玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن كۇباستا ئاۋازنى 1 يولغا مۇزىكىنى 1 يولغا ئالدىم ئۈنۈل

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بول

مەن مۇزىكىلارنىڭ نوتىسىنى كومپىيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزەي دېگەن لېكىن ۋورد ھۆججىتىگە ماسلىشىدىغان ياكى ئۈنۈمى ئاددىيرا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلېرىم يىقىندا مىنىڭ بىر دۇستۇم ktv ئاچقان خەنزوچ

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر داشلار ھەممىڭلا

باھا بەرگەيسىلەر attach://6462.mp3

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

كومپىيوتۇرۇمغا ۋىندوۋىس 8 قاچىلىغان ئىدىم لىكىن بۇرۇن ۋىندوۋىس 7دە نۇرمال ئىشلەتكەن

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار ياخشىمۇسىلەر بۇ دورەم تور ئارلاۋېتىپ

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ھۈمۇر قەدىرلىك ،كاككۇك ،مايسىلار، گۇل ھۇزم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مە

مەندە YAMAHA 2100 رويال بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،پىرى سونۇس م

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

ماۋۇ MIDI جەنپەننې ئشلېتېپ باققانلار بامۇ ئاڭلېسام مۇزېيكېغا شاۋكو بەكېلې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە «ئوسمانجان تەمكىن» دىن ھەممىڭلارغا ئ

قىرىنداشلىرىم ئايرىلىش دىگەن ناخشىنىڭ تىكىسىنى

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

قەشقەردە 2- قول مۇزىكا ئەسۋاب دۇكىنى بارمۇ؟ مەسىلەن:ياڭراتقۇ؟ ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى،مې

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

بۇ قېتىمقى مەشرەپ بېيجىڭدا مەشھۇر چاڭگائ ولىمپىك مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ت

ئاڭلىسام بۇ دىتال مۇزىكىدىن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىپ بېرىدىكەن ،راسمۇ؟ 6379

جەمئىي مىكروبلوگ 1858 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • باغاق 2016-3-25 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناخشا كەسپىدىن خىزمەت ئىزدەيمە. ئۇزەم كۇچا ناھىيسىدىن....18096974302

  • millitim3 2016-3-13 13:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹‹  مۇنبەر بەكلا جىمىپ كىتىپتىغۇ   

  • millitim3 2016-3-5 16:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىردىكى دوسلار  ئوسمانجان ‹تەمكىن›دىن سالام

  • letip 2016-2-19 22:02 [ئىنكاس(1)] [...]

    بۇ مۇنبەردە بىرچاغلاردىكىدەك قىزغىنلىق يوقيا؟

  • ∮AKKAPTAR∮ 2016-1-8 16:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرلەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،قېرىنداشلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

  • كاچۇڭ00 2016-1-5 02:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    بولسا مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەشكە دائىر سىستىمىلارنى بىر توپلاپ ئايرىم چۇشۇرۇش ....

  • waliyor 2015-12-2 10:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍ۇستازلا ماڭا خېنىم جورام نىڭ مۇزىكىسى لازىمتى

كۆرۈش: 12143|ئىنكاس: 49

«Waves Mercury»ئۈنۈملىگۈچى قىستۇرمىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بارلىق مۇنبەرداش دوستلارغا:
بۇ قېتىم مەن يېڭىدىن كومپىيوتېر مۇزىكىسىغا قەدەم قويغان دوستلارنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن،ھەمدە كەڭ مۇنبەر ئەھلى بىلەن ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مەقسىدىدە بۇ تىمىنى يوللۇدۇم.بۇ يازمىنىڭ داۋامى بار بۇلۇپ،ئاخىرىنى پات ئارىدا يوللايمەن.(ئەسلى ھەممىسىنى پۇتتۇرۇپ بىراقلا يوللاي دىگەن لىكىن،مەزمۇن بەك كۆپ بولغاچقا ئاز،ساز يوللاپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۇم.)شۇڭا دوستلارنىڭ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كىلىپ،ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلاردا ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمەن.
(ئەسكەرتىش:1.بۇ تىمامدىكى مەزمۇندا بەلكىم بىرقسىم ئوخشىمايدىغان نوقتىلار ياكى تەرجىمىدە خاتالىقلار بولغان بۇلۇشى ئېنىق.شۇنداقتىمۇ مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ،سەۋىيەمنىڭ يىتىشىچە قىلدىم.دوستلارنىڭ تۈزۈتىش ئاساسىدا قۇبۇل قىلىشىنى سورايمەن.2.ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرسەتمىلىك رەسىمى بىلەن ئېلىنمىدى.)


«Waves Mercury»ئۈنۈملىگۈچى قىستۇرمىللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى(1)
ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئىسمى

ئىشلىتىلىش ئونى

AudioTrack
«ئاۋاز يولى ئۈنۈملىگۈچى»

بۇ بىر Wavesنىڭ لىنىيە تارمىقى بۇلۇپ،ئاۋاز يولىغا قارىتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش،پرېسلاش ۋە ئاۋاز سىگىنالىنىڭ چاستوتا دائىرسىدىن ھالقىلىپ كىتىشىنى چەكلەش رولى بار.بۇنى ئادەتتە ئاۋاز يولى بۆلەكلىرىدە چاستوتا دائىرسىدىن ھالقىپ كىتىپ بۇزۇلۇش بولغاندا بېرىلىدۇ.

C1 comp
«ئاددىي پرېسلىغۇچ»

بۇ بىر ئاددىي پرېسلاش رولىغا ئىگە ئۈنۈم قىستۇرمىسى بۇلۇپ،ئادەتتە Mono ۋە Stereo دەپ ئايرىلغان.ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ يۇقىرى كەتكەن يەرلىرىنى قىسش،تۆۋەن جايلىرىنى كۆتىرىش ۋە شاۋقۇن پەسەيتىش ئىقتىدارى بار.

C1 comp Gate
«پرېسلىغۇچ ۋە چەكلىگۈچ»

بۇ بىر«پرېسلىغۇچ»ۋە«چەكلىگۈچ»نىڭ بىرىكمىسى بۇلۇپ،ئاۋاز يولى سىگىنالىنىڭ چاستوتا دائىرسىدىن ھالقىپ كىتىشىنىڭ(بۇزۇلىشىنىڭ)ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈم قىستۇرمىسىدىن ئىبارەت.بۇمۇ  Mono ۋە Stereo دەپ ئايرىلغان ئىككى خىلغا ئايرىلغان.

C1 comp SC
«يانداش ئۇلانمىلىق پرېسلىغۇچ»

ئاۋاز سىگىنالىنىڭ يۇقىرى جايلىرىنى قىسىپ،تۆۋەن جايلىرىنى كۆتىرىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

C1 gate «شاۋقۇن چەكلىگۈچ»

بۇنى ئۈنۈم قستۇرمىسىنى ئادەتتە ئاۋاز سىگىنالىدىكى شاۋقۇننى پەسەيتىش ۋە ئاۋاز سىگىنالىنىڭ بەلگۈلەنگەن چاستوتا دائىرسىدىن ھالقىپ كىتىشىنى چەكلەشتە ئىشلىتىلىدۇ.

DeEsser  
«چىش تاۋۇشىنى سۈزگۈچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمسى ئادەتتە ئادەم ئاۋازىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بېرىلىدىغان بۇلۇپ،ئادەم ئاۋاز سىگىنالىدىكى كۈچلۈك كەتكەن تاۋۇش سىگىنالىنى يۇمشىتىش ۋە«چىس»قىلغان ئاۋازنى پەسەيتىشتە ئىشلىتىلىدۇ.

Doppler، Doppler2، Doppler4
«ئاۋاز ئۈنۈم تىزلىك ئۆزگەرتكۈچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئادەتتە ئاۋاز سىگىنال سۈپىتىنىڭ تېزلىك ئۈنۈمىگە ئېرىشىشغا ئىشلىتىلىدىغان بۇلۇپ،ئادەتتە تاق بۆلەكلىك، 2 بۆلەكلىك ۋە 4 بۆلەكلىك دەپ ئايرىلغان.

Guitar Amp stereo
«گىتتار ياڭراتقۇسى تەقلىدىي ئۈنۈملىگۈچى»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئۆزىگە ھەرخىل گىتتارلارنىڭ ياڭراتقۇدىن چىققاندىكى ئاۋازىغا تەقلىد قىلىنغان ئاۋاز تۈسلىرى مۇجەسسەملەنگەن بۇلۇپ،بۇ ئۈنۈم قىستۇرمسى ئارقىلىق ھەر خىل گىتتار ئاۋازلىرىنىڭ ئاۋاز تۈسى ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

IDR
«رەقەملىك ئېنىقلىق نىسبىتىنى ئاشۇرغۇچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئادەتتە ئاۋاز سىگىنالىنىڭ شاۋقۇن گەۋدىسى ۋە تىترەنمە ھېساپلاش ئۇسۇلى ئۆز-ئارا ئالمىشىپ نۇسقا ئېلىش يۈز بېرىۋاتقاندا،ئاۋاز سىگىنالىغا قارىتا رەقەملىك(شان-سىفېر بويىچە ھېساپلاپ) شاۋقۇن پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.

L1-ultramaximizer
«بىر بۆلەكلىك يۇقىرى چەكتىكى سىگىنال چەكلىگۈچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئاۋاز سىگىنالىنىنىڭ بۇزۇلىشىنى چەكلەپ،بۆلەك بويىچە يولغا ئايرىپ يېيىپ بېرىش ۋەكېڭەيتىش ئىقتىدارى بۇلۇپ، 2L،3L لەر ئادەتتە ئانا لىنتا بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ. 1L بولسا ئاۋاز سىگىنالىنى نۇقۇل ھالدا بىر بۆلەك بويىچە ئايرىپ،سىگىنال بۇزۇلىشىنى چەكلەپ،ئاۋازنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە يېيىپ،كېڭەيتىپ بېرىش رولىغا ئىگە.

L2   «ئانا لېنتا چەكلىگۈچ»

بۇمۇ ئوخشاشلا ئىككى بۆلەك بويىچە ئاۋاز سىگىنالدىكى شاۋقۇننى پەسەيتىش ۋە ئاۋاز سىگىنالىنىڭ بۇزۇلىشىنى چەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ،خەلقارالىق ئاۋاز ئۆلچىمىگە ماسلاشقان ئاۋاز سىگىنالى ھالىتىگە ئەكىلىپ بېرىش رولىغا ئىگە.

MaxxBass
«تۆۋەن ئاۋاز كۈچەيتكۈچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرما ئاساسلىقى مۇزىكا يولىغا بېرىلىدىغان بۇلۇپ،تۆۋەن ئاۋازنى كۈچەيتىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

MaxxVolume stereo
«سىتېرېئو ئاۋازىنى كۈچەيىتكۈچ»

بۇ ئاساسلىقى سىتېرېئولۇق(قوش يول)ھالەتتىكى ئاۋاز سىگىنالىنى كۈچەيتىشكە بېرىلىدىغان «دىنامىكىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ» (ھەرىكەتچان)دىن ئىبارەت.يەنى ھەرىكەتچان ھالەتتە ئاۋاز سىگىنالىنى كۈچەيتىپ بېرىدۇ.

MetaFlanger
«كۆپ گىرۋەكلىك ئۈنۈملىگۈچ »

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسىنىڭ ئاۋاز يىيىشتۈرۈش،ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ۋە تىزگىنلەپ، سىتېرېئولۇق ئاۋاز ھالىتىدە ئۈنۈم قۇشۇپ،نىسبەتلەشتۈرۈپ چىقىرىپ بېرىدىغان ئىقتىدارى بۇلۇپ،ئاساسلىقى ئالاھىدە ئاۋازلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.(ئاساسلىقى مۇزىكا ئاۋاز يولىغا ئىشلىتىلىدۇ.)

MondoMod
«ئايلانما بوشلۇق ئۈنۈملىگۈچ»

بۇ قىستۇرما ئارقىلىق ھەرخىل «ئايلانمىلىق سىتېرىئولۇق ئاۋاز»لاھىيىسىگە ئېرىشكىلى،ھەمدە تەكرارلىنىش دەرىجىسى كەڭ بولغان ئاۋاز مەيدانىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.ئۆز نۆۋىتىدە تاق يول ۋە ستېرېئو يولى بويىچە ئايرىلغان بۇلۇپ،ئۆزىدە بار بولغان ھەرخىل تەييار ئاۋاز نۇسقىللىرىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

PAZ Analyzer
«چاستوتا سىپېكتر ئانالىزلىغۇچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسنىڭ رولى شۇكى ۋاقىت بويىچە ھېساپلانغان ئاۋاز سىگىنالى چاستوتا دائىرسى سىگىنالىغا ئالماشقاندا(ئادەتتە چاتوتا سپېكترى دەپ ئاتىلىدۇ) كىرگەن شاۋقۇن ئاۋازلارنى ئانالىز قىلىپ ئەڭ توغرىلىق نىسبەتتە ئۆلچەملىك سىگىنالغا ئۆزگەرتىپ بېرىدىغان ئۈنۈم قىستۇرمىسىدىن ئىبارەت.

PAZ Frequency
«دولقۇن كۆرسەتكۈچ»

بۇ قىستۇرمىنىڭ ئاساسلىق رولى كىرگەن ئاۋاز سىگىنالىدىكى سىگىنال ئېلىكتر بېسىمى،سىگىنال ئېلىكترئېقىم مىقدارى،چاستوتا قاتارلىقلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ دولقۇن ھالىتىدە كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

PAZ Meter
«ئېلىكتر تەكشىلىگى ئۆلچىگۈچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئاۋاز سىگىنالىدىكى ئېلىكتر تەكشىلىگىنى ئۆلچەپ بېرشتىن ئىبارەت رولى بار.

PAZ Position
«فازا كۆرسەتكۈچ»

فازا: ئۆزگىراشچان توكنىڭ ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان فىزىكىلىق مىقدار بۇلۇپ،بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسىنىڭ رولى شۇكى،ئاۋاز سىىگىنالىدىكى ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ۋاقىت بويىچە ئۆزگىرىشى قىممىتىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىگىنى،مۇسبەت ياكى مەنپىيلىگىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەپ بېرىشتىن ئىبارەت.

Q1 -paragraphic EQ
Q2 -paragraphic EQ
Q3 -paragraphic EQ
Q4-Paragraphic EQ
Q6-Paragraphic EQ
Q8-Paragraphic EQ
Q10-paragraphic EQ
«كۆپ بۆلەكلىك تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسىنىڭ ئاتىلىشى:«كۆپ بۆلەكلىك تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ»بۇلۇپ،ئادەتتە ئارقىدىكى سانلار ئاۋاز سىگىنالى يولىنى قانچە بولەك بويىچە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ بېرىشكە قارىتىلغان.رولى شۇكى،بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئادەتتە ئانا لېنتا بىرتەرەپ قىلىشتا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.يەنى ئاۋاز سىگىنالىنى بۆلەكلەر بويىچە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ بېرىش رولىغا ئىگە.

Mono\Stomp 2 Stereo
Mono\Stomp 4Stereo
Mono\Stomp 6 Stereo
«كۆپ بۆلەكلىك كۆتۈرۈلمە
تاق يوللۇق ۋە سترېئولۇق ئۈنۈملىگۈچ قىستۇرمىسى»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئاساسلىقى گىتتار ئاۋاز يولىغا بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان بۇلۇپ،ئۈنۈم قىستۇرمىسىنىڭ  ئارقىدىكى سانلار نەچچە «ئاۋاز سىگىنالى بۆلىكى»بويىچە ئۈنۈم قۇشۇشقا قارىتىلغان.بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئادەتتە تاق يول ۋە سترېئو ئاۋاز يولىغا ئايرىپ بېرىلىدىغان بۇلۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە«شاۋقۇن سۈزۈش،ئاۋاز سوزما ئۈنۈمى قۇشۇش،زال ئۈنۈمى قۇشۇش،پرېسلاش،تەڭپۇڭلاشتۇرۇش »قاتارلىق ئىقتىدارلا بىر گەۋدە قىلىنغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قىستۇرما دېتالىنىڭ«Load»ستونىدا تۈرلۈك گىتتار ئاۋاز تەييار نۇسقىللىرى(ئاۋاز تۈسلىرى)بېرىلگەن بۇلۇپ،ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

mono\Vcomp stereo
« تۆۋەن ئاۋازلىق پرېسلىغۇچ»
(تاق يول ۋە سترېئو يولى بويىچە)

بۇ بىر ئۈنۋېرسال پرېسلىغۇچ ئۈنۈم قىستۇرمىسى بۇلۇپ،ئادەتتە دۇمباق ئاۋاز،گىتتار ئاۋاز،باس گىتتار ئاۋاز،ئادەم ئاۋازى يوللىرىغا بېرىشكە بولىدۇ.ئاساسلىق ئقتىدارى ھەر قايسى ئاۋاز سىگىنال يوللىرىدا تۆۋەن ئاۋاز كەمچىل بۇلۇپ قالغان ئەھۋالدا،ئاۋازنى «تۆۋەن ئاۋاز» قۇشۇپ بېرىش ھالىتىدە چىقىرىپ بەرگەندىن سىرىت،پرېسلاش رولىغا ئىگە. Stereo قىستۇرمىسىنى ئادەتتە ماستېر يولىغا بېرىشكىمۇ بولىدۇ.

VEQ3 stereo\mono
VEQ4 stereo\mono
«تۆۋەن ئاۋازلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئادەتتە ئېلىنغان ئاۋازلارنى مۇۋازىنەتلەش(تەڭپۇڭلاشتۇرۇش)باسقۇچىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇلۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەن ئاۋاز ھالىتىدە 3 بۆلەك ۋە 4 بۆلەك بويىچە ئېلىنغان ئاۋازنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.ئاساسلىق ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىشى EQ قىستۇمىللىرىغا ئوخشاش. Stereoھالىتىنى ئادەتتە ماستېرلاش يولىغا بېرىشكىمۇ بولىدۇ.

mono \Z-Noise stereo
«شاۋقۇن سۈزگۈچ ئۈنۈملىگۈچى»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئادەتتە تاق يول ۋە سترېئو يولى ھالىتى بويىچە بېرىلىدىغان، ماس ھالدىكى شاۋقۇن سۈزۈش قىستۇرمىسى بۇلۇپ، ئادەتتە ئاۋاز سىگىنالىدىكى شاۋقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

Waves C4,C6 Mono\Stereo
«كۆپ بۆلەكلىك دىنامىكىلىق (ھەرىكەتلىك)پرېسلىغۇچ»

بۇ ئۈنۈم قىستۇرمىسى ئادەتتە تاق يول ۋە سترېئو يولى بويىچە بېرىلىدىغان ئۈنۋېرسال ئىقتىدارلىق ئۈنۈم قىستۇرمىسى بۇلۇپ،مەيلى ئەسلى ئاۋاز   يولىغا بولسۇن ياكى ئاخىردىكى ماستېرلاش يولىغا بولسۇن ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان پرېسلىغۇچ.ئادەتتە ئاۋاز سىگىنالىنىڭ يۇقىرى كەتكەن جايلىرى قىسىپ بېرىش،تۆۋەن جايلىرىنى كۆتۈرۈپ بېرىش  ھەمدە شاۋقۇن پەسەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

داۋامى: «Waves Mercury»ئۈنۈملىگۈچى قىستۇرمىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى(2)

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ماكانداشلار!ئۇزۇن بۇلۇپتۇ مۇنبەرگە خىزمەت ئىشى سەۋەبلىك كىرەلمىگىلى.....
ۋاقتى: 2012-8-5 16:30:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قوللىنىشچان تىما يوللاپسىز! رەخمەت سىزگەئۇستاز!
قەلىمىڭىز ھارمىغاي.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-5 16:42  

پاك قەلىبتىن گۈزەل مۇزىكىلار چىقىدۇ.
ۋاقتى: 2012-8-5 17:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرڭىزگە ئاپىرىن شۇنداق تەپپسىلى يېزىپسىز رەخمەت
ۋاقتى: 2012-8-5 17:26:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئسىل ئىش قىلۋاتىسىز
ۋاقتى: 2012-8-5 18:06:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى  تېمىدىن بىر نى  يوللاپسىز ،،ئاخىرىنى كۈتىمىز .ھارمىغايسىز....
ۋاقتى: 2012-8-5 20:22:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ ئاق كەپتەر ئەپەندى..رەھمەت سىزگە ..جاپا تارتىپسىز...
ھەراس 8-ئايلاردا ئۈرۈمچىگە بارىمەن دەۋاتاتتىڭىز ..كەلسىڭىز ماڭا ئۇچۇر قىلىۋىتەرسىز...
يېڭى تېمام كەتتى!باشقۇرغۇچىلار قاراپ قويارسىلەر!
ۋاقتى: 2012-8-5 21:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،كۆپ ئەجىر  قىپسىز،مۇشۇ ئۈنۈملىگۈچلەرنى ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ،ئۇنىڭ رولىنى بۇنداق يىزىق شەكلى ياكى ئىغىز شەكلى ئارقىلىق چۈشەندۇرۇشنى بىلمەي ،پەقەت خۇدايىم بەرگەن قۇلاققىلا تايىنىپ قىلغاندىن كۆپ ياخشى بولىدۇ ھەم ئىلمى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ھەسەل ھەرىسىگە ئەگەشسەڭ،گۈلگە قونىسەن،چىۋىنغا ئەگەشسەڭ پوققا قونىسەن.
ۋاقتى: 2012-8-6 00:59:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن جاپا تارتىپسىز، سىز  بىزنى ناھايتى ياخشى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەۋاتىسىز جۇمۇ! ئاشۇ قۇلىڭىزغا مەڭگۈ دەرىت كەلمىسۇن!!
ئىسمى جىسمىڭىزغا خاس ئاق كەپتەر جۇمۇ سىز..
ۋاقتى: 2012-8-6 01:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرڭىزگە ئاپىرىن شۇنداق تەپپسىلى يېزىپسىز جاپا تارتىپسىز ھارمىغايسىز
ۋاقتى: 2012-8-6 02:00:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا! جاپا تارتىپسىز...ئىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن! داۋامىغا تەشنامىز!
ئاستا ماڭساڭمۇ توختاپ قالما!!!
ۋاقتى: 2012-8-6 02:16:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە..
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
ۋاقتى: 2012-8-6 02:16:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە..
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
ۋاقتى: 2012-8-6 09:54:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشىت يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 02:00
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا! جاپا تارتىپسىز...ئىشلىرىڭىزگە ئۇ ...

ئوخخو.............ۋ  ، كەمىنە ئىنىم باركەنسىز-ھە،تىلفۇنغا،ئى.......ۋۇ كوت-كوتقا،ئانچە -مۇنچە قاراپ قويۇڭ،پۇل تىجەيمەن دەپ مىكرو ئۇچۇرلا (ۋىيشىن) ئويناۋەرمەي.
ھەسەل ھەرىسىگە ئەگەشسەڭ،گۈلگە قونىسەن،چىۋىنغا ئەگەشسەڭ پوققا قونىسەن.
ۋاقتى: 2012-8-6 13:41:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە ھەشقاللاھ
ۋاقتى: 2012-8-6 21:31:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا بەك ياخشى تىما بوپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-4-2 06:42 , Processed in 0.937524 second(s), 72 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش