ئايدالا
ئاپتورى: ئادىل مۇھەممەت
باھاسى20.00
2010-يىلى 3- ئاي 1-نەشرى
2010-يىلى 3-ئاي 1- بېسىلىشى
تىراژى: 1-3000
ISBN:9787537180412
نەشرىياتتىن
ياش تارىخ – مەدەنىيەت مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئادىل مۇھەممەت 1967-يىلى 8-ئايدا مەكىت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1986-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكىت ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ، ناھىيىلىك خەلق ھۆكمىتى ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش – باشقۇرۇش ئورنى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئورۇن مەسئۇلى ۋە ئىدارە باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن . 2003-يىلى 8-ئايدىن تا ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسى ئوقۇش – تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئادىل مۇھەممەت 1982-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، نەسرلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى 1990-يىلى باشلىغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تارىخ ، ئارخېئولوگىيە ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ، مەدەنىيەت- سەنئەت ، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ ، جەمئىيەتنىڭ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان .
ئادىل مۇھەممەتنىڭ تارىخ ، ئارخېئولوگىيە ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «قەشقەردىكى قەدىمكى ئىزلار» ، «مەكىت تارىخىدىن تېزىسلار» ، «قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخ – جۇغراپىيىسى» ، «باياۋاندىكى مەڭگۈلۈك ناخشا – دولان» ، «مەكىت تارىخ – مەدەنىيىتى » ، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى» ، «قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيەت مەجمۇئەسى» ، «قەدىمكى قۇمۇل» ، «قەدىمكى تۇرپان» ، «قەدىمكى كۈسەن» ، «قەدىمكى كروران»، «قەدىمكى ئىلى»، «قەدىمكى خوتەن »، «قەدىمكى قەشقەر» ، «قەشقەر مەجمۇئەسى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، باشقىلار بىلەن بىللە تۈزگەن «ئۇيغۇر دولان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى- مەكىت قىسمى» ، «ئۇيغۇر دولان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى- مارالبېشى قىسمى» ، «ئۇيغۇر دولان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى- ئاۋات قىسمى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان .
ئادىل مۇھەممەت ھازىر جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى – مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.
مەزكۇر توپلامغا ئاپتورنىڭ رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى ، نەشرىيات – ئاخبارات خىزمەتلىرى ۋە قەلەم ساھىبلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە – ئەسلەشلىرى ، خاس ئىجادىي مېۋىلىرى ، سەپەر ھاسىلاتلىرى تاللاپ جەملەنگەن بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا تىلەكداشمىز.
مۇئەللىپتىن ئىككى كەلمە
پەيلاسوپلار ئېيتىدۇكى ، كىشىلىك ھايات – ئىنساننىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ تارىخىي ۋە رېئال دەۋرگە مەنسۇپ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ رېئال كارتىنىسى بولۇپ ، كىشىلىك ھاياتنىڭ پاجىئەسى بىلەن ئۈمىدى ، بەختى بىلەن ئارزۇلىرى شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسى ، ئۇ تەۋە بولغان ئىنسان تۈركۈمىنىڭ – مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تۇرمۇش مۇمكىنچىلىكلىرى ، بەخت قارىشى ، ئەخلاق ئۆلچىمى ، ئەنئەنە جۇغلانمىسى ، روھىي قىياپىتى قاتارلىق تارىخىي ، رېئال ئىجتىمائىي تۈزۈمدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرايدۇ . رېئال تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ ئەپسانىلەردەك بەخت ھەۋەسلىرىگە بېرىلىش ، ئۆزى تەۋە ئىنسان تۈركۈمىدىن ئايرىلىپ باشقا ئىنسان تۈركۈملىرى سائادەت مۇمكىنلىكلىرى كىشىلىك ئۆلچىمى قىلىش ئەخمەقلىق ياكى خام خىيالغا بېرىلىشتىن ئىبارەتتۇر ، خالاس .
ئىجادىيەت – ئىنساننىڭ ئۇلۇغ ئىمتىيازى ، ئىنساننىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيا قانۇنىيەتلىرى ۋە گۈزەللىك قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بارىدىغان ، ئۆزلۈكنىڭ ئىجتىمائىي ماھىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ئىجادىي پائالىيەت جەريانىدۇر . ئۇ ئىجادىيەتچىنىڭ تەبىئەت ، كىشىلىك ھايات ، ئۆزلۈك ۋە مۇھەببەت ھەققىدىكى قاراشلىرى ، مەۋقەسى ۋە ئىنتىلىشلىرىنى مۇئەييەن ئەدەبىي ئۇسلۇب ، بەدىئىي دىت ۋە تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادە قىلىپ بېرىدۇ ھەمدە ئىجادىيەتچىنىڭ تەبىئەت ، جەمئىيەت ۋە ئۆزلۈك ھەققىدىكى مەسئۇلىيىتى ، مەيدانى ۋە پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . شۇنداق ئىكەن ، ئىجادىيەتچى ئۈچۈن كىمگە نېمىنى يېزىش ، قانداق يېزىش ئىنتايىن زور بىر مەسئۇلىيەتتەك ۋەزىپە بولۇپ ، ئۇ ئىجادىيەتچىدىن يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدار ، يۇقىرى بەدىئىي دىت ۋە يۇقىرى يېزىقچىلىق ماھارىتى تەلەپ قىلىدۇ . مەن ئويلايمەن ، دەل مۇشۇنداق بولغاندا ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاجايىپ سەمەرىسى – ئىجادىيەتچىنىڭ تەبىئەت ، جەمئىيەت ، ئۆزلۈك ۋە ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەتكە تەڭقاسلانغان ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يۇغۇرۇلغان ھەم كەلگۈسىگە بېشارەت بېرەلەيدىغان نادىر ئەسەر بارلىققا كېلىدۇ .
مۇھەببەت – مەڭگۈلۈك بىر تېما ئاجايىپ سېھىرلىك قۇش ، ئۇ «جاننى ۋە تەننى بىر – بىرىگە ئالماشتۇرۇشتۇر » . ئۇ تەبىئەت ، ۋەتەن ، مىللەت ، ئائىلە ، جىنس ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە زەنجىرىگە مەھكەم باغلانغان بولۇپ ، كىشىلىك ھاياتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭگەن ھەم ئىنسان مەۋجۇدىيىتىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە روھىي تاكاممۇللۇققا ئېرىشكەن . ئۇ ئىنسان مەۋجۇت بولغاندىن بۇيانقى بىردىنبىر ئۈزۈلمەي ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان لىرىك ناخشا بولۇپ ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ، پۈتكۈل ئىجادىيەتنىڭ مەركىزىي ھالقىسى تەرىقىسىدە سۈپەتلىنىپ كەلمەكتە .
مەن كىشىلىك ھايات ، ئىجادىيەت ۋە مۇھەببەت ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئويلايمەن . بىراق ، بۇ ئويلىرىم قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى ، تەپەككۇرۇم قانچە يېيىلغان ، قاتلانغانسېرى ئۆزۈمنى شۇنچە بالىلىقتا تەپەككۇر گادايلىقىدا ھېس قىلىمەن ھەم پېشۋالارنىڭ ئۈگۈتلىرىنىڭ كىشىگە روھىي ئىنتىلىش ، ئىلھام ، ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان قۇدرىتىگە سېغىنىمەن . ئۇلار مېنى پەپىلەيدۇ ، تەپەككۇرۇمنى غىدىقلاپ ئۆمۈرلۈك ئاسايىشلىققا ، روھىي تاكاممۇللۇققا باشلايدۇ …
مەن كىشىلىك ھايات ، ئىجادىيەت ۋە مۇھەببەت ھەققىدە ئاشۇ ئويلىرىمنىڭ باشلانمىسى بولغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىمنى كىتاب قىلدىم . ئۈمىدىم كەڭ ئۇستاز ، قەلەم پېشۋالىرى بىلەن پىكىرلىشىش ، روھىي ئورتاقلىققا ئېرىشىشتۇر.
ئاپتوردىن
2010-يىل 18-فېۋرال