يەر شارى خەۋەر تورى 12-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈركىيە ۋە ئەرەربەيجان قۇرۇقلۇق ئارمىيسى باكۇ ۋە ناھچىۋاندا بىرلا ۋاقىتتا بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ. ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى رامكىسىدا، باكۇ ۋە ناھچىۋاندا ئۆتكۈزلۈشى پىلانلانغان بىرلەشمە مانىۋېر باشلاندى. ناھچىۋاندىكى مانىۋېرغا ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوف بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇماندانلىقى3-ئارمىيە قۇماندانى گېنىرال ئۈمىد دۈندار قاتنىشىدۇ. تۈركىيە قۇراللىق ئارمىيسى باكۇ ۋە ناھچىۋاندىكى مانىۋېرغا پىيادە ئەسكەرلەر قىسمىنى قاتناشتۇرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارميىىسى ئارىىسدا دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇشنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۆز-ئارا مەلۇمات ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاق ھەمكارلىق خىزمىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق مانىۋېر 16-مايغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved