مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim2

پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى(دۇنياۋىي ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 11:16:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە بولۇپتۇ داۋامىغا تەشنامىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113751
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2015-1-29
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 11:52:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قۇيۇپ  ئۇقۇغۇدەككەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار  قاندا ئەۋالىنىڭلار  مەن  قايتىپ كەلدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:44:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچەن كۈن ئۆتتى، تېخىچە يوق. داۋامىغا قاراپ قالدۇق. بىر پۈتۈن كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ سۇنماق بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاسان بولمىسىمۇ، لېكىن داۋامىنى تېزرەك ئوقىساقكەن دەيمىزدە!

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110132
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-9-23
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 04:00:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر بەكلا ياخشىدەك قىلىدۇ. داۋامىنى تىزراق كورسەك بولاتتى.
ۋاي توۋۋا كۈلگۈمنى كەلتۇرۇپ (ئەلكىمىيا ) نى مەن تېخ قەدىمكى مىسىرلانى تەتقىق قىلىدىغان نەرسە ئوخشايدۇ دەپ تىمەن.  ئەسلى ئالتۇن تاۋلاش ماھارىتى كەندە .

سېھرىگەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79928
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3571
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-5-9
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈن بولدى ئاخىرى چىقمايدىيا

Every Contingency

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105031
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 04:32:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئەسەركەن،  داۋامى   چىقتىمىكىن دەپ كۇندە نەچچە رەت  مۇنبەرگە كىرىپ چىقىمەن .        

قۇلىڭىزغا   دەرىت بەرمىسۇن .

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
− سېنى ھەر كۈنى بۇ يەردە كۈتىمەن، خەزىنە تېپىش ئۈچۈن سەھرايى كەبىردىن ئاشتىم، ئۇ ئېھتىمال ئېھراملار يېنىدىكى پىنھان يەرلەردە بولۇشى مۇمكىن، دەسلەپتە يولىمىزنى توسۇپ قويغان بۇ ئۇرۇشقا لەنەتلەر ياغدۇرغانىدىم، ئەمدى بولسا ھەمدۇ سانالار ئوقۇۋاتىمەن، چۈنكى ئۇرۇش ئىككىمىزنى ئۇچراشتۇردى.
− ئۇرۇش كۈندە ئەمەس، كۈنىدە ئاخىرلىشىدۇ، − دېدى قىز.
سانتىياگو خورما دەرەخلىرىگە تىكىلىپ پادىچىلىق پەيتلىرىنى ئەسلىدى، ئۇ يەردە توپ - توپ قوي پادىلىرى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلەتتى، بىراق ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن پاتىمە ھەر قانداق خەزىنە - بايلىقتىن ئەۋزەل ۋە ئەزىز ئىدى، قىز گويا ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى بىلىۋالغاندەك سۆزلەيتتى:
− جەڭچىلىرىمىز خەزىنىنى ئىزدىشىدۇ، بىز چۆل ئاياللىرى ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىمىز.
كېيىن قىز كوزىسىغا سۇ ئېلىپ، مۈرىسىدە كۆتۈرگىنىچە ئۆيىگە قايتتى، سانتىياگو ئۇنىڭ قارىسى ھاۋادا نۇقتىغا ئايلانغۇچە قاراپ تۇردى. ئارىدىن كۈنلەرنىڭ شامالدەك يورغىلىشىپ ئۆتۈۋەردى، يىگىت ھەر كۈنى قۇدۇق بېشىغا كېلىپ، پاتىمە قىزغا پادىچىلىق ھاياتىنى، مەلىكىسىدىق بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقىنى ۋە فارفورچى سودىگەرنىڭ دۇكىنىدا ئۆتكەن كۈنلەرنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى.
شۇنداق قىلىپ سانتىياگو بىلەن پاتىمە ئاستا - ئاستا يېقىنلىشىپ، دوستلىشىپ قالدى، قىزنى كۆرۈپ سۆھبەتلىشىدىغان ئىنتايىن قىسقا دەملەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ۋاقىت بەكمۇ سۆرەلمە، گويا سانتىياگو بىلەن ئالاقىسى يوقتەك بىلىنەتتى. تەخمىنەن بىر ئاي بولغاندا ساربان يولۇچىلارنى يىغىپ ئېيتتى:
− ئۇرۇشنىڭ قاچان تۈگىشى نامەلۇم، شۇنداق ئىكەن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىزمىز، دۈشمەن قەبىلىلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە مەردۇ مەيدان، پالۋان جەڭچىلەر بىسيار، ئۇلارنىڭ ئار - نومۇسى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇرۇشتىن قېچىشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زالىملار بىلەن مەزلۇملار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئەمەس، ھۆكۈمرانلىق تالىشىپ بولۇۋاتقان جاڭجال، بۇنداق جەڭلەر ھەمىشە ئۇزاق داۋاملاشقان، چۈنكى تەڭرى ھەر ئىككى تەرەپكە مەدەتكار - دە!
ئادەملەر تارقاشتى، سانتىياگو پاتىمە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا سارباننىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.
−ـ ئۇچراشقىنىمىزنىڭ ئەتىسىلا، − ئېغىز ئاچتى قىز، − ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلدىڭ، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ ۋە گۈزەل نەرسىلەر − ئومۇمىي ئىنسانىي تىل، ئالەم روھى ۋە مېنىڭ سېنىڭ بىر قىسمىڭغا ئايلىنىپ قالغانلىقىم قاتارلىقلار ھەققىدە…
سانتىياگو قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغانسېرى مەست بولۇپ كېتىۋاتاتتى، پاتىمەنىڭ سەلگىنە كۈلۈپ سۆزلىگەندىكى قوڭغۇراقتەك ئاۋازى ئۇنىڭغا ئەركە ۋە پاكىز جەزىرە شامىلىنىڭ خورما يوپۇرماقلىرىنى يەڭگىل سىلاپ ئۆتكەندىكى مەيىن شىۋىرلاشلىرىغا ئوخشاش مۇلايىم ۋە قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەس بولۇپ ئاڭلانماقتا ئىدى.
قىزنىڭ بۇلاق سۈيىدەك تەبەسسۇم ئارىلاش بۇلۇق - بۇلۇق ئاۋازى يەنە جاراڭلىدى:
− سېنى بۇ قۇدۇق يېنىدا ئۇزاق يىللارغىچە كۈتىمەن، مەن ئۆتمۈشۈمنى ئۇنۇتتۇم، قىز بالىنىڭ ئۆزىنى قانداق تۇتۇشى لازىملىقى ھەققىدىكى قەبىلىمىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەستىن چىقاردىم، بالىلىق چاغلىرىمدىن بۇ سامانىۋى جەزىرىنىڭ مېنى بىر مۆجىزىۋى سوۋغا بىلەن تارتۇقلىشىنى ۋە بۇ تۆھپىنىڭ جاھاندا ئوخشىشى بولماسلىقىنى تىلەيتتىم، مانا ھازىر ئۇنىڭغا ئېرىشتىم، بۇ − سەنسەن!
سانتىياگونىڭ يىغلىغۇسى، قىزنىڭ توزغاقتەك يۇمران قوللىرىنى سىيلىغۇسى كەلدى، بىراق پاتىمەنىڭ قوللىرى كوزىغا مەھكەم يېپىشقانىدى.
پاتىمە يەڭگىل بىر تىندى، ئاۋازى سەل تىتىرەپ چىققاندەك بولدى:
− سەن ماڭا چۈشلىرىڭ ھەققىدە، قېرى پادىشاھ مەلىكىسىدىق توغرىسىدا ۋە ھەرخىل بېشارەتلەر ئۈستىدە سۆزلەپ بەردىڭ، ئەمدى ھېچنەرسىدىن قورقمايمەن، چۈنكى ئەنە شۇلار ئارقىلىق خۇدا سېنى ماڭا يەتكۈزدى، مەن بولسام ئارزۇلىرىڭ ۋە تەقدىرىڭنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندىم. شۇ سەۋەبلىك سېنىڭ سەپەردىن قالماسلىقىڭنى ۋە ئىزلىگەن نەرسەڭنىڭ ئارقىسىدىن داۋاملىق بېرىشىڭنى خالايمەن، ئۇرۇشنىڭ توختىشىنى كۈتۈش بىھاجەت! بالدۇرراق يولۇڭغا ئاتلان، بەختىڭنى تەقدىر - پېشانەڭدىن ئىزلە! شامال قۇم بارخانلىرىنىڭ شەكلىنى مىڭ خىل ئۆزگەرتىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ جەزىرىلەر چۆل پېتى قېلىۋېرىدۇ، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز بولسا ئەتراپىمىزدىكى باياۋاندەك مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
مەكتۇپ
− تەقدىرىڭنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىم ھەقىقەت بولسا، قاچانلاردىدۇر بىر كۈنى يېنىمغا قايتىپ كېلەرسەن!
شۇ كۈنىدىكى ئۇچرىشىش سانتىياگونى قاتتىق ئىزتىراپقا سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تونۇش پادىچىلارنىڭ يىراق يايلاقلارغا كېتىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىگە خوتۇنلىرىنى ئىشەندۈرۈشنىڭ قىيىنلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئەسلىدى، مۇھەببەتنىڭمۇ ئۆز تەلىپى بار، چۈنكى گۈل قايدا، كېپىنەك شۇندا بولمىقى كېرەك - دە!
ئىككىنچى كۈنى ئۇ پاتىمەگە ئويلىغانلىرىنى چۈشەندۈردى.
قىزنىڭ يېشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ چۆل ھاياتى ھەققىدە پەيلاسوپ ئىدى.
− جەزىرە ئەركەكلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ھەممە ۋاقىت قايتۇرۇپ بېرىۋەرمەيدۇ، − پاتىمە تەڭرى ۋە تەبىئەتكە مۇراجىئەت قىلىۋاتقاندەك ئاھاڭدا سۆزلىدى، − بىز بۇنى بىلىمىز ۋە بۇنداق ھاياتقا كۆنۈككەنمىز، گەرچە قايتىپ كەلمىسىمۇ ئۇلار ھامان بىز بىلەن. ئۇلار گويا يامغۇرغا ئايلانمايدىغان بۇلۇت، تاش يوچۇقلىرىدا پاناھلىنىۋاتقان جانىۋار، چۆل ئانا ئۆز كۆكسىدىن بىزگە ھەدىيە قىلغان ئابىھايات! ئۇلار تەبىئەتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان، ئالەم رھىغا قوشۇلۇپ كەتكەن، ئاللا بەزى ئەركەكلەرگە قايتىپ كېلىش تەقدىرىنى نېسىپ قىلغان، شۇندا بارچە ئاياللارغا بايرام بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەنە قاچاندۇر بىر كۈنى باشقا ئەركەكلەرمۇ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ ئىشىنىدۇ. ئىلگىرى بۇ ئاياللارغا ھەسەت قىلاتتىم، ئەمدى مېنىڭمۇ كۈتىدىغىنىم بار بولدى، مەن چۆل قىزىمەن ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. شۇڭا ئېرىمنىڭمۇ بارانلارنى كۆچۈرۈپ يۈرگۈچى شاماللاردەك ئەركىن كېزىشنى خالايمەن، ئۇنى بۇلۇتلارنىڭ قاتلىرىدىن، جانىۋارلارنىڭ ھەرىكىتىدىن، سۇلارنىڭ دولقۇنلىرىدىن ۋە كۆركەم تاڭلاردىن ئىزلىگەيمەن…
سانتىياگو ئىنگلىزنى ئىزلەپ كەتتى، ئۇ پاتىمەنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەرمەكچى ئىدى، ئەمما چېدىرنىڭ يېنىغا ئوچاق قۇرۇپ، ئۈستىگە شىشە ئىدىشلەرنى ئېسىۋالغان ئىنگلىزنى كۆرۈپ ھەيران بولدى. شۇ تاپتىكى ئۇنىڭ كۆزلىرى گويا كۆكۈش يالقۇندەك نۇرلۇق ئىدىكى، كىتابقا دۈم چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭدا بۇنداق ھالەت ئەسلا كۆرۈلمەيتتى.
− ئىشىمنى باشلىۋالدىم، بۇ بىرىنچى باسقۇچ سانتىياگو، − دېدى ئىنگلىز ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، − ئاۋۋال تازىلانمىغان ئالتۇندىن گۈڭگۈرتنى ئاجرىتىش كېرەك، بۇنىڭدا مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىق ھەممىدىن مۇھىم! بۇرۇن ئىرادىسىزلىكىم سەۋەبىدىن ئىجادقا كىرىشەلمىگەنمەن. ئون يىلىم كۈتۈش بىلەن ئۆتتى، كېچىكىپ بولسىمۇ ئەقلىمنى تېپىۋالغىنىمنىڭ ئۆزى بەخت، پۇرسەت!
ئىنگلىز ئوچاققا تېز - تېز شاخ - شۇمبا سالغاچ چۆلگە نەزەر تاشلايتتى، سانتىياگو قۇياش بارغانچە قان رەڭگە كىرىپ، شەپەقنىڭ ئاخىرقى يالقۇنلىرى قۇم بېتىگە نېپىز ئالتۇن سۈيى سەپكەنگە قەدەر ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، شۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭغا «سەپەرگە ئاتلىنىش كېرەك» دېگەن بىر ئوتلۇق ئارزۇ زادىلا ئارام بەرمەيتتى، كىم بىلىدۇ، سانتىياگونىڭ قەلبىنى ئۆرتەۋاتقان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى باياۋان جىمجىتلىقى ئۆز باغرىغا يوشۇرۇپ ياتقاندۇر؟!

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سانتىياگو گويا بېشى ئاغقان تەرەپكە كېتىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن خورمىزارلىقنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن داۋاملىق ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارايتتى، ئۇ شامالنىڭ ئاۋازىغا دىققەت بىلەن زەڭ سېلىپ، ئايىغىدا سۇدەك ئېقىۋاتقان قۇملۇقنىڭ تېگىدە تاشلىق قاتلامنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدى. بەزىدە سازاڭ قۇرتلارنى ئۇچرىتىپ قالاتتى، دېمەك بۇ ئالامەتلەر قەدىم - قەدىم زامانلاردا مەزكۇر جەزىرىنىڭ ئورنىدا كۆپكۆك دېڭىزلار بولغىنىدىن بېشارەت ئىدى. كېيىن ئۇ بىر تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ چەكسىز ئاسمان سەتھىگە نەزەر تاشلىغاندا، ئۆزىگە ئۆزى قېتىپ قالغاندەك تۇيۇلدى، پادىچى مەشۇقى بىلەن مەڭگۈ ھىجران دەشتىدە قالىدىغان ۋە ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتەلمەيدىغان مۇھەببەتنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمايتتى، ئۇ «بۇلارنى چۆل ئۆگىتەر، پاتىمەمۇ بۇ ھەقتە ئېيتقانغۇ» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەردى.
يىگىت ئويلىغانسېرى خىيالى چىگىلىشىپ، بىر جايدا ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ قالدى، ناگىھان چاچلىرى توزۇپ، يىراق - يىراقتىن سوقۇۋاتقان يەڭگىل شامالنى ھېس قىلدى. ئاسماننىڭ قەرىدە بىر جۈپ قارچۇغا پەرۋاز قىلىۋاتاتتى.
قارچۇغىلار كۈچلۈك قاناتلىرى بىلەن ھاۋادا ئىز قالدۇرۇپ ۋە نەقىشلەر ئويۇپ تۇخۇمدەك كۆكرەكلىرى ئارقىلىق چەكسىز چۆلنىڭ ئاسمىنىنى يېرىپ ئۇچۇۋاتاتتى، سانتىياگو بۇ مەنزىرىنى ئۇزاق تاماشا قىلدى، ئۇنىڭچە بولغاندا، قۇشلار ئۆز ھالىچە ۋە مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈرەتتى، ئازدىن كېيىن سانتىياگوغا قۇشلار پەرۋازىنىڭ مەنىسى باردەك بىلىندى، ئەمما نېمە ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قارغۇچىلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى ئىنچىكە كۆزەتمەكچى بولدى، ئۇ بۇ ئارقىلىق قۇش تىلىنى بىلىۋالسا، ئېھتىمال چۆل ئۇنىڭغا ھىجرانلىق مۇھەببەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويار.
كۈتەلمىگەندە سانتىياگونى ئۇيقۇ پەرىشتىسى قۇچاقلىرىدا ئەللەيلەشكە باشلىدى، ئەمما بۇنىڭغا ئۇنىڭ يۈرىكى كۆنمەي گويا «ئومۇمىي ئىنسانىي تىلنى ئىگىلىشىڭگە ئاز قالدى، بۇ يەرلەردە ھەممە شەيئىنىڭ ھەتتا قۇرغۇتلارنىڭ ئۇچۇشىنىڭمۇ مەزمۇنى بار» دەپ سوقۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى.
چۆلچى بالا تۇرۇپلا «بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل ۋە ھېكمەتلەرگە باي كۆرۈنىدىكەن» دەپ ئويلاپ قالدى ۋە قەلبىنى لىپمۇلىق سۆيگۈ ھېسلىرىغا تولدۇرغان تەقدىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
شۇ پەيت قارغۇچىلاردىن بىرى يىراقتىن ئۇچۇپ كېلىپ، يەنە بىرسىنى چۇقىلىغاندەك قىلدى ۋە بۇ ئەھۋال ياش تەۋەككۈلچىنى قىلىچ كۆتۈرگەن مىڭلىغان سەربازلار خورمىزارلىققا باستۇرۇپ كىرىۋاتقاندەك تەسىراتقا كەلتۈردى. بۇ مەنزىرە بالىنىڭ مېڭىسىدە چاقماقتەك پەيدا بولدى - يۇ، يەنە شۇئان ھاياجان ۋە تەشۋىش قالدۇرۇپ غايىب بولدى. سانتىياگو ھەرخىل سەرراپلار توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىغان، ئۆزىمۇ ئادەمزاتسىز چۆلدە ئادەم خىيال قىلغان نەرسىنىڭ كۆزىگە راست بولۇپ كۆرۈنىدىغانلىقىنى تالاي قېتىم ئۇچراتقان، ئەمما مەيلى قانداق بولسا بولسۇن، ئ.ۇ خورمىزارلىققا دۈشمەننىڭ كىرىشىنى خالىمايتتى، ئۇ شۇلار خىيالىغا كەلگەندە كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ئالقانلىرى بىلەن ئېتىۋالدى.
سانتىياگونىڭ بارلىق ئەسەبىي خىياللارنى مېڭىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، تاشلار ۋە قۇمدا دانىچىلىرىدە جىلۋىلىنىۋاتقان كەچكى شەپەقنى تاماشا قىلغۇسى كەلدى، لېكىن ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر خىيالىنى يىغالمايۋاتاتتى ۋە كۆكتىكى قارچۇغا قاناتلىرىنىڭ يەلپۈنۈشى ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئازاب تاشلىرىنى ياغدۇرۇۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.
شاھ مەلىكىسىدىقنىڭ «دائىم ئالامەتلەر ئىشارىسىگە ئەمەل قىل» دېگەن گېپىنى ئەسلىدى ئۇ.
سانتىياگونىڭ خىيالى پاتىمەدە ئىدى، ئۇ ھازىر كۆرگەن ۋە ئويلىغانلىرىنى قايتا ئەسلەپ، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئىشلارنى پەملىدى.
ئۇزاق يالغۇزلۇق ۋە جىمجىتلىقتىن كېيىن بىر ئاماللاپ پىكرىنى يىغىپ ئۆزىگە كەلدى، ئورنىدىن تۇردى - دە، ئارقىسىغا − خورمىزارلىققا قاراپ ئىلدام يول ئالدى، ئالەمنىڭ نۇرغۇن تىللاردا گەپ قىلالايدىغانلىقى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئايان بولدى، ئەمدى بولسا جەىزىرىدىن ئەمەس، خورمىزارلىقتىن خەۋپ - خەتەرنىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى.
تۆگىچى مەغرىپ تەرەپكە قارىغان پېتى خورما دەرىخىگە بۆلۈنۈپ ئولتۇراتتى، ھايال ئۆتمەي بارخانلار ئارقىسىدىن سانتىياگونىڭ چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
− كۆزۈمگە بۇ يەرگە ئۇرۇشقاق كەلگەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى، − دېدى يىگىت يېقىن كېلىپ.
− جەزىرە ئەركەكلەرنىڭ يۈرىكىگە كۆپ نەرسىلەرنى ئايان قىلىدۇ، − جاۋاب بەردى تۆگىچى.
يىگىت ئۇنىڭغا قارچۇغىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرۋازىنى قانداق كۆزەتكەنلىكى، تەرەپبال قانداق قىلىپ ئالەم روھىغا ئۇيغۇنلىشىپ ۋە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
تۆگىچى سانتىياگونىڭ نېمىلەر ئۈستىدە سۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ تۇرسىمۇ ئەجەبلەنمىدى، چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇداتنىڭ زېمىنىنىڭ ئىپتىداسىدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، ئۇنىڭچە مەيلى كىتابنىڭ خالىغان سەھىپىسىنى ئاچ، ئىنساننىڭ ئىككى قولىغا نەزەر سال، قەرتنى شىلاپ ئارىسىدىن خالىغىنىڭنى تارت ۋە ياكى قارچۇغىلار پەرۋازىنى كۆزەت، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ھاياتىڭ بىلەن باغلىنىشلىقىنى بىلىسەن، شۇ چاغدا كۆز ئالدىڭدا ئادەملەرنىڭ شەيئىلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئالەم روھىغا قوشۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن ئۇلاردىن ئەندىزە ئالغانلىقى ھېكمەت تەرىقىسىدە نامايان بولىدۇ.
چۆلدە ئالەم روھىغا كىرەلەيدىغان ئادەملەر كۆپ، ئۇلار شۇ قابىلىيىتى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئادەتتە ياشانغانلار ۋە ئاياللار بۇنداق كارامەتلەردىن قورقۇشىدۇ، ئەمما جەڭچىلەر بۇلارغا ئىرەن قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار جەڭگە ئۆلۈمنى قوغلىشىپ كېتىۋاتقانلار، يەنە كېلىپ ئاشۇ ئوغلانلار ئۇرۇشتا تۆھپە يارىتىشتىن ئىبارەت نائېنىقلىق ۋە تەۋەككۈلچىلىكنى ئالىي غايە قىلغان. كېلەچەكتىن تا قىيامەتكىچە بولىدىغان ۋەقەلەر خۇداۋەندە كېرىمنىڭ ئەمرى بىلەن پۈتۈپ قويۇلغان ۋە قادىرى يەكتا ئەزەل كىتابىغا نېمىكى پۈتكەن بولسا، ھەممىسىنى ئادەمزاتنىڭ بەختى ئۈچۈن، دەپ يازغان.
جەڭچىلەر پەقەت بۈگۈنكى كۈن ئۈچۈن ياشايدۇ، ھەربىر كۈن تاسادىپىيلىقلار بىلەن تولغان، شۇڭا ئۇلار يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان بارلىق بالا - قازالارغا قارىتا قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ تۇرۇشى، يەنى يېغى شەمشىرىنىڭ كۆكسىگە قايسى تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىدىغانلىقى، ئېتىنىڭ تېزلىكى ۋە قانداق زەربە بىلەن ھاياتنى قوغداشنى بىلمىكى لازىم. لېكىن تۆگىچى جەڭچى ئەمەس - تە، شۇڭا كارامەتلەرگە كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلغان، بەزىلىرى سورىغىنىغا توغرا جاۋاب بەرگەن بولسا، بەزىلىرى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، بىر قېتىم كارامەتگۇيلارنىڭ ئەڭ قېرىسى ئۇنىڭدىن «كېلەچەكنى بىلىشنىڭ ساڭا نېمە كېرىكى بار؟» دەپ سورىغان. تۆگىچى:
− كېلەچەكتە نېمە قىلىشىمنى بىلىۋېلىشىم لازىم، مەن يۈز بېرىشنى خالىمايدىغان ئىشلار بار، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۆنىلىشىمنى توغرىلىۋالسام دەيمەن، − دېگەن.
− ئۇنداقتا بۇ سېنىڭ كەلگۈسۈڭگە ئوخشىماي قالىدۇ، − دەپ جاۋاب بەرگەن كارامەتگۇي.
− ھېچبولمىسا، يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا ئازراق تەييارلىق قىلىۋالاي.
− ئەگەر ياخشىلىق بولسا بۇ كۈتۈلمىگەن سوۋغا بولسۇن، ياانلىق بولسا ئالدىدىن ھېس قىلىسەن.
− مەن بەرىبىر بەندە، شۇڭا كەلگۈسى تەقدىرىم ھەققىدە ئازراق بېشارەت بەرگەن بولساڭ.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:12:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
− ئادەملەرنىڭ تەقدىرى كېلەچىكىگە باغلىق!
سۆھبەت ئارىلىقىدا كارامەتگۇي ئۇزاق سۈكۈت قىلدى، ئۇ ياغاچ ئۇۋىقى ياكى قۇرۇق چۆپلەر بىلەن پال ئاچاتتى، بۇلارنى ئېگىز ئېتىپ قانداق چۈشكەنلىكىگە قاراپ ئادەملەرنىڭ تەقدىرىدىن بېشارەت قىلاتتى. شۇ كۈنى نېمىشقىكىن پال ئاچماسلىقنى ئويلاپ قالدى ۋە ياغاچلارنى رومالغا ئوراپ، يانچۇقىغا سالدى.
− شۇنداق، مەن ئادەملەرگە كېلەچەكتە نېمە كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن ۋە شۇنىڭغا تايىنىپ نان تېپىپ يەيمەن، − دېدى پالچى يەنە سۆز باشلاپ، − ئاجايىپ بىر غايىبانە بوشلۇق باركى، ئۇ يەردە بەندىلەرنىڭ تەقدىر پۈتۈكى يېزىلغان، ئاشۇ بوشلۇققا كىرىش ئۈچۈن ياغاچلارنى قانداق تاشلاشنى بىلىمەن، ئۇ يەرگە كىرىپ ئۆتمۈش خاتىرىلەرنى ئوقۇيمەن، پۈتۈك ئەينىكىدە ئۇچۇپ كەتكەن ۋەقەلەرنى نامايان قىلىمەن ۋە شۇلارغا قاراپ بۈگۈنكى كۈننىڭ ئالامەتلىرىنى توقۇپ چىقىرىمەن.
راست گەپنى قىلسام كېلەچەكنى بىلمەيمەن، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش، ئۇ ئۆزى خالىغان پەيتتە پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردىلا سىر پەردىسىنى كۆتۈرۈشى مۇمكىن، مەن بولسام ئۇنىڭغا بۈگۈنكى كۈننىڭ ئالامەتلىرى ئارقىلىق ئېرىشىمەن. بىلىشىڭ كېرەككى، ھەممە سىرۇ ئەسرارلار بۈگۈننىڭ باغرىغا كۆمۈلگەن، شۇڭا ئۇنىڭغا پۈتۈن ئەس - يادىڭ بىلەن بېرىلسەڭ ھازىرىڭنى گۈزەللىككە پۈركەيسەن. دېمەك، بۇ كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن ھازىرقى ئەھۋالىڭنى ياخشىلا، ئەتىنىڭ غەم - قايغۇسى بىلەن ئەمەس، بەلكى بۈگۈننىڭ ئوت - پىراقىدا ئۆرتەن. ھەربىر كۈننىڭ تەقدىر دەپتىرىڭگە قانداق پۈتۈلگەن بولسا شۇنداق ئۆتسۇن دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭغا ئىمانىڭ كامىل بولسۇنكى، پەرۋەردىگار ئۆز بەندىلىرىگە چەكسىز مېھرىبان، ھەر كۈن ئەبەدىيلىكنىڭ بىر بالدىقى ۋە بىر قەدەم يېقىنىدۇر.
تەڭرى خالىغاندا كېلەچەكنىڭ سىر پەردىسىنى كۆتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن، تۆگىچى ئاشۇ پەۋقۇلئاددە ئەھۋالىنى بىلگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى:
− بۇ تولىمۇ سىرلىق ۋە خاسىيەتلىك جەريان بولۇپ، خۇدا كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قەرەلسىز ئايان قىلىپ تۇرىدۇ، پەقەت تەقدىرگە پۈتۈلگەننى ئۆزگەرتىشكە كۈچلۈك سەۋەب بولسا، بۇ خىل ئالامەت گەۋدىلىك نامايان بولۇشى مۇمكىن.
«ئى پەرۋەردىگار، بۇ يىگىتكە كەلگۈسىدىن بېشارەت بەر، ئەمدى ئۇ ئاللانىڭ قورالىغا ئايلاندى» دەپ خىيال قىلدى تۆگىچى ۋە سانتىياگوغا:
− قەبىلە باشلىقىنىڭ يېنىغا بېرىپ دۈشمەننىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر بەر، − دېدى.
− ئۇلار مېنى مەسخىرە قىلىشلىرى مۇمكىن.
− ئۇنداق دېمە، چۆل كىشىلىرىدە ئالامەتلەرگە سەل قاراش ئادىتى يوق.
− ئۇنداقتا ئۆزلىرىگىمۇ ئالامەتلەر داۋاملىق ئايان بولسا كېرەك؟
− ئۇلار بۇ ھەقتە ئويلاشنى زۆرۈر دەپ قارىمايدۇ، ئەمما تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بىرەر ئىشتىن بېشارەت ئالماقچى بولسا، كىملەرنىڭدۇر سەۋەبى ۋە خەۋەر ئېلىپ كېلىشىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ. ئۆتمۈشتە بۇنداق ئەھۋال كۆپ تەكرارلانغان، ئەمدى مىزان بۇرچى سېنىڭ بېشىڭدا قارار تاپقان بولسا كېرەك.
سانتىياگونىڭ خىيالى پاتىمەدە ئىدى، شۇڭا دەرھال قەبىلە باشلىقىنىڭ قېشىغا بېرىشقا تايىن تاپتى.
− مېنى قەبىلە باشلىقىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىڭلار، جەزىرىدە ئالامەتلەر كۆرۈلدى، − دېدى سانتىياگو بەھەيۋەت چېدىرنىڭ ئىشىكىدە تۇرغان قاراۋۇلغا مۇراجىئەت قىلىپ.
سەرباز ئۈندىمەي ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى ۋە خېلىغىچە چىقمىدى، كېيىن ئۈستىگە زەرھال جىيەك تۇتۇلغان ئاق يەكتەك كىيگەن بىر ياش ئەرەب بىلەن چىقىپ كەلدى. سانتىياگو ئۇنىڭغا كۆزىگە كۆرۈنگەن نەرسىلەر ھەققىدە گەپ قىلماقچى بولۇۋېدى، ئۇ كۈتۈپ تۇرۇشنى تاپىلاپ يەنە كىرىپ كەتتى.
بارغانچە كەچ كىرىۋاتاتتى، ئەرەبلەر ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەر ئايىغى ئۈزۈلمەي چېدىرغا كىرىپ - چىقاتتى، ئەتراپقا يېقىلغان گۈلخانلارمۇ ئاستا - ئاستا ئۆچۈپ، خورمىزارلىقنى جەزىرە سۈكۈناتى ئىگىلەشكە باشلىدى. پۈتۈن ئۆتەڭدە پەقەت مۇشۇ چېدىرنىڭلا چىرىغى يېنىق ئىدى، پاتىمەنى ئويلىغانسېرى سانتىياگو شۇنچە تىت - تىت بولاتتى، يەنە كېلىپ يېقىندا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەتنىڭ ئەسلى مەزمۇنى قىزغا قاراڭغۇ ئىدى.
ئاخىرى سانتىياگونى چېدىرغا تەكلىپ قىلىشتى.
يىگىت چېدىر ئىچىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالدى.
سەھرانىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا بۇنداق ھەشەمەتچىلىكنىڭ بولۇشىنى ئۇ ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدى، شاھانە گىلەملەرگە ئاياغ پېتىپ تۇراتتى، تۆپىدىكى خۇشبۇي شاملار قادالغان قەندەللەرنىڭ ھەممىسى ساپ ئالتۇندىن ياسالغانىدى، قەبىلە باشلىقلىرى يېرىم دائىرە ھاسىل قىلىپ، زەرلىك يىپەك ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇشاتتى. خىزمەتكارلار كۈمۈش، لەئلى قاچىلاردا چاي ۋە باشقا شېرىن يېمەك - ئىچمەكلەرنى كەلتۈرۈش ۈچۈن ئىشارىگە تەق بولۇپ تۇرۇشاتتى، يەنە چىلىملارنىڭ گۈلخانىسىدا ئوتنىڭ ئۆچمەسلىكى ۋە چېدىر ئىچىدىكى ھاۋادا خۇشبۇي تاماكا ھىدىنىڭ پۇراپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىناتتى.
سانتىياگونىڭ قارشىسىدا سەككىز كىشى پۇت - قوللىرىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ ئولتۇراتتى، يىگىت ئاق يەكتىكىدىكى ئالتۇن جىيەكلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان ئوتتۇرىدىكى ئەرەبنى ئۇلارنىڭ سەردارى دەپ پەملىدى، ئۇنىڭ يېنىدا خېلىدىن بېرى چېدىرغا كىرىپ - چىقىپ يۈرگەن ھېلىقى تونۇش كىشىمۇ بار ئىدى.
− ئالامەتلەر ھەققىدە خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ياقا يۇرتلۇق كىم؟ − دەپ سورىدى قەبىلە باشلىقلىرىدىن بىرى.
− سانتىياگو مەن …− دېدى ۋە كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى.
− نېمىشقا بۇ جەزىرە ئەجداد - ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۆز باغرىدىن ئۈنۈپ چىققان ئۆسۈملۈك ياكى ئۆزىدىن يارالغان قۇمدەك ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، سىر - ئەسرارىنى يوچۇن كىشىگە ئېيتىشنى ماقۇل كۆردىكىن؟
− چۈنكى مېنىڭ كۆزلىرىم ھازىرچە چۆل مۇھىتىغا كۆنمىگەن، شۇڭا سىلەر ئىلغا قىلالمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈشى مۇمكىن، − دېدى سانتىياگو ۋە كۆڭلىدە «ئالەمنىڭ ورھى مەن ئۈچۈن ئوچۇق»، ئەمما بۇنداق سۆزلەرگە ئەرەبلەرنىڭ ئىشىنىشى ناتايىن، دەپ ئويلاپ تۇراتتى باشقا بىر سەرباز ئېغىز ئاچتى:
− چۆل بىتەرەپ ھۇدۇد، ئۇ ھېچكىمگە تەۋە ئەمەس، شۇڭا ماكانىمىزغا باستۇرۇپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالايدىغانلار يوق.
− مەن پەقەت كۆرگەنلىرىمنى ئېيتتىم، ئىشەنمىسەڭلار ھەممە ئىش كونىچە پېتى قېلىۋېرىدۇ.
چېدىر ئىچىدە بىر ئاش پىشىم زېرىكىشلىك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، كېيىن سەردارلار قىزغىن مۇلاھىزە باشلىدى، ئۇلار سانتىياگو چۈشەنمەيدىغان شېۋىدە سۆزلەشتى. يىگىت «دەيدىغانلىرىمنى ئېيتىپ بولدۇم، ئەمدى كېتەي» دەپ مېڭىۋېدى، قاراۋۇللار توسۇۋېلىشتى، ئۇنى ۋەھىمە باستى، ئىشقىلىپ ئالامەتلەر خەۋپتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى، ئۇ تۆگىچىگە دىل ئىزھار قىلغىنىدىن سەل ئەپسۇسلاندى.
شۇ پەيت ئوتتۇرىدىراق ئولتۇرغان ياشتا چوڭ سەردار سانتىياگوغا قاراپ بىلىنەر - بىلىنمەس تەبەسسۇم قىلىۋېدى يىگىت يەڭگىل تىن ئالدى، ئۇ ھازىرغىچە بولۇۋاتقان پاراڭ ئۈستىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن ۋە مۇلاھىزىگە قاتناشمىغان كىشى ئىدى. پادىچى ئاستا - ئاستا ياتلار يېقىنلىۋاتقاچقا چېدىرنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئالەم تىلىدىكى خەۋەر ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە كېلىپ توغرا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. چېدىر ئىچى تىنجىپ، ھەممىسى پېشقەدەم سەردارغا قۇلاق سالدى، سەردار سانتىياگوغا يۈزلەنگەندە ئۇنىڭ يۈز ۋە كۆزلىرىدىكى تەبەسسۇم تامامەن سوغۇق ۋە نائېنىق ئىپادە بىلەن ئالماشقان ئىدى.
− بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇزاق ئەلدە كىشىلەر چۈشىگە ئىشەنگۈچى بىر ئادەمنى قۇدۇققا تاشلاشقان ۋە كېيىن ئۇنى قۇل ئورنىدا سېتىشقان، − سۆز باشلىدى سەردار، − لېكىن بىزنىڭ سودىگەرلىرىمىز ئۇنى مىسىرغا ئېلىپ كەلگەن، چۈشىگە ئىشەنگۈچىنىڭ ئۆز چۈشىنى ياخشى تەبىرلەپ بېرەلەيدىغانلىقىغا بىز ئىشىنىمىز.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:12:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەل شۇ ئارىلىقتا سانتىياگو «ئەمما چۈشلىرى ئوڭىدا كېلىدىغان ئادەملەر ئاندا - ساندا بولىدۇ» دەپ ئويلىغىنىدا قېرى سىگان كەمپىرنى ئەسلەپ قالدى.
− ئاشۇ ئادەم فىرئەۋىننىڭ يەتتە دانە ئۇزۇق - سېمىز كالا ھەققىدىكى چۈشىنى تەبىرلەپ، مىسىرنى بىر قېتىملىق چوڭ ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئىسمى يۈسۈپ ①ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېشى سەن بىلەن تەڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇمۇ ساڭا ئوخشاش ياقا - يۇرتتىن تەڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇمۇ ساڭا ئوخشاش ياقا - يۇرتتىن كەلگەن.
سەركەردە سەل جىمىپ قالغان بولسىمۇ، شۇنچىلىك سوغۇق نەزەر بىلەن گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
− بىز ئۆرپ - ئادەتلىىمىز بىلەن ھاياتىمىز، ئەنئەنىلىرىمىز مىسىرنى ئاچارچىلىقتىن خالاس قىلىپ، خەلقىمىزنى باياشاتچىلىققا باشلىغان، مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز بىزگە جەزىرىنى قانداق كېسىپ ئۆتۈشنى ۋە قىزلىرىمىزنى قانداق ياتلىق قىلىشنى ئۆگەتكەن. تۇرمۇش تەرزىمىش ئايىغىمىز ئاستىدىكى خورمىزارلىقنىڭ بىتەرەپ يۇرتلىقىنى، ئۇنىڭ دۈشمەنلىشىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭسىز بىزگە ئاپەت ياغىدىغانلىقىنى تەكرار كۆرسەتكەن.
سورۇن ئەھلى تەجرىبىلىك سەردارنىڭ گېپىنى سۈكۈت بىلەن ئاڭلاشتى:
− ھايات تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسەن، بىز جەزىرە تارقىتىۋاتقان خەۋەرلەرگە ئېتىبار قارىتىمىز، چۈنكى بىز نېمىنى بىلسەك چۆل شۇنى بىزگە ئۆگەتكەن.
ئۇنىڭ ئىشارىسى بىلەن سەردارلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشنى، مەجلىس ئاخىرلاشقان ئىدى، چىلىملارنىڭ گۈلخانىسىدىكى چوغلار كۆزىنى يۇمىدىغان مەھەل بولسىمۇ، چېدىر ئىشىكىدىكى سەردارنىڭ ئېغىزى يەنە ئېچىلدى:
− خورمىزارلىقتىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ قورال ساقلىماسلىقى ھەققىدىكى پەتىۋانى ئەتە ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن كۈن بويى دۈشمەننى كۈتىمىز ۋە قان تۆكىمىز. ھەر كۈنى قۇياش پېتىشى بىلەن جەڭچىلىرىم ماڭا قوراللىرىنى تاپشۇرىدۇ، ئۆلتۈرۈلگەن ھەر ئون يېغى ئۈچۈن سېنى بىردىن ئالتۇن تەڭگە بىلەن تارتۇقلايمەن. ئەمما قولغا قىلىچنى ئالدۇقمۇ، ئۇ ئوڭايلىقچە قىنىغا سېلىنماسلىقى، دۈشمەن قېنىنىڭ تەمىنى ھەر زامان تېتىپ تۇرۇشى لازىم. قىلىچ چۆل كەبى رەھىمسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭمۇ جەڭدىن باش تارتىدىغان ۋاقىتلىرى بار. ئەگەر ئارىدا قوراللىرىمىز ئىش تېپىلمىسا، ئۇلارنى سىلەر تامان توغرىلايمىز.
يىگىت چېدىردىن چىققاندا، تولۇن ئاي خۇددى يېقىندىكى بارخاننىڭ ئۈستىگە تىكلەپ قويۇلغان ئالتۇن ۋاتاقتەك تاۋلىنىپ سۈتتەك ئاي دالا ھاسىل قىلغانىدى. ئۇ ئۆز چېدىرى تامان يورىدى، يېرىم سائەتتەك مېڭىشقا توغرا كېلەتتى.
سانتىياگو بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەردىن قاتتىق ھاياجانلاندى، ئۇ ئۆزىچە ئاخىر ئالەم روھىغا كىرىشكە مۇۋاپىق بولدۇم دەپ قارىدى، بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدى. بۇلار يۇقىرى بەدەل تۆلەشكە ئەرزىمدۇ؟ بەلكى قويلىرىنى سېتىپ، تەقدىرى يولىدىن كېتىۋاتقاندا سانتىياگونىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتى بەلگىلىنىپ بولغاندۇ؟ تۆگىچى بەكمۇ توغرا ئېيتقان، بىر باشقا ھامان بىر ئۆلۈم، ھاياتنى ئەرزىگۈدەك ئىشلارغا ئايىماي سەرپلەش كېرەك …بۇ ئەتىمۇ ياكى باشقا بىر كۈنمۇ بەرىبىر، بۈگۈن شۇنداق پۇرسەتنىڭ باشلىنىشىمۇ ياكى ئاخىرلىشىشىمۇ كىم بىلىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى «مەكتۇپ» قا باغلىق.
سانتىياگو جىممىدە كېتىۋاتاتتى، ئۇ بولغان ۋەقەلەردىن ئەپسۇسلانمايتتى، پۇشايمانمۇ قىلمايتتى، مۇبادا مۇشۇ كۈنلەردە ئۆلۈم ئۇنىڭ ھاياتىغا زەھەر تاشلىسىمۇ ئۇ «تەڭرى تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايۋاتىدۇ» دەپ ئويلايتتى. دېمەك، ئۇ ئۆلسىمۇ ئارمانسىز ئۆلەتتى، چۈنكى ئۇ بوغۇز①دىن كېچىپ ئۆتتى، فارفورچىنىڭ دۇكىنىدا ئىشلىدى، چۆل سۈكۈناتىدىكى ھېكمەتلەرنى ئاڭلىدىن، يەنە پاتىمەنىڭ كۆزلىرىنى كۆردى. ئەسلەپ كۆرسە ئۆيدىن چىققاندىن بېرى بىر كۈنىمۇ بىكارغا، مەنىسىز ئۆتمەپتۇ. ناۋادا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەتە مەڭگۈلۈككە يۇمۇلسىمۇ، بۇ كۆزلەر باشقا پادىچىلارغا قارىغاندا، كۆپرەك نەرسىلەرنى كۆرگەن كۆزلەر ھېسابلىنىدۇ، سانتىياگو بۇلارنى ئويلاپ پەخىرلىنىپ كەتتى.
ئۇشتۇمتۇت قاتتىق گۈرۈلدىگەن بىر ئاۋازدىن قۇملۇق لەرزىگە كەلدى، مىسلى كۆرۈلمىگەن، تەرەپبال چىققان بوراننىڭ شىددەتلىك دولقۇنىدىن سانتىياگو دومىلاپ كەتتى، قۇم قاينىمى تۈرۈلۈپ، گويا كۆكنى تىرەپ تۇرغان تۈۋرۈككە ئوخشاش شۇنچىلىك ئېگىزگە ئۆرلىدىكى، يورۇق ئاينىڭ يۈزى كۆرۈنمەي قالدى. بىر مەھەلدىن كېيىن يىگىت بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزىنى ئېچىۋېدى، ئالدىدا ھەيۋەتلىك ئاق ئاتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئات ئارقا ئاياغلىرى بىلەن تىك تۇرۇپ بورانغا جور بولغاندەك قاتتىق كىشنەپ تۇراتتى.
چاڭ - توزان سەل پەسەيگەندىن كېيىن سانتىياگونى دەھشەت باستى، ئۇ ھېچقاچان بۇنداق قورقۇنچ ھېس قىلمىغانىدى، ئاق تۇلپارنىڭ ئۈستىدە بىر سەللىلىك چەۋەنداز مەھكەم ئولتۇراتتى، چەۋەنداز قارا ئۈستىباش كىيگەن بولۇپ، سول مۈرىسىدە يوغان بوز قارچۇغا قانات قېقىپ تۇراتتى، ئۇ سەللىسى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالغاچقا، كۆزلىدىلا ئوچۇق ئىدى. ئەزىمەتلەرگە خاس تۇرقىنى دېمىسە ئۇ جەزىرىدە پات - پات پەيدا بولۇپ، كارۋاننى خەۋپتىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان چۆلدىكى بەدۋىي ئەرەبلەردىن پەرقلەنمەيتتى.
چەۋەندازنىڭ قىنىدىن سۇغۇرۇۋالغان ئىسفىھانى قىلىچى ئاي نۇرىدا ئەينەكتەك يالتىراپ تۇراتتى.
− قارچۇغىلار پەرۋازىدىكى ھېكمەتنى بىلىشكە جۈرئەت قىلغان كىم؟
ئۇ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن سۆزلىگەندە ئەل - فايىمدىكى خورما دەرەخلىرىمۇ گۈركىرەپ سادا چىقاردى.
− مەن، − دەپ جاۋاب بەردى سانتىياگو.
چەۋەندازنىڭ روھى - تۇرقىنى كۆرۈپ، يىگىتنىڭ كۆز ئالدىدا ئەۋلىيا ياقۇپنىڭ سىماسى گەۋدىلەنگەندەك بولدى. مەۋرىلەر ئاتامىنى ئاپاق ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپتۇ، ئات بولسا تۇياقلىرى بىلەن غەيرىي دىندىكىلەرنى دەسسىمەكتە، سانتىياگونىڭ نەزىرىدە ھازىرقى ھالەت شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش، پەقەت ئورۇن ئالماشقان ئىدى، خالاس.
− شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، − دېدى سانتىياگو، − ئەمدى نۇرغۇن ھاياتلىق ئامان قالىدۇ، سىز بولسىڭىز ئالەم روھىغا ئېتىبار قىلمىدىڭىز، − يىگىت گېپىنى تاماملاپلا ھالاكەتلىك زەربىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بېشىنى تۆۋەن سالدى، ئېگىز كۆتۈرۈپ غەزەپ بىلەن چېپىلغان قىلىچنىڭ سۈرئىتى ھاۋادا ئاستىلاپ، ئۆتكۈر تىغلىرى سانتىياگونىڭ پېشانىسىدىن شامالدەك ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بالىنىڭ پېشانىسىدە بىر تامچە قان ئەگىپ تۇراتتى.
چەۋەنداز جايىدا قېتىپ قالغاندەك بولدى، سانتىياگومۇ جىمجىت، خەۋپلىك پەيتتە ئۇ قېچىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەيلا قالماستىن، بەلكى ھازىر ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان غەلىتە بىر خۇشاللىقنى ھېس قىلماقتا ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۆز تەقدىرى ۋە پاتىمە ئۈچۈن ئۆلمەكچى بولدى، دېمەك ئالامەتلەر ئۇنى ئالدىماپتۇ، مانا قارشىسىدا قۇترىغان ياۋ، دەھشەتلىك ئۆلۈم ئالدىدا مىت قىلغىنى يوق. چۈنكى ئۇنىڭچە ئالەم روھى مەۋجۇت، ھەقىقەتەن شېھىت كېتىدىغان بولسا ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتتى دېگەن گەپ! تاڭلا دۈشمەنمۇ قىسمەت شارابىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
چەۋەندازنىڭ قىلىچى ئولجىسىغا تىكىلگەن يىلاندەك ھەرىكەتسىز پايلاپ تۇراتتى.
− سەن نېمىشقا بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيسەن؟
− مەن شۇنچىكى قارچۇغىلار پەرۋازى ئايان قىلغان خاسىيەتنى ئاڭلىدىم ۋە چۈشەندىم، ئۇلار خورمىزارلىقنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشۇم توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ئەل - فايىمدا باتۇر جەڭچىلەر قۇمدەك، يوقىلىشتىن سىلەرنى ھېچكىم ساقلاپ قالالمايدۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش