مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim2

پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى(دۇنياۋىي ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:59:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆتىنچى پارچىنى يەنە روھانىيغا بەردى، ئاخىرىدا ئۆزىگە ئايرىغاننىمۇ يىگىتكە ئۇزىتىۋېتىپ:
− بۇنىمۇ ئال، لازىم بولۇپ قالار.
− مەنمۇ خەزىنە تامان كېتىۋاتىمەن، ئاجايىپ كۈنلىرىمگە ئاز قالدىغۇ؟ − ھاياجاندىن ۋارقىراپ سۆزلىدى سانتىياگو.
− خەزىنىنى تېپىشىڭغا ئىشەنچىم كامىل!
− ئۇنداقتا ماڭا ئالتۇننىڭ نېمە كېرىكى بار؟
ئەلكىمياگەر تەمكىنلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ جاۋاب بەردى:
− چۈنكى سەن ئىككى قېتىم بار - يوقۇڭدىن ئايرىلىپ قالدىڭ، ئاۋۋال پالچى ئالدىدى، كېيىنكى قېتىمدا قەبىلە باشلىقى تالىدى. مەن قېرىغان، خۇراپىي ئەرەبمەن. ئۆزىمىزدىكى، «بىر قېتىم سادىر بولغان ئىش، ئىككىنچى قېتىم تەكرارلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن ئىش ئۈچىنچى قېتىم چوقۇم قايتىلىنىدۇ» دېگەن ماقالغا ئىشىنىمەن.
ئۇلار ئاتلىرىغا مىنىشتى، ئەلكىمياگەر سانتىياگوغا:
− ماڭا ياندىشىپ ماڭ، بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن، − دېدى يولغا چىقىۋېتىپ.
سانتىياگو يېقىن كەلدى، ئاتلىرىنىڭ ئۈزەڭگىلىرى تېگىشىپ تۇراتتى.
− قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا، قەدىمكى رىمدىكى تىبىرىي ھۆكۈمرانلىقى زامانىدا بىر ھۆرمەتلىك زاتنىڭ ئىككى ئوغلى بولغانىكەن، بىرى جەڭچى بوپتۇ ۋە سەلتەنەتنىڭ ئەڭ ئۇزاق چېتىدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن جۆنەپتۇ. ئىككىنچىسى بولسا، شائىر بولۇپ ئۆز شېئىرلىرى بىلەن پۈتۈن رىمنى ھەيرەتكە سېلىپتۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى مويسىپىت كىشى چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئاسماندىن پەرىشتە چۈشۈپ، بىر ئوغلىنىڭ سۆزىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ ئەسىرلەرگىچە يادلاپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بېرىپتۇ. مويسىپىت بۇنداق بەختتىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ تاشلاپتۇ، چۈنكى تەقدىر ئۇنىڭغا ئاجايىپ ئۇلۇغ مەرھەمەت كۆرسىتىۋاتقان، پەقەت ئاتىلارلا ھېس قىلىشى مۇمكىن بولغان ئالىي قۇۋانچىدىن بەھرىمەن قىلىۋاتقان ئىكەن.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتا ھارۋا بېسىۋېلىشقا تاسمۇ - تاس قالغان بىر بالىنى قۇتقۇزىمەن دەپ چاق ئاستىدا قېلىپ، دارۇلپانادىن دارۇل باقىيغا رىھلەت قىلىپتۇ، ئۇ ئۆمرىنى تائەت - ئىبادەتتە ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك، روھى توپتوغرا ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈلۈپتۇ ۋە يەتتە قات ئاسمان ئۆزرە چۈشىگە كىرگەن ھېلىقى پەرىشتىگە يولۇقۇپتۇ.
− سەن مۆمىن ۋە مېھرىبان ئىنسانسەن، − دەپتۇ پەرىشتە، − شۇڭا ھاياتىڭ مۇھەببەتلىك، ئۆلۈمىڭ پەزىلەتلىك بولدى، قېنى ئېيت، بارلىق تەلىپىڭنى ئىجابەت قىلغايمەن.
پەرىشتىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغان مويسىپىت ئېيتىپتۇ:
− ھايات مەندىن ھېچقانداق مۆرىۋىتىنى ئايىمىدى، سەن چۈشۈمگە ئايان بولغاندا ئۆمرۈم بويى قىلغان خالس ھەرىكەتلىرىمنىڭ زايە كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئەمدى ئوغلۇمنىڭ شېئىرلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۆزۈم ئۈچۈن سەندىن سورايدىغان نەرسەم يوق، ئىككى ئالەمدە ئاتا - ئانا ئۈچۈن تۇغۇپ ئۆستۈرگەن ۋە تەربىيەلەپ ئوقۇتقان پەرزەنتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق بەخت يوق، شۇڭا ئۇزاق كېلەچەكتىمۇ ئوغلۇمنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەكرار ئېيتىلغانلىقىنى ئاڭلىسام دېگەن ئارزۇدىمەن.
پەرىشتە بوۋاينىڭ يەلكىسىگە قونۇپتۇ ۋە شۇ زامان ئىككىسى يىراق كەلگۈسىدە ھازىر بولۇپتۇ، كاتتا شەھەرلەر، نامەلۇم تىلدا سۆزلىشىدىغان ئادەملەرگە ئۇچراپتۇ.
بەخت ۋە ھاياجاندىن بوۋاي يەنە يىغلاپ تۇرغۇدەك.
− شائىر ئوغلۇمنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا ياشايدىغانلىقىغا ئىشەندىم، قېنى ئېيتچۇ، ئادەملەر ئۇنىڭ قايسى مىسرالىرىنى تەكرارلاپ يۈرۈشتىكىن؟ − دەپتۇ ياشلىرىنى ئېقىتىپ. پەرىشتە بوۋاينى ئاۋايلاپ كۇرسقا ئولتۇرغۇزۇپتۇ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ ۋە دەپتۇ:
− ھەقىقەتەن ئوغلۇڭنىڭ شېئىرلىرى پۈتۈن رىمغا مەشھۇر بولدى، بۇ شېئىرلارنى ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى زوق - شوخقا تولماي قالمايدۇ. لېكىن تىبىرىي سەلتەنەتىنىڭ يوقىلىشى بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ ئۇنۇتتى، ھازىر ئادەملەرنىڭ كۆپرەك تىلغا ئېلىۋاتقىنى جەڭچى ئوغلۇڭنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىدۇر.
بوۋاي پەرىشتىگە ھەيرانلىق ۋە تەئەججۇپ بىلەن قارىدى.
− ئۇ ئەڭ چەت يەرلەرنىڭ بىرىدە خىزمەت قىلدى، − سۆزىنى داۋاملاشتۇردى پەرىشتە، − يۈز بېشىلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشتى، ئۇ ساڭا ئوخشاش ئادىل ۋە مېھرىبان. بىر كۈنى ئۇنىڭ قۇللىرىدىن بىرى ئاغرىپ قېلىپ، ئەزرائىل ئۇنىڭ جېنىغا قول سۇنۇپ تۇراتتى، شۇ چاغدا ئوغلۇڭ تولىمۇ يىراق ئۆلكىلەرنىڭ بىرىدە تەجرىبىلىك بىر تېۋىپنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئىزلەپ يولغا چىقتى، ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ تېۋىپنىڭ تەڭرىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدى، يولبويى ئوغلۇڭ ئۇ شىپا بەخش ئەتكەن ئادەملەرنى كۆردى، تېۋىپنىڭ تەلىماتىغا مەپتۇن بولدى ۋە رىملىق مۆتىۋەر يۈز بېشى بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ دىنىغا كىردى. ئاخىر بىر كۈنى تاڭغا يېقىن تېۋىپ بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭغا بىر خىزمەتچىسىنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇستاز (ئەل ئىچىدە شۇنداق ئاتىلاتتى) ئوغلۇڭ بىلەن بېرىپ بىمارنى داۋالاشنى قارار قىلدى، ئەمما ئوغلۇڭ تەقۋادار ۋە ئېتىقادلىق ئىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئۇستاز توساتتىن ئۇستازنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشتى - يۇ، دەرھال قارشىسىدىكى كىشىنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئېسىگە كەلدى ۋە شۇ زامات دېدى:
− ئەي رەببىم، ئارتۇق رىيازەت چەكمە، غېرىب كۆلبەم قەدەم رەنجى قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ، بىر ئېغىز سۆزۈڭ كۇپايە. خىزمەتكارىم شۇنىڭ بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ، − دېدى، ئوغلۇڭنىڭ بۇ سۆزلىرى ئەسىرلەر داۋامىدا يادلىنىۋاتىدۇ.
ئەلكىمياگەر ھېكايىسى تۈگىشى بىلەن تەڭ ئېتىنى دىۋىتتى.
جاھاندىكى ھەربىر ئادەم، مەيلى ئۇ قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانمىسۇن دۇنيا تارىخىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئادەمدۇر، لېكىن شۇ ئىنسان بۇ نۇقتىنى ئېنىق ھېس قىلىپ يەتمەيدۇ.
سانتىياگو تەبەسسۇم قىلدى، ئۇ ئاددىي ئادەملەر، بولۇپمۇ ئۆزىدەك بىر پادىچى ھاياتىنىڭمۇ ئىنسانىيەت تارىخى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقى ھەققىدىكى بۇنداق داۋلىنى ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئۆزىدىن پەخىرلەندى.
− ئەلۋىدا، − دېدى ئەلكىمياگەر.
− ئەلۋىدا، − دېدى يىگىت.
سانتىياگو جەزىرىدە يالغۇز ئىككى يېرىم سائەتتەك يول يۈردى، ئەمما يولبويى ئىچىنى تىڭشاپ ماڭدى، چۈنكى خەزىنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا قەلبى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئۇ ئايرىلىشتىن ئاۋۋال ئەلكىمياگەرنىڭ «خەزىنە قەيەردە بولسا قەلبىڭمۇ شۇ يەردە» دېگەنلىرىنى ئەسلىدى، ئەمما ھازىر قەلبى ئۇنىڭغا باشقا ھادىسىلەردىن ئۇچۇر بېرىۋاتاتتى، پادىچىنىڭ ئىككى قېتىم كۆرگەن بىر خىل چۈشىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قويلىرىدىن ۋاز كەچكەنلىك تارىخىنى پەخىرلىنىپ سۆزلىدى. قەلبنىڭمۇ ئۆز يولى بارلىقىنى ئەسلەتتى، نۇرغۇن سەپەرنى بېسىپ ئۆتكەنلەر توغرىسىدا يەنى يېڭى يەرلەرنى بايقاشقا ئاتلانغانلار، گۈزەللەر ئىشقىدا دۇنيا كەزگەنلەر، زامانداشلىرىنىڭ تەپەككۇر تەرزىگە ۋە خۇراپىي پىكىرلىرىگە قارشى ئىسيان قىلغانلار ھەققىدە توختالدى، بۈيۈك كەشپىياتلار، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلۇغ ئەسەرلەر ئۈستىدە تەلقىن قىلدى.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ ئەسەرمۇ ئاخىرلاشتى. ئەمما بىزنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىمىز ئاخىرلاشقىنى يوق . بىز تورداشلار مەنىۋىيتىنى بېيىتىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تېرىشىمىز. ئەسەرنى تولۇق ئوقۇپ بولغاندىكى چىن ھېسياتىڭىزنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىشنى ئۇنۇتماڭ. بولمىسا تاماقنى يەپلا پۇلىنى بەرمىگەنگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىز سىزدىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمىدۇق. كېچىنى كېچە دىمەي ئەسەر تەييارلىدۇق. سىز پەقەت تېخىمۇ كۆپ دوستلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويسىڭىزلا بولدى
سانتىياگو پەقەت قۇملۇق داۋانغا كۆتۈرۈلگەندىلا قەلبنىڭشىۋىرلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، «زېھنىڭنى يىغ! لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، قەيەرلەرگىدۇر بېرىپ قېلىپ يىغلىساڭ ۋە كۆزۈڭدىن ياشلار ئاقسا مەنمۇ، خەزىنىمۇ شۇ يەردە!»
يىگىت سۈكۈنات ئىچىدە داۋاندىن ئاشماقتا ئىدى، پەلەك زېھقىنى بەخت ئارزۇسىدا كۆك بېتىگە چىۋىۋەتكەن تەقدىر يۇلتۇزلىرى ئارىسىدىن تولۇنئاي كۆرۈندى، مانا يىگىتنىڭ چۆل - جەزىرىدە يۈرۈۋاتقىنىغا توپتوغرا بىر ئاي بولغانىدى، ئاي ئاي جامالىدىن يەرگە تارتىلىۋاتقان كۈمۈش يىپلار بارخانلىق داۋاندا گويا چۈشتىكىدەك ياغدۇلار بالقىتىپ قوشاق كۈيلەۋاتاتتى، گىرىمسەن چۆل ماۋى دېڭىزدەك داۋالغۇماقتا ئىدى، سانتىياگو ئەلكىمياگەر بىلەن خەيرلىشىپ، تىزگىننى ئاتنىڭ بوينىغا تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەرك بەرگەن كۈننى ئەسلىدى، ئاي چۆل جىمجىتلىقى ۋە خەزىنە ئىزلەپ يولغا چىققانلارنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئاشۇ بەلگىسىز يوللارغا مەڭگۈلۈك كۈمۈش سۈيى سەپمەكتە. ئۇ باش - ئاخىرى ئاسمانغا تۇتاشقان ساماۋى چۆلدە گويا دېڭىز ئاستىدىكى يىڭنىدەك يەككە - يېگانە سىلجىماقتا، يەنە ئازراق يۈرگەندىن كېيىن ئۇ تۆپىلىكنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا چىقتى ۋە يۈرىكى قەپەزگە توختاۋسىز ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقان قۇشتەك تەۋرەپ كەتتى. چۈنكى سانتىياگونىڭ قارشىسىدىكى ھۇدۇدسىز ئاي دالىدا مىسىر ئېھراملىرى ئۇلۇغۋارلىقى بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
ئاللانىڭ ئىنايىتى ۋە مەرھىمىتىدىن ئۇنىڭ بەدەن ئەزالىرى ئېرىپ، ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلدى ھەم تېز چۆكۈپ يىغلاپ تاشلىدى. ئۇ تەقدىرگە ئىشىنىشنى ئۆگەتكەن ئاللاغا مىڭ - مىڭلاپ ھەمدۇ - سانا ئېيتتى، چۈنكى تەقدىر ئۇنى مەلىكىسىدىق، فارفورچى سودىگەر، ئىنگلىز ۋە ئەلكىمياگەرلەرگە روبىرو قىلدى، ئەڭ مۇھىمى جەزىرە قىزى بىلەن ئۇچراشتۇردى. قىز ئۇنى سۆيگۈنىڭ ھېچقاچان ئىنساننى ئۆز يولىدىن ئاداشتۇرمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى. قىسقىسى سانتىياگو پېشانىسىدىكى ھەممە ھەممىنىڭ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا تۈگىمەس شۈكۈرانىلەر ئېيتتى.
مىسىر ئېھراملىرى ئايىغىغا باش ئۇرۇپ كېلىپ - كېتىۋاتقان مىليونلىغان بەندىلەر قاتارى سانتىياگوغىمۇ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋارلىقنى نامايان قىلىپ قاراپ تۇراتتى، ئەمدى ئۇ خالىسا خورمىزارلىققا قايتىپ، پاتىمەگە ئۆيلىنىشى ۋە قويلىرىنى بېقىپ يۈرۈۋېرىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى ئومۇمىي ئىنسانىي تىلنى بىلىدىغان، قوغۇشۇننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرالايدىغان ئەلكىمياگەردەك ئادەملەرمۇ ئاشۇ جەزىرىدە ياشايدىغۇ!؟
سانتىياگو ئەمدى ئىلمۇ ھۈنىرىمنى كۆرسىتەي، ئەقلۇ دانىشىم مېۋىلىرى بىلەن ھەيرەتكە سالاي دېسە ئەتراپىدا ھېچكىم يوق ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئۆز تەقدىرى يولىدا ئۆزىگە زۆرۈر بولغان ھەممە بىلىم - مەرىپەتنى ئۆگەندى، نېمىنى ھېس قىلىش ۋە ئېرىشىشنى ئىستىگەن بولسا ئاللا ئۇنىڭغا شۇنى بەردى. لېكىن ئەڭ ئاساسلىقى ئۇ ئۆز خەزىنىسىنى ئىزدەۋاتقان ئىدى، قاچانكى ئادەمنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشسا، ئۇ ئارزۇ - نىيىتىگە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئېگىزلىكتە تۇرغانسېرى ئىچ - ئىچىدىن ئۆرتەۋاتقان يىغىسى توختايدىغاندەك ئەمەس، سانتىياگو سۇلغۇن نىگاھى بىلەن پەسكە نەزەر تاشلىدى ۋە كۆز ياشلىرى تامغان جايدا بىر قوڭغۇزنىڭ ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى كۆردى، مىسىرلىقلار ئۈچۈن بۇ ئاللادىن بېشارەت دېمەك، سانتىياگو جەزىرىدە تولا يۈرۈۋېرىپ، بۇنداق ئالامەتلەرنىڭ مەنىسىنى ياخشى چۈشەنگەنىدى.
قىسقىسى، ئۇنىڭغا يەنە بىر ئىشارەت ئۆزىنى كۆرسەتتى ۋە يىگىت تۆۋەنگە چۈشۈپ يەرنى كولاشقا باشلىدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئېسىدىن فارفورچى سودىگەرنىڭ گەپلىرى كەچتى، ئۇنىڭغا ھازىر فارفورچىنىڭ «تاش ئۈستىگە تاش تىزىشنى بىلگەن بىلەن ھېچكىم ئۆز ھويلىسىغا ئېھرام قۇرالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئانچە راست ئەمەستەك سېزىلدى.
سانتىياگو تەقدىرى باشلىغان، ئۆز يولى كۆرسەتكەن، ئالامەتلەر نامايان بولغان، كۆڭلى سەزگەن جاينىڭ قۇمىنى تۈن بويى كولاپ تارتتى، لېكىن ھېچنەرسە تېپىلمىدى. دۇنيانىڭ مىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرىدىن زېرىككەن كۆپ مىڭ يىللىق گىگانت ئېھراملار بوشلۇققا سانجىلغان خەنجەردەك سۈرى بىلەن يىگىتنى كۆزىتىپ تۇردى. ئەمما سانتىياگو تەسلىم بولمىدى، يەرنى قېزىۋەردى، كولاۋەردى، شامال ئۇنى مەسخىرە قىلغاندەك، ئورەكنى قۇمغا تولدۇراتتى، لېكىن ئۇ ھەرىكىتىنى زادىلا توختاتمىدى. بارماقلىرى ئالامەتلەر نامايان بولغان، كۆڭلى سەزگەن جاينىڭ قۇمىنى تۈنبويى كولاپ تارتتى، لېكىن ھېچنەرسە تېپىلمىدى. دۇنيانىڭ مىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرىدىن زېرىككەن كۆپ مىڭ يىللىق گىگانت ئېھراملار بوشلۇققا سانجىلغان خەنجەردەك سۈرى بىلەن يىگىتنى كۆزىتىپ تۇردى. ئەمما سانتىياگو تەسلىم بولمىدى، يەرنى قېزىۋەردى، كولاۋەردى، شامال ئۇنى مەسخىرە قىلاندەك، ئورەكنى قۇمغا تولدۇراتتى، لېكىن ئۇ ھەرىكىتىنى زادىلا توختاتمىدى. بارماقلىرى قاناپ، ماغدۇرسىزلاندى، شۇنداقتىمۇ بالا قەلبىنىڭ «كۆز يېشى تامغان جاينى ئىزلە» دېگەن دەۋىتىگە سادىق قىلىۋەردى.
سانتىياگو كولىغان چوڭقۇرلۇقتىن چىققان تاشلارنى تۆپىگە تاشلاۋاتقاندا توساتتىن قەدەم تىۋىشلىرىنى ئاڭلاپ قالدى، بالا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋېدى قۇدۇق ئېغىزىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان سىمالارنى كۆرگەندەك بولدى.
− بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟
قورقۇنچ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ ھېچقانداق جاۋاب قىلمىدى، ئۇلارنىڭ ئەلپازى بەكلا يامان كۆرۈنەتتى.
− ئۇرۇشتىن قېچىپ كەلدۇق، بىزگە پۇل لازىم، بۇ يەرگە نېمە يوشۇردۇڭ.
− ھېچنەرسە يوشۇرغىنىم يوق.
قاچاقلاردىن بىرى ئۇنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقاردى، ئىككىنچىسى سانتىياگونىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ، قۇيما ئالتۇن پارچىسىنى تېپىۋالدى ۋە:
− ئالتۇن، − دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى.
ئايدىڭدا سانتىياگو قاچاقلارنىڭ يۈزىنى ئېنىق كۆردى، ئەمدى ئۇنىڭغا ئەجىلى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ ئىختىيارىدىكىدەك بىلىندى.
− قۇدۇق تېگىدە يەنە بولسا كېرەك، − چۇقان سېلىشتى ئۇلار.
پادىچى پەسكە چۈشۈپ قۇدۇقنى كولاشنى داۋاملاشتۇردى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ قاچاقلارغا بويسۇنۇشتىن باشقا ئامالى قالمىغانىدى، قۇدۇقتىن قاراقچىلار ئۈمىد قىلغان بايلىق تېپىلمىغاچقا، ئۇلار سانتىياگونى كالتەكلەشكە باشلىدى، قاراقچىلار بالىنى تاڭنىڭ تۇنجى ئالتۇن يىپلىرى يەر يۈزىگە تارتىلغانغا قەدەر ئۇرۇپ - چەيلەشتى، كىيىملىرى ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ، بەدەنلىرى قانغا بويالغان سانتىياگوغا ئەزرائىل سوغۇق كۈلۈمسىرەپ قاراۋاتقاندەك بىلىندى، شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ لەۋلىرى ئەلكىمياگەرنىڭ «ئۆلۈمۈڭ مۇقەررەرلەشسە پۇلنىڭ يەنە نېمە كېرىكى بار؟ مال - دۇنيا ئەجەلنى بىر تىنىقمۇ توختىتالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە پىچىرلىدى ۋە بارلىق كۈچىنى يىغىپ:
− مەن خەزىنە ئىزدەۋاتىمەن، − دەپ ۋارقىرىدى.
سانتىياگو لەۋ چىشلىرى قاناپ، ئېغىزىغا قان تولغان بولسىمۇ، مىسىر ئېھراملىرىنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان خەزىنىنىڭ ئىككى قېتىم چۈشىگە كىرگەنلىكىنى قاراقچىلارغا ئېيتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قارىماققا ئاتامانغا ئوخشايدىغان بىرسى ئۇزاق زۇۋان سۈرمىگەنىدى، كېيىن ئادەملىرىگە:
− ئۇنى قويۇپ بېرىڭلار، باشقا نەرسە يوق ئىكەن. بۇ ئالتۇننى قەيەردىندۇر ئوغرىلىغان بولسا كېرەك، − دېدى.
سانتىياگو سەل قىمىرلىماقچى بولدى - يۇ، لېكىن گۈندىدەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن گەۋدىسىنى مىدىرلىتالمىدى. ئاتامان كۆزلىرىنى يىگىتنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرماقچى ئىدى، ئەمما بالىنىڭ نىگاھى گويا ئوقيا ئوقىدەك ئېھرامغا قادالغانىدى.
− قېنى كەتتۇق ئەمىسە، − دېدى ئاتامان قاچاقلارغا ۋە بىر - ئىككى قەدەمدىن كېيىن سانتىياگوغا بۇرۇلۇپ ئېيتتى:
− ئالدانغىنىڭ ۋە ئەخمەقلىقىڭنى چۈشىنىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈن سېنى ھايات قالدۇردۇم، مەنمۇ ئىككى يىل ئاۋۋال دەل مانا شۇ سەن تۇرغان جايدا بىر چۈشنى نەچچە قېتىم كۆرگەنمەن. چۈشۈمچە بولغاندا ئىسپانىيەگە يول ئېلىشىم، پادىچىلار قويلىرى بىلەن كىرىپ ياتىدىغان ۋە ئامبىرىدا ئەزىم چىنار دەرىخى قەد كۆتۈرگەن ۋەيرانە چېركاۋنى تېپىشىم كېرەك ئىمىش! لېكىن مەن چۈش كۆرگەنلىكى ئۈچۈن جانۇ - مانىدىن كېچىپ، ئەجەل گىردابىغا يالغۇز ئاياغ ئات سالىدىغان سەندەك ئەخمەقلەردىن ئەمەس!
شۇنىڭدىن كېيىن قاچاقلار كۆزدىن غايىب بولدى. سانتىياگو مىڭ مۇشەققەتتە ئورنىدىن تۇردى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئېھراملارغا نەزەر تاشلىدى، ئېھراملار ئۇنىڭغا قاراپ تەبەسسۇم قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى، ئۇ قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن جۇش ئۇرۇۋاتقان بەخت تۇيغۇسى بىلەن چۆكۈنۈشۈپ ئولتۇرۇپ، ئېھراملارغا يۈزلىنىپ كۈلۈمسىرىدى.
سانتىياگو ئۆز خەزىنىسىگە مۇيەسسەر بولغانىدى.
خاتىمە
سانتىياگو ۋەيرانە ۋە تاشلاندۇق چېركاۋغا يېتىپ كەلگەندە ئالەم قارا تۈن ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەنىدى، ئىبادەتخانا گۈمبىزىنىڭ يوچۇقلىرىدىن يۇلتۇزلار خۇددى ئاۋۋالقىدەك مارىشاتتى، كونا ئامبارغا بىر كېلىپ، ئەتراپقا غۇلاچ يايغان چىنار تۈن قوينىدا مەغرۇر تەۋرىنىپ تۇراتتى، يىگىت بىر قېتىم قويلىرى بىلەن بۇ يەردە تۈنىگەنلىكىنى ئەسلىدى، شۇ چاغدا چۈش كۆرمىگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېچە شۇنچىلىك ئاسايىشلىقتا ئۆتكەنىدى.
ئۇ ئۇزاق ۋاقىت ئاسماندىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى، كېيىن خالتىسىدىن مېۋە شەربىتىنى چىقىرىپ بىر ئوتلىدى، ئەلكىمياگەر بىلەن بىر مەرتە جەزىرىدە يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ قايتقىنى ۋە شەربەت ئىچكىنى خىيالىدىن كەچتى، قانچىدىن - قانچە يوللارنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى ۋە تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىلاھىي بىر قۇدرەت بىلەن خەزىنىنى كۆرسەتكەنلىكى قاتارلىقلار كۆز ئالدىدىن ئۆتتى. مۇبادا ئۇ چۈشلىرىگە ئىشەنمىسە، لۇلى ①كەمپىرنى، مەلىكىسىدىقنى ۋە قاراقچىلارنى … ئۇچراتمىغان بولاتتى.
«بۇنداق سەرگۈزەشتىلەر ئىنتايىن كۆپ، بېشارەتلەردىن ئىبارەت يول بەلگىلىرى مېنى بىر مەنزىلدىن يەنە بىر مەنزىلگە يەتكۈزمىگەندە ئادىشىپ قالغان بولاتتىم» دەپ ئويلىرىغا يەكۈن ياسىدى ئۇ. يىگىت شىرىن ئۇيقۇ ئەللىيى قۇچىقىدا ئىسسىق ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالدى، ئويغانغاندا قۇياش ئاللىقاچان تىكلىنىپ، ئۇنى تاماشا قىلىۋاتقان ئىدى، ئۇ نېمىگىدۇر ئۈلگۈرىشى كېرەكتەك، ئالدىراپچىنارنىڭ تۈۋىنى كولاشقا باشلىدى.
«ھۇ قېرى جادۇگەر» دەپ تىللىدى سانتىياگو ئەلكىمياگەرنى، ئەسلىدە سەن ھەممىنى ئالدىن بىلىدىكەنسەن، ھەتتا مېنىڭ قايتىپ كېلىشىم ئۈچۈن ئۇيۇل ئالتۇننىڭ ئىككىنچى پارچىسىنىمۇ ئەتەيلەپ روھانىيغا بەرگەن ئىكەنسەن، روھانىي ھالىمنىڭ خارابلىقىنى كۆرۈپ كۈلدى، مېنى شۇ ئازابلاردىن خالاس قىلىش ئەسلىدە قولۇڭدىن كېلىدىكەن ئەمەسمۇ؟
شامال ھۇشقىتلىرى ئارا «ياق» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، شامالنىڭ تىللىرى زۇۋانغا كەلگەنىدى، «ئەگەر سېنى ئاگاھلاندۇرغىنىمدا ئىدى، ئېھراملارنى كۆرەلمىگەن بولاتتىڭ! ئۇلار نەقەدەر ئۇلۇغۋار ۋە گۈزەل - ھە؟»
بۇ شۈبھىسىزكى، ئەلكىمياگەرنىڭ ئاۋازى ئىدى، پادىچى كۈلۈپ قويدى ۋە قېزىشنى داۋاملاشتۇردى، بىر ئاش پىشىمدىن كېيىن بەلكۈرەك قاتتىق بىر نەرسىگە تەگدى، يەنە تەخمىنەن بىر سائەتلەر ئۆتۈپ، يىگىتنىڭ كۆز ئالدىدا لىقمۇلىق قەدىمكى ئالتۇن تەڭگىلەر قاچىلانغان كونا ساندۇق نامايان بولدى. ساندۇققا يەنە قىممەت باھالىق تاشلار، ئاق ۋە قىزىل ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەنگەن ئالتۇن نىقابلار، گۆھەر تاشلاردىن ياسالغان سەنەم ھەيكەللىرى بولۇپ، بىھېساب بايلىق قاچىلانغانىدى. بۇلار ۋەتەن تارىخىدىكى ئۇنتۇلغان جەڭگى - جېدەللەرنىڭ ئولجىلىرى ۋە ئىگىسى پەرزەتنىلرىگە ۋەسىيەت قىلىپ ئۈلگۈرەلمىگەن جاۋاھىراتلار ئىدى.
سانتىياگو خالتىسىدىن ئۆرىم ۋە تومىمنى ئالدى، بۇلار يىگىتكە پەقەت بىرلا قېتىم − بازاردىكى تاڭ پەيتى ئەسقاتقان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھايات ئۇلارسىزمۇ، بالىغا ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك بېشارەتلىرى بىلەن ياردەم قىلىپ كەلدى.
ئۇ قولىدىكى تاشلارنىمۇ ساندۇققا سالدى، بۇلار ئاللىقاچان سانتىياگو خەزىنىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى. تاشلار ھامان بالا ئۈچۈن قايتا دىدارلىشىش پۇرسىتى بولمايدىغان ياشانغان شاھنى ئەسلىتىپ تۇراتتى.
«ئۆز تەقدىرى يولىدىن كېتىۋاتقانلارغا ھايات ھەقىقەتەن خەيرى - ساخاۋىتىنى ئايىمايدىكەن، ئەمدى تەرىفكە قايتىپ، سىگان كەمپىرگە خەزىنىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى بېرىشىڭ كېرەك! سىگانلار نېمىدېگەن ئۇلۇغ خەلق! ئۇلارنىڭ ئالەمنى بىتىنىم كېزىپ يۈرۈشى ئەنە شۇنىڭدىن بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى سانتىياگو.
بالا شامالنىڭ مەيىن دولقۇنلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، بۇنىڭ ئافرىقا تاماندىن سوقۇۋاتقان «لەۋەنتىن» شامىلى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى، ئەمما مەزكۇر شامال بۇ قېتىم چۆللەر ھىدى بىلەن نېگىرلار باسقۇنىنىڭ ھىدىنى ئۇچۇرۇپ كەلمىگەنىدى، سانتىياگونىڭ يۈرىكى شامال قاناتلىرىدىن ئاجايىپ بىر ئاۋاز، تەم ۋە خۇشبۇينى سەزگەندەك بولدى، ئۇلار پەرىشتىلەردەك ئەركىلەپ كېلىپ، بالىنىڭ قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىگە ھارارەت بىلەن ئۈپتى!
يىگىت جان - جېنىدىن لەززەتلەندى، بۇ پاتىمەنىڭ ئۇنى تۇنجى قېتىم سۆيۈشى ئىدى، «كېتىۋاتىمەن پاتىمە قۇچاقلىرىڭغا!» دەپ بارلىق ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى سانتىياگو. ئۇ جەزىرىنىڭ خورمىزارلىق تامانىغا ئۇزاققىچە كۆزلىرى تېلىپ - تېلىپ قارىدى ۋە بىر خىل يالقۇنلۇق ئارزۇ بىلەن شۇ تەرەپكە ئاتلاندى.

سېھرىگەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79928
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3571
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-5-9
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 01:36:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل بىر ئەسەركەن، بەزى نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، تەرجىمە قىلغان، ئەسەرنى تەييارلاپ  تورغا  يوللىغانلارغا  چەكسىز  تەشەككۈر

Every Contingency

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85041
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 06:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرگە ناھايىتى چوڭقۇر بىر ھېكمەت يۇشۇرۇنغان.ئۆز غايىسى ئۈچۈن ۋاز كەچمىگەنلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ.قېنى ،بىزمۇ ئۆز غايىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 07:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈن ساقلاپ، ئاخىرى بۇ ھىكايىنىمۇ ئوقۇپ تۈگەتتۇق، شۇنچىلىك ئۇزۇن مۇساپە بولغىنى بىلەنمۇ ، بۇ جەرياندا ئانچىۋالا ئوڭۇشسۇزلىقلارغا ئۇچرىمىغان پادىچى بالا، ئەلئېھرامدا تاياقنى بولۇشىغا يەيدىكەندە. مەن چۈشىنەلمەي قالدىممۇ ، ئاخىرىدا خەزنىنى ئەل ئېھرامدىن تاپتىمۇ ياكى ئەسلى ۋەسلىدىن ئايرىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ تاپتىمۇ ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بوپ كېتىپ ، ئالدىراشچىلىقتا دىققەت قىلماي ئوقۇپ چۈشىەلمەي قالدىم.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105031
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 09:16:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  چىقىپتۇ ،ئاخىرنى مەنمۇ  تازا  ئىنىق چۇشۇنەلمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105031
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 09:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سانتىيۇگۇ ھەققەتەن تەلەيلىككەن ،ھەممىلا يەردە  ئۇنىڭغا  ياردەم  بىرىدىغانلار باركەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 11:21:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈش ئۆرۈيدىغان سىگان مومايمۇ، مەلىكىسىدىقمۇ خەزنىنىڭ مىسىردىكى ئەلېھرامدا بارغاندا تېپىلىدىغانلىغىنى ئېيتقان، سانتىياگو بىشارەت بويىچە ئەلېھرامدىكى كۆز يېشى تامغان ھەم قوڭغۇز ئۆمىلىگەن يەرنى قېزىپ، قاراقچىلارنىڭ بۇلىشى ھەم تايىقىغا ئۇچرىغىنى بىلەن، قاراقچىلار ئاتامانى ھەقىقى خەزنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگەىنى ئەينەن ئېيتىپ بىرىدىكەن، خەزىنە كىتاپ بېشىدا سۆزلىنىدىغان بالا قوي بېقىپ، كىرىپ ئۇخلىغان چېركاۋنىڭ ئىچىدىكى چىنار دەرىخىنىڭ ئاستىدىكەن. ئۆزەمچە كىتاپ ھەققىدە نۇرغۇن ئويلىنىش، تەھلىللەرنى قىلدىميۇ، لېكىن نىمىشقىدۇر يەنە ئويلىغانلىرىمىنى تورداشلار بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىشتىن يالتايدىم.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6615
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1505 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 12:30:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ھەقىقەتلەر ياخشى يۇرۇتۇلۇپتۇ دەپ قارىدىم:
تاڭ ئالدىدىكى كىچە ھەممىدىن زۇلمەتلىك دىگەن سۆزىگە ئوخشاش،ئەڭ ئاخىرى بايلىقىنى تېپىشتىن بۇرۇن تاياقنى بۇلۇشىغا يەيدىكەن.
بىشارەت تىلى-سەپەر جەرياندىكى ئىشلار،ۋە سانتىياگۇنىڭ كەچمىشنى قايتا ئويلاپ چۈشىنىپ يەتكەن ئىشلارھەم ئىھرامنىڭ يېنىدا ئۇنى ئۇرغان قاراقچىلارمۇ ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ بايلىقنىڭ ئورنىنى دەپ بەرگەنلىكىدەك بىشارەتنى سانتىياگو ھىس قىلالىدى.
تەقدىر-ھەممە نەرسىگە ئېرىششنىڭ تىگىشلىك بەدىلى،سەۋەبى ۋە ۋاقتى بۇلىدۇ.بايلىق گەرچە سانتياگو قوي باقىدىغان چىركاۋ ئىچىدىكى دەرەخ ئاستىدا بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئاسان ئېرىشمىدى.
مۇۋەپپىقىيەت-مۇۋەپپقىيەت قازىنىشتا ئەڭ ئاۋال چۈش بۇلۇش كىرەك،- ئاندىن  قىزىقىش بۇلۇش كىرەك (يۇڭ ئالىدىغان بۇۋاينىڭ قىزىغا بولغان مەپتۇنلۇقى سەپىرىگە گۈزەل مەنالارنى بېغىشلىدى )-ھەركەتكە ئۆتۈش كىرەك(سانتىياگو قوينى ساتتى)،-ئىرادە بۇلۇشى كىرەك(فارفور دۇكىندا ئىشلىدى)_ ئاندىن ئالەم بىر پۈتۈن بولغانلىقىتىن ئۇنىڭغا  تىگىشلىك مۇسبەت كۈچ بېغىشلايدىغانلار چىقىدۇ(دەسلەپتە سىگان مۇماي،مەلىكىسىدىق بىۋاستە ئادەم سىياقىدا ئۇنىڭغا كۈچ بېغىشلىدى)-ئەڭ زۆرۈر بىلىمگە ئىگە بۇلۇش كىرەك( ئىنگىلىزنىڭ سەۋەبىدىن ئەلكىميانىڭ مۇھىملىقىنى بىلدى)-ئۆزى تۇرىۋاتقان مۇھىتىنى بىلىشى كىرەك كىرەك(چۆلنى كۆزىتىشكە باشلىدى)- مۇھەببەت بۇلۇش كىرەك(پاتىمەگە ئۇچىرىدى)-مۇھەببەت بەرپا بولغاندىن كىينلا ئەلىكىمياگەرگە ئۇچىرىدى-كىمياگەر(دەل روھنى تاۋلىغۇچى)بۇلۇش كىرەك ۋە ئۇنى ئۈگەتتى(بۇ جەريانلاردا يەنىلا پاتىمەنى ئۇنۇتمىدى،يەنى مۇھەببەت كۈچ بېغىشلاپ تۇردى)-ئاخىردا ئۇ پەقەت ئۈگەنگەنلىرىدىن پايدىلنىپ(بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا مەلىكىسدىق سىگان مۇماي ،كىمياگەر بولمىسمۇ،مەۋھۇم تىللاردىن پايدىلنىپ كائىناتنىڭ تىلىنى بىلەلىدى(يەنى ئۇ ئالغا باسقانسىرى ئادەمسىمان  يول كۆرسەتكۈچىلەر،شەيئىلەرگە ئالماشتى)-ئاخىردا ئۇ يەنىلا ئۈزىنىڭ كۈچى بىلەنلا مەقسەتكە ئېرىشتى(ھەركىمگە تەۋە بىر بايلىق بار،ئۇنى قېزىش ئۈزىگە باغلىق،كىشى ھەركەتكە ئۆتكەندىلا تەڭرىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم بىرىپ تۇرىدۇ).

مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ھويلا-بىلوگىدىن ،مىنىڭ بىلوگىمغا ئىشتىراك قىلىپ،تېمىلارنى ئوقۇپ بېقىڭ،يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بۇلۇشىڭىز مۆمكىن...
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 07:18:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش