مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim2

پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى(دۇنياۋىي ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6333
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:41:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايلى
ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 766
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 12:00:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى داۋاملاشتۇرۇڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107690
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 334
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2014-6-13
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 01:00:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قاچان يوللىنا ؟ كىتابى چىقسا بولاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1911 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 01:31:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ قالدىم

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 05:15:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لېكىن سانتىياگو بۇنداق ئايرىلىشنىڭ ھەقىقەتەن ئازابلىق ئىكەنلىكىنى يۈرەك - يۈرىكىدىن ھېس قىلدى، چۈنكى پادىچىلارنىڭمۇ، دېڭىزچىلارنىڭمۇ ۋە ياكى دۇنيا كېزەر سودىگەرلەرنىڭمۇ پەقەت بىرگىنە ئەزىز ۋە قەدىردان جايى بولىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەھبۇبلىرى ۋە باشقا جىگەر - پارىلىرى ياشايدۇ، بۇلار ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە ئۆز باشلىقىنى رازىمەنلىك بىلەن قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟…


تاڭنىڭ ئالەم بازىرىغا زىبۇ - زىننەتلىرىنى يېيىشىغا ئەگىشىپ، مەشرىق ئاستا - ئاستا كۈن تۇغۇشقا ئىنجىقلاۋاتقاندا، سانتىياگو قويلىرىنى دۇكاندارنىڭ ئىستىقبالى تامان ھەيدىدى.
«قويلارغا راھەت - دە، − دەپ ئويلىدى ئۇ، − ئۇلارنىڭ بىرەر نەرسە ھەققىدە باش قاتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئېھتىمال بۇلار ھەرخىل ئىشلاردا غوجايىنىمىزغا تايىنىمىز دەپ ئويلايدىغاندۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇپ ياشايدىغاندۇ!؟»
ئومۇمەن قويلارغا ئارتۇق غەمنىڭ كېرىكى يوق، ئايىغى ئاستىدا بۇلۇق ئوت - چۆپ بولسا ۋە كۆز ئالدىدا ئىچىدىغان سۈيى پارقىراپ تۇرسا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، تاكى سانتىياگو ئەندالوسىيەنىڭ ئاخىرقى بىر يايلىقىنى بىلسىلا، قويلار ئۇنىڭ قەدىردان دوستى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. كۈنلىرى بىر خىل ئۆتۈۋەرسىمۇ، سەھەر بىلەن كەچنىڭ ئارىلىقى مەڭگۈلۈككە سوزۇلسىمۇ، قىسقىغىنە ئۆمرىدە بىرەر پارچە كىتاب ئوقۇمىسىمۇ، دۇنيانىڭ دەررۇ - شادلىقلىرىنى بىر - بىرىگە ھېكايە قىلىدىغان ئادەمزات تىلىنى بىلمىسىمۇ، پەقەت ئوت - سۇ يېتەرلىكلا بولسا ئۇلار ئۆزلىرىنى بەختىيار ھېس قىلىۋېرىشىدۇ. ئەمما بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئۇلار يۇڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ھەمراھدارچىلىقنى ئىنسانلارغا ۋاقتى - ۋاقتى بىلەن تۆھپە قىلىشىدۇ.
«مۇبادا مەن ياۋايى ھەيۋانغا ئايلىنىپ قويلارنى بىر - بىرلەپ قىرىپ تاشلىسام، ئۇلار ئۆز قاتارىنىڭ بارغانچە سىلكىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قورقۇنچقا چۈشۈشى مۇمكىن - ھە» دەپ ئويلىدى سانتىياگو ۋە «پەقەت مەن ئۇلارنى يېگۈلۈك، ئىچكۈلۈك مول جايلارغا ئېلىپ بارغىنىم ئۈچۈنلا قويلار تەبىئىي سەزگۈرلىرىدىن كۆپرەك ماڭا ئىشىنىدۇ» دېگەنلەر بىلەن خىيالدىن چۆچۈپ ئويغاندى.
مېڭىسىگە «قەدەم تەشرىپ قىلغان» بۇنداق غەلىتە پىكىرلەردىن سانتىياگونىڭ ئۆزىمۇ سەسكىنىپ كەتتى.
پادىچىنىڭ بۈگۈن كەچ تۈنىگەن جايى چېركاۋنىڭ يېپىشقاق ئوت - چۆپلەر بېسىپ كەتكەن قورقۇنچلۇق بالىخانىسى ئىدى، ئۇنىڭ كونا چۈشلىرى يەنە تەكرارلاندى. ئەمدى بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ سادىق ھەمراھلىرىدىن غەزەبلىنىۋاتاتتى، ئۇ ئاخشامدىن ئېشىپ قالغان ئۇسسۇزلۇقتىن ئازراق ئىچتى ۋە چاپىنىنى ياخشىراق تىقىندۇردى. قىسقىغىنە بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن قۇياشنىڭ تىكلىنىشى بىلەن شۇنچىلىك جەزىرىمە ئىسسىق باشلىناتتىكى، بۇ تاقىر يايلاقتىن قوي پادىسىنى ھەيدەپ ئۆتۈش قىيىنغا توختايتتى. ھازىر پۈتۈن ئىسپانىيە ئۇيقۇدا، سەراتان ئىسسىق كەچ كىرىشى بىلەن سوۋۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭغىچە ئېغىر كەلسىمۇ، چاپاننى كىيىپ يۈرۈش كېرەك، نېمىدېگەن بىلەن تاڭ ئىزغىرىنلىرىدىن سانتىياگونى ئاشۇ چاپان ساقلايدۇ ئەمەسمۇ؟!
«ياخشىسى ھاۋادىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە تەييار تۇرۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى پادىچى ئىسسىق ۋە ئېغىر چاپىنىدىن مەڭسىنىپ، ئومۇمەن ئېيتقاندا چاپانمۇ ئۆز قىسمىتىگە پۈتۈلگەن ۋەزىپىنى بېجىرىدۇ، سانتىياگومۇ خۇددى شۇنداق. سانتىياگونىڭ قىسمىتى دۇنيانى كېزىش، مانا ئىككى يىل داۋامىدا ئەندەلۇسىيە تاغلىرى ۋە يايلاقلىرىدىن ئېشىپ، ئۇنىڭ ھەممە كەنت، شەھەرلىرىدە بولدى، بۇ قېتىم سانتىياگو مەۋۇتچىنىڭ قىزىغا ئاددىي پادىچىنىڭ قانداق قىلىپ ساۋاتلىق بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغانىدى.
قىسقىسى، پادىچى شۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاتلىق ئىدىكى، ئۇ ئون ئالتە ياشقا كىرگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغانىدى.
سانتىياگونىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ روھانىي بولۇشىنى ئارزۇ قىلدى، بۇ ئاددىي قىشلاق ئاھالىسى ئۈچۈن پەخىرلىك ئىش ئىدى، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ خۇددى قويلارغا ئوخشاش پەقەت قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا مېھنەت قىلىشاتتى.
سانتىياگو دىنىي مەكتەپتە لاتىن، ئىسپان تىللىرى ۋە ئىلاھىيەتتىن ساۋاق ئالدى، ئەمما ئۇنىڭ بالىلىقىدىن باشلانغان دۇنيانى بىلىشكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى، خۇدانى تونۇش ۋە بەندىنىڭ گۇناھلىرىنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىشىدىن غالىب كەلدى، شۇ سەۋەب ئاتا - ئانىسىنى كۆرگىلى كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرى ئۇلارغا روھانىي بولۇش ئويىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى دادىللىق بىلەن ئېيتتى، سانتىياگو ساياھەت قىلىشنى قارار قىلغانىدى.

ئاتىسى سانتىياگودىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ:
− ئوغلۇم، − دېدى، − بىزنىڭ كەنتىمىزگە كۆپ ئادەملەر كەلگەن، پۈتۈن دۇنيادىن ئادەملەر بۇ يەرگە نېمىنىدۇر يېڭى بىر نەرسە تېپىش ئۈچۈن كېلىشتى، ئەمما قانداق قۇرۇق قول كەلگەن بولسا شۇ پېتىچە كېتىشتى. ئۇلار قەدىمىي قەسىرنى كۆرۈش ئۈچۈن تاغقا چىقىشتى ۋە ئۆتمۈشنىڭ بۈگۈندىن ئەۋزەلرەك ئىكەنلىكىگە شاھىت بولۇشتى، ئۇلار سېرىق چاچ ياكى قارا تەنلىك بولسىمۇ كەنتىمىزدىكىلەردىن زادىلا پەرقلەنمەيتتى.
− لېكىن مەن ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قانداق قەسىرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەنغۇ؟ − دەپ ئېتىراز بىلدۈردى سانتىياگو.
− ئۇ ئادەملەر بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىمىزنى كۆرۈپ كەنتىمىزدە ئۆمۈر بويى ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىشاتتى، − گېپىنى داۋاملاشتۇردى ئاتىسى.
− مەن بولسام ئۆزگە يەرلەرنى ۋە ئاياللارنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن، ئۇلار شۇنداق دېگەن بىلەن كەنتىمىزدە ھېچقاچان تۇرۇپ قالغان ئەمەس. ساياھەت ئۈچۈن كۆپ پۇل كېرەك، بىزنىڭ قوۋمىمىزدىن پەقەت پادىچىلارلا ئۆيدە ئولتۇرۇشمايدۇ، خالاس.
− ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى، پادىچى بولۇشۇم كېرەك، − دېدى سانتىياگو. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى باشقا قارشىلىق كۆرسەتمىدى، ئەتىسى ئوغلىنىڭ قولىغا بىر ھەمياننى تۇتقۇزدى، ئۇنىڭدا ئچ دانە كونا تىللا تەڭگە بار ئىدى.
− بىر كۈنى دالادىن تېپىۋالغانمەن، ئاسماندىن چۈشكەن ئىكەن دەپ بىل، بۇنىڭغا بىر پادا قوي سېتىۋالغىن - دە، تاكى بىزنىڭ قەسىرىمىزنىڭ ئالەمدىكى قەسىرلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىيسى ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيادا بىزنىڭ ئاياللىرىمىزدىن گۈزەل ئاياللارنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلىغىچە جاھان كەز.
ئاتىسى پاتىھەگە قول كۆتۈرگەندە سانتىياگو ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي دۇنيا كېزىشكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقنىڭ لاۋۇلداپ تۇرغانلىقىنى سەزدى. ئاددىي ئولتۇراق ھاياتنىڭ قورساق تويغۇزۇپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە كۆنۈكۈپ كەتكەن ئەمىنلىكى بوۋاينىڭ ۋۇجۇدىنى ئۆرتىگەن ئوتتەك ئارزۇغا بەرھەم بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نىگاھىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى قاچانلاردىندۇر يانغان يىڭنە ئۇچىدەك ئۇچقۇن ئۆچمەس گۈلخان بولۇپ ئۇلغايماقتا ئىدى.

ئۇپۇق ئاسمانغا تارتقان ئاق ماتا قان رەڭدە بويالدى، كېيىن ئۇلۇغ رەسسام قۇياشنىڭ ئۆزى چىقىپ كەلدى. ئاتىسىنىڭ گەپلىرىنى ئەسلىسە سانتىياگو ھاياجانلىنىپ كېتەتتى، پادىچى شۇ كەمگىچە نۇرغۇن قەسىرلەرنى كۆردى، ساھىبجاماللارنى ئۇچراتتى. لېكىن ھېچقايسىسى يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن دىدارىغا مۇشەررەپ بولىدىغان قىزغا تەڭلىشەلمەيتتى. ئۇنىڭ قويلىرى، چاپىنى بار،  خالىغان پەيتتە باشقىسىغا ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان كىتابىمۇ يېنىدا. ئەڭ مۇھىمى ئۇ يۈرىكىدىكى مۇقەددەس ئارزۇسىغا ئېرىشىۋاتاتتى. ئۇ ھازىر دۇنيا كېزىۋاتىدۇ، مۇبادا ئەندەلۇسىيەنىڭ قىر - ئېدىرلىرى ئۇنىڭ جېنىغا تەگكۈدەك بولسا، سانتىياگونىڭ خالىغان پەيتتە قويلىرىنى سېتىپ، دېڭىزچى بولۇپ كېتىشى تۇرغان گەپ. ئەگەر قاچاندۇر بىر كۈنى ئۇ دېڭىزدا يۈرۈشتىن بىزار بولسىمۇ كەسپىنى ئۆزگەرتىپ شەھەر كېزىشى، باشقا ئاياللار بىلەن تونۇشۇشى، ئىشقىلىپ ياشاشنىڭ باشقا يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى مۇمكىن ئىدى.
«دىنىي مەكتەپتە تەڭرى ۋىسالىغا يېتىش قولۇمدىن كېلەتتىمۇ، يوقمۇ بىلمىدىم» دەپ ئويلىدى سانتىياگو ئاسمان ماتاسىنى ھەرخىل رەڭدە بوياۋاتقان ماھىر ئۇستا قۇياشقا قاراپ.
سانتىياگو سەپىرى جەريانىدا داۋاملىق بۇرۇن مېڭىپ باقمىغان يېڭى يوللاردا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ بۇ ئۆلكىلەرگە تېز - تېز كېلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ھېلىراقتا ئۇچرىغان چېركاۋدا بىر قېتىممۇ تۈنەپ باقمىغان، دۇنيانىڭ قوينى كەڭ ئىكەن، ئەمدى يول تاللاشنى بىر مەھەل قويلارنىڭ ئىختىيارىغا قويسىمۇ بولىدۇ، بۇ مەنزىرىلەردە ئاجايىپ نەرسىلەرنىڭ ئۇچرىشى تۇرغان گەپ، لېكىنزە قويلار ھەر كۈنى يېڭى يولدىن يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى، يايلاقلار ۋە پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەتلا قورساق تويغۇزۇش، خالاس.
«بەلكى بىزمۇ شۇنداقتۇرمىز، − دەپ ئويلىدى پادىچى يىگىت، − چۈنكى بۇمۇ مېنىڭ مەۋۈتچىنىڭ قىزىنى كۆرگەندىن بۇيان باشقا ئاياللارنى خىيالىمغا سىغدۇرمىغىنىمدەك بىر ئىش».
سانتىياگو ئاسمانغا قاراپ تەرىف شەھىرىگە پېشىنگىچە يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلدى، ئۇ يەردە كىتابىنى باشقىسىغا يەنى، قېلىنراق كىتابقا ئالماشتۇرۇۋېلىشى، سۇدىنىغا شەربەت تولدۇرۇۋېلىشى كېرەك، يەنە مەۋۈتچىنىڭ قىزى بىلەن ئۇچرىشىشقا تەييار تۇرۇش ئۈچۈن ساقال - بۇرۇتلىرىنى ئېلىشى ۋە چېچىنى ياسىتىشى لازىم. چۈنكى سانتىياگودىن تۈرگۈن ۋە جەزبىلىك باشقا بىر قويچىنىڭ بولۇشى پادىچى يىگىت ئۈچۈن تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان ئىش.
«بەزىدە ھاياتنىڭ قىزىقى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، كېچە كۆرگەن چۈشۈڭ بۈگۈن ئوڭۇڭدا كېلىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىدى پادىچى ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان ئاسمان گۈمبىزىنىڭ تەرەپ - تەرەپلىرىگە قاراپ، قەدىمىنى تېزلەتكەچ.
ئۇ تەرىفدە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان موماينىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان، قېنى موماي ئېيتىپ باقسۇنچۇ، ئىككى قېتىم كۆرگەن بىر خىل چۈش قانداق مەنىنى بىلدۈرەركىن؟


موماي مېھماننى ئارقا تەرەپتىكى ئۆيگە باشلىدى، بۇ ئۆي بىلەن ئاشخانىنى رېزىنكىدىن ئىشلەنگەن رەڭلىك مارجان پەردە ئايرىپ تۇراتتى، ئۆيدە ئىككى كۇرسى ۋە ئۈستەل بولۇپ، تامغا ئەيسانىڭ يۈرىكى تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئېسىقلىق تۇراتتى.
ساھىبە ئاۋۋال سانتىياگونىڭ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئۆزى پادىچىنىڭ ئۇدۇلىغا ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئىككى قولىنى تۇتتى ۋە پەس ئاۋازدا دۇئا ئوقۇدى.
سىگانلارنىڭ دۇئاسى بولسا كېرەك، سانتىياگوغا سىگانلار داۋاملىق ئۇچراپ تۇراتتى، ئۇلار قوي باقمىسىمۇ لېكىن دۇنيا كېزىپ يۈرۈشەتتى. باشقىلار بولسا ئۇلارنى سېھرىگەرلىك بىلەن جان باقىدۇ، قەلبىنى ئىبلىسقا ساتقان، بالىلارنى ئوغرىلاپ، كېيىن ئۇلارنى ئۆز توپى ئىچىدە قول قىلىپ ئېلىپ يۈرۈشىدۇ، دېيىشەتتى. سانتىياگومۇ بالىلىقىدا سىگانلارنىڭ ئۆزىنى ئوغرىلاپ كېتىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى، مانا ھازىر قېرى كەمپىر قوللىرىدىن مەھكەم تۇتقاندا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى بالىلىقىدىكى قورقۇنچ چۇلغىۋالدى.
«بۇ يەردە مۇقەددەس ئەيسانىڭ يۈرىكى بارغۇ!؟» دەپ ئويلىدى پادىچى كونترول قىلالمايۋاتقان بەدەن تىترىكىنى توختاتماقچى بولۇپ، سانتىياگو ئۆزىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشنى موماينىڭ سېزىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلدى، شۇڭا ئىچىدە «ئاتىمىزغا ھەمدۇ سانالار» سۈرىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى.
− ئاجايىپ قىزىق، − دەپ پىچىرلىدى موماي ئۇنىڭ ئالىقانلىرىدىكى سىزىقلاردىن كۆز ئۈزمەي، كېيىن يەنە سۈكۈتكە چۆمدى. پادىچىنىڭ تېخىمۇ ئىچى سىقىلىپ، قوللىرى تىترەشكە باشلىغانىدى ۋە كەمپىرنىڭ ئېتىكىدىن ئاچچىقلىغاندەك قىلىپ تارتىۋالدى.
− ئالقىنىمغا قاراپ پال ئاچۇرۇش ئۈچۈن كەلگىنىم يوق، − دېدى سانتىياگو موماينىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكىنىگە پۇشايمان قىلىپ، ياخشىسى سورىغان پۇلىنى بېرىپ بۇ يەردىن تېزرەك كېتەي، ئىككى قېتىم كۆرگەن بىر خىل چۈش بالا - قازا ئېلىپ كەلسىمۇ، نېمە قىلالايتتىم، دەپ ئويلىدى ئۇ يەنە.
− بىلىمەن، سەن خانەمگە چۈشۈڭنى تەبىرلىتىش ئۈچۈن كەلگەنسەن، − تۇيۇپ قالدى سىگان موماي، ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى:
− چۈش خۇدانىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تىلى، خۇدا دۇنيا تىللىرىدىن بىرىدە سۆزلىگەندە ئۇنى تەرجىمە قىلىشقا قۇربىتىم يېتىدۇ. لېكىن بىلىشىڭ كېرەككى، خۇدا قەلبىڭنى ئۆز نۇتىقى بىلەن ساڭا ئايان قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى پەقەت سەنلا چۈشىنەلەيسەن، ئەمدى پۇل مەسىلىسىگە كەلسەك، چۈشۈڭنىڭ قۇرئەسىنى بىلگەن ئىكەنسەن، ئەلۋەتتە پۇلىنى تۆلەيسەن.
«بالاغا قالغان ئوخشايمەن» دەپ كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىدى سانتىياگو، لېكىن ئەمدى ئارقىغا قايتىش يوق، پادىچىلار خەۋپ - خەتەرگە كۆنۈپ قېلىشقان، بىردەم بۆرىلەر پادىغا ھۇجۇم قىلسا، بىردەم قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن. قىسقىسى، تىنچسىزلىق ئىچىدىكى مەۋجۇتلۇق ھاياتنىڭ مەزمۇنى ئىكەن.
− مەن ئىككى قېتىم بىر خىل چۈش كۆردۈم، − دېدى ئۇ تاقەتسىزلىنىپ، − پادىلىرىمنى ئوتلاقتا بېقىپ يۈرگەن ئىمىشمەن، كېيىن بىر بالا پەيدا بولۇپ، قويلىرىم بىلەن ئويناشماقچى بولدى، مەن باشقىلارنىڭ بىراۋنىڭ پادىسىغا يېقىنلىشىشىنى ياقتۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار يات كىشىلەردىن قورقاتتى، لېكىن نېمە ئۈچۈنكىن قويلىرىم ھېلىقى بالىدىن يېتىرقىمىدى، شۇنىڭدىن كېيىن قويلارنىڭ ئادەمنىڭ يېشىغا قاراپ قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلگەنلىكىدىن ھەيران قالدىم.
− پەقەت چۈشلىرىڭ ھەققىدە گەپ قىل، − موماي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، − تېز بول، يېغىم كۆيۈپ كەتتى، پۇلۇڭ ئاز ئىكەن، مېنىڭ ۋاقتى تولىمۇ قىممەت.
− بالا قويلار بىلەن راسا ئوينىدى، − سانتىياگو سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، − بالا توساتتىن يېنىمغا كەلدى - دە، مېنى ئالقىنىدا كۆتۈرۈپ، مىسىر ئېھراملىرىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى.
«بۇ قېرى سىگان مىسىر ئېھراملىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمتى؟!» دەپ ئىككىلىنىپ سانتىياگو توختاپ قالدى، كەمپىر جىم ئىدى.
− مىسىر ئېھراملىرىغا ئېلىپ كەلدى، − تەكرارلىدى سانتىياگو پەس ئەمما ئېنىق ئاۋازدا ھەم شۇ يەردە ماڭا:
− ئەگەر يەنە مۇشۇ جايلارغا يولۇڭ چۈشسە كەل، خەزىنىنى تاپىسەن، − دېدى. بالا ئەمدىلا خەزىنە يوشۇرۇنغان جاينى كۆرسەتمەكچى بولۇۋېدى، ئويغىنىپ كەتتىم، كېيىنكى قېتىملىق چۈشۈمدە مۇشۇ ئەھۋال ئەينەن تەكرارلاندى.

--
داۋامى بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 05:16 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 744 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 06:35:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Misranim2 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 05:15 PM
لېكىن سانتىياگو بۇنداق ئايرىلىشنىڭ ھەقىقەتەن ئازابلى ...

بۇنى نېمىشقا ئايرىم تېما قىلىپ يوللىمايسىلەر

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 09:28:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 10:43:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cholpan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 10:47 AM
ئەلكېمىيا دىمەي بى ئالتۇن تاۋلاش ماھارىتى، ئالتۇن تاۋ ...


كىمياگەرلىك دىگەن گەپ  مىسنى ئالتۇنغا ئايلاندۇردىغان ھۈنەرنىڭ ئاتىلىشى ، خۇددى زەگەرلىك  دىگەنگە ئوخشايدۇ ، بۇگەپ قەدىمدىن ھازىر غىچە جىمى تىلدا ئۇچراپ تۇرىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .0102 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 10:44 PM  


مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 01:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

موماي ئۇزاق سۈكۈت قىلدى، كېيىن سانتىياگونىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ، ئالىقانلىرىغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىكىلدى.
− ئۇنداقتا ھازىر سەندىن بىر تىيىن ئالمايمەن، ئەمما خەزىنىنى تاپساڭ ئوندەن بىرى مېنىڭكى، − دېدى موماي.
پادىچى چۈشىدىكى خەزىنىنىڭ يانچۇقىدىكى ئاقچىغا ئارا تۇرغىنىدىن خۇشال بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ نەزىرىدە موماي سېپى ئۆزىدىن سىگان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سىگانلار ئەسلىدە سەل ساراڭ بولىدۇ دېگىنى توغرا چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى.
− ئۇنداقتا بوپتۇ، ئەمدى چۈشۈمنىڭ تەبىرىنى ئېيتقىن، − دېدى سانتىياگو.
− ئاۋۋال خەزىنىنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىمەن دەپ قەسەم ئىچ، كېيىن ئېيتىمەن.
نېمە ئامال، قەسەم ئىچىشكە توغرا كەلدى، قەسەم قىلغاندىمۇ كەمپىر مۇقەددەس ئەيسانىڭ تامدىكى يۈرىكى سىزىلغان رەسىمگە قاراپ تەكرارلاشنى تەلەپ قىلدى.
ـ− تەڭرى سەن بىلەن ئىنسانىي تىلدا گەپلىشىپتۇ، − دېدى كەمپىر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، − چۈشۈڭنى ئېنىق تەبىرلەشكە تىرىشىمەن، ئەمما بۇ ئىنتايىن قىيىن ئىش، شۇڭا سەندىن خەزىنىنىڭ ئوندىن بىرىنى سوراۋاتىمەن، گېپىمگە ئوبدان قۇلاق سال. مىسىرغا بېرىپ ئاشۇ ئېھراملارنى تېپىشقا تىرىش، مەن ئەزەلدىن بۇنداق نەرسىنى ئاڭلاپ باقمىغان، دېمەك بالا ساڭا خەزىنىنى كۆرسەتتىمۇ، ھەقىقەتەن ئۇ مەۋجۇت دېگەن گەپ، دەرھال خەزىنىنى تېپىش يولىغا ئاتلان ۋە پۇلدار بول.
سانتىياگونىڭ كۆزلىرىدە ئاۋۋال ھەيرانلىق، كېيىن پۇشايمانلىق نۇرلىرى جىلۋىلەندى، ئۇ قېرى سىگاننىڭ ئاشۇ بولمىغۇر ئىككى ئېغىز سۆزى ئۈچۈن ئىزلەپ كەلگەنمىدى؟ شۇنداقتىمۇ خۇداغا شۈكرى، ئۇنىڭ پۇل تەلەپ قىلمىغىنىغا.
− سېنى دەپ شۇنچە ۋاقتىم بىكارغا كەتتى، − دېدى سانتىياگو.
− چۈشۈڭگە تەبىر ئېيتىش قىيىن، دەپ ئاگاھلاندۇردۇم بىلەمسەن، بىرەر نەرسە قانچىلىك غەيرىي تەبىئىي بولسا ساڭا شۇنچىلىك ئاددىي كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلىش پەقەت دانىشمەنلەرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، كۆرۈپ تۇرۇپسەن، مېنىڭ دانىشمەنلىكىممۇ ئۆزۈمگە يارىشا، شۇڭا ئالقانغا قاراپ پال بېقىش يولىنى تۇتقانمەن.
− ئۇنداقتا مىسىرغا قانداق بارىمەن؟
− بۇ ئەمدى مېنىڭ باش ئاغرىقىم ئەمەس، مەن پەقەت چۈش تەبىرلەشكە ھەرىكەت قىلىمەن، ئۇنى روياپقا چىقىرىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، بولمىسا قىزلىرىمنىڭ قولىغا قاراپ، تىلەمچىلەردەك ياشىمىغان بولاتتىم.
− ئەگەر مىسىرغا بارالمىسام قانداق بولىدۇ؟
− بارالمىساڭ چۈشۈڭنى ئۆرىگەن ھەققىمدىن قۇرۇق قالىمەن شۇ، بۇنداق ئىش كۆپ بولغان، ئەمدى ساڭا كاپ - كاپ ئەمەس، گۈس - گۈس كېرەك، يەنى سەن بىلەن دېيىشىدىغان گېپىمىز قالمىدى، يولۇڭغا ماڭ!
سانتىياگو قېرى سىگاننىڭ ئالدىدىن روھى چۈشكەندەك بولۇپ چىقتى، ئەمدى ئۇ چۈش دېگەن نەرسىگە ئەسلا ئىشەنمەيدۇ، كېيىن ئەسلىدىكى پىلانلىرى ئېسىگە كەلدى - دە، دۇكانغا چىقىپ ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن سېتىۋالدى، كىتابىنى قېلىنراققا ئالماشتۇردى، سېتىۋالغان شەربىتىنى ئىچىپ باقماقچى بولۇپ، دۇكان ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، ئوتتەك ئىسسىقتىن كۆز ئالدى خۇددى يىراقتىكى سۇ بېتىدەك پىلىلدىغان چاغدا، مۇزدەك مېۋە شەربىتى گويا مۆجىزە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچ - ئىچىدىن قىزىۋاتقان ۋۇجۇدىغا مەلھەمدەك ياقتى.
سانتىياگو قويلىرىنى شەھەر سىرتىدىكى يېڭى تونۇشنىڭ قوتىنىغا سولاپ قويغانىدى، ئۇنىڭ بۇ يەردە دوستلىرى كۆپ بولغاچقا، ساياھەت دېسە خۇشا بولۇپ كېتەتتى، يېڭى دوست تاپتىڭمۇ بولدى، ئۇنىڭ بىلەن كۈندە - كۈندە كۆرۈشۈش شەرت ئەمەس، خۇددى دىنىي پائالىيەتلەردىكىدەك ئەتراپىڭدا ھەر كۈنى بىر خىل ئادەملەر يۈرسە، ئۇلار ئوڭايلا ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇلار ھاياتىڭغا كىردىمۇ بولدى، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سېنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇشىدۇ، ئەگەر سەن ئۇلار خالىغاندەك ئادەم بولمىساڭ تېخى خاپا بولۇشىدۇ، گويا شۇلارلا بۇ دۇنيادا قانداق ياشاشنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىدىغاندەك.
لېكىن نېمە ئۈچۈنكىن بۇ ئالەمدە ھېچ كىم ئۆز تۇرمۇشىنى بىر ئىزغا سېلىپ بولالمايدۇ، بۇ سىگان كەمپىرىنىڭ ئىشىغا ئوخشاش چۈشكە تەبىر ئېيتالايدۇ - يۇ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قولىدىن كەلمەيدۇ.
سانتىياگو قويلىرىنى دالاغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئىسسىقنىڭ قايتىشىنى كۈتمەكتە ئىدى، مەۋۈتچىنىڭ قىزى بىلەن كۆرۈشۈشكىمۇ يەنە ئۈچ كۈن بار، شۇنداق قىلىپ ئۇ شەھەردىكى روھانىيدىن ئالماشتۇرۇۋالغان يېڭى كىتابىنى ئوقۇشقا باشلىدى، بۇ قېلىن كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىدە كىمنىڭدۇر مېيىتىنى چۈشۈرۈش مۇراسىمى تەسۋىرلەنگەنىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا پېرسوناژلارنىڭ ئىسمىنى تۇتۇۋېلىش قىيىن تۇيۇلدى. «مۇبادا مەن قاچاندۇر كىتاب يېزىپ قالسام دەپ ئويلىدى پادىچى، ھەربىر سەھىپىسىگە يېڭى - يېڭى قەھرىمانلارنى قاتناشتۇراتتىم - دە، ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆز - ئۆزىدىن بىلىۋالغان بولاتتى».
سانتىياگو ئوقۇغانلىرى ئۈستىدە ئەمدىلا ئويلاپ تۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىغا بىر بوۋاي كېلىپ ئولتۇردى. كىتابتا بولسا كىشىلەرنىڭ قارنى كولاپ، بىر مەرھۇمنى دەپنە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇن تەسۋىرلەنگەنىدى، قۇياشنىڭ تونۇردەك ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي سانتىياگونى تىترەك باستى، شۇ چاغدا ھېلىقى ناتونۇش بوۋاي گەپ باشلىدى:
− ئۇلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ − دەپ سورىدى بوۋاي بازار تەرەپتىكى ئادەملەرنى كۆرسىتىپ.
− ئىشلىشىۋاتىدۇ، − ئاددىيلا جاۋاب بەردى پادىچى خىيالچان قىياپەتتە.
ئەسلىدە بولسا سانتىياگو مەۋۈتچىنىڭ قىزى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن تۆت قوينى قانداق قىلىپ ئەپچىللىك بىلەن قىرقىش ھەققىدە ئويلاۋاتاتتى. ئۇ بۇ مەنزىرىنى پات - پات كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزەتتى، نېمە ئۈچۈن قوينى قۇيرۇق تەرىپىدىن باش قىسمىغا قاراپ قىرقىشنىڭ لازىملىقىنى ھەيران بولۇپ تۇرغان قىزغا خىيالەن چۈشەندۈرەتتى، تېخى قىرقىم ۋاقتىدا قىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بىر مۇنچە قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ۋەقە - سەرگۈزەشتىلەرنى ئۇ كىتابلاردىن ئوقۇۋالغان بولۇشتىن قەتئىينەزەر خۇددى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەندەك سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىدى، بۇلار قىزنىڭ يەتتە ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى، ياكى ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلىۋالالمايتتى.
سانتىياگونىڭ يېنىدا ئولتۇرغان تەمكىن ۋە تۈرگۈن بوۋاي ئىدى. ئۇسساپ كەتتىم دەپ ئىچىملىك سورىدى، سانتىياگو شۇنىڭ بىلەن قۇتۇلسامكەن دەپ ئويلىدى سۇداننى بېرىۋېتىپ.
ئىشقىلىپ بوۋاينىڭ  پاراڭلاشقۇسى كېلىۋاتاتتى، سۇداننى قايتۇرۇۋېتىپ، پادىچىدىن قانداق كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى سورىدى. بۇنى ئاڭلاپ سانتىياگونىڭ شارتتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ باشقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇسى كېلىپ كەتتى، لېكىن ئاتىسى ئۇنىڭغا چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگەتكەن بولغاچقا، نائىلاج جىممىدە بوۋايغا كىتابنى ئۇزاتتى، پادىچىنىڭ نەزىرىدە بوۋاي ھېچبولمىغاندا كىتابنىڭ ئىسمىنى بولسىمۇ ئوقۇيالايدىغاندەك قىلاتتى، مۇبادا ساۋاتسىز بولسا نۇر ئۈستىگە ئەلانۇر بولاتتى - دە، ئۇياتقىنىدىن كېتىپ قالاتتى.
− ھەي …− دېدى ئۇ، بۇنداق نەرسىنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەن كىشىدەك، كىتابنىڭ ئۇياق - بۇياقلىرىنى ۋاراقلاۋېتىپ، − ياخشى كىتاب ئىكەن، مۇھىم نەرسىلەر يېزىلغان، لېكىن تولىمۇ زېرىكىشلىك.
سانتىياگو ئەجەبلەندى، بوۋاي ساۋاتلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ كىتابنى ئوقۇغان بولۇپ چىقتى، نېمە ئىلاج، بۇ ھەقىقەتەن زېرىكەرلىك كىتاب بولسا باشقىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك دەپ ئويلىدى پادىچى.
− بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى باشقا كىتابلارنىڭ بىلەن ئوخشاش، − داۋاملاشتۇردى بوۋاي گېپىنى، − چۈنكى بۇ كىتابتىمۇ ئادەمزاتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە يېزىلغان، يەنى كىتابتا ئادەملەر ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ يالغانغا ئىشىنىپ ياشايدۇ دېگەن قاراش ئالغا سۈرۈلگەن.
− ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ يالغان دېگەن نېمە؟ − ھەيران بولۇپ سورىدى سانتىياگو.
− شۇنداق ۋاقىتلار بولىدۇكى، ھاياتىمىز بىزنىڭ خاھىشىمىزا بويسۇنماي قالىدۇ، ئۇ تەقدىرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، ەڭ چوڭ يالغان دېگەن ئەنە شۇ!
− بۇنى چۈشىنىشىم قىيىندەك قىلىدۇ، − دېدى سانتىياگو، ئەمما مەسىلەن، مېنى روھانىي قىلماقچى بولغان، لېكىن مەن پادىچى بولدۇم.
− ئىنتايىن ياخشى، − دەپ تەستىقلىدى بوۋاي، − ئەمەلىيەتتە سەن دۇنيا كېزىشنى تاللىغانسەن.

داۋامى بار

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25922
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2642 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 01:47:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەزكۇر ئەسەر مىسرانىم تورىنىڭ ئالاھىدە تەكلىبى بىلەن خاس تەرجىمە قىلىنىپ تۇنجى بولۇپ مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مىسرانىم جەۋھەرلىرى سالونىدا تورداشلارغا ھەر كۈنى 2 قىسىمدىن تارقىتىلدى.ھېچقانداق كىتابخانىلاردا ئۇيغۇرچىسى يوق ، ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب.
7
«بوۋاي ئويلىغانلىرىمنى بىلىۋالغان ئوخشايدۇ» دەپ خىيالىدىن ئۆتكۈزدى پادىچى بالا. قېرى گويا كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، ئۇنى بەخىرامان ۋاراقلاۋاتاتتى، بوۋاينىڭ ئەرەبلەر يەكتىكى كىيىۋالغانلىقىغا سانتىياگو بىرىنچى قېتىم دىققەت قىلدى، لېكىن بۇ ئەجەبلىنەرلىك ھال ئەمەستى، چۈنكى ئەرەبلەر ئافرىقا ساھىللىرى بىلەن تەرىف شەھىرىنى ئايرىپ تۇرغۇچى تار بوغۇزدىن ئۆتۈپلا بۇ شەھەرگە پات - پات كېلىپ، ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەر سېتىۋالاتتى ۋە كۈنىگە نەچچە قېتىم غەلىتە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىناتتى.
− سىز قەيەرلىك؟ − دەپ سورىدى سانتىياگو بوۋايدىن.
− ھەممە يەرلىك.
− نەدىكىنى، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، − دېدى پادىچى، − ھەممە جايدىن بولىدىغان ئادەم بولمايدۇ، مەسىلەن مەن بولسام پادىچى ياكى دۇنيا كەزگۈچى، لېكىن مېنىڭ يۇرتۇم بىرلا، ئۇ بولسىمۇ تېغىدا قەدىمىي قەلئەسى بار شەھەر، يەنى ئاشۇ جايدا تۇغۇلغانمەن.
− ئۇنداقتا سەلىم شەھىرىدە تۇغۇلغانمەن.
سانتىياگو سەلىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىدىن خىجىل بولۇپ، ئۇنىڭ قايسى شەھەرلىكىنى قايتا سورىمىدى. ئۇ سەل يىراقتىكى ئاسمانغا توپا ئۆرلەۋاتقان نۇقتىغا دىققەت قىلدى، بازاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇياقتىن - بۇياققا موكىدەك تېز يۈرۈشكەن تەشۋىشلىك ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى.
− خوش، سەلىم تىنچلىقمۇ؟ ئۇنىڭدا نېمە يېڭىلىقلار بار؟
− تىنچلىق، ئاۋۋالقىدەك.
سانتىياگو شەھەر ھەققىدە ھېچنېمە بىلەلمىدى، لېكىن ئۇ بۇ شەھەرنىڭ ھېچبولمىغاندا ئەندەلۇسىيەدە ئەمەسلىكىنى، بولمىسا سەلىم توغرىلىق ئازدۇر - كۆپتۇر بىلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆڭلىدە مۇقىملاشتۇردى.
− سەلىم شەھىرىدە نېمە ئىش قىلىسىز؟
− نېمە ئىش قىلاتتىم، − بوۋاي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە ئارقىدىنلا، − ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن، مەن ئاشۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى، − دېدى.
«بەزى ئادەملەرگە قويۇپ بەرسەڭ نېمىلەرنى دېمەيدۇ - ھە! − دەپ ئويلىدى سانتىياگو، − ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېيىش ۋە ئىچىشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان قويلار بىلەن كەپلەشكىنىڭ مىڭ ياخشى، ياكى خالىغان پەيتتە كىتاب ئوقۇ، ئاجايىپ - غارايىب ۋەقەلەرنى بىلىۋالالايسەن، ئادەملەر بىلەن سۆزلەشسەڭ تامامى رەسۋايى جاھان! تامدىن تاراسا چۈشكەندەك نەدىكى گەپلەرنى قىلىدۇ، مۈشۈكنىڭ ئالقىنىدىكى چاشقاندەك ئەخمەق بولۇۋاتقىنىڭنى بىلىپ تۇرساڭمۇ نېمە دېيىشىڭنى بىلمەي قالىسەن!»
− مېنىڭ ئىسمىم مەلىكىسىدىق، − دېدى بوۋاي، − قانچە قويۇڭ بار؟
− يېتەرلىك، − سانتىياگومۇ ئېنىق جاۋاب بەرمىدى.
− گېپىڭ راستمۇ؟ ئەگەر قويلىرىڭنى يېتەرلىك دەپ ھېسابلىساڭ ئۇنداقتا مېنىڭ ياردىمىمگە ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىكەنسەن - دە!
پادىچىنىڭ رەسمىي ئاچچىقى كەلدى، تېخى ياردەم - پاردەمنىڭ گېپىنى قىلىدىغۇ بۇ قېرى، ئۆزى ئاۋۋال ئۇسسۇزلۇق، كېيىن كىتابنى سورىدى، يەنە ۋالاقشىپ پادىچىنى ئۆزى بىلەن ئولتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ دېگەن گېپىنى قارىمامدىغان.
− كىتابىمنى بېرىڭ، ماڭىدىغان ۋاقتىم بولدى، − دېدى سانتىياگو.
− پاداڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ماڭا بەرسەڭ خەزىنىگە بارىدىغان يولۇڭنى ئېيتىپ بېرىمەن.
پادىچىغا ھەممە نەرسە ئايان بولغاندەك بىلىندى، سىگان موماي بىر تىيىن ئالمىغانىدى، بۇ قېرى ئۇنىڭ ئېرى بولسا كېرەك، گەپ بىلەن بېشىمنى قايدۇرۇپ، يانچۇقۇمنى قۇرۇقداش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن دېگەنلەرنى ئويلىدى سانتىياگو.
شۇنداقتىمۇ پادىچى ئۈندىمەستىن تۇرغانىدى، بوۋاي قۇرۇق چۆپ بىلەن قۇمغا نېمىلەرنىدۇر سىزىشقا باشلىدى، ئۇ ئېڭىشكەن ۋاقىتتا كۆكرىكىگە ئېسىلغان بىر نەرسە شۇنچىلىك يالتىراپ كەتتىكى، سانتىياگونىڭ كۆزى قاماشقانلىقتىن ھېچنېمىنى كۆرەلمەي قالدى، بوۋاي بولسا يېشىغا ماس بولمىغان بىر خىل چەبدەسلىك  بىلەن رۇسلىنىپ، يەكتىكى ئىچىگە مەھكەم يۆگىنىۋالدى، پادىچىنىڭ كۆزى ئېچىلغاندا بولسا ئايىغى ئاستىدىكى يېزىقلارغا كۆزى چۈشتى.
بۇ سىرلىق شەھەرنىڭ ئاساسىي مەيدانىنى ئوراپ تۇرغان قۇم ئۈستىدە سانتىياگو ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسىم - شەرىپى ۋە ئۆز ھاياتىنىڭ شۇ كەمگىچە بولغان تارىخىنى ئوقىدى، بالىلىقتىكى ئويۇنلىرى ۋە دىنىي مەكتەپتىكى ساۋاقلىرىنىڭ جەريانىنى كۆردى، مەۋۈتچىنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ تۆۋىنىدىكى قۇم ئۈستىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئۇ ھاياتىدا ھېچقاچان، ھېچكىمگە ئېيتىپ بەرمىگەن ئىشلىرىنى ئوقۇماقتا ئىدى، تېخى بىر قېتىم بۇغا ئوۋلايمەن دەپ سورىماستىن ئاتىسىنىڭ مىلتىقىنى ئوغرىلىغانلىقى ۋە ھاياتىدا تۇنجى نۆۋەت قىز بىلەن ئۇچراشقانلىقى قاتارلىقلار كۆز ئالدىدا نامايان بولماقتا ئىدى.


بوۋاينىڭ «مەن سەلىمنىڭ پادىشاھى» دېگىنى سانتىياگونىڭ يادىغا كەلدى ۋە ئېھتىيات ھەم تارتىنچاقلىق بىلەن سورىدى:
− ئۇنداقتا بىر شاھنىڭ پادىچى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
− بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، لېكىن ئەڭ ئاساسلىقى سېنىڭ ئۆز تەقدىرىڭ يولىدىن مېڭىشقا قادىرلىقىڭ.
− تەقدىر دېگەن زادى نېمە؟ − سورىدى سانتىياگو.
− جىمىكى ئادەملەر ياشلىق پەيتىدە ئۆز تەقدىرىنى بىلىدۇ، ئەنە شۇ ئۆمۈر باھارىدا بارچە نەرسىلەر ئاددىي ۋە ھەممە يوللار ئوچۇق بولىدۇ. ئۇلار خىيال قىلىشتىن قورقمايدۇ ۋە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا، شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتىلىدۇ، ئەمما پۇرسەتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىرلىق ۋە كۆرۈنمەس بىر كۈچ ئۇلارنى تەقدىرنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنماي ئامالنىڭ يوقلۇقىغا ئىشەندۈرىدۇ.
سانتىياگو بوۋاينىڭ گەپلىرىگە ئانچە ئىرەن قىلمىدى، لېكىن ئۇنىڭ «سىرلىق كۈچ» دېگىنىگە قىزىقىپ قالدى، چۈنكى بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسا مەۋۈتچىنىڭ قىزىنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالاتتى.
− بۇ سىرلىق كۈچ ئىنسانلارغا خۇددى ئالدىنى توسۇپ تۇرغان ئېگىز تاغدەك تۇيۇلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ ئادەملەرگە تەقدىرىنى بەلگىلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىنساننىڭ روھى ۋە ئەركىنى بۈيۈك ۋەزىپىگە تەييارلايدۇ، بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە بىر ھەقىقەت مەۋجۇت، سەن كىم بولۇشۇڭدىن ۋە نېمە بىلەن شۇغۇللىنىشىڭدىن قەتئىينەزەر بىرەر نەرسىنى چىن دىلىڭدىن ئىستىسەڭ، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئېرىشىسەن. چۈنكى، بۇنداق ئارزۇ - ئىستەڭ ئالەمنىڭ روھىدا دۇنياغا كەلگەن بولىدۇ، سەن بۇ دۇنياغا گويا شۇنىڭ ئۈچۈن تۇغۇلغانسەن.
− مېنىڭ ئەڭ ئالىي ئارزۇيۇم دۇنيا كېزىش ياكى مەۋۈتچىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىش بولسىچۇ؟
− مەسىلەن، سېنى جان - جەھلى بىلەن ئاشۇ خەزىنىنى ئىزدەۋاتىدۇ دەيلى، ئالەم روھى ئادەمزاتنىڭ بەختىدىن ئوزۇق ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئىنسانلارنىڭ قايغۇ - ھەسرەتلىرىگىمۇ شېرىك. ئىنسان پەرزەنتى تۇغۇلدىمۇ ئۇنىڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆز تەقدىرى يولىدىن ئاخىرغىچە بېرىش ياكى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، ھەممە سۆز - ھەرىكەت مۇشۇنىڭغا مەركەزلەشكەن، ياشا ۋە ئېسىڭدە ساقلىغىنكى، بىرەر نەرسىگە چىن دىلىڭدىن ئىخلاس قىلساڭ، پۈتۈن ئالەم شۇ ئىستىكىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىنى ئوراپ تۇرغان دالا ۋە سەل يىراقتىكى بازارچىلارنىڭ يۈرۈشلىرىگە يۈزلىنىپ ئازراق ۋاقىت جىم بولۇشتى، كېيىن سۈكۈناتنى بىرىنچى بولۇپ بوۋاي بۇزدى:
− شۇنداق قىلىپ نېمە ئۈچۈن پادىچىلىقنى تاللىدىڭ؟
− دۇنيا كېزىشنى ياخشى كۆرىمەن.
بوۋاي كۆز ئالدىدىكى دالا يولىدا قىزىل ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان ئاق بالداق ساتقۇچىنى ئىشارە قىلىپ دېدى:
− ياشلىقىدا ئۇمۇ ساڭا ئوخشاش سەييارە ساياھەتچىلىكنى ئارزۇ قىلغان، ئەمما كېيىن ئاق بالداق سېتىش ۋە پۇل تېپىشنى ئەۋزەل كۆردى. ھازىر ياشىنىپ قالغاچقا، ھەر ئايدا ئافرىقىغا بىر قېتىم بېرىپ كېلىدۇ، ئىنساننىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دائىم زور ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۇنىڭغا نېسىپ بولمىغان.
− ئۇمۇ مەندەك قوي باققان بولسا ياخشى بولاتتى، − دېدى سانتىياگو.
− بۇ ھەقتە ياشلىقىدا ئويلاپ كۆرگەن، لېكىن كېيىن سودا قىلىش يولىنى تاللىغان. پادىچى يەرنى سېلىنچا، ئاسماننى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلايدۇ، ئەمما سودىگەرنىڭ باشپاناھى بار، يەنە كېلىپ قىزلارنىڭ ئاتا - ئانىسى پادىچىدىن كۆرە سودىگەرنى كۈيئوغۇل قىلىشقا ئامراق.
سانتىياگو شۇئان مەۋۈتچىنىڭ قىزىنى ئەسلىدى ۋە يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، بىر نەرسە سانجىلغاندەك بولدى، بەلكى ھازىر قىز ياشاۋاتقان شەھەردىمۇ كىمدۇر بىرسى قىزىل ھارۋىسىنى سۆرەپ يۈرگەندۇ، دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.
بوۋاي گەپ قىلغاچ توختىماي كىتابنى ۋاراقلايتتى، قارىغاندا ئۇ كىتابقا بەكلا بېرىلىپ كەتكەن ئىدى، سانتىياگو ئۇنى ئۇزاق ساقلىدى ۋە ئاخىرى تاقىتى تاق بولۇپ، خۇددى بوۋاي ھېلى پادىچىنى ئوقۇشتىن چالغىتقاندەك، سانتىياگومۇ بوۋاينى ئوقۇشتىن توختاتتى:
− نېمە ئۈچۈن دەل شۇ مەسىلىدە ھەققىدە گەپ قىلىسىز؟
− چۈنكى سەن ھازىر ئۆز تەقدىرىڭ يولىدىن كېتىۋاتىسەن ۋە بۇ يولدىن چېكىنىشكە تەييار تۇرۇپسەن.
− ھەر ۋاقىت مانا شۇنداق ئاچا يولنىڭ ئېغىزىدا پەيدا بولامسىز؟
− شۇنداق، زۆرۈر بولسا باشقىچە شەكىل ۋە كۆرۈنۈشلەردىمۇ پەيدا بولۇشۇم مۇمكىن. مەسىلەن، بەزى توغرا بىر ئەمرۇ قارار، يەنە بەزى ئەقىل نۇرى چاقنىغان پىكرۇ خىيال شەكلىدە، دېگەندەك. گاھى ھەل قىلغۇچ ۋاقىتلاردا مۈشكۈل ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يول كۆرسىتىمەن، ھەممىسىنى ساناش قىيىن، ئادەتتە گاڭگىرىغان كىشىلەر مېنىڭ يېنىدا ھازىرلىقىمدىن بىخەۋەر.
داۋامى بار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش