-
2010-02-03
شېئىر بىلەن ئۆتكەن 50 يىل(2) - [ئا. ۋارىس مەھزۇن ئەسەرلىرى]
1
ئەللىك يىل مۇقەددەم مانا مۇشۇ ئايلاردا شىئىر ماڭا توساتتىن ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئىشكىمنىمۇ چەكمەي...
رۇخسەتمۇ سورىماي..
ھەتتا تېلىفۇنمۇ ئۇرۇپ قويماي..
ئۇ ماڭا تاپسىدىلا ئۇچىراشتى، ئۇ بۇ يەردە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن يوغانغىنا بىر خۇرۇم سومكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى قىياپىتى قايسىدۇر بىر مەسخىرىۋازغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
ئۇ مىنى كۈرۈپ ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتى- دە، ئۈيۈمنى ئاستا ئايلىنىشقا باشلىدى.
ئۇ دەسلەپ مۇنچاخانىغا كىرىپ ۋاننىدا تازا راھەتلىنىپ يۇيۇندى... يەنە تېخى مەن ئىشلىتىدىغان چىش پاستىسى، لۈڭگە، ساقال ئالغۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ چىقتى...
ئۇ توڭلاتقۇنى ئېچىپ: « قورساق تازىمۇ ئاچتىغۇ، قورساقنى توقلىغۇدەك بىرەر نەرسەڭ يوقما» دېۋىدى.
- نان.. قايماق.. يەنە مىۋە سۈي بار،- دېدىم مەن.
ئۇ: تاماق دېگەن تەييار ئىكەنغۇ، مانا بۇ قايمىقىڭ قان بېسىمىمنى كۈتۈرۋەتسىمۇ، مېۋە شەربىتىڭ ئىسسىقىمنى ئاشۇرۋەتسىمۇ ئىچىۋەردىم ئەمىسە،- دېدى.
ئەمدى ئۇ ياتاق ئۆيۈمگە كىردى..
ئۇ، كىيم ئىشكاۋىم، جاۋەنلىرىمنى ئاختۇرۇپ، ئۇخلاش كىيىملىرىمدىن بىرنى ئېلىپلا مىنىڭ نىمە دېيشىمنى كۈتمەستىن ئۈستىگە كىيىۋالدى.
قېرىشقاندەك كىيىمىم ئۇنىڭ بەدىنىگە خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك چىپپىدە بىر كەلدى.
ئۇ ئەپلىك بىر يەردە ئولتۇردى- دە، ئالدىدا تۇرغان بىر رومكىغا فىرانسىيە ھارىقى(شامپان)دىن راسا تولدۇرۇپ قۇيۇپ مەززە بىلەن ئىچىشكە باشلىدى.
ئۇ شۇ ئىچكىنىچە بىر شىشىنى بوشىتىۋەتكەندىن كىيىن دەلدەڭشىگەن پېتى كارۋىتىمغا چىقىپ، مېنىڭ ئورنۇمغا كىرىپلا ياتتى- دە: «ياخشى ئۇخلا ئەمىسە» دەپلا ئۇيقۇغا كەتتى.
مەن، ياتقۇدەك يەر بولمىغاچ كرېسلودا ئولتۇرغىنىمچە ئۇخلاپ قاپتىمەن.
مانا، ئارىدىن ئەللىك يىل ئۆتكەن بولسىمۇ مەن يەنىلا ئەشۇ كرېسلودا ئۇخلاپ كىلىۋاتىمەن...
تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. ۋارىس مەھزۇن
收藏到:Del.icio.us