
-ياق!سەن ئەگەر مىنىڭ گىپىمگە ئىشەنمىگەن بولساڭ ھەرگىز ئۇيەرگە بارمايتىڭ،بۇ سىنىڭ روھىڭدا،قېنىڭدا ئۆزلۈكىڭنى يوقاتمىغانلىقىڭنى ئىپادىسى!
-بۇندىن كىيىن ھەرگىز بارمايمەن!
-نېمىشقا؟
-تاياق يەيدىغان ئىشكەن!ھارام تاياق!
-ماھارەت ئۈگۈنگۈڭ بارمۇ؟
بۇگەپنى ئاڭلاپ غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ كاللىسىغا بىر تۇرۇپ موماينىڭ تىز سۈرەتتە غايىپ بولۇپ كىتىدىغان،ئۆگزىلەردە پەيدا بولۇپ قالىدىغان جىندەك قىلمىشلىرى كەلسە،يەن بىر تۇرۇپ موماينىڭ بىرچاغلاردا ھېلىقى قىمارۋاز قارتچىنى ۋەيران قىلغان ھالىتى كىلىپ قالدى.
-ئۈگۈنگۈمغۇ بار،لىكىن....
-لىكىن نىمە؟
-يۈزۈم مۇشۇنداق تۇرسا.
-ھە،ماڭە بېرىپ چامغۇر بىلەن ياڭيۇنى يالپاغداپ كەل!
-ھە؟!مەن تاماق يەيمەن دىمىدىم،يۈزۈمدىكى يارىنى دەۋاتىمەن!
-ھەي ئېشەك!سىنىڭ كاللاڭدا يېيىشتىن باشقا ئۇقۇم بولمىغاچ،ھەممە نەرسىنى ئاشۇ تويماس قىزىل كىكىردىكىڭگە باغلاپ چۈشىنىدىكەنسەن!ماڭە!
غوجا ئابدۇل ئەخەت غىققىدە بولۇپ،پەسكويغا چۈشۈپ،موماينىڭ دىگىنى بويىچە ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى....
موماي يالپاغدالغان چامغۇر ۋە ياڭيۇ پارچىلىرىنى قايناق سۇغا چىلاپ قويدى.ئاندىن خۇشپۇراق بىرخىل سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ چىقىپ،پاكىزە ماتا بىلەن غوجا ئابدۇل ئەخەتنىڭ يۈزىگە سۈرۈتمەكچى بولدى.
-ياراڭنى تازىلايمەن،سەل ئاغرىيدۇ،چىدا ھە!
-ماقۇل.
موماي ماتانى ئۇنىڭ يۈزىگە سۈرتۈشكە باشلىدى.
-ۋايجان!بەك ئاغرىپ كەتتى!
-ئۈنۈڭنى ئۆچۈر!نىمانداق تۇغىدىغان ئىنەكتەك ۋارقىرايسەن؟!
-بەك ئاغرىپ كەتتى.ۋاي...مىجىپ يۈرۈيلىغۇ يارامنى!ۋايجان!ئۇنداق باسمىسىلا دەيمەن،ئۆتۈنەي!
موماي ئۇنىڭ نالە-پەريادلىرى بىلەن كارى بولماي،ماتا بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇن،كۆز ئەتراپىغا يىغىلىپ قالغان زەرداپلارنى بېسىپ،كۈچەپ سىقىپ چىقىرىشقا باشلىدى.غوجا ئابدۇل ئەخەت ئاغرىققا چىدىماي،ئۆزىنىڭ چاچلىرىنى يۇلۇپ كەتتى،مىڭ جاپادا موماي ئۇنىڭ يۈزىنى <تازىلاپ>بولغان بولدى.ئاندىن يالپاغدالغان،سۇدا يۇمشىتىلغان چامغۇر،ياڭيۇ پارچىلىرىنى ئۇنىڭ يارىسىغا ئاۋايلاپ چاپلاشقا باشلىدى.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-28 06:38 PM