مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim2

پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى(دۇنياۋىي ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25962
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2646 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 11:11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


لېكىن زامان ئۆزگىرىپ، شەھەرمۇ بۇرۇنقى ئابادانىقىنى يوقاتتى، كېيىن تەنجەر يېنىدىكى سېيتا شەھىرى تېز راۋاجلىنىپ، سودا مەركىزى شۇ ياققا يۆتكەلدى. ھەقامسايە سودىگەرلەرمۇ كۆچۈپ كېتىپ، پەقەت كوچىنىڭ تۆۋىنىدە بىرنەچچىلا دۇكان قالغان، خېرىدارلارنىڭ نەزىرىدە بۇ دۇكانلارغا قەدەم بېسىش گويا تاغقا چىقماقتىنمۇ قۇلايسىز ئىدى.
ئەمما چىنە - قاچىلار سودىگىرىنىڭ بۇ يەردە قالماسلىقتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى، ئۇ ئوتتۇز يىل فارفور ئېلىپ - سېتىش بىلەن شۇغۇللاندى، شۇڭا كېيىنكى ھاياتىدا باشقا بىر ئىش تەۋرىتىشنىڭ كويىغا چۈشىمەن دېگەن بىلەن ئۈلگۈرمەيتتى.
ئۇنىڭ ئەتىگەنلىك ۋاقتى ئاندا - ساندا كۆزگە چېلىقىدىغان يولۇچىلارنى ئۇزىتىش بىلەن ئۆتتى، سودىگەرگە بۇ خىل مۇھىت ۋە بۇ كوچىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ ھاياتى كۆپ يىللاردىن بېرى بەش قولدەك تونۇش ئىدى. چۈشكە يېقىن سودىگەر دۇكان ئىشىكى ئالدىدا رەتلىك كىيىنگەن بىر بالىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى، دۇكاندار بىر قاراپلا بالىنىڭ يەرلىك ئەمەسلىكىنى، ھاجەتمەن ساياھەتچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچقىنىغا قارىماستىن بالا دۇكاندىن كەتكۈچە چۈشلۈك قىلماسلىقنى ئويلىدى، دۇكان ئىشىكىگە بولسا چەت تىللاردىمۇ سۆزلەپ سودا قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىلدۈرگۈ يېزىلغانىدى. سانتىياگو دۇكان غوجايىنىنىڭ پوكەي يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردى - دە:
− پىيالىڭىزنى يۇيۇپ بەرسەم بولامدۇ بۇنداق تۇرسا ھېچكىم سېتىۋالمايدۇ، − دەپ سوراپ قالدى.
غوجايىن جاۋاب بەرمىدى.
− ماڭا پەقەت يېگۈدەك بىر نەرسە بەرسىڭىزلا بولدى، − قوشۇپ قويدى سانتىياگو. غوجايىن لام - جىم دېمەي بالىغا قاراپ تۇرۇۋەردى، سانتىياگو جانلىق ھەرىكەت قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى پەملىدى، ئۇنىڭ خالتىسىدا چاپىنى بولۇپ، بۇ سەھرادا لازىمى يوق ئىدى. شۇڭا دەرھال چاپىنى بىلەن پىيالىلەرنى سۈرتۈشكە باشلىدى، تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن پىيالىلەر پارقىراپ كەتتى، شۇ ئارىلىقتا ئىككى خېرىدار كىرىپ، خىرىستال بۇيۇملاردىن سېتىۋالدى.
سانتىياگو ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ غوجايىندىن يېگۈدەك نەرسە سورىدى.
− قېنى مەن بىلەن ماڭ، − دېدى غوجايىم.
كېيىن ئىشىككە «چۈشلۈك ۋاقىت» دېگەن تاختاينى ئېسىپ قويۇپ، سانتىياگونى كوچىنىڭ يۇقىرىسىدىكى كىچىكرەك ئاشخانىغا باشلاپ كىردى، ئۇلار خېرىدارسىز ئاشخانىنىڭ بىر چېتىدە ئولتۇرۇشتى.
ئازراق سۈكۈتتىن كېيىن فارفورچى كۈلۈپ ئېيتتى:
− ئەمەلىيەتتە چىنە - قاچىلارنى سۈرتۈشۈڭنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، «قۇرئان كەرىم: دە ئاچ قالغان ئادەمنى تويدۇرۇش ساۋاب دەپ بۇيرۇلغان.
− ئۇنداقتا مېنى نېمىشقا توسمىدىڭىز؟
− پىيالىلەرنىڭ كىرلىشىپ كەتكىنى راست، شۇنداقتىمۇ ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى مەينەت نەرسىلەردىن خالىي تۇتۇشىمىز كېرەك.
تاماقلىنىپ بولغاندىن كېيىن غوجايىن:
− خالىساڭ دۇكىنىمدا ئىشلىگىن، قاچىلارنى تازىلاۋاتقىنىڭدا ئىككى خېرىدار كىرىپ نەرسە ئېلىشتى، بۇ بىر ئامەت، − دېدى.
«ئادەملەر ئالامەتلەر ھەققىدە كۆپ گەپ قىلىشىدۇ، ئەمما تېگى - تەكتىدىن نېمە ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىشمەيدۇ، مەنمۇ شۇنچە يىللاردىن بېرى ھېچنەرسىدىن خەۋىرىم يوق قويلار بىلەن گەپلىشىپ يۈردۈمغۇ!» دەپ ئويلىدى سانتىياگو.
− خوش، قانداق قىلماقچى سەن؟ − ياندۇرۇپ سورىدى فارفورچى.
− تاڭ ئاتقۇچە ھەممە نەرسىڭىزنى يۇيۇپ بېرىمەن، ماڭا مىسىرغا بېرىشقا يەتكۈدەك پۇل بېرىڭ.
غوجايىن كۈلۈپ كەتتى:
− ھەي نادان بالا …بۇنىڭغا سەن بىر يىل دۇكىنىمدا ئىشلەپ  تاپقان پۇلۇڭ بىلەن، سېتىلغان ھەربىر قاچىدىن ئالغان ئۈلۈشۈڭنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا چىقساڭمۇ چىقىنالمايسەن، چۈنكى تەنجەر بىلەن مىسىرنىڭ ئارىلىقى نەچچە مىڭ چاقىرىلىق دەشتى - چۆل.
بىر لەھزە شۇنچىلىك سۈكۈنات ھۆكۈم سۈردىكى، گويا پۈتۈن شەھەر چۆكۈۋاتقاندەك بىلىندى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قايناۋاتقان بازار، ئۆلگۈدەك ۋارقىراپ مېلىنى ماختاۋاتقان سودىگەر، مىنارغا چىقىپ ئادەملەرنى ئىبادەتكە چاقىرىۋاتقان مەزىن ۋە ئاپتاپتا خەنجەرلىرىنى يالىلدىتىپ ئىشلەۋاتقان ئويمىكارلار قاياققىدۇر غايىب بولغانىدى. ئارزۇ - ئۈمىد ۋە سەرگۈزەشتىلەر، نۇرانى شاھنىڭ ھىممىتى بىلەن تاللىغان يول، خەزىنە ۋە ئېھراملار گويا يەرگە سىڭىپ كەتكەندەك ياكى ھاۋادا ھورلىنىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. پۈتۈن ئالەم نەپەستىن توختاپ، سانتىياگونىڭ ۋۇجۇدى تىلنى، تېنى روھنى تەرك قىلدى. ئۇ نە ئاغرىق - ئازاب، نە ئۈمىدسىزلىكنى سەزمەيتتى، ئاشخانىنىڭ ئىشىكلىرىدە مەنىسىز قېتىپ قالغان نىگاھى ھەممە نەرسىنىڭ تامام بولۇشىنى ۋە شۇ دەقىقىدە ئۆلۈپ تۈگىشىنى ئىستەيتتى، سودىگەر قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ بالىنىڭ ھەيرانلىقىغا جور بولدى، ئۇ تېخى تۈنۈگۈن ياكى بىر تۈن ئاۋۋاللا بەختىيار بالا ئىدى، ئەمدى بولسا يۈزىنى غەم بۇلۇتلىرىنى قاپلاپ، ئۇنىڭدا شادلىق - سەبىيلىكتىن ئەسەر قالمايۋاتاتتى.
− ئوغلۇم، ۋەتىنىڭگە قايتىشىڭ ئۈچۈن پۇل بېرىشىم مۇمكىن، − دېدى سودىگەر ئۇزاق جىمجىتلىقتىن كېيىن. سانتىياگو جاۋاب قايتۇرمىدى، ئورنىدىن تۇردى ۋە كىيىملىرىنى تۈزەشتۈردى، كېيىن خالتىسىنى قولتۇقىغا قىستى - دە:
− سىزنىڭكىدە ئىشلەپ قالاي، − دېدى.
ئۇلار دۇكاندىن چىقىشتى.
− ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن بىرنەچچە قوي سېتىۋېلىشىم مۇمكىن، − دېگەننى قوشۇپ قويدى سانتىياگو.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25962
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2646 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 11:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئىككىنچى قىسىم


سانتىياگو دۇكاندا تەخمىنەن بىر ئايدەك ئىشلىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ياقتى دېگىلى بولمايتتى، چۈنكى غوجايىن ھەر كۈنى پوكەي ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا نەرسىلەرگە ئېھتىيات بولۇشنى تەكىتلەپ، نېمىلەرنىدۇر دەپ غۇدىرايتتى.
لېكىن شۇنىڭلىق بىلەن ئىشنى تاشلاپ كېتىشكە بولمايتتى، چۈنكى غوجايىن سەل ئەزمە ئادەم بولسىمۇ، ئەمما ھالال، گېپىدە تۇرىدىغانلاردىن ئىدى. ۋەدە بويىچە سانتىياگو سېتىلغان نەرسىلەردىن ئۆلۈشنى ۋاقتىدا ئېلىپ تۇردى ۋە نەچچە تەڭگە يىغىشقىمۇ ئۈلگۈردى، بىر كۈنى ئۇ يىغقانلىرىنى ھېسابلاپ كۆرسە، پىلاندىكى قويلارنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن بۇ يەردە يەنە بىر يىل ئىشلەشكە توغرا كېلىدىكەن.
− كۆچمە دۇكان ياساپ، چىرايلىق نەرسىلىرىمىزنى تىزساق، كۆپلەپ خېرىدارلار دۇكىنىمىزغا كېلىشى مۇمكىن، − دەپ مەسلىھەت بەردى ئۇ بىر كۈنى غوجايىنغا.
− بىز كۆچمە دۇكانسىزمۇ ھازىرغىچە تىرىكچىلىك قىلىپ كقەلدۇق، بىر كىم ئۇقۇشماي پۇتلىشىپ كەتسە، ھەممە نەرسىمىز چۇل - چۇل بولۇپ كېتىدۇ - دە، تۈگىشىمىز، − دېدى فارفورچى جاۋابەن.
− مەن قويلىرىمنى يايلاققا ئېلىپ چىققاندا، بىرەر قوينىڭ يىلاننى دەسسىۋېلىشى ياكى قوينى چېقىپ ھارام قىلىپ قويۇشى نورمال ئەھۋال ئىدى. دېمەك بۇ پادىچى بىلەن قويلارنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە دېگەن گەپ.
غوجايىن بۇ چاغدا روماكا سېتىۋالغۇچى خېرىدارلار بىلەن بەنت بولغاچقا، گەپكە دىققەت قىلمىدى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خۇددى تەنجەرنىڭ ئۆتمۈشى قايتىپ كەلگەندەك، دۇكاننىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى.
− تىجارىتىمىز ياخشى كېتىۋاتىدۇ، − دېدى فارفورچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، − پايدىمىز كۆپىيىۋاتىدۇ، ساڭا بىر پادا مال سېتىۋېلىشقا يەتكۈدەك پۇل بېرىمەن، ئېيتقىنە، نېمەڭ كەم؟ ۋاپاسىز ھاياتتا ئارتۇقچە نەرسىلەرگە ئىنتىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
− چۈنكى ئالامەتلەرنىڭ ئىزىدىن بېرىش كېرەك، − سانتىياگو بۇ سۆزنىڭ ئېغىزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالدى ۋە شۇنداقتىمۇ پۇشايمان قىلدى. چۈنكى، غوجايىن ئۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەتچى شاھقا يولۇقمىغان - دە!
«بۇ خەيرلىك ئىپتىدا، − پىچىرلىدى بالا بوۋاينىڭ سۆزى ئېسىگە كېلىپ، − باشتىكىلەرنىڭ ئامىتى كېلىدۇ، ھاياتنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسان ئۆز تەقدىرىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈشنى ئىستەيدۇ».
غوجايىن ئەمدى سانتىياگوغا ئېيتقان گېپىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى. بالىنىڭ دۇكانغا كېلىشىنىڭ ئۆزى ياخشىلىق ئالامىتى بولغانلىقى كۈندەك روشەن، چۈنكى ئۇ كەلگەندىن بۇيان پۇل سۇدەك ئېقىپ كېلىۋەردى، شۇڭا غوجايىن ئىسپان يىگىتىنى ياللىغانلىقىغا ھەرگىز ئەپسۇسلانمايدۇ، توغرا، گەرچە ئۇ ئەمگىكىگە قارىغاندا كۆپرەك ھەق ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھېچ ۋەقەسى يوق، فارفور سودىگىرى ئوقىتىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشىلىنىپ كېتىشىنى ئويلىماي، سانتىياگوغا كۆپرەك ئۆلۈش بەلگىلىگەن. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا بالىنىڭ پادىچىلىق ھاياتىغا قايتىدىغان كۈنلىرى ئاز قالغاندەك تۇيۇلاتتى.
− ئېھراملار ساڭا نېمە ئۈچۈن لازىم بولۇپ قالدى؟ − سۆز تېمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سورىدى غوجايىن.
− مەن بۇ توغرىلىق كۆپ ھېكايىلەر ئاڭلىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن…− ئاددىيلا جاۋاب بەردى ئىشلەمچى.
«خەزىنە» دېگەن بۇ گەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلەملىك بىر خاتىرىگە ئايلىنىپ قالدى ۋە بۇ ھەقتە ئويلىماسلىققا ھەرىكەت قىلدى، شۇڭا كۆرگەن چۈشى توغرىسىدا فارفورچىغا باشقا گەپ قىلمىدى.
− ئېھرامنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ھەتتا سەھرايى كەبىرنى كېسىپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلغان ئادەمنى ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ئېھرام دېگىنى ئەمەلىيەتتە بىر ئۇيۇل تاش، ئۇنداق تاشنى ھويلاڭدىمۇ كۆرۈۋېلىشىڭ مۇمكىن.
− چۈشىڭىزگە ئۇزاق سەپەرلەر ۋە سەرگۈزەشتىلەر كىرمىگىنى ئۈچۈن شۇنداق دەيسىز، − ئاددىيلا جاۋاب بەردى سانتىياگو يېڭى خېرىدارنى دۇكانغا باشلىۋېتىپ.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ، غوجايىننىڭ ئۆزى كۆچمە دۇكان ھەققىدە گەپ چىقىرىپ قالدى.
− مەن يېڭىلىقنى ياخشى كۆرمەيمەن، − دېدى ئۇ ۋە بېشىنى قاشلىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، − ھەسەندەك باي ئەمەسمەن، ئۇ خاتا قىلىپ قويۇشتىن قورقمايدۇ، دېمەك ئۇ زىيانغا تەۋەككۈل قىلالايدۇ، سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش ئادەملەر ئۆز خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەيمىز.
«سۆزلىرىڭ توغرا» دەپ ئويلىدى يىگىت.
− ئۇنداقتا ئېيتچۇ، بىزگە قانداق زۆرۈرىيىتى بار بۇ كۆچمە دۇكاننىڭ؟ − سورىدى غوجايىن ئەزمىلىك بىلەن.
− مەن ئىلاجنىڭ بارىچە تېزرەك قويلىرىم يېنىغا قايتماقچىمەن، ئېھتىمال ھازىر ئامەت بىزگە كۈلۈپ بېقىۋاتقان ئىكەن، بىزمۇ ئۇنىڭ ئېتىكىگە مەھكەم يېپىشىشىمىز، ئۇ بىزگە قانداق ياردەم قىلىۋاتقان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا قولىمىزدىن كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بەدەل قىلىشىمىز لازىم.
«خەيرلىك ئىپتىدا» دەپ بىكارغا ئېيتىلمىغان، يول باشلىغۇچىلارنىڭ دائىم ئامەتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدا.
ئەرەب بىر پەس شۈكلىنىپ جاۋاب بەردى:
− پەيغەمبىرىمىز «قۇرئان كەرىم» دە بىزنى ھاياتىمىز داۋامىدا مۇسۇلمانچىلىقنىڭ بەش پەرھىزگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان. بۇنىڭ ئەڭ ئاساسىي − ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتىش، كېيىنكىلىرى كۈندە بەش ۋاخ ناماز، روزا تۇتۇش، نامراتلارغا ئۆشنە - زاكات بېرىش…
ئۇ يەنە سەل جىمىدى ۋە پەيغەمبەرنى يادقا ئېلىش بىلەن كۆزلىرىگە ياش كەلدى، گەرچە ئۇ بىر تىنىمسىز ۋە قىزىققان ئادەم بولسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىگە ئەمەل قىلغان ھالدا جاھاندارچىلىق قىلاتتى.
− بەشىنچى پەرھىزنى ئېيتمىدىڭىز، ئۇ نېمىتى؟ − سورىدى سانتىياگو.
− ئۆتكەن كۈنى سەن مەندىن ئۇزاق سەپەرلەر ھەققىدە چۈش كۆرگەنمۇ سىز دەپ سورىدىڭ، ئىشتكىن، بەشىنچى پەرھىز − ھەربىر مۆمىن مۇسۇلماننىڭ ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا ھەج زىيارىتىنى ئادا قىلىشتۇر. ھەربىرىمىزنىڭ ھاياتىمىز داۋامىدا مۇمكىن بولسا، بىر قېتىم مۇقەددەس مەككىگە ھەجگە بېرىشىمىز جائىز. ئۇ شەھەر سېنىڭ ئېھراملىرىڭدىنمۇ يىراقتا، ياشلىقىمدا، قولۇمغا نەچچە تەڭگە پۇل كېلىۋېدى، ھەجگە بېرىشتىن كۆرە، دۇكان سېتىۋېلىشنى ئەۋزەل كۆردۈم، مال - دۇنيايىم كۆپەيگەندە مەككىگە بارىمەن دەپ ئويلىۋېدىم، كېيىن ھەقىقەتەن پۇلۇم ئاۋىدى، ئەمما ھەجگە بارالمىدىم. سەۋەبى ماللىرىم سەرخىل بولغاچقا، دۇكاننى تاپشۇرىدىغان ئادەمگە ئىشەنمەيتتىم، شۇڭا ھەر كۈنى دۇكىنىم يېنىدىن ئۆتۈۋاتقان ھەج زىيارەتچىلىرىنى كۆزەتتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئونلاپ خىزمەتكارلىرى بىلەن ماڭغان كارۋانلىق باي - بەدۆلەتلىرىمۇ بار، ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ دەپىن - دۇنياسى ماڭا يەتمەيتتى.
كېيىن ئۇلارنىڭ ئالەمچە بەخت ۋە مەمنۇنلۇق ھېسسىي بىلەن ھەجدىن قايتقانلىقىنى ۋە ئىشىكلىرىگە ھەجىخانلىق بەلگىسى ئېسىشىپ قويۇشقانلىقىنى كۆردۈم. شۇلاردىن ئەسكى ئاياغلارنى ياماپ يىغقان ھالال پۇلىغا ھەجگە بارغان بىر موزدۇزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خۇدا يولىدىكى بۇ خاسىيەتلىك ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن دەھشەتلىك سەھرايى كەبىرنىڭ باغرىدا بىر يىل پىيادە يۈرۈپتۇ، ئەمما زادىلا ھارغىنلىق ھېس قىلماپتۇ، لېكىن يېزىمىزغا قوشنا قىشلاقتىن تېرە سېتىۋېلىشقا كەلسە بەكلا چارچاپ كەتكۈدەكمىشكەن!

سۇ‹‹ھۈممە››

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4296
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 11:06:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە بەك ئىسىل چىقىپتۇ ئاپىرىن،دۇنيادىكى ئىسىل ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ پاساھەتلىك ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان بولسا ئاپتورلىرى ئۈزىنى تولىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلغان بۇلار ئىدى ھە!

[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!

سۇ‹‹ھۈممە››

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4296
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 11:10:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 07:29 AM
مەن بۇ گەپنى دېيىشتىكى مەقسىتىم، پاخال ئىنكاسنى كۆپ ي ...

سىز جېق ئويلاپ كىتىپسىز،دىققەت قىىلىپ قارىسىڭىىز ئايرىم كۈرۈش دەيدىغان بىر يەر بار،شۇنى بېسىپ قويسىڭىز،ئاپتوردىن باشقىلارنىڭ يازمىسى چىقمايدۇ.

[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25962
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2646 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 06:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەمدى ساڭا كەلسەك، ئېھراملارنى كۆرۈشنى نىيەت قىلغانسەن، بۇ ئوتلۇق ئارزۇنىڭ پىراقىدا مەجنۇنسەن، سەندىن ئۆتۈنۈشۈم شۇكى، بۇ يولدا مېنى ئۆزۈڭگە ھەرگىز سېلىشتۇرمىغىن. مەن پەقەت مەككە ھەققىدە ئارزۇ قىلىمەن، سەھرايى كەبىرنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈشنى، مۇقەددەس ھەجەرۇل - ئەسۋاد①بار مەيدانغا كىرىشنى، ئەتراپىدىن يەتتە قېتىم ئايلىنىشنى ۋە قوللىرىمنى سوزۇپ ئۇنى سىلاشنى مىڭ - مىڭ مەرتە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن، چەكسىز ئادەم دېڭىزى قاتارىدا ئاۋازىمنىڭ زىكرۇ - سانا بورانلىرىغا سىڭىپ كېتىشىنى ئويلايمەن. ئەمما ئويۇمدىكىدىن ئۆزگىچە نەرسىلەرگە ئىشەنچىسىزلىك بىلەن قاراشقا كۆنۈككەنمەن، شۇڭا خىيال ۋە ئارزۇ دۇنياسىدا ياشاش مەن ئۈچۈن ھاياتنىڭ ھۇزۇرى!
شۇ كۈنى ئۇ سانتىياگوغا كۆچمە دۇكان ياساشقا رۇخسەت بەردى، چۈنكى ھەر كىمنىڭ ئارزۇسى باشقا، كۆرىدىغان چۈشى ئۆزگىچە - دە!


ئارىدىن يەنە ئىككى ئاي ئۆتتى، كۆچمە دۇكاننىڭ شاراپىتى بىلەن ھەر كۈنى دۇكاندىن ئادەم ئۆكسىمەيدىغان بولدى، سانتىياگونىڭ ھېسابىچە ەگەر ئىش مۇشۇنداق ئوڭدىن كېلىۋەرسە، ئۇ يېرىم يىلدىن كېيىن ئىسپانىيەگە قايتىشى ۋە ئاتمىش ئەمەس ئۇنىڭدىن ئىككى باراۋەر كۆپ قوي سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. دېمەك، بۇ يىل ئۆتمەي پادا ئىككى قاتلاندى، دېگەن گەپ. بۇنىڭدىن كېيىن ئەرەبلەر بىلەن بىمالال سودا - سېتىق قىلىۋېرىدۇ، ئۇ بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ تىلىنىمۇ ئاز - پاز ئۆگىنىپ قالدى، سانتىياگو بازاردا يۈز بەرگەن ئاشۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇرىم ۋە تۇمىم ھەققىدىكى گۈزەل چۈشلەرنى دەپ قاپچۇقىغا قول ئۇزاتمىدى. چۈنكى مەككە مۇكەررەم غوجايىنىنىڭ ئارمىنىغا ئايلانغان كەبى مىسىرمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتەك ئارزۇ بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدىن خۇشال، تەرىف پورتىغا كېمىدىن غالىبانە چۈشۈش ئۇنىڭ دائىملىق ئويى خالاس!
مەلىكىسىدىق ئۇنىڭغا «ئارزۇيۇڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەمىشە ئېسىڭدە بولسۇن» دېگەنىدى.
سانتىياگونىڭ بۇنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىشلىدى، بەلكى ياقا - يۇرتتا تالاپەتكە ئۇچراپ، بىر تىيىنمۇ سەرپ قىلماي پادىسىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىش ئۇنىڭ تەقدىر ئەزەلىگە پۈتۈلگەندۇر!
سانتىياگو ئۆزىدىن مەمنۇن ئىدى، كۆكسىدە ئىپتىخار - غۇرۇر جۇش ئۇراتتى، ئۇ كۆپ نەرسىنى ئۆگىنىۋالدى، ئىما - ئىشارە تىلىدا فارفور سودىگەرلىرى بىلەن سودا قىلىپ، بوش كەلمىدى. يەنە تېخى نۇرغۇن ئالامەتلەرنىڭ سىرىنى بىلەلەيدۇ، بىر كۈنى ئۇ دۇكىنىغا كىرگەن خېرىدارلارنىڭ «شۇنچە ئېگىزگە چىقىپ كەلدۇق، بۇ يەردە نە بىر ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇق، نە ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان نەرسە بولسىچۇ؟» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالدى، سانتىياگو بۇنىڭ بىر ياخشى ئالامەت ئىكەنلىكىنى بايقىدى - دە، غوجايىنىغا دېدى:
− تاغقا چىقىپ كەلگەنلەرگە چاي ساتساق قانداق دەيسىز؟
− يېڭىلىق ئىكەن، ئويلاپ كۆرسەك بولىدۇ.
− چاينى خىرىستال پىيالىلەرگە قۇيۇپ بېرىمىز، كىشىلەر بۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فارفورلىرىمىزنىمۇ سېتىۋالغۇسى كېلىدۇ، بىلەمسىز ئادەملەر چىرايلىق نەرسىلەرگە ئامراق بولىدۇ.
غوجايىن جاۋاب بەرمىدى، لېكىن سانتىياگوغا مەمنۇنىيەت بىلەن ئۇزاققىچە قاراپ قالدى، ئۇ نامازشامنى ئۇقۇپ بولغاندىن كېيىن دۇكاننى ياپتى ۋە سانتىياگوغا روبىرو ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا چىلىم ئۇزاتتى، ھەممە ئەرەبلەر دېگۈدەك ئاجايىپ ئۇزۇن نەيچىلىك چىلىم چېكەتتى.
− ئېيتقىنە، سەن زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ − سورىدى ئۇ بالىدىن.
− ئۆيگە قايتماقچى ئىكەنلىكىمنى بىلىسىز، نۇرغۇن قوي سېتىۋالماقچىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل كېرەك.
غوجايىن چىلىمنىڭ سەيخانىسىدىكى چوغلارنى سەل چۇقچىلاپ، تۈتۈننى كۈچەپ شۈمۈرگەچ ئېيتتى:
− دۇكاننى ئاچقىنىمغا ئوتتۇز يىل بولدى، راست خىرۇستالنى يالغىنىدىن ئاجرىتالايمەن، سودا - سېتىقنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بەش قولدەك بىلىمەن. ھازىرقى ئەھۋالىمدىن خۇرسەنمەن ۋە ئۇنى كېڭەيتىشنى خالىمايمەن، خېرىدارلارغا خىرۇستال پىيالىلەردە چاي تۇتماقچىسەن، بىلىمەن، ھەقىقەتەن پايدىمىز ئاشتى، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.
− بۇنىڭ نېمىسى يامان؟
− مەن بىر خىل ئۇدۇم بىلەن ياشاشقا كۆنۈككەنمەن، سەن كەلمەستىن ئاۋۋال شۇنداق خىياللارنىمۇ قىلغان، ئۆمرۈم ئۆتۈپ كەتتى، مەن جايىمدا توختام سۇدەك توختاپ قالدىم، ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم قاياقلارغىدۇر كېتىپ يەنە قايتىپ كېلىشتى. شۇلار ھەققىدە ھەسرەت بىلەن ئويلايمەن، ئەمدى چۈشەندىمكى، مېنىڭ دۇكىنىم ئېھتىياجىم ۋە خاھىشىمغا يارىشا ئىكەن، مەن يېڭىلىق ئىزلىمەيمەن ۋە قانداق قىلىشنىمۇ بىلمەيمەن. ئۆزلۈكىمگە ۋە ھالىمغا بەكلا كۆنۈككەنمەن.
سانتىياگو جاۋاب بېرىشكە سۆز تاپالماي قالدى، غوجايىن سۆزىنى داۋام قىلدى، ئۇ گويا دانىشمەنلەرچە سۆزلەيتتى:
− سېنى ماڭا خۇدايىم ئۇچراشتۇردى، مەن بۈگۈن بۇنىڭدىن باشقىچە ھېكمەتنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، ئەگەر ئاللانىڭ مەرھىمىتىنى قوبۇل قىلمىساڭ، ئۇ غەزەپلىنىشى مۇمكىن. مېنىڭ ھاياتتىن چوڭ ئۈمىدۋارلىقىم يوق ئىدى، سەن بولساڭ مېنى مەۋھۇم بىر كېلەچەكسېرى يۈرۈشكە مەجبۇر قىلىۋاتىسەن. شۇنىڭ بىلەن مەن نامەلۇم كەڭلىكلەرگە، كەلگۈسۈمدىكى بىقىياس ئىمكانىيەتلىرىمگە نەزەر سېلىۋاتىمەن. ئۇ ھەقتە ئويلاۋاتىمەن، ئويلىغانسېرى ئۆزۈمنى ئاۋۋالقىدىن ئاجىز ۋە مەيۈس ھېس قىلىۋاتىمەن. گەرچە مەن ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ يەتكەن بولساممۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ماڭا كېرىكى يوق.
«ھېلىمۇ ياخشى ئاقبالداق ساتقۇچى ھەققىدە گەپ قىلمىغان ئىكەنمەن» دەپ ئويلىدى سانتىياگو.
سودىگەر خېلى ۋاقىت چىلىم شورىدى، ئىككىسى ئۇزاق ئولتۇرۇشتى، قۇياش ياستۇقىغا باش قويدى. ئۇلار ئەرەبچە گەپلىشەتتى، سانتىياگو ئەرەبچىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى، ئىلگىرى ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە ھايات كەچۈرگەندە، قويلار ئۇنىڭغا گويا ئالەمدىكى بارلىق سىرۇ - ھېكمەتلەرنى بىلىشكە قادىردەك تۇيۇلاتتى، ئەمدى ئۇنىڭغا قويلارنىڭ ئەرەب تىلىنى زادىلا ئۆگىنەلمەيدىغانلىقى ئايان بولدى.
سانتىياگونىڭ كاللىسىدا قويلار ھەققىدىكى خىيال داۋام قىلماقتا ئىدى، «ئۇلار ئۆگىنەلمەيدىغان يەنە نېمىلەر بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار پەقەت ئوت ۋە سۇنى ئىزلەپ تېپىشنى بىلىدۇ، ھالبۇكى بۇلارنىمۇ ئۇلار ئۆزلىرى ئۆگەنىگەن، مەن ئۆگەتكەن.»
بىر ئاش پىشىم جىمجىتلىقتىن كېيىن:
− مەكتۇپ، روماندا نەچچە يەردە «مەكتۇپ» سۆزى ئۇچرايدۇ ۋە بۇ سۆز قارىدىتىپ پەرقلىق ئۇرۇلىدۇ − دېدى فارفورچى.
− بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ − سورىدى سانتىياگو.
− بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئەرەب بولۇپ تۇغۇلۇش كېرەك، لېكىن تەخمىنىي مەنىسى «تەقدىر شۇنداق پۈتۈلگەن» دېگەنلىكتۇر.
كېيىن ئۇ چىلىمنىڭ سەيخانىسىدىكى چوغلارنى ئۆچۈرۈۋاتقاندا، سانتىياگو ئەتىدىن باشلاپ خىرۇستال پىيالىلەردە چاي ساتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھايات دەرياسىنى توختىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئادەملەر تاغقا تىك كۆتۈرۈلۈپ قايتىشار ۋە ئۇلارنى بىرىنچى بولۇپ كەڭ تۆپىلىككە قويۇلغان ۋە چىرايلىق خىرۇستال قاچىلىرىغا چاي دەملەنگەن كۆچمە دۇكان كۈتۈۋالاتتى، چارچاپ چاڭقىغان ساياھەتچىلەرنىڭ دۇكانغا كىرىپ مەززىلىك چايدىن بىر پىيالە ئىچمەسلىكى مۇمكىن ئەمەستى.
بىر خېرىدار خىرۇستال پىيالىلەردىن بىرنەچچىنى سېتىۋالغان «بۇنداق ياخشى سوۋغاتنى ئېلىپ بېرىشىم ئايالىمنىڭ يەتتە ئۇخلاپ چۈشۈگىمۇ كىرمەيدۇ» دېدى ۋە ئۇ بۇ بىللۇر پىيالىلەر ئارقىلىق خوتۇنىنى، بۈگۈن كەچ ئۆيىگە چاقىرىدىغان مېھمانلارنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىككىنچىسى، خىرۇستال پىيالىدە چاي ئىچسە ئاجايىپ خۇشتەم ۋە پۇراقلىق تېتىيدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى. باشقا بىرسى شەرقتە قەدىم - قەدىمدىن بۇيان خىرۇستال قاچىلاردا چاي ئىچىلىدىغانلىقى، چۈنكى بۇنىڭ بىر خىل سېھرىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24056
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1069
تۆھپە نۇمۇرى: 1211
توردا: 773 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 07:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى بارمۇ؟بىلىدىغانلا سۆز قالدۇرۇپ قويساڭلا.رەھمەت.

ئادەم بىلگەننى بىلمەيمەن دىسە ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ،بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دىسە تۇتۇلۇپ قالىدۇ...www.qinturk.com

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25962
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2646 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 09:18:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالىنى ئەندەلوزىيە ۋادىلىرىدىن بار - يوقى ئىككى سائەتلىك يول ئاجرىتىپ تۇراتتى، ئېھراملار بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا چەكسىز قۇم دېڭىزى بولغان سەھرايى كەبىر يېيىلىپ ياتاتتى، ئۇ بەزىدە بىر يىل ۋاقتىم ھاۋاغا ئۇچۇپ كەتتى دەپ قارىسىمۇ، يەنە بەزىدە بەرىبىر خەزىنىگە بارغۇچە ئىككى سائەتلىك يولۇم قىسقىرىدى دەپ ئويلايتتى.
«قويلىرىم شۇلارنى سېغىنغاچقا قايتىۋاتقانلىقىمنى چۈشەنسە بولاتتى، ئۇلارنىڭ پېئىل - ئادەتلىرىنى بىلىمەن، شۇڭا ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن. پادىچىلىقنىڭ تەشۋىشى كەم، ئەمما قاقاس سەھرانىڭ نېمىسىنى سېغىنىش، سۆيۈش مۇمكىن؟ لېكىن شۇنداق دېگەن بىلەن مەن ئىزدەۋاتقان خەزىنىنى ئۆز باغرىدا يوشۇرۇپ تۇرغانمۇ قاقاس چۆل تۇرسا، بۇىنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ خەزىنىنى تاپالمىسام ئۆيۈمگە قايتىمەن، ئۇنداقتا ھازىر ۋاقتىمۇ، پۇلۇممۇ بار، شۇنداق ئىكەن نېمە ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ باقمايمەن؟»
شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ قەلبى بىردىنلا چەكسىز ھاياجانغا تولدى، قاچان خالىسا پادىچى بولۇشى، ياكى فارفورچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن، بۇ دۇنيادا سىرلىق خەزىنىلەر كۆپ، يەنە كېلىپ قېرى شاھنىڭ دەل ئۇنىڭغا ئۇچرىغانلىقىمۇ بىر بېشارەت. سانتىياگو خۇشاللىق ۋە بىر خىل ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئاشخانىدىن چىقتى، ئۇ فارفورچى غوجايىننى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر باينىڭ ھەمىشە كارۋانلىق سەھرايى كەبىردىن ئۆتۈپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. سانتىياگو ئۆرىم ۋە تومىمنى ئالىقانلىرىغا مەھكەم سىقىملىدى - دە، ئەنە شۇ تاشلارنىڭ خاسىيىتى بىلەن كۆزلىگەن خەزىنە تامان يۈرۈشكە قارار قىلدى.
مەلىكىسىدىقنىڭ «مەن دائىم ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن بىرگە» دېگەن سۆزلىرى ئۇنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ، يوللىرىغا پايانداز سالغاندەك بولدى، شۇنىڭ بىلەن بالا ئالدى بىلەن كارۋان سارايغا بېرىپ، ئېھراملارنىڭ زادى قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلىشىم ھەممىدىن مۇھىم ئىكەن دەپ ئويلىدى.


ئىنگلىز قونغان كارۋان ساراينىڭ قوتاندىن پەرقى يوق ئىدى، تۆگە ۋە ئاتلارنىڭ بەتبۇي پۇرىقىغا چىدىغىلى بولمايتتى، كۆزنى ئېچىشتۇرىدىغان چاڭ - توزان ئۆرلەپ تۇراتتى، ئۇ كىمياغا دائىر ژۇرنالنى قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالدا ۋاراقلاۋېتىپ «مانا شۇنداق دوزاخ ئازابىنى تارتىش ئۈچۈن ئون يىل ئوقۇدۇممۇ؟» دەپ ئويلىدى.
ئەمما ئەمدى چېكىنىشكە بولمايتتى، پەقەت بىرلا تاللاش بېشارەتلەر بولۇۋاتقان تامان يۈرۈش، بۇنى پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملىشىش ئېھتىمالى بولغان يېگانە تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىش دېيىشكىمۇ بولاتتى. دېمەك، ئۇ ئاۋۋال ئەسپېرەنتو ①بىلەن مەشغۇل بولدى، يەنە دۇنيادىكى دىنلارغا قىزىقتى، كېيىن ئەلكىمياگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. ھازىر ئەسپېزەنتونى سۇدەك بىلىدۇ، جىمىكى دىنىي تەلىماتلار تارىخى ئۇنىڭغا زىل - زىۋىرغىچە مەلۇم. ھازىر ئۇنىڭغا سىر بولۇپ تۇرۇۋاتقىنى پەقەتلا ئەلكىميا. دەسلەپ بەزى سىر - ئەسرارلار ئۇنىڭغا «قىيا باققاندەك» قىلسىمۇ، ھازىر بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىدا ئازراقمۇ ئىلگىرىلەش يوق، قۇلىقى ئاڭلىغان ئەلكىمياگەرلەردىن كۆپ ياردەم سورىدى، ئەمما ئۇلاردىن نە مەسلىھەت، نە بىرەر پايدىلىق پىكىرنىڭ چىقمىقى يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدىكى ئىش ئىكەن. ھەممىسى ئۆزى بىلەن ئۆزى ئاۋارە، كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەيدىغان بىلەرمەنلەردىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلىقلىرى بەكمۇ غەلىتە ئىنسانلار. ئېھتىمال خاسىيەتلىك تاشنىڭ سىرىنى بىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار شۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغاندۇ!
ئىنگلىز ئاتىسىدىن قالغان مىراسنىڭ كۆپ قىسمىنى نەتىجىسىز ئىزلىنىشكە سەرپ قىلدى، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا كۇتۇپخانىلارغا باردى، ئەلكىمياغا دائىر نوپۇزلۇق ۋە قىممەت باھالىق كىتابلارنى سېتىۋالدى، ئەنە شۇ كىتابلارنىڭ بىرىدە مەشھۇر بىر ئەرەب كىمياگىرى ھەققىدە ئوقۇدى، كۆپ يىللار مۇقەددەم ئۇ ياۋروپانى ئايلانغان، ھازىر يېشى ئىككى يۈزدىن ئېشىپتۇ، ئۇ خاسىيەتلىك تاشنى تاپقان ۋە ئەبەدىيلىك ھاياتلىق جەۋھىرىنى كەشىپ قىلغانمىش. بۇ گەپلەر ئاجايىپ بىر ئەپسانە سۈپىتىدە ئىنگلىزنىڭ ياشلىق قەلبىگە مەھكەم ئورناشقان، كېيىن سەھرايى كەبىردىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتىن قايتقان بىر دوستىنىڭ ئۇ يەردە غەيرىي - تەبىئىي كارامەتلەر ساھىبى بولغان بىر ئەرەبنى كۆرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئەل - فايۇم ۋادىسىدا ياشايدىغانلىقى، مىش - مىشلارغا قارىغاندا ئىككى يۈز ياشتىن ئاشقانلىقى ۋە خالىغان مەدەننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتقان گەپلىرى ئۇنىڭ بۇرۇنقى تەسىراتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىنگلىزنى جاھان كېزەر تەۋەككۈلچىگە ئايلاندۇرغان.
ئىنگلىز شۇ ھېكايىدىن كېيىن قىلىۋاتقان ئىش، ئۇچرىشىشلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۆيى ۋە كۇتۇپخانىسىدىكى ئەڭ زۆرۈر نەرسىلەرنى ئېلىپ، سەپەرگە ئاتلانغان ئىكەن، مانا ئەمدى ئېغىلغا ئوخشايدىغان كونا قورغاننىڭ بۇلۇڭىدا بوغۇلۇپ ئولتۇرۇپتۇ، كۆز ئالدىدا چوڭ كارۋان سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، ئۇ سەھرايى كەبىرنىڭ باغرىدىن ئۆتىدۇ، ئەل - فايۇم ۋادىسى بولسا يول ئۈستىدە.
ئىنگلىز «ئاشۇ لەنىتى ئەلكىمياگەرنى كۆرىدىغان كۈنلەر ئاز قالدى» دەپ ئويلاۋاتقاندا ئۇنىڭغا تۆگە ماياقلىرىنىڭ پۇرىقى ئۇنچىۋالا سېسىق تۇيۇلمىدى.
شۇ پەيت دۈمبىسىگە سەپەر خالتىسى ئېسىۋالغان ياشقىنە «ئەرەب» يىگىت كىرىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا سالام بەردى.
− يولۇڭلار قاياققا؟
− سەھرايى كەبىرگە، − قىسقا جاۋاب بەردى ئىنگلىز ۋە يەنە كىتابىغا ئېڭىشتى. ھازىر سۆھبەتلىشىشكە ئىنگلىزنىڭ ھەپسىلىسى يوق ئىدى، ئۇنىڭغا ئون يىلدىن بۇيان ئىگىلىگەن بارلىق بىلىمىنى مېڭىسىگە جۇغلاشنىڭ پۇرسىتى يېقىنلىشىۋاتاتتى، چۈنكى قېرى ئەلكىمياگەر ئۇنىڭ بىلىمىنى سىناپ بېقىشى مۇمكىن - دە!
ئۇنى كۆرۈپ سانتىياگومۇ يەرگە چۆكتى - دە، خالتىسىدىن كىتابنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى، ئىنگلىز كۆزىنىڭ قۇيرۇقىغا قاراپ سانتىياگونىڭ كىتابنىڭ ئىسپان تىلىدا يېزىلغانلىقىنى بىلدى ۋە «بۇمۇ بولغىنى، ئەگەر ئۇمۇ ئەل - فايۇمغا بارسا زېرىكىشلىك سەپەردە پاراڭلىشارمىز» دەپ ئويلىدى، چۈنكى ئىنگلىز ئەرەبچىگە قارىغاندا ئىسپانچىنى ياخشىراق سۆزلەيتتى.


«ئاجايىپ غەلىتە ئەھۋال، − دېدى سانتىياگو كۆڭلىدە، دەپنە مۇراسىمى ھەققىدىكى مەزمۇن بىلەن باشلىنىدىغان بىرىنچى بەتنى كۆرۈۋېتىپ، − تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان مانا شۇ كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن، خۇددى بىرىنچى بەتكە باغلاپ قويغاندەك نېرىغا ئۆتەلمەيمەن.»
سەپەر جەريانىدا مەلىكىسىدىق ئۇنىڭ يېنىدا بولمىسىمۇ، لېكىن سانتىياگو زادىلا پىكرىنى يىغالمىدى. «ئىشلىرىم ھەققىدە زادى توغرا قارار چىقاردىممۇ - يوق؟» دېگەن خىيال ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيتتى، ئەمما سانتىياگوغا شۇ نەرسە ئايان ئىدىكى، ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىش قارارىغا كېلىش شۇ ئىشنىڭ پەقەت باشلىنىشى ئىدى، خالاس. قاچانكى ئادەمزات بىر قارارغا كېلىپ نېمىنىدۇر قىلىشقا كىرىشسە، بۇ ئۇنىڭ جىددىي ئېقىمىغا ئۆزىنى تاشلىغىنى، ئېقىم بولسا ئۇنى ئۆزىمۇ تەسەۋۋۇر قىلمىغان باشقا بىر مەنزىلگە ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇنىڭ ھايات ھېكمەتلىرى ھەققىدىكى ئويلىرى نەپسىنى جىددىيلەشتۈرەتتى، «خەزىنە ئىزلەپ يولغا چىققىنىمدا فارفورچىنىڭ دۇكىنىدا ئىشلەش خىيالىمغىمۇ كەلمىگەن، خۇددى شۇنىڭدەك بۇ كارۋانمۇ مېنىڭ قارارىم ۋە تاللىغان مەقسىتىمدۇر، لېكىن كارۋاننىڭ مەنزىلى سىرلىقلىقىچە قېلىۋېرىدۇ.»
سانتىياگونىڭ ياۋروپالىق ھەمراھى كىتابتىن باش كۆتۈرمەيتتى، ئۇ بالىغا سوغۇق مىجەزلىك ئادەمدەك تەسىرات بەردى. چۈنكى سانتىياگو ئۆتەڭگە كىرگەندىمۇ ئۇ خۇشياقمىغاندەك سالام قايتۇرغان، ئەگەر ئىنگلىز سۆھبەتتە سەل قىزغىن بولغان بولسا ئىدى، ئۇلار دوستلىشىپمۇ قالغان بولاتتى.


سانتىياگو كىتابىنى ياپتى، ئۇ كىتاب ئوقۇشتىن تارتىپ ھەرقانداق بىر ھەرىكىتىگىچە ئىنگلىزگە ئوخشاپ قېلىشنى خالىمايتتى، شۇڭا يانچۇقىدىن تاشلىرىنى ئالدى - دە، ئويناشقا باشلىدى. ئورىم ۋە تومىم چەت ئەللىكنىڭ دىققىتىنى تارتقاندا بولسا ئۇ تاشلارنى يەنە يوشۇرۇۋالدى ۋە:
− سېتىلمايدۇ، − دېدى.
− بۇنداق دەپ كېتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق يىگىت، بۇ ئاددىي تاشلار، − سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئىنگلىز ، − يەر شارىدا بۇنداق تۆەن سۈپەتلىك كىرىستاللار مىليون - مىليون، بۇنى تەجرىبىلىك ئادەم بىر قاراشتىنلا بىلىدۇ. ئەمما ئورىم ۋە تومىمنى بۇ يەردە ئۇچرىتارمەن دەپ ئويلىمىغانىدىم.
− ماڭا ئۇنى شاھ سوۋغا قىلغان، − مەغرۇر جاۋاب بەردى سانتىياگو. چەت ئەللىك گويا تىلى تاڭلىيىدىدىن قاتقاندەك زۇۋان سۈرمىدى، كېيىن كىتابىدىن بوشىغان ئۇزۇن قوللىرىنى يانچۇقىغا سېلىپ، خۇددى سانتىياگونىڭكىگە ئوخشاش تاشتىن ئىككىنى چىقاردى.
− ئۇنداقتا سەن شاھ بىلەن گەپلەشكەنمۇ؟
− بەرىبىر شاھلارنىڭ پادىچىلار بىلەن سۆھبىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، − ئەمدى ئوغۇلنىڭ ئىنگلىز بىلەن سۆھبەتتىن ئىشتىياقى قايتقانىدى.
− مۇبالىغە قىلما، دۇنيادا ئۇنى ھېچكىم بىلمىگەن چاغدا پەقەت پادىچىلارلا «شاھ» دەپ تەن ئېلىشقان، شۇنداق ئىكەن پادىشاھنىڭ پادىچىلار بىلەن گەپلىشىشنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، − ئىنگلىز بۇ گەپلەرنى بالا تازا چۈشەنمىدى دەپ ئويلىغاچ تۆۋەندىكىلەرنى قوشۇپ قويدى، − بۇ ھەقتە «ئىنجىل» دىمۇ، ئورىم ۋە تومىم ھەققىدىكى كىتابلاردىمۇ يېزىلغان. تەڭرىدىن ئەنە شۇ تاشلار ئارقىلىق بېشارەت بېرىشكە ئىجازەت بېرىلگەن، شۇڭا كاھىنلار ئۇلارنى ئالتۇن قۇتىلىرىغا سېلىپ ياكى بويۇنلىرىغا ئېسىپ يۈرۈشىدۇ.
سانتىياگو ئەمدىلىكتە «كارۋان سارايغا كېلىپ يامان قىلمىغان ئوخشايمەن» دەپ ئويلىدى.
− بەلكى بۇ بېشارەت بولۇشى مۇمكىن، − دېدى ئىنگلىز گويا بىر نەرسىدىن چۆچۈپ كەتكەندەك ئۈنلۈك ئاۋازدا.
سانتىياگونىڭ بارغانسېرى ھەيرانلىقى ئېشىپ سورىدى:
− بېشارەتلەر ھەققىدە سەن كىمدىن ئاڭلىغان؟
− ئالەمدىكى جىمى ئۇنسۇرلار بېشارەت ۋە ئالامەت. قەدىمدە ئادەمزات پەقەت بىرلا تىلدا سۆزلەشكەن ۋە كېيىن بۇ تىلنى ئۇنتۇپ كەتكەن. مەن ئەنە شۇ ئومۇمىي ئىنسانىيەت زەۋانىنى ئىزلەپ يۈرۈۋاتىمەن، بۇ تىلنى بىلىدىغان ئادەم − ئەلكىمياگەرنى چوقۇم ئىزلەپ تېپىشىم كېرەك، مانا بۇ دەربەدار بولۇپ يۈرۈشۈمنىڭ سەۋەبى، − دېدى ئىنگلىز كىتابىنى يېنىغا قويۇۋېتىپ خۇددى پەيلاسوپلاردەك تەلەپپۇزدا.
ئۇلارنىڭ سۆھبىتى دوغىلاق كارۋان بېشىنىڭ كېلىشى بىلەن ئۈزۈلدى.

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25962
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2646 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 09:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

− ئامىتىڭىز بار ئىكەن، كارۋان بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئەل - فايۇمغا يېتىپ بارىدۇ، − دېدى ئەرەب ئىنگلىزغا.
− مەن بولسام مىسىرغا بېرىشىم كېرەك، − دېدى سانتىياگو ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاۋېتىپ.
− ئەل - فايۇم مىسىر زېمىنى، قەيەرلىكسەن ئۆزۈڭ؟
سانتىياگو ئىسپانىيەلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئىنگلىز ئەرەبچە كىيىنگەن ياۋروپالىق بىلەن تونۇشقانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى.
− ئاۋۇ ئادەم بېشارەتلەرنى ئالامەت دەپ قارايدىكەن، − دېدى ئىنگلىز كىتابىنى يەنە قولىغا ئېلىپ، − ئەگەر «ئامەت» ۋە «تاسادىپىيلىق» ھەققىدى كىتاب يازغىنىمدا بۇ كەمگە ياستۇقتەك بىر قامۇس پۈتكەن، ئۇنىڭ ھەربىر سەھىپىسى ئومۇمىي ئىنسانىيەت تىلى بىلەن بېزەلگەن بولاتتى.
ئىنگلىز ئورىم ۋە تومىم تاشلىرى بار بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنىڭ زادىلا تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكى ھەققىدە ئويلاپ قالدى ۋە ئۇنىڭمۇ ئەلكىمياگەرنى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىدىن ھەيرەتكە چۆمدى. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتتى بولغاي:
− مەن خەزىنە ئىزلەۋاتىمەن، − جاۋابەن ئېيتتى سانتىياگو گويا خاتاسىبى تۈزەتكەندەك تىلىنى چايناپ.
ئىنگلىز سانتىياگونىڭ جاۋابىغا پەرۋاسىز قارىغاندەك قىلسىمۇ قوشۇپ قويدى.
− مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەنمۇ خەزىنە ئىزلىگۈچىمەن.
− توغرىسىنى ئېيتسام ئەلكىميانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن…
− توغرىسىنى ئېيتسام ئەلكىميانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن…
سانتىياگونىڭ گېپى تېخى تۈگىمىۋېدى، توساتتىن كارۋان بېشىنىڭ ئۇلارنى چاقىرىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى.


كارۋان ساراي ھويلىسىدا ئۇزۇن ساقاللىق، يوغان كۆزلىرى قاپقارا بىر كىشى ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ:
− كارۋاننى مەن باشقۇرۇپ ماڭىمەن، ماڭا ھەمراھ بولغانلارنىڭ جېنى ۋە مېلىنىڭ بىخەتەرلىكى مېنىڭ قولۇمدا، چۈنكى دەشتى - چۆل چىرايلىق ۋە مەككار ئاياللارغا ئوخشاش، ئادەملەرنى ھەمىشە ئەقلى - ھوشىدىن ئازدۇرۇپ تۇرىدۇ، − دەپ ۋارقىرىدى.
سەپەرگە چىقىشقا ئىككى يۈزدەك ئادەم تەييارلاندى، كارۋاندىكى تۆگىلەر، ئاتلار ۋە ئېشەكلەر بولسا يولۇچىلاردىن ئىككى باراۋەر كۆپ ئىدى، ئىنگلىز كىتابلار بىلەن لىق تولغان بىرنەچچە چامدىنىنىڭ يېنىدا تۇراتتى، ھويلا ئاياللار، بالىلار ۋە بېلىگە قىلىچ، يەلكىسىگە ئۇزۇن مىلتىقلارنى ئېسىۋالغان جانبازلارغا تولۇپ كەتكەنىدى، سەپ شۇنچىلىك قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، كارۋان بېشى سۆزىنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاشقا مەجبۇر بولدى:
− بۇ يەردە ھەرخىل تائىپىدىن بولغان ئادەملەر بار ۋە ئۇلار تۈرلۈك نەرسىلەرگە ئېتىقاد قىلىدۇ. مەن قۇدرەت ۋە ھېكمەت ئىگىسى بولغان بىردىنبىر ئاللاغا سېغىنىمەن ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئامانلىقىمىز ۋە بۇ دەھشەتلىك جەزىرە ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز ئۈچۈن ئاللا يول قويغان ھەممە ئىشنى قىلىشقا رازىمەن. ئەمدى ھەربىر ئادەم ئۆزى تىۋىنىدىغان تەڭرىسى نامى بىلەن قەسەم ئىچسۇنكى، تاكى يولدا ئىكەنمىز، ھەرقانداق ئەھۋالدا پەقەت مېنىڭ ئەمرۇ - پەرمانىمغا بويسۇنۇشلىرى شەرت، چۆلدە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش − ھالاكەت دېمەكتۇر.

ئالىماننىڭ بوغۇق ۋە ماسلاشمىغان ئاۋازى ياڭرىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز مەبۇدىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى، سانتىياگو بولسا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچتى، ئىنگلىز سۈكۈت ساقلىدى، سەپەرگە چىقىش مۇراسىمىدا قەسەم ئىچىشتىن كۆرە، كىشىلەر كۆپرەك ئۆز ئاللاھىدىن مېھرىبانلىق ۋە ھىمايە ئىلتىجا قىلىشتى.
كېيىن يولغا چىقىش كانىيىنىڭ سوزۇق ساداسى ياڭرىدى ۋە ھەممە ئۇلاقلىرىغا يېقىنلاشتى، سانتىياگو بىلەن ئىنگلىز سېتىۋالغان تۆگىلىرىگە تەستە مىنىشتى. بۇ ئۇلارغا زادىلا قولاشمايۋاتقاندەك بىلىندى، سەپەردىشىنىڭ تۆگىگە بىرنەچچە چامىدان كىتابنى ئارتقانلىقىنى كۆرۈپ سانتىياگونىڭ بىچارە جانىۋارغا رەھمى كېلىپ كەتتى.
− ئەسلىدە دۇنيادا ھېچقانداق تاسادىپىيلىق مەۋجۇت ئەمەس، − ئىنگلىز ئۈزۈلۈپ قالغان سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇردى، − مېنىڭ بۇ يەرلەرگە كېلىشىمنىڭ سەۋەبى دوستۇمنىڭ ئاجايىپ بىر ئەرەب ھەققىدە…
ئەمما ئۇنىڭ گەپلىرى ئەمدىلا قوزغالغان كارۋاننىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرى بىلەن ئاڭلانماي قالدى، سانتىياگو بولسا ئىنگلىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى، ئۇ، دۇنيادىكى بارلىق ھادىسىلەر تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، سىرلىق بولۇپ، ئۇلار ئىلاھى زەنجىر بىلەن بىر - بىرىگە باغلاپ قويۇلغان، ئۇنى پادىچى بولۇشقا مەجبۇر قىلغانمۇ، بىر چۈشنى ئىككى قېتىم كۆرسەتكەنمۇ، ئافرىقا قىرغاقلىرىغا تاشلىغانمۇ، بۇ يەردە ئۇنى شاھ بىلەن ئۇچراشتۇرغانمۇ، ئالدامچىنىڭ توزىقىغا دەسسەتكەنمۇ ۋە ياكى فارفورچىنىڭ دۇكىنىدا ئىشلەتكەنمۇ ئەنە شۇ ئىلاھىي زەنجىر! شۇنىڭ بىلەن ئۇ «تاللىغان يولۇڭدا قانچىلىك ئالغا كەتسەڭ، ئۇ ھاياتىڭنى شۇنچىلىك قۇدرەتلىك قىلىدۇ» دەپ ئويلىدى.
كارۋان شەرق تامان كېتىپ باراتتى، قۇياش ھەر كۈنى تاغدەك قۇم بارخانلىرىغا باش قويغاندا، كارۋان شۇ جايدىلا قونۇشار، ئەزان ۋاقتى بىلەن يولغا ئاتلىنار، پېشىن سەراتانىدا ئازراق چۈشكۈن قىلىپ يەنە قوزغىلار ئىدى. سانتىياگو ئىنگلىز بىلەن ئاندا - ساندا گەپ قىلىشاتتى، باشقا ۋاقىتلاردا ئىنگلىز كىتابتىن باش كۆتۈرمەيتتى.
سانتىياگو كارۋاندىكى ھەممە يولداشلارنى ئېرىنمەي، جىمجىت خىيالىدىن ئۆتكۈزدى، ھازىر ئۇلار يولغا چىقىشتىن ئاۋۋالقى ھالىتىگە زادىلا ئوخشىمايتتى، كارۋانسارايدا تەرتىپسىزلىك ۋە گاڭگىراش ھۆكۈم سۈردى، ۋاي دات، بالىلار يىغىسى، ئاتلارنىڭ كىشنىشى بىلەن سودىگەر، تۆگىچىلەرنىڭ ھاياجانلىق ۋارقىراشلىرى ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. جەزىرە باغرىدىكى سەپەردە چەكسىز جىمجىتلىقنىڭ ئەۋجىدىن باشقا ھېچنېمە ئاڭلانمايتتى، ناگان - ناگاندا كۆرۈلۈپ قالىدىغان قويۇنتازلار ۋە جانىۋارلار تۇياقلىرىدىن چىققان رېتىملىق قۇم شىۋىرلاشلىرىلا ئۆلۈك سۈكۈناتقا ھاياتلىقتىن ئۇرغۇ بېرەتتى.
− مەن بۇ چۆل - جەزىرىدە كۆپ قېتىم قاتنىغانمەن، − دېدى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۆگىچىلەردىن بىرى شېرىكىگە، − سەھرايى كەبىر شۇنچىلىك دەھشەتلىك ۋە بىپايانكى، بەزىدە ئۇنىڭ ئۇ چېتىگە چىقىشتىن ئۈمىدسىزلىنىسەن ياكى ئۆزۈڭنى ئىختىيارسىز قۇم زەرىسى دەپ ھېس قىلىسەن، قۇم دانىسى بولسا تىلسىز ۋە سەزگۈسىزدۇر.
سانتىياگونىڭ بۇ چۆلدە بىرىنچى قېتىم مېڭىشى بولسىمۇ، لېكىن تۆگىچى سۆزىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندى، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇرۇن ئوت ياكى دېڭىزغا زەن سېلىپ قارىغىنىدا تىلىغا نە سۆز، مېڭىسىگە نە بىر ئوي كەلمەي تەبىئەتنىڭ مىسلىسىز قۇدرىتىگە ئەسىر بولۇپ سائەتلەپ ئولتۇراتتى.
شۇ تاپتا ئۇ مۇنۇلارنى خىيال قىلماقتا ئىدى، «مەن قويلاردىن ساۋاق ئالدىم، فارفورلار ماڭا ئىبرەت بەردى، ھازىر جەزىرىدىن نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگەنمەكتىمەن، مەن ئىلگىرى نېمىلەرنى كۆرگەن، ئاڭلىغان بولسام ھازىر ھەممىسىدىن چۆل دانىشمەنرەك ۋە قەدىمىيرەك تۇيۇلماقتا.»
ئاشۇ يەرلەردە شامال ئەسمەيدىغان ۋاقىت بولمايتتى، سانتىياگو تەرىفدىكى مۇنار ئۈستىدە شامالنىڭ شىددىتىنى ھېس قىلغان ۋاقتىنى ئەسلىدى، بەلكى ئەنە شۇ شامال بىر پەيتلەر ئەندەلۇزىيە يەرلىرىدە ئوت - سۇ ئىزدەپ يۈرگەن قوي يۇڭلىرىنىڭ ھىدلىرىنى ئۇچۇرۇپ كېلەتتى.
بالىنىڭ مەسۇم، پاكىز ۋە بىر خىل سىرلىق خىيالى ئۈزۈلمەيتتى، «ئۇ قويلار ئەمدى مېنىڭكى ئەمەس، بەلكى مېنى ئۇنتۇپ يېڭى پادىچىغا ئۆگىنىپ قالغاندۇ، ئۇلاردىن ئازراقمۇ ئاغرىنمايمەن، نېمە بولسا مەيلى، قويلارمۇ بارلىق كۆچۈپ يۈرگۈچىلەرگە ئوخشاش ئايرىلىشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى بىلىدۇ.»
شۇ تاپتا مەۋۈتچىنىڭ قىزى ئېسىگە كەلدى، بۇ كەمگە ئاللىقاچان تۇرمۇشلۇق بولغاندۇ، كىمگە تەگدىكىن؟ ئاقبالداق ساتقۇچىغا تەگكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن ياكى خەت ئوقۇشنى بىلىدىغان ۋە ئاجايىپ ۋەقەلەردىن ھېكايە قىلالايدىغان بىر پادىچىغا ياتلىق بولغاندۇ، بۇنداق يىگىت يالغۇز سانتىياگولا ئەمەسقۇ؟ ئۇنىڭ سەزگۈسى، ئۇنى ئۆز خىياللىرىنىڭ ھەقىقەتلىكىگە ئىشىنىشكە دەۋەت قىلاتتى، ئىلھاملاندۇراتتى. ئېھتىمال ئەمدى ئۇ ئومۇمىي ئىنسانىيەت تىلىنى ئىگىلىگەندۇر ۋە دۇنيانىڭ ئۆتمۈشى ھەم كېلەچىكىگە دائىر ھەممە سىرلارنى بىلەر؟ ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا «كۆڭۈلنىڭ سېزىشى بۇ خۇدانىڭ نېمىتى» دەيتتىغۇ؟ ئەمدى سانتىياگو شۇنى ياخشى بىلىپ يەتتىكى بۇلار جىمىكى ئادەمزات تەقدىرى ئۆزئارا باغلىق بولغان ئالەملىك روھقا سىڭىپ كەتكەن، بىزگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان، بۇلار بولسا ئاللىقاچان يېزىپ قويۇلغان.
− مەكتۇپ، − دەپ ۋارقىرىدى سانتىياگو قارا باسقاندەك، شۇ تاپتا ئۇ توساتتىن خىرۇستال غوجايىنىنى ئەسلەپ قالغانىدى.
بەزى قۇملۇق چۆلدە شېغىللىق مەنزىللەر ئۇچراپ قالاتتى، ئەگەر كارۋان پاكار تاغلار، ئېگىز قۇم بارخانلىرى ياكى قۇرام تاشلىق يوللارغا توغرا كەلسە ئايلىنىپ ماڭاتتى، مۇبادا ئۇلاقلارنىڭ تۇياقلىرى پېتىپ قالىدىغان يۇمشاق ۋە نەملىك ئۇچرىسىمۇ يان يول بىلەن يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، بەزىدە يول شورتاڭ تۇپراققا ئالمىشاتتى، دېمەك بۇ ئەجەل گىردابىدا قاچانلاردىندۇر تەقدىرىگە قۇللۇق پۈتۈلۈپ، يۈك ئارتىلغان جانىۋارلارنىڭ جېنى قاقشايتتى، ئۇلار پۇشقۇرۇپ زارلىناتتى، ئات - تۆگىلەر پات - پات يېتىپ قالغاندا، ئۇلارنى بىر ئاماللاپ تۇرغۇزۇپ، يۈكلەرنىڭ بىر قىسمىنى يەلكە - دۈمبىلەردە كۆتۈرۈپ، يامان يوللار تۈگىگەندە يەنە ئۇلاغلارغا ئارتاتتى. ئەگەر يولداشلاردىن بىرى ئاغرىپ ياكى ئۆلۈپ قالسا يېقىنلىرى ۇنىڭ قالدى ئىشلىرىنى ۋەسىيەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇراتتى، بەزىدە بۇ ئىشلارغا قارىتا پال ئېچىشقىمۇ توغرا كېلەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95384
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2013-5-26
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:54:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەرجىمە ياخىشى چىقىپتۇ،ئەمما تەرجىمە قىلغۇدەك باشقا ئەسەر چىقمىدۇمۇ سىزگە؟ئازراق ئوقۇسام دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ مىڭە يۇيىدىغان ئەسەرلىرىدەك بىلىنىپ قالدى.ئارىسىغا ئىنجىلدىن نەقىل ئاپسىز،مەقسەت نىمە؟كىشىلەردە قىزىقىش قوزغاپ ئاخىرىنى ئىنجىلدىن ئىزدەپ ئوقۇڭ دېگەن مەنا چىقىپ تۇرىدۇ،ئەجىبا مۇشۇ مۇنەرنىڭ ئىچىدە مۇشۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ قىزىقىش ئىلكىدە ئىنجىلنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ دەپ كاپالەت بىرەلەمسىز؟بەزى بىر ئىمانى سۇسلارنى ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈپ خىرىستيان مۇرتى بۇلۇپ كىتەر دەپ ئويلىمىدىڭىزمۇ ياكى شۇنداق بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلامسىز،قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئازدۇرغۇچى كاتتىۋاش بۇلۇپ جازالىنىشتىن قورقمامسىز؟
سىزگە راستىنى ئېيتسام ئىمانى سۇس ئىككىلىنىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن خىرىستيان تەرەپكە بۇرۇلۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋېتىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72012
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3234
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 05:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر تەرجىمە ئەسەركەن  بۇندىن بۇرۇن تەرجىىمە قىلماسلىقتىكى سەۋەپ شۇ بۇلسا كىرەك .          ئەسەرنىڭ ئاخىرنى .ئۇقۇپ ئاندىن بىر نىمە دىسەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش