-
2009-02-16
خەتتاتلىق ئىجادىيىتىدىكى ئىزدىنىش - [ھۆسنى خەت ئەسەرلەر]
(نىياز كېرىم شەرقى)
خەتتاتلىق – ئېلىمىز جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىل بايلىقى، ئۇ، قەدىمدىن بۈگۈنگىچە ئۆزىنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان، سەنئەت ساھەسىدىكى ئالىيجاناپ، ئىززەتلىك، جۇلالىق ھەمدە يارقىن نامايەندىدۇر. ئۇ پۈتكۈل جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يۈكسەك روھىي دۇنياسى بىلەن تېرەن مەدەنىيەت قاتلىمىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان شاخلىرى بۆك – باراخسان بوستانلىقتۇر، ئۇنىڭىدىن خۇشبۇي بىلىم پۇراپ تۇرىدۇ، قويۇق مىللىي خاسلىق چاقناپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ، خەتتاتلىققا ھەر بىر مىللەتنىڭ تىل – يېزىقى، گۈزەللىك پەلسەپىۋى قاراشلىرى ۋە تەپەككۈرى، مىللىي ھېسىياتى ۋە خاسلىقى يۇغۇرۇلغان بولغاچقا ئۇ، ھەر زامان خەلقنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، گەرچە ھەممە ئادەم گۈزەللىككە ئىنتىلسىمۇ، گۈزەللىكنى سۆيسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەللىكنى ھېس قىلالىشى، گۈزەللىكنى يارىتالىشى ناتايىن. شۇنىڭدەك ساۋادى بار ھەممە ئادەم خەت يازالىغان بىلەن خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنالىشى، خەتتات بولالىشى ناتايىن. خەتتاتلىق يېزىقتىن گۈزەللىك يارىتىش پائالىيتى بولۇپ، گۈزەللىكنىڭ ماھىيتى كونكرېت سېزىش ياكى يېزىش مومكىن بولغان شەيئىلەر ئوبرازىدا مەۋجۇت، چۈنكى بۇنداق ئوبراز ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار ئىددىيسىگە ئۇيغۇن، كىشىلەرنى روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن شادلاندۇرالايدۇ ۋە كىشىلەردە ئېستېتىك تۇيغۇ پەيدا قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش خۇسۇسىيتىگە ئىگە، بۇنىڭدىن گۈزەللىك يېقىملىق ھېسيات پەيدا قىلىدىغان شەيئىلەر ئوبرازى ئىچىدە مەۋجۇت دەپ يەكۈن چىقىرالايمىز. خەتتاتلىقتا ئىپادىلىنىدىغان مەنبە يېزىق، ئەگەر يېزىقنى يېزىق سىزىقلىرى ئەمەس كىشىلەر تونۇمايدىغان سىزىقلارنى يېزىپ قويغاندا ئۇ خەتتاتلىق بولالمايدۇ. شۇڭا خەتتاتلىق سەنئىتىدە بۇ نوقتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. خەتتاتلىق ناھايتى گۈزەل ۋە نەفىس بولۇپ ئۇنىڭدىكى گۈزەللىك، نەفىسلىك مەركەزلىك ھالدا مەزمۇن بىلەن شەكىل ئارىسىدىكى ماسلىقتا نامايەت بولىدۇ. خەتتاتنىڭ قەلىمىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 124 خىل ھەرپ شەكلىنىڭ ھەممىسىگە گۈزەللىك، يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ ھۆسنخەتلەر كىشىلەرنى روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن شادلاندۇرالايدۇ ۋە كىشىلەردە ئېستېتىك تۇيغۇ پەيدا قىلالايدۇ. خەتتاتلىقتا يېزىق بىلەن مەزمۇن يۈكسەك دەرىجىدە جىپسىلاشسا بۇنى خەتتاتلىق ئىجادىيتىدىكى زور مۇۋاپپەقىيەت دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەر جانلىق تەسىرلەندۈرۈش خۇسۇسىيتىگە ئىگە، كىشىلەرنى ئىختىيارسىز ھالدا روھلاندۇرالايدۇ ۋە تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.
بىر قىسىم خەتتاتلارنىڭ خەتتاتلىق ئىجادىيتىم توغرىسىدا ئېۋەتكەن خەت ۋە يۈز تۇرانە سورىغان سۇئاللىرىغا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ بىر ئاز توختۇلۇپ، ئوي – پىكىرىم ۋە تەجرىبىلىرىمنى بايان قىلماقچىمەن؛ خەتتاتلىق ئادەتتىكى خەت يېزىش ئەمەس بەلكى بىر خىل سەنئەت. خەتتاتلىق سەنئەت ئىكەن ئۇ سەنئەت كاتېگورىيسىگە تەۋە بارلىق قانۇنىيەتلەردىن مۇستەسنا ئەمەس، شۇڭا خەتتاتلىقتا گۈزەللىك قانۇنىيتى بويىچە يېزىقتىن بەدىئىي شەكىل يارىتىلىدۇ، دۇنيانى قەلب ئارقىلىق كۈزىتىپ، يېزىقتىن ئىبارەت تىلنى خاتىرلىگۈچى دېتالدىن پايدىلنىپ كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا گۈزەللىك بېغىشلايدىغان ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيلىكىگە شادلىق ئاتا قىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش خەتتاتلىق بولىدۇ، خەتتاتلار ئۆزىنىڭ ئېستېتىك قارىشى بويىچە بەدىئىي ئەسەر ئىجاد قىلىدۇ. ھەر بىر ئەسەردە خەتتاتنىڭ ئىدىيسى، ئىجادىيەت مۇددىئاسى، ھېسىياتى، ئارزۇسى قاتارلىقلار ئەكىس ئېتىدۇ.
يېزىق خەتتاتلىقنىڭ بىردىن – بىر بۇلىقى. شۇڭا يېزىقنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى چۈشىنىش خەتتاتلىق ئىجادىيتىدە كەم بولسا بولمايدىغان تەييارلىق باسقۇچى، بىر ئەدىب مۇنداق دېگەن ئېدى: «ئۇستاز دېگەن شۇنداق ئادەملەركى، ئۇلار باشقىلار كۆرۈپ بولغان نەرسىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان، باشقىلار دائىم كۆرۈپ تۇرغان نەرسىلەردىن گۈزەللىكنى چىلىقتۇرالايدىغان كىشىلەردۇر». خەتتاتلارمۇ ئوخشاشلا كىشىلەر كۈندە كۆرۈپ تۇرغان، يېزىپ تۇرغان يېزىقتىن گۈزەللىكنى بايقىيالايدىغان ئۇنى بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان كىشىلەردۇر.
خەتتاتلىق ئىجادىيتى دېگەن باشقىلار ئوتتۇرغا قويمىغان يېڭى مەزمۇن، يېڭى شەكىل ۋە يېڭىچە ئوسلۇبتا يارىتىلغان ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە بۇ ئەسەر مۇقىم بولغان بىر نۇسخىدا يېزىلمىسىمۇ، ھەر كىمنىڭ ئۆزى تاللىغان نۇسخا تۈرى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى ئىجادىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. خەتتاتلىقتا ھەر بىر نۇسخىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆلچەملىك ھەرپلىرى بولىدۇ. ئەمما ھەر بىر نۇسخىدا يەنە نۇرغۇن ئىجادىيەت ئۈچۈن ئىمكانىيەتلەر كەڭرى بېرىلگەن، ئەگەر خەتتاتلار كۆڭۈل قويۇپ بۇ ئىمكانىيەتتىن تولۇق پايدىلانسا، مۇشۇنىڭ ئۆزى يەنە بىر ئىجادىيەت، بەزى نۇسخىلاردا خىلى كۆپ ھەرپلەرنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆلچەملىك شەكلى بېرىلگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىيەتتە ئىزدىنىدىغان تەرەپلەر بولالايدۇ. ئەمما شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى بىر ياخشى مەزمۇنلۇق سۆز – ئىبارىنى ھەممە ئادەم دائىم يېزىۋەرسىمۇ كىشىلەرگە دەسلەپ ھوزۇر بېغىشلىغان بىلەن كېيىن ئاۋالقىدەك ھوزۇر بېرەلمەيدۇ. «ھەسەلنى يەۋەرسە ئەمەن تېتىيدۇ» دېگەن بىكار گەپ ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭا خەتتاتلىقتا مەزمۇن گادايلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. ھۆسنخەت ئۆگىنىشتە ئۆلچەملىك، قائىدىلىك يېزىلغان ھۆسنخەتلەرنى كۆچۈرۈپ ئۆگىنىش ياخشى ئۇسۇل، بىر نۇسخىدا ياخشى يېزىلغان خەتنى قايتا – قايتا كۆپ كۆچۈرۈپ بەرسە شۇ نۇسخىنى تەدرىجى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا جەمئىيتىمىز ھەر يىلى كۆچۈرۈلگەن ھۆسنخەتلەر كۆرگەزمىسى ئويۇشتۇرۇش ئارقىلىق خەتتات ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ خەتتاتلىق سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى. كۆچۈرۈش ئارقىلىق ھۆسنخەت نۇسخىلىرىنى ئۆگىنۋېلىپ باشقا بىر مەزمۇندا سۆز تاللاپ ھۆسنخەت يېزىپ كۆرگەزمە ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا بولىدۇ. بۇ، ئىجادىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما كۆچۈرۈلگەن ھۆسنخەت كۆچۈرگۈچىنىڭ ئۆز ئىجادىيتى بولمايدۇ.
ھۆسنخەت نۇسخىلىرىنى ئۆگەنگەنلەرگە نىسبەتەن ئىجادىيەتتە بىرىنچى مەزمۇننى تاللاش بەك مۇھىم، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن تارتىپ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغىچە، خەلق قوشاقلىرى، خەلق ناخشىلىرى، ماقال – تەمسىللەرگىچە شۇنداقلا دۇنيادىكى، ئېلىمىزدىكى پەلسەپىۋى پىكىرگە باي، ئىخچام، يارقىن ۋە تەسىرلىك، ئېسىل سۆز دۇردانىلىرىدىن تۈزۈلگەن كىتابلار ناھايتى كۆپ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆسنخەت يازىدىغان ياخشى مەزمۇنلاردۇر. ئەمما سۆز تاللىغاندا يەنە پەلسەپىۋىلىكى كۈچلۈك بولسىمۇ كىشىنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان سەت، يېقىمسىز، يىرگىنىشلىك سۆزلەر بولسا تاللىماسلىق كېرەك. خەتتات ئەدەبىي جەھەتتە تەربىيلەنسە سۆز ئىچىدىن سۆز تاللاشقا ماھىر بولىدۇ. خۇددى چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە نازۇك چىمەن بار دېگەندەك يازغۇچىلارنىڭ سۆزلىرى ئىچىدە يەنە پاساھەتلىك سۆزلەر بار، شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە يەنە شاھانە مىسرالار بار. مانا مۇشۇنداق ئېسىل سۆزلەرنى تاللىيالىغاندا ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىدۇ، شۇڭا ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى مەلۇم مەنادىن تىل بەلگىلەيدۇ. ئىككىنچىسى؛ سۆز – ئىبارىلەرنىڭ لەرزان، لىرىكىلىك ياكى جەڭگىۋارلىقىغا، ئورغۇلىرىنىڭ كۈچلۈك ياكى يەڭگىللىكىگە قاراپ ھۆسنخەت نۇسخسىنى بەلگىلەش كېرەك. يەنى مەزمۇن بىلەن شەكىل ھۆسنخەتنىڭ تاشقى گۈزەللىكى بىلەن ئىچكى گۈزەللىكى، شەكىل گۈزەللىكى بىلەن مەزمۇن گۈزەللىكى چەمبەرچاس باغلانسا بۇ ئەسەر ئۆز گۈزەللىكىنى تولۇق نامايەن قىلالايدۇ. ئۈچىنچى؛ تاللانغان سۆز – ئىبارىلەردىكى ھەرپلەرنىڭ تىك سېرىمە ۋە تاقا، ئەگمە سىزىقلىرى دېگەندەك ھەرپ قۇرۇلمىلىرىنىڭ تەكرار كىلىشىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلنىپ ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تۆتىنچى؛ سۆزنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ، قەلەمنىڭ ئىنچىكە – توملۇقىنى ۋە قەغەز ئۆلچىمىنى بېكىتىش بۇمۇ ئەسەرنىڭ قەغەز يۈزىدىكى ئومومىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھۆسنخەت توم بولۇپ كەتسە ھەرپ ئۆلچىمى ئۆزگىرىپ ھۆسنخەت تېقىلىپ قىلىپ سەت كۆرۈنىدۇ. قەلەم ئىنچىكە بولۇپ قالسا، ھۆسنخەتنىڭ ئىنچىكە– توملۇق ئۆزگىرىشلىرى تولۇق ئىپادىلەنمەي، كىشىگە ھوزۇر بەرمەيدۇ، بەشىنچى؛ قەغەز تاللاشتا بىز ئومومىيۈزلۈك شۇنزى قەغىزى ئىشلىتىۋاتىمىز، شۇڭا قومۇش، بامبۇك، ياغاچ ياكى مېتالدىن ياسالغان قاتتىق ئۇچلۇق قەلەملەردە ھۆسنخەت يازغاندا شۇشۇەن (پىششىق قەغەز) گە يېزىشىمىز كېرەك. ئەگەر موي قەلەم، ماي بوياق قەلىمى ۋە كەڭ ئۇچلۇق چوتكا قاتارلىق يۇمشاق ئۇچلۇق قەلەملەردە ھۆسنخەت يازماقچى بولغاندا سىڭ شۇەن (خام قەغەز) گە ھۆسنخەت يازسا ناھايتى ياخشى بولىدۇ. ئومۇمەن خەتتاتلىق ئىجادىيتىدە ئۇچرايدىغان مەسىللەر ئاساسەن مۇشۇلاردىن ئىبارەت.
بۈگۈنكىدەك تەرەققى قىلغان ئېلېكتورونلۇق ئۇچۇر دەۋرىدە قول بىلەن خەت يازىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كومپيۇتېر ئۈستىگە ئېلىۋېلىپ، يېزىقچىلىق ئىشلىرى ئاپتوماتىكلاشتۇرۇلۇپ قول بىلەن خەت يازىدىغان كىشىلەر تەدرىجى ئازايماقتا. بۇ بىر تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يولى ھېچكىم بۇنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئەمما خەتتاتلىق دېگەن يەنىلا خەتتاتلىق. خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ ئورنىنى كومپيۇتېر ھەرگىزمۇ ئورۇنلىيالمايدۇ. شۇڭا «كومپيۇتېر خەتتاتلىقى» دېيىشكە بولمايدۇ. خەتتاتلىق بىر ئىلىم ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش كېرەككى، ساختىلىق ئىشلىتىشكە، ئۇنىڭ پەللىسىگە سەكرەپلا چىقىۋېلىشنى ئويلاپ ئوڭاي يول تاللاشلارنىڭ ھەممىسى خاتا. خەتتاتلىق سەنئىتىگە بەزىلەرنىڭ تونۇشى رۇشەن بولمىغاچقا، ئەنئەنىۋىي خەتتاتلىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھۆسنخەت نۇسخىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ياكى ھەر خىل شالغۇت خەتلەرنى «يېڭىلىق ياراتتىم» دەپ بازارغا سالىدىغان ۋە ياكى ئەنئەنىۋى نۇسخىلارنى پۈتۈنلەيلا بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆز مۇقامى بويىچە بىر نېمىلەرنى يازىدىغان خائىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا خەتتاتلىقتا يول قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. مەيلى خەنزۇ خەتتاتلىقى، مەيلى ئەرەب خەتتاتلىقى ياكى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بولسۇن، بۇ ئىلمىيلىقى، قائىدە – قانۇنىيەتلىرى قاتتىق سەنئەت تۈرى، نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا نۇرغۇن خەتتاتلارنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ھۆسنخەت نۇسخىلىرى تاكامۇللاشقان بولغاچقا، خەتتاتلىرىمىز ئەنئەنىۋى نۇسخىلارنى ئېرىنمەي، تېرىكمەي ئەستايىدىل ئۆگىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا خەتتاتلىق ئۆزىنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى چاقنىتىپ سەنئەت قىممىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالىدۇ.
خەتتاتلىق ئىككى خىل قىممەتكە ئىگە، بىرسى ئىستىمال قىممىتىگە يەنە بىرسى سەنئەت قىممىتىگە. بۇ ئىككى قىممەتنىڭ ئىستىمال قىممىتى ئەرزانراق، سەنئەت قىممىتى قىممەت بولىدۇ. ئىستىمال قىممىتىنىڭ ئەرزانراق بولۇشى؛ ئىستىمال ئىھتىياجىدىن، پلاكات، لەۋھە، ئۇقتۇرۇش ھەر خىل ھۆسنخەت يېزىش پائالىيەتلىرى بولىدۇ، بۇ ھۆسنخەتلەر ئىستىمال قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ھېچنىمىگە كېرەك قىلىنمايدۇ، ئەمما بىر جۈملە تەربىيۋى ئەھمىيتى بار سۆزنى ئەسەر قىلىپ ئىشلىگەندە ئۇ خەتتاتنىڭ ئىجادىي ئەسىرى بولۇپ ساقلاش ۋە ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە، شۇڭا قىممەت بولىدۇ. خەتتاتلىق ئەسەرلىرى يەنە ئىككى خىل قىممەتكە ئىگە، بىرى ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە يەنە بىرى ساقلاش قىممىتىگە. بىز ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئەھمىيەت بەرگەندە دىققەت قىلىدىغىنىمىز ئەسەرنىڭ ئۆزىلا بولۇپ، ئەسەرنىڭ جەلپكارلىقى كۈچلۈك، ئىلھاملاندۇرۇش، شادلاندۇرۇش تەلىپىگە يەتسىلا ئۇ كىمنىڭ ئەسىرى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر كىشىلەر تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىشقا ئېرىشىدۇ ۋە ئونتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ. ئەمدى بىز يىغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئەھمىيەت بەرگەندە دىققەت قىلىدىغىنىمىز بۇ ئەسەرنىڭ كىمنىڭ ئەسىرى ئېكەنلىكىدە بولىدۇ. چۈنكى يىغىپ ساقلىغان ئەسەرلەر ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىممىتى ئېشىشى مۇمكىن. يىغىپ ساقلىغان ئەسەرلەر خۇددى لاتارىيە بېلىتىدەك ئامىتى ئوڭ كەلسە نەچچە يۈز مىڭ سەر ئالتۇنغا ئۆزگىرىشى مومكىن ياكى بولمىسا بىر ۋاراق قەغەزلا بولۇشى مومكىن.
20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى مابەينىدە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا بۆسۈش خاراكتىرلىك تەرەققىياتلار بولدى. مەلۇم نادىر ئەسەرلەرمۇ مەيدانغا كېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخدىن ئورۇن ئالدى. بۇرۇن كىتاب كۆچۈرۈش، قوليازما گېزىت چىقىرىش، ھەر خىل پلاكات، لەۋھە ۋە ماۋزۇ خەتلەرنى يېزىش بىلەن چەكلەنگەن ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئەمدىلىكتە سەنئەت قىممىتى يۇقىرى كىشىلەرگە ئېستېتىك ھوزۇر بېغىشلايدىغان سەنئەت بويۇمىغا ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن ھۆسنخەتلەر كۆرگەزمە قىلىپ ھوزۇرلىنىشتىن باشقا ئىشخانا، ئۆي ۋە بەزى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئېسىلىپ ھوزۇرلىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ يىغىپ ساقلىغۇچىلارمۇ كۆپەيدى. شۇڭا خەتتاتلىق ئىجادىيتىدە تونۇشنى ئۆستۈرۈپ نېمىنىڭ ئىجادىيەت ئېكەنلىكىنى بېلىش كېرەك. خەتتاتلىق سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولغاچقا خەتتات سەنئەتكار ھېسابلىنىدۇ. بىر خەتتاتنىڭ تاكامۇللىشىشى، ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئالىيجاناپ ۋە يۈكسەكلىكى خەتتاتلىق ئىجادىيتىدە مۇۋاپپەقىيەتكە ئىرىشىشنىڭ يوشۇرۇن ئاساسىي سەنئەتتە ئىزدىنىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئېكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدە بولىدۇ.
خەتتات دېگەن بۇ پەخىرلىك نام ھۆسنخەت يازالايدىغان ھەممە كىشىگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ، پەقەت ئۆز ئىلىنى، خەلقىنى، ئۆز تىل يېزىقىنى سۆيىدىغان مۇيسىپىت ۋە ئالىيجاناپ، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر، باشقىلارغا يېزىقنىڭ گۈزەل شەكىللىرى ئارقىلىق ئېستېتىك زوق ھەم بەدىئىي لەززەت بىرەلەيدىغان كىشىلەرگە خاستۇر. مەن بارلىق خەتتات ۋە ھەۋەسكارنى بۇ شەرتلەرنى ھازىرلاش ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ خەتتاتلىق ئىجادىيتىدە زور نەتىجىلەرنى قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
ئاپتورى: ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئىشلار
مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك خەتتات历史上的今天:
ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قىسىم ماتېرىياللار 2009-02-16جۇلانى 2009-02-16ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتى 2009-02-16شەيدائى ئەسرى 2009-02-16