مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5903|ئىنكاس: 75

قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى 11-12-باپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 04:06:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەمىمى ئەسكەرتىش:


ئەڭ ئاۋال مىنى ئۈزلۈكسىز قوللىغان تورداشلارغا ۋە ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرگە چوڭقۇر مىننەتتارلىق بىلدۈرمەن!‹قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى›دىگەن ئەسەر مىنىڭ ئىجادىي ئەسىرىم ھەم مىسرانىم مۇنبىرىدا تۇنجى ئىلان قىلىنىشى.شۇڭا ھەرقانداق شەخىس ياكى ئورۇننىڭ مىنىڭ رۇخسىتىمسىز باشقا توربەتلەردە،ئۈندىدار سالونلىرىدا تارقىتىشىغا قەتئىي بولمايدۇ!ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بولسا مۇشۇ ئەسكەرتىشىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆچۈرۋىتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.(بولمىسا دەۋا شەكىللىنىپ قالىدۇ!!!)  چۈنكى بۇ ئەسەر 2-توملۇق رومان بولۇپ،مەن مەلۇم تورداشلارنىڭ قايتا-قايتا تەكىلپ بىرىشى ۋە دەۋىتى بىلەن مىسرانىم تورىدا كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن،قىسقارتىلما نۇسقىسىنى سۇنغان.پات ئارىدا نەشىردىن چىققان كىتاپ نۇسىقىسى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلىدۇ!قوللىشىڭلارنى سەمىمى تىلەيمەن!


.........................................................................................................................


11-باپ    مەتسىلىمنىڭ ھىكايىسى


-ماڭا رەخمەت ئىيتىپ ژۈمىسىلە!بىز ئۆز ئەدەملىغۇ !ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇئىشتا بىزمۇ سەل-پەل بىخۇت تۇرۇپ قاپتۇق ئەمەسما.


بىلال قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ماڭا مۇشۇ  گەپنى قىلىپ قويۇپ،ئەينىدىنىنىڭ يىنىغا چىقىپ كەتتى. ئەلىمۇ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى .شۇ ئىشتىن باشلاپ بىلالغا بولغان كۆز قارىشىم بىراقلا ئۆزگىرىپ كەتتى.ئۇنى بۇندىن كىيىن ‹بىگىم›دەپ چاقىرىشنى  قارار قىلدىم!مەن ئادەتتە ئاسان بىرسىگە قايىل بولمايمەن،لىكىن ئۇنىڭغا تولۇق قايىل بولدۇم،ئەلۋەتتە بۇنىڭغا مىنىڭ شەخسى غەرەزلىرىممۇ ئارىلاشقان.يەنى:


1.بىلالنىڭ ياق بىگىمنىڭ مۇشۇ ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ،ئاشۇنداق كىسەللەر ماڭا ئۇچراپ قالسا،داۋالىتىپ ئارىلىقتىن پايدا ئالىمەن!


2.ئىمكانىيەت بولۇپ قالسا ئۇنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ.ئۇنىڭ ماھارىتىنى ئۈگۈنىۋىلىپ،قەشقەرگە قايتىپ،مەنمۇ ئۆي-ئۆيلەرگە،كوچا-بازارلارغا ئىلان چاپلاپ،تىۋىپلارنىڭ شاھى پىرىغا ئايلىنىمەن.


3.بىگىمنىڭ ھىلىقى ناركوز قىلىدىغان بىرنىمىسىنى ياساشنى ئۈگۈنىۋىلىپ،چىش ئاغرىقلىرىغا ساتىمەن.چۈنكى مەن چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى بەك تارتقان،بەك تارتقان!چىش ئاغرىقى تۇتقان چاغدا ھەرقانداق ئادەم پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدۇ .ئەمەسمۇ!


4.ئاغزىم يەنە مايماق بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا تايانمىسام بولمايدۇ!


چۈش -پىشىم بولغىچە مۇشۇنداق خىياللارنى سۈرۈپتىمەن.ئەينىدىن بىلەن بىگىم ‹سىلە تولۇق ساقىيىپ بوغىچە ياخشىسى ئاقا سەپ خىزمىتىگە مەسئۇل بوغاچ تۇسا›دەپ قويۇپ،مەتسىلىمگە بىرنىمىلەرنى تاپىلاپ  چىقىپ كىتىشتى.بۇ ئىنىقلا‹سەن پاداڭنى باق›دىگەن گەپقۇ!ئەمما مەن قەتئىي كۆڭلۈمگە ئالمىدىم. مەن بارساممۇ ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدىكەنمەن،بارسام-بارمىسام ئوخشاش ھەققىمنى ئالىمەن.لىكىن ئۇلار ماڭا زادى قانچىلىك ھەق بىرەر؟!گەرچە قەبرىنى بىۋاستە مەن تىپىپ بەرمىگەن بولمىساممۇ،ئەلى ئارقىلىق ئۇنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ دادىسىنى، ساۋاقدىشىنىڭ دادىسنى ئارقىلىق مەتسىلىمنى،مەتسىلىم ئارقىلىق قەبرىنى تاپتىمغۇ!پۇل بەرمەي قالسۇن قېنى!كەمىنە بىلال تۆرەممۇ بوش ئادەملەردىن ئەمەسمەن!بولۇپمۇ پۇل ئالىدىغان چاغدا!


بىكارچىلىقتا ئىچىم پۇشۇپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي،مەتسىلىم بىلەن پاراڭلاشتىم.ئۇ مەن سورىغان سۇئاللارغا تىلىنىڭ ئۇچىدىلا جاۋاپ بىرىپ،مىنىڭ كۆڭلۈمنى بىرقىسىملا قىلىپ قويدى.مەن داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىۋەردىم.


-نىم بوللا مەتسىلىمكو!قوقىنىچلىرى تىخى بىسىلمىغان ئوخشىمامدا!


-دىمەيىتمەن!


-نىمىنى دىمەيلا؟!


-ئۆزلىرىگە بالا تاپلىيا تۆرەم!


-قايدا بالا تىپىپتىمەن،مەن تىخى توي قىممىدىم جۇما!


-مەن بالا-قازا دىدىميا!


ئۇ ماڭا ئالىيىپ قويۇپ،ھويلىغا چىقىپ كەتتى.مەن ئۇنىڭغا ئەگشىپ چىقتىم. مەتسىلىم ھويلىدىكى كۆتەك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ موخۇرەك چىكىشكە باشلىدى.مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇدۇم.


-چاخچاق قىپ قويدۇم دەيمە!نىم بوللا بۈگەن سىلىگە!


-سىلىنى جىن ئۇرۋەتتىيا!


-جىن؟!ئاندا ئەمەستۇ!ئەينىدىن تاغام ماڭا.......


مەتسىلىم گىپىمنى بۆلۈپلا ماڭا قايناپ كەتتى.


-يەنە ئىشەنمەيىتتۇ!بويۇنلىرىنىڭ تۆپىدىكى قاپاقمۇيا كاللىمۇ؟!مەن گاداي جىنىمدا ئۇلارنىڭ سىلىنى قورقاپ كەتمىسۇن دەپ ئەشتا دەپ قويغانلىقىنى بىلدىميا ئەينا!


-نىمىشقا مىنىلام جىن ئۇرىدا؟!باشقىلانى ئۇمايدا؟!


-سىلە بىرنەرسىنى ئىلىۋاللىيا!بىگىم-خوجام سۈرەتكە تاتىتۇ ئالمايىتتۇ.يازىدۇ ئالمايىتتۇ!


-نىمە؟!!!..............


توغرا!بىرقانچە كۈندىن بىرى ئەھۋالىم ياخشى بولمىغاچ،ھىلىقى قەبرىدىن ئىلىۋالغان قاشتىشىدەك نەرسىنى ئىسىمدىن تولۇق چىقىرىپتىمەن.بۇ ئەينۇ ئوغرى مۈگىدەپ ئولتۇرغان بىلەن  ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ.تۆتەيلەن بىللە كىرسەك ماڭىلا پالاكەت ئۇچرىشى بىكار ئەمەسكەندە!يۈگۈرەپ كىرىپ چاپىنىمنى سالغان جايدىن پۇرلىشپ.مەينەت بولۇپ  كەتكەن چاپىنىمنى  ئىلىپ،قويۇن يانجۇققا قولۇمنى سالدىم.مۇزدەك بىرنەرسە قولۇمغا ئۇرۇلدى.مەن ئۇ تاشنى ئىلىپ مەتسىلىمنىڭ يىنىغا چىقتىم.ئۇ خۇددى يىلاندىن سەسكەنگەندەك،ئورنىدىن دەرھال قوپۇپ ئارقىغا داجىدى.مەن تىخمۇ ھەيران قالدىم.


-مەتسىلىمكا!زادى نىم بولدى؟!نىمىدىن قوقايلا؟!


-ھەي....دىسەم ئىشەنمەيىتتۇ.


-ئشىنىتۇ،ئىشىنىتۇ!


مەن سەل تېرىكىپ خوتەن شىۋىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاپ بەردىم.


-ماڭ قايلىسا!بۇرۇن سىلىگە ئىشەنمەپتىكەممە،ئەمدى نىمە دىسىلە ئىشىنىمەن،مىنى تولا قوقاتماي،بى دەپبەسە!


ئۇ بىرھازا ئويلانغاندىن كىيىن يەنە كۆتەك ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردى.مەن ئۇنىڭغا بىرتال تاماكا تۇتتۇم.لىكىن ئۇ قولىنى يىنىك پۇلاڭلىتىپ قويۇپ،يەنە موخۇرەك يۆگىدى.ۋە بىشىدىن ئۆتكەن-كەچكەنلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى.مەن ئاڭلىغانسىرى پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى.ئۇنىڭ ھىكايىسى مۇنداق:


1. 70-يىللارنىڭ باشلىرى.مەتسىلىم كەنىتنىڭ مال باقارى.ئۇچاغلاردا تۈزۈك بىرەۋاخ تاماق يىيىشمۇ چوڭ ئىش.مەتسىلىمدەك نۇرغۇنلىغان ياشلار،ئانچە-مۇنچە قەۋرىلەردىن تىپىۋالغان ‹مۇت›پايدىنى ئوغۇرلۇقچە سىتىپ بىرقانچە كۈن ياشىۋالىدۇ.بىركۈنى كەچتە مەتسىلىم كەنىتتە ماللارغا يەم-بوغاز بىرىپ بولۇپ،‹مۇت›پايدا ئىزدەپ قوملۇقتىكى بىرقەبرىگە بارىدۇ.ئىچىگە كىرىپ شام يېقىپ ،تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن بىر ئانا-بالا جەسەتتىن باشقا ھىچنىمە تاپالمايدۇ.تازا سىنچىلاپ قاراپ بالا جەسەتنىڭ ئوڭ قولىدا گىردە شەكلىدىكى بىر نەرسە،سول قولىدا نەيگە ئوخشاش بىرنەرسە بارلىقىنى كۆرۈپ مىڭبىر مۇشەققەتتە ئۇنى ئاجرىتىپ ئىلىپ چىقىپ كىتىدۇ.ئەتىسى نازمازشام ۋاقتىدا ئىشىنى تۈگىتىپ كەنىت ئېغىلىدىن چىققاندا،ئىشىك تۈۋىدە4-5ياش چاممىسىدىكى بىر بالىنى كۆرۈپ قالىدۇ.مەتسىلىم ئۇبالىدىن قانداق سۇئال سورىسا ئۇ بالا پەقەت بىر ئىغىز‹قورسىقىم ئىچىپ كەتتى›دىگەن گەپتىن باشقا گەپ قىلمايدۇ.ئاقكۆڭۈل مەتسىلىم ئۆزىنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچۈن ئىلىپ قويغان يىرىم زاغرىسىنى بالىغا بىرىش ئۈچۈن ئارقىغا يىنىپ كىرىدۇ.لىكىن ھەرقانچە ئىزدەپمۇ زاغرىنى قويغان يىرىدىن تاپالمايدۇ.ئۇ خىلى ئىزدەپ بىقىپ يىنىپ چىققاندا بالا كۈلۈپ ئۇنىڭغا‹قورسىقىم تويدى›دەيدۇ.مەتسىلىم بالىدىن نىمە يىگەنلىكىنى سورىغاندا بالا‹تۆت قۇلاق،ئىككى جۈپ كۆز›دەپ قويۇپ كۆك ئوتقا ئايلىنىپ يوقاپ كىتىدۇ.مەتسىلىم قورققىنىدىن ئۆيىگە بىرىپلا قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ.ئەتىسى چۈشتىن كىيىن ئۇكەنىتكە بارغاندا ئىغىلدىكى ئىككى كالىنىڭ قۇلاقىلىرى ۋە كۆزلىرى ئويۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ.كەنىت كادىرلىرى ئۇنى قاتتىق تەنقىدلەپ،ئۇنى مالباقارلىقتىن ئىلىپ تاشلاپ،گەدىنىگىچە قەرىز ئارتىدۇ.مەتسىلىم شۇ كىچىسى بوۋىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىلىۋالغان نەرسىلىرىنى بىر يۈرەكلىك دوسىتى بىلەن جايىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.شۇنىڭدىن تارتىپ ھىچ ئىش بولمايدۇ.


2. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرى.ھىلىقى ئىنقىلاپ تۈگەپ،خەلىق خىلى ئەركىن بولۇپ قالغان چاغلار.ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن،چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر،يەرلىك خەلىقىڭ ساقلىغان،تىپىۋالغان بويۇملىرىنى خىلى قىممەت ئالىدىغان بولۇپ كىتىدۇ.5بالىلىق بولۇپ بولغان مەتسىلىم،بوۋىسىنىڭ نەسىھەتىنى قايرىپ قويۇپ،تۇرمۇشنىڭ قىسىنچىلىقىنى دەپ يەنە قەبرىگە بارىدۇ.بۇ قىتىم ئۇ بىر ئايالنىڭ قەبرىسىدىن ياقۇتلۇق چاچ قىسقۇچقا ئوخشاپ قالىدىغان بىرقانچە بويۇمنى ئىلىپ كىتىدۇ.شۇكۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى(2ياشقا كىرمىگەن) كۈندە كەچتە ئىشىك تەرەپنى كۆرسىتىپ قىرقىراپ يىغلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.مەتسىلىم بەك ئىرەنشىمەيدۇ.لىكىن مالنى سىتىشتىن سەل ئەنسىرەپ قالىدۇ.كىيىن يەنە ئۇنى ئۆز ئورنىغا ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ،چۈنكى شۇ ئىشتىن باشلاپ ھەر سەيشەمبە كۈنى كەچتە ئۇنىڭ ئىشكىنى بىرى چىكىدىغان بولۇپ قالىدۇ،ئاچسا ئادەم يوق..........


3.مەھەللىدە قوملۇقتا ئۆلۈپ قالىدىغان،يوقاپ كىتىدىغانلارنىڭ سانى ئاۋىپ كىتىدۇ.......


ئۇنىڭ ھىكايىلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ،تىنىم شۈركىنىپ سۈربىسىپ كەتتى.مەتسىلىمنىڭ گىپى بويىچە ئىيىتقاندا سىلەر ئىشەنمىسىڭلار مەيلى!ئىشقىلىپ مەن ئىشەندىم بۇ گەپلەرگە!!! گەرچە كۈندۈز بولسىمۇ خۇددى ئەتراپىمدا جىن ئولاشقاندەك،تۆت تەرەپكە توختىماي قاراپ قوياتتىم.نىمە پوق يەپ بۇ جىن ئۇۋىسىدىن تاش ئىلىپ چىققان بولغىيتىم.............................




12-باپ   مەن ۋاز كەچمەكچى


قانداق قىلىشىم كىرەك؟!بۇنى ئاپىرىپ قويايمۇ؟!ئاپىرىپ قويغىدەك جۈرئەت مەندە بارمۇ؟!مەتسىلىمگە ئاپىرىشنى ئۆتۈنسەمچۇ؟!توغرا شۇنداق قىلاي.ئۆز ئەقلىمگە ئۆزۈم بارىكاللا ئوقۇپ،مەتسىلىمنى شىلاشقا باشلىدىم.


-مەتسىلىمكا!ئەمدى سىلى خىلى تەجىربىلىك ئەمەسما.شۇڭا خاپۇمماي مانى چاندۇماي تاشىۋىتىپ كەممەملا!


مەتسىلىم بىشىنى چۈمادو ئىچكەن ئادەمدەك قاتتىق چايقىدى.مەن ئىچمدە كۈلۈپ كەتتىم.‹سىنىڭ دوراڭنى مەن بىلمەمدىمەن،ھۇ تويماس ئوغرى!›.دەرھال ياتاق ئۆيگە كىرىپ،يۈرىكىمدىن قانتىمىتىپ تۇرۇپ5توقماقنى سۇغۇرۇپ ئاچىقىپ،ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدىم ۋە مەنىلىك كۈلۈپ قويدۇم.ئەمما ئويلىمىغان يەردىن مەتسىلىم پۇلغا قاراپمۇ قويماي ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ موخۇركىنى قاتتىق تارتتى.


-ماڭا جاننىڭ لازىمى بايا تىخى!مەن ھەرگىز ئاپامايىتمە!


-ۋوي!مەتسىلىمكو!ماڭا قايلاپ دەپباقسا ئاشۇ گەپنى!ھەجەپ باشلاپ باغاندا ئۇندا دىمەۋاتىتىلە!


-ئىككى ئىش ئوخشىمايىتتۇ!


-مانداقىلىلى!سىلە ئاپىرۋەتسە،مەن يەنە بىرتوقماق قوشاي.چىم بىلىدۇ جىنلار تىخى سىلىدىن خوش بولاپ،بىنەسەمنى ئەكەپ بەگەن ياخشى ئەدەم دەپ سىلىنى مۇكاپاتلاپ...ياق قوغداپ قالامدۇ تىخى.


-سىلە ئاپاسىلىمۇ ئەشتا قىلىۋىرىتىيا!ئەينا يول!مەن بارمايتتمەن!


كىيىنكى دىئالوگلارنى يازمايلا قوياي،سۆيۈملۈك خوتەن خەلقىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىنى مەتسىلىمدىن تولۇق ئىسپاتلىدىم.ئاغزىمنىڭ بىرقات تىرىسى چۈشۈپ كەتتى،پۇلنى ئىچمدە ئۇنى قاغاپ تۇرۇپ ئون توقماققا چىقاردىم..........يەنە ئاقمىدى.ئاخىرى جىلە بولۇپ ياتاققا كىرىپ،كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم.ئەمدى قانداق قىلىمەن؟!مىنى يەنە  قانداق جىنلار ساقلاپ تۇرغاندۇ؟ئەگەر ئاپىرىپ بەرسەم ئۇلار مىنى مەتسىلىمنى كەچۈرگەندەك كەچۈرۋىتەرمۇ؟!ئەگەر ئۇنداق ئىش بولسا مەتسىلىم نىمىشقا پۇلنى ئىلىپ ئاپىرۋەتمەيدۇ؟!چوقۇم بىرگەپ بار.مەن پىكىرىمنى بىريەرگە يىغىپ پىلان تۈزدۈم.


1. چاندۇرماي ئاپىرىپ قەبرە ئېغىزىغا تاشلاپ قويىمەن دە غىپپىدە تىكىۋىتىمەن.لىكىن جايىغا چۈشمەي قالسا جىنلار يەنە مىنى خاپا قىلىدۇ.دىمەك بۇ پىلان ئەتكەس قىلىندى.


2.بىرىپ ئەينىدىن بىلەن بىگىمگە تاشنى بىرىمەن.لىكىن بۇنداق قىلسام  ئۇلارنىڭ ئالدىدا چۈپرەندە ئوغرى بولۇپ ئىناۋىتىم يەنە ئېغىر دەرىجىدە تۆكۈلىدۇ.ئەتكەس!


3.تەمكىنلىك بىلەن ئۇ يەرگە كىرىپ ،نەق جايىنى تىپىپ قويۇپ قويىمەن.بۇ پىلان خىلى بولىدىكەن،لىكىن مەندە شۇنچىلىك جۈرئەت  بارمۇ؟!


4.قۇملۇققا بىرىپ مازارغا كىرىپ بولغىچە جىنلار مىنى جايلاپ كىتىدۇ!يۇقارقى پىلاننىڭ ھەممىسى ئەتكەس!


5.ئۆلسەممۇ قۇملۇققا بارمايمەن.تاشنى دەرھال قەشقەرگە قايىتىپ،يامان قارىمدىن بىرنى تىپىپ پاناھ ئىزدەيمەن!!!


ئۇزاق ئويلىنىپ باقتىم،ئىـختىيارسىز ئاران ئەسلىگە كەلگەن ئىغىزىمنى سىلاپ قويدۇم.شۇنداق قىلاي.5-پىلاننى ئىجرا قىلاي،بىكار تايىنى يوق پۇلنى دەپ ئاغزىم مايماق،پۇتۇق سايماق بولۇپ قالمىسۇن يەنە.دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ نەرسە-كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇردۇم.ئاندىن يىڭى پايپىقىمدىن بىرنى قۇربان قىلىپ ھىلىقى ئۆلمىگۈر تاشنى يۆگەپ،مەن ياتقان ئۆيدىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويدۇم.ئاندىن شىئىر يازىدىغان خاتىرەمدىن بىرقانچە ۋاراق يىرتىپ ئەينىدىن ۋە بىگىمگە خەت يىزىشقا باشلىدىم.


ئەينىدىن تاغا،بىگىىم:


   مەن كەتمەكچى.سەۋبىنى مەتسىلىم ئاكىدىن سوراڭلار.لىكىن سىلەرگە تەۋسىيەرىم شۇكى ئۇنىڭ گىپى راس.سىلەر مىنى ئالدىغان چاغدىلا مەن بىلىپ بولغان.(بۇيەرنى مەن قەستەن ئۆزۈمنى ئەقىللىق كۆرسىتىش ئۈچۈن يىزىپ قويدۇم).مىنى جىن بەك خاپا قىلىپ كەتتى.سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار،بۇ يەردە  تەڭگە ئىزدەيمەن دەپ بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالىسىلەر !!


بىلال سەردار بىگىم.سىلىگە كۆپ رەھمەت،بۇدا كىسىلىم قوزغىلىپ قالسا سىلىنى يەنە ئاۋرە قىلىشىم مۇمكىن.ئەينىدىن تاغا ئەگەر راستىنلا تەڭگە تىپىۋىلىپ قالسىلا پايدىنىڭ بىرقىسمىنى ئىنىم ئەلىگە،بىرقىسمىنى ماڭا بىرىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىسا،بولمىسا ۋىجدانلىرىغا،ۋەتەنگەخەلىققە يۈزكىلەلمەيلا!مەن سىلەرنى دەپ ئاغزىم مايماق بولۇپ قالدى،پۇتۇمنى يىلان چىقىۋالدى!!!!


خەيىر!ئاللاھقا ئامانەت!ھەراس،مىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرۇم********189.كەچ سائەت ئوندىن كىيىن تىلفۇن قىلماڭلار،چۈنكى مەن ئۇخلايمەن!بىگىم! سىلە چوقۇم ماڭا تىلىفۇن قىلسىلا،كىسىلىم يەنە قوزغىلىپ قالامدىكىن دەپ بەك ئەنسىرەۋاتىمەن!


ئەمدى رەسمىي خوش!


ئەغزەمجاندىن.



خىتىمگە قايتا-قايتا قارىغاندىن كىيىن،ئەغزەمجاندىن دىگەن خەتنى جىجىۋىتىپ،ئەغزەم تۆرىدىن!دەپ يىزىپ قويدۇم.ئاندىن ھىلىقى تاشنىڭ تىگىگە باستۇرۇپ قويۇپ،سومكامنى ئىلىپ،مەتسىلىمگە‹تاغامنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىلەي›دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.


خوتەن-قەشقەر تاش يولى.ئاپتۇبۇستا مەتتـوختىنىڭ شاش ناخشلىرى ياڭرىماقتا.ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچۈنجى ئورۇن،سول تەرەپ دەرىزە يىنىدا ئولتۇرغان مەن.توغرا،مەن ۋازكەچتىم.ئۇيتوپىدىن چىقىپ،تاغامنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشمەي ئۇدۇللا قايىتتىم،مىنىڭچە بولسا قانچە تىزكەتسەم شۇنچە ياخشى.ھىلىمۇ يۈرىكىمنىڭ بىريىرىدە ۋەھىمىنىڭ نوتىلىرى ساقلانغان. ۋەھىمە خۇددى قاراڭغۇ كارىۋات ئاستىغا يوشۇرنىۋالغان يىلانغا ئوخشايدۇ.مەيلى ئۇ چاقىدىغان ياكى چاقمايدىغان بولسۇن،ئالدىڭىزغا چىقىپلا قالسا قورقۇپ چىرقىراپ كىتىسىز!دىققىتىمنى ئامالنىڭ بارىچە چېچىشقا ئۇرۇندۇم.ئاپتۇبۇس ئىكرانىدا مەتـتوختىنىڭ ناخشىسى تۈگەپ،مەلۇم بىر سەنئەت كىچلىكى باشلاندى.ساپلا ناتونۇش ھەۋەسكار ناخشىچىلار،قىزلار چىرايلىق ئەمما گىرىمى بەك قويۇق،كىيىملىرى بەك ئوچۇق.ئوغۇللار خىلى كىلىشكەن لىكىن چاچلىرىنى كورىيەلىك زەيپانىلەردەك قويىۋالغان،تىخى بەزىلىرى تارىمىغىنىغا 18كۈن بولغان چاچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ،ئادەمنىڭ بەدىنىنى توخەت باستۇرۋىتىدۇ.مۇشۇمۇ ئۇيغۇر سەنئەت كىچىلىكىمۇ؟!مۇشۇمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ؟!‹ئۆلۈپ كەتسەممۇ سۆيىمەن سىنى......تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىماي،ساڭا قوشاق يازدىم...›دىگەنمۇ ناخشىمۇ؟!ئۆلۈپ كەتكىچە ۋەتەننى،خەلىقنى،مىللىتىڭنى سۆي!تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىماي ئاتا-ئاناڭنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ قوي !!خەلىق ناخشىلىرىنى بۇزۇپ ئوقۇغۇچە بىرىپ نەسايە بولسا شۇيەردە ئوينا!!!.....................................


مۇشۇنداق زىددىيەتلىك پىكىرلەر بىلەن يول ئازابىنى ئانچە ھىس قىلماي قەشقەرگە دەسسىۋالدىم،ئەي،ئەزىزانە قەشقەر!مەن كەلدىم!ئۆيۈمگە كىرسەم ئۆيدە ئاپام بىلەن سىڭلىم بارئىكەن.ئۇلار بىلەن بىرئاز ئەسرالىشىپ،قورسىقىمنى ئەستەرلىۋىلىپ،ئارام ئالمايلا،مەلۇم ئاغىنەمنىڭ قوشنىسىنىڭ تۇققىنىنىڭ تونىشى بولغان قارىمنىڭ ئۆيىگە باردىم.قارىمغا ئەھۋالنى چالا-پۇلا،راس-يالغاننى،ئارىلاشتۇرۇپ،ئۆزۈمگە زىيانلىق،ئىناۋىتىمنى تۆكىدىغان جەريانلارنى ئىلىۋىتىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردىم.قارىم گەپلىرىمنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن:


-تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ،بەندىچىلىكتە پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئامالىمىز يوق،كوزا كۈندە سۇنمايدۇ،كۈنىدە سۇنىدۇ................


-ئاھاي...قارىم،ماندا بى سورىغان گەپكە جاۋاپ بەسەدەيمە!ئەدەمنى قوقاتماي.


-دىمەكچىلىك ئارتۇق غەم يىمەڭلا.بولىدىغان ئىش بولىۋىرىدۇ،خاتىرجەم بەندىچىلىك قىلساڭلا بىرئىش بولۇپمۇ كەتمەس.


-ماندا تۇما،پۈتۈك.....دىگەندەك نەسىلىنى ياساپ بەسەڭلا ئىسىپ يۈرسەم سەل بوشەنرەك بولامدىكى دەيمە.


-ئۆزەڭلىگە،ئىگەڭلىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ،داپو ئىسىۋالساڭلىمۇ بوشەن بولالمايسىلە.بەك قوقاپ كىتىپسىلە،خاتىرجەم بولاڭلا.


قارىمنىڭ ئۆيىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ياكى تۇمارغا ئىرىشەلمەي،سولىشىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.ياتاق ئۆيۈمدە ياتقاچ ئۆز-ئۆزۈمدىن سورىدىم:مەن راستىنلا ئۇشوق ئويلاپ كەتىممۇ؟!ئۇنداقتا مەتسىلىم نىمىشقا شۇنچە پۇلغمۇ ئاپىرىپ قويمايدۇ ئۇقوتا تاشنى؟!ئويلىغانسىرى ئۇيقۇم قاچتى.كومپىيوتىرنى ئىچىپ مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار گەپلەرنى ئىزدەپ باقتىم.توۋا!توردا ھازىر بۇنداق ئىشلارنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈش ئەمەس،تىخىمۇ كۆپتۈرۈپ چۈشەندۈرىدىكەن.كۆرگەنسىرى قورقۇنۇچ باستى.تۆۋەندە مەن كۆرگەن مەزمۇن:


بەيدۇ:


ئاغزى مايماق بولۇپ قىلىش:شامال دارىش سەۋەپلىك يۈز مۇسكۇل نېرىپلىرى تارتىشىپ قىلىشتىن كىلىپ چىقىدۇ.ياكى نېرۋا خاراكتىلىكمۇ بولىدۇ.


قوللايمەن3             تۈكۈرىمەن9587


ئىنكاس:


مەن كىپىنەك:نىمىشقا قول ياكى پۇت،كاسا مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالماي،يۈزنىڭلا تارتىشىپ قالمايدۇ؟!


جىياڭنەن مەنزىرسى:يۇقىرىقى قەۋەتنى قوللايمەن!


يى فەن:نىمىشقا ھايۋانلارنىڭ ئاشۇنداق بولمايدۇ؟


راھىپ سەنشىيۇۋ:مەندە ئاتا مىراس دورا بار،ئۈنۈمى بولمىسا پۇلىنى قايتۇرىمەن.9613***:qq


rossi:مەنمۇ1-قەۋەتنى قوللايمەن!


.............................................................................................................................


بۇلارنى كۆرۈپ يۈزۈمنى يەنە بىرقىتىم سىلاپ بىقىپ،قەھرىمانلار بىلەرشمىسىگە كىرىپ كەتتىم،لىكىن كاللامدا بىر ئاڭ:مەن تۈگىشىپتىمەن.......














ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
rixtamuqur + 112 بەك قىزىقىپ ئوقىۋاتىم.
marhaba77 + 200
FIRDEWIS + 304 تەپەككۇرى كۈچلۈك
Pinhangul + 99 ئاخىرى يازلا تۆرەم،لى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 715   باھا خاتىرىسى

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ئۇچقۇن يانفۇن رىمۇتچىلىق مۇنبى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82629
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 905
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 10:32:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې  ھې   بىرىنچى بوپ  ئوقۇۋالدىممۇ  نىمە؟ ئاخىرىغا  نەچچە قاتار كىردىم بولمىسا...  قولىڭىزغا دەرت  بەرمىسۇن قېرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105360
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2014-3-27
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:48:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىنىدىشم، بارىكاللا ئاخىرى قايتىپ كەلدىڭىز ،، بولمىسا داخان ئىزدەپ ئوقۇتماقچىدىم تېخى .. . .....
(چاخچاق )
ئاخىرىغا تەشنا مەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 12:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېي باللا،بۇ ئاغىنەم (سەپرايى)بىلەن مۇناسىۋىتىم خېلى يېقىن دەيمەن،تۈنۈگۈن كېچىنى كېچە دېمەي سالا قىلغاچقا ئاخرىنى يېزىشقا ماقۇل بولغانتى،شۇڭا بۇ پۈتۈنلەي مېنىڭ تۆھپەمدىن بولغان،رەھمەتنى ئۇنىڭغا ئەمەس،ماڭا ئېيتىڭلار…

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 12:32:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  ئەسىرىڭىز  بەك  ياخشى  داۋاملىشىۋاتىدۇ،،          ھارمىغايسىز    ،داۋامىنى تېزرەك   يوللارسىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 04:43:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rixtamuqur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 10:32 AM
ھې  ھې   بىرىنچى بوپ  ئوقۇۋالدىممۇ  نىمە؟ ئاخىرىغا  نەچچ ...

رەھمەت قوللىغىنىڭىزغا سىز 2-بولۇپ ئوقۇدىڭىز،1-بولۇپ ئوقۇغان ئادەم مەن

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 04:45:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qaynam1 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 11:48 AM
رەھمەت قېرىنىدىشم، بارىكاللا ئاخىرى قايتىپ كەلدىڭىز ، ...

ھەرقاندا داخان بىلەن كۈچ ئىلىشالايمەن جۇما يانا!قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 04:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
FIRDEWIS يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 12:26 PM
ھېي باللا،بۇ ئاغىنەم (سەپرايى)بىلەن مۇناسىۋىتىم خېلى ي ...

شۇندا،شۇندا!فىردەۋىس ئاغىنەم مىنىڭ تۇققىنىمنىڭ قوشنىسىنىڭ تونىشىىنىڭ نەۋرە ئىنىسى!بىز بەك يىقىن جۇما!

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 04:46:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقنار يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 12:32 PM
بۇ  ئەسىرىڭىز  بەك  ياخشى  داۋاملىشىۋاتىدۇ،،          ھارمى ...

رەھمەت!تولۇق ئوقىدىڭىزمۇيا؟!

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 04:50:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى مىنى سۈيلەپ ئالدىراتقان ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەر دەيمە!ئاخشام يىرىم كىچە سائەت ئىككىدىن ئاشقىچە يازسام تۈزۈك ئىنكاس يازماپسىلە جۇما!

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش