(2008-2009-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇم ئۈچۈن)
بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا
پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىننى ئىزچىللاشتۇرۇپ،مائارىپ قانۇن قائىدىللىرىنى ئىجرا قىلىمىز.‹‹مائارىپ قانۇنى››،‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى››،‹‹ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى››،‹‹دۆلەت بايرىقى قانۇنى››،‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى››،‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى››،‹‹جەميەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش جازالاش نىزامى››قاتارلىق قانۇن نىزاملارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۈلگە بولۇپ ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەبىيىلەش ئددىيىمىزنى توغۇرلاپ،ئۇلارنىڭ مائارىپ ،قانۇن،قائىدىللىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش،قانۇن بويىچە مەكتەپنى ئىدارە قىلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز.
ج ك پ مەركىزى كومتىتنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداشتىكى موھىم يوليۇرىقى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ قارار سىياسەتلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ مەكتەپنىڭ ئەمىليىتىگە ماس كېلىدىغان ئىزچىللاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىمىز. بۆلگۈنچىلىككە ،قانۇنسىز دىنى پائالىيەتنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيىۋى ئەھۋالىنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئىگەللەپ نوقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تىزىملاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دىني قارشى كۈچلىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەربىيىنى كۈچەيتىمىز. سىنىپ يىغىنى لىكسىيە سۆزلەش يىغىنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرگە قاتنىشىشتەك ناچار ئىش-ھەركەتلەرنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ مۇلاھىزىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىكى قانۇن تۈزۈم تەربىيىسى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسىللىرىغا قاتناشتۇرىمىز، لىكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى قانۇننى چۈشىنىشكە يىتەكلەيمىز. مەكتەپ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار،مەكتەپ بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەسئولىيەت ئېنىق بىكىتىلگەن مەسئولىيەتنامە ئىمزالايمىز .
ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا دىنغا ئىشىندىغان دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ،دىنى ئەقىدىلەرنى تارقىتىدىغان مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش كۆرىشىدە پوزىتسىيەسى سۇس بولغان مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارتا ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ خىزمەت ئورنىنى تەڭشەش ،ئىش ھەققىنى توختىتىش ۋە خىزمەتتىن توختىتىپ بىر تەرەپ قىلىش، مىللى بۆلگۈچىلىك تەشكىلاتىغا قاتناشقان قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ج خ ئورگانلىرى تەرپىدىن تايانچ ئۇنسۇر دەپ قارالغانلارنى خىزمەتتىن بىكار قىلىش ،قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىمىز .بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىددىيىۋى ھالىتىنى قەرەللىك ھالدا تەھلىل قىلىپ ھەر مەۋسۇمدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز .
‹‹ش ئۇ ئا ر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك قائىدىلەر ›› ،‹‹ش ئۇ ئا ر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى›› نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ھەركىتىگە نازارەتچىلىك قىلىمىز. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېيىنىش ،يۈرۈش-تۇرۇش، سۆز –ھەركەتتە، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.ئوقۇغۇچىلارنىڭ يامان ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تەنقىتلەپ ئىلغار شەخىسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆپلەپ تۇنۇشتىرىمىز.
ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش،قانۇن تۈزۈمگە رىئايە قىلىشنى بىلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم قارشىنى پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرىمىز .مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ گۇرۇپپىنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق بىكىتىمىز ،مەسئولىيەتنى ئېنىق ئايرىپ ھەر بىر كىشىنىڭ مەسئولىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئايرىيمىز .
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەخلاقى،ئەقلى ،تەن ساپاسى جەھەتتە ئەتراپلىق ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تۈرۈتكە بولۇپ ئۇلارنى غايىلىك ، ئەخلاقلىق ،مەدىنيەتلىك ،ئىنتىزامچان سوتسىيالىستىك جەميەتنىڭ ئىز-باسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئارزۇ تەربىيىسى ،ئەخلاق تەربىيىسى ،ئىنتىزام ۋە قانۇنى تەربىيە ئېلىپ بارىمىز .ۋەتەنپەرۋەرلىك ،كوللىكتىۋىزىملىق ،ئىنتىرناتسىئونالىزىم ۋە سوتسىيالىزىم تەربىيىسى ئېلىپ بارىمىز .ۋەتەننى سۆيۈش،خەلىقنى سۆيۈش ،ئەمگەك،پەن-تېخنىكا،سوتسىيالىزىمنى سۆيۈش قاتارلىق ئاممىۋى ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىپ ئىددىيىنى چىرىكلەشتۈرىدىغان زىيانكەشلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ،دىننىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەيداننى ئىگەللىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز .
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش جەھەتتەۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزمەسلىكى جەھەتتە مەكتەپ ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن مەسئولىيەتنامە ئىمزالايمىز.ئائىلە ،مەكتەپ ،قانۇندىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ قوغدىشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تېخىمۇ ساغلام يىتىلدۈرىمىز.كەسپى ئەخلاققا خىلاپ ئىش ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق چەكلەيمىز
.