Tech Policy Daily تور بىكىتىدىكى Bret Swanson 1991-يىلى بىر دانە ئالما يانفونى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كىتىدىغان تەننەرخنى ھېسابلاب چىققان.
نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1991-يىلى، بىر دانە ئالما يانفونى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 3مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىتىدىغان بولۇپ، بۇ پەقەت قاتتىق دېتال راسخوتىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
Swanson ماۋۇلارنى بىلدۈردى: A7 ئۈزەك پىلاستىنكىغا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلغۇچ سىكونتىغا بىر مىليوندىن ئارتۇق بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشى زۆرۈر، ئەينى
يىللاردا بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سېتىلىش باھاسى 620مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، ئەمما ئەڭ قىممەت بولغىنى ئالما يانفونىنىڭ
LTE تور ئۇلىغۇچىسى بولۇپ، 1مىليون 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 32GB ئىچكى ساقلىغۇچ 1مىليون 440مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. بۇلار پەقەت ئاساسىي تەنەرخلەرنىلا كۆرسىتىدىغان بولۇپ، Touch ID سېنزور، M7 ياردەمچى بىرتەرەپ قىلغۇچ، فوتو كامىرا، iOS قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن 1991-يىلى بىر دانە ئالما يانفونى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە 3مىليون 560مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved