مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9583|ئىنكاس: 81

قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى14-15-16-باپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 04:54:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

14-باپ  ئۇ ياقتىكى ئىشلار

ئەغزەمجان كەتكەن كۈنى سەھەر.بىلال ئۇ كىتىشتىن بۇرۇن ياتقان ئۆيگە كىرىپ،ئۈستەلگە قويۇلغان خەتنى كۆردى ۋە پايپاقنى قولىغا ئىلىپ دەرىزە سىرتىغا تاشلىۋىتىپ، ئوقۇپ بولۇپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئەينىدىن ئارقىدىن كىرىپ بىلالنىڭ قولىدىكى خەتنى ئىلىپ ئوقۇپ،ئۇنىڭ كۈلكىسىگە جۆر بولدى.

-تۆرەم غىپپىدە تىكىۋىتىپتۇ دە!بەك قوقاپ كىتىپتۇ!

-بالائەمەسما تىخى!ئەينى يىللىرى بىز ئۇنىڭدىن ئۆتە ئىدۇققۇ دەيمەن!

-مەنغۇ ئانچە ئەمەستىم،سىلىنىڭ ياش ۋاقىتلىرىغا بەك ئوخشاپ قالىدىكەن.

-چىرايغۇ مىنىڭ ياش ۋاقتىمغا ئوخشاپ قالىدىكەن،(بىلال قەستەن قويۇق چاچلىرىنى سىلاپ قويدى)ئەمما خۇي-پەيلى بەئەينى سىلە ئەينىدىن خوجا!

ئۇلاربىر-بىرىگە گەپ ئىتىشىپ تۇرغاندا مەتسىلىم كىرىپ كەلدى.ئۇ ئىككەيلەنگە بىر قاراپقويۇپ چالا ھىجايدى.

-بەگلىرىم،تۆرەمگەراس جىن چاپلاشتىيا ئەينا!

-دىمەك ئۇنى سىلە قوقىتىپ قوياپتىلىدە!

-ياقئانداق ئەمەس،مەن راس گەپ قىلسام سىلەر ئىشەنمەيسىلەر،ئۇ تۆرەم ئىشىنىتۇ.

-ھەي.....بەزىئىشلارنى بىلگەندىن بىلمىگەن ياخشى،ھە،سىلى بى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەمەملا،ئاشۇتۆرەمگە دىگەن گەپلەرنىڭ نەق ئۆزىنى!

ئەينىدىنئەغزەمجانغا سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىلىرىنى تولۇق سۆزلەپ بەرگەندىن سىرىتيەنە،تەكلىماكان توغرىسىدىكى،قۇمدىكى قەبرىلەر توغرىسىكى نۇرغۇن ھىكايىلەرنىسۆزلەپ بەردى.ئەينىدىن ئۇنى توختىتىپ قويۇپ،يەنە خاتىرىسىنى ئەچىقىپ ئۇنىڭدىگەنلىرىنى خاتىرلەپ قويدى.بىلال پۈتۈن زىھنى بىلەن گەپنى تولۇق ئاڭلاپ بولغاندىنكىيىن قاتتىق بىرنى كىرىلىپ قويۇپ،ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەندەك سۆزلەپ كەتتى.

-تەكلىماكان،تەكتىڭ ماكان!ئۇندا چۆككەن سانسىز مىھمان!سىنىڭ سىرىڭنى،سىنىڭ قەدرىڭنى كىملەبىلە،كىملە بىلە!تەكلىماكان توغرىسىدىكى نۇرغۇن رىۋايەتلەر بىكاغا تارقالمىغان...................

ئەينىدىننىڭ ئىسىگە توساتتىن بىرئىش كەلگەندەك بولۇپ،بىلالنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى.

-مەتسىلىماخۇن!قۇم كۆچەشكە يانا قانچىلىك قالدى؟

مەتسىلىمخۇددى ئۇستا پالچىدەك بارماقلىرىنى لىكىلدىتىپ ساناپ.ئويلىنىشقا باشلىدى.

-ئازغىنەكەم 8-10كۈن باتتۇ!

-ھىم.......

ئەينىدىن خاتىرىسىگە يەنە بىرنىمىلەرنى يازدى.بىلال ھويلىنى بىر ئايلىنىپ كىرىپ،مەتسىلىمدىن سورىدى.

-ئۆتكەندە سىلە سىزغان رەسىم قىنى؟

-ۋوججىنەم!تايىنىيوقبى رەسىمتىيا ئۇ.

مەتسىلىمخىجىل بولغاندەك گەدىنىنى قاشلاپ قويدى.ئاندىن قازناق ئۆيگە كىرىپ،پۇرلاپ قويغاندەك بولۇپ كەتكەن رەسىمنى ئۇنىڭغا بەردى.

چەكسىزقۇملۇق.ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدە بىر ئادەم بىشىنىڭ خۇۋا ئىزناسى بار.ئوتتۇرىدا دۈمچەك-دۈمچەك بارغان.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر بارخان زەڭگەر رەڭدەئالاھىدە كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ.سول تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدە قانداق ھايۋان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىنىڭ باش سۈرىتى بار.

ئەينىدىن بىلەن بىلال بىر-بىرىگە مەنىلىك بىقىشقاندىن كىيىن،ئەينىدىن مەتسىلىمدىن سورىدى،

-بۇقەيە؟

-بىلمەيىتمە!

-راس بىلمەيلا؟

ئەينىدىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە بىلالغا قاراپ قويدى.بىلال مەتسىلىمگە يىقىنلاپ كىلىپ پەس ئاۋازدا‹جىغانشا قەبرىسى›(ئىسمى ئۆزگەرتىلدى)دەپ قويدى.مەتسىلىم توك سوققاندەك بولۇپ ئەندىكىپ كەتتى.ئاندىن ئۇلارغا ئىتتىك-ئىتتىك قاراپ ھودۇقۇپ سورىدى.

-سىلەر...سىلەرنىمە ئەدەملى زادى؟ھەجەپ بۇيەرنى بىلتىكەنسىلىيا!

-بۇ قەيە؟!

ئەينىدىن قايتىلاپ سورىدى.مەتسىلىم ئۆزىنى سەل توختىتىۋالغاندىن كىيىن سۆزىنى باشلىدى.

-بۇيەرگە مەن بەك ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بارغان.رەھمەتلىك بوۋام ئەشۇ يەردە جىق بىنەسەبار دەيىتقان.مەن بىرلا قىتىم بىرىپ تاس قالدىم جاندىن ئارىلغىلى.

-بىلگەنلىرىنى تولۇق دەپبەسە،ئاز بوسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ!

بىلاليىنىدىن بىر توقماق پۇلنى ئىلىپ مەتسىلىمگە تۇتقۇزۇپ قويدى.مەتسىلىم بۇ قىتىم ئۆزئادىتىگە مۇخالىپ ھالدا بىشىنى چايقىدى.

-بەگلىرىمدى نپۇل ئىلىۋەسەم مىنى قاباش گادايكىنا دەپ قالمىسا ئاينا.مەنمۇ بالا-چاقا غېمىنى دەپ ئانچە-مۇنچە ئالغىنىم بىلەن،ئادەتتە بەك مال-دۇنيا ئىزدىمەيىتمە.

-ھا-ھا-ھا..........................................

بىلال قاقاھلاپ كۈلىۋەتكەندىن كىيىن پۇلنى ئۇنىڭ مەيدە يانچۇقىغا زورلاپ سىلىپ قويدى.بۇ قىتىم مەتسىلىم رەت قىلمىدى.

-1981-يىللارمىكىنا،بىئاغىنەم بىلەن بىللە ئەشەگە بارغان.كونىلارنىڭ دەپ بەرگەن يولى بويىچە ئاران تىپىپ،ھىچنىمە ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە تاس قالدۈك ئۈلۈپ كەتكىنى.ئاغىنەم دەيىتتۇ ئالىلى!مەن دەيىتمە قاچىلى....

-ھەي،ھەي مەتسىلىماخۇن!ماندا بى باش-ئايىغى با گەپ قىلىلى!

ئەينىدىن خاتىرىسىگە يىزىۋاتقان مەزمۇننى ئۇلىيالماي جىجىۋەتتى،

-قەبرىنىتىپىپ ئىچىگە كىرەي دەپ تۇرساق يىقىنلا بىر جايدا يوغان دەرەخ كۆرۈندى.چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەرەخ ئۈنەمتۇ دىيىشىپ ئاغىنەم بىلەن يىقىن بىرىپ قارىساق،ئەدەمنىڭ پايخۇنىغىلا ئوخشايدىغان دەرەخكەن.بىز يىقىنلاشقاندا ئۇ دەرەخ مىدىرلىغاندەك بولدى.دىققەت بىلەن قارىساق نەدە دەرەخكىنا،بەك زو ئىدەمنىڭ پۇتى!ئۈستىگە قارىساق بەدىنى،ئۇنىڭ ئۇينىدە يوغان كاللىسى كۆرۈندى.ئاغىنەم قانداق بولدىكىنا ئۇقمىدىم،مەن قىتىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن!ئاز دىگەندىمۇ 3مىتىر چىقار ئۇ ئۇۋاتەككۈ دىۋە!ئاغىنەم تارتمىغان بولسا تۇرىۋىرتىكەنمە.قىچىپ خىلى بىريەرگە بارساقمۇ ھىچ قوغلىمايتتۇ،شۇنىڭ بىلەن يەنە ئارقىمىزغا قايتىپ كەلدۇق.ئۇزۇن كۈزەتكەندىن كىيىن،بۇتكەن دەپ ئويلاپ قەبرىنىڭ ئىچىدىن قولغا چىققاننى ئىلىپ ئەمدىلاچىقىشىمىزغا ئۇ دىۋە ئالدىغا ماڭغاندەك زايا بولدى.بىز ئاستا ماڭساق ئاستاماڭىتۇ،تىز ماڭساق تىز ماڭىتۇ،بىرچاغدا ئالدىمىزغىلا پەيدا بولدى.يەنە ئارقىمىزغاقاچتۇق،قەبرىگە ئاز قالغاندا ھوشۇقامدىن بىرنەرسە تارتىپ مىنى دارقىرىتىپ سۆرەپكەتتى،قۇمغا مىلىشىپ،كاللام چۆرگىلەپ خۇدىمنى يوقىتىپتىمەن.ئىسىمگە كەلسەم مەللىگەيىقىن بىر يەردە پاقىدەك يىتىپتىمەن،ئاغىنەم يىنىمدا سېسىق پۇتىنى يۈزۈمگەتوغرىلاپ ئېڭرىغىلى تۇرۇپتۇ.ئورنىمىزدىن قوپۇپ بولغان ئىشلارنى ئەسلىتۇق.يۈزۈمنىڭ بىرقانچە يىرى سۈرۈلۈپ كەتكەننى ھەسەپ ئەتمىسەك ساقكەنمەن.مىنى تارتقان نەرسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىمىدىم.لىكىن ئاغىنەم بىر ھايۋاندەك نەرسىكەن،ئالدى پاقالچىكىدەئىككىمىزنى سۆرەپ ئەپكەتتى دەيتتۇ.............

ئەينىدىن خاتىرىنى تولۇق يىزىۋالغاندىن كىيىن ،مەتسىلىمدىن يەنە بىرنىمىلەرنى سوراپ بولۇپ،بىلال بىلەن بىللە چىقىپ كەتتى.


15-باپمەن قايتىپ كەلدىم!

يىتىپ ئۆلگىچە،ئىتىپ ئۆل.تار يەدە گۆش يىگۈچە،كەڭ يەدە مۇش يە.مازادىن نەرسەئالماڭ،ئالسىڭىز تىرىك قالماڭ............ئۆزۈمگە تۈرلۈك تەمسىللەرنى نەقىل قىلىپ،خوتەنگە يولغا چىقتىم.يىقىندا بولغان ئىشلارنى دىمەيلا قوياي.بۇ ساراڭ جىنلار يا جىنىمنى ئالمىدى.يا ئارامىمدا قويمىدى.ئۆيدىكىلەرنى ئەلى 99-قىتىم ئۇرغان تىلفۇنۇمنى ئاخىرى ئالغاندىن كىيىن،تىل بىرىكتۈرۈپ ئالداپ ماڭدىم.(كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا ئۆيدە بولۇنغان نادىر دىئالوگلاردىن بىرقانچە كەلىمە سۇناي)

باش پىرسۇناژلار:دادام.ئاپام ۋە مەن

ئارقا كۆرىنىش:دادام ساپادا كىرىلىپ ئولتۇرغان.ئاپام ئۇنىڭ يىنىدا،مەن ئۇدۇلدىكى  ئورۇندا.ئارىمىزدا بىر ئەينەك ساجى بار.

-ئۆتكەندەخوتەندە خىزمەت چىقىپ قاغان،يانا بىرىپ كىلەيمىكى.

-ۋۇجۇ!خوتەندە؟!قايداخىزمەتكىن؟!

-قەدىمىييادىكارلىقلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى!

-نىمىقىلىش ئىدارىسى؟!سەن ئەشەدە ئىشلىيەلەمسەن؟

-ئاھاي،دادا!ئىشلىيەممىسەم يىنىپ كىلەمە!

-مىشەدە باكا ژۈرۈپ جىنىڭنى باقاممايسەيۇ،خوتەندە بىژمە ئىدارىسىدا قايدا ئىشلەسە سەن!

سۈكۈت.

-ۋاي دادىسى،بى ئوقۇغان زىيالىدەك،دۆلەت كادىرىدەك گەپ قىلسا!نىمدا بالىنىڭ غورورىغا تىگىلا!

-ھىي!سەنئۇ كەسىپتە ئوقۇمىساڭ يا،قىدىرىپ تەكشۈرۈش دىگەن ماندا تىخنىكا كىتىدىغان،جاپاغاچىدايدىغان ئەكەكلە قىلىدىغان ئىش ئۇ!(دادام ئاپامنىڭ گىپىگە پىسەنىت قىمماي يەنەماڭا تەنبىھ بەردى)

-ئۆيدەئوتتاسام تىخى خاپولىساڭ،ئىشلەي دىسەم تىخى بىژنىمە دىسەڭ.چىك............

-راس ئىشلەيسە؟!

-ئىشلەمە..

-ماندا ئەكىشىدەك ئىشلەمە دىمەي،ئىشلەيمەن!دىمەمسە!

(مۇشۇچاغدا كىلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە،ئەلىدىن تىلىفۇن كەلدى)

-سالامىلىيكوم!

-ھە،مەنمۇشۇ باراي دەپ تۇغان،دادام ئۇنىماۋاتىدا!

-ئەكىلەئاداش تىلپۇننى!(دادام يانفۇننى مەندىن ئىلىپ،ئەلى بىلەن بىرھازا پاراڭلاشتى)

-بولاپتا.بىرىپكەل.مەن سىنى كەمسۈندۇمىدىم بالام،سەن  راسئۇ خىزمەتنىڭ خىلى ئەمەس،ئەمما ئە كىشى دىگەن گەنجىڭ بولىمىز،مىشەدىكىدەك ئۆمىلەپژۈسەڭ بوممايدا جۇما!

-بامىيەبالام!يىنىمىزدا تۇساڭ مەن رازى،خەقنىڭ يۇتىدا قىژلىنىپ!

(ئەمدى ئاپام يىنىۋالدى)

-ئاھا.....سىلىمۇ بى تۈزۈك گەپ قىلىڭلا!نىمە ئۇ خەقنىڭ ژۇتى دىگەن!ئۇيغۇر با يەنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ ژۇتى!ئۆلگىچە ئەغزەمجاننى پوكانغا بىسىپ باققىنى بوممايدا،بىز بى ئاسمانغا تۈۋرۈك بوممايمىز،ئۆلەپ كىتىمىز!مەيلى ژۇت كۆسۇن،ئىشلىسۇن،چىنىقسۇن!

ئاپام بەرگەن بەشمىڭنى ئىلىپ يولغا چىقىۋالدىم.

خوتەن.مەتسىلىمنىڭ ئۆيى.ئۆيدە مەتسىلىم خورەك تارتىپ ئۇخلىغىلى تۇرۇپتۇ.مەن قويۇپ قويغان تاش ۋە خەتيوق.توۋا!تاشنى ئىككىسىدىن بىرسى ئالغان بولسا جىنلار يەنە نىمىشقا مىنى ئازاپلايدۇ؟!مەتسىلىمدىن سوراي دەپ ئويلىغان بولساممۇ،ئۇنىڭ كالىدەك تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئۇيقۇسىنى بۇزغۇم كەلمىدى.كۈز پەسلى بولسىمۇ ھاۋا ئوتتەك ئىسسىق.مەتسىلىم ئويغانغۇچە ھىلىقى يوغان تۇڭدا يۇيۇنماقچى بولدۇم.ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپلا كەيپىم ئۇچتى.چۈنكى ھىلىقى رەمەتلىك پايپىقىم تاش بىلەن بىللە تۇڭنىڭ يىنىدا تۇراتتى.‹ئاناڭنى!نىماندا جىنلا مەن بىلەنلا قالىدىكىن دەپتىمە!ئەينىدىن تاز بىلەن ماڭقا بىگىم ئۇنى تاشىۋىتىپتىكىن ئەمەسما!›ئىچىمدەئۇلارنى قانغۇچە تىللىۋىلىپ،قولۇمدا تۇتۇشتىن ئەيمىنىپ،پۇتۇم بىلەن ئۇ تاشنى يىراققا سۈرۈپ قويۇپ،تۇڭغا چۈشتۈم.

نامازشامغايىقىن ئۇلار قايتىپ كەلدى.

-ئوھوي!تۆرەم قايتىپ كىلىپلا،بۇنى قايدىن سورامىز؟!

-خا ھا!پۇللىرىنى ئۇنتۇپ قاپلا،سىلنى ساقلاپ تۇرامىز!

ئىككى قېرى سالامنىڭ ئورنىغا قاملاشمىغان قوشاقلىرىنى باشلىۋەتتى.مەن زورىغا كۈلۈمسىرە پقويۇپ،ئۇلار بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشتۈم.ئاندىن ئۆزۈمگە سۈرلۈك تۈس بىرىپ تۇرۇپ ئۇلارغا سۆزلىدىم.

-ئاڭلاپ تۇرۇڭلا!بىرىنجىدىن مەن يىپ ئۇچى ھەققىنى ئالغىلى كەلدىم.قوشاقلىرىڭلاردىن ئۆرگىلەي!ئىككىنجىدىن مەن يازغان خەتتىكى گەپلەنىڭ ھەممىسى راستى،ھەقاسىڭلارغائىچىم ئاغرىپ كەلدىم.ئۈچىنجىدىن ھىلىقى تاشنى جايىغا ئاپىرىپ قوياي دەپ كەلدىم.

-قاسى تاش؟

-مەن يازغان خەتنىڭ تۆپىگە پايپاقتا يۆگەپ قويغان تاش شۇتى.لىكىن بايام  ئۆينىڭ ئاقىدا تۇرىدا!

-قەنە؟

مەن قورقۇپ تۇرۇپ ئۇ تاشنى ئىلىپ كەلدىم.كۆڭلۈمدە بىرسى بۇتاشنى قولىغا ئالسالا مەن قۇتۇلىمەن دىگەننى ئويلىدىم.ئەينىدىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ،بۇرنىنى بىرقولىدا توسۇپ تۇرۇپ پايپاقنى قولىغا ئالدى.

-بىژقىتىممۇ كەيمىگەن قىزلىقى با پايپاقتى،خاپۇممىسىلىرى!

مەن ئۇنىڭ بۇ يىرگەنگەن قىياپىتىدىن بەكمۇ غەزەپلەندىم.بىلال قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئەينىدىن پايپاققا بىرقاراپ ماڭا بىر قاراپ قويدى.

-ھە،ماندادىسە،مەن تىخى سىلىنىڭ پوسمىلىرى ئوخشايدۇ دەپتىمە!

مەندەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.چۈنكى مىنىڭ ئەس-يادىم ئۇنىڭ تاشنى قولىغا ئىلىشىدا ىالغان ئىدى.پايپاق ئاخىرى ئىچىلدى. ئەينىدىن تاشنى قولىغا ئىلىپ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى.ئاندىن نەپەسلىرى بارغانسىرى تىزلىشىپ،چىرايى قىزىرىشقاباشلىدى.بىلالمۇ كۈلكىسىنى توختىتىپ ئۇ تاشقا قاراپ قىتىپ قالغان ئىدى.ئەينىدىن ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاۋاتاتتى.

-ئاھخۇدا!!!سىنى ئىزلەپ بارمىغان كەربالامۇ قالمىغان،نى شاھانە شىرمەرتنى،ئاھۇ زاردا خارلىغان!

بىلالئۇتاشنى قولىغا ئىلىپ يىنىش-يىنىشلاپ قاراپ،پۇراپ كەتتى.مەن ئۇنى يالاپ سالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم،گەرچە يىڭى بولسىمۇ پايپاققا يۆگىگەن نەرسە ئەمەسما!

-تۆرەم بۇنى نەدىن ئاللا؟!نەگە ئاپىرىپ قويماقچى؟!

-توۋا،بۇتاشنىڭ مۇشۇ يەردە ئۇچراپ قاغىنىنى دىسە!تۆرەم!سىلە نىمىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىلىرىنى بىلەملا؟!

ئۇلارنىڭ قاتمۇقات سۇئاللىرىنىدىن شۇنى بىرىنجى بولۇپ ھىس قىلدىمكى،بۇ تاش ھىلىقى تەڭگىدىنمۇ ياخشى نەرسە!ئەينىدىن تەڭگىنى كۆرگەندىمۇ بۇ دەرىجىدەھاياجانلانمىغان!دىمەك مەن تاس قاپتىمەن بىر قىممەت باھالىق نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغىلى!!!مەن يۈگۈرەپ بىرىپ دىگۈدەك،بىلالنىڭ قولىدىن تاشنى يۇلۇپ ئالدىم.

-ھە،نىمەبولاۋاتىمىز؟!بىگىم غوجامنىڭ يانا مىنى سوتلىغۇسى كەپقاغان ئوخشىمامداااااا؟

مەن مەغرۇر ھالەتتە،گىپىمنى ئايىغىنى سوزۇوپ قويدۇم.‹ئاھۆە!›مەتسىلىمنىڭ سەت يۆتىلىپ بەلگە بىرىشى بىلەن جىنلار ئىسىمگە كىلىپ،تاشنى دەرھال بىلالنىڭ قولىغا يەنەتۇتقۇزۇپ قويدۇم.تاسقاپتىمە مەتسىلىم ئىسىمگە سالمىغان بولسا پۇلنى دەپ جىنلارنىڭ قولىغا يانا چۈشكىلى!

-سىلىنى سوتلىغىلى بولامدا تۆرەەەەەەەم!ئەمدى بىز كۆمىگەن تاش بوغاندىكىن سىلىدىن سوراپباقتۇق.

بىلال تاشنى قولۇمغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولىۋىدى،مەن بىريىرىم كۆيۈپ كىتىغاندەك كەينىمگەداجىپ كەتتىم.

-چاقچاق قىپ قويدۇق سىلىگە!ئەمەلى ئەۋالنى بىزگە دەپبەسە جۇما!

ئەينىدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،بىلالنىڭ قولىدىن تاشنى ئالدى.مەن ئۇلارغا بولغان ئىشلارنى ئاساسەن تەپسىلى ئىيتىپ بەردىم.(چاندۇرماي ئىلىۋالدىم دىمەي،چىقىۋىتىپ ئۇچراپ قالدى دەپ قويدۇم).

ئەينىدىن بىلالغا ئەستايىدىل ھالدا تىكىلدى.

-دىمەكچىلىك ئۇ رىۋايەت جىڭ!

-ئالدىراپ يەكۈن چىقامايلى،تەكشۈرۈپ بىقىپ ئەندىن....

-ياق،سىلە ،مىنىمۇ ئۆزلىرىنىمۇ ئالدىمىسا بىگىم،بۇ نەق ئاشۇ تاش.سىلە مەندىن بەكرەك بىلىلىغۇ دەيمە!

-لىكىن ماڭا بەك تاساددىبىي بىلىنىپ كەتتى.

-تاساددىبىي بىلىنمىسۇن،ئىگەم بۇ تاشنى تۆرەم ئارقىلىق بىزگە ئۇچراشتۇرۇپتۇ.

ئۇلارمىنىڭ كەچمىشىمگە تەبىر بەرمەي ئۆزىنىڭ گىپىگە چۈشۈپ كەتتى.

-بىگىم،غوجىلىرىم!بۇتاش جىنلانىڭ پاتىشايىنىڭ تىشىمىتىيا؟!

-قايدا دەيلا؟

-مەن بايامنىڭ ياغى بوغان ئىشلىنى سۆزلەپ بەدىم،ھىچ بى پايدىلىق گەپلىنى ئاڭلىمايمەنيا؟

-ھە....ياق،بۇئۇنداق تاش ئەمەس،ئەمدى سىلىنىڭ ئىشلىرىغا كەسەك........

ئەينىدىننىڭ قەستەن گىپىنى توختىتىۋالغانلىقىدىن بەك ئاچچىقىم كەلدى.

-بى ئەكىشىدەك پۈتۈن،پۈتۈن گەپ قىلسا ئەينىدىن تاغا!

-سىلە سوغاقچانما؟

-ئاھاي....مەن نىمە دەتىمە،سىلە نىمە دەتىلا دەيمە!سوغاقچان-پوغاقجاننى قوياپ،مىنى قوتۇلدۇرۇشنىڭ چارىسىنى دەپ بەسە!

-ئاۋال جاۋاپ بەسە!

-شۇندا!بەك سوغاقچان،قاندا دەيلا؟!

-ھىم....مۇشۇ تاش سىلىگە زىيان قىپتا.

-مەنب ىبۇ تاشنى يىمىگەن،قايدا زىيان قىغاندۇ؟

-بۇتاش ئادەتتىكى تاش ئەمەس،ئەگەر ئۇزاق مۇددەت كۆمۈلەپ قاممىغان بوسا سىلىنى تىخىمۇ بەك ئاۋارە قىلىتى!

-ھە؟!ئىنىق گەپ قىلسا،مىنى تولا قوقاتماي!ھىلىمۇ قوقاقتىن تۈنۈگۈن ساقايدىم مەن!

-ئۆيگەچىرىپ پاراڭلىشىلى!

ئەينىدىن بىزنى ئۆيگە باشلاپ كىرىدى.









16-باپ   تاشنىڭ رىۋايىتى


ئەينىدىن تاشنى ئەينەكتەك بىرنەرسىگەئاۋايلاپ سىلىپ،قاتمۇقات رەخلەر بىلەن ئوراپ،سومكىسىغا سالدى.ئاندىن تاشنىڭ رىۋايىتىنى باشلىدى:

چىيەنلۇڭ خان زامانى. ئەينى چاغدىكى خوتەن  دىيارى.بىر جىسەكچى ئەينى چاغدىكىكىچىك بەگلەردىن بولغان ئۇيسۇن بەگكە(ئىسىم ئۆزگەرتىلدى) ‹يۇرۇڭقاش دەرياسىداكۈندە كەچتە بىرنەرسە ۋالىلدايدۇ›دەپ مەلۇم قىلىدۇ.ئۇيسۇن بەگ دەسلەپتە ئىرەن قىلمايدۇ.كىيىن لەشكەرلەر،خەلىق قايتا-قايتا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن،ئۇيسۇن بەگ  مەخسۇس كۈچ ئاجرىتىپ،يۇرۇڭقاش دەرياسى تىگىدىن ئۇ نەرسىنى سۈزۈپ ئاچىققۇزىدۇ.يىرىمى قارا،يىرىمى ئاق،بىر قاراشتا بىر-بىرىگەخىرىس قىلىپ تۇرغان مەخلۇققا ئوخشايدىغان قوشمۇشتەك بۇتاشنى ئۆلىمالار كۆرۈپ،بەگكەئاپىرىن ئوقۇيدۇ.

-بۇ ئاجايىپ خىسلەتلىك تاشكى،قارىنى ئاسقانياكى تاقىغان ئادەمنى  سوغۇق يەلدىن بولغان كىسەل باسالماس،قەھرىتاندىمۇ توڭماس!ئېقىنى ئاسقان ياكى تاقىغان ئادەمنى ئىسسىق يەلدىن بولغان كىسەل باسالماس،تومۇزدىمۇ تەرلىمەس!  ئاپىرىن،ئاپىرىن!بىگىمگە ھەق ئۆزى ئاتاقىلىپتۇ،ئۇشبۇ تاشتىن نەقىش ياساپ ئۆزلىرىگە ۋە جانابى تولون ئاغىچىگە بىزەك قىلماقنى ئىستەيمىز!

-قانداق بىزەك ياسىساق بولۇر؟

-بۆرە!ئەركەك-چىشى بۆرە!

ئۆلىمالارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن بەگ ئەڭ ياخشى قاشتاش ئويمىچىسىغا بۇ تاشتىن بۆرە ياسىتىدۇ.دىگەندەك بۇ تاشنىڭ ئىسسىق ۋە سوغۇقنى ھەيدەشتە ئۈنۈمى ئالاھىدە بولۇپ چىقىدۇ.بىر ئۆلىما ئۇنىڭغا‹قۇت بۆرە تېشى›دەپ نام قويىدۇ.ئۇنىڭ نامى ئەلگە تارىلىدۇ.بەگ بۇ تاشنى ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق چىەنلۇڭخانغا ھەدىيە قىلماقچى بولىدۇ.

لىكىن،ئۇيسۇن بەگنىڭ قوشكىزەك ئاكىسى ئۇيقۇنبەگ ‹ئەگەر ئىنىم قۇت بۆرە تىشىنى چىەنلۇڭ خانغا ھەدىيە قىلسا،ئىنىق ئۇنىڭ ئەمەلى ئۆسۈپ كىتىدۇ،ياق!ئىستىدات،ئىلىم جەھەتتە مەندىن بەسى يىراق ئىنىم ئاشۇ غايىپ كەلگەن تاشنىڭ ھۆرمىتى بىلەن مەندىن ئىشىپ كەتسە ھەرگىز بولمايدۇ!›دەپ ئويلاپ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرمەيدان يوشۇرۇن جەڭ مەيدانغاكىلىدۇ.زادىلا ئامال قىلالمىغان ئاكىسى،نىيىتىنى بۇزۇپ ئىنىسىنىڭ قەسىرىگە ئوت قويۇپ،ئۇ تاشقا ئىرىشمەكچى بولىدۇ.قەسىردىن تولۇن ئاغىچا(ئۇيسۇننىڭ توقىلى)ھايات قىچىپ چىقىپ تەكلىماكاننىڭ ئىچىدە غايىپ بولىدۇ،شۇنىڭدىن ئىتىبارەن قۇت بۆرە تىشى قايتا كۆرۈلمەيدۇ..............................................................

ئىڭىكىم چۈشۈپ قالاي دەپقالدى.دىمەك مىنى ئاشۇ ئۇيسۇن-پۇيسۇن دىگەنلەرنىڭ جىنلىرى ئاۋارە قىلغان ئوخشىمامدۇ؟

-راسمۇيا؟!شۇنچە ئۇزۇن ژىل بۇرۇنقى تاشنىسىلە قاندق بىلىلا؟

-بۇ پەقەت رىۋايەت،تارىختا ياكى خاتىرىلەردەقالدۇرۇلغان ئەمەس.لىكىن قاشتىشىنىڭ ئىچىدە شۇنداق ئىسىللىرى باركى،سىلە ئۇنىڭ رولىنى ئاڭلاپ ئىشەنمەيلا!

-ئۇندا بوسا بۇ تاش قايسىدۇ؟!مەن دىمەكچى ھىلىقى سوغىقىمۇ يا ئىسسىقىمۇ؟

-سوغىقى!سىلىنىڭ مىجەزىلىرى سوغاق بوغاندىكىن،شۇ كۈنى بۇنى قويانغا سىلىپ يۈرۈپ،بەدەنلىرىگە بەك سوغاق ئىلىپ كىتىپتۇ!

-دىمەك بۇ ئاشۇ قۇت بۆرە تىشى دەيلى؟!

-مىنڭچە شۇ.

ئەينىدىن تاشنى ئىلىپ چىراق يورىقىغا تۇتتى.راستىنلا بۆرە ئىكەن!ئەينى ۋاقىتتا ماڭا يايلىسى بولغاچقا ئاتتەك كۆرىنىپ كىتىپتىكەن،ئەسلى بۇ يايىلىق بۆرىكەن ئەمەسمۇ!چىشلىرى يىرىم ئىچىلغان،بىر كۆزىنى قوم توسىۋالغان،ناھايىتى گەۋدىلىك،بىشىنى يىرىم ئىگىپ تۇرغان بۇ بۆرە ماڭا بە كسۈرلۈك ھەم ھەيۋەت تەسىر بەردى.

-مىنى سوغۇق ئىلىپ كەتكەچكىلا جىن خاپاقىلغانمىدۇ؟

-ئۇنىسى مەن بىلمەيمەن،لىكىن مۇشۇنىڭ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.

-بۇ تاش قانچە پۇلغا يارايدۇ؟

-بۇ تاشنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.قەدرىنى بىلگەن ئادەمگە دۇنيادىن ئەۋزەل،بىلمىگەن ئادەمگە كىسەكتىن پەرقى يوق!

ئىسىت!نىمە دەپ جىندىن قوقاپ بۇنچە نوچى تاشنى ئۇلارغا بەرگەندىمەن!ئەمدى قايسى يۈزۈم بىلەن ماڭا بىرىڭلار،مەن سىلەرگەساتاي دىيەلەيمەن!مەن نىمانچە قاپاقباش!بىشمغا كەگەننى كۆرۈپ،قىسىپ چىداپ تۇرسام بولماسمىتى.....ئۆزۈمنى توختىماي ئەيىپلەۋاتقان چاغدا ،ئەينىدىننىڭ سۆزى خىياللىرىمنى بۆلدى.

-تۆرەم!سىلە تارىخى بىر ئىش قىللا دىسە كبولىدۇ!بۇنىڭ تەتقىقات يەكۈنى چىقىپ دەلىللىنىپ قالسا چوقۇم ئىسىملىرى دۆلىتىمىزنىڭ قامۇسىغا چىرىدا!

ئىچىمدە‹قانچە پۇل بىرىدا›دەپ سورىغۇم كەلسىمۇ،ئۇنداق دىيەلمىدىم.راس گەپ قىلسام ماڭا قامۇسقا كىرىشتىن،5مىليون بەرگىنى ياخشىراق.چۈنكى قامۇستىكى رەسىمنى كۆتۈرۈپ بارسام خىزمەت بەرمەيدۇ،ئۆي بەرمەيدۇ،ھىلىقى قىزبالا ‹ۋۇجۇ!ھەجەپ يامانكەنلا،سىلىگە تىگەي!›دىمەيدۇ ئەمەسمۇ!

-مەلۇم جەھەتتىن بۇ تاشنى تىپىش سىلىنىڭ پىشانىلىرىغا يىزىلىپتىكىن.بوممىسا نۇرغۇن ئالىملار ،ئىكىسپىدىتسىيەچىلەرتاپالمىغان تاشنى سىلە ئويناپ ژۈرۈپ تىپىۋالامتىلە!تەلەي نەدە دىسە دوڭگا ماڭلايدادىگەن راسكىن!

‹تۈفى!دوڭگا ماڭلاي دىگەن سەن، قېرى  تاز!›ئىچىمدە ئۇنى قاتتىق تىللىدىم.بىلال قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئاپلا،ماۋۇ بىگىمىنىڭ ھەممىنى بىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن!دىمەك ئۇ ئىزچىل مىنىڭ نىمە ئويلىغانلىقىمنى،ئۇلارنى تىللىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرغانمىدۇ؟ياق،ھەرقانچە بولسىمۇ،ئۇندا يامان ئەمەستۇ؟!

-سىلىمۇ ئەجرىلىرىگە لايىق جاۋاپ ئالىلا،خاتىرجەم بوسا!

‹خا-خا!يەنىلا ئەينىدىن تاغام ياخشى!›ئويلاپ بولۇپ بىلالغا يەنە قاراپ باقتىم،ئۇ بۇرنىنى كولاپ بىرنەرسىنى خىيال قىلىۋاتقاندە كتۇراتتى. بەلكىم ئۇ ‹نىماندا مەيدانى يوق،تۇتامى يوق ئاداشتۇ بۇ!›دەپ ئويلاۋاتقاندۇ.نىمە كارىم،ئىشقىلىپ ئەينىدىن بايام لايىق جاۋاپ ئالىسەن دىدى،بۇدىمەكلىك پۇل ئالىسەن دىمەكلىك.ھەرنىمە بولسا مۇشۇ تاشنى دەپ تارتقان كۈلپەتلىرىم بىكارغا كەتمەيدىغان بولدى.

-يەنە بىرى قەيەدىدۇ؟!

بىلالنىڭ سۆزى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارىتتى،توغرا!بۇ تاش رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا بىرجۈپ بولىشى كىرەك!ئەگەر يەنەجىندىن قورقمىغان بولسام،ھازىرلا يۈگۈرەپ بىرىپ مازارغا باشچىلاپ چۈشكۈم بار ئىدى.

-ھىلىقى ئورچەك مازادا بادۇ!

-ياق،بىز خىلى يەرلەرگىچە تەكشۈرۈپ باقتۇق،بابوسا بىزگە ئۇچرايتى.

مەن يەنىلا ئۈمۈدسىزلەنمىدىم.چۈنكى بۇتاشنىمۇ ئۇلار بۇرنىنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ كۆرمىگەن،كىم بىلىدۇ تىخى يەنە مەن ئاسانلام تىپىۋالامدىمەن تىخى!

-قاچانلىققا يولغا چىقىمىز!؟

-نەگە؟!

-تاش ئىزىدىگىلىچۇ!

-ھە....ئەتە.سىلىمۇ بىللە باراملا؟

-بارامە ئەمدى،ئاتايىتىن كەپتىمە.

ئەينىدىن ناھايىتى ياسالما بىر ھىجىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.بىلال مەتسىلىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.مەن ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saprayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-14 05:11 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alvasti + 99 ھەممىسىنى مۇشۇنداق ئۇ.
rixtamuqur + 100 ئادەمنى تەقەززا قىلىپ
Pinhangul + 100 بەك قىززىق يېزىپلا،لى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 299   باھا خاتىرىسى

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 08:04:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ۋاھ يەنە چىقىپتۇ مانا داۋامى،بەك ياخشى چىقىپتۇ

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 08:23:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇنجى بولۇپ ئىنكاس يېزىپتىمەندە

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 10:01:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت جۇمۇ ،، نەچچە كۈن يوللىماي تەقەززا قىلغانغا چۈشلۈق خېلى جىق يوللاپ قۇياپلا .
ئىككىنچى قېتىملىق تاش ئىزدەش تېخىمۇ قىزىقارلىق بۇلىدىغۇ دەيمەن . چاققانراق يازالا جۇما  .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106295
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2014-4-22
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 10:19:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.ئۇزۇن ساقلىغانغا چۇشلۇق باپ يوللاپسىز. كىيىنكى باپلىرىغا بەك ساقلاتماسسىز.

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:04:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانغىدەك بىر ئوقۇۋالدىما، رەھمەت جۈمۈ.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5023
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 2074 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:07:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەندە ھەجەپ بى خوش قىللىيا ئەغزەمجان رەھمەت قوللىرى دەت كۆمىسۇن.

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101570
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 106
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-12-31
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:29:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ-پاھ! بەك ئسىل يېزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2966
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 429 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:46:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەغزەمجانغا  بۇدا جان كىرىپ قالىدۇدە، ئەمدىكىسى ئىسسىق تاش ، تىپىۋىلىپ قۇيۇنغا سىلىۋالسىمۇ جىنلار ئاۋارە قىلالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106424
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 70
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2014-4-26
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:50:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىكلىرى بەك چۈشىنىشلىك بوپتۇ. ئەسەر تىلى خۇددى ئابدۇكىرىم ئابلىز ئىپىزوتلىرىنىڭ تىلىدەك قىزىقارلىق چىقىپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش