بىر بوۋاينىڭ ئوغلىغا قالدۇرغان 9ئېغىز ۋەسىيىتى
(توردىن ئىلىندى ،قانچە قىتىم ئوقۇغانلىقىمنى بىلمەيمەن،ئىشقىلىپ ماڭا بەكلا يارايدۇ،بەزى بىرقانچە توملۇق تەربىيە كىتاپلىرىدىن يۈز ھەسسە ياخشى دەپ ئويلايمەن.)
1.باشقىلاردىن ئىقتىسادى ياردەم جەھەتتە ئۈمۈد كۈتمە!چۈنكى ھىچكىم پۇلغا تويمايدۇ.
2.دوستلىرىڭنىڭ ساڭا ياردەم قىلغانلىقى ۋاپادارلىق،ساداقەت جۈملىسىدىن.ياردەم قىلماسلىقىمۇ خاتالىق ئەمەس،ئاغرىنما،چۈنكى ھىچكىمنىڭ سەندە قەرزى يوق.
3.سەن مۇھتاج بولغاندا، چوقۇم ساڭا ياردەم بىرىدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىنى بىلىشىڭ كىرەك،پەقەت ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭنى مۇستەقىل، قەيسەر،خۇشال،بەخىتلىك قىلالايدۇ.چۈنكى پەقەت ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭگە بىرئۆمۈر ھايات-ماماتتا بىرگە بولالايدۇ،چۈشەندىڭمۇ؟
4.باي-كەمبەغەللىكىگە قاراپ دوسىت تۇتما،ئۇنىڭ مىليارد بايلىقىنىڭ سەن بىلەن بىر تىيىنلىق مۇناسىۋىتى يوق،ئۆزۈڭنى ئەرمەك ھايۋان قاتارىدا كۆرمە،بەلكىم يەنە بىر ئۇنىڭ ھىچنىمىسى يوق ،ئەمما سەن بىلەن بىرپارچە ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يىيەلەيدۇ.
5.دۇنيادا راستىنلا گۈزەل،پاك سۆيگۈ بولىشى مۇمكىن،لىكىن ئۇنداق سۆيگۈ پەقەت پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمچى قىزغا،لىياڭشانبو بىلەن جۇيىنتەيگە،رومىئو بىلەن جۇلىياغا،پەرھات بىلەن شىرىنغا تەۋە.چۈنكى ئۇلارنىڭ ھىچقايسى ئۇزاق ياشىيالمىغان(شۇنداق سۆيگۈگە ئېرىشىش ئۈچۈن)،ئەمما بىز ئۇزاق ياشىشىمىز كىرەك.
6.ماددىي جەھەتتىن باي دوستنى دەپ مەنىۋى جەھەتتىن باي دوستۇڭدىن يىراقلاشما.ئالدىرىماي ھىس قىلىپ قالىسەن،چۈنكى بىرى سەن بىلەن چوڭ يەپ-ئىچىش بىلەن بىرگە ساڭا دۇنيانىڭ مۇرەككەپ ئازاۋىنى ھىس قىلدۇرۇپ قويىدۇ،يەنە بىرى بولسا كاتتا تائام-شاراپسىز،ھويلا-ئارامسىزمۇ سەن بىلەن بىللە ئىتىزلاردا يۈگىرەلەيدۇ،ناخشا ئىيتالايدۇ،بالىلاردەك تەلۋىلەرچە كۈلەلەيدۇ.
7.مەيلى سەن نىمە مەقسەت بىلەن توي قىلغان بول،پەرزەنىتلىك بولغان ھامان،بۇ ئۆينى قىزغىن سۆي،مەيلى قانچە غىرىبانە،كۆڭۈلسىز بولسۇن،سىنىڭ مۇشۇ ئۆينى ئىللىتىش مەسئۇلىيتىڭ بار،چۈنكى سەن ئاتا-ئانا!
8.ياشلىق بىردەمدىلا ئۆتۈپ كىتىدۇ،قورۇقلار ساڭا ياماشقان چاغدا سەن ھىچ ئامال قىلالماي قالىسەن،لىكىن سەن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى ئىچىدە ئۆزۈڭنى تاۋلىغىن،بىركۈنلەردە قۇرۇغان قاقشالدەك بولغىنىڭدا ،ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭگە قاراپ كۈلۈمسىرىگىدەك بول.
9.جاھىل بولما،تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىك جىق.دۇنيا ساڭا يارىتىلمىغان،يەرشارى سەن ئۈچۈن ئايلانمايدۇ،ھەممىمىز يولۇچى،قۇرۇق كىلىپ،قۇرۇق كىتىمىز.