مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim2

پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى(دۇنياۋىي ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:13:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىلىچنىڭ ئۆتكۈر تىغى تېخىچە سانتىياگونىڭ پېشانىسىدە ئىدى.
− سەن ئاللانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۆزۈڭنى كىم چاغلايسەن؟
− تەڭرى جەڭچىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى قۇشلارنىمۇ ياراتقان، ماڭا ئۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق بېشارەت بەردى، دۇنيادىكى ھەممە ئىشلارنىڭ كەچمىشى پەقەت بىرلا قول بىلەن يېزىلغان، − تۆگىچىنىڭ سۆزلىرى بىلەن جاۋاب بەردى سانتىياگو.
ئاخىرى چەۋەنداز قىلىچىنى تارتىۋالدى، يىگىت چوڭقۇر تىن ئالدى.
− بېشارەت قىلىشتىن ئېھتىيات قىل، ھېچكىم تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
− مەن پەقەت لەشكەرلەرنىلا كۆردۈم، جەڭنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرچە نامەلۇم!
چەۋەنداز بۇ گەپتىن سەل مەمنۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن قىلىچىنى قىنىغا سالاي دېمەيتتى.
− ئۇنداقتا كەلگەندى تۇرۇپ بۇ يەردە نېمىشقا تىمسىقلاپ يۈرۈيسەن؟
− ئۆز مەقسىىمنى ئىزلەۋاتىمەن، سەن بۇ گەپلەرنى ھەرگىز چۈشەنمەيسەن!
چەۋەنداز يىلاننى ئىنىگە قايتۇرغان ئوۋچىدەك قىلىچىنى قىنىغا سالدى، يەلكىسىدىكى قارچۇغىسى ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ماقۇللىغاندەك قانات قېقىپ، جېنىنىڭ بارىچە بىرنەچچە قېتىم ئۈنلۈك قىچقاردى. شۇنىڭ بىلەن سانتىياگو غەم ۋە غەشلىكتىن ئامان تاپتى.
− مەن جاسارىتىمنى سىناپ باقماقچى بولغان، ئالەم تىلىنى ئىزدەۋاتقان ئادەم ئۈچۈن بۇنىڭدىن مۇھىم نەرسە يوق!
چەۋەنداز ئاز ساندىكى ئادەملەرلا چۈشىنىدىغان ئەھۋاللار ھەققىدە سۆزلەيتتى، يىگىت بۇنىڭدىن ھەيران قالاتتى.
− يەنە ئۇزاق يولدىكى كارۋان بىر قەدەممۇ ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرماسلىقى كېرەك، − ئۇ داۋاملىق سۆزلەيتتى، − جەزىرە قانچىلىك سۆيۈملۈك بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ، چۆل ئىنسان ئۈچۈن بىر سىناق، سۇ ئىچىم كەتتىڭمۇ ھالاكەت دېڭىزى يۈتتى دېگەن گەپ.
سانتىياگوغا ئۇنىڭ گەپلىرى مەلىكىسىدىقنى ئەسلەتتى.
− جەڭچىلەر كەلگەندىن كېيىن مۇبادا بېشىڭ تېنىڭدە ئامان بولسا، مېنى ئىزلەپ تاپ، − دېدى چەۋەنداز.
ئۇنىڭ قىلىچ تۇتۇپ تۇرغان قولىدا شۇ كەمنىڭ ئۆزىدە قامچا پەيدا بولدى، ئاق تۇلپار ئالدى ئىككى پۇتى بىلەن ھاۋاغا ئېسىلدى - دە، چاڭ - توزان ئۆرلىشى بىلەن ئالغا تاشلاندى.
سانتىياگو:
− قەيەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى ئېيتمىدىڭ − سورىدى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىراپ.
تېز كېتىۋاتقان چەۋەنداز قامچا بىلەن جەنۇب تەرەپنى ئىشارە قىلدى - دە، غايىب بولدى.
شۇنداق قىلىپ سانتىياگو ئۇزۇندىن ئارزۇ قىلغان ئەلكىمياگەر بىلەن ئەنە شۇنداق تاسادىپىي ئۇچراشتى.

ئىككىنچى كۈنى ئەل - فايىمدىكى خورمىزارلىقتا قوراللانغان ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن سەپ تارتىپ تۇردى، قۇياش تەقدىرنىڭ ئىنسانلارنى نېمە كويلارغا سېلىشىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن ئەمدىگىنە تەكىيسىدىن باش كۆتۈرگەن مەھەلدە ئۇپۇق تاماندىن بەش يۈز ئاتلىق ئالىمان كۆرۈندى. خورمىزارلىقنىڭ شىمالىدىن كېلىۋاتقان بۇ جەڭچىلەرنىڭ قىلىچلىرى ئاق يەكتىكىنىڭ ئىچىگە ئېسىلغانىدى. ئۆتەڭنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى يوغان چېدىرىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ قوللىرىدا بىردىنلا مىلتىق ۋە قايرىلما قىلىچلار پەيدا بولدى، ئەمما چېدىر ئىچى قۇپقۇرۇق ئىدى.
خورمىزارلىق جەڭچىلىرى چۆل قاراقچىلىرىنى قورشىۋالدى ۋە يېرىم سائەتنىڭ ئىچىدە 499 دۈشمەننى يەر چىشلەتتى، چېدىرلىرىدا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئامان - ئېسەن قايتىپ كېلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلاتتى. بالىلارنىڭ سىرتنى كۆرگۈسى كېلىپ، ئىچىلىرى سىقىلىپ كېتىشتى، قۇملۇقتا ئاق تاشتەك چېچىلىپ ياتقان ئۆلۈكلەرنى ھېسابلىمىغاندا، خورمىزارلىق شۇ پېتىدا، ھېچنېمە ئۆزگەرمىدى.
ئەل - فايىمغا ھۇجۇم قىلغان ئاتلىقلارنىڭ لەشكەر بېشى تىرىك تۇتۇلۇپ، ئۇنى قەبىلە سەردارلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىشتى، قەبىلە ئاتىمانلىرى ئۇنىڭدىن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئەدەپ - قائىدىنى بۇزۇشقا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى سورىدى. ئۇ قاچاق - لەشكەرلىرىنىڭ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە ئايىغى چىقماس جەڭلەردىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، خورمىزارلىقنى بېسىۋېلىپ، قەددىنى رۇسلىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئىقرار قىلدى.
سەردارلار ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ھېچكىمنىڭ خورمىزارلىقنىڭ ئۇدۇمىنى بۇزۇشقا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭچە جەىزىردە باشباشتاق شامال، بورانلار سەۋەبىدىن قۇم دۆۋىلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگەرسىمۇ باشقا نەرسە ئۆزگەرمەيتتى.
قاراقچىلار بېشى شەرمەندىلەرچە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، مىلتىق ياكى قىلىچ زەربىسى بىلەن قەتىل قىلىش ئۇنىڭغا ئەرزان توختايدۇ، دەپ قارالدى. شۇڭا، ئۇ قۇرىغان خورما دەرىخىگە ئېسىلىپ سازايى قىلىندى، چۆل شامىلى ئۇنى مەسخىرە قىلغاندەك ئۇزاق ۋاقىتلار خالىغانچە لەپەڭشىپ ئوينىدى. ئۇ قۇش ۋە ھاشاراتلەرگە يەم بولدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قالدۇق ئىسكىلاتلاردا ھاشاراتلار ئۇۋا ياسىدى. قەبىلە سەردارى سانتىياگونى چاقىرتتى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئۇنى ئەللىك ئالتۇن تەڭگە بىلەن تارتۇقلىدى، كېيىن ئۇ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىدىن ھېكايە قىلدى ۋە يىگىتنى باش مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىدى.


قۇياش تەقدىرنىڭ بۈگۈنكى ئويۇنىدىن زېرىكىپ، شاپاشلىغىنىچە ئۆز چېدىرىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن كۆك دېڭىزىدا بىردىن - بىردىن جىن چىراغلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ يۇلتۇزلار پەيدا بولدى. سانتىياگو جەنۇب تەرەپكە يول ئالغان ئىدى، خورمىزارلىقنىڭ ئەڭ چېتىدە يەككە - يېگانە بىر چېدىر بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «ئەسكى جىنلىق» دەپ ئاتىشاتتى، يىگىت «جىن» لىقنىڭ يېنىغا كېلىپ چارتان قۇرۇپ ئولتۇردى ۋە نېمىنىدۇر كۈتۈشكە باشلىدى.
ئەمدى سانتىياگونىڭ تەقدىر ئويۇنى تاماشىسىنى كۆرۈشكە قىزىقىپ قالغان ئاي پەلەكنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىكى ئالتۇن كۇرسىغا ئورنىشىۋاتقان چاغدا ئەلكىمياگەر پەيدا بولدى، ئۇ ئۆلۈك ئىككى قۇرغۇينى مۈرىسىگە ئارتىۋالغان ھالدا كېتىۋاتاتتى. سانتىياگو:
− شۇ يەردىمەن، − ۋارقىرىدى ئۇنىڭغا.
− بىكار ساقلاپسەن، ئەجەبا تەقدىرنىڭ سېنى ماڭا باشلاپ كەلگىنى نېمىسى؟ − سوراق تەلەپپۇزىدا جاۋاب بەردى ئۇ.
− ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ، جەزىرىدىن ئۆتەلمەيۋاتىمەن.
ئەلكىمياگەر نېمىگىدۇر ئالدىراۋاتاتتى، ئۇ سانتىياگوغا چېدىرغا كىرىشىنى ئىشارە قىلدى، چېدىر ئىچى ھەممىنىڭكىگە ئوخشاش ئاددىي بولۇپ، قەبىلە سەردارىنىڭكىدەك شاھانىيلىقتىن خالىي ئىدى. يىگىت چېدىر ئىچىگە كىرىپلا نەزىرى بىلەن ئەلكىمياگەر ئىشلىتىدىغان تۆمۈر ئوچاق ۋە خاس قازانلارنى، چوڭ - كىچىك ئەينەك ئىدىشلارنى ئىزلىدى. ئەمما ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىرنەچچە كونا كىتابتىن باشقا ھېچنەرسە ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتمىدى، يەرگە سىرلىق نەقىشلىك گىلەم سېلىنغانىدى.
− ئولتۇر، چاي قۇياي، كېيىن قارغۇچىنىڭ ئوۋ گۆشىدىن كەچلىك غىزا تەييارلايمەن، − دېدى ئەلكىمياگەر.
سانتىياگو يېقىندا كۆكتە پەرۋازىنى كۆرگەن قارچۇغىلار شۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى، ئەمما ساھىبخانىغا ھېچنەرسە دېمىدى، ئەلكىمياگەر ئوچاققا ئوت ياقتى ۋە چېدىر ئىچىنى قۇرۇلۇۋاتقان قارچۇغا ئۇۋىنىڭ ھىدى قاپلىدى، بۇنداق مەززىلىك ھىدنى چىلىم پۇرىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بولمايتتى، ئەلۋەتتە.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:13:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
− مېنى نېمىشقا چاقىرتتىڭ؟ − سورىدى سانتىياگو.
− ھەممە گەپ ئالامەتلەردە، شامال كېلىدىغانلىقىڭنى ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىقىڭنى ئېيتتى، − جاۋاب بەردى ئەلكىمياگەر.
− ياق، ئۇ مەن ئەمەس، باشقا بىر ئىنگلىز سەيياھمۇ بار.
− ئۇ ھازىرچە باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، مېنى كېيىن تاپىدۇ. ئەمما ئىنگلىز توغرا يولنى تېپىۋالدى، ئۇنىڭ كىتاب خالتىسى ئەمەسلىكىگە ئىشەندىم.
− مەنچۇ، مەن؟
− ئەگەر سەن بىر نەرسىنى چىن ۋۇجۇدۇڭدىن ئارزۇ قىلساڭ، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پۈتۈن ئالەم ياردەم قىلىدۇ، − ئەلكىمياگەر خۇددى مەلىكىسىدىققا ئوخشاش گەپ قىلدى، يىگىت ئۆز مەقسىتىنى تېپىشقا ياردەملىشىدىغان يەنە بىر ئادەمنى ئۇچراتقىنىدىن مەمنۇن بولدى.
− ئۇنداقتا ماڭا ئۆگىتەمسەن؟
− ياق، زۆرۈر نەرسىلەرنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغانسەن، مەن پەقەت خەزىنىگە بارىدىغان يولنى كۆرسىتىمەن.
− چۆلدە ئۇرۇش بولۇۋاتقان تۇرسا.
− مەن بۇ جەزىرىنى ياخشى بىلىمەن.
− مەن خەزىنىنى تېپىپ بولدۇم، تۆگەم، فارفورچى دۇكىنىدا تاپقان پۇلۇم ۋە يەنە ئالتۇن تەڭگىلىرىم بار، بۇلار بىلەن ئۆز ۋەتىنىمدە دۆلەتمەن كىشى ھېسابلىنىمەن.
− ئەمما ئۇلار سېنى ئېھراملار تامان بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىتەلمەيدۇ، − ئەلكىمياگەر بۇ سۆزلىرى بىلەن سانتىياگوغا يەنە ئېھرامنى ئەسلەتتى.
− مېنىڭ پاتىمەم، ھەممە خەزىنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
ـ− قىز بىلەن ئېھرامنىڭ ئىككى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك.
ئۇلار جىمىپ قېلىشتى ۋە تاماققا قول ئۇزىتىشتى، ئەلكىمياگەر بىر شىشە قۇتىنى ئېلىپ ئاغزىنى ئاچتى ۋە قانداقتۇر قىزىل سۇيۇقلۇقنى يىگىتنىڭ پىيالىسىگە قۇيدى، بۇنداق شارابنى سانتىياگو ھازىرغىچە ئىچىپ باقمىغانىدى، يەنە كېلىپ شاراب ئىچىش بۇ يەرنىڭ قانۇنىدىمۇ چەكلەنگەن.
ئەلكىمياگەر ئېغىز ئاچتى:
− ياۋۇزلۇق ئىنسان ئېغىزىغا كىرىۋاتقان نەرسىدىن ئەمەس، بەلكى چىقىۋاتقان نەرسىدىن پەيدا بولىدۇ.
شاراب سانتىياگونىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ ھامان ساھىبخانىدىن تارتىنىپ ئولتۇراتتى، ئۇلار چېدىر ئىشىكىدە يانمۇيان ئولتۇرۇپ، تولۇن ئاي يورۇقىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ خىرە - شىرە كۆز قىسىشلىرىغا مۇھەببەت بىلەن نەزەر تاشلىدى.
− ئال، ئىچ، − دېدى ئەلكىمياگەر بالىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ. ئۇ شارابنىڭ يىگىتكە تەسىر قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە سۆزىنى ئاخىرغا يەتكۈزدى، − ئۇرۇشقا كېتىۋاتقان جەڭچىگە ئوخشاش كۈچ يىغ، ئەمما يادىڭدا بولسۇنكى، سېنىڭ يۈرىكىڭ خەزىنىلەر يوشۇرۇنغان جايدا، خەزىنىنى چوقۇم تاپ، بۇ يولدا سەن يولۇقىدىغان ۋە ئاڭلايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە سىر - ھېكمەت يوشۇرۇنغان. ئەتە تۆگەڭنى سېتىپ ئات ئال، تۆگىلەرنىڭ يارىماس بىر پېئىلى باركى، ھېرىپ - چارچاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، چۆلنى ئارقىغا تاشلاپ مېڭىۋېرىدۇ، كېتىۋېرىدۇ، كېيىن بىردىنلا چۆكىدۇ - دە، قوپالماستىن ئۆلۈپ تۈگىشىدۇ. ئات بىر خىل يورغا بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنىڭ يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ۋە قاچان يېقىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىسەن.


ئىككىنچى كۈنى، كەچكە يېقىن سانتىياگو بىر ئاتنىڭ چۇلۋۇرىدىن يېتىلەپ ئەلكىمياگەرنىڭ چېدىرىغا كىرىپ كەلدى، ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ «ئالتۇن» مۇ پەيدا بولدى ۋە ئېتىغا مىندى. قارچۇغا ئۆز جايىدىن، يەنى ئۇنىڭ سول مۈرىسىدىن ئورۇن ئالدى.
− ئەمدى ماڭا چۆلدىكى ھاياتنى كۆرسىتىسەن، پەقەت جەزىرە تۇرمۇشىغا ماسلىشىپ، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان كىشىلا خەزىنىنى تېپىشقا قادىر بولۇشى مۇمكىن، − دېدى يىگىت.
ئۇلار ئاينىڭ كۈمۈشتەك يوپيورۇق پاياندىزى ئۈستىدىن ئات سېلىشتى، سانتىياگو كۆڭلىدە «چۆل ھاياتىنى ياخشى بىلمەيمەن، شۇڭا بۇنداق يامان مۇھىتتا ھاياتنى ساقلاپ قېلىش قولۇمدىن كەلمىسە كېرەك» دەپ ئويلىدى.
يىگىت بۇ گەپلەرنى ئەلكىمياگەرگە ئېيتماقچى بولدى − يۇ، جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇلار سانتىياگو قارچۇغىلار پەرۋازىنى كۆزەتكەن ھېلىقى تاشلىق دالىغا يېتىپ كەلدى، بالا كىمياگەردىن ئېھتىيات قىلسىمۇ، لېكىن بارلىق جۈرئىتىنى يىغىپ ئويلىغانلىرىنى ئېيتتى:
− بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسمەنمىكىن دەپ قورقىمەن. چۈنكى مەن جەزىرە ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلسەممۇ، لېكىن بۇنداق مۇھىتتا ياشاپ كۆنمىگەن.
− ئېسىڭدە بولسۇنكى، ھايات ھاياتقا سەۋەب بولىدۇ، − جاۋاب قىلدى ئەلكىمياگەر.
يىگىت بۇ گەپلەرنى چۈشەندى ۋە ئاتنىڭ تىزگىنىنى مەيلىگە قويۇۋەتتى، ئات قۇم ۋە تاشلار ئارىسىدىن ئۆز يولىنى تېپىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار شۇ تەقلىدتە يېرىم سائەتچە مېڭىشتى، ئەمدىلىكتە ئاينىڭ كۈمۈش نۇرىدا چەكسىز ئاق قوي پادىسىدەك چېچىلىپ ياتقان قۇرام تاشلاردىن باشقا ھەممە نەرسە، ھەتتا يىراقتىكى خورمىزارلىقنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەي قالدى. ئاخىرى ئات يۈرۈشتىن توختىدى، سانتىياگو بۇ يەرلەرنى ئىلگىرى كۆرمىگەنىدى.
− بۇ جايلاردا ھاياتلىق بار، جەزىرە تىلى ماڭا نامەلۇم، ئەمما بۇلار ئېتىمغا ئايان، − دېدى ئۇ ئەلكىمياگەرگە.
ئۇلار ئاتلىرىدىن چۈشۈشتى، «ئالتۇنچى» سۈكۈت قىلغىنىچە ئاستا - ئاستا كۆز يەتمەس يىراقلارغا نەزەر ئاغدۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بىردىنلا توختاپ قالدى ۋە سەپسېلىپ يەرگە ئېڭىشتى، تاشلار ئارىسىدىن بىر تۆشۈك قارىداپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئەلكىمياگەر قولىنى مۈرىسىگە تىقىۋېدى يەتمىدى. تۆشۈك ئىچىدە نېمىنىڭدۇر شىۋىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قول تۆشۈكتە بەدىنى يانتۇ ھالەتتىكى ئەلكىمياگەرنىڭ كۆزلىرى سەل يوغىنىغانچە قېتىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، سانتىياگو بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بەلكى قوللىرى ئارقىلىق نېمە بىلەندۇر ئېلىشىۋاتقانلىقىنى پەملىدى. كېيىن ئۇ شىددەت بىلەن قولىنى تارتىپ چىقاردى ۋە سەل تۆۋەن تەرەپكە سىيرىلىپ كەتتى. سانتىياگو بۇ كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىن ھەيران بولدى، ئەلكىمياگەر ئەمەلىيەتتە يوغان بىر يىلاننىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ چىقارغانىدى.
يىگىت قورققىنىدىن سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە بىرقانچە قەدەم چېكىندى. يىلان ئەلكىميگەرنىڭ قولىدا تولغىناتتى، ۋىشىلدىغان ئاۋازى ئايدىڭدىكى جەزىرىنىڭ ئىتائەتمەن جىمجىتلىقىنى بۇزاتتى، بۇ زەھىرى تىنىق ئىچىدە جان ئالغۇچ كۆزەينەكلىك يىلان ئىدى.
سانتىياگو «ئۇنىڭ يۇۈرىكى نېمانچە چوڭ» دېگەنلەرنى ئويلىدى، جېنىنى دوغا تىكىپ، يىلاننىڭ ئىنىگە قولىنى تىققاندىمۇ ئۇنىڭ روھىي - ھالىتى بەخىراماندەك كۆرۈندى. نەتىجىدە يىگىت ئىنگلىزنىڭ «ئۇ 200 ياشتا» دېگەن سۆزلىرىنى ئەسكە ئالدى، قارىغاندا چال چۆل يىلانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياخشى بىلىدىغاندەك قىلاتتى.
«ئالتۇنچى» ئېتىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئىگەرگە ئېسىلغان ئىسپان قىلىچىنى قىنىدىن چىقاردى، قىلىچ بىلەن قۇمغا خېلى يۇمىلاق دائىرە سىزدى ۋە سەل جىمىپ قالغان يىلاننى ئالدىغا تاشلىدى.
− قورقما، ئۇ چەمبەردىن چىقمايدۇ، ھەر ھالدا چۆلدىكى ھاياتقا شاھىت بولدۇڭ، ماڭا شۇنىسى كېرەك ئىدى، − دېدى سانتىياگوغا.
− بۇنىڭ مەن ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىى بار؟
− سەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئېھراملار چۆل مەركىزىدە.
سانتىياگو يەنە ئېھراملار ھەققىدە پاراڭلىشىشنى خالىمايتتى، تۈنۈگۈندىن بۇيان ئۇنىڭ قەلبى شۇنچىلىك قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، چىراغ يېقىپمۇ يورۇتقىلى بولماس دەرىجىدە ئىدى. چۈنكى خەزىنىلەر تامان يۈرۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن پاتىمەنى يوقىتىش دېگەنلىك بولاتتى.
− ساڭا يول باشلايمەن.
− خورمىزارلىقتا قالغىنىم ياخشىراق ئىدى، ئاخىرى پاتىمە بىلەن تېپىشتىم، ئۇ مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەممە خەزىنىدىن ئەۋزەل!

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:13:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
− پاتىمە چۆل قىزى، ئۇ ئەركەكلەرنىڭ قايتىپ كېلىش ئۈچۈن كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇمۇ ئۆز خەزىنىسىنى سەندىن تاپتى، پاتىمە ھازىر سېنىڭمۇ ئىزلىگەن نەرسەڭنى تېپىشىڭغا تىلەكداش.
− بۇ يەردە قېلىشنى قارار قىلسامچۇ؟
− ئۇنىڭدا قەبىلە سەردارىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولىسەن، ئالتۇن - كۈمۈشكە كۆمۈلىسەن، مىڭ - مىڭلاپ قوي - تۆگە سېتىۋېلىشىڭ مۇمكىن، پاتىمەگە ئۆيلىنىپ تۇنجى يىلى ئۇنىڭ بىلەن ھايات پەيزىنى سۈرىسەن، ئاستا - ئاستا چۆلنى ياخشى كۆرۈپ قالىسەن ۋە ئەللىك مىڭ خورما دەرىخىنىڭ ھەربىرىنى تونۇيسەن. ئۇلار كۈن بويى ئۆسۈپ بېرىش ئارقىلىق ساڭا ئالەمنىڭ دائىم ئۆزگىرىشتە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالامەتلەرنىڭ مەزمۇن، ماھىيىتىنى تېخىمۇ تىرەن چۈشىنىشكە باشلايسەن، چۈنكى جەزىرىدىن يۇقىرى دانىشمەن يوق!
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ خەرىتە يەنە ئېسىڭگە چۈشىدۇ، ئالامەتلەر يەكدىللىق بىلەن خەزىنىگە ئاتلان دەپ ئىشارە قىلىدۇ. لېكىن سەن ئۇلارغا پەرۋاسىز قاراشقا باشلايسەن، خورمىزارلىق ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئۈچۈن بىلىم ۋە ھىممىتىڭنى سەرپلەيسەن، قەبىلە باشلىقلىرى سېنى ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ، تۆگىلىرىنىڭ بايلىقىڭغا بايلىق قوشىدۇ ۋە مەۋقىيىڭنى مۇستەھكەملەيدۇ.
يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئالامەتلەر خەزىنىگە بارىدىغان يولۇڭنى داۋاملىق ئەسلىتىپ تۇرىدۇ، سەن بولساڭ خورمىزارلىقنى توختىماي ئايلىنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىسەن، پاتىمە ئۇنى دەپ يولۇڭدىن قالغانلىقىڭنى بىلىپ غەمگە پاتىدۇ، ئەمما بىر - بىرىڭلارغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭلار ئۆزگەرمەيدۇ، ئەسلەپ كۆر، ئۇ بىرەر قېتىم سېنى قېلىشقا تەكلىپ قىلمىغان، چۈنكى چۆل ئاياللىرى ئەركەكلىرىنى كۈتۈشكە ئادەتلەنگەن، تەبىئىيكى ئۇلاردىن نۇقسان تاپالمايسەن، چۆل ۋە خورمىزارلىقنى مەقسەتسىز كېزىپ، كۈن - تۈنلىرىڭ توختام سۇدەك ئۆتىدۇ، ئاستا - ئاستا خىيالىڭدىن، «پاتىمەگە بولغان سۆيگۈ ئىشەنچىم قەتئىي بولغىنىدا يولۇمغا ئاتلىنارمىدىم» دېگەن پىكىر كېچىدۇ. ئەمما خورمىزارلىق قايتىپ كېلەلمەسلىكتىن قورقۇشتىن ئىبارەت ئاجىزلىقىڭ بىلەن بوسۇغۇڭنى داۋان قىلىدۇ، ئاخىر ئالامەتلەر تىلىدىن خەزىنىدىن مەڭگۈ مەھرۇم بولغانلىقىڭنى ئاڭلايسەن.
تۆتىنچى يىلىغا كېلىپ، ئالامەتلەر سەندىن غايىب بولۇشقا باشلايدۇ، چۈنكى سەندە ئۇلارغا ئېتىبار قىلىدىغان خاھىش تۈگىگەن - دە! بۇنى بىلگەن قەبىلە سەردارلىرىمۇ سەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، نەتىجىدە نۇرغۇن دۇكان ۋە سانسىز چارۋىلىرى بولغان سودىگەرگە ئايلىنىسەن. ئېھتىمال ئەجەل شارابىنى ئىچىشتىن ئاۋۋالقى كۈنلەرنىڭ بىرىدە يول ۋە مەقسىتىڭدىن ئاداشقانلىقىڭنى چۈشىنىسەن، ئەمدى خەزىنە تامان ئاتلانساممىكىن دەيسەنۇ بۇ چاغدا كەچ بولغان، كارۋىنىڭ ئاللىقاچان ئارمانغا چۈشلۈك دەرمان يوق ئۆتەڭگە كېلىپ توختىغان بولىدۇ. دېمەك، خورمىزارلىق باقىيلىق پاناھىڭغا ئايلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئىنسان ئۆز مەقسىتى ۋە تەقدىرى يولىدا توختىماي ئىلگىرىلەشكە مۇھەببەتنىڭ زىيانلىق ئەمەسلىكىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەگەر توسالغۇ بولسا، دېمەك ئۇ ئومۇمىي ئىنسانىي تىل ۋە تەبىئەتكە مۇخالىپ چىن سۆيگۈ بولماي قالىدۇ، − دەپ ئۇزۇن نۇتقىنى ئاخىرلاشتۇردى ئەلكىمياگەر.
كېيىن ئۇقۇمغا سىزىلغان چەمبىرىدىن قول پاتقۇچە ئېغىز ئاچتى، كۆزەينەكلىك يىلان ئاشۇ يوچۇقتىن چىقىپ تاشلار ئارىسىدا غايىب بولدى، سانتىياگو ئۆمۈر بويى مەككە زىيارىتىنى ئارزۇ قىلغان فارفورچى سودىگەرنى ۋە ئەلكىمياگەرنى ئىزلىگەن ئىجتىھاتلىق يىگىت - ئىنگلىزنى ئەسلەپ قالدى، جەزىرىنىڭ خۇددى خاسىيەتلىك سەيياھتەك بىر كۈن ئەمەس، بىر كۈنى ئۆز شاھزادىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن سەۋرچان − پاتىمەنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.
ئۇلار ئاتلىرىغا مىنىشتى، ئېيتقىنىدەك يەنە ئەلكىمياگەر يول باشلىدى، چۆل شامىلى گويا نەم قۇمدەك يېقىملىق قاناتلىرى بىلەن خورمىزارلىقنىڭ ھىدى ۋە ئاۋازىنى ئېلىپ كېلەر، سانتىياگو بولسا ئۇلار ئارىسىدىن پاتىمەنىڭ بويىنى پۇرار ئىدى، ئاتلىقلار ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇ قۇدۇق بېشىدا قىزنى كۆرمىدى، بۈگۈنكى تۈن ئۇنىڭ قەلبى ۋە كۆز ئالدىغا بىر سوراق بەلگىسىنى مۆھۈرلەپ قويدى − چەمبەرنى بۇزۇپ چىقىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان يىلاننى كۆردى. يەلكىسىگە قارچۇغا قوندۇرۇۋالغان چەۋەندازنىڭ سىرلىق سۆزلىرىنى تىڭشىدى، تېخى ئۇ مۇھەببەت، خەزىنىلەر توغرىسىدا، جەزىرە ئاياللىرى ۋە سانتىياگونىڭ تەقدىرى ھەققىدە نۇرغۇن مەنىلىك گەپلەرنى قىلدى.
− سەن بىلەن كېتەي، − سانتىياگو ئاران شۇ گەپلەرنى دېيەلىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى قىيالماسلىق بىلەن ئۈمىد، قانائەت بىلەن ئۇلۇغۋارلىقنىڭ ئالمىشىدىغان نۇقتىسىدا دۈپۈلدەيتتى.
− تېخى قاراڭغۇ، ئەتە يولغا چىقىمىز، − قىسقا جاۋاب قىلدى ئەلكىمياگەر.
سانتىياگو تۈن بويى كىرپىك قاقمىدى، قۇياش تېخى ئانىسىنىڭ كۆكسىدە قىمىرلاۋاتقان چاغدا ئۇ چېدىردىكى كىچىك بالىلارنىڭ بىرىنى ئويغاتتى - دە، پاتىمەنىڭ ئۆيىنى سورىدى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىشتى، يىگىت رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن «قوي سېتىۋال» دەپ بالىنىڭ قولىغا پۇت تۇتقۇزدى، كېيىن پاتىمە بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېتىپ، بالىنى ئۇنى ئويغىتىشقا ئەۋەتتى، ئەرەب بالىسى بۇ ئىلتىماسنىمۇ بېجىردى ۋە يەنە بىر قوي سېتىۋالغۇدەك پۇل مۇكاپات ئالدى.
− ئەمدى كەتسەڭ بولىدۇ، − دېدى سانتىياگو بالىغا.
كىچىك خەۋەرچى قەبىلە سەردارىنىڭ مەسلىھەتچىسىگە ياردەم بەرگەنلىكىدىن ۋە قىسقا ۋاقىتتا بىر نەچچە قوي سېتىۋالغۇدەك پۇل تاپقانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، چېدىرىغا كەلدى ۋە قايتا ئۇيقۇغا كەتتى.
پاتىمە كەلگەندە ئۇلار خورمىزارلىققا قاراپ مېڭىشتى، سانتىياگو يەرلىكنىڭ ئۇدۇمىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمدىلىكتە بۇ ئىشلارغا ئانچە ئىرەن قىلمىدى ۋە بارلىق كۈچ - قۇۋۋىتىنى يىغىپ پاتىمەگە ئېيتتى:
− يولغا چىقماقچىمەن، لېكىن بىلىپ قويكى ئەلۋەتتە قايتىپ كېلىمەن، چۈنكى سېنى سۆيىمەن…
پاتىمە:
− كۆپ چۈشەندۈرۈشۈڭنىڭ ھاجىتى يوق، ئىنسان سۆيۈلگىنى ئۈچۈن سۆيۈلىدۇ، مۇھەببەت ئىزاھلاشنى تەلەپ قىلمايدۇ…
لېكىن سانتىياگو بۇنىڭلىق بىلەن توختىمىدى:
− چۈنكى مەن چۈش كۆردۈم، شاھ مەلىكىسىدىققا دۇچ كەلدىم، فارفورچى بىلەن سودا قىلدىم، سەھرايى كەبىرنى كېسىپ ئۆتمەكچى بولدۇم، ئۇرۇش سەۋەبىدىن خورمىزارلىققا كېلىپ قالدىم ۋە قۇدۇق بېشىدا سەندىن ئەلكىمياگەرنى سورىدىم. دېمەك، سېنى تېپىشىمغا پۈتۈن ئالەم ياردەم قىلدى، پاتىمە سېنى سۆيۈشۈمنىڭ سەۋەبى يوق!
ئۇلارنىڭ قەلبى بىرىنچى قېتىم تەڭلا لەرزىگە كەلدى، سانتىياگو پاتىمەنى قۇچاقلىدى…
− ئەلۋەتتە قايتىپ كېلىمەن، − دېدى ئۇ ھارارەتلىك تىنىق بىلەن.
− ئىلگىرى چۆلگە ئارمان بىلەن نەزەر تاشلىغان بولسام ئەمدى ئۈمىدلىك كۆزلىرىم بىلەن باقىمەن، ئاتاممۇ سەن يۈرەكچى بولغان مەنزىللەرگە كۆپ قېتىم بارغان، ئەمما ھەمىشە ئانامنىڭ باغرىغا قايتىپ كەلگەن…
ھەممە سۆزلەر ئۆزئارا دېيىلدى، ئۇلار خورمىزارلىقتا بىر ئاز يۈرۈشكەندىن كېيىن يىگىت قىزنى چېدىرىغىچە ئۇزىتىپ قويدى.
− خۇددى سېنىڭ ئاتاڭغا ئوخشاش قايتىپ كېلىمەن.
سانتىياگو پاتىمەنىڭ بۇلاقتەق كۆزلىرىدە ياش ئەگىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
− يىغلاۋاتامسەن؟
− مەن جەزىرە قىزىمەن، ئاددىي ئايال، − دېدى ئۇ كۆز ياشلىرىنى سىڭدۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ.
قىز چېدىر مىلەڭزىسىنى قايرىپ، ئىچكىرىگە كىردى، تاڭ مەشرىقتىن ئاقىرىپ كېلىۋاتقانىدى.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كۈندۈزنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تىكلىنىشى بىلەن پاتىمە چېدىرىدىن چىقىدۇ ۋە ئادەتكە ئايلانغان ھەرخىل تەشۋىشلىرىنى ۋاقىت يىڭنىسى بىلەن بىر - بىرىگە ئۇلاشنى داۋام قىلىدۇ. ياق، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىسى ئۆزگىرىدۇ، ئەمدى سانتىياگو يوق، خورمىزارلىق ئاۋۋالقىدەك ھەيۋەت مەنزىرىسىدىن مەھرۇم. تېخى تۈنۈگۈنكى ھايات ئۆزگىچە ئىدى، يەنى ئەللىك مىڭ خورما دەرىخىنىڭ ئانىسى بولغان ئەل - فايىم چۆلدە ئابىھايات قايناپ تۇرغان 300 قۇدۇقى ئارقىلىق سۇسىزلىقتىن بىر ئۇستىخان، بىر تېرە بولۇپ قالغان سەيياھلاردا ھاياتقا ئۈمىد ۋە قۇۋانچ ئويغاتقان جەننەت ماكانغا ئايلانغانىدى. ئەمدى پاتىمە ئۈچۈن ئەتراپ سۈر رەڭلىك بوشلۇق ۋە ھومىيىپ تۇرغان مەنىسىز جىمجىتلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يېڭى قۇياشتىن باشلاپ چۆلنىڭ تەرىپى باشقىچە، سانتىياگونىڭ خەزىنە تامان يولچى يۇلتۇزغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى تېپىش ئۈچۈن پاتىمە ھەر ئاخشىمى كۆك دېڭىزدەك چۆل ئاسمىنىدىن كۆز ئۈزمەيدۇ، لەۋ ۋە مەڭزىنى سۆيۈپ، ئەركىلەپ ئۆتكەن شامالنىڭ سانتىياگونىڭ يۈزلىرىنى سىپاپ ئۆتۈشىنى، تىرىكلىكى ۋە ئۇنى كۈتۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ۋۇجۇدى قىزىيدۇ، ھەر قېتىم چېدىر ئىشىكىگە چىققاندا ئالىقانلىرىنى پېشانىسىگە سايىۋەن قىلىپ يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ، تۆت ئەتراپ چەكسىزلىكلىرىدىكى قارا - قۇرىلارنىڭ بىردىنلا مۆجىزىگە ئايلىنىشىنى كۈتىدۇ. بۈگۈنكى تاڭدىن باشلاپ پاتىمە ئۈچۈن چۆل چۆل ئەمەس بەلكى سانتىياگونى باشلاپ كېلىدىغان ئۈمىدلەر يولىغا ئايلىنىدۇ.
− ئۆتۈپ كەتكەن نەرسىلەر ھەققىدە ئويلىما، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەم روھىغا مۆھۈرلىنىپ بولغان، − دېدى ئەلكىمياگەر سەپەرگە ئاتلىنىۋېتىپ.
− يىراق يەرلەرگە كېتىۋاتقان كىشىلەر ساق - سالامەت قايتىپ كېلىش ھەققىدە كۆپرەك ئويلايدۇ، − جاۋاب بەردى سانتىياگو. ئۇ چۆل سۈكۈناتلىرىغا يەنە سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
− ئەگەر تاپىقىنىڭ ساپ ئېسىل ئالتۇندەك، ئەسلى ۋەسلى بولسا ئۇنىڭغا ھېچ زاۋال يەتمەيدۇ، كۆڭلۈڭنى توق تۇتۇپ، قايتىپ كېلىشىڭ مۇمكىن. ئەگەر ئۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز شولىسى كەبى لەھزىلىك چېقىن بولسا، ئامان قايتساڭمۇ ئۇنىڭدىن نامۇ نىشان تاپالمايسەن، مۇھىمى سەن كۆزلىرىڭگە نۇر ئاتا قىلغۇچى شولىنى كۆردۈڭ، دېمەك بىكارغا ئازاب چەكمەپسەن.
ئۇنىڭ قارىماققا ئەلكىميا ھەققىدە گەپ قىلغاندەك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە پاتىمەنى نەزەردە تۇتۇۋاتقانلىقىنى يىگىت پەملىدى، قانداقتۇر ئارقىدا قالغان خاتىرىلەر ھەققىدە ئويلىماسلىقنىڭ ئىلاجى يوق ئىدى، ھېچيەرنى ئىلغا قىلىپ بولماس جەزىرىنىڭ تەكرار ناخشىدەك زېرىكىشلىك ھالىتى ئاتلىقلارنى خىيال ۋە ئارزۇلار دالىسىغا ئەسىر قىلاتتى. شاھ قوبۇلىغا نۆۋەت بىلەن كىرىپ چىققان ئەزىز مېھمانلاردەك، سانتىياگونىڭ كۆز ئۇڭىدا خورما دەرەخلىرى، قۇدۇقلار، سۆيگىنىنىڭ سىماسى، شىشە نەيچىلەر ۋە ئىدىشلار بىلەن سەمىشغۇل ئىنگلىز، ئۆز دانىشمەنلىكىدىن بىخەۋەر ئۇلۇغ پەيلاسوپ - تۆگىچى قاتارلىقلار بىر - بىرلەپ جانلانماقتا ئىدى. «ئەلكىمياگەر ھېچقاچان ۋە ھېچكىمنى سۆيمىگەن بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى ئۇ باشقا خىياللىرى قاتارى. ئالتۇنچى يەلكىسىدىكى جەزىرە تىلىنى راۋان بىلىدىغان قەدىردان قۇرغۇتلىرى بىلەن خىيالىدىنمۇ تېزرەك يۈرەتتى، ئازراق توختىغان پەيتلەردە قۇرغۇي ئولجا ئىزلەپ كۆككە ئۆرلەيتتى، بىرىنچى كۈنى ئۇ ئۆتكۈر پەنجىلىرى بىلەن توشقان، كېيىنكى كۈنى ئىككى قۇشنى ئولجا قىلىپ قايتتى.
ۋاقىت قۇشلىرى تولۇن ئاينى چۇقىلاپ يېرىملاشتۇرغانسېرى تۈن گويا ھەببەشنىڭ چېچىدەك قارىيىپ بارماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چۆل كېچىلىرى ئاجايىپ سوغۇق بولۇپ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇلار گۈلخان ياقالمايتتى، يۇپقا يۇڭ ئەدىيالنى يېپىنىپ يېتىشاتتى، ئۇلار كۆپ نەرسىلەر ھەققىدە پاراڭلاشسىمۇ، لېكىن بىر ھەپتىدىن بۇيانقى گېپىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۇرۇشۇۋاتقان قەبىلىلەرگە ئۇچراپ قالماسلىق ھەققىدە بولدى. شاماللارنىڭ يىراق - يىراقلاردىن قان ھىدى ئېلىپ كېلىشى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. دېمەك، شاماللار كۆز كۆرمەيدىغان ۋەقەلەر ھەققىدە ھېكايە قىلغۇچى ئالامەتلەر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن يىگىتنى ھەر قاچان ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى.
سەككىزىنچى كۈنى ئەلكىمياگەر ئارام ئېلىش ئۈچۈن باشقا كۈنلەردىن بۇرۇنراق توختىدى، قۇرغۇيلىرى ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ سۇدىنىنى سانتىياگوغا ئۇزىتىۋاتقاچ دېدى:
− كونا سەپەرداشلاردىن بولۇپ قالدۇق، سېنى تەبرىكلەيمەن، يولۇڭدىن ئاداشماي كەلدىڭ.
− سەن بولساڭ يول بويى سۈكۈت ساقلىدىڭ، بىلگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئۆگىتىدۇ دەپ ئويلىۋېدىم، باشقا بىر كىشى بىلەن سەپەر قىلىپ سەھرايى كەبىرنىڭ باغرىدىن ئۆتكەنمەن، ئۇنىڭ ئەلكىمياگە ئائىت نۇرغۇن كىتابلىرى بار ئىدى، يول بويى ئۇلارنى ئوقۇساممۇ ھېچنېمىسىنى چۈشەنمىگەنىدىم.
− بىلىشنىڭ پەقەت بىر يولى بار، − جاۋاب بەردى ئەلكىمياگەر، − ھەرىكەت قىلىش. سەپەر ساڭا نېمە لازىم بولسا شۇنى بېرىدۇ، ھەممىسىنى ئۆگىتىدۇ، بىلىشىڭ كېرەك بولغان پەقەت بىرلا نەرسە قالدى.
سانتىياگو سەل ھەيران بولۇپ بۇنىڭ نېمىلىكىنى سورىدى، لېكىن ئەلكىمياگەرنىڭ نىگاھى كۆكتىكى قۇرغۇيلىرى بىلەن پەرۋاز قىلماقتا ئىدى.
− كىشىلەر نېمىشقا سېنى ئەلكىمياگەر دېيىشىدۇ؟
− چۈنكى مەن ئەلكىمياگەرمەن.
− ئۆمۈر بويى ئالتۇن ئىزلىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن ئەلكىمياگەرلەر بار، ئۇلار قايسى ئىشتا خاتا قىلىشقان؟
− ئۇلارنىڭ خاتالىقى پەقەت ئالتۇن ئىزلىگەنلىكىدە، ئۇلار يول بويىغا يوشۇرۇنغان خەزىنىنى ئىزدەشكەن، ئەمما ئاشۇ يولغا توپتوغرا بارالمىغان.
− گېپىڭنى تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقان بولساڭ، − ياندۇرۇپ سورىدى سانتىياگو.
ئەلكىمياگەر ھامان ئاسماندىن كۆز ئۈزمەيتتى، قارچۇغا كۆپ ئۆتمەي، ئولجا بىلەن قايتتى.
يىراقتىن كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىر ئورەك كولاپ گۈلخان ياقتى.
− مەن ئەلكىمياگەر بولغىنىم ئۈچۈن ئەلكىمياگەرمەن، − سۆزىنى تەكرارلاپ داۋاملاشتۇردى ئۇ، − بۇ ئىلىمنىڭ سىرلىرى ماڭا ئاتا مىراس، ئاتامغا ئاتا - بوۋىلىرىدىن ئۆتكەن، بۇنداق مۇناسىۋەت تا زېمىن يارالغان دەۋرگىچە بارىدۇ، ئاشۇ مەزگىللەردە ئەلكىميا ئىلمى زۇمرەت تاشنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئەمما ئادەمزات ئاددىي ھەقىقەتلەرگە ئېتىبار بەرمەيدۇ، شۇ سەۋەبلىك پەلسەپىۋى كىتابلار يېزىلىشقا باشلىغان، ئاتالمىش پەيلاسوپلارنىڭ يېزىشىچە، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى ئىنسانلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگۈچى دەستۇر، باشقىلىرى بولسا بەدىئىي غاپىللاردۇر، ھالبۇكى زۇمرەت لەۋھ ھازىرمۇ مەۋجۇت.
− ئۇنىڭغا نېمە يېزىلغان؟ − يىگىت تېخىمۇ قىزىقىپ سورىدى.
ئەلكىمياگەر يەنە قۇمغا نېمىلەرنىدۇر سىزىشقا باشلىدىن، شۇنىڭغا قاراپ سانتىياگونىڭ قېرى شاھ بىلەن ئۇچراشقان پەيتلىرى ئېسىگە كەلدى ۋە بۇ ئۇنىڭغا ئۇزاق يىللار ئاۋۋالقى ئىشتەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
ئەلكىمياگەر قۇمدىكى تەسۋىرنى كۆرسىتىپ ئېيتتى:
− مانا بۇ زۇمرەت لەۋھگە پۈتۈلگەن پۈتۈك.
سانتىياگو يېقىنراق كېلىپ زەن سېلىپ قارىدى:
− بۇ خۇددى ئىنگلىزنىڭ كىتابلىرىدەك چۈشىنىكسىز بەلگىلەر ئىكەنغۇ، − دېدى ئەجەبلىنىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا.
− ياق خاتالاشتىڭ، بۇ دەل قۇرغۇيلار پەرۋازىنىڭ تەسۋىرى. ئەقىل - ئىدراك بۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس، زۇمرەت پۈتۈك (لەۋھ) بولسا ئالەم روھىدىن يارالغان بەخت تۇمارى، بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ جەننەتتىن نۇسخا ئېلىپ يارىتىلغانلىقى ھەققىدە دانىشمەنلەر ئاللىقاچان يېزىشقان، دېمەك مانا شۇ ئالەم مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزى بۇنىڭدىن مۇكەممەلراق يەنە بىر ئالەمنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، پەرۋەردىگار بەندىلىرىم زاھىر پەردىسىگە يوشۇرۇنغان باتىنىي سىر - ھېكمەتكە ئىنتىلسۇن، ئۆزلىرىگە ئەقلەن ۋە روھەن ئاتا قىلىنغان ھەق - ھوقۇقىغا ئىگە بولسۇن دېگەن مەقسەتتە ئۇنى خۇفىيە (يوشۇرۇن) ياراتقان، بۇنداق ئۆزئارا تەسىر ۋە سىلجىشنى مەن ھەرىكەت دەپ ئاتايمەن.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:14:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
− زۇمرەت لەۋھنى مېنىڭ ئوقۇپ چىقىشىم مۇمكىنمۇ؟
− ئەگەر سەن ئەلكىمياگەرنىڭ تەجرىبىخانىسىدا بولغىنىڭدا ئىدى ئۇنى بىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالغان بولاتتىڭ، ئەمما سەن ھازىر جەزىرىدە، دېمەك جەزىرىگە دىققەت قىل. ئۇنىڭ روھىغا سىڭىپ كېتىشكە ئىنتىل، چۆلمۇ يەر يۈزىدىكى بارلىق مەۋجۇتلار قاتارى سېنىڭ ئالەمنى چۈشىنىشىڭگە ياردەم قىلىدۇ، ئەمما بۇ پۈتۈن باياۋاننى بىلىشىڭ كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تال قۇم زەررىسىنى چۈشىنىشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.
− جەزىرىگە سىڭىپ كېتىش دېگىنىڭ قانداق گەپ؟
− كۆزۈڭنى يۇمۇپ، كۆڭلۈڭگە قۇلاق تۇت، ئۇنىڭدا ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ شولىسى بار، چۈنكى ئىنسان قەلبى ئالەم روھىدىن يارالغان ۋە بىر كۈنى ئۇنىڭغا قايتىدۇ.
ئۇلار يەنە ئىككى كېچە - كۈندۈز جىمجىت يول يۈرۈشتى، ئەلكىمياگەر شىددەتلىك جەڭ بولۇۋاتقان جايلارغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىدە ئىدى، سانتىياگو بارلىق زېھنىنى يىغىپ ئىچىنى تىڭشاشقا ھەرىكەت قىلاتتى.
يىگىت قەلبىنى تىڭشىغانسېرى ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي قالدى، ئىلگىرى ئۇ دائىم ئۇچۇشقا تەمشەلگەن بۈركۈتتەك قاناتلىرىنى كېرىپ ئالغا ئېتىلىپ تۇرغان بولسا، ئەمدىلىكتە ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىپ، ئارقىسىغا قايتقۇسى كېلىۋاتاتتى، بەزىدە قەلبى ئۇنىڭغا تۈرلۈك پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلسا، يەنە بەزىدە ئۇ يەر يۈزىگە ماراپ باققان قۇياشنىڭ تۇنجى ئالتۇن يىپلىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغىنىدىن يوشۇرۇنچە يىغلاپ كېتەتتى. خەزىنە تىلغا ئېلىنسا ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقسا، باش - ئاخىرىسىز جەزىرىگە قارىغاندا بولسا گويا بەدىنىنىڭ بىر يېرى ئاغرىۋاتقاندەك جىمىپ قالاتتى. دەم ئېلىش ئۈچۈن توختىغاندا ئەلكىمياگەردىن سورىدى:
− نېمە ئۈچۈن قەلبىمىزنى تىڭشىشىمىز لازىم؟
− قەلب بار جايدا خەزىنە بار.
− قەلبىم ھاياجاندىن دولقۇنلىماقتا، − سۆھبەت داۋاملىشىۋاتاتتى، − ئارزۇ قىلماقتا، خورمىزارلىق قىزلىرىغا تەلپۈنمەكتە، دائىم نېمىلەرگىدۇر ئىنتىلىدۇ، پاتىمە يادىمغا كەلسۇغۇ تۈن بويى كىرپىك قاقمايمەن.
− ناھايىتى ياخشى، دېمەك بۇ قەلبىڭ تىرىك دېگەن گەپ، ئۇنىڭ رايىغا بېقىشنى داۋام ئەت.
كېيىنكى ئۈن كۈن جەريانىدا ئۇلار ئۇرۇشۇۋاتقان جەڭچىلەرنى يىراقتىن كۆردى، تېخى ئۇلار بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇچراشتى.
سانتىياگونىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن بىر خىل ئەندىشىنىڭ ساداسى كېلەتتى، بۇ سادا ئۇنىڭغا خەزىنە ئىزلەپ تاپالمىغانلار ھەققىدە ھېكايە قىلاتتى ۋە سەنمۇ مۇشۇ مەقسىتىڭ يولىدا چۆلدە ئىز - دېرەكسىز ئۆلۈپ كېتىسەن دېگەندەك ۋەھىمە تارقىتاتتى، بۇ سادا ئۇنى يەنە بۇ توققۇزى تەل دۇنيا ئەمەس، بىر كەم دۇنيا، قانائەتسىزلىك باشقا بالا دەپ ئاگاھلاندۇراتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئالدى بىلەن سۆيگەن يارى، ئاندىن يېتەرلىك ئالتۇن پۇللىرى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئاتقا بوغۇز بېرىش ئۈچۈن توختىغاندا ئەلكىمياگەرگە:
− قەلب خىياللىرىم ئىرادەمگە بويسۇنماۋاتىدۇ، − دېدى.
− ناھايىتى ياخشى، بۇ قەلبىڭ ئويغاقلىقىنىڭ نىشانى. شۇ پەيتكىچە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىڭدىن قانداقتۇر ئارزۇلار يولىدا مەھرۇم قېلىشتىن قورقۇش سەندىكى تەبىئىي ئەھۋال.
− شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىشىم كېرەك.
− بەرىبىر ئوي - خىيالىڭنى تىنجىتىشقا قادىر ئەمەسسەن، ئۆزۈڭنى ئەتەي ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ھەپىسىلەڭ يوقتەك قىلىپ كۆرسەتكىنىڭ بىلەنمۇ، ئۇ كۆكسۈڭ قەپىزىگە سولىنىپ، ئەرزۇ - دادىنى ئاڭلىيالمىغان جان قۇشىدەك، ھاياتلىق ۋە دۇنيا ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى تەكرارلاشتىن توختىمايدۇ.
− خىياللىرىمنىڭ مېنى ئالدىشىدىن قورقىمەن.
− ئالداش دەمسەن، بۇ كۈتۈلمىگەن زەربە. ئەگەر سەن قەلبىڭنى تىڭشىساڭ بارلىق يۈرەك ئارزۇ - ئۈمىدلىرىڭنى بىلسەڭ ۋە ئۇلارنى روياپقا چىقىرىپ بارساڭ، بارغانچە ئۇلارنىڭ سېنى ئىزىقتۇرمايۋاتقانلىقىغا ئىشىنىسەن. ھېچكىمگە ئۆز قەلبىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش نېسىپ بولمىغان، شۇنداق بولغاچقا، ئىچىڭنى تىڭلا، قەلبىڭگە ئېتىبار قىل، شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن زەربىلەرگە تەييارلىق قىلىپ ئۈلگۈرىسەن.
ئۇلار جەزىرىنىڭ تانابىنى تارتىپ يولىنى ئاۋۇتتى، سانتىياگو قەلب ئاۋازىغا قۇلاق سالماقتا ئىدى، كۆپ ئۆتمەي ئۇ قەلب نەيرەڭلىرىنى تۇلىقى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلدى ۋە ئۇنى شۇ بويىچە قوبۇل قىلدى. ئەمدى ئۇ قورقۇشنى ھېس قىلماس، ئارقىغا قايتىشنىمۇ ئىستىمەس ئىدى. دېمەك، يىگىت ئىدىيەم بىلەن زىددىيىتىم بار دېگەن مەسىلىنى ئەنە شۇنداق ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدى، قەلبى ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولغاندەك تىنىق تىلدا پىچىرلايتتى: «ھەئە، شۇنداق …بەزىدە پىغان چەكسەم، يەنە بەزىدە ئىسيان قىلىمەن. مەندە نېمە گۇناھ؟ ئادەمزاتنىڭ قەلبىمەن، تەبىئىتىم شۇنداق يارالغان، بىز قەلبنىڭ ئەڭ ئالىي ئارزۇسى شەكلىدە مەۋجۇدىمىز ۋە ئىگىمىزگە ئۆزىمىزنى مۇناسىپ ئەمەستەك، بىز مەڭگۈ مۇمكىنسىز نەرسىدەك ياكى ئۇنىڭ بىزگە ئىرەن قىلماسلىقى ۋە جۈرئەتسىزلىكى سەۋەبىدىن تۇنجۇقۇپ ياشايمىز. بىز ئادەمزات قەلبلىرى − بىر - بىرىدىن جۇدا بولغان ئاشىق - ەشۇقلار، بەختلىك ئانىلارنىڭ بەزى مۇقەررەر پاجىئەلىرى، تېپىلىشى مۇمكىن بولغان، ئەمما قۇملۇقلار ئاستىغا ئەبەدىي بەنتلەنگەن خەزىنىلەر ھەققىدە ئويلىساق ئۆزىمىزنى مۇزلاپ كېتىۋاتقاندەك سېزىمىز. چۈنكى بۇنداق ناخۇشلۇقلار يۈز بېرىۋاتقاندا بىز ئېغىر ئىزتىراپ چېكىمىز».
ئايسىز تۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى، سانتىياگو ھېچنەرسە پۈتۈلمىگەن تەقدىردەك قاپقاراڭغۇ ئاسمانغا تىكىلىپ تۇرۇپ ئەلكىمياگەرگە دېدى:
− قەلبىم ئىزتىراپلاردىن قورقۇۋاتىدۇ.
− سەن ئۇنىڭغا ئىزتىراپنى خىيال قىلىپ قورقۇش، ئىزتىراپنىڭ ئۆزىدىنمۇ قورقۇنچلۇق دەپ ئېيت، ئۆز ئارزۇلىرى يولىدا كېتىۋاتقان ھەرقانداق بىر قەلب ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئىزدىنىشلەرنىڭ ھەر لەھزىسى ئاللاھقا، ئەبەدىيلىككە تۇتاشقان!
− ھەربىر لەھزىدىكى ئالاقە، مۇناسىۋەت، − دېدى سانتىياگو ئۆز قەلبىگە مۇراجىئەت قىلىپ، − خەزىنە ئىزلەپ يولغا چىققاندىن بۇيان ھەممە كۈنلىرىم گويا سېھىرلىنىپ قالغاندەك نۇرغا پۈركەندى، ھەر دەقىقە ئۆزۈمنى ئارزۇلىرىم سىرى يېقىنلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتىمەن، يول بويى شۇنداق ئىلاھىي ھادىسىلەرگە يولۇقتۇمكى، پادىچىلار ئۈچۈن ئىمكانسىز بولغان نەرسىلەر ئۈستىدە سىناپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلمىغىنىمدا، بۇلارنى خىيالىمغىمۇ سىغدۇرالمايتتىم.
شۇنىڭدىن كېيىن كەچكىچە بالىنىڭ كۆڭلى تىنچلاندى، كېچىسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىدى، ئەمما ئويغانغاندا بولسا قەلبى يەنىلا ئالەم روھى ھەققىدە سۆزلەشكە باشلىدى، ئۇنىڭ قەلب مونولوگىدىن ئەڭ بەختلىك ئادەم دىلىدا ئاللا بىلەن بولغان ئادەم دېگەن مەزمۇن جاراڭلاپ تۇراتتى، ئەلكىمياگەر ئېيتقاندەك قۇم زەررىسىدىنمۇ ھېكمەتنى بايقاش مۇمكىن، چۈنكى ئالەم بىر تال قۇمنى يارىتىش ئۈچۈنمۇ مىليون يىل سەپەر قىلغان − دە!
سانتىياگو مىجەزى يوقتەك يەنە جىمىپ قالدى، ئۇ قەلبى بىلەن دىيالوگلاشماقتا ئىدى، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن سىم - سىم يامغۇرنىڭ شىۋىرلاشلىرىدەك مەيىن تەۋرىنىش كېلەتتى.
«يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئادەمگە ئاتالغان ۋە ئۇنى كۈتۈۋاتقان خەزىنە بار، گەپ ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە ئىنتىلىش - ئىنتىلمەسلىكىدە. كۆپىنچە ئادەملەر ئۆز تەقدىرىگە بۇنداق خەزىنىنىڭ پۈتۈلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز قالغاچقا، بىز سۈكۈت ساقلايمىز. بۇ ھەقتە پەقەت بالىلارغا بېشارەت بېرىمىز ۋە كېيىن ھاياتنىڭ ئۇلارنى ئۆز تەقدىرى تامان قانداق يېتەكلىشىنى كۆزىتىمىز. بەختكە يارىشا ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى قىسمەتلىرىدە كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشكە ماڭسا، كۆپىنچىلىرى دۇنيا تەشۋىشلىرى بىلەن ئاۋارە بولۇپ، قەلب ھەقىقەتلىرىنى يوشۇرىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا بىز − قەلبلەرنىڭ سادايىمىز نىمجانلىشىدۇ. لېكىن ھېچقاچان يوقالمايمىز ھەم سادالىرىمىزنىڭ سىپىرى ھەققىدە كىشىلەرگە ئېنىق ئۇچۇر تارقاتمايمىز، چۈنكى ئادەمزاتنىڭ ئۆز قەلب خاھىشىنى خاتا مۆلچەرلەپ ئىزتىراپ چېكىشنى خالىمايمىز.»

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
− نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆز ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە بېشارەت بېرىپ تۇرمايدۇ؟ − سورىدى سانتىياگو.
− ئۇنداق بولسا ئادەملەر تىنىمسىز تەشۋىش تورىغا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ، قەلبلەر بولسا بۇنداق ھالەتنى خوش كۆرمەيدۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ يىگىت ئۆز قەلبى بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلدى ۋە قەلبى ئالدىدا «بۈگۈندىن باشلاپ ئارزۇلىرىم يولىدىن ئاداشقۇدەك بولسام تىتىلداپ، ئۆرتىنىپ ۋە ئازابلىنىپ مېنى ئاگاھلاندۇر، شۇ زامان ھوشۇمنى تېپىۋالىمەن» دەپ قەسەم ئىچتى.
تۈندە كۆڭۈل مونولوگلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەلكىمياگەرگە ئېيتىپ بەردى، ئالتۇنچى سانتىياگو قەلبىنىڭ ئالەم روھى بىلەن گەپلەشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.
− ئەمدى نېمە قىلىشىم كېرەك؟
− ئېھراملار تامان سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە بېشارەتلەرگە سەزگۈر بولۇش لازىم، شۇنداق قىلساڭ قەلبىڭ خەزىنىلەرنىڭ يول بەلگىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
− ماڭا كەم بولۇۋاتقان ۋە سىر پېتىچە تۇرۇۋاتقان نەرسە شۇمىدى؟
− ياق، بۇ باشقا گەپ، − سۆزلەۋەردى ئەلكىمياگەر، − ئارزۇ ئەمەلگە ئېشىشتىن ئالدىن ئالەم روھى ئۆز ئۈگۈتلىرىنىڭ روياپقا چىقىش ئەھۋالىنى تەھقىقلەيدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت ئەنە شۇ ئۆگىتىلگەن ھېكمەتلەرنى تەتبىقلاپ ئارزۇلارنىڭ رېئاللىشىشىغا مەدەتكار بولۇش، دەل مۇشۇ نۇقتىغا كەلگەندە كۆپلىگەن كىشىلەر بەل قويۇۋاتىدۇ، بۇنى «غۇلىچىغا چىداپ، غېرىچىغا چىدىماپتۇ»، «دەريا بويىدا ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈش» دەپ تەرىپلەيمىز. ھەرقانداق ئېزگۈ ئىزلىنىش خەيرلىك ئىپتدادىن باشلىنىپ، سەمەرىلىك سىناقلار داۋامىدا ئىنتىھاسىغا يېتىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سانتىياگونىڭ ئېسىدىن ئۆز يۇرتىنىڭ «تاڭ ئالدىدىكى زۇلمەت ھەممىدىن قاراڭغۇ!» دېگەن ماقالى كەچتى.
ئىككىنچى كۈنى ئۇلار تۇنجى قېتىم ھەقىقىي خەۋپ - خەتەرگە يولۇقتى، ئۈچ نەپەر ئۇرۇشقاق يېنىغا كېلىپ، بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىدىغانلىقىنى سورىدى، ئۇلار ئىككىيلەننىڭ باش - ئايىغىغا بەكلا دىققەت قىلغانىدى.
− قارچۇغا بىلەن ئوۋ قىلىۋاتىمىز، − دېدى ئەلكىمياگەر.
− سىلەردە قورال - ياراغنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلىشىمىز كېرەك، − دېدى ئۇلاردىن بىرى.
ئاۋۋال ئەلكىمياگەر، كېيىن سانتىياگو خاتىرجەم ئاتلىرىدىن چۈشتى، يوچۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەممە يېرىنى ئالا قويماي ئاختۇردى:
− نې مە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ پۇلنى ئېلىپ يۈرىسەن؟
− ئېھراملارغىچە بېرىشتە خىراجەت كېرەك.
ئەلكىمياگەرنى ئاختۇرغان ئەرەب ئۇنىڭ يېنىدىن قانداقتۇر سۇيۇقلۇق قاچىلانغان كىچىك خىرۇستال ئىدىش ۋە توخۇ تۇخۇمىدىن چوڭراق سارغۇچ ئەينەك تۇخۇم تاپتى.
قوراللىقلار ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالمىغاندەك قىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى، ئارقىدىن ئەلكىمياگەرمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ كۈلۈۋەتتى، يوچۇن بەدىۋىيلەر ئالتۇنچىدىن ئېلىۋالغان تۇخۇمنى غەلىتە نەرسىگە ئوخشىتىپ چاقچاقلاشتى ۋە يەنە ئارتۇقچە كاشىلا تۇغدۇرماستىن مېڭىشقا رۇخسەت بەردى، ئۇلار بىر يۆنىلىشكە كېتىۋاتاتتى، ئارا سەل يىراقلىغاندىن كېيىن سانتىياگو ئەلكىمياگەرگە:
− ئەقلىڭدىن ئازدىڭمۇ، ئۇلارنى نېمىشقا ئېلىپ يۈردۈڭ؟ − دېدى.
− نېمىشقا دەمسەن؟ بۇ پانىي دۇنيادا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئاددىي بىر قانۇنىيەتنى ساڭا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن، چۈنكى قارىشىمىزدا قانداق بىر خەزىنىنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېچقاچان چۈشەنمەيمىز، بىلىشىڭ كېرەككى، ئادەملەر خەزىنىنىڭ بارلىقىغا ئانچە ئىشەنمەيدۇ.
ئۇلار سەپەرنى داۋام قىلدى، سانتىياگونىڭ قەلبى كۈندىن - كۈنگە توختام سۇدەك تىنىقلاشماقتا ئىدى، ئەمدى ئۇنىڭ نە ئۆتمۈش، نە كېلەچەك بىلەن ئىشى يوق، ئەلكىمياگەر بىلەن باياۋاننى تاماشا قىلىپ، ئالەم روھىدىن بەھرە ئالسا بولدى، ھازىر ئۇلار چىن دوستلارغا ئايلانغان بولۇپ، ئۆزئارا خىيانەت قىلماسلىققا ئىشىنىشكەنىدى.
زېرىكىشلىك سۈكۈناتتىن ۋۇجۇدى سىقىلغان پەيتلەردە ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە قۇۋۋەت ئاتا قىلىش ئچۈن بەزى قەلبى زۇۋانغا كىرەتتى، بىرىنچى قېتىم قەلبى ئۇنىڭ ئاجايىپ پەزىلەتلىرىدىن سۆز ئاچتى، قويلىرىنى تاشلاپ كېتىشتىكى جاسارىتى ۋە فارفورچى سودىگەرنىڭ دۇكىنىدا پىدائىيلىق بىلەن ئىشلىگەنلىكىنى ماختىدى.
سانتىياگونىڭ قەلبى يەنە ئۇنىڭغا ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن بىرنەچچە قېتىملىق بالايىئاپەتلەر ھەققىدە سۆزلەپ بەردى، ئاتىسىنىڭ مىلتىقىنى ئوغرىلاپ چىققاندا قورالىنىڭ قەيەرگىدۇر غايىب بولغانلىقىنى، بولمىسا ئۆزىنى جاراھەتلەندۈرۈپ ياكى ئېتىپ تاشلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى توغرىسىدا گەپ قىلدى. ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە دالىدا كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرغانلىقىنى، كېيىن ھالسىزلىنىپ يېقىلغانلىقىنى ۋە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئەسلەتتى. ئەسلى شۇ ۋاقىتتا ئىككى ئوغرى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويلىرىنى بۇلاپ كەتمەكچى بولغان ئىكەن، لېكىن ئۇلار پادىچى بالىنىڭ ەيەردىلىكىنى بىلمىگەچ «ئۇ بىزنى پايلاپ يۈرۈۋاتقان بولسا كېرەك» دەپ يۈرىكى پوكۇلداپ كېتىپ قالغانمىش!
− ئىنساننىڭ قەلبى دائىم قەلب ساھىبىغا ياردەم قىلامدۇ؟
− ھەممىسىگە ئەمەس، پەقەت تەقدىرى ئارقىسىدىن كېتىۋاتقانلارغا، بالىلار، سەرخۇشلار ۋە قېرىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
− بۇ، ئۇلار ھەرقانداق خەۋپ - خەتەردىن خالىي دېگەنلىكمۇ؟
− ياق، بۇ ئۇلارنىڭ قەلبى ئۇلاردىكى بارلىق يوشۇرۇن قۇۋۋەتنى ئويغىتىش بىلەن مەۋجۇت دېگەنلىك.
سەپەر ئۈستىدە ئۇلار بىر كۈنى ئۆزئارا ئۇرۇشۇۋاتقان قەبىلىلەردىن بىرىنىڭ قارارگاھى يېنىدىن ئۆتۈپ قېلىشتى، ئەتراپ قوراللانغان، ئاق يەكتەكلىك سەرۋازلار بىلەن تولغان بولسىمۇ، ئۇلار چىلىم تارتىپ، گۈزەللەر ھەققىدە ئارمانلىق پاراڭلارنى سېلىشىپ ئولتۇرغاچقا، بۇ ئىككى ئاتلىق سەيياھقا دىققەت قىلىشمىدى.
− خەتەردىن قۇتۇلدۇق، − دېدى سانتىياگو ئۆزىچە.
− قەلبىڭگە قۇلاق سال، لېكىن جەزىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى ھېچقاچان ئۇنتۇما! ئادەمزات بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقاندا جەڭ سادالىرى ئالەم روھىغىچە يېتىپ بارىدۇ، قۇياش ئاستىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردىن ھېچبىر بەندە چەتتە قالغان ئەمەس، − ئەلكىمياگەرنىڭ ئاۋازىدا غەزەپ ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
سانتىياگو «ئالەم بىر پۈتۈنلۈكتۇر» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. شۇ پەيت خۇددى تەجرىبىلىك ئەلكىمياگەر ئېيتقانلىرىنىڭ ھەقىقەتلىكى ئۆز ئىسپاتىنى تاپقاندەك، ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشكەن ئىككى قوراللىق يېقىنلاپ كەلدى.
− ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ، ئۇ تەرەپلەرگە يېقىنلىشىش خەتەرلىك، − دېدى ئۇلاردىن بىرى ئىككىيلەننىڭ يېنىدا توختاپ.
− بىز مەنزىلىمىزگە يېقىنلاشتۇق، − جاۋاب بەردى ئەلكىمياگەر ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ. مويسىپىتنىڭ نىگاھى يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك ئۆتكۈر ئىدى، قوراللىقلار بىردىنلا ياۋاشلاپ قالغاندەك جىمىپ قېلىشتى ۋە يول بوشاتتى، سانتىياگو بىر ئىشتىن ھەيران بولماقتا ئىدى.
− سەن ئۇلارنى نەيزىدەك نىگاھىڭ بىلەن يەڭدىڭ!
− ئادەمزات روھىنىڭ قۇدرىتى ئۇنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىدە!
سانتىياگو كۆڭلىدە «ئەلكىمياگەرنىڭ گېپى توغرىكەن» دەپ ئويلاپ قالدى، چۈنكى ئۇلار ھېلىلا ئۇرۇشقاق قەبىلىلەر قارارگاھىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، سەربازلاردىن بىرى سانتىياگوغا ئۇزاق تىكىلىپ قارىغان. ئارىلىق يىراقراق بولغاچقا، سەربازنىڭ يۈزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن يىگىت ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ئۇنۇتمىغانىدى.
ئۇلار كۈنچىقىش تەرەپنى توراپ تۇرغان تاغقا ئۆرلەشكە باشلىغاندا، ئەلكىمياگەر ئېھراملارغىچە يەنە ئىككى كۈنلۈك يول قالغانلىقىنى ئېيتتى.
− ئۇنداقتا ئايرىلىپ كېتىدىغان ۋاقتىمىز بولدى، ماڭا ئەلكىميانى ئۆگەت!
− ئەمدى ھەرقانداق پەندىن ساۋاق ئېلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ ئىلىمنىڭ ئالەم روھىغا كىرىش ۋە ئۇ يەردىن ئۆز خەزىنەڭنى تېپىش ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقى ساڭا ئايان.
− مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ماڭا قوغۇشۇننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇنچى گويا كۆز ئالدىدا دەريا ئېقىۋاتقاندەك ۋىلىلداپ تۇرغان جەزىرە ئىسسىقتىن قاغجىراپ كەتكەچكە، ئارامغا توختىغاندىن كېيىنلا يىگىتكە جاۋاب قايتۇردى:
− يەر يۈزىدىكى ھەممە ئۇنسۇرلار تىنىمسىز ھەرىكەتتە ۋە بىرى ئىككىنچىسىگە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دانىشمەنلەرنىڭ پىكرىچە ئالتۇنمۇ بىر مەدەن، پەقەت ئۇنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى باشقىلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىساڭ بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بېرىمەن، ماڭا ئالەمدىن ئەمرۇ - پەرمانلار ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.
− يەنە شۇنداق ئالتۇنچىلارنى ئۇچراتقانمەنكى، − دېدى ئەلكىمياگەر، − ئۇلار ئۆز تەجرىبىخانىلىرىغا قامىلىۋېلىپ، ئالتۇنغا ئوخشاش تەكەممۇللۇققا ئېرىشمەكچى بولغان. باشقىچە ئېيتقاندا، ھېكمەت تېشى شۇ جەرياندا دۇنياغا كەلگەن، چۈنكى بىر ئۇنسۇر راۋاجلىنىپ ئۆزگىرىش ھالىتىگە كىرسە، باشقىلاردىمۇ سۈپەت ئۆزگىرىشى بولۇشنى ئۇلار ياخشى بىلىشكەن. ھېكمەت تېشىنى تاسادىپىي پۇرسەتتە كەشىپ بولغان دېسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇنى ئىلاھىي ئىستىدات ئىگىلىرى ياراتقان، ئۇلار باشقىلارغاقارىغاندا ئەقىللىقراق ئىدى، بۇ بىر پەۋقۇلئاددىلىك بولۇپ، ئادەتتىكى ھالەتكە تەۋە ئەمەس، ئەلۋەتتە!
ئەلكىمياگەرلەرنىڭ ئۈچىنچى تىپى، پەقەت ئالتۇن ئىزلەش بىلەن ئاۋارە بولۇشتى، ئۇلار سىر پەردىسىنى زادىلا ئاچالمىدى، چۈنكى ئۇلار قوغۇشۇننىڭمۇ، مىسنىڭمۇ ۋە تۆمۈرنىڭمۇ ئۆز دائىرىسىدە مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقىنى تەن ئېلىشمىغانىدى، بىلىش كېرەككى، ئۆزگىنىڭ تەقدىرىگە ئارىلاشقانلار، ھەقىقىي رەۋىشتە ئۆز تەقدىرىگە ئىگە بولالمىغانلاردۇر.
ئەلكىمياگەر ئۇشبۇ سۆزلىرى بىلەن كىملەرگىدۇر بەددۇئا قىلىۋاتقاندەك ئىدى، كېيىن يەردىن بىر سازاڭ قۇرتنى ئالدى - دە:
− نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرى بۇ جەزىرىنىڭ ئورنىدا دېڭىز بولغان.
− مەنمۇ شۇنداق ئويلىۋېدىم.
ئەلكىمياگەر يىگىتكە سازاڭ قۇرتنى تۇتقۇزدى، سانتىياگو بالىلىقىدا سازاڭ قۇرتنى تۇتۇپ، دېڭىز شاۋقۇنىنى ئاڭلىغاندەك بولغانىدى.
− دېمەك قەدىمكى دېڭىز مانا شۇ سازاڭنىڭ تەبىئىتىدە مۇجەسسەم، ئۇمۇ ئۆز تەقدىرى يولىدىن بارماقتا، قاچانكى ئۇشبۇ جەزىرىدە قايتىدىن كۆك دېڭىز مەۋج ئۇرمىغۇچە ئۇ سازاڭلىقىدىن ياتلاشمايدۇ.
ئۇلار ئاتلىرىنى مىنىپ، مىسىر ئېھراملىرى تامان سەپەرنى داۋام قىلدى.
ۋاقىت ئۆز شەمشىرىنى غىلىپىغا سالدى، قۇياشنىڭ قانلىق بېشى ئاخىر مەغرىبتىكى ئوت رەڭلىك دەرياغا غەرق بولغاندا، سانتىياگونىڭ قەلبى خەۋپسىزرەشكە باشلىدى، ئۇلار شۇ دەقىقىدە ھەيۋەتلىك قۇم بارخانلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغانىدى، بالا كۆز قۇيرۇقىدا ئەلكىمياگەرگە قاراپ، ئۇنىڭ ھېچنەرسىنى سەزمىگەندەك، خاتىرجەم يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ مەقسەتسىز يىراقراق نەزەر سېلىۋېدى ئۇشتۇمتۇت ھېلىقى ئىككى قوراللىقنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇلارغا ۋارقىراپ نېمىنىدۇر دېمەكچى بولدىيۇ، ئەمما دېيەلمەي گەپ ئېغىزىدا قېپقالدى، ئارىلىق يېقىنلاشقانسېرى كۆز ئالدىدىكى قارا - قۇرىلار ئادەمگە ئايلىنىپ، ئىككىسىنىڭ ئورنىدا ئون، ياق ئون ئەمەس، يۈز كىشى پەيدا بولدى، سانتىياگو ئېتىنى بۇراپ قارىسا ئۇلارنى قورشاپ تۇرغان تۆت ئەتراپتىكى قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە قارا چۈمۈلىدەك قوراللىقلار تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ھەممىسى كۆك كىيىم كىيگەن بولۇپ، سەللىلىرى قارا تاسما بىلەن ئورالغان، يۈزلىرى بولسا كۆزلىرىگىچە كۆك ماتادا چۈمكەلگەن ئىدى.
روھ ۋە ئىرادىنىڭ قۇدرىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرغان بۇ كۆزلەر يولۇچلىرىمىزغا ئۆلۈمدىن ۋەھىمە تارقىتىپ تۇرغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەستى.
سانتىياگو ۋە ئەلكىمياگەرنى قارارگاھلىرىغا ئېلىپ كېلىپ، بىر چېدىرغا ئىتتىرىپ كىرگۈزۈشتى ۋە قەبىلە سەردارىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى، بالا بۇنداق چېدىرنى ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغانىدى. قەبىلە باشلىقىنىڭ ئەتراپىدا لەشكەر باشلىرى قاققان قوزۇقتەك تىك تۇراتتى.
− بۇلار جاسۇسلار، − دېدى ئىككىيلەننى تۇتۇپ كەلگەنلەردىن بىرى.
− ئۈچ كۈن ئاۋۋال سىلەر دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قارارگاھىدا ئىدىڭلار، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقىنىڭلار راستمۇ؟ − سورىدى سەردار.
− مەن پەقەت يوللار، يۇلتۇزلار تىلىنى بىلىمەن، ئەمما دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قايسى ياقلىقىدىن مۇتلەق خەۋىرىم يوق، دوستۇمنى قارارگاھىڭلارغىچە ئۇزىتىپ كەلدىم، خالاس.
− بۇ كىم؟ − سوراقنى داۋاملاشتۇردى سەردار.
− بۇ ئەلكىمياگەر، − دېدى ئەلكىمياگەر، − ئۇ تەبىئەت كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق تىلىنى بىلىدۇ، بۇ ئاجايىپ ئىستېداتىنى سىلەرگە نامايىش قىلىشنى خالايدۇ.
سانتىياگونى قورقۇنچ باسقاچقا، تىلى گەپكە كەلمەي قالغانىدى.
باشقا بىر لەشكەر بېشى سورىدى:
− كەلگىندى تۇرۇپ بىزنىڭ يەرلىرىمىزدە نېمە ئۈچۈن ئايلىنىپ يۈرىسەن؟
− ئۇ سىلەرنىڭ قەبىلەڭلارغا بايلىق ئېلىپ كەلدى، − جاۋاب بەردى ئەلكىمياگەر ۋە يىگىتنىڭ ھەميىنىنى سەردارغا ئۇزاتتى، سانتىياگو بۇنىڭغا ھېچنەرسە دېيەلمىدى.
سەردار ئۈندىمەستىن ئالتۇنلارنى ئالدى ۋە بۇ ئالتۇنغا كۆپ قورال - ياراغ سېتىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يەنە بىرسى:
− «ئەلكىمياگەر» دېگەن نېمە؟ − دەپ سورىدى ھەيران بولۇپ.
− بۇ تەبىئەت ۋە دۇنيانى بىلىدىغان ئادەم دېگەنلىك، ئەگەر ئۇ خالىسا سەلكىن شامال ئارقىلىقمۇ قارارگاھىڭلارنى تىرە - پىرەڭ قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
ئەرەبلەر ئەلكىمياگەرنىڭ گېپىگە قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇلار ئۇرۇشنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنسىمۇ شامالنىڭ ئۆلۈم ئېلىپ كېلىشىگە ئىشەنمەيتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى شۇ ئىدىكى، سېھرىگەرلىكتىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى.
− بۇ ئىش ئۇنىڭ قولىدىن كېلەمدۇ - يوق، بىلمەكچىمەن، − دېدى سەردار.
− بىزگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىڭ، بۇ ۋاقىتتا ھەمراھىم كارامىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شامالغا ئايلىنىشى كېرەك، ئەگەر بۇ ئىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمىسە ھاياتىمىزنى ئىختىيارىڭىزغا تاپشۇرىمىز.
سەردار:
− ئاللىقاچان ماڭا تېگىشلىك بولغان نەرسىنى قايتىدىن تاپشۇرۇشۇڭ مۇمكىن ئەمەس، − دېدى كىبىر بىلەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۈچ كۈن كۈتۈشكە رازى بولدى.
بۇنداق تاسادىپىيلىقتىن سانتىياگو ھوشىنى يوقىتاي دېدى، تىلى كالۋالىشىپ زۇۋانى تۇتۇلدى، يىگىتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەزگەن ئەلكىمياگەر ئەپچىللىك بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ، چېدىردىن سىرتقا ئېلىپ چىقتى.
− قورقۇۋاتقانلىقىڭنى ئۇلارغا بىلدۈرمەسلىكىڭ كېرەك، بۇلار جەسۇر ئادەملەر، توخۇ يۈرەكلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.
ئەمما بالا تېخىچە راۋان گەپ قىلالمايۋاتاتتى، ئۇلار قارارگاھتا ئەركىن ئايلىنىپ يۈرۈشكەن بولسىمۇ، ئەرەبلەر ئاتلىرىنى ئېلىۋېلىشقانىدى، دۇنيا ئۆزىنىڭ كۆپ تىللاردا گەپ قىلالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. چۈنكى نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدا كۆڭۈللۈك ۋە چەكسىز بولغان بۇ قۇملۇق بىردىنلا ئۇلار ئۈچۈن زىندانغا ئايلاندى.
− سەن مېنىڭ ھەممە پۇللىرىمنى يەنە كېلىپ ئۆمۈر بويى يىغقان بېساتىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئىككى قوللاپ بېرىۋەتتىڭ.
− ئەجەل يەتكەندە پۇلنى نېمە قىلاتتىڭ؟ ئادەمدىكى مال - دۇنيا ئۆلۈمنى بىر دەقىقە توختىتىپ تۇرالمايدۇ، ئەمما ئالتۇنلىرىڭ ئۆمرىمىزنى ئۈچ كۈن ئۇزارتسا ئەجەپ ئەمەس.
سانتىياگونى ۋەھىمە چۇلغىۋالغانىدى، شۇڭا بۇنداق سەرمەنا ھېكمەتكىمۇ ئىرەن قىلمىدى، چۈنكى ئۇ سېھىرلىك ئەلكىمياگەر بولمىغاچقا شامالغا ئايلىنالمايتتى. ئەلكىمياگەر بىر لەشكەردىن سۇ سورىدى ۋە سانتىياگونىڭ بىلىكىگە تامچىلىتىپ، ئاللىقانداق دۇئالارنى ئوقۇدى، بالا ئاستا - ئاستا ۋۇجۇدىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا تۇرغۇنلۇق ۋە خاتىرجەملىك سېزىشكە باشلىدى.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:16:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
− غەم چېكىۋەرمە، تېخىچە قەلبىڭ بىلەن سۆزلەشكىنىڭ يوق، قورقۇشۇڭنىڭ سەۋەبى شۇ، − تەسەللىي ئېيتتى ئەلكىمياگەر ئۆزىگە ماس كەلمىگەن مېھرىبانلىق بىلەن.
− مېنى شامالغا ئايلىنىدۇ، دەپ ئېيتقىنىڭ نېمىسى؟
− بىلىشىڭ كېرەككى، كىمكى ئۆز تەقدىرى يولىدىن ماڭسا ئۇ بارغانچە كۈچلىنىدۇ ۋە ھەممىگە قادىر بولىدۇ، ئارزۇلارنىڭ روياپقا چىقماسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن ئادەمزاتتىكى قورقۇش پسىخىكىسىدۇر.
− ئامەتسىزلىكىمدىن قورقۇۋاتقىنىم يوق، ئاخىر شامالغا ئايلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسمەنغۇ؟
− ئۆگىنىشىڭ كېرەك، ھايات قېلىش - قالماسلىقىڭ شۇنىڭغا باغلىق.
− بۇ مەن قىلالايدىغان ئىش ئەمەس.
− ئۇنداقتا ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇشقا تەييارلان! مىڭلىغان ئادەملەرگە ئوخشاش چارە - تەدبىر ئۈستىدە ئىزلەنمەي مەقسەتسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كۆرە، ئۆز تەقدىرىڭ يولىدا تىركەشكىنىڭ مىڭ ئەۋزەل. خۇلاسە كالام، خاتىرجەم بول، ئادەتتە ئۆلۈم تۇيغۇسى كىشىگە كۈچ - قۇۋۋەت بەخش ئېتىپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.
تۇنجى كۈنى ئەتىدىن - كەچكىچە چۆلدە كەسكىن جەڭ بولدى، جاراھەتلەنگەنلەر قارارگاھقا ئېلىپ كېلىندى، سانتىياگو كۆڭلىدە «ئۆلۈم ھېچنەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دەپ ئويلىدى، سەپتىن ئايرىلغانلارنىڭ ئورنىنى باشقىلار تولدۇردى ۋە ھاياتنىڭ ئېقىمى داۋام قىلىۋەردى.
سەربازلاردىن بىرى جان تەسلىم قىلىۋاتقان دوستىغا قاراپ دېدى:
− پەقەت كېيىنرەك قۇربان بولۇشۇڭ مۇمكىن ئىدى، ھازىر ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش تۈگىگەندە، ئەمما بەرىبىر ئۆلۈم.
كەچكە يېقىن يىگىت ئەلكىمياگەرنى ئىزلەپ:
− شامالغا ئايلىنىشىم مۇمكىنلىكى ھەققىدە ۋۇجۇدۇمدا بىرەر شەپە سەزمىدىم، − دېدى.
− ئېيتقان سۆزلىرىمنى ياخشىلاپ ئەسلە، بۇ دۇنيا ئاللانىڭ زاھىرەن بىر قىسمى، ئەلكىميا بولسا روھىي كامىللىقنى يەنىي باتىنىي مەۋھۇم نەرسىنى زاھىرىي ماددىي نەرسىگە ئايلاندۇرغۇچى.
− سەن ھازىر نېمە ئىش بىلەن مەشغۇلسەن؟
− قارغۇچلىرىمغا دان بېرىۋاتىمەن.
− ھازىر ئويلايدىغان ئىش باشقا، ئەگەر شامالغا ئايلىنالمىسام، بىزلەرنى ئۆلتۈرۈشىدۇ، شۇنداقمۇ؟
− «بىز» نى ئەمەس، سېنى ئۆلتۈرىدۇ، مەن شامالغا ئايلىنىشنى بىلىمەن.
ئىككىنچى كۈنى ئالەمنىڭ يېڭى ھاياتى باشلاندى، سانتىياەو قارارگاھىنىڭ يېنىدىكى ئېگىز قۇم بارخىنىغا چىقىشقا باشلىدى. قاراۋۇللار ئۇنىڭغا يول بەردى، چۈنكى ئۇلار شامالغا ئايلىنالايدىغان سېھرىگەرنىڭ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىغانىدى. شۇڭا ئۇلار يىگىتنىڭ يېنىغا كېلىشكە پېتىنالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇپۇق ۋە ئاسمان بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن چەكسىز چۆل سانتىياگو ئۈچۈن تەبىئىي توسۇق بولۇپ، ئۇ ھېچ يەرگە قېچىپ كېتەلمەيتتى.
يىگىت سەھەردىن شامغىچە تۆت ئەتراپىدىكى يىراق - يىراقلارغا كۆزى تالغۇچە نەزەر تاشلىدى، كۆزىنى يۇمۇپ ئىچىنى تىڭشىدى، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا شۇڭغۇدى، جەزىرە خۇددى قېنىغا قىلىچىنى سالغان جەڭچىدەك ئاخىر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن قورقۇنچ تۇمانلىرىنى تارقاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تىل تېپىشىۋالغان ئىدى.
ئۈچىنچى كۈنى قەبىلە سەردارى لەشكەر باشلىرىنى يىغىپ:
− ھېلىقى بالىنىڭ قانداق قىلىپ شامالغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تاماشا قىلىمىز، − دەپ جاكارلىدى.
ئەلكىمياگەرمۇ «شۇنداق» دېگەندەك قىلىپ بېشىنى لىڭشىتتى، سانتىياگو ئۇلارنى تۈنۈگۈن كۈن بويى ئولتۇرغان جايغا باشلاپ كەلدى ۋە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
− سەۋر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، − دېدى ئۇ جامائەتكە.
− بىز چۆل ئادەملىرى، ۋاقتىمىز كۆپ، − ۋارقىرىدى سەردارى.
سانتىياگونىڭ نەزىرى ئۇپۇققا قادالدى، كۆز ئوڭىدا تاغلار، بارخانلار ۋە قىيالىقلار چەكسىزلىك بولۇپ گەۋدىلەندى. قۇملۇقلاردىكى چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى، ئۇ قانچىلىغان كۈن ۋە ئايلار مانا شۇ چۆل باغرىدا ياشاپمۇ، جەزىرىدىكى باتۇر گىياھلار سىر - ئەسرارىنىڭ يۈزدىن بىر خاسىيىتىنى بىلەلمىدى، بۇ يولدا ئىنگلىزنى، جەزىرە يىلىنىدەك ئۇزۇن كارۋاننى، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەڭلەرنى، 500 تۈپ خورما دەرىخى ۋە 300 قۇدۇقنىڭ ئىگىسى بولغان ئەل - فايىمنى كۆردى، پاتىمەنى ئۇچراتتى.
− خوش، ساڭا يەنە نېمە كېرەك؟ تېخى تۈنۈگۈنلا بىر - بىرىمىزگە تويغۇچە قاراشقان ئىدۇق، − سورىدى جەزىرە ئۇنىڭدىن.
− ئۇزاق - ئۇزاقلاردا، بارخانلىرىڭ ئۆركەشلىرىنىڭ بىرىدە سۆيگەن قىزىم يالغۇز… − ئىلتىجا ۋە ھىجران كەيپىياتىدا سۆزلىدى سانتىياگو، − قاچانكى ساڭا نەزەر تاشلىسام، كۆز ئالدىمدا ئۇ، پاتىمەنىڭ يېنىغا قايتىشنى بەكمۇ ئىستەيمەن، سېنىڭ ياردىمىڭگە موھتاجمەن، مەن شۇ تاپتا شامالغا ئايلىنىشىم كېرەك.
− «سۆيگۈ» دېگىنىڭ نېمە؟ − سورىدى جەزىرە ئۇنىڭدىن.
− «سۆيگۈ» بۇ سېنىڭ قۇملىرىڭ ئاسمىنىدىكى قارچۇغا پەرۋازى. ئۇنىڭ ئۈچۈن سەن جەزىرە ئەمەس، گويا ئۇنى تاۋلايدىغان ھىجران گۈلزارىسەن! ئۇ ھېچقاچان سېنىڭ ئىنئامىڭغا ئېرىشمەي قايتمايدۇ، قىيالىرىڭنى، بارخانلىرىڭنى ۋە تاغلىرىڭنى يادقا بىلىدۇ. سەن ئالەمچە باغرىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مېھرىبانسەن، ئالتۇن ئۇۋىسەن.
جەزىرىدىن سادا كەلدى:
− قارچۇغىنىڭ تىغدەك تۇمشۇقى باغرىمنى تىلغايدۇ، يىللاپ ئۇنىڭغا ئولجا تەييارلايمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىباھا نېمىتىم سۇ، ئۇنى تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان جايلارغا باشلايمەن. مېنىڭ قۇملۇقلىرىمدا بىر ھاياتنىڭ يەنە بىر ھاياتقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ شادلانغان چېغىمدا توساتتىن پەلەكتە گۈركىرەپ قارچۇغا پەيدا بولىدۇ - دە، مېنى ياراتقانلىرىمدىن مەھرۇ قىلىدۇ.
− لېكىن سەن ئۇنى قارچۇغىغا كۈرەش سەھنىسى قىلىپ ياراتقانسەن، قارچۇغا بولسا سېنىڭ ئىنئامىڭنى بىز ئىنسانلارنىڭ لوقمىسى ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدۇ، ئادەملەرمۇ قاچاندۇر قۇملىرىڭغا بەرىكەت ياغدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدا ھاياتلىق كۆكلەپ، قارچۇغىنىڭ رىزقى ياىلىدۇ. دېمەك، دۇنيا شۇنداق ئايلىنىدۇ.
− ئۇنداقتا «سۆيگۈ» دېگىنىڭ ئەنە شۇمۇ؟
− دەل شۇنداق. «سۆيگۈ» منىڭ مەنىسى شۇ، ئوبدان قۇلاق سال، بۇ شۇنداق قانۇنىيەتكى، ئولجا قارچۇغىغا، قارچۇغا ئىنسانغا، ئىنسان بولسا جەزىرىگە باغلانغان، قوشۇننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغان ۋە ئاخىرىدا ئالتۇننى زېمىننىڭ قەھرىدە ساقلىغانمۇ ئۇنىڭ زاكاۋىتى.
− سۆزلىرىڭنىڭ مەنىسىگە چۈشىنەلمەيۋاتىمەن.
− ئۇنداقتا بىر نەرسىنى چۈشەن، ئۇزاقلاردا، قۇم دولقۇنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا مېنى بىر قىز كۈتمەكتە، ئىشقى ۋىسال تاپمىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېتىكىگە قاناتلىق شامال بولۇپ ئۇچمىقىم دەركار!
جەزىرە سۈكۈتكە چۆمدى ۋە ئازدىن كېيىن زۇۋانغا كەلدى:
− شامالنىڭ توزانغا ئايلىنىشى ئۈچۈن قۇملىرىمدىن بېرىمەن، لېكىن بۇ كۇپايە ئەمەس، مەن بۇ ئىشتا ھەممىنى قىلالمايمەن، شۇڭا شامالغا مۇراجىئەت قىلىشىڭ كېرەك.
يەڭگىل شامال ئەسىدى، يىگىتنىڭ پىچىرلاپ كىملەر بىلەندۇر سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى لەشكەر باشلىرى سەل يىراقتىن كۆرۈپ تۇرۇشتى.
ئەلكىمياگەر كۈلۈمسىرىدى.
شامالنىڭ بۇلۇتتەك يەڭگىل قاناتلىرى سانتىياگوغا مەلۇم بولدى ۋە ئۇنىڭ مەڭزىلىرىنى ئانىدەك سىيلىدى، ئالەمدىكى جىمى نەرسىلەردىن بىخەۋەر قالغان شامال يىگىتنىڭ جەزىرە بىلەن سۆھبىتىگە قۇلاق سالغانىدى، شاماللار دۇنيانى كېزىپ يۈرەتتى، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان جايلىرى نامەلۇم، ئۆلىدىغان يەرلىرىمۇ ئېنىقسىز ئىدى.
سانتىياگو سەلكىنگە ئىلتىجا قىلدى:
− ماڭا ياردەم بەر، بىر قېتىم مەھبۇبەمنىڭ ئاۋازىنى ئېلىپ كەلگىن!
− جەزىرە ۋە شاماللار بىلەن سۆزلىشىشنى ساڭا كىم ئۆگەتكەن؟
− قەلبىم.
شامالنىڭ ئىسىملىرى كۆپ ئىدى، يەرلىكلەر ئۇنى «سىراككا» دەپ ئاتايتتى ۋە بۇ تۈردىكى شامالنى ئەرەبلەر قارا تەنلىكلەر ياشايدىغان، سۇلىرى ئەلۋەك يۇرتلاردىن ئۇچۇپ كەلگەن، دەپ قارايتتى.
پادىچى بالىنىڭ ۋەتىنىدىكلەر بولسا ئۇنى «لەۋەنتىن» دەپ ئاتاشقان، ئۇلارچە بۇ شامال جەزىرە قۇمىنى ۋە بۇلاڭچى ھەبەشلەرنىڭ ۋارقىراش - جارقىراشلىرىنى ئۇچۇرۇپ كېلەتتى، بەلكى قويلىرىنى ئوتلىتىدىغان دالالىرى يوق خەلقلەر شامالنى ئەندەلوسىيەدە يارالغان، دەپ بىلىشەتتى. ئەمما شامال ھېچ يەردە تۇغۇلمىغان ۋە ھېچقاچان ئۆلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ جەزىرىدىن قۇدرەتلىك، ئادەمزات خالىسا چۆللەردىن ھوسۇل ئالار، قويلىرىنى بېقىشار، ئەمما ئۇنى بويسۇندۇرالماس.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:16:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ تاپتا شامالنىڭ لەۋلىرى پىچىرلىغاندەك بولدى.
− سەن شامال بولالمايسەن، چۈنكى بىزنىڭ جەۋھىرىمىز باشقا.
− ئېيتقانلىرىڭ توغرا ئەمەس، − جاۋاب قىلدى سانتىياگو، − ئالەمنى كېزىپ يۈرگىنىمدە، ماڭا ئەلكىميانىڭ سىرلىرى سەن بىلەن ئايان بولغان، ئەمدى ئىگەم ياراتقان ھەممە نەرسىلەر − سىلەر (شاماللار)، چۆللەر، دېڭىزلار ۋە يۇلتۇزلار مەندە مۇجەسسەم، سەن بىلەن مېنى ھاسىل قىلغان سەۋەبكار بىر. دېمەك، قەلبىمىز ئوخشاش، مەن خۇددى سەندەك بولۇپ خالىغان بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا ئەركىن يۈرۈشنى، دېڭىزنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشنى، خەزىنىلەرنى يوشۇرۇپ ياتقان قۇم تاغلارنى پۈۋلەپ يۆتكەشنى ۋە سۆيگۈنۈمنىڭ ھىدىنى ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ يۈرۈشنى ئىستەيمەن.
شامال يەنە سۆزلەشكە باشلىدى:
− بىر قېتىم ئەلكىمياگەر بىلەن قىلغان سۆھبىتىڭنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇ «ھەممىنىڭ ئۆز يولى بار» دېگەنىدى، دېمەك ئادەمزاتقا شامال بولۇش تەقدىر قىلىنمىغان.
− ھېچبولمىسا بىرنەچچە دەقىقە بولسىمۇ سۈرىتىڭگە كىرىشىمگە ئىجازەت قىل، بۇنى ماڭا ئۆگەت. شۇ چاغدا ئىنسانلار بىلەن شامالنىڭ كۆپ جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىرلىكتە مۇتائىلە قىلىمىز.
شامال قىزىققان ۋە ئۆزىچە بىلىمدان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ئىشقا يولۇقمىغانىدى، شۇڭا يىگىتنىڭ ئېيتقانلىرى ئۇنىڭغا قىزىقارلىق تۇيۇلدى، ھەتتا بۇ ھەقتە سانتىياگو بىلەن مۇنازىرىلەشكۈسى كېلىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئىنساننى شامالغا ئايلاندۇرۇش ھەققىدىكى تەلەپ ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى. ئادەتتە ئۇنىڭ قولىدىن كۆپ ئىش كېلەتتى، ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايتتى، مەسىلەن، ھەرقانداق ئابادان شەھەرنى خارابىگە ئايلاندۇرالايتتى، دەريا - دېڭىزلاردىكى كېمىلەرنى ئاغدۇرالايتتى، ئەسىرلەر داۋامىدا ياشاپ كېلىۋاتقان دەرەخ - ئورمانلارنى قومۇرۇپ تاشلاش ئۇنىڭ قولىدىن كېلەتتى، مۇزىكا ۋە نامەلۇم شاۋقۇنلار ياڭراپ تۇرىدىغان قايناق يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتەتتى. ئىشقىلىپ ئۇ بىر قارىماققا ئاجىزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى دۇنيادىكى يېگانە قۇدرەت ئىگىسى چاغلايتتى، ئەمدى بولسا كۆز كۆرۈپ، قۇلاق ئىشتمىگەن ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقىۋاتاتتى.
يىگىت شامالنىڭ ماسلىشىش رايىنى پەملىدى ۋە دېدى:
− بۇنى «سۆيگۈ» دەپ ئاتىشىدۇ، «سۆيسەڭ» نېمىنى خالىساڭ شۇنىڭغا ئايلىنالايسەن. «سۆيۈپ قالساڭ» ئەتراپىڭدا ۋە ئۆزۈڭدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە پىسەنت قىلمايسەن، چۈنكى يېڭىلىقلار بىزنىڭ روھىمىزدا يۈز بېرىدۇ، شۇنداق ئىكەن ئىنساننىڭ شامالغا ئايلىنالايدىغانلىقىغا شۈبھىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنداق دەيمىزۇ، ئەمەلدە بۇ سېنىڭ كارامەت كۆرسىتىش ياكى كۆرسىتەلمەسلىكىڭگە باغلىق.
سانتىياگونىڭ سۆزلىرى مەغرۇر شامالنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەندەك بولدى، شۇڭا ئۇ قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈپ سەھرا قۇملىرىنى سەل توزىتىپ قويدى - يۇ، ئۆزىنى ئالەمنىڭ ئەركىسى چاغلىغىنى بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا ئىنساننى شامالغا ئايلاندۇرالمايدىغانلىقىنى تەن ئالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ «سۆيگۈ» نىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىدى.
− ئادەملەرنىڭ سۆيگۈ ھەققىدە قۇچاقلىرىنى كېرىگىنىچە ئاسمان تەڭرىسىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى كۆپ كۆرگەنمەن، بەلكى سەنمۇ كۆككە ئىلتىجا قىلساڭ ياخشىراق بولار، − دېدى شامال ئاجىزلىقىنى يوشۇرغاندەك قىلىپ.
سانتىياگو رازى بولدى ۋە ئاخىرقى ئۆتۈنۈشىنى بايان قىلدى:
− ياخشى مەسلىھەت بەردىڭ، ئۇنداقتا ئاسمانغا قارىغىنىمدا قۇياشنىڭ كۆزۈمنى قاماشتۇرۇۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇپۇقنى قۇم بىلەن توسۇپ تۇر.
شامال يەنىمۇ كۈچلۈكرەك چىقتى، ئاسمان - پەلەكنى چاڭ - توزان قاپلىدى ۋە قۇياش يۈزى بىردىنلا قارىيىپ، كۈن سارغۇچ ئالتۇن تاۋاققا ئايلىنىپ قالدى.
ئەتراپتا كۆزىتىپ تۇرغانلار ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى، چۆللۈكلەر «سەمۇم» دەپ ئاتايدىغان شۇ شامالنىڭ «كارامەت» لىرىنى ئۇلار ياخشى بىلەتتى، گەرچە ئۇلار دېڭىزنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن شۇ شامال ئۇلار ئۈچۈن دېڭىز بورىنىدىمۇ قورقۇنچلۇق تۇيۇلدى، ئاتلار پۇشقۇرۇپ، قوراللارنىڭ تۆشۈكلىرى قۇم بىلەن پۈتۈپ قېلىشتى.
لەشكەر باشلىرىدىن بىرى سەردارغا چاس بېرىپ:
− يېتەرلىك، ئالەمنى دەھشەت بېسىۋاتىدۇ، − دېدى.
سانتىياگو ئەمدى ئۇلارغا كۆرۈنمىدى، چۈنكى لەشكەر باشلىرىنىڭ يۈز - كۆزلىرى ئاق ماتا بىلەن توسۇلغان بولۇپ، قورقۇنچتىن نىگاھلىرى قېتىپ قالغانىدى.
− ئەمدى شامال چىقىرىشنى توسۇپ قالايلى، − ۋارقىراشتى باشقىلار.
− مەيلى، بۇ ئاللانىڭ قۇدرىتى، ئىنساننىڭ قانداق قىلىپ شامالغا ئايلانغانلىقىغا ھەيرەتلەندىم، − جاۋاب بەردى قەبىلە سەردارى.
سەردار قورقۇنچاقلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان لەشكەر باشلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىدى، ئۇ شامال توختىغاندىن كېيىن ئۇلارنى قاتتىق جازالاشنى ئويلىدى، چۈنكى چۆل كىشىلىرى ئۈچۈن قورقۇنچ مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرەتتى.
سانتىياگو قۇياشقا قاراپ مۇراجىئەت قىلدىكى:
− شامال مېنىڭ مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئېيتتى، ئەگەر شۇنداق بولسا سەن ئالەم روھىنى بىلسەڭ كېرەك، چۈنكى ئۇ سۆيگۈ - مۇھەببەتتىن يارالغان.
− دەرگاھىمدا ئالەم روھى ماڭا بەش قولدەك كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، − جاۋاب بەردى قۇياش، − ئۇ مېنىڭ قەلبىم بىلەن دىيالوگلىشىدۇ ۋە بىز بىرلىكتە ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ، قويلارنىڭ يايلاقمۇ - يايلاق يۈرۈشىگە سەۋەب بولىمىز، ئەنە شۇ يەرلەردىن مەن تۇرۇۋاتقان بەكمۇ يىراق نۇقتىغىچە ئارىلىقتىن مەن سۆيۈشنى ئۆگەندىم، يەرگە ئازراق يېقىنلاشسام مەۋجۇداتلار نابۇت بولىدۇ ۋە ئالەم روھى ئاجىزلايدۇ، شۇ سەۋەبلىك بىز يىراقلاردىن بىر - بىرىمىزگە نەزەر تاشلايمىز ۋە ئۆزئارا سۆيۈشىمىز، مەن يەرگە ھايات ۋە ھارارەت بەخش ئېيتىمەن، يەر بولسا ماڭا بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇلۇغۋارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
− ئۇنداقتا سەن سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىكەنسەن؟ − تەكرارلاپ سورىدى سانتىياگو.
− مەن ئالەم روھىنى ياخشى بىلىمەن، چۈنكى بۇ چەكسىز كائىناتتىكى ئاداقسىز سەپەرلىرىمىز جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆپ سۆھبەتلەردە بولغانمىز. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئىزتىراپلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن، ھازىرغىچە تاشلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرلا دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدىن ئىبارەت ئەسلى ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۆمۈرنىڭ مىسقا ئوخشىشىنى ياكى مىسنىڭ ئەينەن ئالتۇندەك بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئۆزئارا بىر پۈتۈنلۈككە ئايلانغان بۇ ئالەمدە ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسى بار، يارىتىلىپ بەشىنچى كۈنى پۈتۈن مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلغان قول، ھەرىكەتتىن توختىغاندا ئىدى، ھەممىسى ئالەم قازىنىدا تاسقىلىپ، قورۇلۇپ پەقەت بىرلا جىسىمغا ئايلانغان بولاتتى، ھېلىمۇ بەختىمىزگە يارىشا مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئالتىنچى كۈنىمۇ بولغانىكەن.
سانتىياگو قۇياشنى ماختىدى:
− ھەممە نەرسىنى ئېگىزلىكتىن كۆرۈپ تۇرىدىغان دانىشمەن ئىكەنسەن، لېكىن سۆيگۈ ھەققىدىكى چۈشەنچەڭدە جۈرئىيلىك بار، ئەگەر يارىتىلىشنىڭ ئالتىنچى كۈنى بولمىغاندا ئادەمزات بولماستى ۋە مىس مىسلىگىچە، قوغۇشۇن قوغۇشۇن پېتى قېلىۋەرگەن بولاتتى، ھەربىرىنىڭ ئۆز يولى بار، لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يوللار تۈگەيدۇ ياكى كېسىشىدۇ، شۇڭا بىر ئۇنسۇرنىڭ يەنە باشقا بىر ئۇنسۇرغا ئايلانمىقى دەركار ۋە بۇ ئۇسۇلنى تېپىش كېرەك. ئالەم روھى ھەقىقەتەن بىر پۈتۈن نەرسە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن يەككىلىك - مۇستەقىللىق كېلىپ چىققۇچە ئېغىر ئەگرى - توقايلىق داۋاملىشىدۇ.
قۇياش بىر ھازا ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن تېخىمۇ يارقىنراق نۇر سېپىشكە باشلىدى، مەزكۇر سۆھبەتنى تىڭشاپ شادلانغان شامال يىگىتنى ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈكرەك چىقتى.
سانتىياگونىڭ سۆزى تۈگىمىگەن ئىدى:
− ئەلكىميا شۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇتكى، جىمىكى بارلىق ئۆز خەزىنىسىنى ئىزلىسۇن، تاپسۇن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئاۋۋالقىدىنمۇ گۈزەلرەك، مۇكەممەلرەك بولۇشقا ئىنتىلسۇن، قوغۇشۇننىڭ ھاياتلىققا كېرىكى بولسىلا ئۇ ئۆز ماھىيىتىگە يېزىلغان ۋەزىپىنى ئادا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ. ئەلكىمياگەرلەر ئۆز ئەھۋالىمىزنىڭ يەنىمۇ ياخشىراق ۋە مۇكەممەلرەك بولۇشىغا ھەرىكەت قىلساق، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەرمۇ مۇكەممەللىشىدۇ ۋە گۈزەللىشىدۇ.
− مېنى سۆيگۈ - مۇھەببەت بابىدا چۈشەنچىسى تېيىز دەپ ئىشىتكىنىڭ راستمۇ؟

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:16:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
− سۆيۈپ قالساڭ جەزىرىگە ئوخشاش بىر جايدا تۇرۇۋەرمەيسەن، شامالدەك دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرمەيسەن، ساڭا ئوخشاش ئۇزاقتىن ھەممە نەرسىگە باراۋەر نەزەر تاشلاپ تۇرۇۋەرمەيسەن، مۇھەببەت − بىر كۈچ، ئالەم روھىنى يېڭىلايدىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدىغان قۇدرەت. ئالەم روھىغا تۇنجى كىرگىنىمدە ئۇ ماڭا ئۇيغۇنلۇق تىمسالى بولۇپ تۇيۇلغان، كېيىن ئۇنىڭ بىزنىڭ ئەكسىمىز ئىكەنلىكىنى، ھاياجانلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەردىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭ شاد - ئەلەملىرى، غەزەبلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى، ياخشى - يامانلىقىنىڭ ھەممە سەۋەبى بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ زېمىنغا باغلىق. ئەنە شۇ ئورۇندا سۆيگۈ ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ، چۈنكى سۆيۈپ قالغا چېغىڭدا چىن، ياخشى ۋە گۈزەل بولۇشقا ئىنتىلىسەن.
− خوش، مەندىن نېمە ئىستەيسەن؟
− شامالغا ئايلىنىشىمغا ھەمدەم بول.
− ئون سەككىز مىڭ ئالەم ئارا سىر ئەمەسكى، كائىناتتا مەندىنمۇ ئۇلۇغۋار مەۋجۇدات بولمىغان، − جاۋاب قىلدى قۇياش، − لېكىن قانداق قىلىپ شامالغا ئايلىنىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
− ئۇنداقتا ماڭا ياردەم قىلالايدىغان يەنە كىم بولۇشى مۇمكىن؟
قۇياش چوڭقۇر تەپەككۇر ئىلكىدە جىمىدى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ پېشانىلىرى تۈرۈلگەنىدى. «ئەگەر ياردەمدىن باش تارتسام بىزنى ماراپ تۇرغان شامال بۇ كائىنات چىرىغىنىڭ ئەقلىمۇ چاغلىقكەن دەپ ئالەمگە داستان تارقىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئومۇمىي ئىنسانىي تىلدا سۆزلەۋاتقان بۇ يىگىتتىن ئۆزنى قاچۇرۇشمۇ دانالىقتىن ئەمەس»، دەپ ئويلىدى - دە:
− تەقدىر پۈتۈكىنى يازغۇچى ئۇلۇغ قۇدرەت ئىگىسىدىن سورا، − دېدى.
بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ يەڭگىل تەبىئەتلىك شامال خۇشاللىقىدىن ۋارقىراپ تاشلىدى ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر كۈچ بىلەن توپان كۆتۈردى. بىرنەچچە چېدىر ئاغدۇرۇلدى، باغلانغان ئاتلار تىزگىنلىرىنى ئۈزۈپ كىشنەپ قېچىشتى، ئەتراپتا ئولتۇرغانلار ئۇچۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىر - بىرىنى مەھكەم تۇتۇۋېلىشتى.
سانتىياگو تەقدىر ئەزەلنى پۈتكەننىڭ قۇلىغا يۈزلەندى، شۇ چاغدا پۈتكۈل الەمنىڭ سۈكۈت دېڭىزىغا چۈمۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. لېكىن بۇنداق جىمجىتلىقنى بۇزۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى، كېيىن ئۇنىڭ قەلب ئاسمىنىنى بىردىنلا ئېتىقاد قۇياشى يورۇتتى ۋە سانتىياگو ئىبادەتكە ئولتۇردى. ئۇ دۇئا - تىلاۋىتىدە تەڭرىدىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلمىدى، بۇرۇن نە قويلىرىغا كۆپكۆك يايلاقلارنى بەرگەنلىكى، نە موھتاج بولۇپ بارغانلىقى سەۋەبلىك فارفورچىنىڭ دۇكىنىدا خېرىدارلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى توغرىسىدا گەپ قىلمىدى. پاتىمەنىڭ ئۇنى كۈتۈشى ئۈچۈن ياراتقۇچىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىگە سەۋر ۋە ۋاپادارلىق سورىمىدى. ئومۇمەن ھېچقانداق كۆڭۈل ئىزھار قىلمىدى، سۈكۈنات باسقان ئالەمدە شۇنى بىلىپ يەتتىكى، مەيلى جەزىرە، شامال ۋە ياكى قۇياش بولسۇن ھەممىسى ئەنە شۇ ھېكمەتلىك قول نەقىشلىگەن ئالامەتلەرنى ئىزلەيدىكەن، ئۆز تەقدىرى يولىدىن مېڭىشقا ۋە زۇمرەت تاش يۈزىگە ئويۇلغان پۈتۈكلەرنىڭ سىر - ئەسرارىنى بىلىشكە ئىنتىلىدىكەن، پادىچى يەنە شۇنىمۇ ھېس قىلدىكى، ئۇشبۇ ئالامەتلەر پۈتكۈل ئالەم ۋە يەر يۈزىگە چېچىۋېتىلغان، قارىماققا ئۇنىڭ زاھىرەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سەۋەبى بىلىنمەيدىكەن. دېمەك، جەزىرىمۇ، شاماللارمۇ، قۇياش ۋە ئادەمزاتمۇ ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلمايدىكەن، بۇنىڭغا ھەممىنى ياراتقان ئىگەم سەۋەبكار ۋە ئۇ مۆجىزىلەر كۆرسىتىشكە قادىر. دېڭىزنى جەزىرىگە، ئادەمنى شامالغا ئايلاندۇرىدىغانمۇ ئۇنىڭ ئۆزى، ئالەمنى ئىلاھى بىر مەقسەت يولىدا يوقلۇقتىن بار قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئاشۇ ئالتە كۈن تامان يېتەكلەپ مېڭىشىنىڭ سەۋەبىمۇ بىر ئۇنىڭ ئۆزىگە ئايان.
سانتىياگو ئالەم روھىغا سىڭىپ كەتتى ۋە شۇنى بىلدىكى، ئالەم روھى ئاللا روھىنىڭ پارچىسى ئىكەن، تەڭرى روھى بولسا − ئۆز روھى ئىكەن، دېمەك بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى مۆجىزە يارىتىشقا تامامەن قادىر دېگەنلىكتۇر!
ئاشۇ كۈنى سەمۇم شامىلى ھەرقانداق ۋاقىتتىنمۇ دەھشەتلىكرەك بورانغا ئايلاندى، ئاۋۋال شامالغا، ئاندىن بورانغا ئۆزگىرىپ، جەزىرىنىڭ قۇدرەتلىك لەشكەر باشلىرىنى تېز پۈكتۈرگەن ۋە قارارگاھىنى كۇمپەيكۇم قىلغان يىگىت ھەققىدىكى بۇ ھېكايىلەر ئەپسانە بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقالدى.
سەمۇم بورىنى قارا قاناتلىرىنى يىغىپ ئاستا - ئاستا يەرگە قونغان قۇش كەبى چۆلگە باش قويدى، ئادەملەرنىڭ قورقۇنچتىن گويا چانىقىدا قېتىپ قالغان نىگاھى سانتىياگونى ئىزلەيتتى، لېكىن ئۇ ئەسلىدىكى جايىدىن غايىب بولغانىدى، ئۇ قارارگاھىنىڭ باشقا بىر تەرىپىدە بەدىنىنىڭ يېرىمىغىچە قۇمغا كۆمۈلۈپ ياتقان قاراۋۇلنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
سېھىرلىك قۇدرەت ھەممىنىڭ يۈرىكىگە ئۇنتۇلماس قورقۇنچ سالدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئىككى كىشى تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى، بۇلارنىڭ بىرى ئۆز شاگىرتىدىن پەخىرلەنگەن ئەلكىمياگەر، ئىككىنچىسى قەبىلە باشلىقى ئىدى. ئۇلار يىگىتنىڭ تەڭرىنىڭ قۇدرىتىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. سەردار ئەتىسى سانتىياگو بىلەن ئەلكىمياگەرنى تۆت ئەتراپىڭىز قىبلە بولسۇن دەپ قويۇپ بەردى، ھەتتا يىراقلارغىچە ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن جەڭچىلىرىدىن بىرنى قوشۇپ يولغا سالدى.
ئۇلار كۈن بويى يول يۈردى، يۈرگەندىمۇ مول يۈردى. شامغا يېقىن ئەلكىمياگەر، ئۇزىتىپ كەلگەن جەڭچىنى رەھمەت ئېيتىپ قايتۇردى ۋە ئاتتىن چۈشۈپ سانتىياگوغا:
− بۇنىڭ ئۇ يېقىغا سەپەرنى بىر ئۆزۈڭ داۋاملاشتۇرىسەن، − دېدى.
− ئومۇمىي ئىنسانىي تىلنى ئۆگەتكىنىڭ ئۈچۈن سەندىن رازىمەن، − جاۋاب بەردى يىگىت.
− ئالاھىدە ئىش قىلغىنىم يوق، سەن بىلىدىغان نەرسىنى شۇنچىكى ئېسىڭگە سالدىم شۇ!
ئەلكىمياگەر كاپتىلار ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقىلداتتى، قارا رىدە كىيگەن روھانىي چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئۇلار كاپت تىلىدا بىر نېمىلەر دەپ سۆزلەشتى، كېيىن ئەلكىمياگەر سانتىياگوغا ئىچكىرى كىرىشكە ئىشارە قىلدى ۋە:
− ئۇنىڭغا سېنى ياردەمچىم دەپ تونۇشتۇردۇم، − دېدى.
ئەلكىمياگەر ئىبادەتخانا ئاشخانىسىدىكى ئوچاققا ئوت ياقتى ۋە روھانىي ئېلىپ كەلگەن قوغۇشۇننى تۆمۈر پەتنۇسقا ئېلىپ ئوچاققا قويدى. قوغۇشۇن ئېرىگەندىن كېيىن يانچۇقىدىن سارغۇچ ئەينەك تۇخۇمنى ئېلىپ، مېغىزدەك سۇندۇردى - دە، موم سۈرتۈپ، ئېرىگەن قوغۇشۇننىڭ ئۈستىگە تاشلىدى.
سۇيۇقلۇق قىپقىزىل قان رەڭگىگە كىردى، ئەلكىمياگەر پەتنۇسنى ئوچاقتىن ئېلىپ سوۋۇشقا قويدى - دە، روھانىي بىلەن جەزىرىدىكى جەڭلەر ھەققىدە پاراڭغا چۈشتى.
− ئۇرۇش ئۇزاققا سوزۇلمىغىيدى دەپ قورقىمەن، − دېدى روھانىي ئېغىر ئۇھ تارتىپ، ئۇنىڭ ئوتلۇق تىنىقلىرىغا چوڭقۇر دەرت يوشۇرۇنغانىدى.
− ئۇرۇشنىڭ دەستىدىن كارۋاندىكىلەرنىڭ كۈن ئالمىقى تەسلىشىپ كەتتى، لېكىن شۇنداق دەيمىزۇ بۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمى بولسا كېرەك، − روھانىي يەنە ئىتائەتكارلىق بىلەن گېپىنى ئاياغلاشتۇردى.
− شۇنداق، − دەپ تەستىقلىدى ئەلكىمياگەر.
سوۋۇغان پەتنۇسقا قاراپ سانتىياگو بىلەن روھانىي ئەجەبلىنىش نەزىرىدە بىر - بىرىگە قاراشتى، چۈنكى پەتنۇسنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۈگىلەك بولۇپ قېتىپ قالغان قوغۇشۇن ئالتۇنغا ئايلانغانىدى.
− بۇ تېخنىكىنى مەن زادى قاچان ئۆگىنىمەن؟ − سورىدى يىگىت.
− بۇ ماڭىلا خاس بولغان ھۈنەر، سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. پەقەت بۇنىڭ مۇمكىنلىكىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويماقچى بولدۇم، خالاس.
ئۇلار يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكى يېنىغا كېلىشتى، ئەلكىمياگەر ھېلىقى ئالتۇننى تۆت بۆلەككە بۆلدى.
− يولۇچىلارنى داۋاملىق خۇرسەنچىلىك بىلەن كۈتۈۋېلىشىڭ ئۈچۈن، − دەپ بىر پارچىسىنى روھانىيغا ئۇزاتتى.
− مەن بۇنچە كاتتا ئىلتىپاتقا مۇناسىپ ئىش قىلمىدىم، − دېدى روھانىي كەمتەرلىك بىلەن.
− ئىككىنچى بۇنداق دېگۈچى بولما، ئېھتىمال گەپلىرىڭنى ھايات ئاڭلاپ قېلىشى ۋە كېيىنكى قېتىمدا كەمرەك بېرىشى مۇمكىن، كېيىن ئەلكىمياگەر سانتىياگوغا بۇرۇلۇپ:
− بۇ ساڭا قەبىلە باشلىقى ئېلىۋالغان پۇللىرىڭنىڭ ئورنىغا، − دېدى.
يىگىتمۇ «ياق، بۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتتى» دېمەكچى بولدى - يۇ، لېكىن ئېغىز ئاچالمىدى.
− بۇ ئۆزۈمگە، − دېدى ئالتۇنچى، − ئۆيگە قايتىشىم كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۆلدە ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش