玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

مەن كومپىيوتېرىمغا CUBASE قاچىلىغانتىم ھەم NUENDO مۇ قاچىلاپ باقتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارچە ئەزىز قېرىنداشلار ، كەسىپداشلار ، مەندىن ھەمىمىڭلارغا ئوتتلۇق سال

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

6639 ئانا پىشتىدا مەمەت پىچاق ئاخسا ئىشىكتىن كىرگەندە چىقىدىغان مۇزىكىنى نۇرغۇن دوسلار ئۈ

ئۆزۈم ئاككوردلاشتۇرغان بىرقانچە مۇزىكا. كەسىپداش.تورداشلار باھا... مۇزىكىلارنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر:- كومپىيوتې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوخشىمايدىغا

6591 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئ‍ۆزىنىڭ "تەلمۇرۇپ يار " (كۆرگۇم كېلىدۇ) ، "سېغىنىش " ، "كېلەرمۇ خوشال كۇنلەر "، "خا

دۇسلار مۇزىكا ئىشلەشكە AMD FX-8300 CPU بۇلامدۇ ؟ . بەزەنلەر intel i3 intel

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئالدى بىلەن بەرباب بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ك

6573 ئۈندىدار توپىدا بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى يوللاپتىكەن،شۇنىڭ

6497 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغ

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

سالام دوستلار، ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر، يىڭى تىپتىكى YAMAHA ماركىلىق رىياللارنىڭ بولۇپمۇ y

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەنئەتكار ئۇستازلار ،KORG 600 دى

سېغىمى كىچىك ئەمما ناھايىتى قولايلىقكەن ، ئىشىلتىپ بېقىشىڭلانى تەۋسىيە قىلم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

مەن ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ ، مەن ناخشا تېكىستلىرىمگە مۇزىكا ئىشلەيد

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

قالدىم ئەلەمدە ھەسەنجان تىلۋالدى ئەجەپ تارىتتىم سۆيگۈ

كۈندە بىزنى بەخت يوقلىسۇن (ناخشا تېكىستى) زۇنۇن

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

PARUK213 ئسملېك بىر دوستىمىز، MIDI مۇزىكىلار توپلىمىنى چۇشۇرىۋ

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزدا بەيدۇ دېسكىسدىن ھۆججەت چۈشۈرۈشت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزى

جەمئىي مىكروبلوگ 1911 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 323|ئىنكاس: 10

ئارتۇچ : بايراملىق ناخشا تېكىستلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانا قەسىدىسى

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


مېھرىڭىزدىن نۇرانە تاڭلار ،
چېھرىڭىزدىن كۆكلىگەن باغلار .
بالام دەيسىز بىر ئۆمۈر تىنماي ،
جىسمىڭىزدىن مەزمۇتتۇر تاغلار .

قولىڭىزدا تەۋرەنسە دۇنيا ،
ئەجرىڭىز بار تامامى جاندا .
پەرىشتىدەك بەركەت ياغىدۇ ،
ھايات ئەزىز ئويغانغان ئاڭدا .

بالامنىڭ دەپ تاپقان تەرگەننى ،
بالامنىڭ دەپ ئېگەم بەرگەننى .
سىزنى يۈدۈپ مەككىگە بارسام ،
ئادا بولماس بىر رەت ئەمگەننى .

ئىزىڭىزدا جەننەت جىلۋىسى ،
روھىڭىزدۇر سۆيگۈ قىبلىسى .
مەڭگۈ سىزگە قەرزىدار ئىنسان ،
ئۈزۈلمەيدۇ ئوتلۇق رىشتىسى .

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇنبەردىكى ناخشا تېكىستلىرىمنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر بايقالسا جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .   يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 14:49:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرا قىزى


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


مېھىرلىك كۆزۈڭدىن تۆكۈلىدۇ نۇر،

پەرىشتە قەددىدەك نۇرلۇق جىلۋىگەر.

چوغ بولۇپ ئاقىدۇ مۇھەببەت ،غورۇر،

سۆيگەندەك زىمىننى سۈپسۈزۈك سەھەر .


قۇياشتەك پارلىغان ئاپئاق يۈزۈڭدە،

تەبەسسۈم شۇقەدەر ئوتلۇق، بىغۇبار.

تاغ سۈيىدەك زىل ، جاراڭلىق كۈيۈڭدە،

چىچەكلەر ئاچىدۇ قۇتلۇق نەۋ باھار.


كېلىسەن سەھرادا خۇش ئىپار چېچىپ،

ئويغۇتۇپ كۆڭۈلدە ياپيېشىل ئۈمىت.

مىننەتسىز ئەجرىڭدە بەركەتلەر تېپىپ،

توغراقتەك كۆكلەيسەن جۇتتا تاۋلىنىپ.


پاكلىغىڭ ھىممىتى ھاياتقا ئەنداز،

نۇرانە ئىزلىرىڭ ئەل-يۇرتقا بەركەت.

دىيانەت  كۆكىدە قىلىسەن  پەرۋاز،

ئايىغىڭ ئاستىدا كۈلىدۇ جەننەت.


مۇنبەردىكى ناخشا تېكىستلىرىمنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر بايقالسا جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .   يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 14:50:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارىم كېلىدۇ

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


توسمىغىن ئالدىمنى مەيىن شاماللار،
لالىدەك ئېچىلىپ يارىم كېلىدۇ.
ھۆسىنىدىن ھەيرەتتە سۈپسۈزۈك تاڭلار،
تاڭدىنمۇ جىلۋىلىك نازىم كېلىدۇ.

نازلىرى بۇلبۇلدەك ئەيلەيدۇ خەندان،
خەندانى خۇشناۋا سازىم كېلىدۇ.
سازلارنىڭ پەيزىدە سۈيۈنىدۇ جان،
مېھرى نۇر، باغرى ئوت يازىم كېلىدۇ.

شۇ يازدا پارلىغان سۆيگۈ، قۇت-ئامەت،
ئارمانىم، دەرمانىم، بارىم كېلىدۇ.
ۋىسالغا ئىنتىزار بۇندا بىر قامەت،
جېنىمغا جان قوشۇپ جانىم كېلىدۇ.
مۇنبەردىكى ناخشا تېكىستلىرىمنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر بايقالسا جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .   يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 14:52:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارنى ئۇلۇغلايلى بىز


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


ئوتلۇق مېھرى تەپتى نۇر  قۇياش ،

پەرشتىگە خىسلىتى  تەڭداش ،

يۈرىگىدىن ئاقمىسۇن قان -ياش ،

ئانىلارنى ئۇلۇغلايلى بىز .



ئەجرى بىلەن ياشنايدۇ دۇنيا ،

ھاياتلىققا ئەيلەيدۇ ۋاپا ،

ھەق يولىدا بارلىغى پىدا ،

ئانىلارنى ئۇلۇغلايلى بىز .



روھى ئويغاق جاپا - قىسمەتتىن ،

بۈيۈك رىشتى چاقناپ مىھنەتتىن ،

ۋىسال تاپقان پاكلىق ، بەركەتتىن ،

ئانىلارنى ئۇلۇغلايلى بىز .



ئارمانلىرى ئاچقان گۈل - چېچەك  ،

تىلەپ شاتلىق ،تەۋپىق ، ھىدايەت ،

ئىزلىرىنى سۆيگەن قۇت - نۇسرەت ،

ئانىلارنى ئۇلۇغلايلى بىز .



مۇنبەردىكى ناخشا تېكىستلىرىمنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر بايقالسا جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .   يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 14:53:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانام

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


ئىككى دۇنيالىق بەختىمگە دەرمان ،
پاك ئەجرىڭ بىلەن بەردىڭسەن ئىمكان ،
ھايات ياشنايدۇ كۆكلەيدۇ ئارمان ،
ئۇلۇغسەن بۈيۈك مېھرىبان ئانام .


ئاياپ قويمىسا تەقدىر - قىسمەتلەر ،
ھامان ياغدۇردۇڭ بەركەت - ھىممەتلەر ،
روھىڭدا  كامال  مېھرى  - شەپقەتلەر ،
ئۇلۇغسەن بۈيۈك  قەدىردان ئانام  .


ئىزىڭنى سۆيگەن ۋاپا  ،  دىيانەت  ،
جىسمىڭدا كۈلگەن پاكلىق ، ئادالەت ،
چىن ۋىسال سۈرگەن تەۋپىق ، ھىدايەت ،
ئۇلۇغسەن بۈيۈك  پاسىبان  ئانام  .


تاۋلاپ ئۆتىدۇ ھايات سەيناسى  ،
سەن بىلەن تېرەن مەزمۇن - مەناسى ،
نۇرانە مەڭگۈ  يارقىن جۇلاسى  ،
ئۇلۇغسەن بۈيۈك نۇر جاھان ئانام  .

مۇنبەردىكى ناخشا تېكىستلىرىمنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر بايقالسا جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .   يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 14:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


ھاياتلىق ئىزلىرى خۇشبۇي قاقاس چۆللەردە مېھرىڭ بار ،

ۋىسال دەملەر  قۇچاق ئاچقان يورۇق تۈنلەردە مېھرىڭ بار .


ھالال ئەجرىڭ نۇرى بىرلە داۋانلاردىن ئېشىپ كەلدۇق ،

سەھەر - تاڭ پەيزىدە شاتلىق گۈزەل كۈيلەردە مېھرىڭ بار .


ۋاپا ، پاكلق ئارا ياشناپ تەسەددۇق ئەيلىدىڭ ھەرچاغ ،

دىيانەت قەسرىدە ياڭراق ، تېرەن ئۈنلەردە مېھرىڭ بار .


جاھاننى كۆكلىتىپ ئۆتكەن كۆيۈك باغرىدا جان كۈلگەن ،

ھىدىڭدىن ئۇز  ھۆسىن تۈزگەن قىزىلگۈللەردە مېھرىڭ بار .


ئىلاھىي ئوت غورۇر  ئىشقىڭ ئۈزۈلمەيدۇ ئەبەد رىشتىڭ ،

بۈيۈك ئارمانغا يانداشقان ئۇلۇغ كۈنلەردە مېھرىڭ بار  .

مۇنبەردىكى ناخشا تېكىستلىرىمنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر بايقالسا جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .   يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 15:00:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىرگۈل پۇرايدۇ سەن ماڭغان يوللار


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


ئەتىرگۈل پۇرايدۇ سەن ماڭغان يوللار ،
ھېدىڭدىن مەسىت بولۇپ ئوينايدۇ شامال .
شاتلىنىپ سايرايدۇ ناۋاكەش قۇشلار ،
ئاپتاپنىڭ باغرىغا سىڭىدۇ خىيال .

ئەتىرگۈل  پۇرايدۇ سەن ماڭغان يوللار ،
چۈشلەرگە باشلايدۇ ۋىسال جىلۋىسى .
قۇت رەڭگى  ئاقىدۇ سۈپسۈزۈك سۇلار ،
نىلۇفەر  مۇڭلۇنۇپ تۆككەن  سىرىنى  .

ئەتىرگۈل  پۇرايدۇ سەن ماڭغان يوللار  ،
سەھرالار ئانامدەك سالام يوللايدۇ .
مەي باغلاپ پىشىدۇ ساماۋى ئويلار ،
سەھەردەك ۋەسلىگە يۈرەك تويمايدۇ .

ئەتىرگۈل پۇرايدۇ سەن ماڭغان يوللار ،
قەددىڭدىن  ، مېھرىڭدىن نۇر ئالغان قۇياش .
رەشىكلىك ئوتىدا كۆيىدۇ قىزلار ،
مەردانە ئىزلىرىڭ جەننەتكە تۇتاش  .



مۇنبەردىكى ناخشا تېكىستلىرىمنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر بايقالسا جاۋاپكارلىغى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .   يانفۇن : 15699088894
ۋاقتى: 2016-3-7 11:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
ۋاقتى: 2016-3-7 13:09:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شىرىلار  
.
ۋاقتى: 2016-3-7 16:00:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى
ياشا ئۇيغۇرۇم
ۋاقتى: 2016-3-10 12:23:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ماكان-مۇزىكا مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-8-22 19:56 , Processed in 0.937524 second(s), 76 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش