• 2009-01-30

    ئوقوتقوچىلارنىڭ باشقولۇق خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش لاھىيىسى - [پىلان، خۇلاسىلەر]

    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باسقۇچلۇق خىزمەت

     

    I باھالاش كۆرسەتكۈچ سېستمىسى ۋە ۋەزىن تەقسىماتى

    1.     خىزمەت مىقدارى (40 نومۇر)

    2.     ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقى (12نومۇر)

    3.     سىياسى ئىدىيىۋى سۈپىتى (8 نومۇر)

    4.     دەرسخانا ئوقۇتۇشى (9 نومۇر)

    5.     ئوقۇتۇش لاھىيىسى ( 10 نومۇر )

    6.     كەسپى ئىمتىھان نەتىجىسى (7 نومۇر )

    7.     ئوقۇتۇش – تەتقىقات نەتىجىسى ( 7 نومۇر )

    8.     كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش تېخنىكا سەۋىيىسى ( 7 نومۇر )

    9.     مۇكاپات نومېرى (كۆپ بولغاندا 20  نومۇر )

    (1)             خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى ( 5 نومۇر )

    (2)             خىزمەت قىزغىنلىقى ( 5 نومۇر )

    (3)             باشقا ئالاھىدە مۇكاپات نومۇرلىرى

    ئىزاھات: 1) باھالاش كۆرسەتكۈچ سېستىمىسى ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ،قىسمەن تەڭشىلىدۇ.زۆرۈر تېپىلغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ باھالاش تۈزۈملىرىدىن ئېلىنغان ئىمتىھان نەتىجىسى ئايرىم بىر باھالاش تۈرى قىلىنىدۇ.2) 64 – يىل 1 – ئاينڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بارلىق ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى ۋە خەنزۇ تىلىدىن ئېلىنغان ئىمتىھانغان قاتناشتۇرىلىدۇ.

    II خىزمەت مىقدارى ۋە ئۇنى ھىساپلاش

    1. خىزمەت مىقدارى ئوقۇمى

    ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت مىقدارى ئوقۇتقۇچىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئىشلىگەن ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنىڭ يىغىندىسىدۇر.خىزمەت مەزمۇنىغا ئاساسەن بۆلگەندە،ئوقۇتۇقۇچىنىڭ خىزمەت مىقدارى ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى ۋە غەيرى ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرگەن خىزمەت مىقدارى بولۇپ،دەرس تەييارلاش خىزمەت مىقدارى،دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارى،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش خىزمەت مىقدارى،ئىشتىن سىرتقى تەكرارلاش خىزمەت مىقدارى،ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش خىزمەت مىقدارى،ئىككنىچى دەرسخانا خىزمەت مىقدارى،ئوقۇتۇش – تەتقىقات خىزمەت مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.غەيرى ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى بولسا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئومۇمى خىزمەت مىقدارىدىن ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى خىزمەت مىقدرى بولۇپ،سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت مىقدارى،يىغىن خىزمەت مىقدارى،سىياسى ئۈگىنىش خىزمەت مىقدارى،تەشكىللەش،ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مىقدارى ۋە خانىلار خىزمەت مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    2. ئورۇنلاشقا تېـگىشلىك خىزمەت مىقدارى

    مەلۈم بىر باسقۇچتىكى ئەمەلى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان سائەت سانىنىڭ يىغىندىسى مۇشۇ باسقۇچتىكى ئورۇنلاشقا تېگىشلىك خىزمەت مىقدارى دەپ ئاتىلىدۇ.ئادەتتە،بىر ھەپتە ( بەش كۈن ) تولۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان بولسا،ھەپتىلىك ئورۇنلاشقا تېگىشلىك خىزمەت مىقدارى 40  سائەت بولىدۇ.بىر ماۋسۇملۇق ئورۇنلاشقا تېگىشلىك خىزمەت مىقدارى مۇشۇ ماۋسۇم ئىچىدىكى خىزمەت ھەپتە سانىغا 40 سائەتنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىرىلىدۇ.سىرتقا كاماندروپكىغا چىقىش.(خىزمەت،ئۈگىنىش،يىغىن،تەربىيلەش قاتارلىقلار)سەۋەبىدىن سەرپ قىلىنغان ۋاقىت ئورۇنلاشقا تېگىشلىك خىزمەت مىقدارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

    3. خىزمەت مىقدارىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنى ھىساپلاش

    1) دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارى

    دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارى ئۆتۈلگەن دەرس سائەت سانى،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش،دەرس لاھىيىسى،دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە ئوقۇتۇش نەتىجىسى قاتارلىقلارغا بېرىلگەن باھا ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىلىدۇ.ئادەتتە،تاپشۇرۇق،دەرس لاھىيىسى،دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە ئوقۇتۇش نەتىجىسى قاتارلىق تۈرلەر A,B,Cدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىدۇ.ئەگەر بۇ تۈرلەرگە بېرىلگەن باھا ئوخشاشلا  B بولسا، دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارى ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ ئۆزى بولىدۇ.بۇ تۈرلەرگە بېرىلگەن باھالاردىكى ھەر بىر A دەرىجە ئۈچۈن،ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ % 20 ئى دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارىغا قوشۇپ بېرىلىدۇ.بۇ تۈرلەرگە بېرىلگەن باھالاردىكى ھەر بىر C دەرىجە ئۈچۈن،ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ % 20 دەرس ئۆتۈش خىزمەت مىقدارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

    2) تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش خىزمەت مىقدارى

    ئەگەر بۇ تۈردە A باھالانسا،ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىچىلىك، B باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ  % 80 ئىچىلىك، Cباھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ  % 60 ئىچىلىك خىزمەت مىقدارى ھىساپلىنىدۇ.

    3) دەرس لاھىيىسى خىزمەت مىقدارى

    ئادەتتىكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا نىسبەتەن،ئەگەر C باھالانسا،ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىچىلىك خىزمەت مىقدارى ھىساپلىنىدۇ.B باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ  % 40 ئى، A باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ  بىر ھەسسىسى قوشۇپ بېرىلىدۇ.مۇھاكىمىلىق دەرس،ئۈلگىلىك دەرس،ئوچۇق دەرسلەرگە يەنە ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىدۇ.بۇ خىل دەرسلەر ئەگەر  C باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىڭ  ئىككى ھەسسىسى،  B باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىىڭ 4 ھەسسىسى، A باھالانسا ئۆتۈلگەن دەرس سائىتىنىىڭ 6 ھەسسىسى قوشۇپ بېرىلىدۇ.

    4) سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت مىقدارى

    ① ھەر ھەپتىدە بىر تۇتاش ئىككى سائەت(دەرس سائىتى) ۋاقىت مىقدارى ھىساپلىنىدۇ.② سىنىپ خىزمىتى ھەر ئايدا تۆت نىسبەت خۇلاسىسىغا ئاساسەن،تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، A باھالانسا ھەپتىسىگە 4 سائەت،  B باھالانسا ھەپتىسىگە 3 سائەت، C باھالانسا ھەپتىسىگە 2 سائەت،D  باھالانسا ھەپتىسىگە 1 سائەت ۋاقىت يېزىلىدۇ.③ ماۋسۇم ئاخىرىدا يەنە سىنىپ خىزمىتىدىكى دەرىجىسىگە ئاساسەن،ئايرىم – ئايرىم ھالدا 6 سائەت،5 سائەت،4 سائەت،3 سائەت ۋە 2 سائەت خىزمەت ۋاقىت يېزىلىدۇ. ھىساپلاپ چىقىرىلغان بارلىق ئومۇمى ۋاقىت % 60 گە كۆپەيتىلىپ،دەرس خىزمەت مىقدرىغا ئايلاندۈرىلىدۇ.

     

    5) رەھبەرلىك خىزمەت مىقدارى

    6) ماتېرىيال يېزىش خىزمەت مىقدارى

    پىلان،خۇلاسە،ئۇچۇر يېزىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن،نورمال ئەھۋالدا كېتىدىغان ۋاقىت مىقدارى ئىمكانقەدەر توغرا مۆلچەرلىنىدۇ ھەمدە سەرپ قىلىنغان ۋاقىتنىڭ % 60 ئى خىزمەت مىقدارىغا ھىساپ قىلىنىدۇ.قانداق ماتېرىيال،قانداق پىلان ياكى خۇلاسە يازغانلىقى خۇلاسە جەدۋىلىگە ئېنىق خاتىرلىنىشى لازىم.

    7) يىغىن،سىياسى ئۈگىنىش،كەسپى ئۈگىنىش ۋە ئوقۇتۇش – تەتقىقات پائالىيىتى،ئىككىنىچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش،بايراق چىقىرىش – چۈشۈرۈش،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلەر سەرپ قىلىنغان ۋاقىتنىڭ % 60 ئى بويىچە خىزمەت مىقدرىغا ئايلاندۈرىلىدۇ.

    8) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت مىقدارىنىڭ بېكىتىلىشى

    يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى خادىملىرىغا كونكىرت خىزمەت تەقسىم قىلىنىدۇ ھەمدە مۇناسىپ خىزمەت مىقدارى بېكىتىلىدۇ(تەپسىلى مەزمۇنلار " قۇمباش ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لاھىيىسى" دە كۆرىلىدۇ.)

    (1) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىش.( 3 سائەت )

    (2) كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇمباش ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى تۈزۈش. ( 5 سائەت )

    (3) كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتەپ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمى پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش. ( 5 سائەت )

    (4) مەكتەپنىڭ كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈش( 5 سائەت )

    (5) كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمى خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش.(ھەپتىسىسىگە 2 سائەت )

    (6) كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي بۆلۈمنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش.( 3 سائەت )

    (7) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى بېكىتىش.( 3 سائەت )

    (8) ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىن بۇرۇن،كېيىنكى ھەپتە ئىچىدە كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ،ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى بېكىتىش ھەمدە ھەپتە ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىش.( ئايدا ئىككى قېتىم كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلىدىغان مۇھاكىمىلىق ئوچۇق دەرس ئۆتكۈچى خادىمنى ئەكبەر ياسىندىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.ھەر ھەپتىسىگە بىر سائەت خىزمەت مىقدرى يېزىلىدۇ)

    (9) ھەر ئايدا بىر سائەت كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ،مۇھاكىمىلىق دەرس ئۆتۈش. (ئەگەر شۇ سائەتلىك دەرس A باھالانسا بىر سائەتلىك دەرس 3 سائەتلىك،Bباھالانسا 2 سائەتلىك، Cباھالانسا 1.5 سائەتلىك خىزمەت مىقدارى ھىساپلىنىدۇ.ئەگەر D باھالانسا ھەسسىلەنمەي،ئۆزى يېزىلىدۇ.)

    (10) ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش(مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلەپكە يېتىش ئەھۋالى تۆت دەرىجە بويىچە خۇلاسە قىلىنىدۇ. A باھالانسا تەربىيلىگۈچىگە 6 سائەت، Bباھالانسا 5 سائەت،باھالانسا 4 سائەت، D باھالانسا 3 سائەت خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (11) چۈشكەن ئۇچۇرلارنى ئۆز ۋاقتىدا پەنلەر ۋە دەرسلەر بويىچە ئوقۇتقۇچىلارغا ئېلان قىلىش( ئىشخانىلارغا چاپلاشقا بولىدۇ،بىر قېتىم چاپلاش ئۈچۈن  1 سائەتلىك خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (12) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىلان بويىچە كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالىنى خۇلاسە قىلىش ۋە نازارەت قىلىش. (ھەر ھەپتىلىكى بىر سائەتلىك خىزمەت مىقدارىغا سۇندۇرىلىدۇ)

    (13) ھەر كۈنلۈك دەرس ئارىلىقى چوڭ پائالىيەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارغا دەرس ئۆتۈش.( بىر سائەتلىكى بىر سائەتلىك خىزمەت مىقدرىغا سۇندۇرىلىدۇ)

    (14) ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان پىكىر – تەلەپلىرىنى ئېلىش ۋە رەتلەپ،رەھبەرلىك گۇرۇپپىغا ئىنكاس قايتۇرۇش.(بىر سائەتلىك خىزمەت مىقدرىغا سۇندۇرلىدۇ)

    (15) ئۇچۇر تېخنىكىسى تەربىيىسىنىڭ تەشۋىقات مۇھىتىنى بارپا قىلىش.(ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (16) ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى خادىملىرىنىڭ كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش.(تەربىيلەش پىلانى يېزىش،ئۈگىنىش ئېلىپ بېرىش،مۇھاكىمە ۋە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ،ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (17) ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى ئاڭلاشقا تەشكىللەش.(ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى مەسئۇللىرىدىن دەرس ئاڭلايدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئالىدۇ،ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (18) ئايدا ئىككى قېتىم كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلىدىغان مۇھاكىمىلىق ئوچۇق دەرسنى ئورۇنلاشتۇرۇش.(ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (19) گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ دەرس تەييارلىقلىرىدا كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (20) گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن،ئۆز گۇرۇپپسىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن كېيىنكى ھەپتە ئىچىدە كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى بېكىتىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (21) گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ئۆز گۇرۇپپسىدىكى كومپيوتېر تورىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (22) مەسئۇل خادىم بارلىق كومپيوتېرلار ۋە كومپيوتېر تور يولىنىڭ راۋانلىقى شۇنداقلا يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (23) مەسئۇل خادىم ھەر ئايدا ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ئىككى يۈرۈش دەرسلىك يۇمشاق دېتالى ياساش ۋە ئەمەلى قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.(يۇمشاق دېتالنى باھالاش ئارقىلىق،خىزمەت مىقدارى بېكىتىلىدۇ)

    (29) مەسئۇل خادىم تۆت جەدۋەلنى ۋاقتىدا تولدۇرۇپ مېڭىش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (30) مەسئۇل خادىم يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ بارلىق مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇش.مەكتەپ مۇقىم مۈلۈك دەپتىرىدىكى ىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر تىزىملىكى  ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان چىقملار تالونىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ساقلاش(ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)

    (31) مەسئۇل خادىم ماۋسۇم ئاخىرى(2007 – يىل 2 – ئاي)غىچە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئىشخانىسىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۈچ نەپەر خادىمنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش.(تەربىيلىگەن ئەمەلى ۋاقتى ۋە تەربىيلەش ئۈنۈمىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ.)

    (32) ئۇچۇر مەنبەلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈش. (ئىشلىگەن ئەمەلى خىزمىتىگە ئاساسەن،خىزمەت مىقدارى يېزىلىدۇ)


    历史上的今天:





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.