ئۇرايىمنىڭ خىيالى
ئۇ دولىسىدىكى كەتمەننى يىنىغىلا تاشلاپ،توپا يەردىلا ئوڭدىسىغا ياتتى.قاتتىق چارچاپ،تەرلەپ كەتكەندە،ئۇنىڭغا ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىمۇ بىلىنمەي،ئەكسىچە مۇزدەك يەر ئۇنىڭغا شۇنداق خۇش ياقتى.كۆزلىرى يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرغان ئاسماندا ئىدى.‹يالىت›تىدە قىلىپ،بىر يۇلتۇز چۈشۈپ كەتكەندەك قىلدى.ئۇرايىم دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ،ئېقىۋاتقان يۇلتۇزنىڭ ھەركىتىگە قارىدى.تولىمۇ نۇرلۇق ھەم ئۇزۇن بۇ يۇلتۇز،ئاسماننىڭ غەربىگە قاراپ تۆۋەنلەپ،تولىمۇ ئۇزۇن بىر نۇر سىزىقى شەكىللەندۈرۈپ،كۆزدىن غايىپ بولدى.
-ئېسىت،چۈشۈپ كەتكەن كىمنىڭ يۇلتۇزى بولغىيتى؟!شۇنچە نۇرلۇق ھەم چوڭلىقىغا قارىغاندا بىرەر ئەرباپنىڭ ئوخشايدۇ....مەيلى كىمنىڭ بولسۇن ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن.....
ئۇرايىم يۇلتۇزنىڭ ئېقىشىغا قارايمەن دەپ ئۆزىنىڭ ئۆرە تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى،ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەي،خېلى ئۇزۇنغىچە ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى.سوغۇق ئۇنىڭغا تەسىر قىلغاندىن كىيىن،ئۈستى-بېشىنى قېقىپ،كەتمىنىنى دولىسىغا ئارتىپ ئۆيىگە يول ئالدى.....
ئەتىسى.يىزا بازىرى.
-ئاخشام شۇنداق نۇرلۇق بىر چوپان چۈشۈپ كەتتىلەر كۆكتىن،ئۇشبۇ يۇلتۇز كىمنىڭكى؟!ئەلقىسسە،بۇندىن خېلى يىللار ئىلگىرى ئۇشبۇ يۇلتۇزنىڭ ئىگىسى زىمىنىمىزغا ئاپىرىدە بولدىلەر،چوڭ بولغاندىن كىيىن،ئەھلى يۇرۇتقا شانۇ-شەۋكەت ئېلىپ كەلگەن پەھلىۋان بولدىلەر....
-ھەەەەەەەەەق!
-راااااااسىت!
ئۇرايىم بازاردىكى مەدداھنىڭ يىنىدا بىر ئاز تۇرۇپ،مەدداھ دەۋاتقان يۇلتۇزنى،ئۆزى ئاخشام كۆرگەن يۇلتۇزغا باغلاپ ئويلىنىپ قالدى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا قولىنى يەنە بىر قېتىم دۇئاغا كۆتۈردى.ئۇزاقراق تۇرۇپ تەپسىلاتىنى ئاڭلىماق بولىۋىدى،مەدداھنىڭ جارچىلىرىنىڭ ۋارقىرىشى ئۇنىڭ بىشىنى ئاغرىتىۋەتكەچكە،ئۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.....
-جامائەت،پالۋان كەتتى،ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن.
-ئامىن!.....
-ئەمدى بىر ئىسسىقلىق قىلىدىغان ئىش بار ئىدى قائىدىدە....
-بىزنى تونارمۇ پالۋاننىڭ جەمەتىدىكىلەر؟...
-شۇنداق،ئۇ يەردە ئادەممۇ كۆپتۇ ھەقىچان.....
-بولدى بەس!بىز تونۇيمىزغۇ پەلۋاننى!ساق ۋاقتىدا بىزگە ئەسرالىشىش پۇرسىتى بولمىغان،ئەمدى بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈش خاتامۇ؟!
-بەرھەق!
-توغرا!
-شۇنداق قىلايلى!
كەكە ساقال،پاكىزە قېرىغان بىر بوۋاي ۋەزمىن ئاھاڭدا گېپىنى تۈگەتكەندىن كىيىن،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر توپ ئادەم مېڭىپ كەتتى،ئۇرايىممۇ بۇ ئىشنى توغرا تىپىپ،ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.....
يېرىم يولدا يەنە بىر توپ كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلىشىپ تۇرغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرايىمنىڭ بىر تونۇشىمۇ بار ئىدى.
-نەگە ماڭدىڭ ئۇرايىم؟
-پەلۋاننىڭ ئۆيىگە ئىسسىقلىق قىلغىلى.
-نىمە؟!توختاپ تۇر ھە.ئۇلار كېتىۋەرسۇن،بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلاپ باق.
ئۇرايىم تونۇشۇنىڭ گىپىگە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى.توپنىڭ ئوتتۇرىدا ئاپئاق ساقاللىق بىر مويسىپىت،تەئەددى بىلەن سۆزلەۋاتاتتى.
-قېرىنداشلىرىم،پەلۋان كەتتى.نىمە ئۇ ئىسسىقلىق-پىسسىقلىق دىگەن؟بەزىلەر مۇشۇنى بانا قىلىپ،ھايات چىغىدا كۆرەلمىگەن پەلۋاننىڭ جەسىتىنى بولسىمۇ بىر كۆرۈۋالماقچى!يەنە بەزىلەر كۆڭۈل،ئىسسىقلىق قىلىش بانىسىدا پەلۋاننىڭ تاۋاباتىغا ھەدىيە يىغماقچى...لىكىن ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟بۇ رەھمىتى ئۈچۈن نۇمۇس ئەمەسمۇ نۇمۇس!
ئۇرايىم بۇ مويسىپىتنىڭ گىپىدىن ھەيران قالدى.
-پەلۋانىمىز ھاياتلىقىدىمۇ پالۋان ئىدى،ئۆلۈگىمۇ پەلۋان،تائاباتلىرىمۇ پەلۋان!ئۇ ھىچكىمنىڭ ھەدىيەسىگە مۇھتاج ئەمەس.....
-بەرھەەەەەەەەەەق!
-شۇنداااااااااق!
-پىرىم توغرا دەيدۇ......
ئۇرايىم بۇ مويسىپىتىنىڭ گىپىنىمۇ توغرىدەك ھىس قىلىپ،زادى قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى.ئۇ خىيالىنى يىققاندا،پەلۋاننى يوقلىماق بولغانلارمۇ،يوقلاشنى توغرا تاپمىغانلارمۇ تارقىشىپ بولغان ئىدى......
-ئۇ پالۋان كىم بولغىيتى....ئېسىت.....
ئۇرايىم ئۆيىگە قايىتقاندىن كىيىن،موخۇركىسىنى چەككەچ شۇلارنى ئويلاپ قالدى.....
ئۇخلاشقا تەمشەلگەندە،تۈڭلۈكتىن يەنە بىرقانچە يۇلتۇزنىڭ ئېقىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئۇرايىم،ئۇزاق بىر دۇئا قىلىۋىتىپ ئۇخلاپ قالدى......
مەنبە:قەلىمىم
ئاپتۇرنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:بۇ پۈچەك ھىكايىنى ئۆزۈمگە ئاتاپ يازدىم.ھىچقانداق ۋەقە ۋە شەخس بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،ئەگەر بار دەپ تۇرىۋالساڭلار مەندە ئامال يوق!
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ