ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا

سەھپە: كىتاپلار باھا:2


ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا

ئاپتورى:ئابدۇقادىر جالالىدىن

باھاسى:30.00

2005-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى

2005-يىلى 3-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-5000

ISBN:7228093399

ئاپتور ھەققىدە

ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى قەشقەرنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدىكى بىر موللا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1986-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ، ھازىرقى شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىملەنگەن . 1988-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن .ھازىر بۇ ئىنستىتۇتنىڭ فىلولوگىيە تارماق ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى.

ئاپتور ھازىرغا قەدەر «شاراب تومۇرى» ، «كۆيگەن دېڭىز» دىن ئىبارەت ئىككى شېئىر توپلىمى ، «ئەقىل مېۋىسى ۋە شەيتان» ، «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى» دىن ئىبارەت ئىككى ماقالىلەر توپلىمى ، «زورا ئاستېر شۇنداق دەيدۇ »، «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» «غەربنىڭ تەپەككۇرى» ، «ئەپلاتون پاراڭلىرى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشردىن چىققان .

«ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا » ناملىق بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ 2002-2003يىللار ئارىلىقىدا ياپونىيىدە كۆرگەن – بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشىنىش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

 

2011.04.21 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ:
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.04.24
12:20 چ ك
1-قەۋەت: «ھۈسەنجان ھەسەن» مۇنداق دېدى:

كىتاب خاناڭلار نەدىرەك

يازما ئاپتورى 2011.04.25
11:25 چ ب
2-قەۋەت: «ئوغۇز» مۇنداق دېدى:

كىتابخانىمىز جەنۇبى تىنچلىق يولى 668 نومۇر (خاڭچىڭ مەسچىتى قىشىدا، 30مىتىر كېلىدۇ)

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se