مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim2

پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى(دۇنياۋىي ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 01:36:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەزكۇر ئەسەر مىسرانىم تورىنىڭ ئالاھىدە تەكلىبى بىلەن خاس تەرجىمە قىلىنىپ تۇنجى بولۇپ مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مىسرانىم جەۋھەرلىرى سالونىدا تورداشلارغا ھەر كۈنى 2 قىسىمدىن تارقىتىلدى.ھېچقانداق كىتابخانىلاردا ئۇيغۇرچىسى يوق ، ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب.
8
كېيىن بوۋاي ئۆتكەن ھەپتە بىر جاۋاھىر ئىزلىگۈچىنىڭ كۆز ئالدىدا تاش قىياپىتىدە پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئادەم بىر زامانلار ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىپ، زۇمرەت ئىزدەشكە كىرىشكەن، دەريا بويىدا بەش يىل جاپا چېكىپ، قىممەتلىك تاش تېپىش ئۈمىدىدە 999999 دانە تاشنى تەكشۈرۈپ چىقىپتۇ، ئاخىرى سەۋر - تاقىتى تۈگەپتۇ ۋە ئۆز ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەپتۇ. ۋەھالەنكى، ئۇ پۇتىغا ئۇرنۇپ تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تاشنى پارچىلاپ كۆرگەن بولسا زۇمرەتنى تېپىپ، ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىغا يېتىدىكەن، قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ھەل قىلغۇچ پەيتتە بوۋاي بۇ ئىشقا ئارىلىشىشنى، قەتئىي نىيەت بىلەن ئۆز بەختىنى ئىزدەۋاتقان جاۋاھىرچىغا ياردەم قىلىشنى قارار قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاي تاشقا ئايلىنىپ، ھە دېسە ئۇنىڭغا پۇتىغا پۇتلىشىۋېتىپتۇ، ئاقىۋەت بەش يىللىق ئەمگىكىنىڭ بىكارغا كەتكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن جاۋاھىرچى خاپىلىقتىن ھېلىقى تاشنى كۈچەپ بىر تەپكەن ئىكەن، تاش ئۇچۇپ بېرىپ، باشقا بىر تاشقا سوقۇلۇپ پارچىلىنىپتۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئىچىدىن دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق زۇمرەت چىقىپ قۇياشتەك پارقىراپتۇ.
− ئىنسانلار ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىنى بالدۇرلا بىلىپ يېتىدۇ، توغرىسى ھايات ئۇلارغا شۇنداق تۇيۇلىدۇ، − بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، − بەلكى يەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمزات ھاياتنىڭ ئەسلى مەنىسىدىن شۇ قەدەر تېز ۋاز كېچىدۇ، نېمە چارە، دۇنيا شۇنداق يارىتىلغان ئىكەن، سانتىياگو بوۋاينىڭ كۆزلىرىگە تىنىپ كەتكەن تۈگىمەس غەمنىڭ ئاجىز ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەندەك بولدىيۇ، لېكىن باشتا سۆھبەتنىڭ خەزىنىدىن باشلانغانلىقىنى ئەسلىدى.
− خەزىنىلەرنى جىلغىلار ۋە دەريالار يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىدۇ ۋە يەنە شۇ دەريا - جىلغىلار ئۇلارنى زېمىننىڭ قەرىگە يوشۇرىدۇ، − دېدى بوۋاي پادىچىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ۋە سۆزىنى داۋام قىلدى، − ئەگەر خەزىنەڭ ھەققىدە تەپسىلىي بىلىشنى خالىساڭ پادىلىرىڭدىكى قويلاردىن ھەر ئونىنىڭ بىرىنى ماڭا بېرىشىڭ كېرەك.
− ئۇنداقتا تاپىدىغان خەزىنەمنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىشكە ۋەدە قىلىمەن.
− ئۆزۈڭ ئىگە بولمىغان نەرسە ھەققىدە ۋەدە بېرىش، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش دېمەكتۇر، − دەپ تەنە قىلدى بوۋاي. شۇنىڭدىن كېيىن سانتىياگو خەزىنىنىڭ ئوندىن بىرىنى سىگان مومايغا بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
− سىگانلار ئۆز ھەققىنى قانداق ئۈندۈرۈۋېلىشنى ئوبدان بىلىدۇ، − دەپ ئېغىر خۇرسىندى بوۋاي، − سەن شۇ نەرسىنى بىلىپ قويكى، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز باھاسى بار، ئەۋلىيالار ئادەمزاتقا شۇنداق ئۈگۈت قالدۇرۇپ كەتكەن، ئەلۋەتتە مۇشۇنداق پەيتتە پاداڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ھەيدەپ كېلىسەن، خەزىنىگە بارىدىغان يولنى ئېيتىپ بېرىمەن، − بوۋاي سانتىياگوغا كىتابنى ئۇزاتتى - دە، دالانىڭ مەلۇم نۇقتىسىغا بارغاندا چېكىتكە ئايلىنىپ كۆزدىن غايىب بولدى.


سانتىياگونىڭ پىكىر - خىيالى چېچىلغان ئىدى، شۇڭا ئۇ كىتاب ئوقۇماقچى بولغان بولسىمۇ، سۆزلەر ئۇنىڭغا غەلىتە تۇيۇلدى، بوۋاي بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە كەلمەيۋاتاتتى، ھاياجانلانغانىدى، چۈنكى ئۇ بوۋاينىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن پادىچى سودىگەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاپئاق ئېتىلغان ئاق بالداقلاردىن سېتىۋالدى، سانتىياگو خىيالىدا ئاق بالداقچىغا، ئۇ ھەقتە بوۋاينىڭ دېگەنلىرىنى ئېيتساممىكىن دەپ ئويلىدى - يۇ، كېيىن «بەرىبىر پايدىسى يوق» دەپ ئېغىز ئاچمىدى.
«كۆپىنچە ئادەمنىڭ ئۆزى بىلگىنىنى قىلغىنى ياخشى» دېدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە. ئېيتساڭ ئادايى تامام، بىر ئۆمۈر قىزىل ھارۋىسىغا ئۆگىنىپ قالغان سېتىقچىنى دىلىغۇل قىلىپ قويىسەن - دە، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن گۇمانسىراشقا باشلايدۇ، شۇڭا بىلمەسكە سېلىپ ئۇنى بۇنداق گۇمانسىراشتىن مۇستەسنا قىلىش لازىم.
سانتىياگو ئۇزاق خىياللارغا بېرىلىپ، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە يول ئالدى، بىر پەيتتىن كېيىن ئۆزىگە كېلىپ قارىسا ئۆتەڭدىكى ئاجايىپ دېرىزىسى بار كىچىك ئۆينىڭ يېنىدا تۇرۇپتۇ. بۇ يەردە ئافرىقىغا بارىدىغان كېمىلەرگە بېلەت سېتىلىدىكەن، توغرا مىسىر دېگەن ئافرىقىدىغۇ!
− نېمە خىزمەت؟ − دەپ سورىدى بېلەت ساتقۇچى.
− ئېھتىمال ئەتە سىلەردىن بېلەت ئېلىشىم مۇمكىن، − دېگىنىچە كېتىشكە تەمشەلدى سانتىياگو.
− بارى - يوقى بىر قوينى ساتساڭ ئالەم گۈلىستان، يوللىرىڭ بوستان، ئۆزۈڭنى بەخىرامان ئافرىقىدىمەن دەپ ئويلا.
بۇ گەپ سانتىياگونى سەل تەمتىرىتىپ قويدى، بېلەتچى تېخى ئۇنى ئاڭلىسۇن دېگەندەك قىلىپ ياردەمچىسىگە:
− خيالپەرەسنىڭ ئۆزى، يانچۇقىدا بىر پۇلى يوق، ساياھەتكە چىقارمىش، − دېدى كىنايە بىلەن.
بېلەتچىنىڭ دېرىزىسى قېشىدا تۇرۇپ تۇيۇقسىز سانتىياگونىڭ يادىغا قويلىرى كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىش ئىستىكى ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالدى. ئۇ توپتوغرا ئىككى يىل ئىچىدە پادىچىلىق سەنئىتىنى مۇكەممەل ئىگىلىدى، يۇڭ قىرقىش، ساغلىقلارنى قوزىلىتىش، قويلارنى بۆرىلەردىن ھىمايە قىلىش قاتارلىقلاردا ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭلىشەلمەيتتى. يەنە كېلىپ ئەندەلۇسىيە يايلاقلىرىنى بەش قولدەك بىلەتتى، ھەربىر قوينىڭ باھاسى ۋە تامغىسىنى كۆزنى يۇمۇپ ئېيتىپ بېرەلەيتتى.
پادىسى كۈتۈپ تۇرغان قوتانغا قايتقۇچە سانتىياگو ئەڭ يېقىن يولدىن مېڭىشنى قارار قىلدى، بۇ شەھەرنىڭمۇ ئۆز قەسىرى بار ئىدى، پادىچى قىيا باغىر ئارقىلىق قەلئە ئۈستىگە چىقىپ ئازراق ئولتۇرماقچى بولدى، بۇ يەردىن ئافرىقا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، بىر زامانلار ئەنە شۇ ئافرىقىدىن مەۋرىلەر سۇ يولى بىلەن كېلىپ، ئىسپانىيەنى بېسىۋالغانلىقى ھەققىدە كىمدۇر بىرى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەنىدى. سانتىياگونىڭ مەۋرىلەرنى كۆرەرگە كۆزى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇ سىگانلارنى شۇلار باشلاپ كەلگەن بولسا كېرەك، دەپ قارايتتى.
قەلئە ئۈستىدىن پادىچى بوۋاي بىلەن سۆھبەتلەشكەن بازارغا يېقىن جاي خۇددى بەش قولدەك ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
«ئۇنى ماڭا يولۇقتۇرغان تەقدىرگە مىڭ لەنەت» دەپ ئويلىدى سانتىياگو. چۈنكى سىگان كەمپىرىنىڭ ئۇنىڭ چۈشىنى تەبىرلىگىنىمۇ يېتەرلىك ئىدى. نە كەمپىر، نە بوۋاينىڭ ئۇنى كەسپىي پادىچىلىقىغا ئېتىبار قىلمىغىنى سانتىياگوغا تېخىمۇ ھار كەلدى، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇلار ھېچكىمى يوق، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئادەملەر، شۇڭلاشقا ئۇلار پادىچىلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قويلىرىغا باغلىنىشنى چۈشەنمەيدۇ.
سانتىياگو ھەربىر قوينىڭ قانداقلىقىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. مانا بۇنىسى قىسىر، ئۇنىسى يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن قوزىلايدۇ، ئاۋۇلىرى بولسا تازا ھۇرۇن، ئەگەر قېرى سىگاننىڭ گېپىگە ئالدىنىپ، كېتىش قارارىغا كەلسە، قويلار سانتىياگونى سېغىنىشى، ھەتتا بۇ قورقۇنچلۇق دۇنيادىن يوقىلىپ كېتىدىغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
تۇيۇقسىز شامال چىقتى، بۇ شامال سانتىياگوغا خېلىدىن بېرى تونۇشلۇق ئىدى. كىشىلەر ئۇنى «لېۋانتىن شامىلى» دەپ ئاتىشاتتى، چۈنكى مەۋرىلەرنىڭ كېمە يەلكەنلىرىگە مۇشۇ شامال ئۇرۇلۇپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى لېۋانتىندىن بۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېلەتتى، پادىچى ئىلگىرى تەرىف شەھىرىدە تۇرمىغان ۋە ئافرىقا قىرغاقلىرىنىڭ بۇ قەدەر يېقىنلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدى. خەتەرلىك ئەھۋال شۇكى، مەۋرىلەر ئويلىمىغاندا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. «ئۆزۈمنى ئىككى پارچە قىلىپ ھەم قويلىرىمغا، ھەم خەزىنىگە بېغىشلىيالمايمەن» دەپ ئويلىدى سانتىياگو. شۇتاپتا ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ تاللىغان كەسىپ بىلەن خەزىنىدىن بىرگە تۇرۇشى كېرەك، ھە يەنە تېخى مەۋۈتچىنىڭ قىزىمۇ بار، لېكىن بۇلاردىن مۇھىمراقى قويلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەقدىرى سانتىياگوغا باغلىق، قىز بولسا سانتىياگوسىزمۇ دۇنيادا ياشاۋېرىدۇ، ھە راست، تېخى سانتىياگو قىزنىڭ ئېسىدە بارمۇ - يوق، بۇنى كىم بىلىدۇ دەيسىز؟ مۇبادا ئۇ يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن قىزنىڭ يېنىغا بارالماي قالسىمۇ قىزنىڭ سانتىياگونىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قېلىشىغا ئۇنىڭ ئىشەنچى كامىل. چۈنكى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بارچە كۈنلەر قىزغا خۇددى ئىككى تامچە سۇدەك بىر خىل تۇيۇلاتتى. دېمەك، كۈنلەر بىر - بىرىدىن پەرقسىز بولسا ئادەملەرنىڭ ھەر كۈنى قۇياش چىققاندىن باشلاپ كەچكىچە ئۆز ھاياتىدا يۈز بېرىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلىرى ھەققىدە ئويلاشلىى بىھاجەت!
«مەن ئاتا - ئانامنى، كەنتىمىزدىكى گۈزەل قەسىرنى تاشلاپ كەلدىم، دەپ ئويلىدى سانتىياگو، − دېمەك ئۇلارمۇ، مەنمۇ ئايرىلىپ ياشاشقا كۆندۇق، ئۇنداقتا قويلىرىممۇ مېنىڭ يوقلۇقىمغا كۆنسە كېرەك.
سانتىياگو ئېگىزلىكتىن بازار تامانغا نەزەر سالدى، ئۇ يەردە ئاقبالداق سودىسى قىزىپ كەتكەن ئىدى، بوۋاي بىلەن ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشكەن ئورۇندۇقتا بولسا بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇق قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈۋاتاتتى. «سودىگەر…» دەپ ئويلىدى پادىچى، ئۇ بىر ئىش ھەققىدە كۆپرەك ئويلىماقچىدى، ئەمما ئاخىرىغا چىقىرالمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ يۈزىگە «لېۋانتىن شامىلى» نىڭ مەيىن دولقۇنى ئۇرۇلغانىدى.
داۋامى بار

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 01:37:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ شاماللار پەقەت باسقۇنچى مەرۋىلەر كېمىلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپلا قالماي، يەنە كۆڭۈللەرگە ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى سەھرا ھىدلىرىنى، چۈمپەردە ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ خۇشبۇيلىرىنى، نامەلۇم خەزىنىنى ئىزلەپ يولغا چىققان تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئارزۇ - ئاھلىرى ۋە تەر پۇراقلىرىنى شۇنداقلا سىرلىق ئېھراملارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق توزانلىرىنى كۆرۈنمەس قاناتلىرى بىلەن ئۇچۇرۇپ كېلەردى، پادىچىنىڭ بۇ ساياق ۋە ھۆر شاماللارغا ھەۋىسى كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئەركىن شامال بولۇپ ھەممە يەردە كېزىپ يۈرۈشى مۇمكىنلىكنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ھازىر ئۇنىڭ يولىغا توساق بولۇپ تۇرۇۋاتقىنى پەقەتلا ئۇنىڭ ئۆزى! ئەمما قويلىرى، مەۋۈتچىنىڭ قىزى ۋە ئەندەلۇسىيە يايلاقلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىچى تامان يېقىنلاشماقتا ئىدى.
ئەتىسى چۈشكە يېقىن سانتىياگو ئالتە قوينى ھەيدەپ بازارغا كەلدى.
− غەلىتە ئىش بولدى، − دېدى ئۇ بوۋايغا ۋە گېپىنى داۋام قىلدى، − مېنىڭ بىر دوستۇم پادامدىكى ھەممە قويلىرىمنى ئۈندىمەستىن سېتىۋالدى ۋە بىر ئۆمۈر پادىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، − دېدى. بۇ ئاجايىپ خاسىيەتلىك ئەھۋال.
− داۋاملىق شۇنداق بولىدۇ، − جاۋاب ئورنىدا ئېيتتى بوۋاي، − بۇنىڭ ئىسمىنى بىز خەيرلىك باشلىنىش دەيمىز. مەسىلەن، سەن ئۆمرۈڭدە بىرىنچى قېتىم قەرت ئوينىساڭمۇ ئۇتۇۋېلىشىڭ مۇمكىن، چۈنكى ئامەت ھەمىشە باشلىغۇچىلارغا مەنسۇپ!
− نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيسىز؟
− چۈنكى تەقدىرنىڭ بۇيرۇقى يولىدىن مېڭىش ھاياتىڭنىڭ خاھىشى ۋە سەندىكى غالىبلىق ھېرىسنى قوزغاتقۇچى دورا.
شۇنىڭدىن كېيىن بوۋاي قويلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى ۋە بىرسىنىڭ ئاقساۋاتقانلىقىنى سەزدى. پادىچى بۇنىڭ كارى چاغلىقلىقىنى، بۇ قوينىڭ پادىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ۋە كۆپ يۇڭ بېرىدىغان قويلۇقىنى چۈشەندۈردى.
− خوش، ئەمدى ۋەدە بويىچە خەزىنىنى قەيەردىن ئىزدەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىڭ.
− مىسىردىن، ئېھراملار يېنىدىن.
سانتىياگو ئىسەنگىرەپ قالدى، سىگان كەمپىرمۇ شۇنداق دېگەن، لېكىن ھەققىگە ھېچنېمە ئالمىغانىدى.
ـ− تەڭرى بۇ دۇنيادىكقى ھەربىر بەندىنىڭ يولىغا تۈرلۈك يول بەلگىلەرنى سېلىپ قويغان، ئاشۇ بەلگىلەرنى بايقاپ خەزىنىگە بارىسەن، بىلىشىڭ كېرەككى، بۇ بەلگىلەرنىڭ سەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
سانتىياگو جاۋاب بېرىشكە ئۈلگۈرمىدى، ئۇنىڭ بىلەن بوۋاينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كېپىنەك ئۇلارنى ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۇ ياشلىقىدا بوۋىسىدىن كېپىنەكنىڭ ئامەت تىمسالى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىغانىدى. ئېسىدە قېلىشىچە، يەنە قارا چېكەتكە، پاتمىچۇق ۋە تۆت قۇلاقلىق بەدەلەرمۇ ئامەت ئەلچىلىرى ئىكەن.
−ـ خۇددى شۇنداق، بوۋاڭ توغرا ئېيتقان، ئەنە شۇلار يولۇڭدا ئادىشىپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۇچرايدىغان ئالامەتلەر، − دېدى بوۋاي سانتىياگونىڭ خىياللىرىغا جاۋابەن.
بوۋاي شۇنداق دەپلا يەكتىكىنىڭ ياقىسىنى قايرىپ، كۆكسىنى ئاچتى. ھەيران بولغان سانتىياگو تۈنۈگۈن پارقىراپ كۆزلىرىنى تورلاشتۇرغان ھەر نەرسىنى ئەسلىدى، بوۋاينىڭ قىممەتلىك تاشلاردىن كۆز سېلىنغان ئالتۇن زەنجىرنى بوينىغا ئېسىۋېلىشى بىكار ئەمەستى، ئۇ ھەقىقەتەن پادىشاھ بولسا كېرەك، قاراقچىلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن پۇقراچە كىيىنىۋالغان بوۋاي ئالتۇن زەنجىرىدىكى ئاق ۋە قارا تاشلارنى ئېلىپ سانتىياگوغا ئۇزاتتى:
− مانا ئال، بۇ تاشلار «ئۇرىم» ۋە «تۇمىم» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاقتاش «ھەئە»، قارا تاش − «ياق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇلارنى پەرقلەندۈرەلمىگەن چاغدا سورىساڭ جاۋاب قايتۇرىدۇ. قىسقىسى، − سۆزىنى داۋاملاشتۇردى بوۋاي، − بىر قارارغا كېلىشىڭ كېرەك، خەزىنىنىڭ ئېھراملار يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم، ئالتە قويۇڭنى توغرا قارارغا دەۋەت قىلغىنىمنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئالىمەن.
پادىچى تاشلارنى قاپچۇقىغا سالدى ۋە خۇداغا تەۋەككۈل قىلىپ، قەتئىي بىر قارارغا كەلمەكچى بولدى.
− بىلىشىڭ كېرەككى، − دەپ يەنە سۆز باشلىدى بوۋاي، − ئالەمدىكى ھەممە نەرسە بىر پۈتۈن، بەلگە - ئالامەتلەرنىڭ سۆزلەيدىغانلىقى ئېسىڭدە بولسۇن، بۇنىڭدا ئەڭ ئاساسلىق ئامىلنىڭ سەن ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى مەڭگۈ ئۇنتۇما ۋە تەقدىرنىڭ بۇيرۇقى يولىدىن ئاخىرغىچە مېڭىشقا قەسەم قىل، دىققەت قىلىپ ئاڭلا، تۆۋەندە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان رىۋايىتىمگەن:
بىر سودىگەر بەختنىڭ سىر - ھېكمىتىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئوغلىنى ئەڭ ئۇلۇغ دانىشمەننىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپتۇ، ئوغۇل قىرىق كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، بىر تاغ چوققىسىدىكى قەسىرگە يېتىپ كېلىپتۇ، چۈنكى دانىشمەن ئاشۇ قەسىردە ياشايدىكەن.
ئوغۇل قەسىرگە كىرىپ ئويلىمىغان ئەھۋالنى كۆرۈپتۇ، سەۋەب قەسىر ئۆزلەتتىكى تەقۋادارنىڭ خىلۋەتخانىسى ئەمەس، بەلكى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان دەرگاھ ئىكەن. سودىگەرلەر ئۆز ماللىرىنى ماختاپ ئۇياق - بۇياققا يۈرۈشسە، ھەر تەرەپتە ئادەملەر توپ - توپ بولۇپ پاراڭلىشار، ھاپىزلار سازلىرىنى ئەڭ مۇڭلۇق ئاھاڭلارغا مەرغۇللىتار ئىكەن، يەنە تېخى مېھمانخانا ئوتتۇرىسىدىكى داستىخانغا دۇنيادىكى ئەڭ تاڭسىق نازۇ - نېمەتلەر تىزىلغانمىش.
دانىشمەن بولسا مېھمانلار بىلەن ئالدىرىماي سالام - سائەت قىلىشىدىكەن، ئوغۇلنىڭ نۆۋىتى كەلگۈچە ئىككى سائەت ئۆتۈپتۇ ۋە ئاخىرى ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپتۇ. ئەمما بەختنىڭ سىرۇ - ھېكمىتىدىن مەلۇمات بېرىشكە ھازىر ۋاقتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئوغۇلغا ئالدى بىلەن قەسىرنى زىيارەت قىلىشنى، نەچچە سائەتتىن كېيىن مېھمانخانىدا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى بېرىپتۇ ۋە:
− ساڭا يەنە بىر تاپشۇرۇقۇم بار، − دەپتۇ ئوغۇلغا ئىككى تامچە ياغ تېمىتىلغان قوشۇقنى ئۇزىتىۋېتىپ، − ئېسىڭدە بولسۇنكى، قوشۇقنى كۆتۈرۈپ يۈرگىنىڭدە ياغنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلغايسەن.
ئوغۇل ئىككى تامچە ياغ ئېلىنغان قوشۇقنى كۆتۈرۈپ خېلى ۋاقىت قەسىرنىڭ پەلەمپەيلىرىدىن چىقىپ چۈشۈپ دېگەندەك زىيارەت قىلىپتۇ ۋە كېيىن دانىشمەن بىلەن كېلىشكەن جايدا كۆرۈشۈپتۇ.
− خوش، ئۇنداقتا مېھمانخانامدىكى ئىرانىي گىلەملەر قانداقكەن؟ قولى گۈل باغۋەنلەر تالاي يىللار قان - تەر تۆكۈپ ئۆستۈرگەن بېغىمدىكى گۈللەر ۋە دەرەخلەرنى ياقتۇردۇڭمۇ؟ كۇتۇپخانامدىكى قىممەتلىك قوليازمىلار، تېرە بىتىكلەرنى كۆردۈڭمۇ − دەپ سوئال قويۇپتۇ دانىشمەن بالىغا.
ئوغۇل پۈتۈن دىققىتىنى ئىككى تامچە ياغنىڭ تۆكۈلۈپ كەتمەسلىكىگە قاراتقاچقا، بۇ ئاجايىباتلارنىڭ ھېچقايسىسىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، خىجىلچىلىق ھېس قىلىپتۇ. دانىشمەن ئېيتىپتۇ:
− ئارقاڭغا قايت ۋە قەسىرىمدىكى بارچە مۆجىزىلەرنى باشقىدىن كۆرۈپ چىق، ئادەملەرنىڭ قەيەردە ۋە قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىشەنگۈلۈك ئەمەس.
شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل قوشۇقنى كۆتۈرۈپ، دەھلىزە ۋە خانىلارنى بويلاپ قەسىرنى زىيارەت قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، بۇ ھەشەمەتلىك ساراينى بېزەپ تۇرغان ئاسارە - ئەتىقىلەر ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى تاماشا قىلىپتۇ، گويا تىرىكتەك سۈرەتلەر ۋە ھەيكەللەرگە مەھلىيا بولۇپتۇ، قەسىرنى ئوراپ تۇرغان باغ ۋە باغنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلار ئۇنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپتۇ، دانىشمەننىڭ قېشىغا قايتىپ كىرگەندە، ئۇلار ھەققىدە ھاياجانلىنىپ سۆزلەپتۇ:
− ياخشى دەپتۇ، − دانىشمەن، − ئۇنداقتا تۆكۈۋەتمەي ئېلىپ كېلىشىڭ كېرەك بولغان ئىككى تامچە ياغنى كۆرسەت.
ئوغۇل شۇ چاغدا ئېسىگە كېلىپ قارىسا، قوشۇقتىكى ياغدىن ئەسەرمۇ قالمىغان.
− ساڭا بەرمەكچى بولغان مەسلىھەتىمنىڭ ھېكمىتى دەل شۇنىڭدا ئىدى، − سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ دانىشمەنلەر داناسى، − ئالەمنىڭ مۆجىزىلىرى ۋە گۈزەللىكىنى بىر پۈتۈن ھېس قىلىش − مانا بۇ بەختنىڭ سىرۇ ئەسرارى، شۇنداق ئىكەن قوشۇقتا ئىككى تامچە ياغنىڭ بارلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.
سانتىياگو رىۋايەتنى ئاڭلاپ ئۇزاققىچە جىمجىت ئولتۇردى، بوۋاينىڭ بۇ ئارقىلىق نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنىمۇ چۈشەندى، پادىچى دۇنيا كېزىشنى ياخشى كۆرەتتى، لېكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ قويلىرىنى زادىلا ئۇنتالمايتتى.
شاھ مەلىكىسىدىق سانتىياگوغا دىققەت بىلەن قارىدى - دە، ئىككى قولىنى گىرە قىلىپ ئېگىز كۆتۈردى ۋە پادىچىنىڭ بېشى ئۈستىدە سىرلىق بىر ھالەتتە ئايلاندڭردى، كېيىن ئالتە قوينى ھەيدەپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى.

بىر زامانلار مەۋرىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان قەدىمىي قەلئە گويا مۆجىزە سۈپىتىدە تەرىف شەھىرىگە سالاپەت بېغىشلاپ تۇراتتى، ئەگەر قەلئە مۇنارىغا چىقىپ يىراققا نەزەر تاشلىسا، ئاقبالداق ساتقۇچىنىڭ كۆچمە دۇكىنى ئايلىنىپ يۈرگەن مەيدان خۇددى ئېگىزلىككە جايلاشقاندەك ئېنىق كۆزگە تاشلىناتتى. ھەتتا يىراق ئۇپۇقتىن بەزىدە ئافرىقا ساھىللىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، شۇ كۈنى سەلىم شاھى مەلىكىسىدىق يۈزىنى كۈن چىقىش شامىلىغا تۇتقىنىچە، قەلئە تېمى ئۈستىدە ئولتۇردى، قويلار بولسا تەقدىرىدە ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشكە ماسلىشالمىغاندەك، يېڭى غوجايىندىن يىراقتا توپلىشىپ ئولتۇراتتى. ئەمما ئۇلارنى بۇرۇنقىدەك پەقەت بىرلا نەرسە − قورساق تويغۇزۇشلا قىزىقتۇراتتى.
يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقان كېمىگە قاراپ تۇرغان مەلىكىسىدىق پادىچى بالىنى قايتا كۆرەلمەسلىكى ھەققىدە ئويلاپ قالدى، ئىبراھىم بىلەنمۇ شۇنداق بولغان ئىدى، ئىش ھەققى ئۈچۈن ئوندىن بىر ئۈلۈش ئالغان ئاشۇ بالىنىمۇ قايتا ئۇچراتمىغانىدى.
داۋامى بار

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5380
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1882
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 2250 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 06:14:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
the Alchemist يەنى كىمياگەر كىتابنىڭ ئەسلى ئىسمى. ‹پادىچى بالىنىڭ سەرگۈزەشتىسى› خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن قويۇلدىمۇ قانداق؟ ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب. ئۇيغۇر جەمىيىتىگە تەرجىمە قىلىپ سۇنىلىشى ھەقىقەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ خەلققە سۇنۇشتا ئەجىر قىلىۋاتقان ھەممىڭلارنىڭ قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن.

ھاياتتىن ئاغرىنىش ئاجىزلارنىڭ ئىشى. ھاياتقا بارلىقى بىلەن يۈزلىنىش بولسا ئاقىللارنىڭ تاللىشى.

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5380
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1882
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 2250 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 06:15:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىنىڭ ئۆز نىشانى ۋە مەقسىتى ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى قىزىقارلىق ھەم جەلىپ قىلارلىق يوللار بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ئوقۇپ چىقىش ھەم كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىش كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maxal20 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 06:19 AM  


ھاياتتىن ئاغرىنىش ئاجىزلارنىڭ ئىشى. ھاياتقا بارلىقى بىلەن يۈزلىنىش بولسا ئاقىللارنىڭ تاللىشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113049
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 05:13:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 11:54 PM
مەن بىر تەكلىپ بېرەي، بارلىق ئىنكاسچى ۋە غەللىچى توردا ...

بۇ تەكلىپڭىزنى قۇلاشقا بۇلىدۇ ، ئەمما ئىنكاس يازماڭلار دىسىڭىز تاشقىن سۇنى پالاقدا ئەتكەندە بۇلارمىكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 766
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 07:40:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 743 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 07:29:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە479 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 05:13 PM
بۇ تەكلىپڭىزنى قۇلاشقا بۇلىدۇ ، ئەمما ئىنكاس يازماڭل ...

مەن بۇ گەپنى دېيىشتىكى مەقسىتىم، پاخال ئىنكاسنى كۆپ يازىدىغانلار سەل ئۆزەڭلىنى توختىتىۋېلىڭلار دېمەكچى

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 10:45:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم تەييارلىغان

مەزكۇر ئەسەر مىسرانىم تورىنىڭ ئالاھىدە تەكلىبى بىلەن خاس تەرجىمە قىلىنىپ تۇنجى بولۇپ مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مىسرانىم جەۋھەرلىرى سالونىدا تورداشلارغا ھەر كۈنى 2 قىسىمدىن تارقىتىلدى.ھېچقانداق كىتابخانىلاردا ئۇيغۇرچىسى يوق ، ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب.
10
ياشىنىپ قالغانلاردا ئارزۇ - ھەۋەس بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ پانىي دۇنيادىكى مەنزىللىرى ئازايغان، شۇڭا قارىماستىن مەلىكىسىدىق سانتىياگو ئىسىملىك بۇ پادىچى بالىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
«ئەپسۇسكى، ئۇ ئىسمىمنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇنتۇغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزۈم ھەققىدە پادىچىغا قايتا ئەسكەرتىشىم كېرەك ئىدى، ياخشىسى ئۇ مەندىن باشقا بىر قېرىنى <سەلىم شاھى مەلىكىسىدىق> دەپ بىلىۋالسا ئېسىدىن چىقماسلىقىم مۇمكىن» دەپ ئويلىدى بوۋاي.
ئۇ كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكتى ۋە بىر ئاز خىجالەت بولغاندەك قىياپەتتە:
− ئەي تەڭرىم، بىلىمەن، سېنىڭ نەزىرىڭدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكۈنچى ۋە بىھۇدە. لېكىن بۇ ياشانغان پادىشاھنىڭمۇ نېمىشقىدىكىن ئۆزىدىن پەخىرلەنگۈسى كېلىدىغان چاغلىرى بولىدىكەن، − دەپ پىچىرلىدى.


«ئافرىقا ھەقىقەتەن سىرلىق ماكان ئىكەن» دەپ ئويلىدى سانتىياگو.
ئۇ كىچىكرەك بىر ئاشخانىغا كىردى، چايخانىغا ئوخشايدىغان بۇنداق جايلار مەزكۇر شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇراتتى، بىرنەچچە ئادەم قورسىقى يوغان ۋە نەيچىسى ئۇزۇن چىلىمنى قولمۇ - قول تۇتۇپ، نۆۋەت بىلەن تارتىشاتتى. ھازىرغىچە ئۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى كۆردى. مەسىلەن، قول ساتقۇچى ئەركەكلەر، يۈزلىرى پۈركەلگەن ئاياللار، ئېگىز پەشتاققا چىقىپ بار ئاۋازى بىلەن ئەزان توۋلىغان مەزىنلەر، بولۇپمۇ ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن تۇشمۇ - تۇشتىن چىققان ئادەملەرنىڭ تېز چۆكۈپ، پېشانىلىرىنى يەرگە يېقىشلىرى ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى.
سانتىياگو «مۇسۇلمانلار ياشايدىغان يەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاجايىپ ئىكەن» دەپ ئويلىدى ئۆزىچە. ئۇ بالىلىقىدا يېزىسىدىكى چېركاۋدا ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىمىنى كۆرگەن. رەسىمدە مەۋرىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان ئاق ئاتلىق غالىبىيەتچىنىڭ قولىدا ئۆتكۈر قىلىچ، قارىشىدا بولسا دەرغەزەپ بولۇپ بېشى چۈشكەن گويا سانتىياگو ھازىر ئاشخانىدا كۆرۈپ تۇرغان ئادەملەرگە ئوخشايدىغان كىشىلەر تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بىردىنلا پادىچىنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى ۋە ئۆزىنى دۇنيادا يېگانە قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولغا چىقىش ئالدىرادشلىقىدا بىر ئىشقا تازا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى ئەسلىدى. ئۇنىڭ تىل بىلمەسلىكى خەزىنە يولىنى تېپىشقا توسالغۇ بولاتتى. چۈنكى، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەب تىلىدا سۆزلىشەتتى.
ئاشخانا غوجايىنى سانتىياگونىڭ ئالدىغا كېلىپ نېمە يەيدىغانلىقىنى سورىدى، پادىچى يېنىدىكى ئۈستەلدە كىشىلەر ئىچىۋاتقان نەرسىدىن كەلتۈرۈشنى ئىشارە بىلەن چۈشەندۈردى. بۇ ئاچچىق دەملەنگەن چاي بولۇپ، سانتىياگو بۇنىڭدىن سۇدىنىدىكى سۇنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلدى.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرزىمەس نەرسىلەر بولۇپ، پادىچى ئۈچۈن خەزىنە ۋە ئۇنىڭغا بارىدىغان يول ئۈستىدە ئويلاش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. ئۇ قويلىرىنى سېتىپ، ئانچە قىينالمايلا خېلى پۇل غەملىۋالدى، مانا بۇلار يانچۇقىدا تۇرۇپتۇ، پۇل دېگەن ئاجايىپ نەرسە، سانتىياگو ئۈچۈن ھازىر پۇل سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. پۇل بولسا ئادەم يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدىكەن، ئۇ يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئېھراملار يېنىغا كېلىدۇ. ئاجايىپ توم ۋە قۇياشتەك پارقىراپ تۇرىدىغان ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان ئاقساقال بىرنەچچە قوينى دەپ ئۇنى ئالدىمىغانلا بولسا چوقۇم شۇنداق بولىدۇ.
ئاقساقال پادىچىغا بەلگە - ئالامەتلەر ھەققىدە سۆزلىگەن، سانتىياگومۇ بوغۇزدىن كېمە بىلەن ئۆتكىچە شۇلار ھەققىدە ئويلىدى، گەپ بۇ يەردە بەلگە - ئالامەتلەرنىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلىشتە، ئەندەلۇسىيەنى كېزىپ يۈرگەندە ئۇ يەر ۋە ئاسماندىكى تۈرلۈك ئالامەتلەرگە قاراپ قانداق قىلىشنى بىلىۋالغان ئىدى. قۇش قەيەردىدۇر مۆكۈنۈپ ياتقان ئېلاندىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇلۇتلار بولسا يېقىن يەردە بۇلاق ياكى دەريا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، سانتىياگوغا بۇلارنىڭ ھەممىسى قويلار ئۆگەتكەن.
سانتىياگو «ھەممىگە تەڭرى رەھنامىلىك قىلىۋاتقان بولسا، ئەلۋەتتە مېنىمۇ يولۇمدىن ئازدۇرمايدۇ» دەپ ئويلىدى ۋە بىر ئاز تىنچلاندى، ھەتتا چايمۇ ئاۋۋالقىدەك ئاچچىق تۇيۇلمىدى.
− نېمە ئادەمسەن، بۇرادەر؟ − توساتتىن بىرسى سورىدى ئۇنىڭدىن ئىسپان تىلىدا.
سانتىياگو يەڭگىل نەپەس ئالدى، ئۇ ھەرخىل ئالامەتلەر ھەققىدە ئويلىشىۋاتقان ئىدى، مانا ئالامەتلەردىن بېشارەت كەلدى، ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلغۇچى ياۋروپاچە كىيىنگەن، ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك يىگىت ئىدى. پەقەت تېرىسىنىڭ رەڭگىلا ئۇنىڭ شۇ يەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.
− ئىسپانچىنى قەيەردىن ئۆگەنگەن؟ − سورىدى سانتىياگو.
− يەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بۇ يەردىن ئىسپانىيەگىچە ئىككى سائەتلىك يول.
− ئولتۇر، ماڭا مېھمان بول، ھەر ئىككىمىزگە شاراب بۇيرىغىن، چاي ماڭا ياقمىدى.
− بۇ مەملىكەتتە شاراب ئىچىشكە دىن يول قويمايدۇ، كېيىن سانتىياگو ئۇنىڭغا ئېھراملار يېنىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، تاس خەزىنە ھەققىدە سۆزلىمەكچى بولدىيۇ، تىلىنى چىشلىۋالدى. كىم بىلىدۇ، بۇمۇ ياردەملەشكىنىنىڭ ھەققى ئۈچۈن خەزىنىنىڭ بىر قىسمىنى تەلەپ قىلامدۇ تېخى! شۇ چاغدا بوۋاينىڭ «ئۆزۈڭگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسە ھەققىدە ۋەدە بەرمە» دېگەن نەسىھىتى ئېسىگە كەلدى.
− مېنى ئېھراملارغىچە باشلاپ بارالامسەن؟ ھەققىڭنى بېرىمەن.
− ئېھراملارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەڭ كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن دەھشەتلىك چۆل - جەزىرىلەردىن ئۆتۈش لازىم.
سانتىياگو ئاشخانا غوجايىنىنىڭ ئۆزلىرىگە سەل يېقىنلىشىپ، گەپ تىڭشاۋاتقانلىقىنى سەزدى. گەرچە ئۇ ئاشخانىدا داۋاملىق ئولتۇرۇۋېلىشنى بىئەپ ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلۈكىدىن ئۇچراپ قالغان «يول باشلىغۇچى» نى قولدىن بېرىپ قويغۇسى كەلمەيۋاتاتتى.
− بۇنىڭ ئۈچۈن بىپايان سەھرايى كەبىرنى كېزىشكە توغرا كېلىدۇ، دېمەك كۆپ پۇل كېرەك، پۇلۇڭ بارمۇ؟ − سورىدى «يول باشچى».
سانتىياگو بۇ سوئالدىن ھەيران قالدى. شۇ چاغدا بوۋاينىڭ «ئەگەر سەن بىرەر نەرسىگە چىن دىلىڭدىن ئېرىشمەكچى بولساڭ، ئارزۇيۇڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پۈتۈن ئالەم ياردەم قىلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى يادىغا ئالدى، يانچۇقىدىن پۇللىرىنى ئېلىپ، ئەرەبكە كۆرسەتتى، ئاشخانا غوجايىنى كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھېلىقى يىگىتكە ئەرەبچىلەپ بىر نېمىلەر دېدى، سانتىياگوغا نېمە ئۈچۈندۇر غوجايىن ئاچچىقلاۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
− بۇ يەردىن چىقىپ كېتەيلى، ئۇ بىزنىڭ داۋاملىق ئولتۇرۇشىمىزنى خالىمايدىكەن، − دېدى ھېلىقى يىگىت.
سانتىياگو خۇشال بولۇپ ئورنىدىن تۇردى ۋە چاينىڭ پۇلىنى تۆلىمەكچى بولۇۋېدى، ئاشخانا ئىگىسى ئۇنىڭ قولىغا مەھكەم يېپىشىپ نېمىلەرنىدۇر دەپ سۆزلەپ كەتتى، سانتىياگو ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ كېتەلەيتتى، ئەمما ئۇ ئۆزگە ئەلدە بولغاچقا، بۇنداق ۋاقىتلاردا قانداق قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدى، بەختكە يارىشا يېڭى تونۇش ئاشخانا ئىگىسىنى يىراققا ئىتتىرىۋېتىپ، سانتىياگونى سىرتقا ئېلىپ چىقتى.
− ئۇ سېنىڭ پۇللىرىڭنى بۇلىۋالماقچى، تەنجەر ئافرىقىدىكى باشقا جايلارغا ئوخشىمايدۇ، بۇ يەر بىر ئۆتەڭ، ئۆتەڭ ئالدامچىلار ماكانى دېگەنلىك، − دېدى يىگىت.
سانتىياگو مۇھىم پەيتتە ئەسقاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ يىگىتكە ئىشەنسەم بولىدىكەن، دەپ ئويلىدى ۋە يانچۇقىدىكى پۇللىرىنى ئېلىپ قايتا ساناشقا باشلىدى.
− تېزرەك ئېھراەم تامان جۆنىشىمىز ئۈچۈن ئىككى تۆگە سېتىۋېلىشىمىز كېرەك، − دېدى ئەرەب يىگىت ۋە سانتىياگونىڭ قولىدىن ھەميانىنى ئالدى.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 10:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مەزكۇر ئەسەر مىسرانىم تورىنىڭ ئالاھىدە تەكلىبى بىلەن خاس تەرجىمە قىلىنىپ تۇنجى بولۇپ مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مىسرانىم جەۋھەرلىرى سالونىدا تورداشلارغا ھەر كۈنى 2 قىسىمدىن تارقىتىلدى.ھېچقانداق كىتابخانىلاردا ئۇيغۇرچىسى يوق ، ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب.
11
ئۇلار تەنجەرنىڭ ھەرخىل ماللار بىلەن تولۇپ كەتكەن دۇكان - پەشتاقلىق تار كوچىلىرىدىن تەستە ئۆتۈپ، بازار گويا قۇم دۆۋىسىدەك مىغ - مىغ ئادەم بىلەن تولغان بولۇپ، ئادەملەر سېتىشار، ئېلىشار، سودالىشار، جاڭجاللىشار ۋە كۈلۈشەر ئىدى. كۆكتات - مېۋىلەر خەنجەرلەر بىلەن، گىلەملەر تۈرلۈك چىلىملار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ يايما قىلىنغانىدى. سانتىياگو كېتىۋېتىپ ھەمراھىدىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى، چۈنكى پۇل قاپچۇقى ئۇنىڭدا ئىدى، ئۇ نەچچە قېتىم ھەميىنىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىدى - يۇ، لېكىن بىھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن دەپ قالدى. يەنە كېلىپ بۇ مەملىكەتنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى پادىچىغا ناتونۇش، «ھېچ ۋەقەسى يوق، ئۇنى يوقىتىپ قويمىساملا بولدى، بۇ ئۇنىڭدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىدۇ» دەپ خىيال قىلدى ئۇ. سانتىياگونىڭ كېتىۋېتىپ ئۇشتۇمتۇت تۈرلۈك - تۈمەن بۇيۇملار دۆۋىسى ئىچىدىن بىر قىلىچقا كۆزى چۈشۈپ قالدى. بۇنداق ئېسىل قىلىچنى ئۇ مۇشۇ كەمگىچە كۆرمىگەنىدى. قىنى كۈمۈشتىن، دەستىسى قىممەتباھا تاشلار بىلەن بېزەلگەن ۋە ھەللەنگەن، سانتىياگو مىسىردىن قايتقاندا مۇشۇنداق قىلىچتىن بىرنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى.
− قېنى سوراپ باقچۇ، قانچە پۇل ئىكەن؟ − دېدى ئۇ ھەمراھىغا بېشىنى كۆتۈرمەستىن. شۇ چاغدا ئۇ قىلىچقا قارايمەن دەپ بىر نەپەس ئەرەبتىن كۆزىنى ئۈزگەنىدى، سانتىياگونىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى ۋە بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراشتىن قورقتى. چۈنكى ئۇ كۆز ئوڭىدا يۈز بېرىدىغان مەنزىرىنى ئيولاپ ماغدۇرسىزلىنىۋاتاتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاخىرقى جۈرئىتىنى يىغىپ بېشىنى كۆتۈردى.
ئەتراپتا بازار قايناپ تاشار، ئادەملەر ھەر تەرەپكە چۈمۈلىدەك يۈگۈرەر، بار ئاۋازلىرى بىلەن ۋارقىرار، ئېشەكلەر ھاڭرار ئىدى. ياڭاقلار، مىس ئىدىشلار، كۆكتاتلار ساراڭنىڭ چېچىدەك ئارىلىشىپ كەتكەن، توپا ئۆرلەۋاتقان بوشلۇقتىن قانداقتۇر ھەرخىل نامەلۇم تائاملارنىڭ ھىدى كېلەتتى،  پەقەت بىر نەرسە − ئۇ بولسىمۇ ھېلىقى ئەرەب تەكتى ئەسراغىمۇ ياكى ئەرشى ئەلاغىمۇ سىڭىپ كەتكەندەك يوقالغانىدى.
سانتىياگو دەسلەپتە قىزىقچىلىق قىلىپ بىر - بىرىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق دەپ ئۆزىنى ئىشەندۈردى ۋە جايىدا مىدىرلىماي تۇردى. بەلكى ئۇ قايتىپ كېلەر، لېكىن ئارىلىقتىن بىرمۇنچە ۋاقىت ئۆتكەنىدى، بىر ۋاقىتتا ئېگىز مۇنار ئۈستىگە بىر ئادەم چىقىپ نېمىلەرنىدۇر دەپ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى. شۇ زامان ھەممە تېز چۆكتى، پېشانىلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، ئوخشاش ئاۋازدا توۋلاشتى، كېيىن ھەممە ئۆز جايلىرىغا قايتىشىپ، خۇددى يامغۇر ئالدىدىكى ئىشچان چۈمۈلىلەردەك نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، دۇكانلىرىنى تاقاشتى، بىردەمنىڭ ئىچىدە بازار بوش بولۇپ قالدى.
قۇياش كەچكى شەپەق تارقىتىپ، مەغرىپ تامان تېز چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى، سانتىياگو ئۇزاققىچە كەچكى قۇياشقا قاراپ تۇردى، تاكى بازار مەيداننى قورشاپ تۇرغان ئاق ئۆيلەرنىڭ تاملىرى قارايغۇچە ئۇ قۇياشتىن كۆز ئۈزمىدى. ئەمما ئۇنىڭ خىيالى دولقۇنلىناتتى، بۈگۈن ئەتتىگەن قۇياش تۈڭلۈكىدىن ماراۋاتقاندا ئۇ تېخى باشقا مەملىكەتتە ئاتمىش قويى بار پادىچى ئىدى، تېخى مەۋۈتچىنىڭ قىزى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارمان قىلغان، قۇياش بىلەن تەڭ پادىلىرىنى يايلاققا ئېلىپ چىققاندا، بۈگۈن قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ئالدىن مەلۇم بولاتتى.
ئەمدى بولسا مۇشۇ بىر كۈننىڭ ئاخشىمى ئۇ باشقا مەملىكەتتە ئۆزگە يۇرتتا يوچۇن ئادەمگە ئايلاندى، ھەتتا بۇ يەردىكىلەرنىڭ تىلىنىمۇ بىلمەيدۇ، ئەمدى ئۇ پادىچى ئەمەس، ھەممە نەرسىسىدىن مەھرۇم قالغۇچى، ئۇ پۇللىرىنى يوقاتتى، بۇ جانجىگەر قويلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، دېگەن گەپ. دېمەك، ئەمدى ھەممىنى باشتىن باشلاش ئۈچۈن ئارقىسىغىمۇ قايتالمايدۇ.
سانتىياگو «بۇ كۆرگۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسى قۇياش چىقىپ ئولتۇرغىچە ئارىلىقتا يۈز بەردى» دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ ھاياتىغا ئېچىندى، قىسقا ۋاقىتتا تەقدىرىدە يۈز بەرگەن بۇنداق ئاسمان - زېمىنغىچە ئۆزگىرىشلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنگۈچى كەلمەيتتى.
ئۇنىڭ ھۆركىرەپ يىغلىغۇسى كەلدى، لېكىن ئەتراپىدىكىلەردىن ھېيىقىپ يىغلىيالمىدى، ئۇ ھەتتا قويلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ خىجىل بولۇپ، يىغلىيالمايتتى. ئەمدى ئۇ نېمە قىلسۇن! بازار قۇپقۇرۇق، ۋەتىندىن يىراقتىكى بىر نۇقتىدا يىڭنىدەك يالغۇز تۇرۇپتۇ. سانتىياگو ئاقىۋەت پارتلاپ يىغلاپ تاشلىدى، ئەجەبا تەڭرى ئۆز چۈشىگە ئىشەنگۈچىلەرگە مۇشۇنداق ئادالەتسىزلىك قىلامدىكىنە!
بالىنىڭ خىيالى بارغانچە چىگىلىشىپ كەتتى، «قوي باققان ۋاقىتلىرىمدا خۇشال ئىدىم ۋە ئەتراپقا بەخت ھىدىنى تارقىتاتتىم، مەن ھۇزۇرىغا بارغان ئادەملەر قۇۋىناتتى ۋە مېنى ئەزىز مېھماندەك كۈتۈۋالاتتى. ھازىر دەرتلىك بەختسىزگە ئايلاندىم، نەگە بېرىپ قانداق قىلىشىمنىمۇ بىلمەيمەن، بىر ئادەم مېنى ئالدىغىنى ئۈچۈن ئەمدى ھەممە نەرسىگە شۈبھە بىلەن قارايمەن، بەلكىم گۇمانخور، ياۋۇز ئادەمگە ئايلىنىشىم مۇمكىن. كىمىكى خەزىنىنى تاپسا ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن، چۈنكى ماڭا نېسىپ قىلىنمىغان نەرسە باشقىلاردىمۇ بولماسىقى كېرەك. كېيىنچە ئۆزۈمدىكى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە يېپىشىپ ياشايمەن، سەۋەبى ئۇلار مېنى دۇنياغا گۆدەكلەرچە ئىنتىلىدىغان سەمىمىي قەلبتىن، قۇۋۋەتتىن مەھرۇم قىلىپ، ئاجىز، ناتىۋانغا ئايلاندۇرۇپ قويدى».
ئۇ يېگۈدەك بىرەر بۇردا نان ۋە ئازراق سارىماي چىقىپ قالسىكەن دېگەن ئۈمىدتە بوغچىسىنى ئاقتۇردى، لېكىن ئۇنىڭدىن قېلىن كىتابى، چاپىنى ۋە بوۋاي بەرگەن ئىككى دانە تاش چىقتى. بۇلارنى كۆرۈپ سانتىياگو ئالەمچە خۇشال بولۇپ كەتتى، نېمىلا بولسا ئالتە قوينىڭ بەدىلىگە بوۋاي بەرگەن قىممەتباھا تاشلار بولسىمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنى ساتسا يەنە ئىشنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى شۇ! يەنە بېلەت سېتىۋېلىپ يۇرتىغا قايتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.
«ئەمدى ھوشۇمنى يىغىشىم كېرەك» دەپ ئويلىدى ئۇ بوغچىسىدىكى تاشلارنى يانچۇقلىرىغا يوشۇرۇۋېتىپ. چۈنكى بۇ دېگەن ئۆتەڭ شەھەر، ئۆتەڭ، ھېلىقى قۇيمىچى ئەرەب ئېيتقاندەك ئالدامچىلار ماكانى دېگەن گەپ. سانتىياگو بارغانسېرى ئاشخانا غوجايىنىنىڭ نېمە ئۈچۈن كەيپىيات كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئەسلىدە ئۇ سانتىياگونىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكىنى ئېيتماقچى ئىكەن، لېكىن ئالدامچى ئەرەب ئىشنىڭ چېنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى تارتىپ ئاشخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟
«باشقىلار قانداق بولسا، مەنمۇ شۇنداقمەن، ئارزۇلىرىمنى ھەقىقەت دەپ بىلىمەن، دۇنيانى ئۆز پېتىچە ئەمەس، بەلكى تەسەۋۋۇرىمدىكى بويىچە كۆرۈشنى خالايمەن» ئويلىدى سانتىياگو.
ئۇ يەنە تاشلارنى قولىغا ئېلىپ قارىدى، ئاستا سىلىۋېدى، تاشلار ئۇنىڭغا ئىسسىق تۇيۇلدى. مانا بۇنى ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي خەزىنە دېسە بولىدۇ، چۈنكى تاشلارنىڭ ئىچىدىكى رەڭلىك دۇنياغا سىنچىلاپ قارىغانسېرى ئۆزۈڭنى شۇنچە ئارامبەخش ھېس قىلىسەن!
تاشلار سانتىياگوغا بوۋاينى ئەسلەتتى، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بوۋاينىڭ «ئەگەر سەن بىرەر نەرسىگە چىن دىلىڭدىن ئىخلاس قىلساڭ، ئارزۇيۇڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پۈتۈن ئالەم ياردەم قىلىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئەكس سادا قوزغىدى. بۇنىڭ ھەقىقەتلىكىگە سانتىياگونىڭ ئىشەنگۈسى كېلەتتى، لېكىن ھازىر ئۇ يانچۇقىدا بىر پۇلى يوق، بازار مەيدانىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپتۇ. شۇنداقتىمۇ خىيالىدىن يالت - يۇلت قىلىپ ئۆتكەن بىر كۈن ئاۋۋالقى شۇنداق ۋاقىتلاردا قويلارنى قەيەردە تۆنەتسەم بولار دېگەندەك ئەسلىمىلەر ئۇنى قۇۋاندۇراتتى.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 10:50:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يەنە كېلىپ قولىدىكى قىممەت باھا تاشلار ئۇنىڭ يېقىندا شاھ بىلەن ئۇچراشقانلىقىنىڭ گۇۋاھى ئىدى. بوۋاي سانتىياگونىڭ ھاياتىغا دائىر ھەممە نەرسىنى بىلەتتى، ھەتتا ئاتىسىنىڭ مىلتىقىنى ئوغرىلىقچە ئالغانلىقىنى، ئۇ ھاياتىدا يولۇقىدىغان تۇنجى قىز قاتارلىقلارنى ھەم…
ئۇ بوۋاينىڭ «تاشلار ئالامەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئۇقالماي قالغىنىڭدا ساڭا ياردەم بېرىدۇ، بۇلار ئۆرىم ۋە توممىم دېيىلىدۇ» دېگەنلىرىنى ئەسلىدى.
سانتىياگو ئۇلارنى يانچۇقىدىن ئېلىپ، يەنە خالتىسىغا سالدى ۋە سىناپ كۆرمەكچى بولدى. بوۋاي يەنە ئۇنىڭغا «سوئاللىرىڭ ئېنىق بولسۇن، تاشلار ئۆزى ئىستەۋاتقان نەرسە ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىلا ياردەم بېرەلەيدۇ» دېگەنىدى، ئۇ بوۋاي پاتىھەسىنىڭ ھازىرمۇ ئۆز روھىنى يۆلەۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغاچ قولىنى خالتىدىن چىقاردى.
− شۇنداق، − دەپ جاۋاب بەردى تاشلار.
− خەزىنىنى زادى تاپالايمەنمۇ؟ − يەنە سورىدى سانتىياگو. ئۇ قولىنى خالتىغا تىقتى ۋە تاشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ جاۋاب ئالماقچى بولدى، ئىككىلا تاش خالتا تۆشۈكىدىن چۈشۈپ كەتتى، ئاجايىپ ئىش، سانتىياگو خالتىدا تۆشۈك بارلىقىنى زادى سەزمىگەن ئىكەن، ئۇ تاشلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئېڭىشكەندە بوۋاينىڭ «ئالامەتلەرنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش ئادىتىنى يېتىلدۈر» دەپ تاپىلىغانلىقى ئېسىگە كەلدى.
− ئاجايىپ ئىشتە بۇ، − دەپ پىچىرلىدى سانتىياگو ئۆز - ئۆزىگە ۋە كۈلۈپ كەتتى.
كېيىن تاشلارنى تېرىپ خالتىسىغا سالدى، لېكىن خالتىنىڭ تۆشۈكىنى ياماشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى، چۈنكى ئۇ تاشلار خالىسا ھەرقانداق ۋاقىتتا سىرتقا چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ تەقدىرنىڭ بۇيرۇقىدىن قاچماسلىق ئۈچۈن ياخشىسى بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكنى قارار قىلدى. «ئىشلىرىم ھەققىدە ئۆزۈم قارار چىقىرىمەن» دەپ بوۋايغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەسلەپ سەل ئۈمىدلەندى ئۇ.
لېكىن بۇ تاشلار پادىشاھ بوۋاينىڭ سانتىياگو بىلەن ھامان بىرلىكىدىن دالالەت بەرگەندە ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يەنىمۇ ئاشاتتى. بالا كۆز ئالدىدىكى قالايمىقان قۇرۇق مەيدانغا نەزەر تاشلىدى، ئەمدى ئۇ ئۈمىدسىزلىك قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىققاندەك بولدى، قارشىسىدىكى دۇنيا ئۇنىڭغا تامامەن يوچۇن ئەمەس، سەل تونۇشتەك كۆرۈندى.
ئومۇمەن ئۇنىڭ سوڭغى ئىستىكى جاھان كېزىش ئىدى. مۇبادا سانتىياگونىڭ تەقدىرىگە ئېھراملارغىچە بېرىش پۈتۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق باشقا ھەرقانداق پادىچىدىن بىلىمدان ھېسابلىناتتى.
«بار - يوقى ئىككى سائەتلىك يولدىن كېيىن پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ قېلىشىمنى بىلگىنىمدە ئىدى…» دەپ خىيال قىلدى يىگىت.
سانتىياگونىڭ كۆز ئالدىدا يېڭى دۇنيا خۇددى ئۆلۈك مەيدان تىمسالىدا يېيىلىپ ياتاتتى، ئۇ بۇ مەيداننىڭ ھايات بىلەن قاينىغانلىقىنى كۆردى. بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، ئەمدى ئۇنىڭ ئويىدا قىلىچ گەۋدىلەندى، ئەلۋەتتە ئىككى مىنۇتلۇق مەھلىيالىق ئۈچۈن ئۇ ئېغىر بەدەل تۆلىدى، لېكىن بۇنداق قىلىچنى ئەسلا كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئەمما ئۇ توساتتىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىكى، دۇنياغا ياۋۇزلار ۋە ئالدانغانلارنىڭ بەختسىز كۆزى بىلەنمۇ، خەزىنە ئىزلىگۈچى تەۋەككۇلچىلەرنىڭ جەسۇ نىگاھى بىلەنمۇ قاراش مۇمكىن ئىكەن.
− شۇنداق، مەن خەزىنىنىڭ ئارقىسىدىن بارغۇچى بۇ يولدا نۇرغۇن ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگۈچى تەۋەككۇلچى بولۇشۇم كېرەك، − دەپ غۇدۇڭشىدى ئۇ ئۇيقۇ قۇچىقىغا ئەسىر بولۇۋېتىپ.


ئۇنىڭ بېقىنىغا كىمنىڭدۇر پۇتى خېلىلا چىڭ تەگكەچ ئويغىنىپ كەتتى، سانتىياگو قاق ئوتتۇرىسىدا تۈنىگەن بازارنىڭ چوڭ مەيدانىدا يەنە ئادەملەر كۆپىيىشكە باشلىدى.
ئۇ ئادىتى بويىچە ئۇيقۇچىلىقتا قويلىرىغا قارىماقچى بولدى ۋە تاڭ سالقىنىدا مېڭىسى بىردىنلا ئېچىلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى دۇنيادا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. سانتىياگو غەمكىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلدى. ئەمدى ئۇ قورساق تويدۇرىمەن دەپ بىتىنىم يۈرمەيدۇ، خەزىنىلەر تامان ئاتلىنىدۇ! چۆنتىكىدە بىر تىيىنى بولمىسىمۇ، ئەمما ھاياتقا نىسبەتەن ئىشەنچى بار، ئۇ كېچە ئۇزاق ئويلاپ ئۆزىگە تەۋەككۈلچىلىك تەقدىرىنى تاللىدى. ئۇ تەسەۋۋۇردا كىتابلاردا ئوقۇغان قەھرىمانلاردەك بولماقچى ئىدى.
سانتىياگو ئاستا قەدەملەر بىلەن مەيداننى ئايلىنىپ ئۆتمەكچى بولدى، سودىگەرلەر دۇكان ۋە يايمىلىرىنى ئېچىشماقچىدى. ئۇ تاتلىق - تۈرۈملەر ساتقۇچىنىڭ دۇكىنىنى رەتلەپ، نەرسىلىرىنى يېيىشىغا ياردەملەشتى.
پىشۇرۇق ساتقۇچى تەبەسسۇم قىلدى، ئۇ ھاياتىدىن مەمنۇن ئىدى، چۈنكى نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ يېڭى مېھنەت كۈنىگە خۇشاللىق بىلەن يۈزلەنگەنىدى، ئۇنىڭ جىلمىيىشلىرى پادىچى بالاغا سىرلىق شاھ مەلىكىسىدىقنىڭ تەبەسسۇمىنى ئەسلەتتى.
سانتىياگڭ «بۇ ئادەم تاتلىق - تۈرۈملەرنى دۇنيا كېزىش ياكى مەۋۈتچىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن پىشۇرۇۋاتقىنى يوق. مۇھىمى قىلىۋاتقان ئىشىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن» دەپ ئويلىدى. قارىماققا مەلىكىسىدىققا ئوخشاش ئادەمنىڭ ئۆز نىشانىغا نەقەدەر يېقىن ياكى يىراقلىقىنى پەرەز قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنىمۇ چۈشەندى. «بۇ شۇنچىلىك ئاددىي ئىكەنكى، بۇرۇن نېمە ئۈچۈن چۈشەنمىگەنلىكىمگە ھەيرانمەن» دەپ ئويلىدى ئۇ.
سايىلىقنى تارتىپ ئورنىتىشقا ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن، سودىگەر ئۇنىڭغا تۇنجى پىشۇرۇلىدىغان بوغۇرساقتىن تۇتتى، سانتىياگو بوغۇرساقنى ئىشتىھا بىلەن يېدى، رەھمەت ئېيتتى ۋە يولىغا راۋان بولدى. لېكىن ئۇ توساتتىن ئۇلار سايىلىقنى ئورنىتىۋاتقاندا پىشۇرۇقچى ئەرەبچە، سانتىياگو  ئىسپانچە سۆزلەپمۇ ئۇلارنىڭ بىر - بىرىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئەسلەپ قالدى.
«دېمەك، شۇنداق بىر تىل باركى، ئۇ سۆزلەرگە باغلىق ئەمەس، مەن شۇ تىلدا قويلىرىم بىلەن گەپلىشەتتىم، ئەمدى ئادەملەردە سىناپ كۆردۈم» دەپ ئويلىدى يىگىت.
سانتىياگونىڭ نەزىرىدە بۇ پادىشاھ بوۋاينىڭ «بارلىق − بىر پۈتۈنلىكتۇر» دېگىنىگە ئوخشاپ كېتەتتى.
سانتىياگو ئالامەتلەرنى نەزەردىن قاچۇرماسلىق ئۈچۈن تەنجەر كوچىلىرىنى ئالدىرىماي ئايلىنىپ چىقىشنى قارار قىلدى. ئۇ سەۋر - تاقەتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، سەۋرلىك خەيرلىك ئەمەل، بالا يەنە قويلاردىن ئۆگىنىۋالغانلىرىنىڭ ھازىرقى يېڭى تۇرمۇشىدا ئەسقېتىپ قالىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى. مەلىكىسىدىقنىڭ ھېكمەتلىرى سانتىياگونىڭ خاتىرىسىگە مەھكەم ئورناشقان ئىدى.

فار فور قاچىلار سودىگىرى ھەر تاڭ ئۆزىنى چىرمىۋالىدىغان مەيۈسلىك كەيپىياتى بىلەن يېڭى بىر كۈننىڭ ئالەمگە يېىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى، ئۇنىڭ مانا شۇ تار كوچىدىكى خېرىدر كەمدىن كەم باش تىقىدىغان دۇكاندا ئولتۇرغىنىغا نەق ئوتتۇز يىل بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىرەر نەرسىنى ئۆزگەرتىشنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتكەنىدى. چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن بىلىدىغىنى پەقەتلا ئەنە شۇ خىرۇستال قاچىلارنى سېتىش ئىدى، بىر ۋاقىتلاردا بۇ دۇكاندىن پۇلدار ئەرەب سودىگەرلىرى، ئىنگلىز، فرانسۇز كانچىلىرى ۋە گېرمان ئەسكەرلىرىنىڭ قەدىمىي ئۈزۈلمەيتتى، شۇ زاماندا فارفور قاچا سېتىش ئەڭ پايدا ئېلىپ كېلىدىغان سودىلارنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ بىردىنلا بېيىپ كېتىشنى، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا بولسا گۈزەل خوتۇنلارنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، ھاياتىنى بېزىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش