كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا
سەن كۈلپەتكە ئەسىر بولغاندا،
دىمە ھەرگىز "كۈلپەتلىك دۇنيا...".
بىلسەڭ يىغلار ھەتتا ئەۋلىيا،
كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا.
تاشلاپ كەتسە يارەنلەر يىراق،
سەن ئۆزۈڭنى تاشلىما بىراق.
شام تىپىلار،بولمىسا چىراق،
كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا.
خاتالىقلار بولىدۇ ھامان،
ئەمما ئارتۇق بولما پەرىشان.
كىم مۇكەممەل ياشىغان تامان؟!
كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا.
يامغۇرلاردا قالىسەن بىركۈن،
ھەتتا يىغلاپ نەچچە-نەچچە تۈن.
تۇرمۇش شۇنداق سىنايدۇ پۈتۈن،
كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا.
ئايدەك ئەمەس بەلكىم جامالىڭ،
پەلۋانلىققا يوقتۇر ئامالىڭ.
ئەلگە كىرەك ئەسلى ۋىجدانىڭ،
كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا.
سۆيگۈ ئىزلەپ چەكتىڭ مۇشەققەت،
ئەمما تەقدىر قىلمىدى شەپقەت.
تاۋلار شۇنداق سىنى مۇھەببەت،
كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا.
مال-دۇنيانى تاپتىم كۆپ دىمە،
بولمىسىمۇ ئارتۇق غەم يىمە.
باقى ئەمەس بىزگە ھىچ نىمە،
كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا.
يىغلاتقاننى يىغلىتىش ئاسان،
كۈلمىگەنمۇ كۈلىدۇ ھامان.
ئەڭ موھىمى، سورىقى يامان،
كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا.
شاھ لىباسقا بولما ئىنتىزار،
"گادايمەن...."دەپ چەكمە ئاھۇ-زار.
ھەقنىڭ ساڭا بەرگەن رىسقى بار!
كۈلۈپ ياشا،كۈلدۈرۈپ ياشا.............
مەنبە:سەپرائىي ئىجادىي شىئېرىلىرىدىن ئۈزۈندە
ئەسكەرتىش:1)مىنىڭ تەستىقىمسىز ھىچقانداق توربەت،مۇنبەر،سالۇنلاردا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ!
2)ماڭا ھىچقانداق سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر لازىم ئەمەس،سىزگە ئازراق مەدەت بىغىشلىيالىغان بولسىلا شۇنىڭدىن خۇشالمەن!
3)ئىنكاسلاردا مىنىڭ بۇ شىئېرىمگە مۇناسىۋەتسىز باشقا ھىچقانداق مەزمۇنلارنىڭ بولماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!