ئۆمەر سەيفەتتىن ھېكايە – پوۋېستلىرىدىن تاللانما
ئاپتورى:ئۆمەر سەيفەتتىن
تەرجىمە قىلغۇچى:توختى ھاجى تىللا
2003-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
2003-يىلى 3- ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:7228078888
باھاسى:14.00
مۇندەرىجە
1.تەنھا ئەزىمەت
2.ھەرەم
3.پرىمو تۈرك ئوغلى
4.ساختىلىق
5.لەنەت – نەپرەتلەر سېنى كۈتمەكتە
6.شەپقەتچى
7.يېڭىچە سوۋغات
8.مەرتىۋە
9.شەپقەتكە ئىمان
10.ئۈچ نەسىھەت
11.ئاق لالە
قىسقىچە مەزمۇن
ئەتىگەندىن بېرى يول يۈرۋاتاتتۇق. چۈشكىچە بېسىپ ئۆتكەن تىك چىغىر يول گاھ سەل ئېلىپ كەتكەن يارلىقلار ئارىسىدا غايىب بۇلاتتى ، گاھ زىچ چاتقاللىقلارنىڭ ئۇچىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان قاراڭغۇ ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى . ئېيىق ئوۋلىغىلى كېتىۋاتاتتۇق . يول باشلاپ ماڭغان ھەمراھىم قۇمدەرە يېزىسىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق مەرگەنلىرىدىن بىرى ئىدى . بىز چىقماقچى بولغان ئېگىز ئورمانلىق تاغ خېلى يىراق ئىدى . ھاۋا تۇتۇق ، پايانسىز تۇمانلىق ئاسماندا پانىي دۇنيانىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئەسلىتىدىغان غەمكىن كاككۇك ئاۋازى ئەكس ئېتەتتى . قاتتىق چارچىغانلىقىمدىن مۈرەمدىكى مىلتىق بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى .
- بىر ئاز ئارام ئالمايلىمۇ ؟ – دېدىم مەن .
ھەمراھلىرىم كۈلدى . ئۇنىڭ چەمبەرچاس ئايلانما چار ساقاللىق چىرايىمۇ قىزىرىپ كەتكەنىدى .