مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim2

پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى(دۇنياۋىي ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 11:33:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كارۋان قانچىلىك يىلان ئىزىدەك يوللاردا ماڭمىسۇن ياكى تالاي قېتىم ئۆز يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتمىسۇن ھامان مەقسەتسېرى ئىلگىرىلەيتتى، كېچىلىرى يولدىن ئاداشقاندا يۇلتۇزلارغا قاراپ يۆنىلىشنى توغرىلايتتى، تاڭدىكى ئاسماندا چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا باققان ئادەملەرنى بەخت پەرىشتىسى چاقىرىۋاتقاندەك ئاۋۇناتتى، ئۈمىد - ئىشەنچكە تولاتتى، يولچى يۇلتۇزلار باشلىغان تامانلاردا ئۇلارنى سايە - سالقىنلار، سۇ، خورمىزارلىق ۋە سەلگىنە ئارام كۈتەتتى، بۇ يوللاردا پەقەت ئىنگلىز ھېچنەرسىنى ئىلغا قىلالمىدى، يېڭى بىر كىتابىغا دۈم چۈشكەن پېتى كېتىپ باراتتى. سانتىياگومۇ سەپەرنىڭ تۇنجى كۈنلىرى كىتابنى ۋاراقلاپ باقتى، ئەمما كېيىن چۈشەندىكى، تەسەۋۋۇردىنمۇ كەڭ بۇ سۈر دەشت ۋە ئۇنىڭ يىراق - يېقىندىكى تىۋىشلار بىلەن تەرەپبال ئېسىدىغان غۇر - غۇر شاماللارغا دىققەت قىلىش كىتاب كۆرگەنگە قارىغاندا مەنىلىك ئىدى. ئۇ تۆگىسىنىڭ ئادەتلىرىنى ئۆگەندى، مۇنداقچە ئېيتقاندا تۆگىسىگە باغلىنىپ قالدى، كىتابىنى ۋاراقلىسا قىزىقارلىق نەرسىلەرمۇ ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما تەبىئەت ئۇنىڭ خىيالىنى چېچىۋەتتى.
سانتىياگو ياندىشىپ كېتىۋاتقان تۆگىچى بىلەن ئاستا - ئاستا تونۇشتى، شۇنىڭ بىلەن كارۋان دەم ئېلىش ئۈچۈن توختىغان كېچىلەردىكى گۈلخان ئەتراپىدا ئۇنىڭغا پادىچىلىق ھاياتىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى، بىر كۈنى تۆگىچىمۇ ھەمراھىغا ئۆز ھاياتىدىن ھېكايە قىلدى:
− مەن ئەل - قەيرۇمغا يېقىن بىر قىشلاقتا ياشايتتىم، ئۆيۈم، پەرزەنتلىرىم ۋە بېغىم بار ئىدى، ئاسايىشلىق بىلەن كۈن كەچۈرەتتىم، بىر يىلى ياخشى ھوسۇل ئېلىپ، ئېشىنغان پۇلغا ئائىلىمىز بويىچە ھەجگە بېرىپ، مۇسۇلمانچىلىقنىڭ پەرھىزىنى ئادا قىلدۇق، ھاياتىمدىن ئۈمىدۋار ئىدىم، ئۆلسەممۇ پاك ئىمانىم بىلەن كېتەتتىم! ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرى ئويلىمىغاندا يەر تەۋرىدى، نىل دەرياسى قىرغاقلىرىدىن تېشىپ جېنىمىزنى جاڭگالدا قويدى. قوشنىلار زەيتۇن دەرەخلىرىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىشىدىن قورقسا، ئايالىم پەرزەنتلىرىمىزدىن ئەندىشە قىلاتتى، ئىشقىلىپ ئاپەتنىڭ ئۆمۈر بويى يىغقان روزىغارىمىزنى تۇيۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ دەھشەتكە چۈشتۈم. شۇنىڭدىن كېيىن يەرلىرىمىز شورلىشىپ ھوسۇل بەرمىدى، جاھان كېزىپ كۈن ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم، قارىمامسەن، تۆگە تارتىپ كېتىۋاتقىنىمنىڭ سەۋەبى شۇ، بۇ جەرياندا ئاللانىڭ «سىرلاردىن قورقما، ھەربىر بەندەم نېمىنى خالىسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ، ئۇ نېمىگە موھتاج بولسا شۇنى بېرىمەن» دېگەن خاسىيەتلىك سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چۈشەندىم.
ھەربىرىمىز قولىمىزدىكى نەرسىلەرنى، مەسىلەن، ئېكىنىمىزنىمۇ ياكى ھاياتىمىز يوقىتىپ قويۇشتىن قورقىمىز. ئەمما بىز ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنىمۇ، ئالەمنىڭ تارىخىنىمۇ دەپتىرى ئەزەلگە پەقەت بىرلا قولنىڭ پۈتىدىغانلىقىنى چۈشەنسەك بارلىق  تەشۋىشلەر يوقىلىدۇ.
بەزى دېڭىزدا ئىككى كېمە ئۇچرىشىپ قالغاندەك، بىپايان چۆلدىمۇ ئىككى كارۋان دوقۇرۇشۇپ قالاتتى، بۇنداق ۋاقىتلاردا سەپەرچىلەر ئۆزئارا ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇشاتتى، ئاخشاملىرى كارۋان گۈلخان ئەتراپىدا ھالقا - ھالقا بولۇشۇپ قۇم - بورانلار ھەققىدىكى، دەشتى - چۆلنىڭ تەبىئىتى توغرىسىدىكى كۆزىتىشلىرىنى ھېكايە قىلىشاتتى.
بەزىدە گويا ئاسماندىن چۈشكەندەك گۈلخان ئەتراپلىرىدا سەھرايى كەبىر يوللىرىنىڭ ھەر غېرىچىنى بەش قولدەك بىلىدىغان سىرلىق چۆلچىلەر پەيدا بولۇپ قالاتتى، ئۇلار قەيەرلەردە قاراقچىلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش لازىملىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپلا، قانداق تىۋىشسىز پەيدا بولغان بولسا، يەنە شۇ پېتى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كېتەتتى.
شۇنداق كېچىلەرنىڭ بىرىدە كارۋان بېشى سانتىياگو بىلەن ئىنگلىز ئولتۇرغان گۈلخان يېنىغا كېلىپ:
− ئالدىمىزدا قەبىلىلەر ئارا ئۇرۇش بولۇۋېتىپتۇ، − دەپ ئۇقتۇردى.
ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ھەممىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، بۇنداق ئۆلۈم تىمتاسلىقى ئىچىدە پەقەت سانتىياگولا بىر نەرسىنى يەنى ھاۋادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ شەپىسىنى سېزىپ تۇردى، يېگانە ئالەم تىلىنى چۈشىنىشتە ئۇ ئۆزىدە بىر خىل سىرلىق قۇدرەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتى.
تۇنجى بولۇپ جىمجىتلىقنى ئىنگلىز بۇزدى ۋە ئۇرۇشنىڭ كارۋان ئۈچۈن تەھلىكىسىنى سۈرۈشتۈردى.
− چۆلگە قەدەم باسقان ئادەم ئۈچۈن ئارقىغا قايتىش يوق، − دېدى كارۋان بېشى ئۆز سۆزىگە جاۋاب بېرىپ، − پەقەت ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىش كېرەك، باشقىسى ئاللانىڭ ئىلكىدە، ئۇ خالىسا ئوتنىڭ ئىچىدە ساق قالىمىز، پەقەت «مەكتۇپ» دېگەن سۆزدىن كېيىنكىسىنى ئىچىگە تۇيۇپ سىرلىق ھالدا كېتىپ قالدى. كارۋان بېشىدىن ئىلھاملانغان سانتىياگو ئىنگلىزغا ئېيتتى:
− كارۋاننىڭ يۈرۈشىگە دىققەت قىلماي خاتا قىلدىڭ، تۆگىچىلەر جېنىدا سەپىرىمىز قانچىلىك مۇشەققەتلىك ۋە يۈرۈشىمىز چۈمۈلىدەك بولمىسۇن ئۆز مەقسىتىدىن ئېغىشماي ئىلگىرىلىمەكچى.
− سەن كىتاب كۆرمىگەچكە ئالەمدە نېمىلەر بار، دۇنيادا قانداق ئىشلار بولۇۋاتىدۇ بىلمەيسەن، مۇشۇ مەنىدە كىتاب خۇددى كارۋانغا ئوخشايدۇ، − جاۋاب بەردى ئىنگلىز.
تەشۋىش ئىچىدە ئادەملەرمۇ، ھايۋانلارمۇ قەدەملىرىنى تېزلەتتى، سەپەرچىلەر ئاۋۋالقى كۈنلىرى ھارغىن ۋە جىمجىت يول يۈرۈپ، ئاخشاملىرى گۈلخان ئەتراپىدا ھەر يەرنىڭ ئەھۋالى، ئالەمنىڭ گەپلىرى ھەققىدە پاراڭ قىلىشسا، ئەمدى كارۋاننىڭ تۈزۈمى بويىچە بۇمۇ چەكلەندى. كېيىنرەك كارۋان بېشى قاراقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن ئاخشاملىرى گۈلخان ياقماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئونلىغان ئادەم ۋە ھايۋانلار چۆلنىڭ سۈكۈناتىغا ھەقىقىي ئەسىر بولغاندەك شۈكلەشتى. دەھشەتلىك چۆلدە كۈندۈزى ئادەمنىڭ تېرىسىنى شۈلۈۋالغۇدەك ئىسسىق بولسا كېچىسى غولنى قورىغۇدەك سوغۇق بولاتتى، شۇڭا ئاخشاملىرى چۈشكۈن قىلغاندا يولۇچىلار سوغۇقتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن ئات - تۆگىلەرنى دائىرە قىلىپ تىزىپ ئوتتۇرىدا يېتىشاتتى، ساربان (كارۋان بېشى) بەلگىلىگەن مەخسۇس قوراللىق قورۇقچىلار تۈن بويى ئەتراپنى مۇھاپىزەت قىلاتتى، تۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنگلىزنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ، سانتىياگونى چاقىردى ۋە ئۇلار چۈشكۈن قىلغان ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرۈشتى. ئاياللارنىڭ بەدىنىدەك بۇ ئەترەڭ دولقۇنسىمان چەكسىزلىكىنى تولۇن ئاي سۈت سەپكەندەك يورۇتۇپ تۇراتتى. سانتىياگونىڭ نېمە ئۈچۈندۇر ھەممە سەرگۈزەشتلىرىنى ئىنگلىزغا ئېيتىپ بەرگۈسى كېلىپ قالدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ فارفورچىنىڭ دۇكىنىدا ئىشلىگەندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىنگلىزنى ھەيران قالدۇردى.
− مانا، ئالەمنى نېمە ھەرىكەتلەندۈرۈۋاتىدۇ، − دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى سانتىياگو، − بۇنىڭ جاۋابى دەل ئەلكىميا، ئۇ ئالەم روھى دەپ ئاتىلىدۇ، قاچانكى بىر نەرسىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئارزۇ قىلساڭ، ئەنە شۇ ئالەم روھىغا قوشۇلۇپ كېتىسەن، ئۇنىڭدا بۈيۈك قۇدرەت بار. ئۇ يەنە ئالەمدىكى ئوت، سۇ، ھاۋا ۋە تۇپراق قاتارلىق بارلىق ئۇنسۇرلاردا روھ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
− يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، چۈنكى تۇپراقنىڭ ئۆزى تىرىك، ئۇنىڭ روھى بار، بىز بولساق ئاشۇ روھنىڭ زەررىلىرى، شۇڭا بەخت - ئىقبالىمىز ئۈچۈن دائىم ئۇنىڭدىن ئىلتىپات تىلەپ تۇرۇۋەرمەسلىكىمىز لازىم، ئەمما سەن دۇكاندا ئىشلىگىنىڭدە ئاشۇ خىرۇستاللارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتىڭنىڭ ئاساسى سەۋەبكارى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشۇڭ كېرەك ئىدى سانتىياگو، − دەپ ئۆزىگە خىتاب قىلدى بالا.
ئۇ گاھ سۈتتەك ئاسمانغا، گاھ ئاي بوشلۇققا ئېسىلىپ قالغاندەك ئۆركەشلىك دالاغا تىكىلگىنىچە سۇ يۇتۇمى تىنچلاندى ۋە كېيىن ئايەت ئوقۇغاندەك پىچىرلاپ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى:
− بۇ جەزىرىدە كارۋىنىمىزنىڭ قانداق ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ چۆل بىلەن بىر تىلدا ئالاقە قىلغاچ، چۆل ئۇنىڭغا ئۆز باغرىدىن يول بەردى. دەشت ئۇنىڭ ھەربىر قەدىمىنى نازارەت قىلدى، سىناقتىن ئۆتكۈزدى، كارۋاننىڭ قۇملۇق بىلەن بىر خىل رىتىمدا كۈيلەۋاتقانلىقىغا ۋە بىر گەۋدىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىمانىم كامىللىشىپ بارماقتا. ئەگەر كىملەركى ئۆزىنى يالماۋۇزدەك پالۋان چاغلىمىسۇن، بۇ تىلنى بىلمىسە سەپەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ھالاك بولاتتى.
ھەر ئىككىلىسىنىڭ نىگاھى ئايغا تىكىلدى.
− بۇ بېشارەتنىڭ سېھرى - سىناتى، − داۋام ئەتتى سانتىياگو پىكرىنى، − كارۋاننىڭ چۆل ئالامەتلىرىنى تىڭشاپ بېرىشى - روھلارنىڭ ئۆزئارا ئۇيغۇنلىشىپ بېرىشى دېمەكتۇر.
ئۇزاق جىمجىتلىقتىن كېيىن ئاخىر ئىنگلىزغىمۇ زۇۋان كىردى:
− توغرا، ئۇنداقتا كارۋان ھەرىكىتىنى دىققەت مەركىزىمگە قويۇشۇم كېرەك ئىكەن.
− ئەمدى كىتاب ئوقۇش پۇرسىتى ماڭا كەلگەن ئوخشايدۇ، − قوشۇپ قويدى سانتىياگو.

بۇ بەكمۇ غەلىتە كىتابلار ئىدى، ئۇلاردا سىماب ۋە تۇز، پادىشاھ ۋە ئەجدىھالار ھەققىدە سۆزلەنگەنىدى، لېكىن سانتىياگو خېلى كۆپ مەزمۇنلارنى قايتا - قايتا ئوقۇسىمۇ ھېچنەرسىنى چۈشەنمىدى، ئەمما ئۇ ھەممە كىتابتا بىر خىل ئورتاقلىقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بولسىمۇ ئالەمدىكى بارچە نەرسىلەر بىردىنبىر يېگانە بارلىقنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى كۆرۈنۈشى دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
كېيىنرەك ئۇ باشقا بىر كىتابتىن ئەلكىميا ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇرنىڭ زۇمرەت تاشنىڭ يۈزىگە چېكىلگەن بىرنەچچە قۇر خەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدى.
− بۇ «زۇمرەت لەۋھە» دەپ ئاتىلىدۇ، − دېدى ئىنگلىز سانتىياگوغا گويا بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بەرگەندەك مەغرۇر قىياپەتتە.
− ئۇنداقتا بۇ ھەقتە شۇنچە كۆپ كىتاب يېزىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟ − سورىدى بالا.
− باشقا كىتابلاردا ئەنە شۇ نەچچە قۇر خەت مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەرخىل نۇقتىدىن ئىزاھلانغان.
مەشھۇر ئەلكىمياگەرلەر ھەققىدىكى كىتاب سانتىياگونى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇردى، ئەلكىمياگەرلەر پۈتۈن ئۆمرىنى تەجرىبىخانىلىرىدا مەدەنلەرنى تازىلاش ۋە تاۋىلاشقا بېغىشلىغان ئادەملەر ئىكەن. ئۇلار بىرەر مەدەن ئۈستىدە ئۇزاق يىللار تىنىمسىز ئىشلەۋەرسە، ئاخىر ئۆزلۈككە خاس خۇسۇسىيەتلەرنى يوقىتىپ، سىرلىق ئالەم روھى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشكە ئىشىنىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئالىملار يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئورتاق تىلى بولغان ئالەم روھىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلىپ يېتىدىكەن، ئۇلار مەزكۇر كەشپىياتنى سۇيۇق ۋە قاتتىقتىن ئىبارەت ئىككى ئۇنسۇرغا ئايرىپ، بۇنى «بۈيۈك ئىجادىيەت» دەپ ئاتىغانىكەن.
− بۇ تىلنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئادەملەر ۋە ئالامەتلەرنى ئۆگىنىش كۇپايە قىلار؟ − سورىدى سانتىياگو.
− سەنچە بولسا ھەممە نەرسە ئاسانلىقچە ھەل بولسا، − ئىنگلىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ سۆزلىدى، − ئەلكىميا بۇ ئىنتايىن نازۇك پەن، بۇ ئىلىم يولىدىكى ھەربىر قەدەم دانىشمەنلەرنىڭ تەلىماتى بىلەن بىردەك بولمىقى لازىم.
بالا «بۈيۈك ئىجادىيەت» تىكى سۇيۇق ئۇنسۇرنىڭ «باقىيلىق ئەل - ئىكسىرى» دەپ ئاتىلىپ، بارچە كېسەللىكلەرنىڭ دەۋاسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئەلكىمياگەرلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قاتتىق ئۇنسۇرنىڭ «ھېكمەت تېشى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.
ئىنگلىز توختىماي سۆزلەيتتى؛
− ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، ئەلكىمياگەرلەر مەدەننىڭ قانداق تازىلىنىدىغانلىقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن تەجرىبىخانىلىرىدا يىللاپ ئولتۇرۇشقان، ئۇلار ئۆمرىدە گويا ئاتەشپەرەسلەردەك ئوتقا شۇنچىلىك كۆپ ۋە ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشقانكى، مەدەننىڭ سۈزۈلۈش جەريانى  ئەمەلىيەتتە ئۇلار قەلبنىڭ يۇيۇلۇش، روھنىڭ پاكلىنىش جەريانى بولغان.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 11:34:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سانتىياگو بۇلارنى ئاڭلاپ، فارفورچى سودىگەرنىڭ «مېڭىمىزنى چاڭ - توزاندىن تازىلىشىمىز كېرەك» دېگەن گېپىنى ئەسلەپ قالدى، كۈندىلىك ھاياتتىن ئەلكىميانى ئۆگىنىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە تامامەن ئىشەندى.
− بۇنىڭدىن باشقا، − دېدى ئىنگلىز، − ھېكمەت تېشى شۇنداق مۆجىزىۋى قۇدرەتكە ئىگىكى، ئۇنىڭ بىر تال ئۇۋىقىمۇ دۆۋە - دۆۋە مەدەنلەرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.
بۇلارنى ئاڭلاپ سانتىياگونىڭ ئەلكىمياگە بولغان قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئاشتى، سەۋر - تاقەت بولسىلا، خالىغان نەرسىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن، دەپ ئويلىدى. چۈنكى ئۇ بۇ مۆجىزىۋى كارامەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان گېلىۋېتسىي، ئېلىئاس، فۇلكانېللى، ھېبېر قاتارلىق ئاللامىلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئوقۇپ ھەيرەتكە چۆمگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەلكىمياگەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى توغرا دەپ ماڭغان يولنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان، ئۇلار ئۆمۈر بويى ئالەم كەزگەن، كۆپلىگەن دانىشمەنلەر بىلەن ئۇچراشقان، ئۇلار ئۆز ئىشىدىن شۈبھىلەنگەنلەرنى مات قىلىش ئۈچۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىشكەن، چۈنكى ئۇلار خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر − ھېكمەت تېشى بىلەن باقىيلىق ئەل - ئىكسىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگەللىگەنلەردىن ئىدى.
كېيىن زادى «بۈيۈك ئىجادىيەت» مەزمۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كىتابلاردىن تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىشكە ئىنتىلگەن سانتىياگو بارغانچە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، چۈنكى كىتاب سەھىپىلىرى بىرمۇنچە چۈشىنىكسىز رەسىملەردىن باشقا، ئاغزىغا كەلگىنىنى بولۇشىغا بىلجىرلىغان بىمەنىلىكلەر بىلەن تولغانىدى.


− نېمە ئۈچۈن ئەلكىمياگەرلەرنىڭ كىتابلىرى چۈشىنىكسىز ۋە داشقايناق يېزىلغان؟ − سورىدى ئۇبىر كۈنى كىتابسىز زېرىكىپ ئولتۇرغان ئىنگلىزدىن.
− چۈنكى يېزىلغانلارنىڭ مېغىزىنى چېقىش قابىلىيىتى پەقەت ئەلكىميا ھېكمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلالايدىغانلارغا ئاتا قىلىنغان. قېنى ئويلاپ كۆرچۇ، ئىنسان ئازراق جاپا تارتىپلا قوغۇشۇننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇۋەرسە بۇ قانداق بولغىنى؟ ئالتۇن نېمە، قوغۇشۇن نېمە، ئىش بۇنداق ئوڭاي بولۇۋېرىدىغان بولسا بۇ چاغدا بۇلار پەرقسىز نەرسە بولۇپ قالمامدۇ؟ بىلىپ قويكى، بۈيۈك ئىجادكارلىق پەقەت بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە ئىگە دانىشمەنلەرگىلا ئۆز سىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ، مېنىڭ بۇ كۈنلەردە بۇنداق سەھرايى قىيامەتنىڭ مەركىزىدە يۈرۈۋاتقانلىقىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ! مەن ئاشۇ سىرلىق پۈتۈكلەرنىڭ قۇرلىرىغا يوشۇرۇنغان ھېكمەتلەر سىرىنى يېشىشكە ياردەم بېرىدىغان ئەلكىمياگەرنى چوقۇم تېپىشىم كېرەك.
− ئۇنداقتا بۇ كىتابلار قاچان يېزىلغان؟
− ناھايىتى كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى.
− قەدىمدە باسمىخانىلار بولمىغان، دېمەك ئىلگىرىدىن ھازىرغىچە ئەلكىميا بىلەن ساناقلىقلا ئادەملەر شۇغۇللىنىپ كەلگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ كىتابلارنىڭ تىلى نېمە ئۈچۈن مۇرەككەپ ۋە رەسىملىرى سىرلىق سىزىلغان؟
ئىنگلىز ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى، ئازراق جىملىقتىن كېيىن بىرنەچچە كۈندىن بۇيان كارۋاننى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ھېچبىر يېڭىلىق سەزمىگەنلىكىنى ئېيتتى، يولداشلار ئارا پەقەت چۆل قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ھەققىدە پاراڭ بولاتتى، خالاس!
ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ، سانتىياگو ئىنگلىزغا كىتابلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى.
− خوش، بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ نېمىلەرنى چۈشىنىۋالدىڭ؟ − ئىنگلىز كىنايىلىك سوئال سوراش ئارقىلىق سانتىياگونىڭ ئېغىزىنى كوچىلىدى، ئۇ پاراڭ ئارقىلىق ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ تەشۋىشلىك خىياللاردىن قۇتۇلۇشنى ئىستەيتتى.
− بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ ئالەمدە روھ بارلىقىنى ۋە بۇ روھنى ھېس قىلغان بەندىنىڭ بارلىق مەۋجۇداتنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم، يەنە نۇرغۇن ئەلكىمياگەرلەرنىڭ ئۆز ئىشىغا بېرىلىپ، ئاخىرى ئالەم روھى، ھېكمەت تېشى ۋە ئۆمۈر باقىيلىق ئەل - ئىكسىرىنى تاپقانلىقىنى بىلدىم. ئاخىرىدا سانتىياگو سۆزىدىن شۇنداق خۇلاسە چىقاردى، چۈشەنگەنلىرىمنىڭ جەۋھىرى شۇ بولدىكى، بۇ ئىلىملەر شۇنچىلىك ئاددىي بولغان، ھەممىسىنى يىغسا زۇمرەت تاشنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىگە توغرا كېلىدىكەن.
بالىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىنگلىزنىڭ چىرايى ئۆزگەرگەندەك بولدى، چۈنكى ئۇنىڭ شۇنچە يىللار ئۆگەنگەن بىلىملىرى، سېھىرلىك مەجازلىرى، پەلسەپىۋى ھېكمەتلىرى، ئەلكىمياگەرلەرنىڭ ئۇزۇن نەيچە ۋە غەلىتە ئىدىشلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ ھېچبىرى سانتىياگودا زەررىچىلىك تەسىرات قالدۇرمىغانىدى.
«بۇلارنى چۈشىنىش پادىچىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ» دەپ ئويلىدى ئىنگلىز ۋە كىتابىرىنى تۈرمەكلەپ، تۆگىدىكى چامدانلىرىغا جايلاشتۇردى، ئۇ سەل سەپرالاشقان ئىدى.
− سېنىڭچە، بىر ئۆمۈر يىغقانلىرىمنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز كىتابلار بولسا سەن ئېيتقاندەك كارۋاننى كۆزىتىشنىڭمۇ مەن ئۈچۈن يارماقچىلىك قىممىتى يوق شۇنداقمۇ؟ − دېدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە غۇدۇراپ.
سانتىياگو يەنە چۆل جىمجىتلىقىنى تىڭشاشقا ۋە ھارغىن تۆگىلەرنىڭ تاپانلىرىدىن چېچىلىۋاتقان قۇمنىڭ رىتىملىق شىۋىرلاشلىرىنى كۆزىتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
كېيىن ئۇ چۆل قۇلىرىدەك چېچىلىپ كەتكەن خىيالىنى بىردىنلا يىغدى - دە، بىر نۇقتىغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ ئويلاپ قالدى، «ھەر كىمنىڭ دۇنيانى ئۆگىنىدىغان ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بار. ئۇنىڭ ماڭا، مېنىڭ ئۇنىڭغا ماس كەلمەسلىكى تۇرغان گەپ، شۇنداق بولغاچقا ئىنگلىزنىڭ قاراشلىرىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىقىم پەزىلەت ئەمەس.»

كارۋان كېچىسىمۇ يۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى، پات - پات ياۋايى ئەرەبلەر پەيدا بولۇپ، ساربانغا نېمىلەرنىدۇر دەپ غايىب بولۇشاتتى، سانتىياگو بىلەن دوستلىشىپ قالغان تۆگىچى قەبىلىلەر ئارا بولۇۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئەمدىلا باشلانغانلىقىنى ئېيتتى، ئەگەر كارۋان ئىستىقابىلدىكى كەنتلەرنىڭ بىرسىگە ئامان - ئېسەن يېتىپ بارالىسا ئامەتنىڭ كەلگىنى شۇ ئىدى.
تۆگە ۋە ئاتلار ھېرىپ، ئاران كېتىۋاتاتتى، ئادەملەرنىڭمۇ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنىدى، كېچىدىكى تۆگىلەرنىڭ بوزلىشى، ئاتلارنىڭ كىشنىشى، ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىشى يىراقلاردىن سادا قايتۇرۇپ، گويا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان دۈشمەندىن دېرەك بېرىۋاتقاندەك سەپەرداشلارنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنچ سالاتتى…
ھەمرا تۆگىچى بولسا ئېھتىمالى بولغان ھەرخىل خەۋپلەرگە پەرۋامۇ قىلمايتتى.
− مانا تېنىمدا تىنىق بارمۇ، ھاياتمەن دېگەن گەپ، − ئايسىز ۋە گۈلخانسىز بىر تۈندە ئۇ سانتىياگوغا سەمىمىي ۋە ئىچ - ئىچىدىن سۆزلەشكە باشلىدى، − شۇ تاپتا مەن پەقەت خورما يەپ كېتىۋاتىمەن، شۇڭا باشقا ھېچنەرسىنى ئويلىمايمەن، ئەگەر جەڭ قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشاش شۇ كۈنمۇ ئۆلۈمۈم ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل بىر كۈن بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. بىلىسەنغۇ ئوغۇل، مەن ئۆتمۈش ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر ياكى كەلگۈسى ئارزۇلار بىلەن ياشايمەن، بۈگۈنۈم بىلەن ھاياتىم قىممەتلىك، دېمەك مېنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغىنى ھازىر، خالاس. ئەگەر سەنمۇ بۈگۈنكى كۈننىڭ ئىشتىياقى بىلەن ياشىغىنىڭدا ئىدى، تەڭرىنىڭ ئەڭ بەختلىك بەندىسى بولغان بولاتتىڭ، شۇ چاغدا بىزنى ئوراپ تۇرغان جەزىرىنىڭ ئۆلۈك ئەمەسلىكىنى، سامادىكى يۇلتۇزلارنىڭ كۆز قىسىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇرۇشۇۋاتقانلارنىڭ ئىنسان نەسلى سۈپىتىدە نەفسى تەقەززاسىدىن كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەتتىڭ، ھاياتىڭ ئەبەدىي ۋە چەكسىز خۇشاللىققا تولاتتى، چۈنكى ئۇ ھازىرقى دەمدىن باشقا ھېچنەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
ئارىدىن ئىككى تۈن ئۆتۈپ، كارىۋان چۈشكۈن قىلغاندا سانتىياگو يولچى يۇلتۇزلارغا سەپسېلىپ نەزەر تاشلىدى، ئۇنىڭغا ئاسمان بېشى ئۈستىگىلا كېلىپ قالغاندەك تۇيۇلدى. جەزىرە ئاسمىنىدا قۇمدەك سانسىز يۇلتۇز ئاۋۋالقىدىنمۇ يورۇقراق يېنىپ تۇراتتى.
− قارىمامسەن، بىز كېتىۋاتقان ئۆتەڭ قارشىمىزدىلا تۇرۇپتۇ، − دېدى تۆگىچى تونۇش يۇلتۇزلارنىڭ بىرىگە قارىۋېتىپ.
− ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن يۈرۈشنى داۋام قىلمايمىز؟
− چۈنكى ئۇخلىۋېلىشىمىز كېرەك - تە!

قۇياش ئۇپۇقتىن مارىلاي دېگەندە سانتىياگو ئويغاندى، ئاسماننىڭ تۆگىچى كۆرسەتكەن تەرەپ يۇلتۇزلىرى ئاستىدا خورمىزارلىق گويا سەھرايى كەبىرنى قۇرۇقداۋاتقان جەڭچىلەردەك قارىيىپ نامايان بولدى.
− ئاخىر يېتىپ كەلدۇق، − دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئەمدىلا ئويغانغان ئىنگلىز ياۋروپالىققا خاس قىياپەت قۇچاقلىرىنى يوغان كېرىپ.
سانتىياگو سۈكۈت ساقلىدى، چۈنكى ئۇ سەۋر - تاقەتنى چۆلدىن ئۆگەنگەن، شۇڭا خورما دەرەخلىرىگە شۇنچىلىكلا نەزەر سېلىپ قويدى، ئېھراملارغىچە يول تېخى ئۇزاق، بىر ۋاقىتلاردا ئۇشبۇ تاڭمۇ خاتىرىگە ئايلىنىدۇ، لېكىن ئۇ تۆگىچىنىڭ ھايات پەلسەپىسىنىڭ ئەكسىچە ھازىردىكى خۇشاللىقنى ئۆتمۈس ئەسلىمىلىرى ۋە كەلگۈسى ئارزۇلىرى بىلەن باغلاپ ئەۋجىگە كۆتۈرمەكتە ئىدى. ھەئە، شۇنداق بىر كۈن كەلگەندە خورمىزارلىق يېشىل چۈشكە ئايلىنار، ئەمما ئۇ ھازىر سالقىنلىق، ئابىھايات ۋە خەۋپسىزلىكنىڭ مەنبەسى بولۇۋاتاتتى، تۆگىلەرنىڭ تۈندىكى بوزلاشلىرى ئەمىنلىكتىن قانداق بېشارەت بەرسە تاڭدىكى خورمىزارلىق چۈشكۈن ۋە ھارغىن كارۋانغا خۇددى شۇنداق مۆجىزىۋى خاتىرجەملىك بەخش ئەتمەكتە ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن «ئالەم ھەممە يىللاردا گەپ قىلىشنى بىلىدۇ» دەپ ئويلىدى سانتىياگو.


يۈزلەپ ئادەملەر ۋە جانىۋارلارنىڭ بۇ خورمىزار ئۆتەڭ مەھەللىگە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ئەلكىمياگەرنىڭ كاللىسىغا «ۋاقىت قانچىلىك تېز ئۆتسە، كارۋانلارمۇ قەدەملىرىنى ئىلداملىنار» دېگەن ئوي كەلدى.
ئاخىرى بۇ چۆلدىكى خورمىزار مەھەللە كىشىلىرى يېڭى كەلگەنلەرنىڭ ۋارقىراپ - جارقىراشلىرىنى ئاڭلىدى، چاڭ - توزان ئاسمانغا قېلىن بىر قەۋەت پەردە تارتقانىدى، بالىلار تۆشۈك ھەرىلىرىدەك تۇشمۇ - تۇشتىن چىقىپ ۋە قوغلىشىپ چۈمۈلىدەك سەپتارتقان ئۇزۇن كارۋاننى تاماشا قىلدى. ئەلكىمياگەر قەبىلە سەردارلىرىنىڭ ساربان يېنىغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆزىتىپ تۇردى.
ئەلكىمياگەر بۇلارغا قىزىقمايتتى، بۇ ماكانغا كۆپ ئادەملەر كېلىپ كەتكەن، لېكىن خورمىزارلىق ۋە چۆل ھېچ ئۆزگەرمىدى، بەلكى باقىيلىقىغىچە ۋە ئۆز مەۋقىيىچە قېلىۋەردى، ئۇ بۇ يەرلەرگە قەدەم رەنجىدە كەلگەن پادىشاھلارنىمۇ، گادالارنىمۇ كۆرگەن، ئەمما شاماللارنىڭ ئەمرى بىلەن تېز - تېز شەكلى ۋە ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان قۇم بارخانلىرى ئەلكىمياگەرنىڭ بالىلىق خاتىرىسىگە قانداق ئورنىغان بولسا، ھازىرمۇ شۇ پېتىچە سۈرەتلەنمەكتە. شۇڭا قارىماي ھەر تەرەپتىن كېلىپ كۆپكۆك ئاسمان ۋە سۈر رەڭ قۇملۇقنىڭ ياپيېشىل خورمىزارلىققا ئورۇن بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەن سەيياھنىڭ قەلبىدە جۇش ئۇرغان خۇشاللىق ئەلكىمياگەرگىمۇ ئالەمچە قۇۋانچ ئېلىپ كېلەتتى.
ئۇ سەللە ئوراپ، ئۇزۇن ئاق يەكتەك كىيگەن ئىدى، ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن شىراق پۇتلىرى بىلەن ئۇزاققىچە قۇمغا دەسسەپ يالغۇز تۇردى ۋە «بەلكى خۇدا ئۈممەتلىرىنىڭ يېشىللىققا زارىقىپ، جەننەتنى چۈشەپ تۇرۇشى ئۈچۈن بۇ چۆللەرنى ياراتقان بولغىيتى؟» دەپ ئويلاپ قالدى.
كېيىن كۆز ئالدىدىكى ۋەقەلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى، ئەلكىمياگەر ئىلىمۇ ئەسرارنى ئۆگىتىدىغان ۋە تاپشۇرىدىغان ئادەمنىڭ مۇشۇ كارۋان بىلەن كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، چۈنكى بېشارەتلەر شۇنداق ئىدى.
ئەلكىمياگەر گەرچە بۇ ئادەمنى تونۇمىسىمۇ، لېكىن تەجرىبىلىك نەزىرى بىلەن ئالىمان ئىچىدىن بايقىۋېلىشىغا ۋە ئۇنىڭ ئاۋۋالقىسىدىن ئىقتىدارلىق بولۇپ چىقىشىغا ئىشىنەتتى.
ئۇ يەنە شۇنداق ئويلاپ قالدى، «نېمىشقا ئۆز بىلىملىرىمنى باشقىلاردىن پىنھان ھالدا ئۇنىڭغا ئۆگىتىشىم كېرەك ئىكەن، بۇلارنىڭ سىر تۇتقۇچىلىك قەيىرى بار؟ ئاللا ئۆز مۆجىزىلىرىنى جىمىكى مەۋجۇداتتا ئوچۇق - ئاشكارا نامايان قىلغانغۇ؟»
ئەلكىمياگەر ئۆز سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدەۋېتىپ، ئاخىر شۇنداق يەكۈن چىقاردى.
«ئۆگىتىلىشى لازىم بولغان بۇ ئىلىم ئىجتىھات جەۋھىرى، ئەسىل ھايات ھاسىلىسى! ئۇنى سۆزلەرگە كەچۈرۈشنىڭ ياكى سۈرەتلەرگە مۆھۈرلەشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق. دېمەك، ئادەمزاتنىڭ سۆز ۋە سۈرەتلەرگە مەھلىيا بولۇپ، ئاقىۋەت ئومۇمىي ئىنسانىي تىلنى ئۇنتۇشقا يۈزلەنگەنلىكى گۇمراھلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5154
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3129 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 08:32:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Alamdar-X يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 11:54 PM
نەرجىمە ياخىشى چىقىپتۇ،ئەمما تەرجىمە قىلغۇدەك باشقا ئ ...

بۇرادەر ، بۇ كىتاب بىر ياخشى كىتابكەن ، تەرجىمە دېگەن شۇنداق ئەسلى پېتى چىققىنى ياخشى ! ئەمدى ئەقلى بار ئىنسانلار ئىنجىلنى سىلاپمۇ يۈرمەس !

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 01:43:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولۇچىلار تېزلىك بىلەن قەبىلە باشلىقىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىلدى، سانتىياگو كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى، چۈنكى چۆلدىكى بۇ خورمىزار ئۆتەڭ تارىخ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغاندەك بىر قۇدۇق ۋە نەچچە تال خورما دەرىخى بار كىچىك كەنت ئەمەس، بەلكى بەزىبىر ئىسپان يېزىلىرىدىنمۇ چوڭراق كۆجۈم يۇرت ئىكەن، يۈزلىگەن قۇدۇق ۋە تۈمەنلىگەن خورما دەرەخلىرى ئارىسىدىكى چېدىر ئۆيلەرنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
− «مىڭ بىر كېچە» نىڭ دەل ئۆزى، − دېدى ئىنگلىز ئەلكىمياگەرنى كۆرۈشكە تاقەتسىزلىنىپ.
بالىلار مېھمانلارنى ئورۇۋېلىشتى، ئۇلار ئادەملەر، تۆگىلەر ۋە ئاتلارغا ھەيران بولۇپ قارايتتى، ئەرلەر سەيياھلاردىن چۆلدە بولۇۋاتقان جەڭلەر ۋە ئۇلارنىڭ كۆرگەن - كەچكەنلىرى توغرىسىدا سورىسا، ئاياللار كارۋاندا قانداق ماتا ۋە تاقىنچاقلارنىڭ بارلىقىغا قىزىقاتتى. چۆل جىمجىتلىقنى قاچانلاردا كۆرگەن چۈشتەك بىردىنلا غايىب بولۇپ، ئۆتەڭ مەھەللە گۇڭۇر - مۇڭۇر سۆزلىشىشلەر، كۈلكە ئاۋازى ۋە سۈرەن - چۇقانلار بىلەن ئويغاندى. سەيياھلار جەزىرىدە گويا ئىسكىلىت شاھقا ئوخشاپ قالغان بولسا، ئەمدى ئۇلاردا روھ ۋە تەن كۆكىرىشكە باشلىدى.

تۆگىچى سانتىياگوغا خورمىزاردا ئاساسەن ئاياللار بىلەن بالىلار ياشىغاچقا، بۇ يەرنىڭ ئەزەل - ئەزەلدىن ھېچكىمگە قارام بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇرۇشقۇچى تەرەپلەر ئاياللار ۋە بالىلار گۇناھسىز خورمىزارلىق بولسا ئۇلارغا باشپاناھ دەپ قارىغاچقا، ئۆزئارا ئۇرۇش - جېدەللەرنى چۆلدە ئېلىپ بېرىشىدىكەن.
ساربان بىر ئازدىن كېيىن ھەممىنى يىغدى ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىكى نىزالار توختىغۇچە خورمىزار ئۆتەڭدىن قوزغالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سەيياھلار مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋە ئۇلار يەرلىك ئادەتكە ئاساسەن قولىدىن كېلىشىچە يولۇچىلارغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولدى، كېيىن كىمنىڭ قولىدا قورال بولسا ھەتتا سارباننىڭ قورۇقچىلىرىمۇ قوراللىرىنى تاپشۇرشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
− ئۇلارنىڭ قائىدىسى بويىچە ئەسكەرلەر ۋە قوراللىقلارنى ئۆتەڭ قوبۇل قىلمايدىكەن، − چۈشەندۈردى ئۇ.
ئىنگلىزنىڭ يانچۇقىدىن پارقىراق تاپانچىسىنى چىقىرىپ يىغىۋالغۇچىغا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سانتىياگو بەكمۇ ئەجەبلەندى:
− نېمىشقا تاپانچا ئېلىپ يۈردۈڭ؟
− ئىنسانلار ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، − مەنىلىك جاۋاب بەردى ئىنگلىز. ئۇ سەپىرىگە سەۋەب بولغان ئادەمنى كۆرۈش مۇمكىنچىلىكنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى.
سانتىياگو خەزىنە ھەققىدە خىيال قىلاتتى، ئۇ ئارزۇسىغا يېقىنلاشقانسېرى مۇشەققەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. قېرى پادىشاھ مەلىكىسىدىق ئېيتقان «باشلىغۇچىلارنىڭ دائىمىي ھەمراسى بولغان <ئامەت> مۇ ئۇنىڭغا جامالىنى كۆرسەتمىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھازىر ئۇنى ئالغا يېتەكلەۋاتقان نەرسە − ئۆز مەقسىتىنى ئىزلەۋاتقان ئادەمنىڭ سەۋر ۋە جاسارىتى ئىدى، شۇڭا سانتىياگو تەنتەكلىك قىلماسلىق كېرەك دەپ قارىدى. ئەكسىچە بولسا ئۇ تەڭرىنىڭ ئۆز يولىغا سالغان بېشارەتلىرىنى سەزمەي قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
سانتىياگو كۆڭلىدە «تەڭرى ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرغان» دەپ ئويلىدى ۋە پىكىرلىرىدىن ھەيران بولدى. ئۇنىڭغا ئاچلىق ۋە تەشنالىق، مۇھەببەت ئىزتىراپى ۋە مەقسەتنىڭ كەينىدىن يۈرۈشكە ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ تەبىئىي تەرتىپىدەك تۇيۇلدى، پادىچى بالا بۇرۇن ئۆزىنىڭ نېمە ئىزدىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەڭرىنىڭ ئۆزى بىلەن بېشارەتلەر تىلىدا سۆزلەشكەنلىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى.
«سەۋر قىل» دېدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە، − تۆگىچى ئېيتقاندەك تاماق ۋاقتى قورساق تويغۇز، سەپەر ۋاقتى يولغا چۈش…
سەپەردە ھاردۇق يەتكەچ بىرىنچى كۈنى ھەممە كىشى ھەتتا ئىنگلىزمۇ ياستۇقتىن باش كۆتۈرمەي ئۇخلىدى، سانتىياگو چۈشكەن چېدىردا بەش بالا بار ئىدى، بالىلارنىڭ يېشى تەخمىنەن پادىچى بىلەن تەڭ بولۇپ، ئۇلار شەھەرلىكلەرنىڭ ھاياتىغا بەكمۇ قىزىقاتتى.
سانتىياگو ئۇلارغا پادىچىلىق ھاياتى ھەققىدە ھېكايە قىلىپ بەردى، ئەمدى فارفورچىنىڭ دۇكىنىدىكى تۇرمۇشى توغرىسىدا سۆز باشلىۋېدى، چېدىرغا ئىنگلىز شامالدەك يۈگۈرۈپ كىرىپ:
− ئەتىگەندىن بېرى سېنى ئىزلىدىم، ئەلكىمياگەرنى تېپىشىمغا ياردەم بەر، − دېدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككى كېچە - كۈندۈز ئەلكىمياگەرنى ئىزدەپ تاپالمىدى ۋە ئاخىرى ئەلكىمياگەرنى ئاددىي ئادەملەرگە ئوخشاش ياشىماي، چېدىردا شامۇ سەھەر ئوت يېقىپ پىنھان تەجرىبە ئىشلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىدى. شۇنىڭ بىلەن چۆلدىكى بۇ خورمىزار يېزىنى باشتىن - ئاياغ كېزىپ چىقتى، خورمىزارلىق ئۇلارغا دەسلەپكى تەسىراتىدىنمۇ چوڭ تۇيۇلۇشقا باشلىدى، چېدىرلار چەكسىز بولۇپ كۆرۈندى.
− بۈگۈنكى كۈنىمىزمۇ بىكارغا كەتتى، − دېدى ئىنگلىز قۇدۇقلاردىن بىرىنىڭ بېشىدا ھارغىن ئولتۇرۇۋېتىپ.
− يەرلىكلەردىن سوراپ ئىزلىسە تېزرەك تېپىلارمىكىن − دەپ جاۋاب بەردى سانتىياگو.
ئىنگلىز ئىككىلىنىپ قالدى، ئۇ ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايتتى، شۇڭا ئەرەبچىنى ياخشى بىلىدىغان سانتىياگودىن ئەلكىمياگەرنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى، شۇ پەيت سۇ ئېلىش ئۈچۈن تۇلۇم كۆتۈرۈپ قۇدۇق بويىغا بىر ئايال كەلدى، بالا سالام بىلەن سورىدى:
− ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاپا! ئەلكىمياگەرنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز؟
ئايال ئاۋۋال سانتىياگوغا بۇ يەرنىڭ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش لازىملىقىنى، قارا چايشاپلىق ئاياللارغا ①گەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. كېيىن بۇنداق ئادەم توغرىسىدا ھېچقاچان ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى.
ئىنگلىزنىڭ «قولتۇقىدىن تاۋۇزى چۈشكەندەك» بولدى، ئۇ ھاياتىنى ئاساسەن مۇشۇ ئىشقا دو تىككەنىدى، يەنە كېلىپ بىر ئۈمىد ئۇنى ھالاكەت دېڭىزى بولغان سەھرايى كەبىردىن ئامان - ئېسەن يېتىلەپ كەلدى، ئەجەبا دەقىقە ئىچىدە ئۆمۈرلۈك ئارزۇ - ئارمانلار بىردىنلا كۆپۈككە ئايلانسا، بۇنىڭغا قانداق بەرداشلىق بېرىش مۇمكىن؟! …سانتىياگونىڭ ئىنگلىزغا ھېسداشلىقى ئاشتى، قانداقلا بولمىسۇن ئۇمۇ مەقسىتىنى ئىزلەپ يۈرگەن ئىنسانغۇ؟ مەلىكىسىدىقنىڭ گېپىچە، دەل مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئىنساننى ئۆز مەقسىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن ئالەم ياردەمگە كېلىشى كېرەك ئىدى، ئەجەبا قېرى شاھ ئاداشقانمۇ، قانداق؟
بىر پەستىن كېيىن:
− راستىنى ئېيتسام، − دەپ ئېغىز ئاچتى سانتىياگو، − ئەلكىمياگەر ھەققىدە ئەزەلدىن ئىشتمىگەن، بولمىسا ئەلۋەتتە ساڭا ياردەم قىلاتتىم.
بىردىنلا ئىنگلىز ئىلھاملىنىپ كۆك كۆزلىرى چاقناپ كەتتى ۋە:
− تاپتىم، − دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى، ئۇنىڭچە شۇ كىشىنىڭ ئەلكىمياگەرلىكنى بۇ يەردە ھېچكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى بۇ سىر تۇتۇلىدىغان ئىش، شۇڭا ئاۋۋال بىمارلارنى داۋالايدىغان تېۋىپلارنى تېپىش لازىم!
قارا چۈمپەردە تارتقان بىرنەچچە ئايال قۇدۇق بويىغا كەلدى، ئىنگلىز سانتىياگونىڭ قانچىلىك زورلىمىسۇن ئۇ ئاياللاردىن گەپ سورىمىدى، مانا ئاخىر قۇدۇق بېشىغا ئەركەك زاتىمۇ پەيدا بولدى.
− خورمىزارلىقتا ھەممە كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسىنى بىلىدىغان ئادەم بارمۇ؟
− ھەممە دەرتكە پەقەت ئاللا شىپا بەرگۈچىدۇر، ئېھتىمال سىلەر سېھرىگەرلەرنى ئىزدەۋاتقان بولساڭلار كېرەك، − جاۋاب بەردى ئەركەك يوچۇن ئادەملەرگە گۇمانسىراپ قاراپ.
ئۇ «قۇرئان» دىن بىرنەچچە سۈرىنى شىپى كەلتۈردى، ئوقۇدى ۋە كېتىپ قالدى، بىر ئازدىن كېيىن چېلەك كۆتۈرگەن يەنە بىر ئادەم پەيدا بولدى، ئۇ ياشانغان كىشى ئىدى، سانتىياگو سوئالىنى تەكرارلىدى.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 01:44:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
− بۇنداق ئادەملەر سىلەرگە نېمە ئۈچۈن لازىم بولۇپ قالدى؟ − ھېلىقى ئادەم سوئالغا سوئال بىلەن جاۋاب بەردى، ئەمەلىيەتتە ئىككىيلەننىڭ مەقسىتى ئەھۋالنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىگىلەش ئىدى.
− دوستۇم، ئاشۇ كىشىنى تېپىش ئۈچۈن بەكمۇ ئۇزاق يەرلەردىن كەلگەن، − دېدى سانتىياگو مۇلايىم تەلەپپۇزدا.
− ئەگەر يۇرتىمىزدا شۇنداق ئادەم بولىدىغان بولسا ئۇ چەكسىز قۇدرەت ساھىبى دېگەن گەپ، − سۈرىنى داۋاملاشتۇردى مويسىپىت كىشى، − مۇبادا ئۇ خالىمىسا قەبىلە سەردارلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىستىگەن چاغدا كۆرۈشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئۇرۇش تۈگۈشى بىلەن بۇ يەردىن كېتىڭلار، ھاياتىمىزغا ئارىلاشماڭلار.
ئەمما ئىنگلىز شىرنىڭ ئىزىنى تاپقان ئوۋچىدەك خۇشال ئىدى، ئاخىرى ئۇلار بېشىغا رومال ئارتقان، يۈزلىرى ئوچۇق، مۈرىسىدە كوزا كۆتۈرگەن بىر قىزنىڭ قۇدۇق تامان كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە سانتىياگو ئەلكىمياگەرنىڭ دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى.
شۇ چاغدا ئۇنىڭغا گويا ۋاقىت توختاپ قالغاندەك بىلىندى ۋە ئالەم روھى قۇدرەت - كامالىتىنى نامايان قىلىۋاتقاندەك بولدى. يىگىت قىزنىڭ تۈندەك قاپقارا يوغان كۆزلىرى، غۇنچىدەك ئېچىلىپ، گۈلدەك تەبەسسۇم قىلىشقا تەييار تۇرغان خورمىدەك لەۋلىرىگە مەپتۇن بولۇپ جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. شۇ تاپتا ئۇ ئالەم ۋە ئادەمنىڭ روھىنىڭ زۇۋانىز ئىزھارى بولمىش ئىلاھىي تىلنىڭ قۇدرەت، ھېكمىتىنى ئاڭلاۋاتقاندەك بولدى. مانا بۇ مۇھەببەت بولۇپ، ئۇ ئىنسان ۋە مەزكۇر چۆللەردىنمۇ قەدىمىيرەك ئىدى، ئۇ خۇددى ھازىرقىدەك ئەر - ئايالنىڭ بىر - بىرىگە قادالغان ساپ ۋە ھايالىق بېقىشىشلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن مۆجىزىۋىي يوسۇندا دۇنياغا كەلگەن. قىزنىڭ سەل قۇرۇغان پومپاق لەۋلىرى شۇنچىلىك مەيىن تەبەسسۇم قىلدىكى، قاردەك ئاق چىشلىرى جىلۋىلەندى. بۇلار − سانتىياگو ئۆزىمۇ تولۇق ھېس قىلمىغان ھالدا ئۇزاق ۋاقىت كۈتكەن، قويلىرىدىن، كىتابلىرىدىن، فارفور ئىدىشلاردىن ۋە ياكى جەزىرە جىمجىتلىقىدىن ئىزدەۋاتقان بېشارەت ئىدى. ئەبەدىيلىك سەپىرى سايىن سىلجىۋاتقان ئالەمگە ئوخشاش مۇھەببەت بىغۇبار ۋە چۈشىنىشلىك، ئۇنىڭدا ئىزاھات ۋە تەرجىمىگە ئورۇن يوق! سانتىياگو دەل شۇ مىنۇتلاردا تەقدىر قەلىمىدە پېشانىسىگە يېزىلغان قىزنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك بولدى، قىزمۇ رىزىق - نېسىۋىسىنىڭ نەچچە قەدەم ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئىلاھىم! ئەزەلى ھۆكۈمىنىڭ مۇقەررەرلىكىگە سانتىياگونىڭ ئىمانى كامىل ئىدى. ھەتتا بۇ ئىشەنچنى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىدىنمۇ كۈچلۈك دېيىشكە بولاتتى. ئەمما بۇ مەسىلىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاۋۋال قىزنى كۆرۈشى، ئاندىن ئەلچى ئەۋەتىشى، كېيىن پۇل يىغىپ توي قىلماق كېرەك دەيدىغانلىقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى.
ئومۇمىي ئىنسانىي تىلنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم بولغانلارلا ئەنە شۇنداق مەسلىھەت بېرىدۇ، ھالبۇكى ئىلاھىي زەۋىق - شەرققە چۆمگەن ئىكەنسەن شۇنداق بىر سىردىن ئاگاھ بولمىقىڭ كەركى، مەيلى ئۇ سەھرايى قىيامەتتە بولسۇن ۋە ياكى ئەزىم شەھەردە، ھامان بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئىزدەۋاتقان، كۈتۈۋاتقان بولىدۇ. بۇلارنىڭ يوللىرى تۇتاشقان، نىگاھلىرى ئۇچراشقان لەھزىدە ئۆتمۈشنىڭمۇ، كېلەچەكنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ. پەقەت شۇ دەقىقىدە ئالەمدىكى بارلىق زاھىرىي ۋە باتىنىي مەۋجۇداتلار ئۆزلىرىنىڭ يېگانە بىر روھنىڭ ھاسىلاتى ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشىدۇ. ئۇشبۇ روھ قەلبلەردە مۇھەببەت ئويغىتىپ، ھامان مېھنەت قىلىۋاتقانلار، ئارام ئېلىۋاتقانلار ۋە خەزىنە ئىزلەۋاتقانلارنى قوشماق روھلىرىغا ئۇلاشتۇرىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئادەمزات نەسلىنى توختاۋسىز ئىزتىراپلار گىردابىدىن يېتەكلەپ كېلىۋاتقان ئارزۇلىرىمىزدا زەررىچە مەزمۇن بولمىغان بولاتتى.
سانتىياگونىڭ خىيالىدىن يەنە تۇرۇپلا «مەكتۇپ» دېگەن سۆز كەچتى. ئىنگلىز بالىغا يېقىنلاشتى ۋە روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تېخىچە نېمە قىلىشىنى بىلمەي خامۇش تۇرۇۋاتقان سانتىياگونىڭ مۈرىسىنى قېقىپ تۇرۇپ:
− ۋاقىتنى ئۆتكۈزمە، قىزدىن تېزرەك سورا، − دېدى.
سانتىياگو قىزغا يېقىنلاشتى، قىز تېخىمۇ تاتلىق تەبەسسۇم قىلدى، يىگىتمۇ يەڭگىل كۈلۈمسىرىدى.
− ئىسمىڭ نېمە؟ − سورىدى سانتىياگو.
− پاتىمەن، − شۇنچىكى يەرگە قاراپ جاۋاب بەردى قىز.
− مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆلكىدە بۇ ئىسىم كۆپ.
− بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى، − سۆزىنى داۋاملاشتۇردى پاتىمەن، − جەڭچىلىرىمىز بۇ خاسىيەتلىك ئىسمىنى ئۇزاق - ئۇزاق يۇرتلارغىچە تارقاتقان.
پەرىشتە قىزنىڭ ئاۋازىدا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى جاراڭلاپ تۇراتتى، ئىنگلىز تىت - تىتلاپ كېتىۋاتاتتى، ئاخىر سانتىياگو بارلىق جۈرئىتىنى يىغىپ پاتىمەدىن ھېلىقى گەپنى سورىدى.
− ئۇ ئادەم دۇنيانىڭ ھەممە سىر - ئەسرارلىرىدىن خەۋەردار، كۆپرەك جەزىرە جىنلىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ.
قىزنىڭ جىن دېگىنى ئىبلىس دېگىنى ئىدى. پاتىمە سىلەر ئىزدەۋاتقان ئادەم ئاۋۇ تەرەپتە ياشايدۇ، دېگەننى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىرايلىق قوللىرى بىلەن جەنۇب تەرەپنى ئىشارەت قىلدى. كېيىن كوزىسىنى سۇغا تولدۇرۇپ، يىگىتنىڭ چوڭقۇر مېھىر بىلەن تولغان قاراشلىرىنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەنچە كېتىپ قالدى.
ئىنگلىز ئەلكىمياگەرنى ئىزلەش ئۈچۈن پاتىمە كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ جۆنىدى، سانتىياگو بىر نەرسىنى يوقىتىپ قويغان كىشىدەك كېتىشكە كۆزى قىيماي كونا قۇدۇقنىڭ بېشىدا ئۇزۇنغىچە يالغۇز تۇردى، ئۇ خىيال دېڭىزىغا غەرق بولغان ئىدى. قاچانلاردىدۇر ئۇ ئۆز ۋەتىنىدە يۈرۈگەن چاغلاردا شەرقتىن ئېسىپ، دىمىقىغا ئۇرۇلغان خۇشبۇي شامالنىڭ ئەسلىدە پاتىمەنىڭ ھىدى ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلدى. ئۇ سۆيۈپ قالغان بولغاچقا، كۈندە نەچچە رەت تەسەۋۋۇر ئەينىكىدە جانلىنىدىغان، ئەمما دۇنيانىڭ قايسى بىر نۇقتىسىدا ئىكەنلىكى مەۋھۇم بولغان قىز مانا ئەمدى كۆز ئالدىدا كوزا كۆتۈرۈپ تۇرۇپتىغۇ! ئۇنىڭ مۇھەببىتى يەر يۈزىدىكى ھەممە خەزىنىگە باراۋەر ئەمەسمۇ!
ئەتىسى سانتىياگو قىزنى ئۇچرىتىش ئۈچۈن قۇدۇق بېشىغا كەلدى. ئەمما ئۇ يەردە ئۇزاق چۆللەرگە نەزەر تاشلىغىنىچە ئولتۇرغان ئىنگلىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ئىنگلىزنىڭ سانتىياگو كېلىشى بىلەن ئاغزى ئېچىلدى:
− قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكۈچە كۈتتۈم، تۈن تۇنجى يۇلتۇزلارنى ئاسمانغا سەپكەن مەھەلدە ئۇ پەيدا بولدى، ئەلكىمياگەرگە ھەممىنى چۈشەندۈردۈم، ئەمما ئۇ «ئۇنداقتا قوغۇشۇننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرالىدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى، مەن دەل مۇشۇ ئىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئاخىرىدا ئۇ بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىشىمنى تاپىلاپ، «يولۇڭغا ئاتلان ۋە ھەرىكىتىڭنى داۋاملاشتۇر» دەپ كېتىپ قالدى.
سانتىياگو گويا ئۈمىدسىزلەنگەندەك جىمىپ كەتتى، ئەجەبا بىچارە ئىنگلىز شۇ سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن دۇنيا كەزگەنمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ «بەدىلىگە ياۋاش قويلىرىمنى بېرىپ، مەلىكىسىدىقتىن ئاڭلىغان ھېكمەتلەرمۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك» دەپ ئويلاپ قالدى.
− شۇنداق ئىكەن، ھەرىكىتىڭنى داۋاملاشتۇر!
− شۇنداق قارارغا كەلدىم، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىشقا كىرىشىمەن.
ئىنگلىزنىڭ كېتىشى بىلەن سانتىياگو بېشىنى شۇنداقلا كۆتۈرۈپ قارىسا، يېقىنلا يەردە پاتىمە تۇرۇپتۇ.
− ماڭا ياتلىق بولۇشۇڭنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، يەنە يولۇڭغا كەلدىم، سېنى سۆيىمەن.
توساتتىن ئېيتىلغان بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قىزنىڭ كوزىسى يەرگە چۈشۈپ سۈيى تۆكۈلۈپ كەتتى.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 01:45:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
− بۇنداق ئادەملەر سىلەرگە نېمە ئۈچۈن لازىم بولۇپ قالدى؟ − ھېلىقى ئادەم سوئالغا سوئال بىلەن جاۋاب بەردى، ئەمەلىيەتتە ئىككىيلەننىڭ مەقسىتى ئەھۋالنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىگىلەش ئىدى.
− دوستۇم، ئاشۇ كىشىنى تېپىش ئۈچۈن بەكمۇ ئۇزاق يەرلەردىن كەلگەن، − دېدى سانتىياگو مۇلايىم تەلەپپۇزدا.
− ئەگەر يۇرتىمىزدا شۇنداق ئادەم بولىدىغان بولسا ئۇ چەكسىز قۇدرەت ساھىبى دېگەن گەپ، − سۈرىنى داۋاملاشتۇردى مويسىپىت كىشى، − مۇبادا ئۇ خالىمىسا قەبىلە سەردارلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىستىگەن چاغدا كۆرۈشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئۇرۇش تۈگۈشى بىلەن بۇ يەردىن كېتىڭلار، ھاياتىمىزغا ئارىلاشماڭلار.
ئەمما ئىنگلىز شىرنىڭ ئىزىنى تاپقان ئوۋچىدەك خۇشال ئىدى، ئاخىرى ئۇلار بېشىغا رومال ئارتقان، يۈزلىرى ئوچۇق، مۈرىسىدە كوزا كۆتۈرگەن بىر قىزنىڭ قۇدۇق تامان كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە سانتىياگو ئەلكىمياگەرنىڭ دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى.
شۇ چاغدا ئۇنىڭغا گويا ۋاقىت توختاپ قالغاندەك بىلىندى ۋە ئالەم روھى قۇدرەت - كامالىتىنى نامايان قىلىۋاتقاندەك بولدى. يىگىت قىزنىڭ تۈندەك قاپقارا يوغان كۆزلىرى، غۇنچىدەك ئېچىلىپ، گۈلدەك تەبەسسۇم قىلىشقا تەييار تۇرغان خورمىدەك لەۋلىرىگە مەپتۇن بولۇپ جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. شۇ تاپتا ئۇ ئالەم ۋە ئادەمنىڭ روھىنىڭ زۇۋانىز ئىزھارى بولمىش ئىلاھىي تىلنىڭ قۇدرەت، ھېكمىتىنى ئاڭلاۋاتقاندەك بولدى. مانا بۇ مۇھەببەت بولۇپ، ئۇ ئىنسان ۋە مەزكۇر چۆللەردىنمۇ قەدىمىيرەك ئىدى، ئۇ خۇددى ھازىرقىدەك ئەر - ئايالنىڭ بىر - بىرىگە قادالغان ساپ ۋە ھايالىق بېقىشىشلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن مۆجىزىۋىي يوسۇندا دۇنياغا كەلگەن. قىزنىڭ سەل قۇرۇغان پومپاق لەۋلىرى شۇنچىلىك مەيىن تەبەسسۇم قىلدىكى، قاردەك ئاق چىشلىرى جىلۋىلەندى. بۇلار − سانتىياگو ئۆزىمۇ تولۇق ھېس قىلمىغان ھالدا ئۇزاق ۋاقىت كۈتكەن، قويلىرىدىن، كىتابلىرىدىن، فارفور ئىدىشلاردىن ۋە ياكى جەزىرە جىمجىتلىقىدىن ئىزدەۋاتقان بېشارەت ئىدى. ئەبەدىيلىك سەپىرى سايىن سىلجىۋاتقان ئالەمگە ئوخشاش مۇھەببەت بىغۇبار ۋە چۈشىنىشلىك، ئۇنىڭدا ئىزاھات ۋە تەرجىمىگە ئورۇن يوق! سانتىياگو دەل شۇ مىنۇتلاردا تەقدىر قەلىمىدە پېشانىسىگە يېزىلغان قىزنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك بولدى، قىزمۇ رىزىق - نېسىۋىسىنىڭ نەچچە قەدەم ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئىلاھىم! ئەزەلى ھۆكۈمىنىڭ مۇقەررەرلىكىگە سانتىياگونىڭ ئىمانى كامىل ئىدى. ھەتتا بۇ ئىشەنچنى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىدىنمۇ كۈچلۈك دېيىشكە بولاتتى. ئەمما بۇ مەسىلىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاۋۋال قىزنى كۆرۈشى، ئاندىن ئەلچى ئەۋەتىشى، كېيىن پۇل يىغىپ توي قىلماق كېرەك دەيدىغانلىقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى.
ئومۇمىي ئىنسانىي تىلنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم بولغانلارلا ئەنە شۇنداق مەسلىھەت بېرىدۇ، ھالبۇكى ئىلاھىي زەۋىق - شەرققە چۆمگەن ئىكەنسەن شۇنداق بىر سىردىن ئاگاھ بولمىقىڭ كەركى، مەيلى ئۇ سەھرايى قىيامەتتە بولسۇن ۋە ياكى ئەزىم شەھەردە، ھامان بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئىزدەۋاتقان، كۈتۈۋاتقان بولىدۇ. بۇلارنىڭ يوللىرى تۇتاشقان، نىگاھلىرى ئۇچراشقان لەھزىدە ئۆتمۈشنىڭمۇ، كېلەچەكنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ. پەقەت شۇ دەقىقىدە ئالەمدىكى بارلىق زاھىرىي ۋە باتىنىي مەۋجۇداتلار ئۆزلىرىنىڭ يېگانە بىر روھنىڭ ھاسىلاتى ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشىدۇ. ئۇشبۇ روھ قەلبلەردە مۇھەببەت ئويغىتىپ، ھامان مېھنەت قىلىۋاتقانلار، ئارام ئېلىۋاتقانلار ۋە خەزىنە ئىزلەۋاتقانلارنى قوشماق روھلىرىغا ئۇلاشتۇرىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئادەمزات نەسلىنى توختاۋسىز ئىزتىراپلار گىردابىدىن يېتەكلەپ كېلىۋاتقان ئارزۇلىرىمىزدا زەررىچە مەزمۇن بولمىغان بولاتتى.
سانتىياگونىڭ خىيالىدىن يەنە تۇرۇپلا «مەكتۇپ» دېگەن سۆز كەچتى. ئىنگلىز بالىغا يېقىنلاشتى ۋە روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تېخىچە نېمە قىلىشىنى بىلمەي خامۇش تۇرۇۋاتقان سانتىياگونىڭ مۈرىسىنى قېقىپ تۇرۇپ:
− ۋاقىتنى ئۆتكۈزمە، قىزدىن تېزرەك سورا، − دېدى.
سانتىياگو قىزغا يېقىنلاشتى، قىز تېخىمۇ تاتلىق تەبەسسۇم قىلدى، يىگىتمۇ يەڭگىل كۈلۈمسىرىدى.
− ئىسمىڭ نېمە؟ − سورىدى سانتىياگو.
− پاتىمەن، − شۇنچىكى يەرگە قاراپ جاۋاب بەردى قىز.
− مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆلكىدە بۇ ئىسىم كۆپ.
− بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى، − سۆزىنى داۋاملاشتۇردى پاتىمەن، − جەڭچىلىرىمىز بۇ خاسىيەتلىك ئىسمىنى ئۇزاق - ئۇزاق يۇرتلارغىچە تارقاتقان.
پەرىشتە قىزنىڭ ئاۋازىدا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى جاراڭلاپ تۇراتتى، ئىنگلىز تىت - تىتلاپ كېتىۋاتاتتى، ئاخىر سانتىياگو بارلىق جۈرئىتىنى يىغىپ پاتىمەدىن ھېلىقى گەپنى سورىدى.
− ئۇ ئادەم دۇنيانىڭ ھەممە سىر - ئەسرارلىرىدىن خەۋەردار، كۆپرەك جەزىرە جىنلىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ.
قىزنىڭ جىن دېگىنى ئىبلىس دېگىنى ئىدى. پاتىمە سىلەر ئىزدەۋاتقان ئادەم ئاۋۇ تەرەپتە ياشايدۇ، دېگەننى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىرايلىق قوللىرى بىلەن جەنۇب تەرەپنى ئىشارەت قىلدى. كېيىن كوزىسىنى سۇغا تولدۇرۇپ، يىگىتنىڭ چوڭقۇر مېھىر بىلەن تولغان قاراشلىرىنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەنچە كېتىپ قالدى.
ئىنگلىز ئەلكىمياگەرنى ئىزلەش ئۈچۈن پاتىمە كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ جۆنىدى، سانتىياگو بىر نەرسىنى يوقىتىپ قويغان كىشىدەك كېتىشكە كۆزى قىيماي كونا قۇدۇقنىڭ بېشىدا ئۇزۇنغىچە يالغۇز تۇردى، ئۇ خىيال دېڭىزىغا غەرق بولغان ئىدى. قاچانلاردىدۇر ئۇ ئۆز ۋەتىنىدە يۈرۈگەن چاغلاردا شەرقتىن ئېسىپ، دىمىقىغا ئۇرۇلغان خۇشبۇي شامالنىڭ ئەسلىدە پاتىمەنىڭ ھىدى ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلدى. ئۇ سۆيۈپ قالغان بولغاچقا، كۈندە نەچچە رەت تەسەۋۋۇر ئەينىكىدە جانلىنىدىغان، ئەمما دۇنيانىڭ قايسى بىر نۇقتىسىدا ئىكەنلىكى مەۋھۇم بولغان قىز مانا ئەمدى كۆز ئالدىدا كوزا كۆتۈرۈپ تۇرۇپتىغۇ! ئۇنىڭ مۇھەببىتى يەر يۈزىدىكى ھەممە خەزىنىگە باراۋەر ئەمەسمۇ!
ئەتىسى سانتىياگو قىزنى ئۇچرىتىش ئۈچۈن قۇدۇق بېشىغا كەلدى. ئەمما ئۇ يەردە ئۇزاق چۆللەرگە نەزەر تاشلىغىنىچە ئولتۇرغان ئىنگلىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ئىنگلىزنىڭ سانتىياگو كېلىشى بىلەن ئاغزى ئېچىلدى:
− قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكۈچە كۈتتۈم، تۈن تۇنجى يۇلتۇزلارنى ئاسمانغا سەپكەن مەھەلدە ئۇ پەيدا بولدى، ئەلكىمياگەرگە ھەممىنى چۈشەندۈردۈم، ئەمما ئۇ «ئۇنداقتا قوغۇشۇننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرالىدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى، مەن دەل مۇشۇ ئىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئاخىرىدا ئۇ بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىشىمنى تاپىلاپ، «يولۇڭغا ئاتلان ۋە ھەرىكىتىڭنى داۋاملاشتۇر» دەپ كېتىپ قالدى.
سانتىياگو گويا ئۈمىدسىزلەنگەندەك جىمىپ كەتتى، ئەجەبا بىچارە ئىنگلىز شۇ سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن دۇنيا كەزگەنمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ «بەدىلىگە ياۋاش قويلىرىمنى بېرىپ، مەلىكىسىدىقتىن ئاڭلىغان ھېكمەتلەرمۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك» دەپ ئويلاپ قالدى.
− شۇنداق ئىكەن، ھەرىكىتىڭنى داۋاملاشتۇر!
− شۇنداق قارارغا كەلدىم، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىشقا كىرىشىمەن.
ئىنگلىزنىڭ كېتىشى بىلەن سانتىياگو بېشىنى شۇنداقلا كۆتۈرۈپ قارىسا، يېقىنلا يەردە پاتىمە تۇرۇپتۇ.
− ماڭا ياتلىق بولۇشۇڭنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، يەنە يولۇڭغا كەلدىم، سېنى سۆيىمەن.
توساتتىن ئېيتىلغان بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قىزنىڭ كوزىسى يەرگە چۈشۈپ سۈيى تۆكۈلۈپ كەتتى.

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 812
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13923
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 11:28:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ياخشى كىتاپنى تونۇشتۇرۇپسىلەر تەشەككۈر ، نەشىردىن چىقىش ئالدىدىمۇ يا ؟ بىر يولىلا ئوقۇغۇم كىلىۋاتىدۇ ...

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 09:59:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لاتىن ئامىرىكىلىق  يازغۇچىنىڭ دۇنياۋى داڭلىق بۇ ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنغان تەرجىمان،  سورۇن ھازىرلاپ يۈز كۆرۈشتۈرگەن مىسرانىم ئەپەندىلەرگە كۆپ تەشەككۈر. ئاپىرىن ! تەرجىمە ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ. ئەينى يىللىرى ‹دۇنيا ئەدەبىياتى› جورنىلى  مۇشۇنداق دۇنياۋى ، نادىر ھىكايە- پوۋىستلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللايتى.  داۋامىنى قىزىقىش ئىچىدە ساقلاپ قالدۇق.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95384
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2013-5-26
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 11:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izdinish يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 08:32 AM
بۇرادەر ، بۇ كىتاب بىر ياخشى كىتابكەن ، تەرجىمە دېگەن  ...

بۇ مۇنبەردە شۇنداق ئەقىلسىزلەردىنمۇ بارچۇ ئەمدى،ئۇغۇ ئۆزىنىڭ ئىشى،تور گەرچە مەۋھۇم دۇنيا بولسىمۇ ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ.دەۋەت قىلىش ۋە توسۇش مەجبۇرىيتىم بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق ئەقىلسىزلەرگە خىتاب قىلدىم خالاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 09:10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھوي... ئوقۇيدىغان كىتاب ئەسلى ماۋۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ ؟!...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش