ئاپتورى:تۇردى سامساق
ئەسلىي باھاسى:8.50
سېتىلىش باھاسى:8.50
1982-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
1997-يىلى 3-ئاي 2-بېسىلىشى
تىراژ:15501-22500
ISBN:7105027622
قەلەم سۆزى
بالىلىق كۈنۈمدىلا ھاياتقا يولنى سەرگەردانلىقتىن باشلىغىنىم ئۈچۈن ، بۇ ئۆلكىدە كەزگەن يەرلىرىم ، كەچمىش – كەچمىشلىرىم كۆپ بولدى . ئاڭلىغان ئۇققانلىرىممۇ ئاز بولمىدى . شۇڭا مېنىڭ يازمىشلىرىم ئوقۇغان كىشىنى ئانا قەشقەردىن تارتىپ ئۈرۈمچىنىڭ ھەيۋەت كوچىلىرىغىچە ۋە ياكى خوتەننىڭ يىرىق سەھرالىرىدىن ئالتاينىڭ ئالىس ئاۋۇل – ئايماقلىرىغىچە سەيلە – ساياھەت قىلغۇزىدۇ .
دىمەككى ، مېنىڭ ھېكايىلىرىم ئۆتمۈش ۋە ھازىرنىڭ ھايات كارتېنىلىرىدىن تۆرەلگەن . شۇڭا ئۇ ، زامانداشلارغا ، شۇ جۈملىدىن زامانىمىزنىڭ مەرىپەتلىك ياشلىرىغا ئۆتمۈشنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ مەلۇم مەنىۋى مەنپەئەت يەتكۈزسە ، ئۇ ھالدا ئاپتور ئۆز مەقسىتى يۇلىغا قويغان دەسلەپكى قەدىمىدىن مەمنۇنىيەت بىلەن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ھەقىقىي يولداش ، قەلەمداش دوستلىرىنىڭ سەمىمىي مەسلىھەت ، مەدەتلىرىگە موھتاجلىقنى چىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىزھار قىلىدۇ .
- ئاپتوردىن
مۇندەرىجە
1. بەش تال ئوق
2. قەشقەر گۈزىلى
3.خەلىمە
4.سىرلىق ساندۇق
5.تىيانشان باغرىدا
6.بەختاخۇننىڭ بەختى
7.سۈرەت
8.ئىنتىقام
9. بوستان
10.خالىدەم
11.پاگون
12.ئاجايىپ
13.كۈتكەن كۈن