ئاياللارنىڭ ياخشى دوستى ئاچچىقسۇ

ئاچچىقسۇ ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ بولۇپلا قالماي، سالامەتلىكنى ئاسراشتىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئاياللار ئاچچىقسۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا، ئاچچىقسۇ ئاياللارغا ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.
ئاچ قورساق بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بەدىنىنى يارا ياكى سەپكۈن بېسىۋالغان ئاياللار دائىم قەۋزىيەت بولىدۇ. ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مەلۇم مىقداردىكى گلۇكولتېك ئىنزىم ۋە ھەرخىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولغاچقا، ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، ئۈچەي يولىدىكى ئېكولوگىيىلىك باكتېرىيە توپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قەۋزىيەت ئېغىرراق بولسا، كۈندە ئەتىگەندە ئاچ قورساققا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىپ بولۇپ، بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان سۇ ئىچىۋەتسە بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
ئۇخلاشتىن ئىگىرى 15 مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ئورۇقلايدۇ. ئورۇقلاش ئاياللارنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئاچىققسۇدا 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، قەنتنىڭ ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. دائىم ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى ياغنى خورىتىپلا قالماي، قەنت، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ راۋان ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئادەمنى ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىدۇ. شۇڭا ئورۇقلىماقچى بولغانلار كۈندە كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 10ـــ 15 مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
بەدەننى ئاق ئاچچىقسۇ سۈرۈپ ئۇۋىلىسا، قورۇق ۋە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئاچچىقسۇنىڭ بەدەندىكى خىلىتلارنى ھەيدەپ، يېڭى ماددا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ، تېرىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىش قوشۇمچە رولى بار ئىكەن. ھازىرقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، ئاچچىقسۇنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىش ۋە بالدۇر قېرىشقا قارشى تۇرۇش، قورۇقنى يوقىتىش قوشۇمچە رولى بار ئىكەن. كەچتە يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، پالكۈچ بىلەن يۈزدىكى قورۇقلارغا سۈرتۈپ ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بوشراق ئۇۋىلاپ، يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە، قورۇقنى يوقىتىشقا پايدىسى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت ئاچچىقسۇنى ئىسسىتىپ پۇتنى يۇسا ئۇيقۇ ياخشى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
02-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek