9-باپ ماڭا ئەينەك لازىم
بىشم تىگى يوق ھاڭغا كىرىپ كىتىۋاتقاندەك ھالەتتە.قاپىقىم بەكلا ئېغىر.پىشانەمگە مۇزدەك بىرنەرسە تەگكەندىن كىيىن،بىشىم سەل ئوڭشالغاندەك بولدى.يەنىلا كۆزۈمنى ئاچالمىدىم.ئۇيقۇچىلىق بىلەن باش ئاغرىقى ئىچىدە قانچىلىك ياتقىنىمنى ئۇقمايمەن.بىرچاغدا كۆزۈمنى ناھايىتى تەستە ئاچتىم.ئەتراپىمدا بىرقانچە ئادەم تۇراتتى.يەنە جىن بولۇپ قالمىسۇن دەپ كۆزۈمنى قايتا-قايتا سۈرتۈپ قارىدىم،يوغانباش ئەينىدىن،بىلال ساراڭ،مەتسىلىم،ئۇكام ئەلى.ئەلى ياشلىرى لىغىلداپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلپ تۇراتتى.
-خۇدايىمغا شۈكرى!ھەجەپ قورقۇتتىڭا ئادەمنى ئاكا!
-مەن.....ماڭا جىن ئۇچرىدى!جىن!جىن!!
-ھاياجانلانماي ئالدىرىماي سۆزلىسە.زادى نىمە ئىش بولدى؟!
مەن ئەينىدىننىڭ گىپىگە جاۋاپ بەرمەي،ئەتراپىمغا نەزەر سالدىم:رەڭگى ئۆچۈپ كەتكەن پەردە ئارىلىقىدىن قۇياش نۇرى بىمالال كىرىۋاتقان دەرىزە،ھاك بەرگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان تام،قويۇق موخىرەك پۇرىقى.....دىمەك مەن ھازىر مەتسىلىمنىڭ ئۆيىدە ئىكەنمەن.ئورنۇمدىن تۇرۇشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ،بىلىمنىڭ تۆۋىنىدە سىزىم بولمىغاچقا زادىلا تۇرالمىدىم.ماڭا زادى نىمە بولدى؟!جىن-شاياتۇنلار مىنى بىرنىمە قىلىپ قويدىمىكىنە؟!ئۆزۈمنى(توغرىسىنى ئىيىتقاندا ئۈستۈنكى بەدىنىمنى) زەردە بىلەن كارىۋاتقا تاشلىدىم.بىلال مەتسىلىم بىلەن ئەلىنى چىقىپ كىتىشكە شەرەتلەپ،ئاستا يىنىمغا كىلىپ ئولتۇردى.ئاندىن ماڭا بىرتال تاماكا سۇندى.مەن بىشىمنى باشقا ياققا بۇرىۋالدىم.
-تۆرەم!ئاندا قىمماي بىرەتال چىكىپ قويىلى!
ئۇنىڭ مىنى<تۆرەم>دەپ ئاتىشى مىنى قايىل قىلدىمۇ ياكى تاماكا چەككۈم كەلدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ قولىدىن تاماكىنى ئىلىپ،تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق-قاتتىق شورىدىم.گەرچە ئۆپكەن قىقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ بىشىم بايامقىدىن سەل ئارام تىپىپ قالدى.ئاندىن بىلال بىلەن ئەينىدىنگە ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم.ئۇلارمۇ ماڭا بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى:
مەن ھوشۇمدىن كەتكەندىن كىيىن،ئۇلار مىنى ماشىنا يىنىدىكى قوملۇق يەردە بايقاپتۇ.قانچە توۋلاپ،سىلكىپمۇ ئويغىتالماي،ماشىنىغا يۆلەپ ئەچىقىپتۇ.ئەينىدىن بىشىمنى تۇتۇپ قاتتىق قىزىتىپ كەتكەنلىكىمنى،لىۋىمنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ،شامال دارىپتۇ دەپ ھۆكۈم قىلىپ،مىنى مەتسىلىمنىڭ ئۆيىگە ئىلىپ كەپتۇ.بىلالنىڭ تىبابەتتىن خىلىلا خەۋرى بولغاچقا دوختۇرخانىغا ئاپارماپتۇ،تاغامنىڭ ئۆيىگە ئاپىراي دىسە ئۇلارنىڭ ئەنسىرەپ،نىزىقاپ سوراپ تۇرىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپتۇ.مەن ساق بىر يىرىم كۈن ھوشسىز يىتىپتىمەن.بىلال ھەرخىل يەرلىك دورىلارنى ياساپ مىنى داۋالاپتۇ(ئاشۇ بۇرنىنى كولىغان قولى بىلەن ياسىغان دورىنى قانچىلىك ئىچكەندىمەن).
-ئەمىسە مەن نىمىشقا ماڭالمايمەن؟!
-سىلە ھوشسىز ياتقاندا پۇتلىرىنى يىلان چىقىۋاپتا!ب بىگىم زەھەرنى قايتۇرۇپ بولدى،بىرقانچە كۈندىن كىيىن ئوڭشىلىپ كىتىلا!
-ئۇنداقتا ھىلىقى جىنلارچا؟!
-مەن نىمى دىدىم ھازىر!سىلىگە سوغۇق تىگىپ كىتىپتۇ ئەمەسما،مازارنىڭ ئىچى ئىسسىق ھەم دىمىق،سىلە تالاغا چىقىپ شامال بىلەن ئۇچىرىشىپلا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنىدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى تازا ئىچىپ قوياپ ئۇخلاپلا ،شۇنىڭ بىلەن شامال دارىپ قىزىتىپلا،كىچىدە ئۆندەرەپ قوپۇپ،خىيالى سەزگۈ بىلەن قۇملۇقتا يىتىپ قاپلا!
-ھەجەپ مەتسىلىم شامال دارىپ قامماپتىيا؟!
-ئۇ ئەدەم دىگەن مۇشۇ تۇپراقتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن توغراقتەك مەزمۇت ئوغرى.سىلە ئەمدى تىخى ياش ئەمەسما،قۇۋۋەتلىرى سەل ئاجىز كەپقاپتا!
ئەينىدىنىنىڭ گىپى مىنى خىلىلا قايىل قىلدى.توۋا!دۇنيادىكى ھەممە پالاكەتچىلىك ماڭىلا كەپتۇ دىسە.مازادىن چىقسام شامال دارىپ قالسام،شامال دارىپ ھوشۇمدىن كەتكەندە پۇتۇمنى يىلان چىقۋالسا!ھەي......كىمنىڭ قاغىشىغا كەتكەن بولغىيتىم؟نىمە پوق يەپ قوتا تەڭگىنى ئىزدەپ بۇ قۇملۇققا كەلگەن بولغىيتىم؟! نىمىشقا بەدەن چىنىقتۇرۇپ،مەتسىلىمدەك قاۋۇل بولمىغان بولغىيتىم؟!ئوھوش!نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىممەن.
دىگەندەك بىرقانچە كۈن ئارام ئىلىش،بىلال بەرگەن مەلھەمنى چىپىش ئارقىلىق يەرگە چۈشكىدەك بولدۇم.ماڭالايدىغان بولغان كۈنۈم ئەڭ ئارزۇ قىلغىنىم بولسا،ئىسسىق مۇنچىدا بىرقات تىرەم سويۇلۇپ كەتكۈدەك بىر يۇيۇنۇش بولدى.چۈنكى 3-4-كندىن بىرى يىتىپ سىسىپ كەتكەندىمەن،ئۆزۈممۇ ئۆزۈمگە سىسىق پۇرىغاندەك بولۇپ بەك سىقىلىپ كەتتىم.لىكىن بۇيەردە مۇنچا يوق ئىدى.
-مەتسىلىمكا!ئەتراپتا يۇيۇنغۇدەك بىرەر جاي بارمۇ؟
-بار،لىكىن خىلى يىراقتا،سىلە ئەمدى قوپلىيا تىخى،ئۆينىڭ ئارقىدا سىلە سۇ ئۈزۈپ ئوينىغىدەك بى تۇڭ باتتۇ،ئەشنىڭدا بى چاقىناملا ئەينا.
-تاينلىق ئاۋىياماتكا با دىمەملا،قېنى بىر كۆرەپ باقاي!
مەتسىلىمنىڭ يۇمۇرلۇق گەپلىرىدىن كەيپىم كۆتۈرلۈپ قالدى.بىز ھويلا ئارقىسىغا مىڭىشىمىزغا ئەينىدىن زورلاپ گىلىنى قىرىپ قويدى.مەتسىلىم موھىم بىرئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك ئەندىكىپ تۇتۇپ قالدى،ئاندىن ماڭا قاراپ چالا ھىجىيىپ:
-ۋۇججىنەم!مۇشۇ ئۇۋاتەككۈ كاللامىنىزە!ئۇ تۇڭنى ئۆتكەندە خوشنامنىڭ تۇققىنىنىڭ نەۋرە ئىنىسىنىڭ تونۇشىغا بىرىپ تۇغاندەك قىلغان-دىدى.
-ۋوجو!!!نىماندا مۇرەككەپ مۇناسىۋەت بۇ؟!!!ھەراس،ئاشۇندا يوغان تۇڭنى كۆتۈرەپ ئەكىتىشكە،ئاشتا مۇرەككەپ ئەدەم كىتىدا راس!
مەن سۆزۈمنى قىلغاچ تىز قەدەملەر بىلەن ھويلىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتۈم.دىگەندەك كىچىك <شەرق شامىلى>ماشىنىسىنىڭ كوزۇپىدەك كىلىدىغان بىر تۇڭسىمان قۇتا بۇلۇڭدا تۇراتتى.تۇڭ ئىچىگە ئۆيدىن تارتىپ چىقىرىغان شىلانكا سىلىنغان ئىدى.ئارقىمدىن تاپ بىسىپ كەلگەن مەتسىلىم ئوڭايسىزلىنىپ ئادىتى بويىچە گەدىنىنى قاشلاپ ھىجىيىپ قويدى.مەن بىرتەرەپتىن كىيمىمنى سالغاچ بىرتەرەپتىن مەتسىلىمگە تەنە قىلدىم.
-ۋۇي!ھىلىقى قۇشناچىمنىڭ بىرنىمىسىنىڭ بىرنىمىسى چاندۇرماي ئەكىلىپ قوياپتا ئەمەسما!يامان بالىكەن جۇما!
مەتسىلىم بىرنىمە دىمەكچى بولىۋىدى،ئەينىدىن ئۇنى تارتىپ ئىلىپ ماڭدى.<ھۇ مازا توخىسى!ئاكاڭ قارىغايدىن قوتا تۇڭۇڭنى ئاياپ!ما ئەينىدىن قېرىنىمۇ دەيمە،ئۆزىچە خەققە قىلتاق قۇرۇپ شەرەت بىرىپ>ئۆ-ئۆزۈمگە غودۇرغىنىمچە تۇڭنىڭ ئىچىگە كىرىپ،شىلانكىدىن سۇ چۈشۈردۈم.ۋاھ~مانا راھەت دىگەن!ئاغىنىلىرىم بىلەن ھورمۇنچىقا چۈشكەندىمۇ بۇنداق راھەتلەنمىگەن مەن!<مىنى تاشلاپ كەتكىنىڭ راسمۇ؟مەنمۇ سەندىن قۇتۇلغانغا خوش.يىغلامدىكىن دىمە ئامرىقىم،تۈنجى ئەمەس ماڭا يوقۇتۇش،رىرارا رىرا......>19ياش ۋاقتىمدا شىئىرىنى يىزىپ.23ياشتا ئاھاڭىنى كەشىپ قىلغان،ئۆزۈملا بىلىدىغان بۇ ناخشامنى غىڭشىپ شاھ مۇنچىدا يۇيۇندۇم.مەتسىلىم ماڭا سوپۇن ۋە بىر لۆڭگە ئەكىلىپ بەردى.شۇ يۇيۇنغىنىمچە خىلى ئۇزاقتىن كىيىن تۇڭدىن يىنىپ چىقتىم.بارلىق ھارغىنلىق،كىسەللىك،خاپىلىق كۆتۈرلۈپ كەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم.لىكىن ئۆي ئىچىدىن زادىلا ئەينەك تاپالمىدىم،مەيلى،سۇغا قاراپ چىچىمنى تارايچۇ!سۇدىكى شولامغا قاراپ سەل ئەندىكىپ قالدىم.چۈنكى ئاغزىم ئۆز ئورنىدا ئەمەستەك قىلاتتى.بەلكىم سۇدا شۇنداق كۆرۈنگەندۇ.چاچىمنى تاراپ بولۇپ،يەنە خاتىرجەم بولالماي،يانفۇنۇمدىن ئۆزۈمنى كۆرۈپ باقتىم.كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى!ئاغزىم ئوڭ قۇلىقىمغا يىقىن جايغا سۈرۈلۈپ قالغان ئىدى!يانفۇن قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى،ئورنۇمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم.ئاڭغىچە ئەلى ۋە بىلال يۈگۈرۈپ كىلىپ مىنى يۆلەشتى.مەن ئۇلارنى قاتتىق سىلكىۋىتىپ،جان-جەھلىم بىلەن ۋارقىرىدىم:
-ماڭا ئەينەك بىرىڭلار!!!!!!
10-باپ بىلالنىڭ شاپائىتى
ئۇلار بىر-بىرىگە خىلى ئۇزاق قاراشقاندىن كىيىن،ئەينىدىن بىشنى يىنىك لىڭشىتتى.ئەلى ئىغىر قەدەملىرى بىلەن ئۆيدىن بىر ئەينەكنى ئىلىپ چىقىپ،تىتىرەپ تۇرۇپ ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى.مەن ئەينەككە يىنىش-يىنىشلاپ قارىدىم.دەرۋەقە ئاغزىم ئېغىر دەرىجىدە مايماق بولۇپ قاپتۇ.لىكىن مەن نىمىشقا سەزمىدىم؟!بايا مەن مۇشۇ مايماق ئاغزىم بىلەن تاماكا چەكتىممۇ؟!نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟!مەن تىخى توي قىلمىغان تۇرسام؟!ئەمدى مايماق ئاغزىم بىلەن قانداق خىزمەت تاپىمەن؟!دوس-دۈشمەننىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟!خەقنىڭ< مازا كولاپ ئاغزىغا جىن تىپىۋىتىپتۇ>دىگەن سىسىق گىپىنى ئاڭلاپ ياشامدىمەن؟!ئەينەكنى قەھرىم بىلەن تامغا ئاتتىم.ئەينەك پارە-پارە بولۇپ قومساڭغۇ توپىغا چۈشتى.خۇددى مىنىڭ يۈرىكىمدەك!....................
ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم،بايا غايىپ بولغان ھارغىنلىق،كىسەل،خاپىلىق ھەسسىلەپ تۇتۇپ كەتتى.كۆزۈمنى تورۇسقا تىكىپ نۇرغۇن خىياللارنى سۈردۈم.
1.مۇشۇ يەردىن قوپقانچە ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە بىرىپ،يىشۆيۈەندە ئاغزىمنى داۋالىتىمەن.
2.مەلۇم نۇقتىدىن ئىيىتقاندا،ئەينىدىن بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىشى كىرەك،شۇڭا داۋالىنىش چىقىمىنى ئۇ تۆلەيدۇ!
3.بەلكىم يامان داخاندىن بىرسى ئوقۇپ قويسا ئوڭشىلىپ كىتىشىم مۇمكىن.
4.ئوڭشىلالماي قالسام مىيىپلار ئىدارىسىدا ئىشلەمەن،ئەمما ئاغزى مايماقلىقمۇ مىيىپلىققا كىرەمدىغاندۇ؟!
5.بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كۈندە يىرتىۋەتسەم كۈندە چاپلاپ قويىدىغان ھىلىقى<ھەرقانداق كۆزى ئالىغاي،ئاغزى مايماق،قولى تۇتماس،پۇتى باسماسنى مەخپىي ئوردا رىسىتىپى بىلەن داۋالايمىز>دىگەن ئىلاننى چاپلىغان شىلەيلېنىڭ قىشىغا بارىمەن.
چەكسىز خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن.بىرچاغدا ئويغانسام،ئەلى يىنىمدا ھىجىيىپ ئولتۇرۇپتۇ.غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.
-بەك خوش بولاپ كىتىپ باراملا غوجوم!دۈشمەن ئىزدەپ بىژيەگە بامىساممۇ بولىدۇكەن جۇما!
-ھەي ئاكا،جىڭ گەپ قىلسام ھازىرقى تۇرقۇڭمۇ بەك سەت ئەمەس جۇمۇ،چىچىڭنى ئۇچ بۇرجەك قىلىپ ياساتساڭ،بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆرىدىغان دىڭداڭ مۈشۈك فىلىمىدىكى جىئەنگىلا ئوخشاپ قالىدىكەنسەن!
ئىككىمىز قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتۇق.كۈلۈپ بولۇپ يەنە كۈڭلۈم بۇزۇلدى.ئۇ مىنى تۈرتۈپ تۇرغۇزدى.ئاندىن دالان ئۆينى كۆرسىتىپ:
-ئاش يەيلى.ساڭا بىر خوش خەۋەر بار!
-مۇشۇ ئاغزىم بىلەن قاندا ئاش يەيمە؟نىمە خەۋەرتى؟
تۇيۇقسىز يانفۇنۇم ساراپ كەتتى.ئاپامدىن كەلگەن ئىدى.ۋەي دىيىشىمگە ئۈلگۈرمەيلا ئاپام قار-بوران يىغلاپ سۆزلەپ كەتتى.
-بالام!بامۇياسەن؟!تۆتكۈننىڭ ياغى بى تىلفۇن قىپمۇ قويمايسەنيا؟!نەچچە كۈننىڭ ياغى چۈشۈم بۇزۇلۇپ،قويغان-تۇتقىنىمنى بىلمەي ژۈدۈم.چىرلىقتۇ؟!
ئاپامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم شۇررىدە قىلىپ ئىرىپ كەتكەندەك بولدى،بوغۇزۇمغا بىرنەرسە كەپلىشىپ،يامان تەستە ئۆزۈمنى تۈتىۋالدىم ۋە چاندۇرماي جاۋاپ قايتۇردۇم.
-چىژلىق!چىژلىق!ئاھاي ئاپا!مەنيا كىچىك بالا بوممىسام،ھەجەپ ئوشۇق ئەنسىرەپ ژۈرۈيدىكەنسە!مەن ناخايىتى ياخشى دەيمە.
-توينى كۆچۈرەپ،يەڭگىلىك قىلىپ بوغانسە ھەقىچان؟!شىتتىك يىنىپ كەل جۇما!
ئاپامنىڭ يۇمۇرىستىك سۆزلىرى مىنى قىلچە كۈلدۈرەلمىدى.
-توي تۈگىگىنى نىۋاخ!ساۋاقداشلار ژىغىلىپ قاپتىكەممىز،4-5كۈن ئويناپ كىتەيلى دەپ قالدۇق!
-شۇندا بوسىمۇ تىلفۇن قىلىپ تۇراسە!پۇلۇڭ تۈگىدىمۇيا!
-ياق،تۈگىسە دەمە!ماقا،ما ئاغىنىلە تولاۋاتىدۇ،چىقىپ چىرەي.
ئۆزۈمنى يىغىدىن ئارانلا تۇتۇپ تۇرغاچقا تىلفۇننى تىزراق قويۇشقا ئالدىراپ كەتتىم.
-ئىشەك سۈيدىكىنى ئازراق ئىچەسە جىما!خۇدايىمغا ئامانەت!
-خۇدايىمغا ئامانەت!
تىلىفۇننى قويۇپلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم.ھەي ئاپا.ھەي ئاپا،پەرزەنتىڭگە زەرچىلىك ئىش بولۇپ بولغىچە سىزىپ بولىسىەن!مۇشۇ تۇرقۇمنى كۆرسەڭ نىمىمۇ بولۇپ كىتەرسەن؟!ئىھ ئۇلۇغ ئىگەم!ئاتا-ئانامغا ئۇزۇن ئۆمۈر بەرگەيسەن!
ئويلىغانسىرى يىغا تۇتۇپ،چاچىلىرىمنى قاماللاپ،ئەينىدىن،بىلال،مەتسىلىم.ئەلىنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىمنىڭ چۈشۈشىنىمۇ ئويلىماي ئۈن سىلىپ يىغلاپ ئىسەدەپ كەتتىم.(ھازىر ئويلىسام كۈلگۈم كىلىدۇ،ئاغزى مايماق بىر يىگىت ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا ھاڭراپ يىغلاۋاتقان،ئەتراپىدا بۇرنىنى كولايدىغان،گەدىنىنى تاتىلايدىغان ...ئىشقىلىپ ھەرخىل قىياپەتتىكى تۆت ئادەم نىمە قىلىشىنى بىلمەي قاراپ تۇرغان.تەسەۋۋۇر قىلىپ بىقىڭلار).بىرھازادىن كىيىن<ئۇف!>دەپ بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋىتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.بىسملىرىم خىلىلا يىنىكلەپ،كەيپىياتىم جايىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.قاي زامان مەن بۇندا ئىچىلىپ يىغلاپ باقمىغانغا.مىنىڭ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئەلىدىن باشقىلار چىقىپ كىتىشتى.قورسىقىممۇ خىلى مەھكەم ئىچىپ كىتىپتۇ.مەن دالان ئۆيگە چىقىپ،(بەلكىم مەتسىلىم ئەتكەندۇ )تەڭلىگە ئۇسۇلغان پولونى كۆتۈرۈپ بايا مەن ياتقان ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.ئۇلارنىڭ مىنىڭ مايماق ئاغزىمدا پولو يىيىشمنى ئىچىدە زاڭلىق ئىتىپ كۈلىشىنى خالىمىدىم.تاماق يەپ بولۇپ،تاماكا چىكىپ ئولتۇردۇم.بىلال كىرىپ يىنىمدا ئولتۇردى.ماڭا ئۇزن بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن،بۇرنىنى بىردەم كوچىلىۋىتىپ:
-تۆرەم!سىلىنىڭ بۇ ئەۋالنى مەن ساقايتالايمەن،خاتىرلىرىنى جەم قىلسا!-دىدى.
مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتا-قايتا قاراپ قالدىم.ئىچىمدە<بىزنىڭ ئۆينىڭ تىشىدىكى تامغا ئىلان چاپلىغان ئەۋلىيا شىلەيلې مۇشۇ بىلال ساراڭ ئوخشىمامدۇ؟!ياكى بىلال رىۋايەتلەردىكى لوقمان ھاكىمنىڭ تۇققىنىنىڭ قوشنىسىنىڭ تونۇشىمىدۇ؟!>دىگەنلەرنى ئويلىدىم.بىلال قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-مەن سىلە ئويلىغاندەك ئۇندا يامان تىۋىپلاردىن ئەمەسمەن،لىكىن كەمىنە بىلال سەردار بىگىم بۇنچىلىك شامال دارىشنى ساقايتىشىنىڭ پىرىمەن!
يوپاناھ!ما ساراڭ رەسمى يامانكەن!بۇ گۇينىڭ ئالدىدا خىيال سۈرۈشتىنمۇ قورقسا بولىدىكەن ئادەم.نىمىنى ئويلىسام شۇنى بىلىپ قالغىنىنى دەيمەن!ھەيرانلىق بىلەن بىللە مەندە ئۈمۈت تۇغۇلدى.ئۇ يانجۇقىدىن مومغا ئوخشاش يومشاق بىرنەرسىنى ئىلىپ<چاينىغاچ تۇسا،مەن ھازىر چىرىمەن!>دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.بىشمغا كەلگەننى كۆرەمەن دەپ ئۇ نەرسىنى چاينىدىم،تەمى خۇددى بىزنىڭ يەرلىك ئىسسىقلىق چاي دورىلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى.چاينىغانسىرى ئېغىزىم تىلىپ كەتتى،بارا-بارا ئېڭىكىم چۈشۈپ قالغاندەك بۇرنۇمنىڭ تۆۋەن قىسمى پۈتۈنلەي سىزىمىنى يوقاتتى.مەن ئۇ نەرسىنى يەنە چاينىدىممۇ-چاينىمىدىممۇ بىلەلمىدىم،قولۇمنى ئاغزىمغا تىقىپ باقساممۇ زادىلا سىزىم يوق!ئاللا كارامەت!مانى كۆرۈڭ ئەمدى،بولسا ما ساراڭ بەرگەن نەرسىنى يەپ ساپ گاچىلام بولۇپ كىتەي!بىلال قولىدا كىچىك بىر قاپچۇقنى ئىلىپ كىرىدى،ئىچىدىن ھەر يوغان يىڭنىلەرنى ئالدى،ئاندىن چاقماق بىلەن ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا دىزىمفىكسىيە قىلىپ،ئوڭ يۈزۈمگە پەم بىلەن سانجىشقا باشلىدى.گەرچە دەسلەپتە قورىققان بولساممۇ ،ئەمما يۈزۈمدە سىزىم بولمىغاچقا،كىيىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك تۇرۇپ بەردىم.بىرەر سائەتتىن كىيىن ئۇ يىڭنىلەرنى ئىلىۋىتىپ،ئىسپىرىت بىلەن يۈزۈمنى قايتا-قايتا سۈرۈتتى.ئاندىن نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ:
-خاتىرجەم ئۇخلىسا،خۇدايىم بۇرىسا ئەتە ساقىيىدا!-دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.مەن چۈشۈنۈكسىز خىيال،گۇمان ئىچىدە ئۇخلاپ قالدىم.
ئەتىسى ئويغۇنۇپلا،يۈگۈرەپ بىرىپ مەن تاشلىۋەتكەن ھىلىقى ئەينەكنىڭ پارچىسىنى ئىلىپ قارىدىم.شۈكرى!يۈزمىڭ شۈكرى!ئېغىزىم جايىدا تۇراتتى.دەسلەپتە ئەينەكتىن سۆيۈندۈم،پارچىسىمۇ ھەممە نەرسىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ ئەمەسمۇ!ئاندىن بىلالدىن قاتتىق سۆيۈندۈم(ھەتتاكى ئۇنىڭ ئاشۇ بۇرنىنى كورچىلىغان قوللىرىغا سۆيۈش خىيالىدىمۇ بولدۇم).يۈگۈرۈپ كىردىميۇ ئۇنى كۆرۈو ھاياجاندا گەپ قىلالماي،قولىنى مەھكەم سىقتىم.